مىسرانىم مۇنبىرى

  • كاشكارى 21 مىنۇت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    قەغەز كىتاپنىڭ مەزمۇنى چەكلىك ،ھايات كىتاۋىنىڭ مەزمۇنى رەڭلىك (ئا كاشكارى)

  • ئىپارە 4 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىمخۇمار ئاكىمىزغا تىل تەككۈزگەنلەر، سىز ياسىر قازىدىنمۇ بىلىملىكمۇ؟

  • axek13999649893 13 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلىرىم

  • شادىيە545 تۈنۈگۈن 10:40 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    دوس يىغلىتىپ ئېيتار، دۇشمەن كۇلدۇرۇپ

  • پەرى تۈنۈگۈن 09:55 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن كىملەرنىڭ ئېسىدە باردۇرمەن  ھى ھى  

  • ئەفىفە تۈنۈگۈن 08:46 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ، قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • maripatogli تۈنۈگۈن 05:24 PM [ئىنكاس(1)] [...]

    باشقىلاردىن قانداق مۇئامىلە كۈتسەڭ،سەنمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلىدە ....

  • روھناز تۈنۈگۈن 03:35 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    مەيلى كىمگە نىملا قىلىڭ ئەگەر ئورنىدا مەن بوپ قالسام قانداق قىلاتتىم دىگەننى ئويلاڭ ، يىغلاتماڭ يىغلاپ قالسى ...

  • روھناز تۈنۈگۈن 03:31 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    مېڭىۋاتقان  يولۇڭ  سېنى  قايتا ئويلاندۇرسا  ئۇنداقتا  ئىككىلەنمەي  ۋاز كەچ ، چۈنكى توغرا بولسا   قايتا ئويلانما ...

  • روھناز تۈنۈگۈن 03:05 PM [ئىنكاس(1)] [...]

    سۇكۇت ئ‍ىچىدىكى جىمجىتلىقتا ياكى ئ‍ۇتىسەن ياكى ئ‍ۇتتۇرىسەن ، ئ‍ۇتساڭ بەختىڭ كىلىدۇ ، خۇش بولقسەن ، ئ‍ۇتتۇرس ...

  • maripatogli 1 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(1)] [...]

    بىزدە بىلىم ساپا يوق، پەقەت باشقىلارنى غاجاشقىلا تۆرەلگەن تۈمۈر چىش بار

  • ئىپارە 5 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مىنىڭ تېمامنى تەستىقلايدىغان ئادەم چىقمىدىما؟ تىخىچە چىقماپتۇ دىسە؟

  • magrurjan 15 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ كىچىدە ئۆزۈم يازغان بارىلىق تىمىلىرىمنى ئۇقۇپ چىقتىم....

  • tirikjassat تۈنۈگۈن 10:13 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    خۇشاللاق،بىزنىڭ بىر ئىشنى قىلىشىمىزدىكى بىردىن-بىر يارلىق ئەمەس.

  • korlaayxamsadir تۈنۈگۈن 09:38 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    بوشلۇق دىگەن خەتنى چىكىپ،ئاندىن خەت يازسىڭىز بولىدۇ

  • ئەنقارى تۈنۈگۈن 08:17 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوزۇن بوپتۇ ھويلىغا كىرىپ باقمىغىلى !

  • .tuz. تۈنۈگۈن 04:23 PM [ئىنكاس(3)] [...]

    ئايال سىرلىق بىر كىتاب — ۋاراقلىغانسىرى قىزىقى چىقىۋېردۇ.............................

  • روھناز تۈنۈگۈن 03:34 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆڭۈلچەك ئادەمنى قەدىرلەڭ!چۈنكى ئۇ ھەرقاچان ئۆزىنىڭ دىل ئازارى بەدىلىگە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرىد ...

  • روھناز تۈنۈگۈن 03:08 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    قىيىن ۋاقىتتا  يىنىڭدا  بولغىنى  ئەڭ ھەقىقىسى ،  ئۇسال  مىجەزىڭنى  كۆتۈرگىنى  ئەڭ ۋاپادارى ، ئەڭ چوڭ كەمچىلىكىڭ ...

  • روھناز تۈنۈگۈن 03:05 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    سۇكۇت ئ‍ىچىدىكى جىمجىتلىقتا ياكى ئ‍ۇتىسەن ياكى ئ‍ۇتتۇرىسەن ، ئ‍ۇتساڭ بەختىڭ كىلىدۇ ، خۇش بولقسەن ، ئ‍ۇتتۇرس ...

  • maripatogli 1 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    تەستىق كۈتۈپ تاشلىنىپ قالغان تېمىلارنى يا ئۆچۈرۋىتىڭلار يا تەستىقلاپ قو.....

  • ★umiD 5 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆگىنىش باشلاندى ...

  • sintax تۈنۈگۈن 11:17 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ئالمىچە يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ

  • tirikjassat تۈنۈگۈن 10:10 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    خۇشاللاق،بىزنىڭ بىر ئىشنى قىلىشىمىزدىكى بىردىن-بىر يارالىق ئەمەس.

  • ئىپارە تۈنۈگۈن 08:49 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە بىر يىڭې تېما يوللىۋەتتىم باشقۇرغۇچىلار ، بۇ تېما بەك مۇھىم!

  • maripatogli تۈنۈگۈن 08:07 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    QQ بوشلۇقى ھەققىدە باشقىلاردىن ياردەم سورايمەن.

  • xatuti تۈنۈگۈن 04:20 PM [ئىنكاس(2)] [...]

    بوۋىقىم بىلەن بىللە بولغىنىمدا پۈتۈن دۇنيانى ئۇنتۇپلا كېتىمەن

  • روھناز تۈنۈگۈن 03:33 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېرى :   خوتۇن  سەن  بەك  جاپا  تارتىۋاتىسەن  دەرىجەڭنى  ئۆستەرسەم  بولاتتى    خوتۇن :    راسما  دەرىجەمنى  قانداق  ئ ...

  • روھناز تۈنۈگۈن 03:06 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    قىيىن ۋاقىتتا  يىنىڭدا  بولغىنى  ئەڭ ھەقىقىسى ،  ئۇسال  مىجەزىڭنى  كۆتۈرگىنى  ئەڭ ۋاپادارى ، ئەڭ چوڭ كەمچىلىكىڭ ...

  • .tuz. تۈنۈگۈن 02:20 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشنى بىر سىناپ بىقىڭ

كۆرۈش: 2214|ئىنكاس: 18

كارخانىچىلىرىمىزغا كۆز تەگمىسۇن، كارخانىلىرىمىزنى قوللايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

12

يازما

14

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 3807
يازما سانى:
12
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8266
تۆھپە :
347
باھا :
276
توردا:
74 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-7-12
ئاخىرقى:
2015-12-17
     
          ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،  ھۆرمەتلىك كارخانىچىلىرىمىز. سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارغا كۆزتەگمىسۇن. ئىشلىرىڭلار كۈندىن كۈنگە ئوڭۇشلۇق يۈرۈشسۇن، يوللىرىڭلار راۋان، ئەزىزتېنىڭلار ئامان بولسۇن، ياراتقۇچى سىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىشقا ئىمكانىيەت بەرسۇن. ئىشلىرىڭلاردىن بەرىكەت بولسۇن.
          يېقىنقى بىرمەزگىلدىن بۇيان تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كۆرسىتىلىۋاتقان «ئىستىقبال سەھنىسى»، «شېرىن چۈش»،«تالانت سەھنىسى» قاتارلىق پروگراممىلارغا قاراڭ. مەن باشتا بۇ پروگراممىلارغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەپتىمەن. بارا-بارا دىققەت قىلسام، بۇنىڭدا ئەسلىدە بىز ئويلىمىغان دەرىجىدە ياخشى ئىشلار مەيدانغاچىقىۋېتىپتۇ. مەيلى «ئىستىقبال سەھنىسى» ياكى «شېرىن چۈش» ۋەياكى  «تالانت سەھنىسى» بولمىسۇن، بۇ پروگراممىلاردا يول ئىزدەپ تۇرغان تالانتلىق، ئىقتىدارلىق، ئەمما، ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ياشلىرىمىزغا، جۈملىدىن جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن پايدىسى تېگىدىغان ئىشلا بولسا، كارخانىچىلىرىمىز دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ياردەمگە موھتاج بولۇۋاتقان ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزدىن ئۆزىنىڭ شەخسىيەتسىز، خالىسانە ياردىمىنى ئايىمايۋاتىدۇ. ئۇلار خۇددى پۇلنى يولدىن سۈپۈرۈۋالغاندەكلا، ئۇلاردا خۇددى تېگى كۆرۈنمەس بىر كان باردەكلا سېخىيلىق بىلەن تۈرلۈك كەسىپ، تۈرلۈك قېرىنداشلىرىمىزغا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا، دىيارىمىزدا بىر قانچە قېتىم يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى. بۇ ۋاقىتتىمۇ، يەنىلا كارخانىچىلىرىمىز ئەڭ تېزسۈرئەتتە ئاپەت يۈز بەرگەن جايلارغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنۇپ كەلمەكتە. قېنى قايسى بىرىمىز، كارخانىچىلىرىمىزنىڭ يۇقىرىقى ئىشلىرىنى ئىنكار قىلالايمىز. بۇنى كۆرگەن ھەر بىر كىشى تەسىرلەنمەي تۇرالمايدۇ. ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايدۇ.
         ئۇنداقتا،يالغۇز تەسىرلىنىش، ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن مەسىلە ھەل بولامدۇ؟ ئۇلار شۇنچىلىك سېخىيلىق بىلەن خەجلىگۈدەك، ئەجەبا پۇللىرىنى خەجلەيدىغانغا ئورۇن تاپالمايۋاتقانمىدۇ؟ يەنە، ئۇلار پۇلنى شۇنداق سېخىيلىق بىلەن ئاسانلا خەجلىگۈدەك شۇنچە ئاسان تاپامدىغاندۇ؟؟؟
        ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، يۇقىرىقى مەسىلىلەر ھەقىقەتەن بىزنى ئويلىنىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھازىرقىدەك رىقابەت كەسكىن بولۇۋاتقان بۇجەمئىيەتتە پۇت دەسسەپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە، كارخانا، شىركەت ئېچىپ باقمىغانلار ئۇلار قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان مۈشكۈل جاپالارنى، قىيىنچىلىقلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايمىز. رىقابەت بىلەن تولۇپ تۇرغان بۇ جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرماق ئاسانمۇ؟؟؟؟
         ئۇلارنىڭ ئاشۇنداقسېخىيلىق بىلەن، مەردلىك بىلەن قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان ئاشۇ ياردەملىرىنى بىز ھېسابلاپ مۇ ھېسابلاپ بولالمايمىز. ئۇنداق بولسا، بىز ئاشۇ كارخانىچىلىرىمىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بەردۇق؟ نېمىلەرنى قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك؟ نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيمىز؟ بۇ ھەر بىرئەقىل ئىگىسىنىڭ چوقۇم ئويلىشى كېرەك بولغان مۇھىم بىر مەسىلە.
        قېنى كىم ئاشۇ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ خەلقىمىزگە، جەمئىيىتىمىزگە يەنىمۇ كۆپلىگەن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىنى خالىمايدۇ؟ ئەلۋەتتە ھەممىمىز ئارزۇ قىلىمىز، ھەممىمىز خالايمىز. ئۇنداقتا، ئاشۇ ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كارخانىچىلىرىمىزنىڭلا ئىشىمۇ؟ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز يوقمۇ؟
          كارخانىچىلىرىمىزنىڭ جەمئىيىتىمىزگە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلغان ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى شۇنى ئويلىشى كېرەككى، كارخانىچىلار جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ قارىغان ئىكەن، ئاشۇ كارخانىلىرىمىزنى قوللاش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەسمۇ؟ ئۇنداق بولسا، قانداق قوللايمىز؟ بىز كۈندە بازارغا چىقىپ، ئۆزىمىزنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجى ئۈچۈن تۈرلۈك نەرسە كېرەكلەرنى سېتىۋالىمىز. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بىز ئازراقلا ئويلاپ قويساق، كاللىمىزنى ئازراقلا ئىشلىتىپ قويساق مەسىلە ھەل بولىدۇ. بۇنداق دېسەم، بەزىلەر دېيىشى مۇمكىن، يەرلىكتە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى تۆۋەن، باھاسى قىممەت دەپ. لېكىن بۇ سەۋەب بولالمايدۇ. قىممەت بولسا بولسۇن، سۈپىتى ياخشى بولمىسا، ياخشىلىنىدۇ. قىممەت دەپ باھانە كۆرسىتىشكە ئەسلا ئورۇن يوق. نېمىشقا دېگەندە، ئوخشاش تۈردىكى باشقا مەھسۇلاتلارغا سېلىشتۇرغاندا، يەنىلا قىممەت ئەمەس.
         قىسقىسى،ئاشۇ كارخانىلىرىمىزنىڭ راۋاج تېپىشى، گۈللىنىشى، مېنىڭ، سىزنىڭ، ھەر بىرىمىزنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. قوللاپ قويايلى. مەدەت بېرەيلى. بىز كارخانىلىرىمىزنى قوللىساق، كارخانىلىرىمىز جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپلەپ ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرسە، بۇ خىل ئايلىنىش يەنىلا جەمئىيىتىمىز ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟  كارخانىلىرىمىز گۈللەنسۇن، تەرەققىي قىلسۇن، ياخشىلىق ئۈزۈلمەي داۋاملاشسۇن. كارخانىلىرىمىزغا، كارخانىچىلىرىمىزغا كۆزتەگمىسۇن. ھۆرمەتلىك كارخانىچىلار، رەھمەت قىلىۋاتقان ئىشىڭلارغا، ماڭغان يولۇڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۈن!!!
2015-يىل16-ئيۇل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yusiyin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-16 06:57 PM  3 T+ t& Y, y$ O/ q4 i  b

7 e% `0 l" O7 j3 u9 |

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 10 yahxi tema, yahxi taklip-pikirlarkan

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

4

تېما

924

يازما

928

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 40939
يازما سانى:
924
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5701
تۆھپە :
90
باھا :
156
توردا:
3393 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-5-16
ئاخىرقى:
2015-12-29
ۋاقتى: 2015-7-17 01:51:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابىدە سودا سۈيىنى يات ئۇرۇقلارمۇ ئىچىدىغان بوپكەتتى ، بۇ ئىنتايىن ياخشى ئىش . قاچانغىچە خوڭچا لۈچا مولىمى دەپ يۈرىمىز …

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

0

تېما

46

يازما

46

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 101927
يازما سانى:
46
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
216
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
95 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-1-7
ئاخىرقى:
2015-7-17
ۋاقتى: 2015-7-17 07:44:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مىراسنىڭ كىيىم كىچەكلىرىنى ياخشى كۆرىمەن

1

تېما

264

يازما

265

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 13689
يازما سانى:
264
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8976
تۆھپە :
345
باھا :
312
توردا:
973 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-10-12
ئاخىرقى:
2015-12-26
ۋاقتى: 2015-7-17 09:28:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى يوللاپسىز قېرىندىشىم ،كارخانىچىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ ئ‍ۇلارنى  قوللايلى،ئۇلار روناق تاپسا ساخاۋەت ئىشلىرى مەڭگۈ توختاپ قالمىغاي،ئىنتىل ،مىراس كىيىمچىلىكى ،ئ‍ىخلاس  ،ئ‍ابىدە  ،تەبەسسۇم ،قايدۇ ،،،،،ئ‍ىشقىلىپ شۇ قاتارلىق ئۇيغۇر كارخانىلارغا مەڭگۈ كۆز تەگمىسۇن ،ئ‍ىشلىرى مەڭگۈ روناق تاپسۇن ،ساخاۋەتلىك قوللىرىدىن مەڭگۈ قىزىل گۈللەر ئۈنسۇن !شۇنداق ياخشى ئ‍ىشلاردا ئ‍ارمان شىركىتىنىڭ ئ‍ورۇن ئ‍الماسلىقىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن ،

ئاتا - ئانامنى بىر ئۆمۈر خوشال قىلىشقا تىرىشىمەن ،،،

3

تېما

301

يازما

304

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 27565
يازما سانى:
301
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
7381
تۆھپە :
389
باھا :
302
توردا:
5455 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-1-24
ئاخىرقى:
2015-12-22
ۋاقتى: 2015-7-17 09:53:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئويغۇر كارخانىچىلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئاللىبۇرۇن مېنىڭ ئادىتىمگە ئايلىنىپ كەتكەن،بۇ خۇددى قوللاشتا ئالدى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنى ئويلىغاندەكلا بىر ئىش.+ B! k$ ~. R  y8 G
جىنىم قېرىنداشلىرىم ھەممەيلەن ئادەت قىلايلى،بۇ بىر ئاددى ئادىمى قائىدە.

2

تېما

69

يازما

71

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 20369
يازما سانى:
69
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6433
تۆھپە :
300
باھا :
250
توردا:
91 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-12-2
ئاخىرقى:
2015-12-27
ۋاقتى: 2015-7-17 09:58:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى تەكلىپ-پىكىر بوپتۇ.مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىي ھەركىتىم ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سودىسىنى قوللايمەن. يەنە بىرئىش،قېرىنداشلىرىمنىڭ ئانچە-مۇنچە مۇھتاجلىقتىن،قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلىش ئۈچۈن كۇچا-كويلاردا،دوقمۇشلاردا ئۇنى بۇنى سېتىۋاتقان،يولدىن ئۆتكەنلەرگە تەلمۈرۈش بىلەن قاراۋاتقان ئۇششاق تىجارەتچىلەرگە نەزىرىڭلارنى ئاغدۇرۇپ قويىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.                        (دۇنيا مىھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر)

كىشى ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى بىلمەكچى بولسا،كىملەرنى سۆيگىنىگە قارىسۇن.

دوختۇر ئۈندىدار:xipalih

35

تېما

450

يازما

485

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 110519
يازما سانى:
450
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
907
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
305 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-10-11
ئاخىرقى:
2015-12-10
ۋاقتى: 2015-7-17 10:24:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىي  كارخانىلارنى  قاتتىق قوللايلى  

11

تېما

838

يازما

849

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 74547
يازما سانى:
838
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5608
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
731 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-2-2
ئاخىرقى:
2015-12-29
ۋاقتى: 2015-7-17 11:21:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر.مىللىتىمىز، يۇرتىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان مىللى كارخانىلىرىمىزنى قوللايلى.

0

تېما

329

يازما

329

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 122173
يازما سانى:
329
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
476
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
15 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-6-28
ئاخىرقى:
2015-12-25
ۋاقتى: 2015-7-17 11:48:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارخانچىلىرىمىز  تىخىمۇ  رۇناق  تاپقاي.

ۋۇجابدۇللا

36

تېما

2634

يازما

2670

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 112242
يازما سانى:
2634
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6207
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1389 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-2
ئاخىرقى:
2015-12-29
ۋاقتى: 2015-7-17 13:49:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى كارخانىچىلارنى سۆزىمىز بىلەنلا ئەمەس بەلكى ئىش - ھەرىكىتىمىز بىلەنمۇ قوللاپ قويغىنىمىز ياخشى .........

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号

GMT+8, 2015-12-29 04:47 PM, Processed in 0.050032 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش