https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-13672.ahtml
يىڭىلىقلار كۆپ بۇگۇن
قاراپ تۇرسام مۇنبەرگە،
جىمجىت ئۆتتى شۇنچە كۈن.
ئىچىم پۇشتى بەك مىنىڭ،
ئۇيقۇسىزئۆتتى ھەم تۈن.
يا مەشرەپ يوق مۇنبەردە،
كۈلەلمىدۇق شادلىنىپ.
يازالماستىن بىر ئەسەر،
يۇردۇق ئىنكاستا داتلىنىپ.
تاڭنۇر كەسىپ ئۆزگەرتىپ،
بۇلىۋالدى فىلمچى.
نىسىلەرگە بۇغولغاچ ،
بۇلىۋالدى كىرىمچى.
نەسىرۇللامۇ تاشلاپتۇ،
كالا بىقىشنى بىر چەتكە.
بويتاقلىقتا داتلىنىپ،
چىقىۋالدى بىر لەپكە.
تەدان قىزچاق كۆڭۇلمۇ،
ئاشق بوپتۇ بىرسىگە.
ئاشىقلىقتىن دۇستلارنى،
تاشلىۋەتتى نىرىسىگە.
قىزلار چوڭى مۇسلىنە،
لىرىكىغا بەك ئۇستا.
ئۇ يازارمىش لىرىكا
ئوغلىنى قۇيۇپ پۇستا...بولمىسا يۇلدىشى تاياق،ھاپپاق بىرەرمىشى....چاخچاق ھە.
سۇلغان گۇلگە قارىسام،
چەكلىنىپتۇ مۇنبەردىن.
خۇددى سۇلغان گۈل كەبى،
يەكلىنىپتۇ مۇنبەردىن.
تەنھا204 ئۆزىگىچە،
مەشرەپ قىپتۇ گۈل باغدا.
لىكىن مىنى ئۇنتۇپتۇ،
مەشرەپ ئوينىغان چاغدا..بەك كۆڭلىم يىرىم بولدى،
قار مەلىكە مۇنبەردە،
بەك كۆيۇمچان ئىنكاسچى.
ئۇ يىقندا ئۆزىگىچە،
ئىنكاس توپلىمى يازماقچى...ھەممىلەرگە ئۈلگە قىلىش ئۇچۇن
سۈزۇك ئايمۇ بوش ئەمەس،
گۈل كەلتۇرەر ئەسەرنى.
مىسران قاچان تارقىتار،
بۇ قىزغا شەرەپلك لەۋھەرنى.
مەۋھۇم دۇنيا كەچمىشتىن،
قاخشاپ يۈرەر كارۋانمۇ.
مەۋھۇملۇقتىن ئۆزىگىچە،
تاپالمىىدى دەرمانمۇ.
كۈلقىز يازسا يۇمۇرلار،
كۈلەلمەيدۇ باشقىلار.
كۈلكىلەرگە زۇرلاشتا،
ئۇقۇپ يۈرەر باخشىلار.
دادام ئىيتقان ھىكمەتنى،
ئوبدان يازدى زامانى.
ھىكمەتلەرنى بىلگۈلۈك،
ھەرگىز يوقتۇر يامانى.
بەك رۇمانتىك رەسىملەر ،
يوللاپ يۈرەر شاتئايخان.
مىسرانىمدىكى يىگىتلەرنى،
گوللاپ يۈرەر سەتئايخان.
يەنە دىسەم يەنە شۇ ،
يىڭىلقلار كۆپ بۇگۇن.
دۇستلار كۆڭلى ئىچىلىپ،
يىشىلدى ھەممە تۈگۈن.
يىڭىلىقلار كۆپ بۇگۇن،
بەك قىززىدى بۇ مۇنبەر.
دەتلك،غەمكىن يۈرەككە،
شادلىق ئەيلىدى بۇ مۇنبەر.
يىڭىلىقلار راس كۆپكەن ،
ئۈچۈپ كەتتى تىمىلار.
ئەمدىلا كۆز ئىچىپ يەنىلا،
ئۈلۈپ كەتتى تىمىلار.
قىچىپ كەتكەن ھسلارنى،
قوغلاپ تۇتۇپ بۇلارمۇ.
شۇ ھسلارنى گول قىلىپ،
يەنە بىر رەت كۇلۇپ بولارمۇ،
مەنبە:كۆكنۇر ئىلھاملىرى
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-13672.ahtml