بالا يۈتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى
ھەر بىر پەرزەنت ھەر بىر ئاتا-ئانا ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك، ھېچقانداق بىر مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانا، ئۆز پەرزەنتىنىڭ يۈتۈپ كېتىشى،ئېزىپ قېلىشىنى، ئوغۇرلىنىپ كېتىشىنى خالىمايدۇ ئەلۋەتتە.
لىكىن، بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەت قاتلىمىنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە ،شەھەرلىشىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە،كىشىلەرنىڭ ئىقدىسادىي كۆز قارىشىنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلىنىشىگە ئەگىشىپ، بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىشى،ئېزىپ قېلىشى ھەتتا بىرقىسىم قارا نىيەت مەلئۇنلارنىڭ بالىلارنى ئوغۇرلاپ قېچىشى دائىم يۈز بېرىدىغان بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى.
تۆۋەندە سەبىي بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىشى،ئېزىپ قېلىشى،ئوغۇرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەدبىرىلىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى:
1. بالىڭىزنى سىرىتلارغا ئېلىپ چىققاندا، كۆرۈش دائىرىڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭ؛
2. بالىڭىزنى ئۆيدە،سودا سارايلاردا،دۇكانلاردا يالغۇز قويماڭ؛
3. بالىڭىزنى ناتونۇش كىشىلەرنىڭ قاراپ تۇرۇشىغا تاپشۇرماڭ،ئەگەر جىددىي ئىش بىلەن بالىڭىزغا قارىيالمايدىغان بولسىڭىز، ئۇرۇق-تۇغقان،دوسىت-بۇرادەرلەر قاتارلىق يېقىنلىرىڭىزنىڭ قاراپ تۇرۇىشغا تاپشۇرۇڭ؛
4. بالىڭىزنى ئۆزى يالغۇز سىرىتلارغا ئوينىغىلى چىقارماڭ؛
5. قوشنىلىرىڭىز بىلەن ئىناق ئۆتۈڭ، ئىشلارغا يولۇققاندا ئۆز ئارا ھەمدەمدە بولۇڭ،
6. بالىنى ئېلىپ سىرىتلارغا چىققاندا، تۆت ئەتراپىڭىزغا ھۇشيارلىق بىلەن دىققەت قىلىپ، گۇمانلىق ئادەم ياكى ماشىنا كەينىڭىزدىن ئىزىڭىزغا چۈشتىمۇ يوق كۈزىتىشكە ماھىر بولۇڭ؛
7. بالىڭىزغا، بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇچۇرلىرى بار بولغان نەرسىلەرنى ئېسىپ قويۇڭ؛
8. ئەگەر بالىڭىز 1 ياشقا تولىمغان بولسا، سىرىتلارغا چىققاندا بالىڭىزنى بەدىنىىڭىزنىڭ ئالدى تەرپىگە ئېلىپ قۇچاقلاپ مېڭىڭ؛
9. بالىڭىزنى موتىسىكىلىت ياكى ۋېلسىپىتنىڭ كەينىگە ئولتۇرغۇزغاندا ئىنتايىن ھۇشيار بولۇڭ، پات-پات قاراپ قويۇڭ، تىلفۇندا پاراڭلاشماڭ، مۇمكىن بولسا، جۆرىڭىز كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭسۇن؛
10. بالىڭىزغا ئۆيىڭىزنىڭ ئادرىسىنى ياكى قورۇ ئىسمىنى،تېلفون نومۇرىنى، سىزنىڭ ئىسمىڭىز،تېلفون نومۇرىڭىزنى ئۆگىتىڭ؛
11.بالىلارغا چاتاققا يولۇققاندا 110 نومۇرغا تېلفون ئۇرۇشنى ئۆگىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ساقچىلارنىڭ فورمىسىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىتىڭ؛
12. ئەگەر بالىڭىز سودا-ساراي،بازار،تاللا بازىرى،باغچا قاتارلىق ئاممىۋىي سورۇنلاردا يۈتۈپ كەتسە، ھەر خىل فورمىلىق خادىملارنى ياردەمگە چاقىرىڭ؛
13.بالىڭىزنىڭ بەدىنىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى( مەسلەن تاتۇق،مەڭ،) يادىڭىزدىن چىقارماڭ؛
14.ئەگەر بالا باققۇچى تەكلىپ قىلماقچى بولسىڭىز، قانۇنلۇق بالا باغقۇچى تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرىغا ياكى ئىشەنچىلىك كىشىلەر تونۇشتۇرغان بالا باغقۇچىلارنى ئىشلىتىڭ، ئىشلەتكەن ۋاقىتتا بالا باققۇچىنىڭ كىملىك ۋە سۈرەتلىرىنى ياخشى ساقلاڭ؛
15. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى دوختۇرخانىدا يالغۇز قالدۇرماسلىق، ھەتتتا تونۇمايدىغان، كۆرۈپ باقمىغان دوختۇرلارنىڭ قارىشىغا يول قويماسلىق لازىم؛
16. ناۋادا بالىڭىز يۈتۈپ كەتسە، يۈتۈپ كەتكەنلىك جەزىملەشكەندىن كىيىن دەرھاللا ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ۋاقىتنى ھەرگىز كەينىگە سۈرمەڭ، چۈنكى يۈز بەرگەن ئىشلار بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى بالا يۈتۈپ كەتكەندىن كىيىنكى 24 سائەت، بالىنى ئىزدەپ تېپىشتىكى ئالتۇن ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ ؛
17. ئەگەر بالىڭىز يۈتۈپ ساقچىغا مەلۇپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن بالىڭىز تېپىلغاندا، چوقۇم ساقچىغا بالىنىڭ تېپىلغانلىقىنى مەلۇم قىلىڭ؛
18.ياشانغانلار بالىڭىزغا قارىغان ياكى ياشانغانلار بالىڭىزنى ئېلىپ سىرىتلارغا چىققاندا، ئۇلارغا ئالاقىلىشىش قوراللىرىنى ئېلىۋىلىشنى، ھۇششارراق بولۇشنى، ئەگەر چاتاق چىقىپ قالسا دەرھال سىزگە ۋاقتىدا مەلۇم قلىشىنى تاپىلاڭ، ساقچىلارغا مەلۇم قىلىشنى ئۆگىتىڭ؛
19.بالىڭىزغا بالا يۈتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر قىسىم ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ بېرىڭ ۋە ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ، بالىڭىزغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ، بالىڭىزنىڭ يۈتۈپ كەتكەندە، ئېزىپ قالغاندا، ئوغۇرلانغاندا ئىزدەپ تېپىشكە پايدىلىق ئۈسكۈنىلەردىن(مەسلەن: ئىقتىدارى ئىنتايىن كۆپ بولغان زېرەك ئەقلىي ئىقتىدارلىق بالىلار قول سائىتى ئەگەر سېتىۋىلىشنى، چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز 281701690 نومۇرلۇق ئۈندىدار بىلەن ئالاقلىشىڭ) ياخشى پايدىلىنىڭ؛
20.مەيلى سىزنىڭ بالىڭىز بار ياكى يوق بولسۇن. ئېزىپ قالغان،ئاتا-ئانىىسىنى تاپالمىغان، ئوغۇرلانغان بالىلارنى كۆرگىنىڭىزدە قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئاجىرىتىپ، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىۋىلىشىغا ياردەم قىلىڭ، ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قويۇڭ، چۈنكى بۇ ھەر بىر ئاقكۆڭۈل قېرىندىشىمىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇرىيتى؛
يۇقىرىقى 20 تۈرلۈك مەزمۇنلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە مەسئۇل بولۇش، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىشى،ئېزىپ قېلىشى،ئوغۇرلىنىپ كېتىشىنى ئالدىنى ئېىشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك تەدبىرلىرى خالاس، بۇ ئەسەر كۆپچىلىككە ئازىراقمۇ بولسا پايدىسى تىگىىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئەسلى مەنبەسى: ئاقتۇ ئۈندىدار سالونى(ئىزدەش نومۇرى ahtu)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tears تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-20 02:27 PM ( D: t6 `) s( Q% T, Y
& `1 o W& p4 l- @