مىسرانىم مۇنبىرى

  • رەئسە 15 مىنۇت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مىسرانىمغا بىلوگ قۇشۇپ بەك ياخشى قىپسىلە يىڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۋاتم...

  • kaxkarogle2000 تۈنۈگۈن 11:06 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

  • ئەفىفە تۈنۈگۈن 09:29 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    سەل جۈرئەتلىك بولالىغان بولسام كاشكى....

  • dawakol1 تۈنۈگۈن 08:01 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    چۈشتىكى تىما تېخى تۇرىدۇ تەستىقلانماي،قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن تەستىقلا...

  • پادىشاھ تۈنۈگۈن 06:08 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشى تۇردۇڭلارمۇ مەندىن سىلەرگە سالام..

  • maripatogli تۈنۈگۈن 03:29 PM [ئىنكاس(4)] [...]

    بىزدە بىلىم ساپا يوق، پەقەت باشقىلارنى غاجاشقىلا تۆرەلگەن تۈمۈر چىش بار

  • ئىپارە تۈنۈگۈن 11:15 AM [ئىنكاس(0)] [...]

    مىنىڭ تېمامنى تەستىقلايدىغان ئادەم چىقمىدىما؟ تىخىچە چىقماپتۇ دىسە؟

  • magrurjan تۈنۈگۈن 01:35 AM [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ كىچىدە ئۆزۈم يازغان بارىلىق تىمىلىرىمنى ئۇقۇپ چىقتىم....

  • tirikjassat ئۈلۈشكۈن 10:13 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    خۇشاللاق،بىزنىڭ بىر ئىشنى قىلىشىمىزدىكى بىردىن-بىر يارلىق ئەمەس.

  • korlaayxamsadir ئۈلۈشكۈن 09:38 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    بوشلۇق دىگەن خەتنى چىكىپ،ئاندىن خەت يازسىڭىز بولىدۇ

  • maripatogli يېرىم سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    نۇرغۇن تورداشلار تەستىقلىماي تاشلاپ قويغان تېمىغا پىكىر قىلىۋاتىدۇ.

  • dawakol1 تۈنۈگۈن 10:48 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    يازمىدىن ئىككىنى يوللىسام بىرنى تەستىقلاپسىلە ،يەنە بىرنى تاشلاپ قويۇپ

  • پەرى تۈنۈگۈن 08:37 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھېچقانداق گۈزەللىك ۋە مۇقەددەسلىك ئىنساننىڭ ئىنسانغا بولغان ئىنسانىي مۇئامىلىسىدەك چىن ۋە ئالىيجان ...

  • dawakol1 تۈنۈگۈن 07:54 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    چۈشتە يوللىغان تىما تېخىچە تەستىقلانماپتۇ ،قانداق ۋاقىتتا تەستىقلايدۇ

  • arapat99 تۈنۈگۈن 05:48 PM [ئىنكاس(2)] [...]

    باشقىلارغا مىتىر قويۇشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭنى سانتىلاپ باق

  • maripatogli تۈنۈگۈن 03:28 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    تەستىق كۈتۈپ تاشلىنىپ قالغان تېمىلارنى يا ئۆچۈرۋىتىڭلار يا تەستىقلاپ قو.....

  • ★umiD تۈنۈگۈن 11:08 AM [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆگىنىش باشلاندى ...

  • sintax ئۈلۈشكۈن 11:17 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالمىچە يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ

  • tirikjassat ئۈلۈشكۈن 10:10 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    خۇشاللاق،بىزنىڭ بىر ئىشنى قىلىشىمىزدىكى بىردىن-بىر يارالىق ئەمەس.

  • ئىپارە ئۈلۈشكۈن 08:49 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە بىر يىڭې تېما يوللىۋەتتىم باشقۇرغۇچىلار ، بۇ تېما بەك مۇھىم!

كۆرۈش: 5793|ئىنكاس: 23

دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 14 چوڭ شىركەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

216

يازما

236

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 230
يازما سانى:
216
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
9627
تۆھپە :
358
باھا :
291
توردا:
396 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-21
ئاخىرقى:
2015-9-11
دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 14 چوڭ شېركەت
    دۇنيا تارىخىغانەزەر سالساق نۇرغۇنلىغان شېركەتلەر قۇرۇلۇپ ،ئىنسانىيەت تۇرمۇشىغا
نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.تۆۋەندەبىز مۇشۇ شىركەتلەر ئىچىدىن دۇنياغا
ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن 13 چوڭ شېركەت بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
1.ماك-دونالد
تېز تاماقخانا ماگناتى ماك-دونالد ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېمەكلىك پىششىقلاشنى بىر خىل تېخنىكىغا ئايلاندۇردى، بىزنى يېمەكلىكنىڭ بىردەكلىكىگە كۆندۈردى. (بۇ شىركەت قۇرغۇچىسى راي كروك (Ray Kroc) ئوتتۇرىغاقويغان «ھامبۇرگ بولكىسىنى ئاقما لىنىيىگە كۆچۈرۈش» قارىشىغا مەنسۇپ) ماك-دونالد (MCD -0.46%) دۇنياغا ئامېرىكىچە تائاملارغا سىمۋوللۇق قىلىدىغان ھامبۇرگ بولكىسى ۋە بەرەڭگە قەلەمچىسىنى تونۇشتۇردى. ھەركۈنى 120 دۆلەتتىكى 35مىڭدىن كۆپرەك تاماقخانا 70 مىليون خېرىدار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. ھېيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، تېز تاماقخانا ساھەسىدىكى ئالىم داۋى ھوگىن مۇنداق دەيدۇ: «ھامبۇرگ بولكىسى بۇ دۇنيانىڭ سىمۋولى، ماك-دونالد بولسا بۇ خىل قاراشنىڭ ئوبراز ئەلچىسى ۋەئومۇملاشتۇرغۇچىسى.»
2.ئاكا- ئۇكا رايتلار شىركىتى
ئاكا - ئۇكا رايتلار ئايروپىلان تەتقىق قىلغان ۋە ھەيدىگەن تۇنجى كىشى ئەمەس، لېكىن يېڭى ئايروپىلان تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىشقا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئاكا - ئۇكا رايتلار شىركىتى(.Wright Co)پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداشقا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن.(ئەمەلىيەتتە، بەزىلەر ئاكا - ئۇكا رايتلارشىركىتىنىڭ پاتېنت جېڭى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئاۋىئاتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلدى دەپ قارايدۇ.) لېكىن ئۇلارنىڭ 821393 - نومۇرلۇق پاتېنتى ئۈچ ئوقلۇق كونترول —— يۈرۈش - تۇرۇش، يانتۇلۇق دەرىجىسى، چەتنىگەن ھەرىكەتنىڭ كەشپىياتىغا ئالاقىدار مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلاننى تېخىمۇ ئەمەلىيەتچان قىلىۋەتتى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى يەنىلا ئايروپىلان ياساشتىكى ئۆلچەم قىلىنماقتا.
Facebook
ئون يىل بۇرۇن، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئوقۇۋاتقان مارك زۇكۇربېرگ دۇنيانى بىر - بىرىگە باغلايدىغان مۇلازىمەتنى يولغا قويدى. ئون يىلدىن كېيىن، 1.3مىليارد ئاكتىپ ئىشلەتكۈچى نىشانىغا كۈندىن كۈنگە يېقىنلاپ بارغان Facebook نى كۈندە بەشدىن ئۈچ ئىشلەتكۈچى زىيارەت قىلىدىغان بولدى. توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان شەخس يېڭىلانمىسى (نۇرغۇنلىغان تور بېكەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى) Facebook «خەۋەر يوللاش» ئارقىلىق كىشىلەرنى تور بېكەت زىيارىتىنىڭ يېڭى ئۇسۇلىغا باشلاپ كىردى.بۇنىڭدىن باشقا، Facebook يەنەكىشىلىك مۇناسىۋەتتىن پايدىلاندى، بەت يۈزى ئۇلىنىشىلا ئەمەس، رەقەملىك ئۇچۇرلارنى تەشكىللەشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى چىقاردى. بۇ جەرياندا، Facebook ئالاقە تورى داڭلىق ماركا تىجارىتىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى، يۈكسەك قاراتمىلىق ئېلان بىلەن ئەيىبلەشكە ئۇچراپ كەتكەن لوزۇنكىسىمان ئېلاننىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. ھالبۇكى بۇ 2013- يىلى Facebook ئۈچۈن 7.9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سېتىلىش مىقدارى ئېلىپكەلدى. 30 ياشتىن ئەمدىلا ھالقىغان مارك زۇكۇربېرگ Facebook نى داۋاملىق باشقۇرماقتا، ئۇ سېخىيلىق بىلەن ئىئانە قىلىپ مائارىپ ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولدى. ھازىرغىچە، ئۇ 2.2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىپ، يېڭى جېرسېي شتاتى ۋە سان فرانسىسكو قولتۇق رايونىدىكى مەكتەپ ئىسلاھاتلىرىنى ئىلگىرى سۈردى
4. ئوتىس (OTIS) لىفت شىركىتى

1854- يىلى، يۈزلىگەن كىشىلەر نىيويورك دۇنيا كۆرگەزمىسى مەركىزىدىكى پولات ۋە ئەينەكتىن ياسالغان خرۇستال كۆرگەزمە ئۆيىدە ئېلىسا ئوتىس (Elisha Otis) نىڭ خەتەرلىك نومۇرىنى كۆردى. ئۇ تۆت قەۋەت بىنائېگىزلىكىدىكى سۇپىدا، پەقەت بىر تال چىڭ تارتىلغان ئارقانغا تايىنىپ ئېسىلىپ تۇردى. ئارقانغا تايىنىپ بوشلۇقتا پىرقىرىدى، ئاندىن بىر تال قىلىچ بىلەن ئارغامچىنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتتى. تاماشىبىنلارنى ئىختىيارسىز قاتتىق قورقۇپ كەتتى،سۇپا تىترەشكە باشلىدى، لېكىن چۈشۈپ كەتمىدى. چۈنكى بىر گۇرۇپپا يوشۇرۇن پۇرژىناپارچىسى خۇددى رىۋايەتلەردىكى مۇھاپىزەت رىشاتكىسىدەك چىشلەشكەن بولۇپ،مۆجىزىلەرچە ئوتىسنىڭ «بىخەتەر لىفتى» نى تۇتۇپ تۇرغان ئىدى. تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىدىغان بۇ ئۇسۇلنى بارنام(P.T. Barnum) ئويلاپ تاپقان. بىر ئاي ئىچىدە، ئۇ ئوتىسنى تەكلىپ قىلىپ بۇ ماھارەتنى كۈندە نەچچە قېتىم ئورۇنلاتقۇزدى. لېكىن دۇنيانى ئۆزگەرتكەن بۇ كەشپىيات ئوتىسقا مەنسۇپ ئىدى. 1853 - يىلى، ئۇ نيو يورك يانكىرىستىكى بىر ۋەيران بولغان پۇرژىنىلىق قاتلىما كارىۋات زاۋۇتىدا ئوتىس لىفت شىركىتى (Otis Elevator Company) نى قۇرۇپ چىقتى.
بىخەتەر لىفت ئىمارەتلەرنىڭ قەۋەت سانىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى: نيو يوركتىكى 20 قەۋەتلىك مېھمانخانا(Flatiron Building) غا 1902 - يىلى ئوتىسنىڭ لىفتى ئورنىتىلغاندىن باشلاپ، 10 يىلدىن كېيىنكى 60 قەۋەتلىك ۋولۋورس مېھمانخانىسى، 1931 - يىلىدىكى 103 قەۋەتلىك ئىمپېرىيە مېھمانخانىسىغا ئوتىسنىڭ لىفتى ئورنىتىلدى. كېيىن، پولات ئارغامچا تالا ئارغامچىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. ئېلېكترونلۇق كۇنۇپكا ئادەم مەشغۇلاتىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. لېكىن، بۈگۈنكى لىفتلارنىڭ 160 يىلبۇرۇنقى دۇنيا كۆرگەزمە يىغىنىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئالا-چەكمەن قىلىۋەتكەن لىفت بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق.بۇ ئارىلىقتا، ھازىرقى بىرلەشمە تېخنىكاشىركىتىگە تەۋە ئوتىس لىفت شىركىتى يەنىلا ئۆزى ئاچقان لىفت كەسپىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.
5.سونى شىركىتى
20-ئەسىرنىڭ50 - يىللىرىدىن 80 - يىللىرىغىچە، سونى شىركىتى ئىنسانلارنىڭ ئۈن-سىن مەھسۇلاتلىرىغا بولغان قارشىنى ئاساسى جەھەتتىن يېڭى بىر مەنىگە ئىگە قىلدى. گەرچەسونى شىركىتى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك رادىئو قوبۇللىغۇچنىڭ ئىجادچىسى بولمىسىمۇ، لېكىن1957 - يىلىدا، ئۇ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەنگەن بىر مەھسۇلاتنى چىقىرىپ،مودا مۇزىكا ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. سونى شىركىتى 20 - ئەسىرنىڭ60، 70 - يىللىرىدا ئىشلەپ چىقارغان رەڭلىك تېلېۋىزور پۈتۈن يەر شارىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈۋەتتى. 1979 - يىلى، سونى چىقارغان ھەردەم تىڭشىغۇچ Walkman يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ مۇزىكا ئاڭلاش ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇ يەنەiPod نىڭ بارلىققا كېلىشىگە بېشارەت بەردى،شۈبھىسىزكى ئۇ ئەسلىدىلا سونى شىركىتىدە بارلىققا كېلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، iPod پەيدا بولۇشى بىلەن سونى شىركىتىنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش يۈزبەردى.
6.بايېر گۇرۇھى
1932- يىلى،گېرمانىيە بايېر گۇرۇھى(Bayer)نىڭ خىمىيەئالىمى تۇنجى ئانتىبىئوتىك پرونتوزىلنى سىنتېزلاپ چىقتى. 10 نەچچە يىل كېيىن،ئاندىن پېنىتسىللىن بازاردا سېتىلىشقا باشلىدى. باكتېرىيىلىك يۇقۇملىنىشنى داۋالىغان تۇنجى خىل خىمىيىلىك دورا بولۇش سۈپىتى بىلەن، پېنىتسىللىن ۋە كېيىنكى «يودئامىن تۈرىدىكى» دورىلار داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ساھەسىنىڭ يېڭى ئەسىرىنى ئاچتى 1939- يىلى،بايېر تەتقىقاتچىسى گېرھاد دوماك(Gerhard Johannes Paul Domagk) ئانتىبىئوكتىك تەتقىقاتى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
7.ئالما شىركىتى
ئالما شىركىتى(Apple)مۇزىكايۇمشاق دېتالى ۋە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك قويغۇچ، شۇنداقلا ئىجادىي ئەقلى تېلېفون ۋەتاختا كومپيۇتېر ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتتى. شۇنداقلا بۇ مەھسۇلاتلار قالتىس بولغان ئۆز ئارا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئالماشىركىتى بىزگە شۇنى بىلدۈرۈپ قويدىكى: ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي كىشىلەرسودا ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ؛ گەرچە بىر تال يالتىراق مودېل بولسىمۇ ئۇنى ناھايىتى چىرايلىق قىلىپ لايىھىلەپ چىققىلى بولىدۇ؛ بىرلەر خانىسىدىكى بازارھەجمى تېزلىكتە تەرەققىي قىلىۋاتقان كەسىپ ساھەسىدە ۋەيران بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ؛ بىر ئادەم غايەت زور بىر شىركەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلىيەلەيدۇ؛ كۆڭۈل قويۇش كەڭلىكتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ دانا تىجارەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى بىر شىركەتكە باغلىيالايدۇ؛ داڭلىق ماركا يارىتىش ئىنتايىن مۇھىم؛ مەھسۇلات نامىنىڭ ئالدىغا «i» ھەرپىنى قوشۇپ قويۇشتەك بۇ خىل ئۇسۇلنى چەكسىز قېتىم قوللىنىشقا بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئەڭ ياخشى قىلىش ھامىنى ئەڭ باشتا قىلىشنى بېسىپ چۈشىدۇ.
8.سۇۋەيش قانىلى شىركىتى
فېردىناد لەسپس(Ferdinand Marie Vicomte de Lesseps) نىڭ شىركەت كەسپى ھازىرقى زامان قانال قېزىش، سۇۋەيش قانىلىنىمۇ مىسىر ئەمگەكچىلىرى 1869- يىلى قېزىپ چىققان. بىراق، بۇ ھېچقانداق بىر يېڭىلىق ئەمەس، مىلادىدىن ئىلگىرى فرئەۋىنمۇ بۇ خىل خىزمەتنى ئىشلىگەن.بۇ 102 كىلومېتىرلىق قانالنىڭ غەرب بىلەن شەرقنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ قىسقا لىنىيە بۆلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
9.گۇگىل شىركىتى
غەلىتە مەھسۇلاتلارنى ياساپ چىقىش، ھەممە يەردە مەۋجۇت بولۇش، دەۋرىيلىنىپ تۇرۇش بۇ گۇگىل شىركىتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان مىزانى. ئۇلارنىڭ بۇرچى دۇنيادىكى ئۇچۇرلارنى تەرتىپكە سېلىپ چىقىش. ئالاقە تورىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىتەي دەمسىز؟ گۇگىل ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىڭ. يانچۇققا سالغىلى بولىدىغان كومپيۇتېر ياساپ چىقىشنى ئويلامسىز؟ گۇگىل ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىڭ.ھەربىر كوچىنى رەسىمگە تارتىپ، كىشىلەرگە يىراق مەنزىللەردىن يول باشلاشنى قۇلايلاشتۇرۇشنى ئويلامسىز؟ گۇگىل ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىڭ. كۇتۇپخانىنى رەقەملەشتۈرۈشنى ئويلامسىز؟ گۇگىل ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىڭ. يۇمشاق دېتالغا كۆپ خىل تىل تەرجىمە سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىدىڭىزمۇ؟ يەنىلا گۇگىل ئىزدەش ماتورىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بىزگۇگىلنى يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇت دەپ قارىساق بولىدۇ. مەسىلەن شوپۇرسىز ئاپتوموبىل، قىستۇرۇلما كومپيۇتېر، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغان تېخنىكا قاتارلىقلار.
10.ئامېرىكاھەممىباب ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتى
ئامېرىكا ھەممىباب ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتى(GE)ئۈچ چوڭساھەدە دۇنيانى ئۆزگەرتتى.ئۇ ئەسلى شىركەت ئېدىسون ھەممىباب ئېلېكترسايمانلىرى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى توماس ئېدىسوننىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئېلېكتر كۈچى ۋە ئېلېكتر لامپىنى ئامېرىكا ۋە دۇنياغا ئېلىپ كەلدى. يالغۇز مۇشۇ بىر تەرەپلا بۇشىركەتنى تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئالدىغا تىزىشىمىزغا سەۋەب بولالايدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ ئۆزگىرىش ئامېرىكىدىكى تۇنجى تەتقىقات تەجرىبىخانىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ ئۆزگىرىش ناھايىتى ئىنچىكە بولغان باشقۇرغۇچى خادىملار تەرەققىيات سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ مەزكۇر غايەت زور شىركەت قۇرۇلۇشنىڭ دەسلىپىدىلا شەكىللەنگەن يېڭى ئىدىيە. بىر ئەسىردىن بۇيان، بۇ ئىدىيە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركەتلەرنى ئىزچىل يېتەكلەپ كەلمەكتە.ھەممىباب شېركىتىنىڭ دۇنياceo تەربىيلەش بازىسى دەپ نامى بار،ئەگەر ھەممىباب شېركىتىceo ئالماشتۇرسا ئۇنىڭ  بىلەن تەڭ دۇنيادىكى بەش يۈز كۈچلۈك كارخانىنىڭ بەشى بىر ۋاقىتتا ceo ئالماشتۇرىدۇ.
11ئەنگلىيە شەرقى ھىندىستان شىركىتى
گوللاندىيەلىكلەرنىڭ ئۆزىنىڭمۇ شەرقى ھىندىستان شىركىتى (East IndiaCompany)بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ شىركەت ھەقىقىي مەنىدىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ھەربىي كۈچتىن پايدىلىنىپ، ئاسىيادا بار كۈچى بىلەن خۇش پۇراق ماتېرىياللار سودىسىنى راۋاجلاندۇردى.لېكىن، 1600 - يىلى قۇرۇلغان ئەنگلىيە شەرقى ھىندىستان شىركىتى (British East India Company) لا ھەقىقىي ئىمپېرىيە گىگانت ئادىمى. ئۇ ھىندىستاننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان، جۇڭگوغا قارىتا ئەپيۈن ئۇرۇشىنى قوزغىغان،يەنە دۇنيا سودا سوممىسىنىڭ يېرىمىنى مۇستەقىل ئىگىلىگەن.
12فورد ئاپتوموبىل شىركىتى
20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىكى تەڭدىشى يوق يېڭىلىق يارىتىش دەۋرىدە، فورد ئاپتوموبىل شىركىتى ئاقما ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى بەرپا قىلدى، ئاقما لىنىيىدە مەشغۇلات قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۈنلۈك مائاشىنى 5 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستۈردى. T شەكىللىك ماشىنىلارنى ئەرزان باھا ئارقىلىق ئادەتتىكى پۇقرالار ئارىسىغا ئېلىپ كىرىپ ئاپتوموبىل دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى توختىماي ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، فورد ئاپتوموبىل شىركىتى T شەكىللىك ماشىنىلارنىڭ باھاسىنى 240 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، T شەكىللىك ماشىنىلار ناھايىتى مودا بولۇپ، ھەتتا ھېچقانداق ئېلان - تەشۋىقاتقا ئېھتىياج چۈشمىدى. فورد ئاپتوموبىل شىركىتى چەتئەلدىكى 12 دۆلەتتە T شەكىللىك ماشىنا ئىشلەپچىقىرىپ، ئۇنى تۇنجى دۇنياۋى ماشىنا تىپىغا ئايلاندۇردى. 111 يىل ئىلگىرى، ھىنرىفورد T شەكىللىك ماشىنىنى تەتقىق قىلىپ چىققان. بۈگۈنگە كۈندە،ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى باشقۇرۇۋاتقان فورد ئاپتوموبىل شىركىتى يەنىلا دۇنيادىكى بەش چوڭ ئاپتوموبىل ياساش شىركىتىنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا.
13.مىكروسوفت شىركىتى
مىكروسوفت شىركىتى 1975-يىلى بېل گەيتىس بىلەنپاۋلو ئەيلۇن تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ
ئۇلار بازارغا سالغان كۆزنەك مەشغۇلات سېستىمىسى نۇرغۇنلىغان شەخىسلەرنىڭ كومپيۇتېرنى ئوڭاي مەشغۇلات قىلىشىغا قولايلىق كەلتۈرگەن.ھازىرغا قەدەر ئەڭ بازارلىق كومپيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى ھېسابلىنىدۇ.
14.ئامازون شېركىتى
1995-يىلى جېف بېسۇس تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى ئېلكترونلۇق سودا تورى.ئەڭ دەسلەپتە توردا كىتاب سېتىشتىن باشلىغان بولۇپ ھازىر ئۇنۋېرسال سودا تورىغا ئايلاندى.
15.ebayسوداتورى
1997-يىلى رەسمىي ebay نامى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ توردا كىم ئاشتى سودىسى قىلىدىغان شىركەت.
قوشۇمچە
جۇڭگوغا تەسىر كۆرسەتكەن تۆت چوڭ شېركەت
1.   ئالى باباگۇرۇھى
1999-يىلى مايۈن باشچىلىقىدىكى 18ھەمكارلاشقۇچى تەرىپىدىن خاڭجۇدا قۇرۇلغان،
جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ئېلىكترونلۇق سودا شېركىتى ھېسابلىنىدۇ.
ھازىرغىچە بايرىقى ئاستىدا تاۋباۋتورى،تيەنماۋ تورى،جۈخۇاسەن،ئالىپەي قاتارلىق يىگىرمىدىن ئارتۇق تارماق شىركەتبار.
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى نيۇيوركتا پاينى بازارغا سالغاندىن كىيىن بازار قىممىتى 230مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ گۇگېلدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ(بازار قىممىتى ) ئىنتىرنىت شېركىتىگە ئايلاندى.يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئالى بابا جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ،ئەمەلىي دۇكانلارغا نۇرغۇن خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى.
2.بەيدۇ شېركىتى
2000-يىلى لى يەنخۇڭ تەرىپىدىن بېيجىڭدا قۇرۇلغان،جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى
پېيىنى ناسىداكتا بازارغا سالغان بولۇپ بازار قىممىتى 76مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا.
(مۇنداق بىر قىزىقارلىق گەپ بار ،ئەگەربەيدۇ تورى بولمىسا %50 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەكتەپ پۈتتۈرەلمەيدۇ)
3.تېڭشۈن شىركىتى
1998-يىلى ماخۇاتېڭ تەرىپىدىن شېنجىندا قۇرۇلغان بولۇپ جۇڭگودىكى ئابونتى ئەڭ كۆپ تور شېركىتى،ئۇنىڭ چېتىلىشىدىغان ساھەسى ئەڭ كۆپ. بايرىقى ئاستىدىكى كيۇ كيۇ،ئۈندىدار ئالاقە قورالى دېتالى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئابونتى بار دېتال ھېسابلىنىدۇ.
4.چىخۇ 360 شېركىتى
2005-يىلى9-ئايدا جوۋ خۇڭ يى تەرىپىدىنقۇرۇلغان بولۇپ،ئاساسلىق تور بىخەتەرلىكى مەھسۇلاتلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ئۇنىڭ ۋىروسخورنى ھەقسىز قىلىشى نۇرغۇنلىغان ۋىروسخور سېتىپ پۇل تاپىدىغان شېركەتلەرنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا ئاپاردى ۋەياكى سودا شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلدى.ئۇلارنىڭ ۋىروسخورنى ھەقسىز قىلىشى جۇڭگودىكى نۇرغۇنلىغان ئابونتلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
مۇھەممەدجان خېۋىر تاۋارىم.http://tawarim.com/

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-12 01:21 PM  


تاۋارىم سودا تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاۋات سودا تورى
http://tawarim.com/
تاۋارىم تورسودا سۇپىسدىن مال سېتىۋېلىشتا قىينالسڭىز 497499634 نومۇرلۇق ئۈندىدار ياكى كيۇكيۇنى قوشۇڭ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

82

تېما

957

يازما

1039

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 25888
يازما سانى:
957
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
12557
تۆھپە :
1598
باھا :
1068
توردا:
3469 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-1-11
ئاخىرقى:
2015-12-30
ۋاقتى: 2015-7-12 02:19:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جوبىس دۇنيانى ئۆزگەرتتى ،لىكىن مەن ئۇنىڭ جۇڭگوغا كەلسە يېڭىلىپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ،بىزمۇ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيمىز،ئەمما بىز ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك
……مايۈن。 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-12 02:20 AM  


بىلىم - كۈچ !

7

تېما

266

يازما

273

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 22010
يازما سانى:
266
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5752
تۆھپە :
213
باھا :
336
توردا:
1591 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-12-12
ئاخىرقى:
2015-11-15
ۋاقتى: 2015-7-12 12:12:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پەقەت شۇ داڭلىق شىركەتلەرنىڭ بىرى خالاس ، دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن كارخانىلار بەكمۇ تولا

سۇمبۇل چاشلار، چولپان كۆزلەر ، ئات - ئېشەكتىمۇ بار، نوچى بولساڭ تۆمۈردىن قۇشۇقچىلىك نەرسە ياساپ كۆر ، دۇنيا شۇ چاغدا سېنى ئېتىراپ قىلىدۇ .

مېركۇرىي ئىسىملىك تورداش

0

تېما

712

يازما

712

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 19369
يازما سانى:
712
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
9268
تۆھپە :
300
باھا :
250
توردا:
3050 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-28
ئاخىرقى:
2015-12-29
ۋاقتى: 2015-7-12 12:45:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Acura يوللىغان ۋاقتى  2015-7-12 10:12 AM
بۇ پەقەت شۇ داڭلىق شىركەتلەرنىڭ بىرى خالاس ، دۇنياغا ت ...

خەۋەرچىلەر ، مىدىيەلەر مۇشۇنداق ئاتالمىش چوڭ ماۋزۇلۇق ماقالىلەرنى قايتا  قايتا ئۆزگگرتىپ ئىلان قىلىپ يۈرۈپ جان ساقلىمىسا نىمىش قىلىدۇ دەيسىز ؟
بۇنداق دۇنيانى ئۆزگەرتتى ، تاغنى ئۆرىدى دىگەن گەپلەرگە ھە  شۇنداقكەن دەپللا قويساق بولدى .

         مايمۇن كېشى ئۇسسۇل ئوينار خۇشال - خۇرام قامچىغا ،
         تۆگە كىلۇر مەردانە ھەم قوتۇر ئىشەكنىڭ كەينىدە ،
         ...

4

تېما

924

يازما

928

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 40939
يازما سانى:
924
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5701
تۆھپە :
90
باھا :
156
توردا:
3393 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-5-16
ئاخىرقى:
2015-12-29
ۋاقتى: 2015-7-12 12:56:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pultap يوللىغان ۋاقتى  2015-7-12 12:05 PM
مايۈن سەل چوڭ گەپ قىلىپ قۇيۇپتۇ

جۇڭگوغا كەلسە يېڭىلىشى %5000 !
چۈنكى 5000 يىللىق تارىخى با دۆلەت بۇ !

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

مەن ھامان پارتىلايمەن!

225

تېما

3180

يازما

3405

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82909
يازما سانى:
3180
نادىر تېما :
5
مۇنبەر پۇلى :
4267
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2747 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-7-24
ئاخىرقى:
2015-12-28
ۋاقتى: 2015-7-12 13:07:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىنوچىلىق شىركەتلىرىدىن بىرىمۇ كىرمەپتىغۇ

مىكرو بىلوگ دەمدۇق بۇنى،  

مېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات!

0

تېما

63

يازما

63

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 118151
يازما سانى:
63
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
87
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-4-27
ئاخىرقى:
2015-9-29
ۋاقتى: 2015-7-12 13:25:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىىەتەن قالتىس-ھە!

4

تېما

924

يازما

928

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 40939
يازما سانى:
924
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5701
تۆھپە :
90
باھا :
156
توردا:
3393 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-5-16
ئاخىرقى:
2015-12-29
ۋاقتى: 2015-7-12 13:51:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pultap يوللىغان ۋاقتى  2015-7-12 01:43 PM
قىززىقچىكەنسىز ئۇكام

سىزمۇ قىزىقچىكەنسىز ، ئادەم قېرىغانچە ئاڭلىغىنى جىقلاپ قىزىقچى بولۇپ كېتىدۇ ، قارىسامغۇ 40 قىمۇ بارمىغاندەك تۇرىسىز …

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

0

تېما

318

يازما

318

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 94841
يازما سانى:
318
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1369
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
768 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-4-14
ئاخىرقى:
2015-12-29
ۋاقتى: 2015-7-12 14:07:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بىر مىللەتنى ھەقىقى دۇنياغا تونۇتىدىغىنى مۇشۇنداق دۇنياۋى ماركىلار ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇشۇنداق ماركىسى بولىدىغان كۈنلەر بولارمۇ ھە .

11

تېما

1337

يازما

1348

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 94037
يازما سانى:
1337
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2717
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
418 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-3-29
ئاخىرقى:
2015-12-29
ۋاقتى: 2015-7-12 14:48:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
izdinish يوللىغان ۋاقتى  2015-7-12 12:56 PM
جۇڭگوغا كەلسە يېڭىلىشى %5000 !
چۈنكى 5000 يىللىق تارىخى با ...

ئونداقتا قۇرۇلغىلى 50 يىل بولغان دۆلەتكە كىرسە يېڭىلىشى %50 بولىدىكەندە.

ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەنگەن ئۇيغۇردىن پەخىرلىنىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号

GMT+8, 2015-12-30 01:31 AM, Processed in 0.054274 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش