مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 536|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۆلۇكنىڭ ھالىتى ھەققىدە  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5941
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8462
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2010-10-8
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-20 10:05:56 PM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ.

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ھەر ئىنسان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى ھامان تېتىيدۇ .لېكىن ئادەم جان تەسلىم قىلغاندىن كىيىن ئۆلۇكتە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ ؟ بۇ بەلكىم كىشىلەر ئۆزنى قاچۇرىدىغان تېما چۈنكى ھەشەم ئۆيلەردە ئولتۇرغان ،كاتتا ئىشخانىلارنىڭ ساھىبى بولغان ،ئېسل كىيىملەر بىلەن ئورۇنۇپ يۇرگەن مىليون مىليون پۇل خەجلىنىپ ئاسىرالغان تەننىڭ  توپا ئاستىدىكى ھالىتىنى تىلغا ئىلىش كىمنى خوش قىلىدۇ ؟شۇنداقتىمۇ تورداشلارغا  ئىنسانىڭ ئەمىلىيەتتە ياراتقۇچىسسى ئالدىدا قاچىلىك خار ۋە ئەرزىمەس مەخلۇق ئىكىنلىگىنى ئازراق يورۇتۇپ بېرىش نىشانىغا بۇ ماقالىنى يىزىشنى خالاپ قالدىم .
ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى بەش باسقۇچلىق چىرىش دەۋرىنى باشتىن كەچۇرىدۇ :
1. دەسلەپكى چىرىش
بۇ دەۋىر ئادەم ئۆلۇپ ئۇچ كۇنگىچە بولغان ئارلىق بولۇپ  كۆرۇنىشتە ئىنسان تىنىدىكى ئۆزگۇرۇش بىلىنمەيدۇ لىكىن ئىچكى ئەزالىرىدا  چىرىشنىڭ ئالامەتلىرى باشلىنىدۇ يەنى ئادەم ھايات ۋاقتىدا ئۈچەيدە بولىدىغان باكتېرىيىلەر ھاياتلىقنىڭ تىزگىنلىشىدىن قۇتۇلۇپ ئۇچەينىڭ ئىچىدىكى ئوزۇقلىقلارنى يىيىشتىن ئادەم ئۇچىيىنىڭ ئۆزىنى يىگىلى باشلايدۇ .بۇ باكتىريەلەر يەنە مۇشۇ دەۋىر ئىچىدە ئۇچەيدىن ئۆتۇپ ئادەمنىڭ باشقا ئىچكى  ئەزالىرىنى ئۆزۇقلىق قىلىدۇ .ئەسلىدە يىمەكلىكلەرنى پارچىلاش فۇنكىسىيىسىنى ئۆتەيدىغان ئىنزىملار باكتېرىيىلەرنىڭ ئۇچەينى يەپ بىرىشىدە ئاشقازان ،ئۇچەي ئىچىكى قىسمىدىن باشقا ئورگانىزملارغا ئىقىپ بىرىپ شۇ ئورگانىزملارنى پارچىلاپ بېرىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەككە ھۆجەيرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئېنزىملار ھۆجەيرىدىن چىقىپ توقۇلمىلارنى پارچىلاش رولىدا بولىدۇ .
ئادەم ئۆلگەن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا ئۇششاق ھاشارەتلەر ئۆلۇكنىڭ ئەتىراپىدا پەيدا بولىدۇ .ھاشارەتلەر 24 سائەت ئىچىدىلا جەسەتنىڭ ئىغىز ،بۇرۇن،جىنىسى ئەزا ، قۇلاق ،كۆز ،مەقەت قاتارلىق كاۋاك ئارلىقلارغا توخۇم بىسىپ بولىدۇ .ھاشارەتلەرنىڭ بۇ توخۇملىرى جەسەتنىڭ گۆشىنى ئوزۇق قلىپ ئاۋال لىچىنكا كىيىن يىتىلگەن قۇرۇت بولىدۇ ئاشۇ يىتىلگەن ھاشارەت يەنە جەسەتكە تۇخۇم سالىدۇ .بۇ جەريان ئىككى ئۇچ ھەپتە داۋاملىشىدۇ .
2. چىرىش
ئادەم تىننىڭ چىرىش باسقۇچى ئادەم ئۆلۇپ تۆتىنچى كۇنىدىن 10كۇنىگىچە بولغان ئارلىقتۇر . بۇ باسقۇچتا باكتىيىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە توقىلمىلارنى پارچىلىشى نەتىيجىسىدە گاز پەيدا بولىدۇ .بۇ گاز ئەمىلىيەتتە  ھىدىروگىن سولفىت ،مېتان،كاداۋېرىن،پۇتىرىسىنىدۇر (putrescine) .بۇ گازلار ئىنتايىن سىسىق پۇرايدۇ قىزىق يىرى بۇ گاز نىڭ ئەشەددى سىسىق پۇرىقىنى ھاشارەتلەر بەك ياقتۇرىدۇ يەنى بۇ پۇراق  ئېلانغا ئوخشاش  رول ئويناپ تىخىمۇ كۆپ قۇرۇت قوڭغۇزلارنى جەسەتنى يىيىشكە چاقىرىدۇ .چىرىش قەدىمى تىزلىشىدۇ .جەسەت ھاشاراتلارنىڭ ئاۋات شەھرىگە ئوخشاپ قالىدۇ
3.ئىغىر چىرىش
ئادەم تىننىڭ ئىغىر چىرىش باسقۇچى ئادەم ئۆلۇپ 10-كۇنىدىن 20-كۇنىگىچە بولىدۇ .بۇ باسقۇچتا ئادەم بەدىنىدىكى گۇش لەششە ھالەتكە كىلىپ قالىدۇ .پۇتۇن بەدەن قارىيىپ كىتىدۇ .ئادەم تىنىدىكى  سۇيۇقلىق ئەتىراپقا يىيىلىپ تۇپىراققا سىڭىشقا باشلايدۇ ۋە بۇ سۇيۇقلىق يەنە باشقا ھاشارەتلەنى جەسەتكە چاقىرىپ كىلىدۇ .جەسەتكە تايىنىپ ياشاۋاتقان لىچىنكىلار يەرگە  تۆكۇلىدۇ .بۇ لىچىنكىلار تۇپىراقتا قورچاق مەزگىلىنى باشتىن كەچۇرۇپ يىتىلگەن قۇرۇت بولىدۇ .
4.ئىچىش
ئادەم تىننىڭ ئىچىش باسقۇچى ئادەم ئۆلۇپ20-كۇنىدىن 50-كۇنىگىچە بولىدۇ.بۇ مەزگىلدە تەندىكى گۆش تۆكىلىپ جەسەت سۇسىزلىنىدۇ  ئۆلۇكتىن پىشلاقتەك پۇراق كىلىدۇ .بۇ بۇتان كىسلاتاسىدۇر.جەسەتنىڭ يەر يۇزىگە تىگىپ تۇرغان قىسمىدا زەمبۇرۇغ ئۆسۇم چىقىدۇ.چۇڭراق قوڭغۇزلار  جەسەتنىڭ ئۇ يەر بۇ يىرىدە مىڭىپ يۇرشىدۇ .سەۋەپ باشقا كىچىك ھاشارەتلەر ئادەم بەنىدە قالغان قاتتىق« گۇش» توقىلمىلارنى يىيىشكە كۇچى يەتمىگەچكە  قوڭغۇزلار بۇ ئىشىندىلەرنى ئىزلەپ يۇرشىدۇ .
5.قۇرۇش
ئادەم تىننىڭ قۇرۇش باسقۇچى ئادەم ئۆلۇپ50-كۇنىدىن 365-كۇنىگىچە بولىدۇ.بۇ باسقۇچ ئۇزاق بىر جەرياندۇر . باكترىيە ۋە ئاشلىق پەرۋانىسى تۇردىكى ھاشارەتلەر ئادەمدىكى ئەڭ ئاخىرقى نىشان چاچ ئۇچۇن تاكى چاچ يىيىلىپ تۇگىگەنگە قەدەر داۋاملىق جەسەتتە بولىدۇ .جەسەت بۇ باسقۇچىدىن ئۆتۇپ قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلىنىدۇ .قۇرۇق ئۇستىخان قەستەن بۇزۇپ ،ئۇۋىتىلمىگىچە زىمىندا داۋاملىق تۇرىدۇ

قوشۇمچە :ئادەم جەسىتىنى يىيىشكە قاتنىشىدىغان ۋەكىلىك ھاشارەتلارنىڭ سۇرىتى بىرىلدى.





 

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
kapsiz + 50 ئېسىل يازما..
uzturk + 100 داۋاملىق مۇشۇنداق نادىر تېمىلارنى يوللاپ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 150   باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرلەش: گۈدۈك چالىمەن QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش