ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن زور ئۈمۈت
شىركىتىمىز ئۇزۇن مەزگىلدىن بىرى ئەيدىز بىمارلىرىن داۋالاپ كەلگەن ئىدى، بۇ جەرياندا ھەر بىر بىماردا ئالاھىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلۈپ بىزنى ناھايىتى خوشال قىلىپ كەلدى، بىراق ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ پىسخىكىسى ئالاھىدە بولۇپ ئىلگىرى –كىيىنلىك سېلىشتۇرما قىلغىلى بولىدىغان ئىسپاتلىق تەكشۈرۈش قەغىزىنى بىزگە تاپشۇرۇشتىن ئۆزىنى تارتتى، (ئۇلار پەقەت ئېغىز ئارقىلىقلا نەتىنجىسىنى مەلۇم قىلىپ تۇردى)، بىزنىڭ مەجبۇرلاش ھوقوقىمىز بولمىغاچقا ئىلاجىسىز قېلىپ ئىسپاتلىق ماتىريالغا ئىرىشەلمىدۇق. بىز ئەمىلى ئسپاتلىق ماتىريالنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ئۇدا تىرىشقان بولساقمۇ ھۆكۈمەتنىڭ يولغا قويغان كەسپى چەكلىمىسى ۋە بۇ ساھەنىڭ نازۇكلىغى سەۋەبىدىن 2014-يىلغا كەلگەندىمۇ يەنىلا يىتەرلىك ماتىريالغا ئىرىشەلمىدۇق. شۇ سەۋەپتىن بۇ تۈرنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويالماي كەلگەن ئىدۇق. بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىمىزغا تەكشۈرۈش ئىسپات ماتىرياللىرىنى تولۇق تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن 2014- يىلى توختاملىشىپ ھەقسىز داۋالاشقا يۈز نەپەر بىمارنى داۋالاش پىلانىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئېلان قىلغان بولساقمۇ، ئەمما بىز بىلەن ھەقىقى توختاملىشىپ داۋالانغان بىمار يىگىرمىگىمۇ يەتمىدى. شۇنداق بولسىمۇ بىز بىلەن توختاملىشىپ ھەقسىز داۋالاشقا قاتناشقان 12نەپەر بىمار بىلەن ھەقلىق داۋالىنىپ نەتىنجىسىنى تاپشۇرۇشنى خالىغان بىمارلار10 نەپەرنى قوشقاندا جەمى 22نەپەر بىمار نىڭ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىگە ئىگە بولدۇق. (ھەقلىق داۋالانغانلار ئاساسەن تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى قولىغا ئالالماي ئېغىز ئارقىلىق نەتىنجىسىنى مەلۇم قىلغان). 12نەپەر ھەقلىق داۋالانغان بىمار ئىچىدە يېرىم يىللىق ۋە بىر يىللىق توختاملاشقانلار بولۇپ مۇشۇ يىل 10- ئاي ئىچىدە يىللىق ۋىروس مىقدارىنى تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئىلگىرى-كىيىنلىك نەتىنجىسىنى ئىسىمسىز ھالدا ئېلان قىلىمىز. CD4(ئىممونىت ھۈجەيرىسىنىڭ بىر تۈرى) تەكشۈرتىشىنى ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرىدىغان بولغاچقا تەكشۈرۈپ بولغان نەتىنجىلىرىنى ئەينەن چىقىرىپ قويدۇق. يەنە بىر قىسىم ھەقلىق داۋالانغان بىمارلار ئاللا بۇرۇن تەكشۇرۇپ بولغان نەتىنجىلىرىنى ھەر خىل سەۋەپتىن ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بولالمىدى. بۇلار ئەڭ ئاز داۋالانغانلىرى 3ئاي ئەڭ كۆپ داۋالانغانلىرى بىر يېرىم يىل داۋاملاشتۇرغانلار، ئۇلار داۋالاش ئۈنىمىدىن ناھايىتى رازى بولغاچقا بەزىلىرى CD4 نەتىجىلىرىنى تەمىنلەپ بەردى. بەزىلىرى ۋىروس مىقدارى تەكشۇرۇش نەتىنجىسى ئېغىزاكى تەمىن ئەتتى. ئەمىليەتتە ئۆز خىراجىتى بىلەن داۋالىنىۋاتقان ئەيدىز بىمارلىرى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ھىساپلىغاندا ھەر يىلى خېلى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار ئاساسى جەھەتتىن نەتىنجىلىرىنى تەمىنلىمەيدۇ،ئۇلار ھەتتا مەھسۇلاتنى ئۆزى كەلمەي باشقىلار ئارقىلىق سېتىۋالىدىغانلارمۇ بار، بۇ ھەممەيلەنگە چۈشىنىشلىك. مەقسىدىمىز داۋالاش ۋە داۋالاشنىڭ تەكشۈرۈش نەتىنجىسىنى قولىمىزغا ئېلپ بۇ نەتىنجىلەرنى ھوكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، بىز بۇ قېتم قولىمىزغا ئالغان تەكشۈرۈش نەتىنجىلىرى 20دىن ئارتۇق بولۇپ بىزنىڭئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالىشىمىزدا ئىمونىت كۈچىنى زور دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقى، ۋىروسنى ئۆلتۈرۈپ مىقدارىنى 50دىن تۆۋەن (50تىن تۆۋەن سان تەكشۈرۈش چىكىدىن تۆۋەن بولۇپ بۇ ساننى پەقەت بېيجىڭغا ئاپىرىپ تەكشۈرگەندىلا ئۇققىلى بولىدۇ)ھالەتكە ئەكىلەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى، ھازىرقى خېمىيىلىك ۋىروسقا قارشى دورىلارمۇ ئوخشاشلا ۋىروسنى تىزگىنلەپ 50دىن توۋەنگە چۈشۈرۈشتەك ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەنى ياراتتى، بىراق ئەكىس تەسىرى كۈچلىك بولغاچقا ئاشقازان، جىگەر، ۋە بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنى زەخمىلەندۈرۈپ ئاجىزلاشتۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلىۋاتىدۇ. ئەگەشمە كىسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنىمىمۇ ئانچە يۇقۇرى ئەمەس، ئەمما بىزنىڭ ھاياتلىق ئوزۇقلىقىنى ئاساس قىلىپ داۋالىشىمىزدا يۇقۇرقى ئەزالارنى قوغداپ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئەگەشمە كىسەللىكلەرنى يوقۇرى ئۈنۈمدە داۋالاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى . ئەمما ھازىرغىچە قولىمىزغا ئالالىغان كېلىنكىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئاز بولۇپ . بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى يەنىلا نەتىجە ئېلان قىلىشقا يىتەرلىك ئاساس بولالمايدۇ. يەنە كىلىپ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولغاچقا بىمارلارنى تولۇق ماسلاشتۇرالماي كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئىستاتستىكا قىلىش جەھەتتە مۇكەممەل ماتىريالغا ئىگە بولالمىدۇق. بۇ قېتىم شىركىتىمىز مەخسۇس تەربىيىلەنگەن كەسپى خادىملارنى ئاجىرتىپ گۇرۇپپا تەشكىللەپ تولۇق تەييارلىق قىلدى، ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسپى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى قوللايدىغانلىقى جەھەتتە ئىپادە بىلدۈردى، شۇڭا بىز يەنە بىر قېتىم غەيرەتكە كىلىپ ئۈرۈمچى غۇلجا ۋە قەشقەردە بىرلا ۋاقىتتا توختاملىشىپ ھەقسىز داۋالاشنى قارار قىلدۇق. بۇ قېتىملىق داۋالاش ئارقىلىق خەلقارالىق ئۆلچەمگە تۇشىدىغان ئىستاتىستىكىلىق ماتىريالغا ئىرىشىپ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقارادىكى نوپۇزلۇق ئىلمى ژورناللاغا سۇنماقچى، شۇڭا تىزىملاش ۋاقتى بىر ئايلا بولۇپ داۋالىنىشنى ئىختىيار قىلغانلار بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي تىزىملىتىشنى ئۈمىت قىلىمىز شەرتى ئۈچ شەھەردە مۇنتىزىم تۇرۇپ داۋالىنالايدىغان بولىشى، يېشى 60تىن تۆۋەن بولىشى، ئۈچ شەھەردە 100 دىن 300 كىشى بىلەن چەكلىنىدۇ. بىمارلارنىڭ مەخپىيەتلىكى قاتتىق ساقلىنىدۇ.
يۇقۇردىكى جەدىۋەلدىكى 22 نەپەر بىمارنىڭ تەپسىلى نەتىنجىسىنى كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزىدە ساقلاقلىق، ۋىروس مىدارى 50دىن توۋەن دىگەن سانلىق مەلۇماتنى بىمار بىزگە ئېغىزچە يەتكۈزگەن (ئۇلار تەكشۇرۇش نەتىنجىسىنى قولغا ئېلىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان) پەقەت مۇشۇ جەھەتتە قانۇنلۇق تەكشۈرۈش ھوقۇقى ۋە ئىجازەتنامە ئالغان خادىملەرگىلا بىمار قۇشۇلغان ئەھۋالدا كۆرسىتىپ بىرىمىز.
شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمىزكى:
بىز ئەسلىدە بۇ بىمارلارنىداۋالاشنىشېركەت قۇرۇلۇپ 2-يىلى يەنى 2009-يىلى 7- ئايدا تۇنجى بىمارنى قوبۇل قىلغاندىن باشلاپ ھەر يىلى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان، 2010-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يۇقۇملۇق كىسەل دوختۇرخانىسىدىكى بىر نەچچە دوختۇرنىڭ ياردىمىدە تەكشۈرتۈپ ئىگە بولغان نەتىنجىمىزنى شۇ يىلى ئۈرۈمچى تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدا مەخسۇس پىرگىرامما ئىشلەپئېلان قىلغان ئىدۇق. شۇ ۋاقىتتا جەمىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا بولغان ئىدى، گەرچە بىز ئەيدىز كىسىلىنى داۋالاشتا بەلگىلىك نەتىجىگە ئىرىشكەنلىكىمىزنى جاكارلاپ خوش بولغان بولساقمۇ باشقا تۈرلۈك كېسەل بىمارلىرىنى ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش مەركىزىمىزگە كىلىشتىن قورقۇدىغان بولۇپ قالدى، بىمارلىرىمىز ئازلاپ كىتىپ شىركەتنىڭ ئىختىسادى كىرىمىگە تەسىر يەتتى، شۇ سەۋەپتىن بىز داۋاملىق تەشۋىق قىلىشنى توختاتتۇق، بىراق بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات ۋە داۋالىشىمىزنى توختۇتۇپ قويماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق، تەجىربىلىرىمىز ئاشقانسىرى تەتقىقات جەھەتتە يىلمۇ-يىل ئىلگىرلەش كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بۇ يىل بارلىق بىمارلارنى داۋالاشقا ماس كىلىدىغان ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاشنىڭ ئۈنىمىنى ئاشۇردىغان، ئىكىلوگىيىلىك پەرۋىش ئارقىلىق داۋالاشتىن ئىبارەت يېڭى داۋالاش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتۇق، ھەمدە بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى بىمارلارغا كەڭ دائىردە قوللۇنۇپ زور نەتىجىگە ئىرىشتۇق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىرقىسىم ئەيدىز بىمارلىرى بىزنىڭ كۆرسەتمىمىز بويىچە ئائىلىسىدە تۇرۇپ بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللاندى، نەتىجىدە ئىلگىركى نوقۇل ئوزۇقلۇقىمىزنى ئىچىرىش ئارقىلىق داۋالاشقا قارىغاندا ئۈنۈم جەھەتتە تىز بولۇش، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جىسمانى قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، روھى كەيپىياتى جەھەتتە ئازادە ۋە تۇراقلىق بولۇش قاتارلىق مەقسەتگە يەتتۇق. بىز بۇ قېتىم مۇشۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىمىزنى قوللۇنۇپ داۋالايمىز. بىمارلار بىز بىلەن توختاملاشقاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك ئوزۇقلۇق ۋە داۋالاش قۇراللىرىنى ئائىلىسىگە يەتكۈزۇپ قانداق داۋالىنىش ئۇسۇلى ۋە جەريانلىرىنى كۆرسىتىپ قويىمىز ھەمدە ھەر كۈنى تېلىڧون ۋە تور ئارقىلىق يىتەكلەپ تۇرىمىز.
مەخسۇس گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ تېلىڧون نومۇرى.
13999942228(ئەر)
13201375788(ئەر)
13201370283(ئايال)
13579225107(ئايال)
18699096875(ئايال)
13009629003(ئايال)
15999152195(ئەر)
تۆۋەندە جوڭگو يىمەكلىك ئېچىتىش سانائەتى تەتقىقات مەھكىمىسى ئىشلىگەن تەجىربە تەتقىقات نەتىجىسى ۋە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىشلىگەن تەجىربە تەتقىقات تەتقىقات نەتىجىسى.
تۆۋەندىكىسى شىركىتىمزدە داۋالانغان بىمارلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ئۆرنەك
تىزىملاش 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلدوست3 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-20 08:27 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2015-9-21 12:04 PM):
شڭنجاڭ تىببى ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ چىقارغان ئىلمى ماقالىسى 70 بەتتىن ئارتۇق بولغ
تولۇقلىما مەزمۇن (2015-9-21 12:06 PM):
بولغاچقا پەقەت مۇقاۋا ۋە باش بېتىلا چىقىرىلدى.