مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6187|ئىنكاس: 34
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يېڭى ئۇقۇم ساغلاملىق سوپۇنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107123
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2014-5-25
ئاخىرقى: 2015-9-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-6 10:40:26 PM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش

يېڭى ئۇقۇم ساغلاملىق سوپۇنى


(يېڭىچەسوپۇن ئىشلەپچىقىرىش تۈرىگە مەبلەغ سېلىڭ)


埃杜升 内全-08.jpg



سوپۇن تۇرمۇشىمىزدا ھامان ئىشلىتىش زۆرۈر بولىدىغان بويۇم بولۇپ ھازىرقى بازاردا سېتىلىۋاتقان سوپۇنلارنىڭ تۈرى كۆپ،  سانى جېق بولسىمۇ يېقىنقى ئون يىلدىن بېرى سۈپەت جەھەتتە چوڭ ئىلگىرلەش بولمىدى، چۈنكى سوپۇننىڭ ئىشلىتلىشىدىكى مەۋقە پەقەت كىر چىقىرىشتىنلا ئىبارەت بىر نوقتىغا مەركەزلەشتى، پەقەت خېمىيىلىك ئۇسۇلدا ئايرىپ چىقىرىلغان تەركىپلەرلا كىر ئالالايدۇ، سوپۇننىڭ كىر چىقىرىشتىن باشقا رول ئېلىش مۈمكىن ئەمەس دەپ قارىلىپ كەلدى. شۇڭا ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك ئۆزگىرىش بارلىققا كىلىپ باقمىدى.

  شىركىتىمىزقۇرۇلۇشتىنلا ساغلاملىقنى ئاساسى مەقسەت قىلپ كەلدى، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ساغلاملىق: ئوزۇقلىنىش، كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن سۇ، تۇپراق، ھاۋا، ئۆي بىزەك، سىگنال شۇنداقلا كىيىم-كىچەك قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا بۇنداق تۈرلەر  شىركىتىمىزنىڭ تەتقىقات ئوبىكتىلىرى بولۇپ يۇقۇرقى ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە تەتقىقات نەتىجىمىز بار . كىيىم-كېچەك 24 سائەت بەدىنىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، كىر بولغاندا دەرھال سوپۇن ئارقىلىق يۇيىمىز، كىيىم- كىچەكنىڭ سۈپىتىنى ياخشى ساقلاش بىلەن بىرگە ئۇنى ساغلاملىقىمىزغا تېخىمۇ پايدىلىق ھالەتكە كەلتۈرىشىمىز ئۈچۈن كىيىم-كېچەك تالا قېتىغا سوپۇندىن پايدىلىنىپ، ئوزۇقلۇق تەركىۋىنى سىڭدۇرشنى توغرا تاپتۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن سوپۇنغا ئۆزگەرتىش قىلىشىقا توغرا كىلىدۇ. خېمىيىلىك تەركىپ بىلەن تەبىئى تەركىپنى ئورگانىك بىرىكتۇرۈش زور تېخنىكىلىق مەسىلە بولۇپ ئون يىللىق تەتقىقات جەريانىدا 2010-يىلى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان، شۇ ۋاقىتتا مۇئەييەن دەرىجىدە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان، ئىشلەتكۈچىلەر ناھايىتى ئالقىشلىغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر سەنئىتىمىز ئىنتايىن قالاق بولغاچقا جاپالىق شارائىتتا ئىشلەپ چىقىرىلاتتى، ۋاقىت، زېھنىمىزنى كۆپ خورىتىۋەتكەن بولغاچقا ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش تۈرىمىزنىڭ  ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىىرى يىتىپ توختۇتۇپ قۇيۇلغان. شىركىتىمىز قارمىغىدىكى تارماق شىركەت-ئەپچىلەم ماشىنسازلىق شىركىتى زاۋۇت ئۈسكىنىلىرىنى ئاپتوماتلاشقان ھالەتتە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر سەنئىتىنى جاپالىق  تەتقىق قىلىپ يېقىندا تولۇق مۇۋاپىقىيەت قازاندى، (بۇ شىركەت ئەسلى قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ شەكىل نەزىريىسى تەجىربە ئۈسكىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان گورۇپپا بولۇپ شۇ ئاساسىدا قۇرۇلغان).


بىز ئىشلەپچىقارماقچى بولغان سوپۇنىمىز ئىلگىرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان سوپۇنلار بىلەن پەرىقلىنىدىغان يېڭىچە كىر يۇيۇش ئىدىيىسى ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ چىققان يېڭى ئۇقۇم سوپۇنى بولۇپ، كىر چىقىرىش ئونىمى ئالاھىدە يوقۇرى، ساغلاملىقنى چىقىش نوقتىسى قىلغان ئاساستا يوقۇرى تېخنىكا، پۈتۈن ئاپتوماتلاشقان ھالەتتە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ (بۇخىل تېخنىكا پەقەت ئۆزىمىزدىلا بولۇپ پاتىنتى ئۆزىمىزگە تەئەللۇق)، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنىمى يۇقۇرى تەننەرخى تۆۋەن، بولغىما چىقارمايدۇ، سوپۇننىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىدىكىسىمۇ ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان ھەرقانداق دەرىجىدىكى سوپۇنلاردىن سۈپەت جەھەتتىن يوقۇرى تۇرىدۇ، بۇ خىل سوپۇن ساغلاملىقنى چىقىش نوقتىسى قىلغان بولۇپ، كىيىم تالالىرى قېتىغا سوپۇن ئارقىلىق ئوزۇقلۇق تەركىۋنى سىڭدۈرۈپ، تېرە ھۈجەيرىلىرىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرىتىش ئارقىلىق تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۇلغۇنىشىدىن كىلىپ چىقىدىغان كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەخسەت قىلىدۇ. يۇقۇرقى ئۈنۈمدىن باشقا كىيىم-كېچەك تالا قاتلىرىغا سىڭىپ كەتكەن كىرلارنى تولۇق چىقارغاندىن سىرت تالا توقۇلمىلىرىنى ئاسراپ يۇمشاق، جۇلالىق ھالىتىنى ساقلايدۇ. قولدا يۇيغاندا تەركىۋىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار قول تېرىسى ھۈجەيرىلىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچرۇشۇپ ھۈجەيرىنىڭ ساغلاملىغىنى قوغدايدۇ.  نوۋەتتىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا بىرئادەمنىڭ ھەر كۈنلىك سوپۇن پارشۇكى ئىشلىتىش مىقدارى يۈز گىرامدىن يوقۇرى توختايدۇ. ئون مىليون ئاھالىنىڭ بىر كۈنلىك سوپۇن ئىشلىتىش مىقدارى 1000 توننا ئىستىمال قىلىنىپ تۈگەيدۇ.  مەبلەغنىڭ قايتىپ كىلىش سۈرئىتى تېز. بۇ تۈرنىڭ ئىستىقبالى ئىنتايىن كەڭ.  

پاي نىسبىتى شەكلى: شېركتىمىز %55، پاي  قوشقۇچىلار % 45 نىسبەت بويىچە ھىساپلىنىدۇ. قوشۇدىغان مەبلىغى ئەڭ توۋەن بولغاندا  100مىڭ يۈەندىن كەم بولماسلىقى كېرەك.


بۇ خىل سوپۇن ئۈچ خىل ئۆلچەم بويىچە ئىشلىنىدۇ.

بىر خىلى يۇقۇرى ئىستىمال كىشىلىرى ئۈچۈن لايھەلەنگەن بىر كىلو سوپۇننىڭ پۇتۇپ چىقىش تەننەرقى5.00-5.50 يۈەنگىچە  بولىدۇ.

توپ تارقىتىش باھاسى 8.00- 8.50يۈەنگىچە بولىدۇ. پارچە سېتىلىشى باھاسى 13.50- 15.00 يۈەنگىچە بولىدۇ.

بىر كۈندە10 توننا ئىشلەنسە قالىدىغان ساپ پايدا 30 مىڭ يۇەن بولىدۇ.


ئوتتۇرا دەرىجىلىكلىرى بىر كىلو سوپۇننىڭ پۈتۈپ چىقىش تەننەرقى 4.00-4.50 يۈەنگىچىلىك بولىدۇ. توپ باھاسى 7.00-7.50 يۈەنگىچەبولىدۇ.

پارچە سېتىلىش باھاسى 10.00-12.00يۈەنگىچە بولىدۇ.

بىر كۈندە10 توننا ئىشلەنسە ساپ پايدا 30 مىڭ يۈەن بولىدۇ.

توۋەن دەرىجىلىك ئىستىمالچىلارغا ئىشلىنىدىغىنى بىر كىلوسىنىڭ تەننەرقى 3.50-4.00 يۈەن بولىدۇ. توپ تارقىتىش باھايىمىز 5.50-6.00يۈەنگىچە بولىدۇ.

ساپ پايدىسى10 توننىدا 20 مىڭ يۈەن ساپ پايدا قالىدۇ.

بىزنىڭ قۇرماقچى بولغان زاۋۇتىمىز كۇنىگە 50توننا ئىشلەپچىقىرالايدۇ.

ئالى دەرىجلىك سوپۇندىن كۈنىگە 10 توننا ،ئوتتۇرا دەرجىلىك سوپۇندىن كۈنىگە 20توننا ،تۆۋەندەرجىلىك سوپۇندىن 20 توننا ئىشلەپچىقىرىدۇ.

  يۇقۇرقى ئۆلچەم بۇيىچە سوپۇنلار تولۇق سېتىپ چىقىرىلسا كۈنىگە  130 مىڭ يۈەن ساپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ.

300 كۈن *130مىڭ يۈەن= 39 مىليون بولىدۇ.

مەبلەغنىڭ قايتىپ كىلىش ۋاقتى بىر يېرىم يىل. تۇنۇتۇش جەريانى يېرىم يىل، يۇقۇرى ئۈنۈم يارىتىش جەريانى بىر يىل.

كىر يۇيۇش سۇيۇقلىقى


埃杜升 内全-09.jpg


  رولى ئقتىدارى ئۈستىدە سۆزلەنگەن مەزمۇن بىلەن ئوخشاش. نوۋەتتە كىر يۇيۇش سويۇقلىقىنى ئىشلىتىشنى ئاساس قىلدىغان ئىستىمالچىلاردائومۇمى يۈزلىك ھالدا كىر يۇيۇش سۇيۇقلىقى كىيىملەرنى ياخشى ئاسرايدۇ، يىنىك كىرلەرنى چىقىرالايدۇ، لىكىن ئېغىر كىرلەرنى نچىقىرالمايدۇ، كىر يۇيۇش پارشۇكى كىيىملەرنى زەخمىلەندۈرىدۇ، ئەمما ئېغىر كىرلەرنى تولۇق چىقىرالايدۇ  دەپ قارايدۇ، ئەمىليەتتىمۇ شۇنداق بولىۋاتىدۇ نوۋەتتە كىر يۇيۇش پارشۇكى بولسۇن كىر يۇيۇش سۇيۇقلىقى بۈلسۇن دۆلەت ئىچى ۋەسىرتىنىڭ ماركىلىرى بولۇپ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، سۈپەت جەھەتتىن ئانچە كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا باھا رىقابىتى ئويناپ ئىلگىركى بىر كىلو كىر يۇيۇش سۇيۇقلىقىدا ئون يۈەندىن  يىگىرمە يۈەنگىچىلىك پايدا ئالىدىغان ھالەتتىن 3-5 يۈەنگىچە پايدا ئالىدىغان ھالەتكە چۈشىپ قالدى. ئەمما ئايرىم ساندىكى سۈپىتى بىر قەدەر يۇقۇرى چەتئەل ماركىلىرىدىكى مەھسۇلاتلار يەنىلا يۇقۇرى پايدا ئېلىش ھالىتىنى ساقلاپ تۇرماقتا باھا رىقابىتىگە قاتناشقانلار تەننەرقىنى چۈشۈرۈشكە بىرىلىپ كىتىپ سۈپەت جەھەتتە كەتتۈرۈپ قويدى، لىكىن ئىستىمالچىلارنىڭ يۇقۇرى سۈپەتلىك بولسىلا باھاسىغا بەك قاراپ كەتمەي سېتىۋېلىش ئىدىيىسى كۈچەيمەكتە مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قويغان تەلىپىمۇ كۈندىن كۈنگە ئاشماقتا، لىكىن ئۇلارنىڭ تەلىپىدىكىدەك مەھسۇلات بازاردا يوق، (چەتئەل ماركىلىرىدىكى سوپۇنلار ئىچىدىمۇ بۇخىل ئېھتىياجنى قاندۇرالايدىغانلىرى يوق). بىزنىڭ بارلىق يۇيۇش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلىرىمىز مۇشۇ ئېھتىياجنى تولۇق قاندۇرالايدۇ. كىريۇيۇش سۇيۇقلىقىمىزنى ئەگەر 5 سائەتتىن ئارتۇق چىلاپ قۇيۇپ يۇسا چاپلىشىپ قالغان سىرنىمۇ چىقىرۋېتەلەيدۇ. دىمەك بىزنىڭ كىر يۇيۇش سۇيۇقلىقىمىز يۇقۇرقى ساغلاملىق جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقتىن باشقا كىر چىقىرىش جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلىككە ئىگە.  بۇ سوپۇن سويۇقلىقى مەخسۇس خەنزۇلار بازىرىنى ئاساس قىلىپ سېلىنىدۇ. نوۋەتتە ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ۋە ئوتتۇرادەرىجىلىك شەھەرلەردە %80 ئاھالە كىر يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى ئىشلىتىشنى ئاساس قىلىدىغان ھالەتكە ئۆتتى. ئادەتتە ھەربىر ئادەم بىر كۈندە 150-200 گىرامغىچەسۇيۇقلۇق ئىشلىتىدۇ. ئۈرۈمچى ئاھالىسىنى مىسالغا ئالساق مۇقىم ئاھالە كۆچمە نوپۇسنى قوشۇپ ھىساپلىغاندا ئەڭ ئاز بولغاندا 5 مىليون ئاھالە بار،  4 مىليون ئاھالە بىر كۈندە 600 توننا سوپۇن سۇيۇقلىقى ئىشلىتىدۇ. دىمەك بۇ بازار ئىنتايىن چوڭ.  

  ئالى دەرىجىلىكنىڭ بىر كىلوسى 23 يۈەن، توپ تارقىتىلشى  43يۈەن، پارچە سېتىلىشى 93يۈەن بىر كۈندە 20 توننا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. يەنى ئالى دەرىجىلىكتىن 5توننا *20يۈەن=100مىڭيۈەن*300كۈن=30مىليون كىرىم قىلىنىدۇ.

  ئوتتۇرا ھال دەرىجىلىكنىڭ بىر كىلوسى 15 يۈەن،توپ تارقىتىش باھاسى 22يۈەن، پارچە سېتىلىشى 48 يۈەن. ئوخشاشلا 20 توننا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

15 توننا* 7يۈەن = 105 مىڭ يۈەن*300 كۈن =31مىليون500مىڭيۈەن كىرىم قىلىنىدۇ.

بىر يىلدا جەمى 61مىليون 500مىڭ يۈەن ساپ پايدا ئېلىنىدۇ.

  كىتىدىغان مەبلەغ  12 مىليون. زاۋۇت ئۈچۈن بىر مىليون، ئېلان ئۈچۈن 3 مىليون، ئايلانما مەبلاغ ئۈچۈن 8 مىليون، مەبلەغنىڭ قايتىپ كىلىشى ئۈچۈن بىر  يېرىم يىل كىتىدۇ. (تونۇتۇش جەريانى بىريىل، يوقۇرى ئۈنۈم يارىتىش مەزگىلى يېرىم يىل).

قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقى

  بۇ سۇيۇقلۇققا ئىشلىتىلگەن تەركىپلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يىمەكلىكلەر تەركىۋىدىن ئاجىرتىپ ئېلىنغان تەبىئى تەركىپلەر بولۇپ قاچا-قۇچا، مىۋە-چىۋىلەرنى يۇغاندا ھېچقانداق خىېمىيىلىك تەركىپ ساقلىنىپ قالمايدۇ. يۇيغۇچىنىڭ قول تېرىسىنى تەبى تەركىپلەر ئوزۇقلاندۇرۇپ، يۈمران، سىلىق ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.

  ئالى دەرىجىلىكنىڭ بىر كىلوسى 3.50يۈەن، توپباھاسى 9.50يۈەن، پارچە سېتىلىش باھاسى 18.50 يۈەن.

ئوتتۇرا دەرىجىلىكنىڭ بىر كىلوسى 2 يۈەن، توپباھاسى 5.50 يۈەن، پارچە سېتىلىشى11.50 يۈەن.

  تۆۋەن دەرىجىلىكنىڭ بىر كىلوسى 1.50يۈەن توپسېتىلىشى 3.50 يۈەن، پارچە باھاسى 7.20يۈەن.

بىر كۈندە 40 توننا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

ئالى دەرىجىلىكى كۈندە5 توننا، ئوتتۇرادەېىجىلىكى 20 توننا، تۆۋەن دەرىجىلىكى 15 توننا ئىشلەپ چىقىرىلسا،

15توننا*2يۈەن=30مىڭيۈەن*300 كۈن= 9 مىليون يۈەن.

20توننا*3.50يۈەن=70مىڭيۈەن *300كۈن=21مىليون يۈەن.

5توننا*6يۈەن=30مىڭ يۈەن*300كۈن=9مىليون.

جەمى بىر يىلدا 39 مىليون يۈەن ساپ پايدائالغىلى بولىدۇ.

سېلىنىدىغان مەبلەغ 10 مىليون يۈەن. زاۋۇت قۇرۇشقا 2 مىليون يۈەن، ئايلانما مەبلەغ 7مىليون يۈەن، ئېلان ئۈچۈن بىر مىليون يۈەن. مەبلەغنىڭ قايتىپ كىلىش ۋاقتى بىر يېرىم يىل. تۇنۇتۇش جەريانى يېرىم يىل، يۇقۇرى ئۈنۈم يارىتىش جەريانى بىر يىل.  


  ساپپايدىنىڭ %10 تى پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . بۇ توختامغا ئېنىق يېزىلىدۇ.

  ئالاقىلىشىش تېلفونى: 15999152195  


مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنلىرى ئەتراپىدا ھەرقايسى جەھەتتىكى يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىمىزنى ۋە تۇر تونۇشتۇرۇش  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرىلىدۇ، قاتنىشىدىغانلار  تىزىملىتىش ئۈچۈن ئۆزەڭلىنى مەلۇم قىلىڭلا.


458032163782323093.jpg






ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش1 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0
ساغلاملىقتىن مەسلىھەت بىرىشكە ئەلدوست تەييار.
تېلفون:0991-2565551 2565517. 2561173.   -QQ:3152560031. 18130883099

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98672
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 273
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-10-13
ئاخىرقى: 2015-9-10
2#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 11:49:36 AM |ئايرىم كۆرۈش |
تەۋپىق مائارىپ تىل تەربىيلەش مەركىزىنى خەنزۇچە قانداق تەرجىمە قىلىدۇ؟ بىلىدىغانلار خەنزۇچىسى بىلەن پىنيىنىنى قوشۇپ يېزىپ قالدۇرغان بولساڭلار رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107123
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1372
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2014-5-25
ئاخىرقى: 2015-9-16
3#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 12:08:12 PM |ئايرىم كۆرۈش |
a2 001-.jpg

ساغلاملىقتىن مەسلىھەت بىرىشكە ئەلدوست تەييار.
تېلفون:0991-2565551 2565517. 2561173.   -QQ:3152560031. 18130883099

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1983
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4068
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 829 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-9-16
4#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 12:24:55 PM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
مېنىڭ  مەبلىغىم  يېتىشمەيدۇ، بولمىسا قاتنىشىدىغان تۈر ئىكەن …

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 124674
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-8-15
ئاخىرقى: 2015-9-11
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 01:08:25 PM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئەللىك مىڭ يۈەن بولسىمۇ بۇلامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 124674
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-8-15
ئاخىرقى: 2015-9-11
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 01:12:15 PM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئ‍ەگەر مەن ئ‍ەلدوسىت ئ‍وزۇقلۇق ئ‍ىچىملىكىگە ۋاكالەتچى بولماقچى بولسام قانداق رەمىيەتلەرنى ئ‍ۆتەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 3059
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12841
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2878 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-9-15
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 01:36:00 PM |ئايرىم كۆرۈش |
مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ زايۇم تارقاتساڭلا مەبلەغ مەسلىسى ھەل بولغۇدەك .

سۈكۈت ئاجىزلىقتىن ئەمەس ، سەۋىردىن بىشارەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3538
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11358
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1101 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-9-15
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 01:46:48 PM |ئايرىم كۆرۈش |
قوللاشقا تېگىشلىككەن، بۇ تۈرگە قىزىققانلار ئويلىشىپ باقسا بولغىدەك.
سوپۇن ھەقىقەتەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەم بوسا بولمايدىغان، ھەم بەك كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
ھازىر بارا-بارا سوپۇننىمۇ ماركىسىغا قاراپ، تاللاپ ئىشلىتىدىغانلار جىق.
بازار ئىگىلەشتە رىقابەت كەسكىن، يېڭىچە سوپۇن بازىرىدا ئورۇن ئىگەللىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

ھە راس، تېمىدا: كىر يۇيۇش سۇيۇقلىقىدا كىيىمنى 5 سائەت سۇغا چىلاپ قويسا، كىيىمگە چاپلىشىپ قالغان (سىرنىمۇ) چىقىرۋېتەلەيدۇ دىيىلىپتۇ، ئەگەر راست شۇندا بولسا بۇ كىيىمنىڭ رەڭگىنىمۇ چىقىرۋېتە-ھە.

بۈگۈنكى ئۆزۈڭنى باشقىلار بىلەن ئەمەس، تۈنۈگۈنكى ئۆزۈڭ بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۇر.  ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى.

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10751
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-9-13
9#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 02:33:43 PM |ئايرىم كۆرۈش |
5%پىرسەنت پايچىك بولۇش   ئۈچۈن قانچە  پۇل كىتىدۇ

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4375
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1064 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-9-15
10#
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-7 03:56:02 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ئىشلىرىڭلار نەتىجىلىك بولغاي .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 黔ICP备15011399号 )
چوققىغا قايتىش