مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3499|ئىنكاس: 3

مۇھەببەت دولقۇنى ۋە ساغلاملىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

48

يازما

55

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 12625
يازما سانى:
48
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8493
تۆھپە :
439
باھا :
334
توردا:
70 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-10-3
ئاخىرقى:
2015-11-7
مۇھەببەتدولقۇنى ۋە ساغلاملىق
9 t" b8 L4 J1 g$ M# k' @0 Z$ p
    گۈلنۇر ئابلىمىت (ئارچا)

7 e% a; w1 v( J$ f9 J' {
مۇھەببەتدولقۇنسىمان تەرەققىي قىلىدۇ، بەزىدە يۇقۇرى قىزغىنلىققا چىقسا بەزىدە سۇسلاپتۇرىدۇ، مۇھەببەت پەرۋىش قىلىشقا مۇھتاج، پەرۋىش قىلىش جەريانىدىمۇ يەنىلادولقۇنسىمان تەرەققىي قىلىدۇ، ئۇنىڭ يۇقۇرىلاپ تۆۋەنلەپ تۇرۇشى ساغلاملىققا زورتەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇ ماقالەمنىڭ تىمىسىنى «مۇھەببەت دولقۇنى ۋە ساغلاملىق»دەپ قويدۇم.
كىشىلەرمۇھەببەتنى ھەر خىل تەھلىل قىلىپ، تۈرلۈك مەزمۇنلاردا قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپباقتى، مەنمۇ ھەم شۇنداق. ئاخىرقى يەكۈننى چىقارساق مۇھەببەت يەنىلا ئامراقلىقدېگەندىنلا ئىبارەت خالاس. مەيلى ئۇ قايسى تۈردىكى مۇھەببەت بولسۇن ئۇ ئەڭ ئاۋالقىزىقىشتىن باشلىنىپ، ئاندىن ئىنتىلىش بىلەن تەرەققىي قىلىپ، ئاخىرىدا سېغىنىشبىلەن لەززەتلىك بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ كۆپۈنچىسى ئازابلىق ئايرىلىش بىلەنئاخىرلىشىدۇ دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. مانا مۇشۇ جەريانلاردا ئادەم نۇرغۇنلىغان روھى– كەيپىيات ئۆزگۈرۈشلىرىگە ئۇچرايدۇ. ئاشۇ خىل ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىلاسالامەتلىككە ئاكتىپ ۋە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بولۇپمۇ بىر ئائىلىدىكى ئەر –ئاياللىق مۇناسىۋەتتە شەكىللەنگەن مۇھەببەت ھەممىدىن چوڭ تەسىر قىلىدۇ. دېمەكمۇھببەتلىك ھايات ئىنتايىن گۈزەل ۋە بەختىيارلىققا چۆمگەن بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىنئادەمنىڭ روھى – كەيپىياتى شۇ گۈزەللىك ئىلكىدە داۋاملىق ئۇرغۇپ، ياخشى مىجەزياخشى خارەكتىر يىتىلىدۇ.
تەنھاكىشىلەرنىڭ، جۆرىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ، ئاساسلىقى مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولۇپياشاۋاتقانلارنىڭ تەن – سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولمىغاندىن باشقا روھىجەھەتتىنمۇ ساغلام بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى، غېمى كۆپ بولىدۇ.
‹ئالىملارنىڭئىسپاتلىشىغا ئاساسلانغاندا، مۇھەببەت بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك روھىي كېسەللىكھېسابلىنىدۇ. بىر ئادەم مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولغاندا كۆڭلى ھېچنېمەتارتمايدۇ، ئۇيقۇسى كەلمەي ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلىدۇ. گەپ-سۆزلىرى سۆيگۈنىنىڭگۈزەل جامالى ھەمدە ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ئۈستىدە بولىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت خامۇشلۇقتۈرىدىكى جاھىل كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ناھايىتى ئوخشايدۇ. ئالىملارنىڭقارىشىچە، بۇ بىر خىل پىسخولوگىيلىك توسالغۇ بولۇپ، چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىدىكىنېۋرونلارنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن كىلىپ چىقىدىكەن. ئەگەر ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىتەرەققىيات جەريانىدىن بۇ خىل ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبنى تېپىشقا توغراكەلسە، ئالىملار بۇ جانلىقلارنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتىدا بېسىپ ئۆتۈش زۆرۈر بولغانباسقۇچ بولۇپ ئۇ ئادەمنىڭ بىر خىل تەبىئىي سەزگۈسىدىن ئىبارەت دەپ چۈشەندۈرىدۇ›(بۇ بىر ئابزاس «ئائىلە دوختۇرى»دىن ئېلىندى).
دېمەكئەر – ئاياللىق تۇرمۇشتىمۇ مۇھەببەتلىك ئۆتكەن ۋاقىتتىكى ساغلاملىق بىلەنمۇھەببىتى سۇسلاپ قالغاندىكى ساغلاملىق ئوخشاش بولمايدۇ. ئەڭ ئاددىسى، بىر- بىرىگەمۇھەببەتلىك قاراپ قويۇش، نۆۋىتىنى كەلتۈرۈپ بىر ئېغىز بولسىمۇ ماختاپ قويۇش،كۆيۈنۈش تەلەپپۇزىدا گەپ قىلىش ۋە ئەمىلىي ھەركىتى ئارقىلىق كۆيۈنىشىنى ئىپادىلەپتۇرۇش، «سىزنى سېغىنىپ ئۆيگە بالدۇر كىردىم» ،«بۈگۈن كۆزۈمگە باشقىچەكۆرۈنىۋاتىسىز» ، «سىز بىلەن مەڭگۈ مۇشۇنداق تاتلىق ئۆتكىم بار»، «يېنىمدابولمىسىڭىز كۈنلىرىم مەنىسىزدەك بىلىنىدىكەن»،،، دېگەنگە ئوخشاش ئاددىي سۆزلەر ئارقىلىق سېغىنىشىنى ۋە ئامراقلىقىنىئىپادىلەش، باشقىلار ئالدىدا ئىززەت – ھۆرمىتىنى قىلىش، يالغۇز چاغلىرىداچاقچاقلىشىش، يۇمۇرىستىك تۇيغۇ بېرىش، زىتىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلماسلىققاتارلىق قەلب ئىزھارلىرى جۆرىسىنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق،چۈنكى ئىنسان مۇھەببەتتىن لەززەت تاپقاندا، سۆيۈنگەندە، گۈزەل ھىس – تۇيغۇدابولغاندا بەدىنىدە ئاز بولمىغان ھۈجەيرىلەر تېرىلىدۇ، يېڭىلىنىدۇ، جانلىنىدۇ، بۇئارقىلىق قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى، قاننىڭ راۋان ئېقىشى تىزلىشىپ نۇرغۇنكىسەللىكلەرنىڭ ئالدى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا بەخت ئىچىدە ياشايدىغانلارنىڭ رەڭگىخۇشچىراي، تېرىسى پارقىراق، كەيپىياتى ياخشى، روھى كۆتۈرەڭگۈ، تەپەككۇرى ئوچۇق،بىر ئىشلارغا كەڭ قۇرساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدىغان، خاتىرجەم تۇرمۇشىدىنباشقا ھەرقانداق ئىش ئالاھىدە بىلىنمەيدىغان، غەمسىز يۈرۈيدىغان، داۋاملىق خۇشالتۇرالايدىغان بولىدۇ ھەمدە تولۇپ تاشقان ئىشەچ بىلەن ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدۇ.شۇنداق بولغاندا ئىشلىرىمۇ نەتىجىلىك بولۇپ مۇۋاپىقىيەتكە قاراپ يۈزلىنەلەيدۇ.ئەكسىچە بولغاندا يەنى مۇھەببەتسىز تۇرمۇشتا كىشى غەمكىن، روھسىز، چۈشكۈن،تېرىككەك، مىشچان،،، بولۇپ قولى ھېچ ئىشقا بارمايدۇ، داۋاملىق باشقىلاردىنئاغرىنىپلا يۈرۈيدۇ، ھەتتا ئۆزىدىنمۇ ئاغرىنىدىغان، پۈتۈن دۇنيادىن ئاغرىنىپھەممىدىن ۋاز كېچىدىغان، يىغلىغىسى كېلىپلا تۇرىدىغان، ئادەتتىكى ئىشلارغىمۇ ئاسانچېچىلىپ ئۇرۇشقىسى كېلىدىغان، بەزىدە يالغۇزلۇقنى خالايدىغان،  كېچىسى ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان، روھىكەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرالمايدىغان، ئاسان ئاچچىقلايدىغان،،، بولۇپ قالىدۇ ۋەھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ، بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە نېرۋائاجىزلىق، ئىچكى ئاجراتمىلار نۇرمال ئاجرىلالماسلىق، بەدەندە ئەخلەت يىغىلىۋېلىش،قان ئازلاپ كېتىش، قان بۇزۇلۇش، ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، ئىچى بەدەن ئاجىزلاش، قېرىشتىزلىشىش، تېرە قۇرغاقلىشىپ قورۇق كۆپىيىپ كېتىش، غەيرى نەرسىلە ئۆسىۋېلىش،  كىلىماتىرىيىگە بالدۇركىرىش، كىلىماتىرىيەنىڭ يىغىندا كىسەللىكى چاپلىشىۋېلىش، ۋە باشقا يامانكېسەللىكلەر پەيدا بولۇش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرگە قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقۇرى بولىدۇ.ئامرىكا ئالىملىرى بۇندىن 30 نەچچە يىل ئىلگىرىلا بويتاق تۇرمۇشتىكى ئادەمنىڭكېسەل بولۇش نىسبىتى بەختلىك تۇرمۇشتىكىلەرگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقۇرىبولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى بويتاق بولسۇن مەيلى ئەر –ئاياللىق تۇرمۇشتىكىلەر بولسۇن مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىقى كېرەك. (ئەلۋەتتەبۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مۇھەببەت پەقەت ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنىلا ئۆزئىچىگە ئالمايدۇ).
قىسقىسى،تۇرمۇشىمىزنى خۇشال – خۇرام، بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئۆتكۈزمەسلىك ئۆز تېرىشچانلىقىمىزغاباغلىق. ساغلام ياشاپ ھاياتىمىزنى قەدىرلەش ناھايىتىمۇ مۇھىم!
2012.11.24
) p% Q; H* E9 U' E# ]! S
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-7 05:13 PM  
( g+ L3 s& u9 o6 v1 K3 ^  J  D7 S- @2 u6 [5 |. I' X( B* \9 ]

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

( ئاي سەدەپ )

0

تېما

133

يازما

133

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 126475
يازما سانى:
133
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
184
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
72 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-9-13
ئاخىرقى:
2016-2-5
ۋاقتى: 2015-11-7 22:29:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا ساغلاملىق بىلەن مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشىش ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەندە.$ h* t8 T5 ]$ D' D

1 ^8 z; E6 }9 E9 N$ k1 A! xمۇھەببەتكە كۆپرەك ئېرىشىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىمىز كۆپرەك بېغىشلىشىمىز كېرەك، قانداق قىلغاندا ساغلام بولۇشنىڭ يولىنى بىلىۋالدىم-دېسە، كۆپ رەھمەت!

0

تېما

8

يازما

8

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129767
يازما سانى:
8
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
0 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-7
ئاخىرقى:
2015-11-7
ۋاقتى: 2015-11-7 22:39:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز، قۇلىڭىزا دەرت بەرمىسۇن،،پۈتۈنلەي ئەمەلىيەتكە ناھايىتى ئۇيغۇن گەپلەر ئىكەن، جاپا چىكىپسىز، رەھمەت سىزگە، تېخىمۇ تىرىشىڭ...!!!!

1

تېما

53

يازما

54

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129438
يازما سانى:
53
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
49
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
0 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-2
ئاخىرقى:
2015-11-20
ۋاقتى: 2015-11-8 14:03:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يۇقۇرى بولغان ياخشى ماقالىكەن ، يوللۇغۇچىغا رەھمەت .

ئائىلەم مىنىڭ دۇنيارىم.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 10:09 AM, Processed in 0.400406 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش