بۇ تېمىنىڭ بېشى بۇ يەردە
تېلېفۇننىڭ تىل ئۆگۈنىشتە ئىشلىتىلىشىگە دائىر
ئەمەلىي مىساللار 2-
ئەگەر تېلېفۇن(ۋە تاختا كومپىيوتېر)ىمىزنىڭ سىستېما نەشىرى ئاندىروئىد4.1 ۋە ئۇنىڭدىن يوقۇرى بولسا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ 1.4.1نەشىرىنى قاچىلىماي(ياكى ئۆچۈرۋېتىپ)، Uyghurche Kirguzguch3.2.3نى قاچىلىساق،(ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ بۇ نەشىردىمۇ قاچىلاپ بولۇپ ئاۋۋال ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچنى قوشىمىز،ئاندىن ئارقىغا چېكىنىپ ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈچنى تاللايمىز.)خەت كىرگۈزگۈچلەرنى ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ،ھەممىباب كىرگۈزگۈچنى قاچىلاشنىڭ زۈرۈريىتى يوق.
لۇغەت ئىشلەتكەندە ياكى باشقا خەت يازغاندا«ئۇ»،«U»،«中»ۋە«En»نى تاللاش ئارقىلىق خەت كىرگۈچنى ئۇيغۇر كونا يېزىقى،ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى،خەنزۇ يېزىقى ياكى ئىنگلىز يېزىقىغا بىۋاسىتە ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.
ئەگەر كۆزىمىز ئاجىز ياكى يېقىنى كۆرەلمەيدىغان كېسىلىمىز بولسا، لۇغەتنىڭ «تەڭشەش»كونۇپكىسىنى چېكىپ (بۇ كۇنۇپكا لۇغەتنى ئېچىۋېتىپ، ئېكىراننىڭ ئاستىدىكى سىزىقچىلارنى چەكسەك ئېچىلىدۇ)خەت چوڭلىقىنى ئۆزىمىز خالىغان چوڭلۇقتا تاللىۋالساق، ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە خەت،پىنيىن ۋە تون بەلگىلىرىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرەلەيمىز.
بەزىدە خەنزۇچە خەتلەرنى ئوقۇيالماي ھەم 拼音ئارقىلىق يازالماي قالغاندا قانداق قىلىمىز؟ خېلى نۇرغۇن خەنزۇچە خەت كىرگۈزگۈچ(ئەپ)لەرنىڭ بارماق بىلەن خەت يېزىش ئىقتىدارى بار.لۇغەت ئېچىلغاندا كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ رەسىمىنى چېكىش ئارقىلىق خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
مەسىلەن :手写چېكىلسە خەنزۇچە خەتنى بارماق بىلەن تېلېفۇن ئېكىرانىغا يازغىلى بولىدۇ. ئەگەر بېرىلگەن كۆزنەككە خەتنى پاتقۇزالماي قالغاندا،ئاستىدىكى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدىكى رامكا چېكىلسە،پۈتۈن ئېكىرانغا خەت يازغىلى بولىدۇ.
ئەگەرخەتنى تولۇق يېزىپ يېتىشىپ بولالماي قالغاندا، شۇ كىرگۈزگۈچتىكى تەڭشەش (设置)ئارقىلىق قول بىلەن تەڭشەش (设置手写)ئېچىلىدۇ. ئاندىن سۈرەت پەرقلەندۈرۈش (识别速度)ئېچىلپ، سىيرىلمە تاياقچا تېز (快)تەرەپتىن ئاستا(慢)تەرەپكە قارىتىپ سىيرىلدۈرىلىدۇ.خەتنى توم يېزىش ئۈچۈن سىيرىلمە تاياقچە ئىنىچكە(细)تەرەپتىن توم(粗) تەرەپكە قاراپ سىيرىلدۈرىلىدۇ. بۇ چاغدا خەتنى بارماق بىلەن ئالدىرماي يازساقمۇ شۇ خەت،ئۇنىڭ پىنيىنى ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنى بىلەلەيمىز.
(تېلېفۇنغا تولا ئويۇن چۈشۈردىغان)بەزىلەرنىڭ تېلېفۇندىكى بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى تۇرۇپلا نورمال ئىشلىمەس بولۇپ قالىدۇ. بۇ بولسا لۇغەت ئامبىرىدىكى بىرقىسىم ھۆججەتلەرنىڭ يۈتۈپ كىتىشىدىن بولغان ئىش.ئوڭشاش ئۇسۇلى تېلېفۇن بىلەن سىغىم كارتىسىنىڭ غول مۇندەرىجىسىدىكى SYS_AMBAR دېگەن ھۆججەتنى ۋە باشقا بىرقىسىم كېرەكسىز ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈپ مەلۇم سىغىمدا بوشلۇق ھازىرلاپ بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتىنى قايتا قاچىلاش. ئىچىدىكى بىرقىسىم ھۆججەتلەر يۈتۈپ كەتكەن ھۆججەت ئامبىرى SYS_AMBAR نى ئۆچۈرۋەتمەي بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى قايتا-قايتا قاچىلانسىمۇ،لۇغەت يەنىلا نورمال ئىشلىمەيدۇ.لۇغەتنى قاچىلاش تاماملانغان (应用程序己安装)دا تامام چېكىلمەي،ئېچىش(打开)نى چېكىلسە،ئاۋال «لۇغەت ئامبىرىنى تەييارلاۋاتىدۇ…» دېگەن ئۇچۇر،ئاندىن«ئەپنى قايتا قوزغىتىڭ!لۇغەت ئامبىرىنى چۈشۈرۈش تاماملاندى!»دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ. «لۇغەت ئامبىرىنى تەييارلاۋاتىدۇ…» دېگەن ئۇچۇر،ئاندىن«ئەپنى قايتا قوزغىتىڭ!لۇغەت ئامبىرىنى چۈشۈرۈش تاماملاندى!»دېگەن ئۇچۇرنىڭ چىقمىغانلىقى لۇغەت ئامبىرىنىڭ تەييارلانمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھالدا قارىماققا نورمال قاچىلانغاندەك قىلغان بىلەن لۇغەت نورمال ئىشلىمەيدۇ.
توردا خەنزۇچە ئوقۇش،يېزىش ۋە سۆزلىشىشنى ئۆگىنىشكە دائىر يەنە نۇرغۇن ياخشى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئەپلەر بار. قالغان ئەپلەرنى ئىشلىتىشنى مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈپ ئولتۇرمىساممۇ يوقاردا مەن مىسال كەلتۈرگەن ئەپلەرنى ئىشلىتەلىگەن ھەرقانداق بىر ئادەم،باشقا ئەپلەرنىمۇ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ.
ئەسكەرتىش:يوقاردا مەن مىسال كەلتۈرگەن 19 ئەپنىڭ ئومۇمى سىغىمى ئاران MB 156كەلدى.دېمەك،تېلېفۇن ياكى سىغىم كاتىسىدا يېرىم جى ياكى ئۇنىڭدىن بوشلۇق بولسىلا يوقارقى بارلىق ئەپلەرنى بىرلا ۋاقىتتا قاچىلاپ بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ دېگەن گەپ.
ماقالىدەتىلغا ئېلىنغان خەنزۇچە ئەپلەرنى 百度نى ئېچىپ ئىزدىتىپ ھەقسىز چۈشۈرگىلى بولىدۇ.ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىمۇ تۆۋەندىكى ئېلېكتىرون شىركەتلىرىنىڭ ئەپ بازىرىغا كىرىپ خالىغانچە ھەقسىز چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
مۇئەللىم ئەپلىرى:
ۋە قىياس ئەپ بازىرى،قۇتلان ئەپ بازىرى،زامانەم ئەپ بازىرى…..قاتارلىقلار.
2015-يىل1-ئاي، باي ( تامام )
ئەپلەرنىڭ نەشىرى توختىماي يېڭىلىنىپ تۇرىۋاتقان بولغاچقا قانچە يېڭى نەشىرى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىلسە،ئەپنىڭ تېخمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ يېڭى ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلانغىلى بولىدۇ. مەن بۇ ماقالىنى يېزىپ بولۇپ تۆت ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قارىسام بىرمۇنچە ئەپلەرنىڭ ئېقتىدارى تېخىمۇ كۆپىيىپتۇ ۋە قولايلىشىپتۇ. ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر،يوقارقى ئاددىي ساۋاتلارنى كۆپ قىسىم تورداشلار بىلىسىلەر. بۇ ماقالىنى بىلمەيدىغانلارمۇ بار دەپ شۇلارغا يازدىم.ناۋادا يولۇققان مەسلىلەر بولسا ئىنكاس يازساڭلار قولۇم كۆكسۈمدە.
2015-يىل 6-ئاي، باي
بۇ ماقالىنى ئۈچكە بۆلۈپ يوللىغان ئىدىم.
ماقالىنىڭ 1-قىسىمى بۇ يەردە
ماقالىنىڭ 2-قىسىمى بۇ يەردە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-7-28 03:56 PM