مىسرانىم مۇنبىرى

  • Gvlmisal تۈنۈگۈن 11:16 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    گۈل كۈندە ئېچلىمىسمۇ كۈنىدە ئېچىلىدۇ

  • ئەفىفە تۈنۈگۈن 10:53 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹مىلىيۇن يىل مۇقەددەم› دىگەن ناخشىنى مۇنبەردىن قانداق تاپىمەن؟؟

  • ئەفىفە تۈنۈگۈن 10:52 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹مىلىيۇن يىل مۇقەددەم› دىگەن ناخشىنى مۇنبەردىن قانداق تاپىمەن؟؟

  • AKRAM0420 تۈنۈگۈن 08:15 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتىمدىن ئۈزلۈكسىز مەنا ئىزلەۋاتىمەن.

  • ئەفىفە تۈنۈگۈن 06:35 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام دوستلار، بىردەسسەپ ،ئىككى دەسسەپ يەنە مۇنبەرگە كىرىپ قالدىم

  • كاشكارى تۈنۈگۈن 05:30 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ماختاپ كەتسە ئۇچۇپ كەتمە ،ئۆز ئەسلىڭنى ئۇنتۇپ كەتمە .(ئابدۇۋەلى كاشكارى)

  • .tuz. تۈنۈگۈن 02:46 PM [ئىنكاس(1)] [...]

    باشقىلاردىن ئۆزىمىزنىڭ مىجەزىگە بېقىشنى تەلەپ قىلىش ئەخمىقانىلىك !ھەرگ.....

  • maripatogli تۈنۈگۈن 11:30 AM [ئىنكاس(1)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوسىتلار .

  • maripatogli تۈنۈگۈن 11:29 AM [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرگە يېڭىدىن قەدەم تەشرىپ قىلغان دوسىتلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

  • korlaayxamsadir تۈنۈگۈن 02:08 AM [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەگەر ئۈتىڭىز ئاغرىسا قوي پاچىقى يەپ بەرسىڭىز شىپا بولىدۇ

  • ئەفىفە تۈنۈگۈن 10:55 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    مەزمۇنلىرىم بەك كۆپ يوللىنىپ كەتتى ، باشقۇرغۇچىلار ئارتۇقىنى ئۆچۈرۋەتسە...

  • ئەفىفە تۈنۈگۈن 10:52 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹مىلىيۇن يىل مۇقەددەم› دىگەن ناخشىنى مۇنبەردىن قانداق تاپىمەن؟؟

  • ئىپارە تۈنۈگۈن 10:41 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ مۇنبەر نىمە بولىۋاتىدۇ؟ باشقۇرغۇچىلار سىلەر نەدە؟  ياخشىلانمىسا بولم...

  • fatima تۈنۈگۈن 07:50 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈلگەنگە كۈلگىدەك مۇھەببىتىڭ بولمىسا سائادەت ئىزدىمە!

  • ئەفىفە تۈنۈگۈن 06:35 PM [ئىنكاس(1)] [...]

    سالام دوستلار، بىردەسسەپ ،ئىككى دەسسەپ يەنە مۇنبەرگە كىرىپ قالدىم

  • ئىپارە تۈنۈگۈن 03:32 PM [ئىنكاس(2)] [...]

    مەن بىر تېما يوللۇدۇم يېرىم سائەت ئالدىدا، تىخى چىقمايدىيا؟

  • sanjay تۈنۈگۈن 02:13 PM [ئىنكاس(2)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم    تاققا تۇققا شورپىسى تەييار بولدى  ئالىدىغانلار بارمۇ  

  • maripatogli تۈنۈگۈن 11:30 AM [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاھ يۈرەگىم،ئاھ يۈرەگىم،ئاھ يۈرەك،ئەجەپ بىسىلماي كەتتى سەندە كۆيەك .

  • maripatogli تۈنۈگۈن 11:28 AM [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇنتۇيمەن دەپ ئەسلىگىنىم راسىت، يۈرۈگۈمنى قەسىتلىگىنىم راسىت .

  • korlaayxamsadir تۈنۈگۈن 02:07 AM [ئىنكاس(1)] [...]

    ئەگەر تاڭنىيوبىڭ بولسىڭىز،شۇم بۇيىنى سۇقۇپ،لىمون بىلەن ئىچسىڭىز شىپابول

  • ئەفىفە تۈنۈگۈن 10:53 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹مىلىيۇن يىل مۇقەددەم› دىگەن ناخشىنى مۇنبەردىن قانداق تاپىمەن؟؟

  • ئەفىفە تۈنۈگۈن 10:52 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹مىلىيۇن يىل مۇقەددەم› دىگەن ناخشىنى مۇنبەردىن قانداق تاپىمەن؟؟

  • dawakol1 تۈنۈگۈن 10:21 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمە قىلماقچى بولغاننى دىيىش مۇھىم ئەمەس ،نىمە دىمەكچى بولغاننى قىلىش مۇ....

  • ئىپارە تۈنۈگۈن 07:22 PM [ئىنكاس(2)] [...]

    گەپ قىلىڭلار باشقۇرغۇچىلار، مىنىڭ  ئەتىگەن يازغان تېمام نىمىشقاچىقمايدۇ...

  • كاشكارى تۈنۈگۈن 06:15 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەم ئەتكەن خەلقنى تازىم ئەتمىسەڭمۇ ،ئىشەك ئەتمە .(ئابدۇۋەلى كاشكارى)

  • .tuz. تۈنۈگۈن 02:49 PM [ئىنكاس(2)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھەممىڭلارنىڭ ھەممە ۋاقتى بەرىكەتلىك ھەم خەيرلىك بو.....

  • maripatogli تۈنۈگۈن 11:31 AM [ئىنكاس(1)] [...]

    ئەلەم بىلەن ھەل بولمىغان ئىش قەلەم بىلەن ھەل بولىدۇ.

  • maripatogli تۈنۈگۈن 11:29 AM [ئىنكاس(1)] [...]

    يۈرەكلىرىم ئىشقىڭدا كۆيدى،قارچۇقلىرىم يولۇڭدا.

  • ★umiD تۈنۈگۈن 10:41 AM [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەر ئىشىمنىڭ مەدەتكارى رەببىمدۇر ...  

  • korlaayxamsadir تۈنۈگۈن 02:04 AM [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇخۇ گۈشى،نۇقۇت،زەنجىۋىل قاينىتىپ ئىچسىڭىز زۇكام،يۆتەل توختايدۇ

كۆرۈش: 2495|ئىنكاس: 10

لۈكچۈندىكى قەدىمىي ئىزلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

74

تېما

674

يازما

748

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 86944
يازما سانى:
674
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3228
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
727 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-11-7
ئاخىرقى:
2015-12-24

. يۇرتىمىزدىكى قەدىمى ئىزلار.
1.تاشقىنئېرىقى تاش قۇرال خارابىسى.
تاشقىنئېرىقى تاش قورال خارابىسى –پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرى ئۈچكۆۋرۈك تەۋەسىدەبولۇپ،بۇ قەدىمى خارابىلىكنىڭ شەرقى تەرىپىدە قەدىمكى ئېقىن ئىزى بار،كۆپ قىسىم يەرلەرقۇملىشىپ    كەتكەن يەنە بىر قىسىم يەرلەريېڭىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تېرىلغان،بەزىبىر قىسىم يەرلەر كۆپ يىللار  دىن بېرى تېرىلماي قالغان بولغاچقا بوزلىشىپكەتكەن.بۇ قەدىمكى خارابە ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئائىلە بار بولۇپ،ماشىنىلاشقان قۇدۇق بىلەن تېرىقچىلىق قىلىدۇ،ئۈچكۆۋرۈكمەھەللىسىدىن تۆتكارىز غا بارىدىغان ھارۋا يولى بۇ يەردىن ئۆتىدۇ،بۇ قەدىمىخارابىلىكنىڭ شىمالى تەرىپىدە ئۈچ يەردە    قەبرىستانلىق ۋە ئۈچ كۆۋرۈك تاڭ دەۋرى قەبرىستانلىقى بار.
تاشقورال خارابىلىكىنىڭ ئىگىلىگەن ئومومى يەر كۆلىمى 600مىڭ كۋادرات مېتىركېلىدۇ.تاشقىن     ئېرىق تاش قۇرالخارابىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ،ئارخىئولوگىيە سېستىمىسى بويىچە تۈرگە    ئايرىغاندا ،تەبئى ئايرىمىسى ئىپتىدائىجەمىيەت خارابىلىكى دەپ ئايرىلغان.
تاشقورال خارابىلىكىنىڭ تا ھازىرغا قەدەر ساقلىنىش ئەھۋالى يەر ئېچىش،دېھقانچىلىقئېتىزلىرىنى  كېڭەيتىش قاتارلىق سەۋەبلەرنەتىجىسىدە بەزى يەرلەردە زور ئۆزگۈرۈشلەر بولغان.كۆپ قىسىم يەرلەر يەنىلا ئەسلىقىياپىتى بۇيىچە ساقلىنىپ قالغان.
بۇخارابىلىك پىچان ناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى تەرىپىدىن1988-يىلى4-ئايدا تەپسىلى تەكشۈرۈلگەن.تەكشۈرۈش جەريانىدا خاتىرە يېزىلغان،نۇقتابېكىتىلگەن.
خارابىلىكتەئىپادىلەنگەن ئاساسلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ،خارابىلىكنىڭ ئورنى تەبىئى    شەكىللەنگەن قۇم قاتلىمىبولۇپ،ئىگىز-پەس،يارداڭلىق ۋە غوللار بولمىسىمۇ لېكىن مەدەنىيەت قاتلىمى    ئەھۋالىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولمايدىغانبولۇپ قالغان.يەر يۈزىدىن يېغىۋېلىنغان بۇيۇملار ئاساسەن يېڭى تاش قۇراللار،يۇمىلاق شەكىللىك تاش مېغىزى ۋە باشقا شەكىلدىكى تاش قۇراللاردىن  ئىبارەت.بۇلار بىلەن بىرگە يەنە نۇرغۇن ساپالپۇچۇقلىرى قاتارلىق بۇيۇملارمۇ بار.
تاشقىنئېرىقى تاش قورال خارابىسىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ،بۇ خارابىلىكتىن ئايرىمساندا      تاش ياپرىقى،سىپتا ياسالغان تاشمېغىزى قاتارلىق بۇيۇملار تېپىلغان.كۆپ قىسمى يەنىلا ياپراق شەكلىدىكى تاشقوراللار،ئاز قىسمىدا قۇم ئارىلاشتۇرۇلغان قىزىل ساپال پارچىلىرى بار.بۇ يەردىنتېپىل-غان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى يېڭى تاش قورال دەۋرى مەدەنىيەتئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
2.قوشجاڭزا خارابىسى
قوشجاڭزا خارابىسى-بازىرىمىزنىڭ تۈگمەنبۇيى كەنتى 4-مەھەللىسى تەۋەسىدە بولۇپ،لۈكچۈنبازىرىنىڭ شىمالى تەرىپىگە تەخمىنەن 2.5كىلومىتىر كېلىدۇ.بۇ يەر شەرقى مىردىئان89گىرادۇس    ،45مىنۇت  42سىكۇنت،شىمالىپاراللىل42گىرادۇس45مىنۇت45-46سىكۇنتتا بولۇپ،دېڭىز يۈزىدىن19مېتىر تۈۋەن.قوشجاڭزا خارابىسى يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن سايقىر دەپ ئاتىلىدۇ،بۇ يەريالقۇنتاغ    تىزمىسىنىڭ جەنۇبى تەرىپىنىڭئالدىدىكى سايلىققا جايلاشقان.خارابىلىك ئەتراپىدا ماشىنىلاشقان قۇدۇقبار.داۋاملىق سۇ چىقىپ تۇرىدۇ.لۈكچۈن بازىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر يول باربولۇپ،يولنى بويلاپ شىمالغا بۇرۇلۇپ ،ئۆستەڭنى بويلاپ شەرققە ماڭغاندا قوش جاڭزاخارابىلىكىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ
خارابىلىكنىڭئورنى ھازىر پۈتۈنلەي تېرىلغۇ ئېتىزغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن.خارابىلىكنىڭئىگىلىگەن    ئورنى تەخمىنەن 120مىڭكۋادرات مېتىر كېلىدۇ.خارابىلىك يەر رەتلەش جەريانىدا بۇزىۋېتىلگەن . ھازىرتاخشىراق ساقلانغان بىرەر قىرغاقنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.
قوشجاڭزا خارابىلىكى-پىچان ناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئەترىدىتەرىپىدىن 1988-يىل 4-ئايدا ئومومىيۈزلۈك تەكشۈرۈلۈپ،خەرىتىدىكى ئورنى بېكىتىلگەنۋە خاتىرە    يېزىلغان.خارابىلىكتەئىپادىلەنگەن ئاساسلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى شۇكى،خارابىلىكتىن ياخشى  راق ساقلانغان يارداڭلىق ۋە قىرغاقتېپىلمىغاچقا،مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ قېلىن-چوڭقۇرلۇقىغا قارىتا    ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىش مۈمكىنئەمەس،بىرنەچچە جايدىكى ئازگاللاردىن قىسمەن ساپال    پارچىلىرى تېپىلدى،بۇ ساپاللارنىڭ ھەممىسىقۇم ئارىلاش يىرىك ساپال ۋە يۇمشاق قۇم ئارىلاش سىلىق ساپاللاردىن ئىبارەت.ساپاللارنىڭ ئۈستىگە بىرقەۋەت قىزىل رەڭيالىتىلغان،ئاندىن قارا رەڭدە  گۈلسىزىلغان،گۈللىرى يول-يول گۈل نۇسخىسى،ئۈچ بۇرجەك گۈل نۇسخىسى قاتارلىقلاربار.بەزىبىر قاچىلارنىڭ ئاغزىنىڭ ئىچى تەرىپىدە ۋە سىرتقى گىرۋەكلىرىدە گۈل نەقىشلىرىبار.ساپال قاچىلارنىڭ قۇلاق شەكلى ئوخشاش ئەمەس،بىزگە ياپىلاق قۇلاق شەكلى ۋەتاسما قۇلاق شەكلى ئۇچرىدى(بۇ يەردە تەتقىقاتچى ئابلىم قەييۇم ئەپەندى كۆزدەتۇتۇلىدۇ.)تاش قوراللاردىن تاش ساقا قاتارلىقلار بار.
خارابىلىكنىڭدەۋرى نۇقتىسىدىن ئېلىپ  ئېيتقاندا،بۇخارابىلىك ئەسلىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر نۇق تىلىق تۇرالغۇ جايى بولغان.بۇ تۇرالغۇرايونىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارىسىدىكى  ساپال قاچىلارنىڭ شەكلى ساپاللارنىڭ رەڭگى سۇبىشى 1-قەنرە رايونىدىن تېپىلغان ساپال قاچىلارغا ئوخشاش .بۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن،قوشجاڭزا خارابىلىكنىڭ دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى7-ئەسىردىن،مىلادىدىن ئىلگىرىكى3-ئەسىرگىچە دەپ بېكىتىلدى.
3.تۇرمەھەللەئوت تۇرى.
تۇرمەھەللەئوت تۇرى-بازىرىمىزنىڭ مۇقام كەنتى تەۋەسىدە بولۇپ،لۈكچۈن بازىرىنىڭ جەنۇبىغا    2كىلومىتىر كېلىدۇ،شەرقى مىردىئان 89گىردۇس46مىنۇت23سىكۇنت،شىمالىپاراللىق 42گىرادۇس   43   مىنۇت،45سىكۇنتقا توغرا كېلىدۇ.تۇرمەھەللە ئوتتۇرى دېڭىز يۈزىدىن 20.2مېتىر تۈۋەن.
ئوتتۇرى خارابىسىنىڭ غەربى-شىمالى ئىككى تەرىپىدە ئۈزۈمزارلىق باغ،جەنۇبى تەرىپىدەئۈزۈمزار  لىق باغ،جەنۇبى تەرىپىدە مەھەللىلەرۋە باشلانغۇچ مەكتەپ بار.
تۇرمەھەللەئوت تۇرىنىڭ ئىگىلىگەن ئومومى يەر كۆلىمى 360كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.تۇرمەھەللە     ئوت تۇرى ئەينى زامانلارداسېغىز تۇپا بىلەن قاڭداپ ياسالغان سۇقما تامدىن تەركىپ تاپقان،غەربى تەرىپى ۋەشىمالى تەرەپلىرىدىن سەل رەتلىك چەك سىزىقلارنىڭ بارلىقىنى پەرق قىلغىلىبولىدۇ.شەر  قىي-جەنۇبى بۇرجىكىدەتاكىجەنۇبى تەرىپىگىچىلىك يەرلىك ئاھالىلارنىڭ تۇر تۇپىلىرىنى توشۇپ    كەتكەن ئىزلىرىنى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ.كىشىلەربۇ يەردىن داۋاملىق مېڭىپ تۇرغاچقا،يەر يۈزى-دىن تۇپا ئۆرلەپ تۇرىدۇ،خارابىنىڭئىگىزلىكى59مىتىر،جەنۇبى-شىمالى تەرەپلىرىنىڭ تېگىنىڭ ئۇزۇنلىقى20مېتىر،شەرقتىنغەرپكە كەڭلىكى 18مېتىر،سوقما تاملارنىڭ قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى 0.09-0.10مىتىركېلىدۇ.پىچان ناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئەترىدى تۇرمەھەللەئوت تۇ رىنى 1988-يىلى4-ئايدا تەپسىلى تەكشۈرگەن،تەكشۈرۈش داۋامىدا نۇقتىسىبېكىتىلىپ ،خاتىرىگە ئېلىنغان،مەدەنىيەت خاراكتىرى جەھەتتىن ئېيتقاندا،ئەسلىدە بۇسۇپىنىڭ ئۈستىدە ئازاتلقتىن    ئىلگىرىئۆيلەر بولغانلىقى مەلۇم،يەرلىك ئاھالىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە،ئۆيلەرنىڭ شەكلىپوتەي شەكلىدە ئىكەن.تۇرمەھەللە ئوت تۇرىنىڭ دەۋرى مەسىلىسىگە كەلسەك،تۇر دەسلەپتەمىلادىدىن ئىلگىرى- كى 2-ئەسىردە قۇرۇلغان،شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقايسى دەۋرلەردەداۋاملىق ئىشلىتىلگەن،ئىشلىتىلىش داۋامىدا قايتا-قايتا رىمونت قىلىنغان،كىيىنكىمەزگىللەرگە كەلگەندە خارابىلىكنىڭ ئۈستىگە پوتەي قۇرۇپ ئىشلىتىلگەنلىكىمەلۇم.يىقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامانغا خاس ئالاھىدىلىكلىرى چىقىپ تۇردۇ
4.سىركىپبۇددا مۇنارى.
سىركىپبۇددا مۇنارى-بازىرىمىزنىڭ سىركىپ مەھەللىسىنىڭ غەربى-شىمالى تەرىپىدىكى قۇتتاغتىزمىسىنىڭ سىركىپ غولى ئېغىزىدا بولۇپ،تاشيولنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ،بۇ يەرنىڭجۇغراپىيىلىك ئور    نى شەرقى مىردىئان89گىرادۇس،50مىنۇت35سىكۇنت،شىمالى پاراللىل42گىرادۇس50مىنۇت52سىكۇنتقا توغراكېلىدۇ.
سىركىپبۇددا مۇنارى ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ،بۇددا مۇنارىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدەمەھەل لە ۋە ئېتىزلىق بار.غەربى تەرىپىدە دەريا ئېقىنى بار.بۇددا مۇنارىنىڭئەتراپىدا ۋەيران بولۇپ كەت- كەن خۇمدان ۋە بىرپارچە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىبار،بۇددا مۇنارىغا يىقىن يەردە يەنە بىر ئېغىز تاشلاندۇق ئۆي بار. بۇ بۇددا مۇنارىنىڭ ئىگىلىگەن ئومومى يەر كۆلۈمى تەخمىنەن44كۋادراتمىتىر   كېلىدۇ.بۇددا مۇنارىنىڭ ئولىلاقالغان،ئۈستى قىسمى ھەرخىل تەبىئى ۋە ئىجتىمائى ئاپەتلەرنىڭ   قاتتىق بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ پۈتۈنلەي ۋەيرانبولغان.تەكشۈرۈش داۋامىدا مەلۇم بولىشىچە،مۇنار     نىڭ سىرتقى قىسمىغا نىپىز بىر قەۋەتسامانلىق لاي سۇۋالغان.
1988-يىلى4-ئايدا،پىچانناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى تەكشۈر- ،گەندەخارابىلىكتىن يىراق بولمىغان جايدىن قەدىمكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تاشقاتمىسى تېپىلغان.
بۇددامۇنارىنىڭ ئولى تەخمىنەن          مېتىر،ئىگىزلىكى تەخمىنەن(ھازىرقى پارچە ئىگىزلىكى)0.30مېتىر كېلىدۇ،بۇددامۇنارىنىڭ شىمالىدىكى تاغ باغرىدا بىر تاش غار بار.بۇ غارنىڭ چوڭقۇرلىقى15مىتىر
ئىگىزلىكىتەخمىنەن 2.50مىتىر،كەڭلىكى تەخمىنەن1.70مېتىر كىلىدۇ،(بۇزۇلۇش ۋە خارابلىشىش     ئېغىر بولغانلىقتىن ،تەكشۈرۈش داۋامىدائۆلچەش مۈمكىن بولمىغان)غارنىڭ ئىچىدە ھەرخىل تاش     ياپراقچىلىرى دۆۋىسى بار.غارنىڭتورۇسى،تاملىرىدا تۇرخۇن بار،غارنىڭ ئىچى قارىداپ كەتكەن، يۇقۇرىقى ئەھۋاللارغائاساسەن بۇ غار راھىبلارنىڭ تۇرالغۇسى بولۇشى مۈمكىن دەپ قارالماقتا.
5.سىركىپ ئېغىزى تاش ئويمىسى.
تاشئويمىلار-بازىرىمىزنىڭ سىركىپ ئېغىزىغا تارقالغان،شىمالى تەرىپىدىكى تامغىلىق تاشدەپ  ئاتىلىدىغان بۇددا دىنىغا تەۋە تاشئويما بىلەن ئارىلىقى500مىتىر كېلىدۇ.بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيىلىك    ئورنى شەرقى مېردىئان89گىرادۇس42مىنۇت43سىكۇنت،شىمالى پاراللىل 42گىرادۇس49مىنۇت50 سىكۇنتقا  توغرا كېلىدۇ.دېڭىز يۈزىدىن200مىتىر ئىگىز.
سىركىپئېغىزى يالقۇنتاغ(قۇتتاغ)ئارىسىدىكى ئاساسلىق غول،لەمجىندىن لۈكچۈنگەبارىدىغان   ئاساسلىق يولمۇ بۇ غولنىبويلاپ جەنۇپقا سوزۇلغان.غولدىكى دەريا ئۆرتەڭ غولى بىلەن لەمجىن بازىرىدىكى بۇلاقسۇلىرىنىڭ يىغىلىشىدىن شەكىللەنگەن .غولنىڭ ئىككى قىرغىقى دەريا غولى پەلەمپىيىنىشەكىللەندۈرگەن.غول ئىچىدىكى جەينەكلەردە 1-پەلەمپەيلىكتىكى ئايرىم جايلارداتۇرالغۇ ئۆيلەر  بولۇپ  ،بەزى جايلىرىدا زىرائەت ئۆستۈرۈلگەن.بەزىجايلىرىدا مىۋىلىك دەرەخلەر ئۆستۈرۈلگەن،
ئىگىلىگەندائىرىسى بەكلا  ئاز،ئورنى تاشيول بويىدىكىتاغ ئالدى يانتۇلۇقىدا.
تاشئويمىلار تاغدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىرپارچە قىيا تاش يۈزىگە ئويۇلغان،تاشمۇ رەتسىز تۈسكە كىرىپ قالغان،ئويمىلارنىڭ ئىزى سەل نىپىز بولۇپ،يىقىنراق ئارىلىقتىنئويمىلارنى سەل ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ،ئويما ئۈستىدە يىڭىدىن سىزىلغان بور ئىزلىرىبار.1988-يىلى3-ئايدا،پىچان ناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈشئەترىتى ئەسلىدە بۇ يەردىكى تامغىلىق تاشنى تەكشۈرۈش ۋاقتىدا بىرلەشتۈرۈپتەكشۈرگەندە خەرىتىدىكى ئورنىنى بېكىتىپ،خاتىرىگە ئالغان.
تاشئۈستىگە ھەرخىل،ھەرشەكىلدىكى بەلگىلەر تۇلۇپ كەتكەن،بۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمىئۇيغۇر  يېزىقى شەكلىگە ئوخشاپ كىتىدىغانبىرمۇنچە شەكىللەر بولۇپ،تۇنۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن.بۇ تاشقا   قەدىمى يېزىقمۇ ئويۇلغان،شۇڭا بۇ تاش ئۇيغۇر ئىدىقۇتخانلىقى(مىلادى5-ئەسىر)دەۋرىگە تەۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقى دەپ يەكۈن چىقىرىلدى.
6.تامغىلىقتاش.
تامغىلىقتاش(بۇددا ھەيكەللىرى ئويمىسى)بازىرىمىز تەۋەسىدىكى سىركىپ ئېغىزىغا قۇرۇلغانسۇ    ئېلىكتىر ئىستانسىنىڭ جەنۇبىغا50مېتىر كېلىدۇ.بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى89گىرادۇس51مىنۇت46سىكۇنت،شىمالىپاراللىل 42گىرادۇس49مىنۇت 48سىكۇنتقا توغرا كېلىدۇ.
تامغىلىقتاش پىچاندىن لۈكچۈنگە بارىدىغان(لەنجىن ئارقىلىق)يولنىڭ غەربى قېتىدىكى يالقۇنتاغغولى ئىچىدە،دەريا سۈيى غەربى تەرەپتىكى تاغ باغرىدا ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇرىدۇ،بۇ سۇتەبىئى ھالدا   بىر چوڭ دەريانىشەكىللەندۈرگەن.
تامغىلىقتاشنىڭ ئومومى كۆلىمى 15.12كۋادراتمىتىر كىلىدۇ.تامغىلىق تاشتىكى تاشئويمىلىرىنىڭ   ساقلىنىشى تازا ياخشىئەمەس،شامال،ئاپتاپ ۋە يامغۇرنىڭ تەسىرىدىن نۇرغۇن قىسمى توزۇپ كەت كەن.شەرقى ۋەشىمالى تەرەپتىكى بۇددا سۈرەتلىرى ساقلىنىپ قالغان.تازا ئىنچىكىلىك بىلەنكۈزەتمىسە شەكلى ۋە قىياپىتىنى پەرق ئەتمەك تەس،شەرقى-شىمالى تەرىپىدىكىرەسىملەرنىڭ ئۈستى تەرىپىدە خېلى كۆپ كىچىك تۆشۈكچىلەر بار،بۇ تاشنىڭ شەرقىتەرىپىگە بۇددا ھەيكەللىرىدىن 6دانىسى ئويۇلغان.بۇددا ھەيكەللىرىنىڭ ئىچىدە ياتقانبۇتتىن بىرى بار.بۇلارنىڭ ئۈستىگە كىچىك تۆشۈكچىلەر ئويۇلغان.ككرگىلىبولىدىغانلىرىدىن9 دانىسى بار.6دانىسى سەل ئېنىق،بۇ تكشۈكچىلەرنىڭ ھەجمى0.15مىتىر،چوڭقۇرلىقى0.12مىتىر كېلىدۇ.تاشنىڭ شىمالى تەرىپىگە ئولتۇرغان ھالەتتىكىبۇددا رەسىملىرى ئويۇلغان.جەمئى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن.ھەربىرگۇرۇپپىغا تۆترەتتىن ،ھەربىر سۈرەتكە تۆتتىن بۇددا ھەيكىلى ئويۇلغان.يۈزى تەرىپى تازا ئېنىقئەمەس،توزۇپ كەتكەن.
1988-يىلى3-ئايدا،پىچانناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى تۇرپان ۋېلايەتلىكمەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى تەمىنلىگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەنتامغىلىق تاشنى تەكشۈرگەندە نۇقتىسىنى بېكىىتپ،خاتىرىگە ئالغان.تامغىلىق تاشتىكىبۇددا ئويمىلىرىدا ئىپادىلەنگەن مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسەنمىلادى5-ئەسىردىكى ئالاھىدىلىكلەر بولۇپ،ئوبرازلارنىڭ يۈز قىسمى يۇمىلاق ھەم سېمىزقىلىپ چېكىلگەن.
7.ئەزنە مەسچىد
ئەزنەمەسچىت-بازىرىمىزنىڭ يىڭىشاھ كەنتى 6-مەھەللىسى تەۋەسىدە بولۇپ،تارىخىماتىرىياللارغا ئاساسلانغانداشەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى خىزىرخان غۇجا قۇمۇلنىئىسلامغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن،قۇمۇلغا ھۇجۇم قىلىپ 1403-يىلىدىكى بىر قىتىملىق جەڭدەقازا قىلغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ ئورنىغا   چوڭئوغلى   شەمشى جاھان خانلىق تەختكەۋارىسلىق قىلدى،ئۇ خان بولغاندىن كېيىن ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىققىلىپ،يۇرت-يۇرتلاردا ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە يەنەمۇسۇلمانئاممىسىنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن كۆپلەپ مەسچىدلەرنى سالدۇردى.بۇ مىلادى1405-     1406-يىللىرىدىكى ئىشلار بولۇپ،شۇ قېتىمدالۈكچۈنگىمۇ بىر مەسچىد سالدۇرۇپ،ئەزنەمەسچىد (جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان مەسچىد)دەپ نام بەردى.دىمەك،مىلادى1405-1406-يىللىرىسېلىنغان بۇ مەسچىد نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان لۈكچۈن يىڭىشادىكى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭنامازئوقۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىپ   كەلگەنبولۇپ،بۇ مەسچىد يىللاردىن بۇيان رېمۇنت قىلىنىپ تاھازىرغىچە ئۆز رولىنى جارىقىلدۇرۇپ    كەلمەكتە.
8.ئىگىزئوردا.
ئىگىزئوردا-يۇرتىمىز بىناكارلىق قۇرۇلۇش تارىخىدىكى مۇھىم نامايەندىلەردىن بىرى ،تارىخىماتىر ياللاردا قەيت قىلىنىشىچە،ئىگىز ئوردا مىلادى 1495-يىلى سېلىنغانبولۇپ،ئۇنىڭ سېلىنىشى ھەققىدە <<پىچان تارىخى ماتىرىياللىرى>>نىڭ16-قىسمىدا(لۈكچۈننىڭ قىسقىچە تارىخى)مۇنداق دىيىل-گەن.<<سۇلتان يۇنۇسخاننىڭمەھمۇدخان ۋە ئەھمەدخان ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار بولۇپ،سۇل-تان يۇنۇسخان مىلادى1487-يىلى تاشكەنتتە  ۋاپات بولغاندىنكېيىن،چوڭ ئوغلى مەھمۇدخان      تاشكەنتتەتەختكە چىقىپ ،شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ غەربى قىسمىغا خان بولدى،كىچىك ئوغلى     ئەھمەدخان بولسا مىلادى1488-يىلى شەرقىچاغاتاي خانلىقىنىڭ شەرقى قىسمىدا ئون يىل جاپا- مۇشەققەتلىك كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ،شەرقى قىسىمدىكى قەۋملەرنى بىرلىككەكەلتۈردى.بولۇپمۇ ،تۇرپان ئويمانلىقىدا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقانئەنلۇ(يىڭىسار)،قاراغۇجا ئاستانە ۋە لۈكچۈنىكى بۆلۈنمە كۈچلەرنى بىرلىككەكەلتۈرۈپ،مىلادى1490-يىلى لۈكچۈننى خانلىقنىڭ رەسمى پايتەختى   قىلدى.ئەھمەدخان لۈكچۈننى خانلىقنىڭ ئاستانىسىقىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن،لۈكچۈندىكى ھەشە مەتلىك خان ئوردىسى قۇرۇلىشىنىباشلىدى.خانلىق ئوردىسىنىڭ ئورنى لۈكچۈن شەھىرىدە تارىخى  دەۋرلەردە شەكىللەنگەن ھونلار قاراۋۇلخانىسىنىڭئورنىغا مۇقىملاشتى.ھونلار لۈكچۈن شەھىرىنى ئىش غال قىلىۋالغاندا توپىنىچىڭداپ،يەردىن كۆتۈرۈپ ياسالغان شەھەرنىڭ تۆۋەنكى قۇۋۇق(غەربى    قۋۇۇق)تەرىپىدە بىر شىپاڭ بار بولۇپ،شەرقىچاغاتاي خانلىقىنىڭ دەسلەپكى خانلىرى بۇ يەردە دەسلەپكى قەدەم خان ئوردىسىنىقۇرغان ئىدى.بۇ قېتىم لۈكچۈندىكى خان ئوردىسى كېڭەيتىپ قۇرۇلدى،  خان ئوردىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى170چى،كەڭلىكى130چىبولۇپ،ئولىنى45چى ئىگىزلىكتە پىششىق توپا بىلەن سوقۇپ،ئۈستىگە بىرقەۋەتتىن ئىككىقەۋەتكىچە ئۆي سالدى.كەڭلىكى85چى،ئۇزۇنلىقى 165چى دائىرىگە ھەشەمەتلىك قىلىپ لەمپەياسىدى،ئوردا سىرتىدىن چوڭ بەش ئىشىك ئارقىلىق ئوردى-غا كىرىپ،41تاش تاتمىدىنچىقىپ،ئاسما كۆۋرۈك ئارقىلىق ئوردىغا كىرگىلى بولىدىغان،ئاسما كۆۋ رۈكتارتىۋېتىلسە  ئوردىغا كىرگىلى بولمايدىغانقىلىپ لايىھەلەندى،ئىگىزگە ۋە پەسكە بولۇپ خان ئوردىسىغا قاراشلىق260ئېغىز ئۆيسېلىندى.پەستىكى ئۆيلەرگە خان مۇلازىملىرىئورۇنلاشتۇرۇلدى.ئوردا ئىچىدە بولساخاننىڭ ھەرەمخانىسى،تەختىخانىسى،شاھىنشىن(خاننىڭ مەخسۇس مەسچىتى)ۋە سۇ  تارتىدىغان قۇدۇق قاتارلىقلارئورۇنلاشتۇرۇلدى.خان ئوردىسىنىڭ تىگىدە يەنە زىندان،ئوردا كەينى-دىكى باغقاچىقىدىغان لەخمىلەرمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.خان ئوردىسى  مىلادى 1494-1495- يىللىرى رەسمى پۈتۈپ ،خانجەمەتلىرى ئوردىغا  كۆچۈپ كىرىپ سەلتەنەتيۈرگۈزدى.خان ئوردى- سى  ئىگىز بولۇپ،شەھەرسىرتىدا تۇرۇپ قارىسىمۇ خېلى يىراقلارغا ئېنىق كۆرۈنەتتى،شۇڭا تارىختا لۈكچۈن خانئوردىسى كىشىلەر تەرىپىدىن <<ئىگىز ئوردا>>دەپ ئاتالدى.ئەھمەدخانئىگىز ئوردىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يەنە شەھەر سېپىلىنى  كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى.شەھەرسېپىلى      ئەسلىدىكى شەكلى ئاساسىداكېڭەيتىپ ئىگىزلىتىلىپ،سېپىل ئۈستىدە مەپە قاتنىيالىغۇدەك ھالەتنى    شەكىللەندۈردى.شەھەرنىڭ تۆت تېمىنىڭ  ئوتتۇرسىغا يۇقارقى قۇۋۇق(شەرقى قۇۋۇق)،تۆۋەنكىقۇۋۇق(غەربى قۇۋۇق)،ئۆلەڭ قۇۋۇقى(جەنۇبى قۇۋۇق)،يېڭىشەھەر قۇۋۇقى(شىمالىقۇۋۇق)قاتارلىق قۇۋۇقلارنى، سېپىل ئۈستىگە قاراۋۇلخانىلارنى ئورۇنلاشتۇردى.ھەربىرقۇۋۇققا بولسا مەخسۇس قۇۋۇقچىلار قۇيۇلدى.
ئەتىسىسۈبھى كۆتۈرۈلگەندە قۇۋۇقلار ئېچىلىپ،كەچتە خۇپتەندىن يانغاندا تاقاشتۈزۈملەشتۈرۈلدى
دىمەك،مىلادى1495-يىلىدىن باشلاپ ھىسابلىغاندا،مىلادى1495-يىلىدىن تاكى مىلادى1933-يى لىلۈكچۈندە يۈز بەرگەن چوڭ يېغىلىققا قەدەر بولغان 438يىل جەريانىدا،لۈكچۈندە ئۆتكەنھەرقايسى خانلىق،ۋاڭلىق ۋە بەگلىكلەرگە ئاستانە بولۇپ،نۇرغۇنلىغانخان،پادىشاھلارنىڭ سەلتەنەتىگە  گۇۋاھچىبولغان ئىگىز ئوردا مىلادى 1933-يىلى لۈكچۈندە يۈز بەرگەن بىرقىتىملىق يېغىلىقتاجاللات
شىڭشىسەي قۇشۇنلىرى تەرىپىدىن توپقا تۇتۇلۇپ كۆيدۈرۈلۈپ،ۋەيران قىلىۋېتىلدى.        
9.لۈكچۈن خانلىق مەدرىسى.
سۇلتان ئەھمەدخان خان ئوردىسى قۇرۇلۇشىنى ياخشىئىشلەش بىلەن بىرگە يەنە لۈكچۈن شەھىرىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ چوڭقۇرلۇشىشىغائەگىشىپ،شەرقى چاغاتاي خانلىقى تەۋەسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىگەبولغان ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ،لۈكچۈندە يەنە بىر مەدرىسە سالدۇرۇشنى پىلانلاپقۇرۇلۇشنى باشلىدى،مەدرىسە قۇرۇلۇشىمۇ مىلادى1495-يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ،شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئىسلامم مەدەنىيىتىنى تارقىتىدىغان مەركىزىگەئايلاندۇردى.مەد رىسە مۇدەررىسلىكىگەلۈكچۈن شەھىرىدىكى ئۆلىمالاردىن باشقا يەنەشەرقى چاغاتاي خانلىقىغا تەۋە بولغان باشقا جايلاردىنمۇ بىر قىسىم ئۆلۈمالارتەكلىپ قىلىندى.ھەرقايسى يۇرتلاردىن تالىبى ئىلىملار قۇبۇل قېلىنىپ،<<قۇرئانكېرىم>>قاتارلىق ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس ئەقىدىلىرى ئۆگۈتۈلگەندىنباشقا،ئەبۇ ناسىر فارابى،ئەھمەد يۈكنەكى،ئەھمەد يەسەۋىلەرنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىگەدائىر  ئىدىيە،ئېقىملىرى ئۈگۈتۈلۈپ،شەرقىچاغاتاي خانلىقى تەۋەسىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان لۈكچۈن خانلىقمەدرىسىدىن جاي-جايلارغا تارقىلىشقا باشلىدى.لۈكچۈن خانلىق مەدرىسى شەرقى چاغاتايخانلىقىغا تەۋە بولغان بىردىن-بىر ئىسلام مەدەنىيىتى مەركىزى بولۇپ،ئۈچ كىشى-لىكئوقۇغۇچىلار ياتىقىدىن36 ئېغىز،ئچكىرى-تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك جامە مەسچىدسېلىنغان     ئىدى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەنلۈكچۈن شەھىرىدىكى بۇ ئىسلام مەدەنىيىتى مەركىزى تارىختا<<لۈك- چۈن خانلىقمەدرىسى>>دەپ ئاتالدى.سۇلتان ئەھمەدخان ۋاپات بولۇپ،ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ    ئوغلى مەنسۇرخان خان بولۇپ يۇرت سورىدى،مەدرىسە يىڭى سېلىنغان چاغدا پەشتىقىسېلىنمىغان بولۇپ،مەنسۇرخان مىلادى1538-يىللىرىغا كەلگەندە خانلىق مەدرىسىنى قايتارېمۇنت قىلىپ   ،مەدرىسىنىڭ پەشتىقىنىھەيۋەتلىك قىلىپ سېلىندى ۋە پەشتەقنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىگىزلىكى100چىدىنقىلىپ،ئىككى مۇنار سېلىندى.بۇ تارىختا <<لۈكچۈن مۇنارلىرى>>دەپئاتالدى.دىمەك،مىلادى1495-يىلى پۈتۈپ ئوقۇشقا كىرشتۈرۈلگەن بۇ مەدرىسە تاكىئازاتلىققا قەدەر خىزمەت قىلىپ،خەلقىمىز ئۈچۈن سۇلتان سەئىدخاندەك كاتتاسىياسىئونلارنى،غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقتەك ئۇستا تىۋىپلارنى،قۇسۇرىدەك كاتتا تىلچىۋەدىداكتىك شائىرلارنى،ئۇيغۇر تەنقىدى رىئالىزىملىق ئەدەبىياتىنىڭ  ئاساسچىلىرىدىن بولغان ھازىرجاۋاپ قىزىقچى،شائىرموللا زەيدىنگە ئوخشاش يۇرت ئوغلانلىرىنى،   ۋاڭلارنى مەسخىرە قىلالايدىغان نايخان كەبى ھەجۋى شائىرلارنى،تاھىربەگ كەبىئىنقىلاپ  پىشىۋاسى،مائارىپھامىلىرىنى،نەمەت خەلپىتىمگە ئوخشاش جامائەت ئەربابلىرىنى،موللا مۇھەممەتسەئىدنىيازغا ئوخشاش تارىخچى،تەرجىمانلارنى ۋە مەرھۇم ئىمىن سەيپۇللاغا ئوخشاش ئۇزاقسىناقلاردىن ئۆتكەن پارتىيىمىزنىڭ ياخشى كادىرلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىپ،يۇرتىمىزيىڭى زامان مائارىپىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى مۇھىم ئاساسلسر بىلەن تەمىن ئەتتى.
11كۇلالچىلىق
سىركىپكەنتى-لۅكچۅن بازىرىنىڭ 9.5 كىلومىتىر شەرىقى شىمالىعا جايلاشقان قەدىمىي كەنتلەرنىڭبىرى بولۇپ، بۇ كەنت يەنە ئىدىقۇت تىعىنىڭ لۅكچۅن بازىرىدىكى بۉلىكىنىڭ جەنۇبىييان باعرىعا جايلاشقان. ئىدىقۇت تىعىدا كۇلالچىلىققا ماس كىلىدىعان حام تور، كۉۅرزاپىسى مول بولۇپ، سىركىپ حەلقى بۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ قەدىمىي تارىحتىنبۇيانلا كۇلالچىلىق قىلىپ كەلگەن، لۅكچۅندىكى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىرگە ۋەمىلادىدىن ئىلگىرىكى 7-ئەسىرگە تەۋە بولعان قەبرىلەردىن چىققان ساپال بويۇملارسىركىپتە ئەڭ ئاز بولعاندىمۇ ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىرلەردىن باشلاپلاكۇلالچىلىقنىڭ باشلانعانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.
12.قەدىمىقەبرىلەر.
(!)تۈگمەنبۇيىقەدىمى قەبرىستانلىقى-يۇرتىمىزنىڭ تۈگمەنبۇيى كەنتى1-مەھەللە تەۋەلىكىدەبولۇپ،لۈكچۈن بازىرىنىڭ غەربى-شىمال تەرىپىگە2كىلومىتىردەك كىلىدۇ.جۇغراپىيىلىكئورنى شەرقى      مىردىئان89گىرادۇس44مىنۇت 42سىكۇنت،شىمالى پاراللىل42گىرادۇس45مىنۇت35-36سىكۇنتقا توغ راكىلىدۇ.تۈگمەنبۇيى قەبرىستانلىقى يالقۇنتاغنىڭ جەنۇبىدىكى سايلىقنىڭ ئالدى تەرەپبوستانلىقى  غا جايلاشقان.ھازىرقەبرىستاننىڭ تۆت ئەتراپى تېرىلغۇ ئېتىزى،تەخمىنەن2كىلومىتىر شەرق تەرەپتە قوش جاڭزاخارابە رايونى بار.ئەتراپىدا ماشىنىلاشقان قۇدۇقلار بار.لۈكچۈن بازىرىدىن غەربىشىمالغا  سوزۇلغان ھارۋا يولىبار.تۈگمەنبۇيى قەدىمى قەبرىستانلىقى  مۇشۇھارۋا يولىنىڭ غەربى قېتىدىكى    تېرىلغۇئېتىزلىقى ئىچىدە.
تۈگمەنبۇيىقەدىمى قەبرىستانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن ئومومى يەرمەيدانى تەخمىنەن250كۋادرات مىتىركېلىدۇ.قەبرىستانلىق ھازىر تېرىلغۇ ئېتىز قىلىۋېتىلگەن،تەخمىنەن250كۋادرات مېتىركېلىدىغان دائىرىدىكى قەبرىستانلىق دېھقانلارنىڭ توپا يۆتكەش،ئوغۇت توپلاشئىشلىرىنىڭ تەسىرىدىن ئويۇلۇشى سەل چوڭقۇر بولغانلىقتىن،نۇرغۇن جەسەتلەر قېزىلىپسىرتقا چىقىپ قالغان،قەبرىستانلىقتا يەنە سا--پال قاچا قاتارلىق بۇيۇملارنىڭپارچىلىرىمۇ بار.
1988-يىلى4-ئاتدا،پىچانناھىيىلىك مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى بۇ قەدىمى    قەبرىستانلىقنى  تەكشۈرگەندە ،خەرىتىدىكى نۇقتىنىبېكىتىپ،خاتىرە قالدۇرغان.قەبرىستانلىقتا ساق لىنىپ قالغان قەبرىلەرنىڭشەكلىنى،قەبرىلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى بىلگىلى بولمايدۇ.قەبرىستان   لىقنى تەكشۈرۈش داۋامىدا قەبرىستانلىقتىنبىرقىسىم ساپال پارچىلىرى تېپىلغان.بەزى ساپال قاچا پارچىلىرىنى ئەسلىگەكەلتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ.ساپاللارنىڭ كۆپ قىسمى قۇم ئارىلاشتۇرۇلغان يىرىك قىزىل    ساپال،سىرتقى يۈزىدە قارا رەڭ بار.رەڭئارىلىقلىرىداتۈز سىزىقلىق گۈل نۇسخىسى،ئۈچ بۇرقەك شەكىل دىكى گۈل نۇسىخىسى،ئەگرىسىزىق شەكىلدىكى گۈل نۇسخىسى قاتارلىقلار بار.قاچا شەكلى،يالغۇز   قۇلاقلىق كومزەك،تېگى تۈز قاچا ۋە تاش توپقاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.ساپال قاچىلار  نىڭ ئىچىدە ياپىلاق ۋە تاسما قۇلاقلىق ساپال قاچىلارنىڭ پارچىلىرى ئەۋرىشكەئۈچۈن يىغىۋېلىنغان
تۈگمەنبۇيىقەبرىستانلىقىنىڭ يىل دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى5-ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ.
(2)ئۈچكۆۋرۈك قەدىمى قەبرىستانلىقى-بازىرىمىزنىڭ ئۈچككۋرۈك كەنتى 1-مەھەللىسىتەۋەسىدە،   يەنى،ئامانشا قەبرىستانلىقىنىڭغەربى تەرىپىدە بولۇپ،ئىككى قەبرىستانلىقنىڭ ئارىلىقى500مېتىر كېلىدۇ.جۇغراپىيىلىكئورنى شەرقى مىردىئان89گىرادۇس48مىنۇت10سىكۇنت،شىمالى پاراللىل    42گىرادۇس 44مىنۇتقا توغرا كېلىدۇ.قەبرىستانلىقنىڭكۆپ قىسمى ھازىر تېرىلغۇ ئېتىز قىلىۋېتىلگەن،بۇ   قەبرىستانلىقنىڭ  شەرقى تەرىپىدەئامانشا قەدىمى قەبرىستانلىقى بار.جەنۇبى تەرىپى سايلىق،يول ئېغىزىدا بىرماشىنىلاشقان قۇدۇق بار.بۇ قەبرىستانلىقتىكى خېلى كۆپ قەبرىلەرقېزىلغان،ۋەيرانچىلىق بىر قەدەر ئېغىر.قەبرىستانلىق پىچان ناھىيىلىك مەدەنىيەتيادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى تەرىپىدىن 1988-يىلى4-ئايدا بىر قېتىمتەكشۈرۈلگەن ۋە خەرىتىدىكى نۇقتىسى بېكىتىلىپ ،خاتىرىگە ئېلىنغان.قەبرىستاننىتەكشۈرۈش داۋامىدا،قەبرىلەرنىڭ تۈزۈلىشى،تېپىلغان بەزى مەدەنىيەت  يادىكارلىقلىرىدىكى  دەۋر ئالاھىدىلىكى قاتارلىق بىرقاتارئەھۋاللارغا ئاساسەن  بۇ قەبرىستانلىقنىڭدەۋ  رى مىلادى5-ئەسىردىكى قەبرىستانلىقدەپ بېكىتىلگەن.
(3)بىرتۈپجۈجەم قەبرىستانلىقى-بىر تۈپ جۈجەم قەبرىستانلىقى بازىرىمىزنىڭ دېھقانسۇ كەنتتەۋەسىدە (كەنتنىڭ شىمالىدىكى سايلىقتا).بولۇپ،لۈكچۈن بازىرىنىڭ غەربى شىمالىتەرىپىگە توغرا كېلىدۇبۇ يەر شەرقىمىردىئان89گىرادۇس46مىنۇت22سىكۇنت-46مىنۇت50سىكۇنتقا ،شىمالىپاراللىل42گىرادۇس45مىنۇت50-55سىكۇنتقا توغرا كېلىدۇ.قەبرىستانلىق-دېڭىز يۈزىدىن20مېتىر تۆۋەن.
بىرتۈپجۈجەم قەبرىستانلىقى يالقۇنتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىكىدىكى تۈزلەڭگە جايلاشقان.شەرقىتەرىپى دە بىر تۆپىلىك بار،تۆپىلىك ئۈستىدە بىر ئېغىز تاشلاندۇق ئۆي ۋە بىرماشىنىلاشقان قۇدۇق بار.جەنۇبى   تەرىپىدەخېلى زور كۆلەملىك ئۈزۈملۈك بار،غەرب تەرىپىدە مەھەللە ئورمانلىق بار.شىمالى تەرىپىدەيېڭىدىن قۇيۇلغان قەبرىلەر بار.جەنۇپ تەرىپىدە تەخمىنەن ئارىلىقى2كىلومىتىركىلىدىغان يەردە     شەرقى شىمالدىن غەربىجەنۇپقا يۈزلەنگەن بىر تاشيول بار.قەبرىستاننىڭ ئىگىلىگەن ئورنى90000كۋادرات مېتىركېلىدۇ.قەبرىستانلىق خېلى ياخشى ساقلانغان،شەرقى تەرەپ قەبرە رايونىدىكى قەبرى-لەرئاساسى جەھەتتىن تىك لەھەتلىك قەبرىلەر،غەربى تەرەپتىكى قەبرىلەر قەبرە يولى تەسىسقىلىن-غان  ئىچ گۆرلۈك قەبرىلەر.قەبرەرايونى ئىچىدە بىرنەچچە يەردە كۆلىمى تەخمىنەن20مېتىر كېلىدى غان قەبرە  توپىسى دۆۋېسى بار.بۇئەھۋال بىرنەچچە قەبرىنىبىرگە ئۇيۇپ،بىرنەچچە جەسەتنى بىرگە  دەپنەقىلغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايتى يىقىن.بۇ خىل ھالەت ناھايتى ئوچۇق كۆرۈنىدۇ.بۇقەبرىستانلىق تىنمۇبىرمۇنچە قەبرىلەر ئوغرىلىقچە قېزىلغان،تۇرپان ۋېلايەتلىكمەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغ داش ئورنى تەمىنلىگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن،1988-يىلى3-ئايدا،پىچانناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى بىرتۈپ جۈجەمقەبرىستانلىقىنى تەكشۈرگەندە،خەرىتىدىكى  ئورنىنى بېكىتىپ خاتىرىگە ئالغان.بۇ قەدىمى قەبرىستانلىقتىن بىرقىسىم ساپالپۇچۇقلىرى ۋە بىرپار  چە قەبرە تەزكىرىسىئەۋرىشكە ئۈچۈن يىغىۋېلىنغان،يىل دەۋرى بولسا ،مىلادى5-ئەسىردىكى قەب
رىستانلىق دەپبېكىتىلگەن. (4)ئامانشا قەبرىستانلىقى-يۇرتىمىزنىڭ ئامانشا مەھەللىسى تەۋەسىدەبولۇپ،شەرقى مىردىئان 89  گىرادۇس49مىنۇت،شىمالى پاراللىل42گىرادۇس43مىنۇت15سىكۇنتقا توغرا كېلىدۇ.ئامانشاقەدىمى  قەبرىستانلىقى  لۈكچۈن بازىرىنىڭ شەرق تەرىپىگەتەخمىنەن5كىلومىتىر كېلىدۇ.تاشيولنىڭ جەنۇبىدا  تەخمىنەن 2كىلومىتىردەك ئارىلىق بار.كەنتتىن ئايرىلغان يەردە بىرچېغىر يولبار بولۇپ،بۇ يول بى-لەن داۋاملىق ماڭسا ئامانشا قەدىمى قەبرىستانلىقىغا بارغىلىبولىدۇ.قەبرىستاننىڭ شىمالى تەرىپى   تېرىلغۇ ئېتىزلىق ۋە مەھەللىلەر بىلەن قورشالغان،جەنۇپ تەرىپى بولساجاڭگاللىق.
ئامانشاقەدىمى قەبرىستانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن ئومومى يەر كۆلىمى تەخمىنەن 3000كۋادراتمىتىر     كېلىدۇ.
يەرلىكتىكىئاممىنىڭ  ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا،بۇيەردە ئەسلىدە100مودەك كېلىدىغان دائىرە ئىچىدە قەبرىستانلىق بارئىكەن،بۇ قەدىمىقەبرىستانلىق ھازىر پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلگەن.قەبرىستانلىقتىكى بەزى ئېچىلىپقالغان قەبرە يوللىرى ۋە ئىچ گۆرلۈكلەرنىڭ قۇرۇلۇش شەكلى قاتارلىقلارنى    خېلى ئوچۇق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ،قەبرىستاندىكىنۇرغۇن قەبرىلەر ئوغرىلىقچە قېزىلغان.
1988-يىلى4-ئايدا،پىچانناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى بۇ قەبرىستانلىقنىتەكشۈرگەندە،خەرىتىدىكى نۇقتىنى بېكىتىپ ،خاتىرىگە ئالغان.مەزكۇرقەبرىستانلىقنىڭ    بەزى يەرلىرىدە كۈلرەڭساپال پارچىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولۇپ،قەبرىستانلىقنىڭ دەۋرى  مىلادى5-ئەسىر،دەپ بىكىتىلگەن.
(5)سەكسەنقىرقەدىمى قەبرىستانلىقى-يۇرتىمىزدىكى ئۈچكۆۋرۈك مەھەللىسىنىڭ جەنۇبى تەرىپىگە   تەخمىنەن بىر كىلومىتىر كېلىدۇ،جۇغراپىيىلىكئورنى شەرقى مىردىئان 89گىرادۇس38مىنۇت     13سىكۇنت،شىمالىي پاراللىل 40گىرادۇس44مىنۇت13سىكۇنتقا توغرا كېلىدۇ،دېڭىزيۈزىدىن5مېتىر تۆۋەن.
سەكسەنقىرقەدىمى قەبرىستانلىقىنىڭ كۆپ قىسمى  ھازىرتېرىلغۇ ئېتىزلىققا ئايلاندۇرۇلۇپ،تەك تىكىلگەن.شىمالى تەرىپىدە مۇسۇلمانلارقەبرىستانلىقى بار.شەرقى تەرىپى ئەسلىدە يېڭىدىن ئېچىلغان بوز  بولۇپ،ھازىر ئىشلىتىلمەي تاشلىۋېتىلگەن.بۇيەردە ئۈچكۆۋرۈكتىن تۆتكارىزغا بارىدىغان بىر ھارۋا يولى بار.ھارۋا بىلەن بۇ يولنىبويلاپ ماڭغاندا سەكسەنقىر قەدىمى قەبرىستانلىقىغا  كەلگىلى بولىدۇ.
سەكسەنقىر قەدىمىقەبرىستانلىقى  بىلەن ئۈچكۆۋرۈك قەدىمىقەبرىستانلىقىنىڭ ئارىلىقى يىراق      ئەمەس.سەكسەنقىر قەدىمى قەبرىستانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن ئومومى يەرمەيدانى20000كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.بۇ قەبرىستانلىق ئېغىر دەرىجىدە  ۋەيران قىلىۋېتىلگەن،بىرنەچچە يەردە ئىلگىرىئوغرىلان- غان قەبرىلەر بار.كۆپىنچىسى لەھەتلىك قەبرىلەر،بۇ قەبرىستانلىقنىتەكشۈرۈش داۋامىدا،قەبرىستانلىقتىن ئىگەرسىمان يارغۇنچاق تېشى پارچىسى،ياش ساقاقاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق بۇيۇملىرى تېپىلغان.1988-يىلى 4-ئايدا،پىچان ناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىتەكشۈرۈش ئەترىتى شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلى1982-يىللىق2-سانىدىكى<<شىنجاڭدىكى رەڭلىك ساپاللار>>دىگەن ماقالىسىدەتەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن،يەنەبىر قېتىم قايتا تەكشۈرۈلگەن ۋە خەرىتىدىكى  نۇقتىسىنى بېكىتىپ،خاتىرىگە ئالغان.ھازىر قەبرىستانلىقرايونىدا بۇزۇلۇش ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن،رەڭلىك ساپال پارچىلىرىنى تاپماق تەسبولۇپ قالغان.قەبرىستانلىقتىكى نەچچە يۈز  قەبرە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان،قەبرىستانلىقتىن تىك لەھەتلىك قەبرىلەربايقالغان.يەرلىك ئاھالىلەر  ،بۇ يەردىكىئۇزۇنچاق،چاسا شەكىلدىكى ئازگاللاردىن ئادەم ئىسكىلىتلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىنىئىن-كاس قىلىشقان.رەڭلىك ساپال پارچىلىرىنىڭ ۋە ساق ساپال قاچىلارنىڭمۇتېپىلغانلىقىنىمۇ ئىنكاس قى  لىشقان.بۇقەبرىستانلىقتىن ئەۋرىشكە ئۈچۈن بىر خالتا ھەرخىل مەدەنىيەت يادىكارلىقبۇيۇملىرى  يىغىۋېلىنغان بولۇپ،بۇقەبرىستانلىقنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى5-ئەسىرگە تەۋە ئىكەنلىكىدە گەپ    يوق


مەنبە: گۆھەر زىمىن لۈكچۈن، ناملىق قوليازما كىتاب

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

باش رەسىمى نىقابلانغان

21

تېما

1445

يازما

1466

جۇغلانما

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 114895
يازما سانى:
1445
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5895
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1640 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-3-4
ئاخىرقى:
2015-12-25
ۋاقتى: 2015-7-2 06:02:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

74

تېما

674

يازما

748

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 86944
يازما سانى:
674
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3228
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
727 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-11-7
ئاخىرقى:
2015-12-24
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-2 14:01:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sintax يوللىغان ۋاقتى  2015-7-2 06:02 AM
تېمىڭىزغا رەھمەت.
ئۇ يەردە يەنە موللا زەيدىننىڭمۇ  ...

تولىمۇ ئەپسۇس قېرىندىشىم،رېستورانلاردىكى سۆرىتىنى ھېسابقا ئالمىغاندا  لۈكچۈندە موللا زەيدىننىڭ ھەيكىلىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق. ھەتتا قەبرىسىنىڭ ئورنى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارمۇ بىر سىر !

16

تېما

1077

يازما

1093

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 119068
يازما سانى:
1077
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3228
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
321 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-5-12
ئاخىرقى:
2015-12-8
ۋاقتى: 2015-7-2 15:08:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدا قەدىمكى ئىزلارمۇ ئاز ئەمەسكەن جۇمۇ رەھمەت بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن

مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، ھەم ئۆگىتىڭ، بۇ ھايات تولىمۇ قىسقا، مىننەتدارلىقىڭىز ئۆزىڭىزگەئ ەڭ يېقىن كىشىلىرىڭىزدىن باشلانسۇن

36

تېما

2633

يازما

2669

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 112242
يازما سانى:
2633
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6197
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1386 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-2
ئاخىرقى:
2015-12-25
ۋاقتى: 2015-7-2 16:44:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن لۈكچۈن ۋاڭلىقى ھۆكۈم سۈرگەن لۈكچۈن بازىرىنىڭ تارىخىغا بەك قىززىقاتتىم . ئەپسۇس ، بەزى تارىخى جايلارنى بۇزۇۋەتكىنى ياخشى بولماپتۇ .

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

33

تېما

226

يازما

259

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 113432
يازما سانى:
226
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
739
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
151 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-21
ئاخىرقى:
2015-7-31
ۋاقتى: 2015-7-2 18:04:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدا قەدىمىي ئىزنالار ئاز ئەمەسكەن جىمۇ !

69

تېما

1440

يازما

1509

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82103
يازما سانى:
1440
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8136
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
281 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-25
ئاخىرقى:
2015-12-21
ۋاقتى: 2015-7-3 18:19:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۈندۈم ، مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلەرنى ئۈزۈپ قويمىغايسىز ....

8

تېما

52

يازما

60

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 76361
يازما سانى:
52
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3554
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
50 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-2-21
ئاخىرقى:
2015-10-2
ۋاقتى: 2015-7-4 13:00:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر ئېسىل تېمىدىن بىرنى ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر

74

تېما

674

يازما

748

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 86944
يازما سانى:
674
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3228
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
727 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-11-7
ئاخىرقى:
2015-12-24
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-8 22:46:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xapqat يوللىغان ۋاقتى  2015-7-4 01:00 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر ئېسىل تېمىدىن بىرنى ئۇچراش ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رەھمەت سىزگە مۇھگممەـجفن !

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
sapdil + 100

باھا خاتىرىسى

21

تېما

369

يازما

390

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4918
يازما سانى:
369
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5204
تۆھپە :
745
باھا :
563
توردا:
4054 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-7-27
ئاخىرقى:
2015-9-25
ۋاقتى: 2015-7-31 12:20:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت بۇرادەر ئۆز يۇرتىمىزنىڭ قەدىمى ئىزلىرى تۇغۇرلۇق مەلومات بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت! ھازىرچۇ يىڭىدىن بېرەر ئەسەرگە قەلەم تەۋرىتىۋاتامسىز قانداق ؟ ئۇزۇن بولدى ئەسەرلىرىڭىزنى سېغىنىپ قالدۇق .سىزگە ئامەت تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号

GMT+8, 2015-12-27 12:54 AM, Processed in 0.061071 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش