مىسرانىم مۇنبىرى

  • korlaayxamsadir 2 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇخۇ گۈشى،نۇقۇت،زەنجىۋىل قاينىتىپ ئىچسىڭىز زۇكام،يۆتەل توختايدۇ

  • boran114 تۈنۈگۈن 10:09 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    سوغۇقتىن تىتىئېئىدىم،ئىسسقتىن تەرلىدىم،ھەممىسىن بىزار بولدۇم،چۈنكى مە...

  • قورغان تۈنۈگۈن 06:32 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھەممىڭلارغا شادلىق يار بولغاي!

  • iptihar2014 تۈنۈگۈن 03:50 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    شۇنداق بىر كۈنلەر باركى كۈلەي دىسىڭىز كۈلەلمەيسىز يىغلاي دەيسىز يىغلىيا.....

  • korlaayxamsadir تۈنۈگۈن 05:24 AM [ئىنكاس(0)] [...]

    بەخىت، ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن

  • maripatogli ئۈلۈشكۈن 09:55 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    يەتتە كۈن بۇرۇن يوللىغان تېمام قاچان تەستىقلىنار .

  • زۇبەييا ئۈلۈشكۈن 06:01 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى سېغىندىم . . . . .

  • HALIS1 ئۈلۈشكۈن 05:31 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    زەھەر ئاز بولسىمۇ يەنىلا جاننى ئېلىشقا يارايدۇ

  • پادىشاھ ئۈلۈشكۈن 04:57 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    نادانلىق مىللەتنى ھالاكەتكە باشلايدۇ.

  • tumaris01 ئۈلۈشكۈن 01:08 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    چىۋىقنى كۆك چېغىدا ھەريانغا ئەگكىلى بولىدۇ ، قۇرۇپ قالغاندا ئاسان سۇنار.......

كۆرۈش: 1886|ئىنكاس: 6

كىسەل كۆرسىتىشنىڭ ئىپى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

9

يازما

13

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 121495
يازما سانى:
9
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
62
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
18 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-6-18
ئاخىرقى:
2015-8-25
كىسەل كۆرسىتىشنىڭ ئىپى
ئالىمجان قادىر شىپائىي
     نۆۋەتتە كىشلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ، ياشانغانلارنىڭ  كۈپىيىشى،مۇھىتنىڭ بولغۇنىشى،تۇرمۇش بېسىمىنڭ بارغانچە ئېشىشىغا  ئەگىشىپ،ھەر خىل كىسەللەر   بارغانچە كۈپىيىپ بارماقتا.چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ كىسەل كۆرسىتىدىغان بىمارلار تېخىمۇ كۆپ.بەزى كىشلەر كىسەل كۆرسىتىشنىڭ تەرتىپىنى،قانداق بۇلۇمدە كۈرۈنىشنى،قانداق تەييارلىق قىلىش كىرەكلىكىنى تازا ئىنىق بىلمىگەچكە،دوختۇرخانىغا قايتا-قايتا قاتىرايدىغان،ئارتۇقچە ئۈچىرەت تۇرىدىغان،ئەڭ مۇھىمى ئۇرۇنسىز ئىقتىسادى چىقىمدىن باشقا كىسەلنى دەخلى قىلىپ قۇيىدىغان ئەھۋاللار بىر قەدەر كۆپ.
   دوختۇرخانىلار ئادەتتە ئامبۇلاتۇرىيە ۋە بالنىسىتتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم بۇلەكتىن تەركىپ تاپقان بۇلىدۇ.ھەر قانداق بىمار دوختۇرخانىغا بارغاندىن كىيىن ئاۋۋال نۇمۇر ئېلىپ، ئامبۇلاتۇرىيەدە كۈرۈنىدۇ،كىسەل ئەھۋالىغا قاراپ بەزى تەكشۈرۈشلەر ۋە داۋالاشلارنى  قىلىشى مۇمكىن،دۇختۇر مۇرەككەپ ياكى ئېغىر دەپ قارىغان بىمارلارنىڭ بالنىسىتتا يېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
     ئامبۇلاتۇرىيەلەر ئادەتتە كىسەل تۈرىگە قاراپ چوڭ جەھەتتىن ئىچكى كىسەللىكلەر،تاشقى كىسەللىكلەر،ئاياللار كىسەللىكلىرى ۋە بالىلار كىسەللىكلىرى ئامبۇلاتۇرىيىسى دەپ تۆت چوڭ تۈرگە بۇلىنىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر،ئېغىز بوشلىقى كىسەللىكلىرى ئامبۇلاتۇرىيىسى قاتارلىقلار بۇلىدۇ.كىسەللىك خاراكتىرىگە قاراپ،ئاستا خاراكتىرلىك كىسەللەر ئامبۇلاتۇرىيىسى ۋە جىددى كىسەللەر ئامبۇلاتۇرىيىسىگە،دوختۇرنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ،ئادەتتىكى ئامبۇلاتۇرىيە،مۇتەخەسىسلەر ئامبۇلاتۇرىيىسى ۋە ئالاھىدە ئامبۇلاتۇرىيەگە بۈلىنىدۇ.  
     ئۇنىڭدىن باشقا چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ بۇلۇملىرى ئادەمنىڭ ھەر قايسى سېستىمىلىرى ياكى تېنىنىڭ ئوخشىمىغان بۈلەكلىرى بۇيىنچە تېخىمۇ ئىنچىكە بۇلۇنگەن بۇلىدۇ؛مەسىلەن ئىچكى كىسەللەر بۇلىمى ئۆز ئىچىدىن يەنە يۈرەك –قان تۇمۇر كىسەللىكلىرى،نەپەس يۇلى كىسەللەر بۇلىمى،ھەزىم يۇلى كىسەللەر بۇلىمى  ،نېرۋا كىسەللەر بۇلىمى،قان كىسەللەر بۇلىمى ،بۆرەك كىسەللەر بۇلىمى قاتارلىقلارغا ،تاشقى كىسەللەر مىڭە تاشقى كىسەللەر بۇلىمى،كۆكرەك كىسەللەر تاشقى بۇلىمى،يۈرەك كىسەللەر تاشقى بۇلىمى،ئادەتتىكى تاشقى كىسەللەر بۇلىمى،سۈڭەك كىسەللەر بۇلىمى   ،كۆز كىسەللەر بۇلىمى قاتارلىقلارغا بۈلىنىدۇ.ھەر بىر سېستىما كىسەللىكلىرى يەنە ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن ئىككىلەمچى كەسىپلەرگە بۇلىنىدۇ.
    بىمارلار دوختۇرخانىغا بېرىشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق تەييارلىق قىلىپ،كىسەل كۆرسىتىشنىڭ تەرتىپىنى ۋە ئۈزى كۈرۈنىشكە تىگىشلىك بۇلىمنى ئىنىق بىلىۋالغاندا ،ۋاقىت ۋە ئىقتىسادىنى تىجىگەندىن باشقا ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىكلەردىن ساقلىنالىشى مۇمكىن.شۇڭا كىسەل كۆرسەتكۈچىلەرگە تۈۋەندىكىدەك تەكلىپ بىرىمەن؛
1،جىددى كىسەللىك ئەھۋالىغا يۇلۇققاندا ،يەنى تاشقى زەخمە،تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك-مىڭە كىسەللىكلىرى،يۇقىرى تېمپۇراتىرلىق قىزىتما قاتارلىقلار ئەڭ تىز سۈرئەتتە 120ياكى باشقىلارنىڭ ياردىمىدە ئۈزىگە ئەڭ يېقىن بولغان دوختۇرخانىنىڭ جىددى داۋالاش بۇلىمىگە بېرىشى كىرەك.دوختۇر تەكشۇرۇپ كۆرگەندىن كىيىن،كىسەل ئەھۋالىغا قاراپ،شۇ يەردە داۋالايدۇ،باشقا مۇناسىۋەتلىك بۇلۇملەرنىڭ دوختۇرلىرىنى چاقىرىپ،بىرلەشمە دىئاگىنۇز قۇيىدۇ ۋە ياكى باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانلارغا يۆتكىلىشنى ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ.
2،بىمار دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كىيىن ئۈزىنىڭ قايسى بۇلۇمدە كۈرۈنىشى لازىملىقىنى بىلمىسە ئەڭ ياخشىسى ئامبۇلاتۇرىيەدىكى مەسلىھەت بىرىدىغان يىتەكچىلەرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشى مۇۋاپىق.
3،تۇنجى قېتىم دوختۇرخانىغا كەلگەن،كىسەللىك ئەھۋالى ئىنىق بولمىغان،قۇلىدا ھېچقانداق قۇشۇمچە تەكشۈرۈش ماتىرىياللىرى بولمىغان،ياكى بىرەر دورا ئېلىش ياكى تەكشۈرۈش قىلىش مەقسىتىدە كەلگەنلەر ئادەتتىكى دوختۇرلار ئامبۇلاتۇرىيىسىدە كۈرۈنگىنى مۇۋاپىق.چۇنكى ئۇنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۈۋەن،دوختۇرلار سانى كۆپ بۇلۇپ،كۈرۈنۈش سۈرئىتى تىزرەك،ئەڭ مۇھىمى ئادەتتىكى ئامبۇلاتۇرىيىكى دوختۇرلار نىسبەتەن مۇقىم بۇلۇپ،ئادەتتەدوختۇرخانلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، 1-6ئايدا بىر قېتىم ئالمىشىدۇ.  بىمارلار مەلۇم بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئالغاندىن كىيىن،تىزلا شۇ دوختۇرنى تاپالايدۇ،كىسەلنىڭ تىزلىكتە ئىنىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ.ئەكىسچە مۇتەخەسىسلەر ئادەتتە ھەر ھەپتىدە يېرىم كۈن ياكى بىر كۈنلا ئامبۇلاتۇرىيەدە كىسەل كۆرگەچكە بىمارلار نىسبەتەن كۆپ،ئۈچىرەت ساقلاش ۋاقتى ئۈزۈن بۇلىدۇ.مۇھىمى مەلۇم تەكشۈرۈشنى تاماملىغاندىن كىيىن قايتا كۈرۈنىشكە توغرا كەلسە بىر ھەپتە ساقلاشقا مەجبۇر بۇلىدۇ.
4،ھەر خىل تەكشۈرۈشلەرنى قىلغان بولسىمۇ دىئاگىنۇزى ئىنىق بولمىغان،كىسەل ئىنىق بولسىمۇ قانداق داۋالاش قوللۇنىشتا بىر قارارغا كىلەلمىگەن،داۋالاش جەريانىدا يېڭى مەسىللەر كۈرۈلگەن ۋە ياكى دورا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن بىمارلار ئەڭ ياخشىسى شۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەرگە كۈرۈنگىنى ياخشى.چۇنكى مۇتەخەسىسلەر شۇ ساھەدە كۆپ يىللىق نەزىرىيە ۋە ئەمىلى تەجرىبىگە ئىگە بۇلۇپ،مۇرەككەپ،قىيىن بولغان،ئاز كۈرۈلىدىغان كىسەللىكلەرنى داۋالاشقا ماھىر كىلىدۇ،ھەر بىر بىمارنىڭ كونكىرىت ئەھۋالىغا ئاساسەن داۋالاش قىلىدۇ،كىسەللىك ئەھۋالىنى ، داۋالاشنىڭ قىسقا مەزگىللىك ۋە كىيىنكى ئۈنىمىنى نىسبەتەن توغرا مۆلچەرلىيەلەيدۇ.
مۇتەخەسىسكە كىسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇنىڭ ئامبۇلاتۇرىيەگە چىقىدىغان ۋاقتىنى ئىنىق بىلىۋېلىش،ئۈزىدە بار بولغان بۇرۇنقى كىسەللىك ئارخىپى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قۇشۇمچە تەكشۈرۈش ماتىرىياللىرىنى ئمكان قەدەر تۇلۇق ئېلىۋېلىش كىرەك.شۇندىلا مەسىلە بىر قېتىمدىلا ھەل بۇلىشى مۇمكىن.
5،يۇقىرى قان بېسىمى،قەنىتلىك دىئابىت قاتارلىق بىراقلا ساقايمايدىغان كىسەللەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلار مۇمكىن قەدەر باشتىن-ئاخىر بىر دوختۇردا داۋالانغىنى ياخشى.بۇنداقتا دوختۇر كىسەللىك ئەھۋالىنى ئىنىق بىلگەچكە،ئۈنۇملۈك داۋالاشقا،ئەگەشمە كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.دائىم دوختۇر ئالماشتۇرۇپ تۇرغاندا ھەر بىر دوختۇرنىڭ دورا ئىشلىتىش ئادىتى ئوخشاش بولمىغاچقا،كىسەللىكنىڭ مۇقىم كونتىرول بۇلىشىغا پايدىسىز.
6،كىسەل ئەھۋالى بىر قەدەر مۇرەككەپ بۇلۇپ،قانداق قىلىشنى بىلەلمىگەندە  ياخشىسى ئوخشىمىغان دوختۇرلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغان ياخشى،يەنە بىر قارارغا كىلەلمىگەندە مۇۋاپىق دورا ئىچىپ،كۈزۈتۇپ بېقىش كىرەك،ۋاقىت- ھەممىنى تۇغرا ئايرىغۇچى.مەسىلەن؛ئۆپكىدە مەلۇم بىر ئۆسمە بايقىلىپ،ئۇنىڭ راك ياكى ياخشى سۈپەتلىك كىسەللىكىنى ئىنىق ئايرىش مۇمكىن بولمىغاندا،نەپەس كىسەللىرى،ئۆسمە كىسەللىرى ۋە مەخسۇس ئۆپكە تۇبىركىيۇلىزنى داۋالايدىغان دوختۇرلارغا كۈرۈنۇپ بېقىڭ.يەنىلا ئىنىق بولمىغاندا ئوبدان كۈتۈنۇپ،ئىككى ھەپتىدىن-بىر ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا بىر قېتىم رەسىمگە ئالدۇرۇپ تەكشۇرتۈپ تۇرۇڭ.ئەگەر ھېچقانداق ئۆزگۇرۇش بولمىسا ياخشى سۇپەتلىك ،ئۆسمىدە چۇڭىيىش ياكى باشقا ئەھۋاللار كۈرۈلسە يامان سۇپەتلىك دىگەن گەپ. قانداق داۋالاش قۇللۇنىشتا دوختۇرنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلغان ياخشى،چۇنكى ئۇ قانداق قىلسا ياخشى بۇلىدىغانلىقىنى سىزدىن بەكرەك بىلىدۇ.
7،  تەكشۈرۈشكە قۇلاي بۇلىشى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئاچ قۇساق، يىشىنىشكە ئاسان بولغان كىيىملەر بىلەن كىلىش كىرەك.
8،ھازىر كۈپىنچە دوختۇرخانلار تور ۋە تېلىفۇن ئارقىلىق ئالدىن كىلىشىشنى يولغا قويدى،ئۈزىنىڭ قايسى بۇلۇمدە كۈرۈنىدىغىنى ئىنىق بىلىدىغانلار ئالدىن كىلىشىپ قويسا تېخىمۇ ياخشى.

ئالىمجان قادىر؛شىنجاڭ تىببي ئونىۋېرىستىتى 1-دوختۇرخانىسىدىن
ئەسكەرتىش؛مەزكۇر ئەسەر «شىنجاڭ ياشلىرى»نىڭ 2015-يىللىق7-سانىدا ئېلان قىلىنغان.مەنبەنى ئەسكەرتىپ باشقا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنسا بۇلىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xipayi7510 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-1 12:45 AM  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئەرلىك غورۇر بىرنجى

17

تېما

772

يازما

789

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 38587
يازما سانى:
772
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5897
تۆھپە :
196
باھا :
182
توردا:
335 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-4-24
ئاخىرقى:
2015-12-20
ۋاقتى: 2015-8-1 02:00:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەش ئالتە يىل بوپ قالدى كىسەل دىگەن نەرسىدىن نىرى بولۋاتقاچقىمىكى ،كىسەل دىگەن سۆزمۇ يىڭى تۇيلىپ قالدى . شۇڭا مىدىتسىناغا بولغان قىزقىشىممۇ تۆۋەنلەپ كىتىپتۇ . بۇرۇن ئوزۇقلۇق ئىلمىغا بەك قىزقاتتىم .   ئىش قىلىپ پالۋان ئابدىرشىتخان ئىيتقاندەك چىنقىش ئەڭ ئالى تىبابەت .

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

دوختۇر ئۈندىدار:xipalih

35

تېما

450

يازما

485

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 110519
يازما سانى:
450
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
907
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
305 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-10-11
ئاخىرقى:
2015-12-10
ۋاقتى: 2015-8-1 13:41:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخىشى تېمىكەن  رەھمەت  

ئادەم - ئۇ ئەڭ ئا

5

تېما

394

يازما

399

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 44751
يازما سانى:
394
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4630
تۆھپە :
249
باھا :
236
توردا:
1063 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-6-18
ئاخىرقى:
2015-10-22
ۋاقتى: 2015-8-1 23:18:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ساۋاتكەن ..........
تەۋەككۇل قىلىپ ماڭغاندىن مىڭ ھەسسە ياخشى

ئادەم ئۇ - ئەڭ ئاخىر بىر ئۇچۇم تۇپراق.......

2

تېما

196

يازما

198

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 105097
يازما سانى:
196
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
702
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
165 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-3-20
ئاخىرقى:
2015-12-14
ۋاقتى: 2015-8-2 09:33:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيۋى ئەھمىتى زور تىما بوپتۇ

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

5

تېما

2915

يازما

2920

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82336
يازما سانى:
2915
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8162
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2330 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-7-1
ئاخىرقى:
2015-12-12
ۋاقتى: 2015-8-2 10:41:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇتەخەسسلەر ھەپتىدە يىرىم كۈن كىسەل كۆرسە قالغان ۋاقىتتا   باشقا يەردە ئىشلەمدىغاندۇ  

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

4

تېما

9

يازما

13

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 121495
يازما سانى:
9
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
62
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
18 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-6-18
ئاخىرقى:
2015-8-25
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-2 11:20:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇتەخەسىسلەر ئادەتتە ھەپتىدە بىرەر قېتىم ئامبۇلاتۇرىيەدە كىسەل كۈرىدۇ،قالغان ۋاقىتتا بالنىستا ياتقان كىسەللەرنى داۋالايدۇ،ئوپىراتسىيە ئىشلەيدۇ،كىچىك دوختۇرلارغا دەرىس ئۈتىدۇ.پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللۇنىدۇ .قىلىدىغان ئىشلار بەك كۈپ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号

GMT+8, 2015-12-26 04:47 AM, Processed in 0.049184 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش