مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6427|ئىنكاس: 16

قىزلارغا 100 نەسىھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

580

يازما

591

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 96441
يازما سانى:
580
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6743
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
322 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-7-27
ئاخىرقى:
2016-3-11
ۋاقتى: 2015-11-13 14:59:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
JFVPRI6V@VSHMY3WR3HY~$M.jpg
; x2 X0 J1 {8 D; @4 P: G1 @تۈزگۈچىدىن
/ G" r8 P. k& O$ B% ~  oسىز ۋە بىزگە مەلۇمكى ھاياتنىڭ نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ قىممەتلىك ھايات جەۋھەرلىرىنى مۇجەسسەملىگەن ئاتا-بۇۋىلىرىمىز ناھايىتى ئىخچام قىلىپ:«ھېكىمەتلىك نەسىھەتكە يېقىن قۇلاق مەڭگۈ ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرالايدۇ» دەپ ئېيتىقان.
7 B# p/ d9 x& q! R- {, ?دەرۋەقە،كىشى پايدىلىق نەسىھەتلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچىرشىپ تۇرسا،ھاياتىنى گۈزەل مەنالار خەزىنىسىدە سەير قىلدۇرالايدۇ.بۇ خىل سەير ئىنساننىڭ ھاياتىقا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش دەرىسخانىسى بولۇپ،بۇ خىل دەرىسخاننىڭ كۆپلەپ تەسىس قىلىنىشى ئىنسانىيەت،شۇنداقلا جەمىئيەت تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.مەن خەلىقىمىزنىڭ ئۆز مەنىۋىيەت ئالىمىگە تۇلىمۇ ماس بولغان ھېكىمەتلىك نەسىھەتلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچىرشىش ئىستىكىگە ئازراق بولسىمۇ مەنپەئەتى تېگەر دېگەن مەقسەتتە،قولىڭىزدىكى «قىزلارغا 100نەسىھەت»دېگەن كىتابنى تۈزۈپ چېقتىم.كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ھېكىمەتلەر زامانىمىز قىزلىرنىڭ ئۆز-ئۆزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىدە ،ئۆز قىممىتىنى بىلىپ يېتىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ( c/ J% Y7 H5 F2 P3 L
بىرىنچى نەسىھەت 0 ]# p' p7 x5 l1 l- u: |
ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورالغىندۇر. ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەم قاش، شەھلا كۆز، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن، گۈزەل بولسىمۇ شەرم-ھايالىق بولمىسا، ئۇلارنى ھېچكىم گۈزەل دېمەيدۇ. ئىپپەتلىك قىز دېگەندە، كۆز ئالدىمىزغا تەبئىيتى مۇلايىم، ئەقىل-پاراسەتلىك، ھايالىق، نۇمۇسچان، ئاتا-ئانىغا مېھرىبان، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان، چوڭ-كىچىكلەرگە ئېتبارلىق قىز نامايان بولىدۇ ۋەبۇنداقلار كۆزىمىزگە چىرايلىق، يېقىملىق كۆرۈنىدۇ. ھايا كىشىلەرنى يامان يولدىن قايتۇرغۇچى ۋە ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر. كىمنىڭ ھاياسى بولمىسا، شۇنىڭ ئۇيىتى بولمايدۇ ۋە بارچە قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ.
' R3 W/ c9 m, g5 q8 Z' {ئىككىنچى نەسىھەت
0 B6 Z# h& s% A% Hئەي قىزىم، ئىپپەت__ ۋىجدانىي پاكلىق، نومۇس، ھايا دېگەنلىكتۇر. قىزلارنىڭ تەبئىيتىگە خاس پاكىزلىق، ھايا، نەپىسلىك، زىبالىق، ھۇشيارلىق كەبى پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشىدۇ. قىزنىڭ ھۆسنى__ يېرىم بايلىق، ئەقلى بولسا خەزىنە. ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا: «ئىنساندا مەڭگۈ تۇردىغان ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر، ھاياسىز يۈز جانسىز جەسەت كەبىيدۇر» دېگەن ئىدى. دەر ھەقىقەت ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان، ئىسسىق كۆرسىتىدىغان نەرسە__ كىشىنىڭ ھايا ۋە ئىپپىتىدۇر. ھايا ۋە ئىپپەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن قىز ھامانەم ھەقىقىي ئىنسانلىق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.
5 k# V( b% X, T7 u) Z) x! k# J  kئۈچىنچى نەسىھەت
4 I$ Z8 {& S! H, Y2 u2 T1 xئەي قىزىم، تىل بىلەن يۈرەك__ ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ بولىقى. بۇ ئىككىسى ياخشى بولسا، ئادەممۇ بەخىتلىك ۋە ياخشى بولىدۇ. بۇ ئىككى يامان بولسا، ئادەممۇ يامانلىق ۋە بەخىتسىزلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب: تىل __ يۈرەكنىڭ جارچىسى. يۈرەكنىڭ جارچىسى. يۈرەك نېمىنى ئويلىسا، تىل شۇنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈلگە كەلگەننى ئالەمگە ئايان قىلىدۇ، كىشلەر سۆزگە ئۇستىلىقى بىلەن ماختانسا، سەن سۈكۈت قىلىش بىلەن ماختان. ھەر نەرسىنىڭ دەلىلى بار. ئەقىلىنىڭ دەلىلى – پىكىر، پىكىرنىڭ دەلىلى – سۈكۈتتۇر. سەن سۈكۈت قىلش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىڭگە يېتەلەيسەن. سۈكۈتتىن يىراقلاشساڭ مەغلۇبىيەت سېنى قارشى ئالىدۇ.
% U3 f8 C0 L! a3 dتۆتىنچى نەسىھەت
: b$ R( ~" i2 Fئەي قىزىم، كىشنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا مەسىلە سورىما. ئەگەر سېنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىڭدا بىراۋ مەسىلە سورىسا، سۆزىگە قاراپ جاۋاب بەر، ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنى سۆزلىمە، كۈچۈڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما. ھەر ئىشتا ئوتتۇرا ھاللىقنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك. جامائەت بار يەردە، مەجلىستە بىرىگە سۆزۈڭ بولسا، ئاشكارا سۆزلە، زۆرۈر بولمىسا، پىچىرلاپ سۆزلىشىشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق. ھەر تۈرلۈك سۆزنى ئاڭلىساڭ گۇياكى ئاجىزلىقتىن كۈچلەنگەندەك ئاڭلىغىن. بۇ سۆزلەر مەيلى كېرەككە كەلسۇن – كەلمىسۇن، جېنىڭ، تېنىڭ بىلەن ئاڭلا. چۈنكى، سۆز بىر سەدەپكە ئوخشايدۇ. ئۇ كۆڭۈل دەرياسىدىن چىقىدۇ. 5 t9 h4 M* n6 a. h) }" b0 `
بەشىنچى نەسىھەت . [4 X; R/ j0 Z8 d( e! M
ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نازاكىتىنى، قىزلىق قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەمەللەرنىڭ كاتتىسى سىلىق-سىپايە، دەل جايىغا كەلتۈرۈپ، مېھرىبانلىق پۇرىقىنى سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ ئەدەپلىك سۆزلەشتۇر. سۆزلىگەندىمۇ راسىت سۆزلەش، گەپنى قسقا، مېغىزلىق قىلىشقا ، مەنلىك، ئورۇنلۇق سۆزلەشكە ئادەتلىنىش؛ ئۇزۇن، بىمەززە سۆزلەپ كىشىلەرنى بىزار قىلىماسلىق كېرەك. خەلىقىمىز تولا گەپ قلىدىغان كىشلەرنى ئەدەپسىز، كوت-كوت، لاۋزا دەپ ئاتايدۇ. كۆپ گەپ قلغۇچىلار ئۆزىنىڭلا گېپىنى يورغىلتىدۇ، خاراكتېرىدىن مەمەدانلىق چىقىپ تورىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ گەپ قلىشدىكى مەقسىتى ئۆزىنى كۆرسىتىشتۇر. - z3 N9 f# T: Y$ S! q
ئالتىنچى نەسىھەت 3 @2 T! D" q/ e/ S! ~
ئەي قىزىم، ئىپپەتلىك قىزلار ئۆزلىرىگە تەلەپچان،ھايالىق بولىدۇ. يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىنىش، مۇئامىلە، مۇناسىۋەتلەردە قىزلىق شەنىگە يارىشا ئىش تۇتىدۇ. كىشلەر ئارىسدا كالتە، تار، كۆكرىكى چوڭ كىيىملەرنى كىيىش، مەمەدانلىق، چاكىنا قىلىق، ئورۇنسىز ھەركەتلەرنى قىلىشنى ئۆزلىرىگە ھار ئالىدۇ. ئىپپەتلىك قىزلار، بولۇپمۇ يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا، چوڭلار بار سورۇنلاردا ئۆزلىرنى قانداق تۇتۇشنى ياخشى بىلىدۇ. ھەربىر قەدىمىنى ئويلاپ باسىدۇ. قىز بالا ئۆزىنىڭ تەبئىي چىرايى بىلەن يېقىملىقتۇر. ئۇنىڭغا يەنە پەرداز قىلىش ئۇنى سۈنئىيلەشتۈرۈپ قويىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھەددىدىن زىيادە پەرداز قىلىش، كەلسە-كەلمەس زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاش، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىش قىزلارنى يەڭگىلتەك، قونچاق سۈپەت كۆرسۈتۈپ قويۇشى مۇمكىن.
1 X5 o) h" K2 fيەتتىنچى نەسىھەت 8 H2 }5 J0 z2 K0 v$ T; n, _( q( E
ئەي قىزىم، دانالار ئىلىمنى مال-مۈلۈكتىن ئەۋزەل دېيىشىدۇ. ئېيىتشلىرىچە، ئىلىم مېغىز بولسا، بايلىق ئۇنىڭ پوستى، ئىلىم گۈل بولسا، بايلىق ئۇنىڭ ھىدىدۇر. دانا كىشىلەر ھەر دائىم ئەنە شۇ مېغىزنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدا جاپا چېكىدۇ. چۈنكى، ئىلىم ئاۋۋال پەزىلەتلىك كىشلەردىن مىراس قالۇر، مال-بايلىق بولسا ھارۇن ۋە ھاماننىڭ مىراسىدۇر؛ ئىككىنچى، ئىلىم كىشىدە كەمتەرلىك پەيدا قىلىدۇ؛ ئۇچىنچى، ئىلىملىك كىشىنىڭ دوستى كۆپ بولسا، مالدار كىشنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ؛ تۆتىنچى، مالدار كىشىلەر ئۆتە خەسىس ۋە بېخىل بولسا، ئالىم كىشلەر ساخاۋەت ئىگىسى بولىدۇ؛ بەشىنچى، ئىلىم كىشىگە دۇنيادا ئابرۇي كەلتۈرسە، مال-دۇنيا ئازاپ كەلتۈرىدۇ.
# y( z# z" [. |) f6 O! V! p2 R/ l4 ~! Yسەككىزىنچى نەسىھەت
0 U0 |. ], s% P' \2 Z% a& X0 ^: ]+ Xئەي قىزىم، ئۈچ خىل كىشى ھېكىمەت رەۋىشىدىن يىراق ۋە ئەقىل يولىدىن تاشقىرىدۇر. بۇنىڭ بىرىنچىسى، ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىگە ئىشىنىپ، ھەر قانداق بالا كەلسە قارشى كېتىۋىردىغانلار، بۇنداق كىشىلەر ئاقىۋەت ئۆزىنى ھالاكەتكە سالىدۇ؛ ئىككىنچىسى، تائامنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ۋە مەيدىسىنىڭ ھەزىم قىلىشقا ئاجىز كېلىشىدىن قورقىماي يەۋېرىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، بۇنداق كىشىلەر ئۆز جېنىنىڭ دۈشمىندۇر. ئۈچىنچىسى، ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە مەغرۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار، بۇنداق كىشىنىڭ ئىشى ئاخىر ھەسرەت-نادامەت ۋە پۇشايمان كەلتۈرىدۇ.
. W! }' D6 q8 x$ P/ G6 x+ Dتوققۇزىنچى نەسىھەت 5 `1 s: k+ j7 s8 }% \) ?
ئەي قىزىم، ياخشى خويلۇق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، مىجەز-خاراكتېردا خاسلىققا ئىگە، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ياراملىق قىز بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ قىزىنى كىچىكىدىن باشلاپ تۈجۈپلەپ تەربىيلەپ ئەجىر سىڭدۈرۈشىگە ، شۇنداقلا قىزلارمۇ ئېسىنى تاپقاندىن كېيىن ئۈنسىز تەربىيە ۋە ئەتراپىدا يۈز بىرۋاتقان ياخشى-يامان ئىشلارنى جايىدا پەرىقلەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز-ئۈزىنى تەربىيلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق تەربىيلەنگەن قىزلارنىڭ گۈزەللىكى، پەزىلەت غۇنچىسى قەلب تۆرىدە ئېچىلغان بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭغا چىراي گۈزەللىكى قوشۇلسا بۇنداق گۈزەللىك كامالەتكە يەتكەن گۈزەللىك ھېسابلىندۇ.
- {" Y) Q& z; b6 C8 dئونىنچى نەسىھەت
1 n  x$ D! y, Fئەي قىزىم، شىجائەت، ساخاۋەت ۋە خۇشخۇلقلۇق ئەڭ ئەلا پەزىلەتلەردىن بولۇپ، بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەر ھەر دائىم ئۇلۇغلۇق سەرمايىسىدىن بەھرىمەن بولۇر. مەزكۇر سۈپەتلەر ئىچىدە خۇشخۇلقلۇق ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. چۈنكى، شىجائەت ناگان-ناگاندا ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ، ساخاۋەت ئالىي پەزىلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەممىلا كىشى مۇيەسسەر بولۇۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆددىسدىن چىقىش ئۈچۈن، كىشلەرگە ھەر خىل شەرت-شارائىتلار كېرەك. ئەمما، خۇشلۇلقلۇق شۇنداق نەرسىكى، ئۇنىڭغا ھەممە ئادەم ئېرشەلەيدۇ. يېقىملىق خۇلق ئىگىسىدىن چوڭ-كىچىكنىڭ بارچىسى خۇرسەن بولىدۇ. بۇنداق خۇلق ئىگىسى باشقىلارنى خۇرسەن قىلىشتىن تاشقىرى، ئۆزىمۇ دائىم خۇرسەن يۈرىدۇ. باشقىلاردىن بولسا ئۇنىڭغا مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىق قايتىدۇ.
. y0 B8 w: g- {) i) q* w1 uئون بىرىنچى نەسىھەت 0 G! a& @( X. U% e# e( H+ j( ], z
ئەي قىزىم، دەۋىرداشلىرىڭدىن ئەقىل-پاراسەتتە، ئىلىم-پەن جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇش تۇلمۇ نومۇسلۇق ئىش. ئادەم تۇرۇپ ئادىميلىك قابىليەتكە ئىگە بولالماسلىق، ئادەم تۇرۇپ ئادەمدەك ياشىيالماسلىقتەك ئېغىر مەھرۇملۇق بولمايدۇ. شۇڭا، ئىنسان بالىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئەيىب بىلىمسىزلىكتۇر. نومۇس قلىش توغرا كەلسە ئۆزۈڭنىڭ نادانلىقدىن نومۇس قىل، خورلۇق ھىس قىلىش توغرا كەلسە ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ بىلىمسىزلىكىڭدىن خورلان. بىلىمسىزلىك سېنى ئىنسانىي تويغۇدىن مەھرۇم قىلىدۇ. شۇڭا، سەن ئالدىنۋاتقانلىقىڭنىمۇ ، ھاقارەتلىنۋاتقانلىقىڭنمۇ ھېس قىلالمايسەن. نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى توغرا پەرىقلەندۈرەلمەيسەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە قانچلىغان ھاقارەت تامغىسىنىڭ بېسىلۋاتقانلىقنى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرەلمەيسەن.
( N1 F) k  k( N$ M" x. F8 Zئون ئىككىنچى نەسىھەت " B1 K0 m$ t% G) n. o8 N( g- G! a+ k
ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نامىغا ئىلەشكەن يامان داغ_ نومۇسىنىڭ كېتىشى بەكمۇ قىيىن. بەزىدە بايقىماي بېسىلغان تىكەننىڭ جەبىرنى بىر ئۆمۈر تارتىپ يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بەزىدە ئۇ كىشىنى ئۆمۈرۋايەت گۇمان، شۈبھە قىيناقلىرىغا دۇچار قىلىدۇ. بۇلارغا كۆپىنچە ئويلىماي ئىش قلىش، ئىرادىنىڭ تىزگىننى ئازراقلا بوش قويۇۋېتىش سەۋەب بولىدۇ. ئىنسانىي پەزىلەتلەر، مەنىۋى، مەنىۋى قەدىر-قىممەتلەر ھەققىدە سۆز بولسا ئۇلارنىڭ قىزلاردا ئەڭ ئالىي دەرىجىدە بولۇشى تەلەپ قىلىندۇ. چۈنكى قىز بالا مىللەتنىڭ كۆركى، مىللەتنىڭ كېلەچىكى ھېسابلىندۇ. شۇڭا قىزلار ناھايىتى نازاكەتلىك، ئىپپەتلىك، سەۋىر-تاقەتلىك، ئاقىل، مېھرىبان بولۇشى كېرەك. ئەيىب ياكى گۇناھ ئىش قىلىپ قويغان باشقا ھەممە كىشىلەر ئەپۇ قلىنىشى مۇمكىن، پەقەت قىز بالا ئەپۇ قىلىنمايدۇ. / p6 L7 \) {4 B+ x
ئون ئۈچنچى نەسىھەت 1 @) |* x9 _$ v' ?
ئەي قىزىم، راھەتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ راھەتنىڭ قەدىرگە يەتمەيدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆڭلۈڭگە دائىم ئارزۇ-ئۈمۈت يار بولسۇن. تېنىڭ نەپەس ئېلىپ قانغان ھالەتتىمۇ روھىڭ مەڭگۈ ئىنتىزار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ھەممىگە ئېرىشسەڭ، ئۇ ھالدا ھەممە ئۈمىتسىزلىك ۋە نارازىلىققا ئۆزگىرىدۇ. ئاقىل بولغانلارمۇ باشقا شەيئىلەرنى چۈشىنىپ ھەۋىسىنى قاندۇرۇشى لازىم. ئۈمىد بىزگە ھايات بېغىشلايدۇ، ئەمما قۇرساق تويغۇزۇۋېلىپ تاماشا بىلەن ئۆتۈش جاننى ئالىدۇ. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقنى قايتۇرغاندا ئۇلارنى قانائەتلەندۈرمەسلىك لازىم. ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىگە ھاجىتى چۈشمىگەندە، ئۈزۈڭگە ھەممە يەردە ئاگاھ بولۇشۇڭ لازىم. ھەر قانداق خۇشاللىق ئۇلارنى خۇشال قىلالمايدۇ. ئارزۇنىڭ ئاخىرى غەم-قايغۇ دېمەكتۇر. # W* z* }# b: J0 b0 C
ئون تۆتىنچى نەسىھەت 1 l2 Q, M: |) k6 B
ئەي قىزىم، ھەر ۋاقىت پەزىلىتىڭىزنى ساقلاپ، پەزىلەتتە باشقىلارغا ئۆلگە بولغايسىز. تاكى جەمئىيەتتە كىشىلەر سىزگە ھەۋەس قىلىپ:«بۇ كىمنىڭ قىزىدۇ؟، نېمە ئىش قىلدىغاندۇ؟ ئەجەب ئەدەپلىك قىزكىنا» دەپ ئېغىزىنى چاكىلدىتىپ قالسۇن. سىزدىن ھەرگىز ئەدەبسىز قىلىقلار سادىر بولۇپ قالمىسۇن، ئەگەر سىزدە كىچىككىنە ئەدەپسىزلىك سېزىلىپ قالسا، شۇ ھامان شەنىڭىز بولغىندۇ، ئابرۇيىڭىزنى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسىز. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسنى چىڭ ساقلىيالىسڭىزلا، ئۆزىڭىزنىڭ ئىنسانىي قىممىتىڭىزنى، بولۇپمۇ قىزلىق قەدىر-قىممىتىڭىزنى قولىڭىزدا تۇتالايسىز، ئەڭگۈشتەر قولىڭىزدا بولىدۇ، بۇ ئەڭگۈشتەرنى قولىڭىزدىن بېرىپ قويدىڭىزمۇ، ئۆز قەدىر-قىممىتىڭىزنى يەرگە ئۈرسىز.
+ G' y( S/ O4 M9 Uئون بەشىنچى نەسىھەت , c7 O9 t1 r1 W2 m9 k& B
ئەي قىزىم، دېڭىز كەڭ بولغانلىقتىن ھەممە دەريا-ئېقىنلارنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدۇ. باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈش ئۆزىگە پايدا يەتكۈزگەنلىك، باشقىلارغا زىيان سېلىش ئۆزىگە زىيان سالغانلىق، باشقىلارغا يول قويۇش ئۆزىگە يول قويغانلىق، باشقىلاغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق بولىدۇ. باشقىلارغا يول قويۇشنى ئۆگىنۋېلىڭ! باشقىلاغنى ھۆرمەت قىلسىڭىز ئىززەت تاپىسىز، يول قويسىڭىز نىيتىڭىزگە يېتىسز. ھۆرمەت قىلىشتا ناھايىتى ئىھتىياتچان بولۇش، ئىشنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماسلىق، ھەممىسىگە سەل قارماسلىق كېرەك. يول قويۇشتا ھەر قانداق ئىشقا ئىمكانىيەت قالدۇرۇش، تۆھپىنى يالغۇز ئىگىلىۋالماسلىق، خاتالاشقاندا باشقىلارغا دۆڭگىمەسلىك كېرەك. 3 [" Z* M3 d4 |! |  N
ئون ئالتىنچى نەسىھەت
; e# |1 N/ \1 l4 f+ k( pئەي قىزىم، مۇغەمبەر ئادەملەر ھەمىشە يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن باشقىلارنى دەي-دەيگە سالىدۇ. شۇڭا زەربىگە ئۇچىرغان، خورلانغان ۋە ئاھانەتكە قالغان چاغلىرڭىزدا، سۇغۇققانلىق بىلەن ئەستايدىل ئويلىنىپ، ئىشنىڭ باش-ئايغىنى تەھلىل قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن بىر قارارغا كېلىڭ. بولۇپمۇ بەزىلەر سزگە بەزىبىر ئىشلاردىن ئالاھىدە ئۇچۇر بەرگەن چاغلاردا ئۇنىڭ دىگەنلىرنى ئىنچىكە ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا باشقا بىر غەيرىي نىيەتنىڭ بار-يوقلۇقىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىڭ. چۈنكى نۇرغۇن ئىشلار سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاددىي بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئارقىسىغا كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان بىرەر مۇددىئا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇڭا كۆڭلىڭىزدە ئېدىتلىق سان بولسۇن؛ھەرگىز باشقىلارنىڭ قول چۇمىقىغا ئايلىنىپ قالماڭ. 1 f, N* P' h+ j8 `0 i. H. [# S
ئون يەتتىنچى نەسىھەت ! L7 x4 @. ]$ ]; ^: j7 P3 o3 S8 Y
ئەي قىزىم، ئۆزىڭىزگە توغرا تۇنۇشتا بولمىسڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنمىسڭىز، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشىڭىز تېخمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۆز-ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش، تىزگىنلەش داۋامىدا، ئۆزلۈكنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىلنىشى مۇقەررەر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. ئۆزىمىزنى توغرا تۇنۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ ئۇقمايدىغان يوشۇرۇن ئېڭىمىزنى ئويغىتالىشىمىز، ئاندىن تامامەن يىپيېڭى گۈزەل ھاياتنى يارتالىشمىز مۇمكىن. ئۆزىگە ئىشنىش_ مۇمكىنسىزلىكنى مۇمكىنچىلىككە، ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. ئەمما، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك_ئەسلىدىكى مۇمكىنچلىكنى مۇمكىنسىزلىككە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. # ~5 s' `2 X! T) G$ R  w" N3 h
ئون سەككىزىنچى نەسىھەت ; K) L( b1 W8 D5 a1 u* {
ئەي قىزىم، ئاقىللارنى ئۆزلىرنى دۈشمەن ھىيلە-مىكىرسىدىن ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. دۈشمەننىڭ يامان سۆزلىرى بىلەن يولدىن چىقمايدۇ. غاپىل كىشىلەر بولسا دۈشمەننىڭ يالۋۇرۇشى ۋە مۇلايىملىقنى كۆرۈپ، ئاداۋەتنى ئۇنتۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاشنا بولىدۇ. ئۇلار دۈشمەننىڭ سىرتىنى پەردازلاپ كۆرسەتكەن بىلەن كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلىندىغانلىقنى بىلمەيدۇ. ھەر قانداق دۈشمەننىڭ كىشگە قەسىت قىلىشىغا قۇدىرتى يەتمىسە، ھىيلە ئىشلتىپ يېقىنلىق قىلىپ، نەسىھەت يولنى تۇتىدۇ ۋە مەھرۇم بولۇۋېلىپ، سىرلىرددىن ۋاقىپ بولىدۇ_دە، پۇرسەت تاپسا ئۆز ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ، تۈرلۈك زىيانلارنى سالىدۇ. ئەگەر ئۇ زىيان سالسا، ئوتلۇق چېقندەك جان خامىندىن باشقىسىنى كۆيدۈرمەيدۇ ۋە قازا ئوقىدەك مۇرات نىشانىسدىن بۆلەك نەرسىگە خاتالىشىپ تەگمەيدۇ. . p5 _- d; k5 Q+ G# y
ئون توققۇزىنچى نەسىھەت
" U8 T. {6 E% J+ }; U5 Y9 xئەي قىزىم، ئەگەر بىرى سىنڭ ئەيىب، نوقسانلىرىڭنى ئېيتىسا، قۇبۇل قىلىپ كەمچىلىكىڭنى تۈگىتىشكە تىرش. سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆز ھالىنى ئېيتىپ كەلگەن كىشىنى زادى كەمسىتمە، بەلكى ياردەم قىلىپ، ئۇنى مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇر. ئۆزۈڭدىن كىچىكلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىل، ئۇلارغا مېھرىبان بول. چۈنكى كىچىكلەر سېنىڭ ئېكىنزارىڭدۇر، ھەممە ئىشڭ ئاشۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتىدۇ. ئەگەر تېرىلغۇلىرىڭ ۋەيران بولسا، تىرىكچىلىكىڭ قىيىنچىلقتا ئۆتىدۇ. دوستۇڭغا ياخشى نىيەتتە بول. خەلىقنىڭ ئالقىشغا ئىگە بولۇشنى ئىزدىسەڭ، ئالىيجانابلىق يولىنى تۇت.
: J5 b  y; @: `: W8 ^& N" k$ C2 Tيىگىرمىنچى نەسىھەت
' G, o* w3 g" u: Q3 d' D8 V: [2 Kئەي قىزىم، ئەگەر قىز بالا گۈزەل، خۇش قامەت، زىبۇ-زىننەتلىرى جايىدا بولسىمۇ مۇئامىلسى قوپال، چېچىلاڭغۇ بولسا، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ دىلىنى ئاغرىتسا، ئىشنىڭكى، ئۇنى ھېچكىم، ھېچقاچان گۈزەللەر سېپىگە قوشمايدۇ، ئۇنڭدىن كۆڭلى قالىدۇ. ھېچقانداق نەرسە كىشىنىڭ ئەقلىنى مۇئامىلە كەبى نامايان قىلالمايدۇ. قىزلار ئۆزىگە قانچىلىك زىننەت بەرمىسۇن، مۇئامىلە مەدەنىيتىنى، مۇئامىلە سەنئىتنى بىلمىسە ھېچقاچان ئۆزگىلەرنىڭ ھۆرمەت ئېتبارىغا سازاۋەر بولالمايدۇ. يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولۇش ئۈچۈنمۇ قىزلاردا ئالدى بىلەن مۇئامىلە سەنئىتى يوقۇرى بولۇشى كېرەك.
, K# i" ]' V" A  Sيىگىرمە بىرىنچى نەسىھەت
8 h9 L' g. m9 p" W9 ]( Vئەي قىزىم، سۆزلەش يۇلى ئېگىز-پەس ۋە خەۋپلىك بولۇپ، كۆپ خەتەرلەر ئۇچرايدۇ. ئويلىماي-پىكىرلىمەي تۇرۇپ بىرەر سۆزنى ئىزھارلاشقا لەۋنى ئاچماسلىق كېرەككى، ئويلىماي ئېيتلغان سۆز كۆپلىگەن باشلارنى ئۆلۈم جەۋگاننىڭ توپىسىغا ئايلاندۇرغان، جان خەزىنىسىنى زاۋاللىق ۋە نوقسان قىمارىغا ئۇتقۇزغان. سۆزلەشتە بىر نەچچە قائىدە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە رىئايە قىلماق لازىم. بىرىنچىسى شۇكى، سەۋەبسىزلىك ۋە بىمەھەللىك كىلىتى بىلەن سۆزلىشش قۇلۇپىنى ئاچماسلىق كېرەككى، گەرچە سۆز گۆھىرى توغرا ۋە ئېنىق بولسىمۇ، بىۋاقىت ۋە ئورۇنسىز ئېيتىلسا، ئىدراك بازىرىنىڭ گۆھەرشۇناسلىرى ۋە قائىدە بىلگۈچىلىرى نەزەرىدە ئېتباردىن چەتتە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى ئاڭلاشقا رىغبەت قىلمايدۇ.
* m2 \2 f  {/ q/ a. `# u  f4 v2 xيىگىرمە ئىككىنچى نەسىھەت
  G( w% A# _  Q, \$ o7 U5 }ئەي قىزىم، يادىڭدا بولسۇنكى، تۇرمۇشتا پۇل دىگەن ھەقىقەتەن تۇلىمۇ قىممەتلىك ۋە قەدىرلىك نەرسە، پۇل بولمىسا ھاياتتا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالدىغان گەپ. لېكىن، ئادەمنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالىشى، پۇلغا ئەسىر بولۇپ ئۆزىنى بولغىماسلىقى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قەدىرلىكتۇر. ئۆزىنى پۇل قاپقىندىن ئامان ساقلىيالىغان ئادەملا ھەقىقىي قەدىر-قىممەتكە ئېرشەلەيدۇ. ئۇنداق چىن-دۇرۇس ئادەمنى كۆزگە سۈرتىسمۇ ئەرزىيدۇ. پۇل تاپ، لېكىن_پۇلنىڭ ئەسىرى بولۇپ قالما. پۇل دېگەن ئازىزمۇ قىلىدۇ، خارمۇ قىلىدۇ. پۇل ئۈچۈن ئىماننى، ۋىجداننى بولغاپ ئىنساني پەزىلەتنى يەرگە ئۇرۇش خارلىق دېگەن شۇ.
* n* r: U. C) K, i1 b# Uيىگىرمە ئۈچنچى نەسىھەت
8 B  z/ g6 @( i* Vئەي قىزىم، بىلىڭكى، گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىگە يار قىلغان، ھايا، نومۇس چۈمپەردىسگە چۆمكەلگەن، لېۋەن، ياخشى خۇيلۇق، ئىپپەت گۆھىرنى چىڭ ساقلىغان، پەزىلەت غۇنچىسىنى يۈركىدە ئېچىلدۇرالىغان، سىپايە، قائىدە-يوسۇنلۇق، جەلىپكار، سېپى ئۆزىدىن ھەقىقى ئۇيغۇر قىزىغا خاس خىسلەتنى يېتىلدۈرگەن بولسىڭىز، مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان بولسىڭىز مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ، ئۇقۇتقۇچىلىرڭىزنىڭ سىزگە چىن يۈركىدىن ئىچى كۆيمەي قالمايدۇ؛ ئەگەر سىز كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەپ قالسىڭىزمۇ، ئەتراپىڭىزدىكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ سىزگە قايىللىقىدىن ئىچى كۆيمەي قالمايدۇ. شۇندىلا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي جەلىپ قىلىش كۈچىڭىزنى ھېس قىلسىز ۋە ئۇنىڭ تۈرتىكىسدە ھەممە ھۆرمەتلەيدىغان شەخىسكە ئايلىنسىز.
& D- p0 X2 `& h. g/ Wيىگىرمە تۆتىنچى نەسىھەت
" h$ u4 ?- @* B; K" _+ jئەي قىزىم، ئېغىر-بېسىقلىقنى خۇددى بىر گۈھەر دېسەك، مۇلايىملىق باشقا كاندىن ئېلىنغان مەدەندۇر. بۇلار ئارقىلىق سەن شاھ بىلەن گاداينى ئۆزۈڭگە ئىتائەت قىلدۇرالايسەن. ئوچۇق چىراي، ئەخلاقلىق بولۇش كىشنى ئادەملەر ئارسىدىكى زىددىيەتلەردىن ئارازچىلىق ۋە پىتنە-پاساتلاردىن خالىي قىلىدۇ. مۇلايىم ۋە ئەدەپلىك بولۇش ئىنسان ۋوجۇدىنىڭ مېۋىلىك بېغىدۇر، ئادەملىك تېغىنىڭ ئىچىدىكى قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلار بىلەن تولغان زەر كاندۇر. بۇ كاننىڭ بايلىقلىرى چەكسىزكى قېزىپ-قېزىپمۇ تۈگەتكىلى بولماس. ئۇنىڭدا چېچەكلىگەن مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى پۈتكۈل يەر-جاھاننى دائىما ئىللىتىپ تۇرغاي.
- j, D9 M# N" }8 Uيىگىرمە بەشىنچى نەسىھەت
% s4 ^- T6 F0 s) Z2 U0 uئەي قىزىم، دۇنيانىڭ قانۇن-قائىدىلىرى مەۋجۇت بولسا، ئادەمگە ئادەمگەرچىلىك قىلىش ئۇنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. كىشى ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا ئون ياخشلىق بىلەن جاۋاپ بېرىدۇ. كىمنىڭ ياخشى نام بىلەن جېنى چىقسا، ئۇنىڭ ياخشى نامى دۇئا بىلەن داۋاملىق يادلىندۇر، ئۆلگەندىن كېيىن، كىم ياخشى دۇئا بىلەن يادلانسا، ئۇ قايتىدىن تۇغۇلۇپ، يەنە بىر ھايات باشلىغاندەك بولىدۇ. مەيلى يەرنىڭ ئۈستىدە بول ياكى يەرنىڭ ئاستىدا بول، ياخشى نامىڭ مەشھۇر بولسا، شۆھرىتىنى ئۆزۈڭ كۈرسەن. * A6 y8 o* E: u8 l
يىگىرمە ئالتىنچى نەسىھەت
" V4 K; P# b* D- rئەي قىزىم، بىلىم بىلەن جاسارەت ئۇنتۇلماستۇر، دېمەك ئۇلار سېنىمۇ ئۇنتۇلماس قىلىپ قويالايدۇ. سەن قانداق بىلىم ئىگەللىگەن بولساڭ، شۇنداق ئادەم بولسەن. ھەقىقى ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولساڭ، خالىغىنىڭچە ئىش قىلالايدىغان بولسەن. ھېچنېمىدىن خەۋىرى يوقلار ئۆزىنى قاراڭغۇ دۇنياغا قاماپ قويغان بىلەن باراۋەر. جىسمانىي قۇدرەت ۋەئەقلى قابىليەت گۇيا ئىككى قول ۋە ئىككى كۆزگە ئوخشايدۇ. پاراسەتلىك، ئەمما جاسارەتسىز بولغانلارنىڭ پاراسىتى مېۋە بەرمەيدۇ.
* e: y. d, C% n/ C: V9 iيىگىرمە يەتتىنچى نەسىھەت 3 C% u8 Q+ R% e" [* i
ئەي قىزىم، مۇنۇ ئون گۈزەل خىسلەت ئادەمگە بەخىت-قۇت كەلتۈرىدۇ؛ ھايا، مۇرۇۋۋەت، ساداقەت، تەۋازۇ، ئەمگەك، سېخىيلىق، نومۇس، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق، ئادالەت، ھلىم (مۇلايىملىق) ۋە شىجائەت. مۇنۇ ئون يامان خىسلەت ئادەمنى بەخىتسىزلىك-پالاكەتكە سۆرەيدۇ: ھەسەت، ئاداۋەت، بېخىللىق، تەكەببورلۇق، يالغانچىلىق، مۇناپىقلىق، چېقىمچىلىق، خيانەت، جاھىللىق ۋە ھۇرۇنلۇق. كىمنىڭ ھىممىتى ئۈستۈن بولسا، شۇنىڭ قەدىر-قىممىتىمۇ ئۈستۈن بولغۇسى. بىراۋ ئەدەپ ئۈگەتسە، ئۈگەنمىگەن كىشى ھايۋان؛ ئۆزىرە سورىسا، قوبۇل قىلمىغان كىشى شەيتاندۇر.
) n+ d$ v% [8 i' A. @5 U6 c" s4 eيىگىرمە سەككىزىنچى نەسىھەت 7 J6 u% S/ O, s% d1 z9 [
ئەي قىزىم، ئېيتقان سۆزدىن يانمايدىغان، ۋەدىسىدە تۇردىغان ئادەم بۈگۈن سۆزلىگەن سۆزىدىن ئەتىسى كۈنى تېنىۋالمايدۇ، ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ. كىشى ۋەدە قىلىپ، قىلىغان ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىسا، خەلىقنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنچىسى ئاشىدۇ. ۋەدىنىڭ ئاپىتى__ ۋەدىسگە ۋاپا قىلماسلىق ياكى ئۇنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشتۇر. ۋەدىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ، ۋەدە قىلىغۇچى باشقىلار ماقۇل بولغۇدەك بىرەر سەۋەپ كۆرسۈتەلمىسە، كىشلەر ئۇنىڭدىن ۋەدە تەلەپ قىلمايدىغان ، ۋەدە بەرسىمۇ ۋەدىسىگە ئىشەنمەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە بەرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش چىن ئىنسانلىق خىسلىتىدۇر.
+ Y3 S0 g( I, ^- T: P$ r2 w/ }يىگىرمە توققۇزىنچى نەسىھەت
% b3 _. |6 `" q+ R# Uئەي قىزىم، ئىنسانلار ئۈچۈن ھايا- ئىنتايىن شەرەپلىك بىر خىسلەت ۋە ئۇلۇغۋار ئەخلاقتۇر. ھايا- ئادەمزات جەمئىيەتنىڭ گۈزەل ۋە تەرتىپلىك بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم بىر شەرتتۇر. ھايادىن ئىبارەت بۇ ئەخلاق كىشىلەر ئارىسىدىن يوقىلىپ كەتسە، كىشى-كىشىدىن سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئۇيالمايدىغان بۇلۇپ قالسا، ئالەمنىڭ نىزامى بۇزۇلىدۇ. خەلقئارا ئېسىل رەسمىيەتلەر يوقىلىدۇ. مەئىشەت ئامانلىقىغا زور بالالار توغۇلىدۇ. كىشىلەر بىر- بىرىنىڭ ھەققىدە دىيانەت ۋە ساداقەت ساقلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. كۈچلۈكلەرئاجىزلارنى تالاپ ۋەيران قىلىدۇ. ھايا-كىشىلەرنى ناچار ئەخلاق ۋە قىلىقلاردىن چەتكە تارتىدىغان تەبىئى كۈچتۇر. ئىنسانغا ھايادىن تولۇق پايدا ۋە مەنپەئەت باردۇر،ياخشى خۇي- ئەخلاق مېۋىسى ھايانىڭ سۈيى ۋە ئاپتىپىدىن پەرۋىش تاپمىسا، تولۇق پىشالمايدۇ. 7 J8 k4 S1 V! L/ h
ئوتتۇزىنچى نەسىھەت
+ J# F% E% i7 H0 eئەي قىزىم،ھۆكۈماللار خۇشخۇيلۇقنىڭ بەلگىسى ئون خىل بولىدۇ دەيدۇ. بىرىنچى، ياخشى ئىش توغرىسىدا كىشىلەرگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماسلىك. ئىككىنچى، ئۆز نەپىسىدىن ئۆزلىكىدىن ئىنساپ كۆرسىتىش. ئۈچىنچى، كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەسلىك. تۆتىنچى، كىشىلەردىن نا لايىق ئىشلار سادىر بولسا، ئۇنى ياخشىلىققا سېلىش. بەشىنچى، گۇناھكار گۇناھىدىن ئۆزرە ئېيتىپ كەلسە قوبۇل قىلىش، ئالتىنچى، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى ھەل قىلىش. يەتتىنچى، كىشىلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن مۇشەققەت تارتىش. سەككىزىنچى، ئۆز نەپسىنى كۆزلىمەسلىك. توققۇزىنچى، باشقا كىشىلەرگە چېھرىدىن مېھرىنى كۆرسىتىش. ئونىنچى، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىش.
. a2 ~. z  u/ H" b: u! H  M* W! yئوتتۇز بىرىنچى نەسىھەت % u( y- K; q9 L' W2 i$ m9 I
ئەي قىزىم،ساخاۋەت_ ئۆزگىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش دېمەكتۇر. ئېھسان__ كىشلەرگە ياخشىلىق قىلىش دېمەكتۇر. ساخاۋەت__ ئىنسانلانىڭ كىشىلەر ئارسىدىكى ياخشى نام ۋە ياخشى سۈپەت قالدۇرۇشىنىڭ ئاساسىدۇر. جىمى ئادەمزات ئۈچۈن مەيلى ئۇ شاھ بولسۇن، گاداي بولسۇن، ئالىم بولسۇن، باي بولسۇن__ ھەممىسىگە ساخاۋەت ۋە ئېھساندىن ئارتۇق سۈپەت ۋە پەزىلەت يوقتۇر. ساخاۋەت__ خۇددى جەننەتنىڭ دەرەخلىرىگە ئوخشاش، جەننەتنىڭ دەرەخلىرى بولغاندىمۇ ئاللاتائالانىڭ رازىلىق ئېرىقلىرىنىڭ لېۋىدە ئۆسكەن دەرەختۇر. ساخاۋەت بىلەن قولغا كەلتۈرگەن نام_شەرەپ بولسا ئۇنىڭ چېچەكلىرىدۇر. & i) H1 H/ Q" S  o  ]
ئوتتۇز ئىككىنچى نەسىھەت
! A& J5 H9 T" A, `( T# X* w2 ?: {ئەي قىزىم، ھايا-گۈزەللىك دەرىخنىڭ بىر شېخى، ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشىدىكى مۇھىم شەرتتۇر. ئىنساندىن ھايا كۈتۈرۈلسە، ھېچ كىشى ھېچ كىشىدىن ئۇيالمايدىغان بولىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئىنتىزامى بۇزۇلۇپ ياخشى رەسىمى-قائىدىلەر تۈگەپ كىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئىشلىرى ۋەيرانچىلىققا يۈزلىنىدۇ، ئىنسابسىزلىق ئەۋىج ئېلىپ، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك ئېتىپ، نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدىغان بولىدۇ. ; r1 o5 F9 ?! ~! `3 {$ ]
ئادالەت قانات يايدۇرۇلسا، ساختىلىققا ئۇرۇن قالماس، ئادالەت ھاۋاسى مەملىكەتكە گۈزەللىك بەخىش ئېتەر.
6 H- X5 }4 T- w3 E6 Fئادالەت بىر ئاپتاپتۇركى، ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قاراڭغۇلۇق يۇرۇغاي. ; Q5 z! x8 D1 z5 q& _
ئوتتۇز ئۈچنچى نەسىھەت
2 T. j$ x+ p4 A3 b. Aئەي قىزىم، قىزلانىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، گەپ-سۆزى نازاكەتلىك، يېقىملىق بولۇشى كېرەك. ئۇلارغا ئارتۇقچە ھەرىكەت، قوپال سىلكىشلەر ياراشمايدۇ. نازاكەت، يېقىملىق دېگەندە مۇلايىملىق، ئىش-ھەركەتتىكى نازۇكلۇق، يۇمشاقلىق چۈشىنىلىدۇ. قاتتىق سۆزلەش، قاتتىق كۈلۈش، قوللىرىنى شىلتىپ ھەممىنى ئۆزىگە قارىتىش قىزلارنى نازاكەتتىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. دەرھەقىقەت، تىلى يېقىمىلىق، چىرايى گۈلگۈن قىز-ئاياللار ئۆز ئائىلىسىنىڭ بەخىت-سائادىتى، ئاتا-ئانىسىنىڭ بەختى بولۇپلا قالماي، ئۆز ئېلىنىڭمۇ كۆرىكىدۇر. 8 w; z8 [; X; u: ~
ئوتتۇز تۆتىنچى نەسىھەت / n6 T# \/ L! e: O8 W$ [
ئەي قىزىم، يىلتىز ئىزدىگەن كوچىلارغا قىلغان ساياھىتىڭىزدە دائىم ئۆتمۈشنىڭ ئاجايىپ جەزبىگە تولغان ئىللىق قوينى ئارقىلىق سىزنى ئالەمچە ھېسلار قۇچىقىدا ئەللەيلەيدۇ، ئۆتمۈش، ئەجدادىنى تونۇش ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىيتىدىن ئىلھام ۋە ھاياتىي كۈچ ئالدىغان ئەۋلاتلىرىمىزنى كۆپەيتىدۇ، شۇنداقلا پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن دادىل يول ئاچالايدىغان جاسارەتكە ئىگە ئىلىم گىگانىتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ؛ يىلتىز ئىزدەش دائىم سەمىڭىزدە بولسۇن، يىلتىز ئىزدەش روھى دائىم سىزگە ھەمراھ بولسۇن، شۇندىلا سىز ئۆز قەددىڭىزنى مەغرۇر كۈتۈرۈپ، ئۆتمۈشكە ئۆتمۈش كۆزىدە قاراپ، كېلەچەككە ئۈمىدۋار نەزەر تاشلاپ، پارلاق كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن، كەلگۈسىدىكى ئەۋلادىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ زېمىن ھازىرلاپ بېرەلەيسىز. / x4 l3 n: P" k: J
ئوتتۇز بەشىنچى نەسىھەت 6 o0 B" I7 _7 `1 V
ئەي قىزىم، سىز قايغۇ-ھەسرەت چەككەندە ياخشىسى بىرەر نەرسە ئۈگىنىڭ، ئۆگىنىش سىزنى مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرغۇزىدۇ. سىز قېرىپ كېتىشڭىز، تۈن بويى ئۇخلماسلىقىڭىز، مۇھەببەتتە، ئوڭۈشسىزلىققا ئۇچىرشىڭىز مۇمكىن. ئەتراپىڭىزدىكى دۇنيانىڭ بىر توپ تەلۋىلەر تەرپىدىن ۋەيران قىلىنۋاتقانلىقنى كۆرۈپ تۇرۇشىڭىز مۇمكىن.نامىڭىزنىڭ يامان غەرەزلىك كىشىلەر تەرپىدىن بۇلغىنۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىشىڭىز مۇمكىن. بۇ چاغدا قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىرلا ئىش بار__ ئۇ بولسىمۇ ئۆگىنىش. كىشلىك دۇنياسىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەپلىرىنى تەتقىق قىلىڭ. ئۆگىنش ۋە پەقەت ئۆگىنىشلا روھىڭىزنى مەڭگۈ قېرىتمايدۇ، سىزنى مەڭگۈ يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرمايدۇ، رۇھىي ئازاپتىن مەڭگۈ خالاس قىلىدۇ. مەڭگۈ پۇشايمانغا قويمايدۇ. $ T0 c! |# E7 y
ئوتتۇز ئالتىنچى نەسىھەت ) J5 H7 D0 C4 I3 [
ئەي قىزىم، ھۈنەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ناتىقلىقتۇر. تەڭرىم ئىنساننى ھەممە مەخلۇقاتتىن كاتتا قىلىپ ياراتتى. باشقا جانلىقلاردىن ئادەمنىڭ بەدىنىدە ئون نەرسىنى زىيادە قىلىدى. ئۇ ئون نەرسىدىن بەشى بەدەننىڭ ئىچىدە، بەشى بەدەننىڭ تېشىدا. بەدەننىڭ ئىچىدىكى بەش نەرسە: پىكىر قىلىماق؛ يادىغا(يادقا) ئالماق؛ بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالماي، كۆڭلىدە ساقلىماق؛ خىيال قىلماق؛ سۆزلىمەك. * k4 |# k/ l& U. B
بەدەننىڭ تېشىدىكى بەش نەرسە: ئاڭلىماق؛ كۆرمەك؛ پۇرىماق؛ سىيلىماق(سىيلاش ئارقىلىق قاتتىق-يۇمشاقنى بىلىش)؛ تېتىماق (تېتىش ئارقىلىق ئاچچق-تاتلىقنى بىلىش). بۇ نەرسىلەر ھايۋانلارغا نىسىپ بولغان ئەمەس. نىسىپ بولدى دېگەندىمۇ، ئادەمدە بولغان دەرىجىدە ئەمەس، ئۇشبۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار ئۆزىگە جانلىقلارغا پادىشاھتۇر.
' k$ Z: `' W/ @- fئوتتۇز يەتتىنچى نەسىھەت
" n9 b9 u: l# rئەي قىزىم، ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە ياخشلىققا (ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرۇغۇچى بۇ ئىككىسى بىر تۇغقاندۇر. زامانە ئۇلارنى بىر-بىردىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ. قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن پۇشايمان قىلىما. ياخشلىقىڭ ياكى يامانلىقڭنىڭ جازاسىنى ئۇشبۇ دۇنيادىلا كۆرىسەن. چۈنكى، سەن بىراۋغا ياخشىلىق قىلساڭ، ئۇ كىشى قانچىلىك راھەتلەنگەن ۋە خۇشال بولغان بولسا، سېنىڭ كۆڭلۈڭدىمۇ ھەسسىلەپ خۇشاللىق ۋە راھەت سەزگۈسى پەيدا بولىدۇ. ئەگەر بىر كىشىگە يامانلىق قىلىساڭ، سېنىڭ كۆڭلىڭدىمۇ ھەسسىلەپ پۇشايمان ۋە غەشلىك پەيدا بولىدۇ. دەر ھەقىقەت، نەزەر سالغىنكى، كىشىنى خۇشال قلىساڭ، ئۆزۈڭمۇ خۇشال بولىسەن. كىشىنى رەنجىتسەڭ، ئوخشاشلا ئۆزۈڭمۇ رەنجىيسەن. 9 @9 l( f( \2 Y1 w# U
ئوتتۇز سەككىزىنچى نەسىھەت 6 O% f8 I. s/ B- C/ }: f& v
ئەي قىزىم، ھەر قانداق ئادەم ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ مۇكاپاتىنى ئۇ جاھانغا بارماستىن ئىلگىرى، ئۇشبۇ دۇنيادىلا كۆرگۈسىدۇر. بۇ سۆزنى ھىچ كىشى ئىنكار قىلالمايدۇ. سەن ۋە مەن ھەم بۇ سۆزدە بەرھەقدۇرمىز. شۇڭا، قۇدرىتىڭ يەتسىلا كىشىگە ياخشىلىق قىلىشتىن باش تارتىما. قىلىغان شۇ ياخشلىقىڭ ھامان بىر كۈنى ساڭا مېۋە بېرىدۇ. قۇدرىتىڭنىڭ بارىدا ياخشلىق قىلىشتىن توختىما. خالايىققا ئۆزۈڭنى ياخشلىق ۋە ۋە ياخشى پېئلىڭ بىلەن كۆرسەتكىن. يامانلىق بىلەن كۆرۈنۈشتىن ساقلان. تىلىڭدا بىر خىل، دىلىڭدا بىر خىل بولمىغىن. ھېچقاچان بۇغداي كۆرسۈتۈپ ، ئارپا ساتما. ھەممە ئىشلاردا ئۆزۈڭنىڭ ھالىغا ئۆزۈڭ يەت. : Y' N2 k  x' @6 m& ^7 H& f0 b, E
ئوتتۇز توققۇزىنچى نەسىھەت . z! l9 o8 a7 V, P
ئەي قىزىم، ھەر كىشى ئۆز ھالىغا ئۆزى يەتسە، كىشىگە ئېھتىياجى چۈشمەيدۇ. ئەگەر غېمىڭ ۋە شادلىقىڭ بولسا، كۆرگەنلا كىشى ئالدىدا ئاشكارا قىلىۋەرمە. غېمىڭگە غەم ۋە شادلىقىڭغا شاد بولىدىغان مۇڭداش تېپىپ ئاندىن ئېيىتقىن. ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھالىتىڭگە تېز سۆيۈنمە ۋە ھۇدۇقما. بۇنداق قىلىش، يەنى تېز سۆيۈنۈش ۋە ھۇدۇقۇش گۈدەكلەرنىڭ ئىشىدۇر. ئازغىنا بىر ئىش ئۈچۈن تەبئىتىڭنى ئۆزگەرتىمە. ئەقىل ئىگىلىرى بۇنداق ھالەتنى خوپ كۆرمەيدۇ. شۇنى بىلگىنكى، ھەر قانداق شادلىقنىڭ ئاخىرىدا قايغۇسى بولىدۇ. شۇڭا ئۇنى شادلىق دەپ بىلمە. ئوڭۈشسىزلىققا دۈچ كەلگەن ۋاقتىڭىدا ئۈمىدۋار بول. ئۈمىدسىزلىك ئىشكىنى ئۈمىد ئىشىكى بىلەن تاقا.
/ |6 A4 a" l0 Dقىرىقىنچى نەسىھەت + H  ^6 p5 d1 `" m/ W2 b
ئەي قىزىم، ھەممە ئىشنىڭ نەتىجىسىنى بۇ جاھاندى ئۆتكۈلۈك ۋە بۇ ئالەمدىن كەتكۈلۈك دەپ بىل. ھەققانىي ۋە توغرا ئىشلارنى ئىنكار قىلىشتىن ساقلان. ئەگەر كىشى ساڭا ئاچچىقلىسا، سەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى خامۇشلۇق بىلەن پەس قىل. ئەخمەقنىڭ سۆزىگە جاۋاپ بىرىشتىن ئۆزۈڭنى تارت ۋە ھېچ كىىشىنڭ ئەمگىكىنى زايا قىلما. خۇدا رىزاسى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىل. ئۆز يۇرتۇڭدىكى يېشى چوڭ، قېرى كىشلەرگە كۆپ ئىززەت قىل. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆز قەبىلىسدىكى قېرىلار، شۇ قەبىلە ئۈممەتلىرى ئارىسىدا پەيغەمبەرگە ئوخشاشتۇر» دېگەن. قېرىلارنىڭ سۆھبىتىگە تولا ھېرىس بولما. ئۇلارنىڭ ئەيىب-نوقسانلىرىنى بىلىپ قېلىشتىن ساقلىنالايسەن. ئەمما، قېرىلارنىڭ ھۈنەر-پەزىلەتلىرىگە نەزەر سال. ئەيىب-نوقسانىلىرىغا كۆز سالما. كىشىنىڭ ئەيبىگە كۆز سېلىش ئەيبتۇر. " J3 S6 ?! G2 o, D; I1 B
قىرىق بىرىنچى نەسىھەت
; p# O$ f$ U# wئەي قىزىم، ھۇرۇنلۇق بەدەننى بۇشاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەگەر بەدىنىڭ سېنىڭ پەرمانىڭغا بويسۇنمايدىكەن، سەن خاتىرجەم بولالمايسەن. چۈنكى بەدەننىڭ سۇس ۋە بوشاڭ بولۇشى خاتىرجەملىكىڭنى قوبۇل قىلالمايدۇ. بەدىنىڭ ئۆز مەيلىچە ئەمەس، بەلكى سېنىڭ خاھىشىڭ بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. سەن خالىمىساڭ ياكى سېنىڭ ماقۇللۇقۇڭ بولمىسا، بەدەن ھېچبىر ھەرىكەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. بەس، سەن چېنىقتۇرۇش بەدىلىگە بەدىنىڭنى پەرمانىڭغا بويسۇندۇر. قەھرىڭ بىلەن ئىتائىتىڭگە كەلتۈر. ھەر قانداق كىشى ئۆز بەدىننى پەرمانىدا تۇتالمىسا، ھۈنەردىن بەھرە ئالالمايدۇ. قاچانكى بەدىنىڭنى ھۈنەر ئۆگىنىشكە__ پەرمانىڭغا بويسۇندۇرساڭ، ھۈنەر بىلەن ئىككىلا جاھاندا سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك تاپالايسەن.
% b0 E: K0 g* e  o5 K1 ]0 k. s. `قىرىق ئىككىنچى نەسىھەت
4 H& [/ n# o/ S+ b9 r' B/ C. Uئەي قىزىم، ھەممە ياخشىلىق ۋە ئوبدانلىقنىڭ ئاساسى مۇنۇ سەككىز ئىش بىلەندۇر: بىرنچىسى، ئىلىم ئۆگەنمەك؛ ئىككىنچىسى. نەپسىنى يىغماق، تائەت-ئىبادەت بىلەن بولماق؛ ئۈچىنچىسى، ياخشىلار، تەقۋادارلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولماق؛ تۆتىنچىسى، راسىت سۆزلىمەك؛ بەشىنچىسى، ئىخلاس ۋە ئېتقادىنى دۇرۇس قىلماق؛ ئالتىنچىسى، كىشىلەرگە ئازار يەتكۈزۈشتىن يىراق بولماق؛ يەتتىنچىسى، باشقىلانىڭ ئېغىرىنى كۆتەرمەك؛ سەككىزىنچىسى، شەرىم-ھايالىق بولماق. / `, a6 l8 {5 s; y* ~  I) v) K
ئومۇمەن بۇ سۈپەتلەرنىڭ ئاساسى يەنىلا شەرىم-ھايادۇر. بىراق، «ھايا، يەنى ئارتۇقچە تارتىنچاقلىق رىزققا توسالغۇ بولىدۇ» دېگەن گەپمۇ بار. بەزىدە تارتىنچاقلىق چىكىدىن ئاشسا، ئۇۋالچىلىققا قالىسەن، شۇڭا ئارتۇقچە تارتىنچاقلىق قىلمىغىنكى، ئىشلىرىڭدا يېتەرسىزلىك كۆرۈلمىسۇن ۋە پايدىلىق ئىشىڭدا زىيان بولمىسۇن.
2 t8 Q* E+ ^3 {$ l$ _* ^قىرىق ئۈچىنچى نەسىھەت 0 @; o  c: Y1 o6 s+ s$ q7 z
ئەي قىزىم، ھەر قاچان ياخشىلىق قىلدىغانلارنى ياكى ئۇلارنىڭ (ياخشىلارنىڭ) ياخشى ئىشلىرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالما. ساڭا ھاجىتى چۈشكەنلەرگە ئىزا قىلما ھەم ئۇلارنى ھىممەتسىز ياندۇرما. خۇشخۇيلۇق بىلەن ئاتالماقنى ئۆزۈڭگە كەسىپ قىل. كىشىلەر يامان دەيدىغان خۇيدىن يىراق بول. زىيانكار بولمىغىن، يەنى زىيانلىق ئىش قىلمىغىن، چۈنكى زىيانلىق ئىشتىن موھتاجلق ھاسىل بولىدۇ ۋەمۇھتاجلىقتىن نامراتلىق ھاسىل بولىدۇ. ھەمىشە ياخشى ئىش قىلىشقا تىرشقىن. ئاددىي خەلىقنىڭ ۋە جاھىللارنىڭ سېنى ياخشى ۋە ئوبدان دېگىنى ھېساب ئەمەس، تا ئاقىللار-ئىلىم ئەھلى سېنى ئوبدان ۋە ياخشى دېگەي!
8 k0 ~& z3 ?) @9 {ھەممە تائىپە بىلەن چىقىشىپ ئۆتكىن. دوست بىلەن دۈشمەننى ئارلاشتۇرۋەتمە. ھېچ كىشىگە يامانلىق قىلىشنى ئۆگەنمىگىن، بولمىسا، يامانغا يانتاياق بولۇپ قالىسەن.
) \7 ^6 B* ~) ?; G% x6 }- i' Dقىرىق تۆتىنچى نەسىھەت 9 w! D$ B4 G: O! ~
ئەي قىزىم، كىشىلەرنىڭ نەپىرتىگە-تەنقىدىگە ئۇچىرماي دېسەڭ، قىلىمىغان ئىشنى قىلغاندەك كۆرسەتمە، يەنى قۇيرۇق كۆرسۈتۈپ، ئۆپكە ساتما. ئەگەر ئۇياتقا قالماي دېسەڭ، ئۆزۈڭ يەردە قويمىغان نەرسىنى ئۈستۈن كۆتۈرمە. يەنى خىيالىڭغا كەلگەن ئىشنى قىلما. ئەگەر ئۆزۈڭدىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالماي دېسەڭ، ئۇلۇغلارنى كەمسىتمە. ئەگەر تۈگىمەس پۇشايمانغا قالماي دېسەڭ، كۆڭلۈڭنىڭ خاھىشىچە ئىش قىلما. ئەگەر ئۇلۇغلار، زېرەك ئادەملەر جۈملىسىدىن بولاي دېسەڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزگىلەرنىڭ ئەينىكىدە كۆرۈپ باق. ئەگەر قەدىر-قىممىتىنمىنى ساقلاي دېسەڭ، ئاۋۋال ئۆزگىلەرنىڭ قەدىرنى بىلگىن. ئەگەر كىشلەرنىڭ ماختىشىغا ئىرشەي دېسەڭ، پاراسەتسىز، كەم ئەقىل كىشىلەرگە سىرىڭنى ئاشكارا قىلما. ئەگەر خەلىق ئارىسىدا ئابرۇي تاپاي دېسەڭ، ئاش-ناننى، يەنى داستىخىنىڭنى كەڭرى قىل.   ]! q! t- p5 J
قىرىق بەشىنچى نەسىھەت ; x  |* _5 @; c! q# s
ئەي قىزىم، ھەر قانچە بىلىملىك بولساڭمۇ، ئۆز بىلىمىڭدىن مەغرۇرلانما. بىرەر ئىش ئالدىڭغا كەلسە، ئۇ ئىشنى ئۆزۈڭ پۈتۈنلەي ھەل قىلالايدىغان بولساڭمۇ، ئۆز خاھىشڭغا بېرىلمە ۋە ئۆز بىلىمىڭگە ئىشىنىپ كەتمە. ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كەتكەن كىشى ھەمىشە پۇشايماندىن خالىي بولالمايدۇ. باشقىلار بىلەن كېڭشىشتىن نومۇس قىلما. ئاقىل قېرىلار ۋە يېقىن دوسلىرىڭ بىلەن پىكىرلىشىپ تۇر. مۇھەممەت ئەلەيھسسالام پەيغەمبەر ۋە ھېكىمەت ئۆگەتكۈچى بولسىمۇ، ھەقسۇبھانەۋەتەئالا مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىشقا بۇيرۇپ: «يا مۇھەممەد، ئىشلىرىڭدا ساھابىلىرىڭ، سىرداش دوسىت-يارەنلىرىڭ بىلەن مەسلىھەتلەشكىن، تەدبىر سەندىن، نۇسرىتى مەندىن» دېگەن. بىر كىشنىڭ ئەقلى ئىككى كىشىنىڭ بىلەن باراۋەر بولالمايدۇ ۋە بىر كۆز ئىككى كۆز كۆرگەننى كۆرەلمەيدۇ.
6 r/ F6 q  b3 o0 u) ?$ \! `; {. ]6 |قىرىق ئالتىنچى نەسىھەت / G: D5 ?2 o7 `' p% M' @
ئەي قىزىم، مېھماننىڭ ھەققى ۋاجىپتۇر. لېكىن مېھمان قىلساڭ مېھمان بولۇشقا، يەنى ھۆرمەتلەشكە، ئۇلۇغلاشقا لايىق ۋە مېھماندارچىلىققا ئەرزىگۈدەك ئادەمنى مېھمان قىل. نادان، نائەھلى ۋە پەسكەش، بېخىل كىشلەرنى مېھمان دەپ ئۆيۈڭگە يۇلاتقۇچى بولما. ئۇنداق كىشىلەر ئۇلۇغلاش_ھۆرمەتلەشكە ئەرزىمەيدۇ. بىلىشىڭ كېرەككى، مېھماندارچىلىق ۋە ھۆرمەت – ئىززەتنى كۆرگەنلىكى كىشىگە قىلغۇلۇق ئەمەس. ئەگەر باشقىلارنىڭكىدە مېھمان بولۇش توغرا كەلسە، بولار-بولماس كىشىنىڭ مېھماندارچىلىقىغا بارما. ئەگەر بارماقچى بولساڭ، بەك ئاچ قۇرساق بارما،بەك توقمۇ بارما. چۈنكى ھېچنىمە يېمىسەڭ ئۆي ئىگىسىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. كىشىلەر رەنجىيدۇ. ناۋادا كۆپ يېسەڭ «قارنى يامان» دېگەن ئاتاققا قالىسەن. مېھماندارچىلققا بارساڭ، بىر يەردە، يەنى ئۆزۈڭگە لايىق ئورۇندا ئولتۇرغىن. " p; T% W% \, [9 ]+ U0 V
قىرىق يەتتىنچى نەسىھەت
, D' X& A7 i$ bئەي قىزىم، كىشى مۇلايىم تەبئەتلىك بولمىغۇچە ئاشىق بولمايدۇ. چۈنكى ئىشىقنىڭ ئۆزى مۇلايىملىقتۇر. كىشى خاراكتېرىنىڭ مۇلايىملىقىدىن ئىشىق پەيدا بولىدۇ. «ھەر كىشى ئاتىسغا ئوخشىسا، ئۇنىڭغا زۇلۇم يەتمەيدۇ» دېگەن گەپ بار. شۇڭا ئىشىق دېمەك-مۇلايىملىق دېمەكتۇر. ئەگەر مۇلايىملىقتىن مۇلايىملىق توغۇلسا، ئۇنداق مۇلايىملىق ھېچبىر تاپا-تەنىگە قالمايدۇ. كۆرمىدىڭمۇ؟ قېرىلاردىن، يەنى قېرىلارغا قارىغاندا يىگىتلەر تۇلاراق ئاشىق بولىدۇ. چۈنكى يىگىتلەرنىڭ تەبىئىيتى قېرىلارنىڭ تەبئىيتىدىن يېقىملىقراق ۋە نازۇكراق بولىدۇ. ئادەتتە قوپال تەبىئەتلىك، ھۇرۇن كىشى ھەرگىزمۇ بىراۋغا ئاشىق بولمايدۇ. چۈنكى ئىشىق شۇنداق بىر ئاغرىقتۇركى، ئۇ نازۈك روھلارغا تولاراق ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھەر ئامال بىلەن ئاشىق بولۇشتىن ساقلان. ئاشىقلىقتىن پەرھىز قىلغىن. ئاشىقلىق بالا ۋە ئاپەتلىك ئىشتۇر.
0 z6 x; P! J( Z5 C5 s: ?8 _6 o5 K1 \قىرىق سەككىزىنچى نەسىھەت
( k+ S- [% j. t6 F1 }+ nئەي قىزىم، ھەر قانداق بىر ئىش سۆز ياكى بىرەر كىشىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ ئىش ئۈچۈن پۇل خەجلىمە. زۆرۈر بولدىكەن، پۇل خەجلەشتىن ئايانما. چۈنكى پۇلسىز كىشنىڭ ئىشىنىڭ قەدىرى بولماس! شۇنى بىلىگىنكى، ئادەملەرنىڭ تۇلىسى مەنپەئەتى بولمىسمۇ دۇنيادارلار (بايلار) نى دوسىت تۇتىدۇ؛ زەرىرى يەتمىسمۇ كەمبەغەللەرنى يامان كۈرىدۇ. ئادەملەرنىڭ ھال-ئەھۋالىنىڭ يامانراقى مۇھتاجلىقتۇر. شۇڭا ياخشى ئاتاققا ئىرشەي ، ياخشى نام بىلەن زىننەتلىنەي دېسەڭ، مۇھتاجلارغا خەيرى-ئھسان قىل. ھەر كىشىنى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ رازى قىلشقا تىرش. ئەمما ئىسراپچلىقمۇ قىلما. ئىسراپچىلىقنى خۇدايتائالانىڭ دۇشمىنى دەپ بىل. بۇ ھەقتە خۇدايتائالا ئۆز كالامدا خەۋەر بېرىپ:« ئىسراپ قىلماڭلار، خۇادايتائالا ئىسراپ قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ» دېگەن. 3 L/ I: J  }/ ?2 _* Y* ?
قىرىق توققۇزىنچى نەسىھەت 4 p# _9 O! ~# b, ^% I# O
ئەي قىزىم، دوستۇڭنى تەڭلىك، يەنى قىيىنچىلىق ۋاقىتلاردا سىنا، مەئىشىتىڭ پاراۋان، يەنى باي-باياشات چاغلىرىڭدا ھەممە ئادەم ساڭا دوستلۇق بىلدۈرىدۇ. دوستىلىرڭدىن كۆڭلۈڭ ئاغرىغان ۋاقىتلاردا ھەم ئىلگىركىدەكلا خۇش مۇئامىلىدە بول. ئەمما دوستىلىرڭغا سىرىڭنى ئېيتقۇچى بولما. چۈنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاراڭلاردا نىزا-خۇسۇمەت پەيدا بولۇپ قالسا، دوستلۇق دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ__دە ، ئېيتىقان مەخپىيتىڭ ساڭا زىيان ئېلىپ كىلىدۇ. كېيىن پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ پايدىسى بولمايدۇ. ئەگەر كەمبەغەل بولساڭ، دۇنيادارلار بىلەن دوسىت بولما، چۈنكى كەمبەغەللەرنى ھېچ كىشى دوسىت تۇتمايدۇ. خۇسۇسەن، ئۆز مەرتىۋەڭدىكى ئۆزۈڭ بىلەن باراۋەر ، تەڭ دەرىجىدىكى كىشىنى دوسىت تۇتقىن. ناۋادا سەن باي بولساڭ، كەمبەغەللەرنى دوسىت تۇت. كەمبەغەللەرنى دوسىت تۇتۇش ناھايتىمۇ ئۇلۇغ سائادەتتۇر. 5 l6 A+ s, z( @- n. x- |
ئەللىكىنىچى نەسىھەت 2 U  u8 a- N6 F, W- L; M! l8 N( O
ئەي قىزىم، ھەر قاچان دوستىلىرىڭنىڭ ھەققىدە كۆڭلۈڭنى دۇرۇس تۇت. ئىشلىرىڭنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ. ئەگەر دوستۇڭ ھەققىدە سەندىن ھېچ گۇناھ ئۆتمەي تۇرۇپمۇ، ئۇ ، يەنى دوستۇڭ سەندىن كۆڭۈل ئۈزسە، ئۇنىڭغا ئۆزىرە ئېيتىشقا ئالدىراپ كەتمە. چۈنكى ئۇنداق كىشى دوستلۇققا لايىق ئەمەستۇر. تەمەگەر، يەنى سەندىن پايدا ئۈمىد كۈتىدىغان دوستتىن ھەم يىراق بولغىن، چۈنكى ئۇنداق ئادەم سەن بىلەن پەقەت بىرەر نەرسىنىڭ تەمەيدىلا دوسىت بولىدۇ. يەنە ھەسەتخور كىشىلەر بىلەنمۇ دوسىت بولما، چۈنكى ئۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆڭلىدىن ھەسەت زەھرىنى چىقىرىپ بولماس. ھەسەتخور كىشىلەر ھەمىشە باشقىلارغا ئازار يەتكۈزمەك، ئاداۋەت تۇتماقنىڭ قەستىدىلا يۈرۈيدۇ. سېنىڭ دوستلۇق قىلغىنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەسىر قىلمايدۇ. ; o  V2 @: j7 ?! o, B2 ^6 s
ئەللىك بىرىنچى نەسىھەت
  K* b' v1 D( @4 Fئەي قىزىم، ھېچ كىشىنى ئۆزۈڭگە دۈشمەن قىلۋالماسلىققا تىرىش، ئەگەر بىراۋ ساڭا دۈشمەن بولسا، قورقىمغن ۋە غەم يېمگىن، گەرچە سەن دۈشمەنلىك قىلمىساڭمۇ، باشقا بىرى ھامان ساڭا دۈشمەنلىك ئارزۇسىدا بولىدۇ. ئەمما دۈشمەننىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلىردىن غاپىل بولما ۋە ئۇنىڭ قىلىغان يامانلىقلىرىغا قارىتا سۈكۈت قىلما، ھەر دائىم ئۇنىڭ (دۈشمەنلىرىڭنىڭ) ئىشلىرىغا __ مىكر ۋە ھىيلىلىرىگە پەرۋاسىز قارىما، دۈشمىنىڭنىڭ ھال-ئەھۋالى تەدبىرىدىن خەۋەرسىز قالما، شۇندىلا بالاغا قالمايسەن، كەمبەغەل بولساڭمۇ، ئۆزۈڭنى دۈشمنىڭگە ئۇلۇغ (باي) كۆرسەت، ھىممەتلىك ھەم جۈرئەتلىك بول. ئۆزۈڭنى ھەرگىزمۇ دۈشمىنىڭگە تۆۋەن ۋە يوقسۇل كۆرسەتكۈچى بولما، دۈشمىنىڭنىڭ دۈشمەنلىك ئىشەنچى كۈچىيۋالمىسۇن.
8 i* |8 f* }; I( k+ d3 jئەللىك ئىككىنچى نەسىھەت
2 C/ P- B! A, g* |" Sئەي قىزىم، دۈشمەننىڭ ياخشى مۇئامىلىسى، ياخشى قىلىقى ۋە تاتلىق گەپ-سۆزلىرىگە كۆڭۈل باغلىما ۋە بۇ كۆڭۈل تانابىغا باغلىنىپ قۇدۇققا چۈشۈپ كەتمە، يەنى دۈشمىنىڭنىڭ مەسلىھەت ۋە كېڭىشىگە ئالىدىنىپ قالما، ئەگەر دۈشمىنىڭدىن شېكەر تېتىساڭ، زەھەر بىلگىن، يەنى دۈشمىنىڭدىن بۇلبۇلنىڭ ناۋاسىدەك ناۋا يەتسە، ئۇنى كۆڭۈلنى جاراھەتلەندۈرگۈچى زەھەرلىك يا ئۇقى دەپ بىل. ئەلۋەتتە، دۈشمەندىن قورقۇش كېرەك. دېيىلىدۇكى، ئىككى كىشىدىن قورق. بىرى، زالىم دۈشمەن، يەنە بىرى، ۋاپاسىز يار، دۈشمىنىڭ بىلەن ئاشكارا رىقابەتتە بول. لېكىن ئۇنى ئاجىز كۆرمە، گەرچە دۈشمىنىڭ ئاجىز ۋە يوقسۇل بولسىمۇ، ئۇنى ھامان دۈشمەن دەپ بىل. ھەرگىزمۇ ئۇنى ئاجىز، يوقسۇل دەپ سەل قارىغۇچى بولما. # ~' j4 m, W) N
ئەللىك ئۈچنىچى نەسىھەت 6 T/ q. |+ g- d
ئەي قىزىم، يىپنى ئۆز ھالىدا ئەشسە، بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ ھاجەتكە يارايدۇ. ناۋادا ھالىدىن تاشقىرى ئېشىۋەتسە، ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. بەس، ھەممە ئىشنى ئۆز ئەندىزىسىدە قىلغايسەن. خاھى دوستلۇق، خاھى دۈشمەنلىك بولسۇن، ھەر ئىشنىڭ ئەندىزىسىنى بىلمەك، ھەر ئىشنى ئۆز يولىدا بىجىرمەك ئەقىل جۈملىسدىندۇر.
3 Q4 z: C  w$ Nئاجىزلارنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرگىن گەردەنكەشلەرگە گەردەنكەشلىك قىل. ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ئادەمگەرچىلىك تەرىقىنى ساقلىغىن. غەزىپىڭ كەلگەن ۋاقىتتا سەبىرنى ئۈزۈڭگە ۋاجىپ بىل ۋە ئۆزۈڭنىڭ مىقدارىنى تونۇ. ھەر كىشى ئۆز مىقدارىنى بىلىمىسە، ئادەمىيلىكتىن چەتنەپ كېتىدۇ. , M- @$ j$ h+ v9 Z- T
ئەللىك تۆتىنچى نەسىھەت
, G7 L& v/ ?& }& ?/ Qئەي قىزىم، پالاكەتكە يولۇقۇشنى ئىستىمىسەڭ، مەغرۇر ۋە مۇتەكەببۇر بولما؛ راھەتتە ياشاشنى ئىستىسەڭ، دىلىڭنى ھېرىستىن پاك قىل؛ خار-زارلىقنى ئىستىمىسەڭ، تەمەگەر بولما؛ ئۆزۈڭگە ياخشلىق قىلنىشنى ئىستىسەڭ، ياخشىلىق قىل، ھېچكىمگە ئازار بەرمە، ياخشىلىقنى ئۇلۇغ ئىش دەپ بىل؛ قەدىر-قىممىتىڭنىڭ ئېشىشىنى خالىساڭ، ئۇلۇغ ھىممەتلىك بول؛ ئىشلىرىڭنىڭ پۇشايمان بىلەن نەتىجىلىنىشىنى خالىمساڭ ، ئاۋۋال ياخشىراق ئويلىنىپ، دانا تەجرىبىلىكلەر بىلەن كېڭىشىپ، ئاندىن ئىشقا كىرىشكىن؛ ئۆزۈڭنى ھەممەيلەننىڭ ياخشى كۈرۈشىنى خالىساڭ، خۇلق-مىجەزىڭنى تۈزەت، ئەدەبلىك، تەربىيلىك بول؛ ئابرۇي ۋەئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە بولۇشنى ئىستىسەڭ، ھالال ئەمگەك قىل. پىداكارلىق بىلەن ئىشلە.
9 ^2 R  C7 h& p; Iئەللىك بەشىنچى نەسىھەت 4 `9 m( K+ `% L/ J6 _
ئەي قىزىم، ھەممىنىڭ ئالدىدا ئىشەنچىلىك، مەرغۇب ۋە مەقبول ئادەم بولۇشنى تىلسەڭ، يالغانچىلىقتىن ساقلان. چېقىمچى، ئىغۋاگەر بولما. مەنسىز، تۇتۇرۇقسىز سۆزلەرنى سۆزلەپ يۈرۈشتىن ھەزەر قىل؛ مۇبادا ئۇڭايسىز ھالدا قالساڭ، ئىشىڭدا مۇۋاپىقيەتسىزلىككە ئۇچراپ، قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە قالساڭ، داد-پەرياد قىلىپ يۈرمە، سەۋر قىل. قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش چارىسىنى قىل. 2 ]5 q( A; n' U  n
ئەگەر بىر ئادەم نامراتلىقنى نورمال ئەھۋال دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىپ ئۆتسە، ئۇ نامراتلىقتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ.
+ J  F0 ]  j- A, L0 s4 s; Zئەللىك ئالتىنچى نەسىھەت
: ?$ `/ ]% Z" I% q: t" aئەي قىزىم، توغرا سۆز كۆڭۈلگە ئاچچىق تېگۇر. ھەزىم قىلالىساڭ، ئۇنىڭ مەنپەئەتى مەزە بېرور. توغىرلۇق مەقسەتكە يەتكۈزۇر، توغرا كىشى قەيەردىلا بولسۇن، ئۇنىڭ كۈنلىرى بەختىيارلىق ئىچىدە ئۆتۈر. يورۇق كۈنلىرى قاراڭغۇلاشماس. خەلىققە مەنپەئەت يەتكۈزگەن كىشى چېن كىشى سانىلۇر، ئۇياتسىز كىشى كىشلەرنىڭ پەسكىشى بولۇپ، ئۇنىڭ تىلى توغرا سۆزنى سۆزلىمەس. كىشىلەرنىڭ سەرخىلى ساداقەتلىك كىشىدۇر. ئادەم پاراسەتلىك بولسا ئىشنى ئوبدان ئويلىنىپ، پۇختا قىلىدىغان بولۇر.
6 r- E0 q( l: b0 z5 E7 Vمال-بايلىق توپلاشقا ئارتۇقچە بېرىلمە. چۈنكى، ئارتۇقچە بېرىلسەڭ ئۇنىڭ خيانىتى كۆپ بولىدۇ. ئۇ بىر كۈنى سېنى سەمرىتسە بىر كۈنى يىغلىتىدۇ.
- s  V! A% b! [: W6 ~  g! |ئەللىك يەتتىنچى نەسىھەت # C! `' L6 O0 T# N& ?" z
ئەي قىزىم، ھەممە كىشى بىلەن ياخشى مۇئامىلدە بول، ھېچكىمنى ئۆزۈڭگە دۈشمەن قىلما. سەۋىرلىك، ئېغىرچىلىقلارغا چىداملىق ۋە غەيرەتلىك، جۈرئەتلىك بول. شۇ خىسلەتلەرگە ئىگە بولساڭ، ھەر قانداق ئېغىرچىلقلارنى يېڭەلەيسەن. يامان ئىشلاردىن پەرھىز قىل. گۈزەل ئەخلاقلىق، تەربىيلىك بول. شۇندىلا ياخشى خۇلق-مىجەزىڭ بىلەن خەلىقنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلەيسەن.
3 \8 Z) }" H' E& j, V6 @ئەللىك سەككىزىنچى نەسىھەت
  r% G/ ]5 N2 y. }/ f1 fئەي قىزىم، يالغان سۆزلگەن تۇرۇقلۇق «مېنىڭ دېگەنلىرىم توغرا» دەپ قەسەم ئىچمە. توغرا سۆزلىگەن بولساڭمۇ، بۇنىڭغىمۇ قەسەم ئىچمە. كۈندىلىك كىرىم-چىقىمىڭنى دەپتەرگە يېزىپ تۇرۇشنى ئادەت قىل. چىقىمىڭ كىرمىڭدىن ئارتۇق بولمىسۇن. قانائەتچان بول. ھېچكىمدىن بىرەر نەرسە تەمە قىلما. كۆزۈڭنى ئاچقىنكى، ئالەمگە ھەقىقەت نەزەرى بىلەن قارا. ئۆتكەنلەردىن ئىبرەت ئال. كىشىلەر بىلەن ئېيتىشىپ، سەن-پەن دېيىشىپ يۈرمە. كۆڭلۈڭنى گىنە-ئاداۋەت ۋە خۇسۇمەتتىن پەرھىز قىل. ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭنى ئۇنتۇما. دوسىت-ئاغىنلىرىڭنىڭ ھەققىگە ھۆرمەت قىل. ياخشى سۆزلىرىڭ، ئوبدان ئىشلىرىڭ بىلەن ھەممىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشقا تىرىشقىن. " R; {2 Z( S( e- F
ئەللىك توققۇزىنچى نەسىھەت 8 O( G! |6 M6 {) y. Q& L( r# m- u
ئەي قىزىم، تىرىش، ھەر قانداق ئىشتا كۆپرەك ئىزدەن. ئەگەر مەرد، سېخىيلىق يولىغا كىرسەڭ، ھەممە ئادەم ساڭا كۆز تىكىدىغان بولىدۇ. شۇڭا ئىمكانىيتىڭنىڭ بارىچە ئۈچ ئىشتىن ئۆزۈڭنى ساقلا: بىرى، كۆرۈشكە بولمايدىغان نەرسىگە كۆز سالما؛ ئىككىنچى، تۇتۇشقا بۇلمايدىغان نەرسىدىن قولۇڭنى تارت؛ ئۈچىنچى، دېمەسلىككە تېگىشلىك سۆزدىن تىلىڭنى يىغ. 0 F  ]8 l2 a7 V. U
ئۈچ نەرسىنى دوسىت-دۈشمەنگە ئوچۇق تۇت: بىرى، ئۆيۈڭنىڭ ئىشىكى، بىرى داستىخان، يەنە بىرى ھەمياننىڭ ئاغىزى. ئەمما، ھەر قاچان يالغان ئېيتمىغىن. چۈنكى بارىلىق نامەردلىكنىڭ ئەسلى، يەنى مەنبەئى يالغان ئېيتماقتۇر. ئەگەر بىرسى سېنىڭ مەرد ۋە سېخىيلىقىڭغا ئىشەنسىلا، مەيلى ئۇ سېنىڭ دوستۇڭ بولسۇن، مەيلى زور دۈشمىنىڭ بولسۇن، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىنى ساڭا ئاتايدۇ.
6 b, m9 R; _& p& o+ B# Mئاتمىشىنچى نەسىھەت
4 z) b' r* I* B& S% E! hئەي قىزىم، تىرىشماقلىق دېگەنلىك ھەركەتچانىلىق، غەيرەت ۋە چىدام بىلەن ئىشلىمەك دېمەكتۇر. بۇ سۈپەت ئەڭ گۈزەل سۈپەتلەردىن بولۇپ، ھىممەتكە تەۋەدۇر. ھىممىتى چوڭ ئادەم جان-جەھلى بىلەن ئىشلەشتە جاپا تارتىشتىن قورقىمسۇن. چۈنكى، ھەر قانداق ئىش ئىككى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. ئەگەر تىرشماقلىقى ئارقىسىدا تىلىكىگە يەتسە، بەك ياخشى. ئەگەر يېتەلمىسە، ئاقىللار ئالدىدا ئۆزرىلىكتۇر ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ مەقسەت يولدا ھىممىتى يۇقىرى ئىكەنلىكنى خەلق تەقدىرلىگەي. ( ]( P7 t& r. p7 |, k% d, X, O2 L% d
ئاتمىش بىرىنچى نەسىھەت
+ V! O( H: B7 D% Jئەي قىزىم، كۈمۈشنىڭ سىرتىقى كۆرۈنۈشى ئاپئاق بولسىمۇ، كۆپ تۇتۇلسا قارا يۇقتۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش بەزى ئادەملەرنىڭ سۆزلىرى زاھىرىدا كۈمۈش كەبى ئاپئاق ۋە تازا كۈرۈنسىمۇ، لېكىن قايغۇ ۋە زىيان كەلتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ غەپلەتتە قالغان ساددا دىل ئادەمنڭ كۆڭلى قارىيدۇ، يامانلىشىدۇ. كۆرۈنۈشتە گۈزەل، ئەمما يامانلىق مىسالى بولغان ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلىرىگە ئەمەس، جەمئىيەتتە كەلتۈرگەن زىينىغا، يارىماس خۇلىقلىرىنىڭ قورقۇنچىلىق نەتىجىلىرىگە قاراڭ. كىچىككىنە بالا چوغنى (ئوتنى) سۆيىدۇ، كۆيدۈرسە دادلاپ يىغلايدۇ. نارەسسىدىلەر چوغدىن، ساددا دىل ئادەملەر بولسا ھىيلىگەر، نەيرەڭۋاز، مۇناپىقلاردىن كۆيىدۇ. 4 \9 ?, Y9 o& }4 s2 y
ئاتىمىش ئىككىنچى نەسىھەت 8 ?, m, Y% r" Z9 ]' |
ئەي قىزىم، قىلغان بىرەر ياخشىلىقىڭىزنى تەكرارلاۋېرىپ ھەدەپ ماختىنىۋەرمەڭ. ئارڭىزلاردىكى قېرىنداشلىق، دوستلۇققا تاينىپ، ئۇلاردىن پايدا ئۈندۈرۈۋېلىش ئارزۇسىدا بولماڭ؛ ھېچكىمنى ئۇيالدۇرماڭ؛ ئۇياتلىق لەتىپلەرنى سۆزلىمەڭ؛ ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ رەھىمدىل بولۇڭ. ئۇلارنى ئۇرۇپ ئازار بېرىشتىن ساقلىنىڭ؛ «ياشقا چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈن كىچىكلەر ئالدىدا نېمىلا دېسەم بولۇۋېرىدۇ» دەپ ئويلىماڭ. يىغلىشلاردا ھەر خىل مۇناسىۋەتسىز سوئال-جاۋاپلاردىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ، سۇئالىڭىزغا جاۋاب بىرىشنى خالىمىغان ئادەمنى «جاۋاب بەر» دەپ قىستىماڭ؛ ئەدەپ، تەربىيگە رىئايە قىلىڭ. ' D1 ?1 X$ j: W6 i: k
ئاتمىش ئۈچىنچى نەسىھەت
# o/ l$ l1 f4 F& t5 v6 Y* H0 yئەي قىزىم، تارازىنىڭ بىر پەللىسىدە ئىش، ئىككىنچى پەللىسىدە ئىجتىھات تۇرىدۇ. ئىجتىھات پەسەيسە، ئىش ئېغىرلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشقا ئەھمىيەت بىرىش، ئىجتىھات قىلىش، غەيرەت ۋە چىدام بىلەن ئىشلەش لازىم. كىمكى ئىجتىھات قىلماي ھورۇنلۇق كېسىلىگە چېلىقىپ قالسا، ھايات مەيدانىدا باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىپ، خار-زار بولۇپ ياشغۇسى. ئىنسان ئىشقا غەيرەت ۋەچىدام بىلەن كىرىشسە، ئۇنىڭغا بارلىق كۈچىنى سەرىپ قىلسا، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇلۇغلىنىدۇ، قۇۋۋىتىنىڭ دائىرسى كېڭىيۇر، ئىززەت ۋە ئابرۇيغا ئېرشۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ئىشنى، مەيلى كىچىككىنە بىرەر ئىش بولسىمۇ، چىن كۆڭۈل بىلەن ئىشلەپ، ئجتىھات سەرىپ ئەيلەش زۆرۈر. ; a# }5 {% E! r6 c6 l! C
ئاتىمىش تۆتىنچى نەسىھەت 5 n9 |3 w, m, h
ئەي قىزىم، ئۆز كەمچىلىكلىرىنى بىلىشنى ئىستىگەن كىشىلەر ئۈچۈن تۆت خىل يول باردۇر: بىرنچى يول__ كەمچىلىكىنى سېزىپ كۆرەلەيدىغان كامىل ئادەم بىلەن سۆھبەتلىشىپ تۇرۇشتۇر. ئىككىنچى يول__ سەمىمىي، خەيرىخاھ دوست تېپىپ، ئۆزىنىڭ قىلۋاتقان ئىشلىرىنى ئۇنڭغا ئېيتىپ، ئۆزىنى بولمىغۇر ئىش، ناچار يوللاردىن قايتۇرۇشنى ئۇنىڭدىن ئىلتىماس قىلىشتۇر. ئۈچىنچى يول__ كەمچىلىكلىرىنى دۈشمەنلەر ئاغزىدىن ئىشتىپ، ئۇلاردىن تېگىشلىك خۇلاسە چىقىرشتۇر. تۆتىنچى يول__ كىشىلەر بىلەن ئارلىشىپ، بەزى ئادەملەردە كۆرۈلگەن يامان قىلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك. خەلىقنىڭ نەپرىتىگە ئۇچىرىغان يامانلارنىڭ قىلىقلىرى سېنىڭدە بار بولسا، ئۇنى تۈزەتكەيسەن.
' i/ y( A' E) c! I7 U* iئاتمىش بەشىنچى نەسىھەت 3 y, J* P0 u. K1 S
ئەي قىزىم، سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت بىلدۈر ۋە ئىتائەت قىل. ئاقىل ۋە دانا پەرزەنىت ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققىنى كەم-كۈتسىز ئادا قىلۇر. ئەگەر سەن ئۇلارنى ھۆرمەتلەشتە نوقسانلىق بولساڭ، نامىڭ ياخشىلىق بىلەن يادلانمىغاي. ئۆز پەرزەنتىلىرىڭنىڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشىنى ئىستىسەڭ، سەنمۇ ئاتا-ئاناڭغا ياخشى مۇئامىلدە بولغىن. پەرزەنتىنى يېمىش، ئاتا-ئانىنى دەرەخ دەپ پەرەز قىلايلۇقكى، دەرەخ قانچە ياخشى پەرۋىش قىلىنسا، ئۇنىڭ يېمىشى شۇنچە ياخشى ۋە تاتلىق بولۇر. 5 _% ^1 \' g; e! g, a
ئاتمىش ئالتىنچى نەسىھەت ) K1 P6 u6 x. D$ N
ئەي قىزىم، شۇنى چۈشەنگىنكى، ئاتا-ئاناڭ سېنى تەربىيە قىلىپ ئۆستۈردى، بۇ يولدا كۆپ مۇشەققەت چەكتى. ئۇلار ساڭا ھېچقاچان يامانلىقنى راۋا كۆرمەيدۇ، سېنىڭ بەخىت-سائادەتلىك بولۇشۇڭنى تىلەيدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ مۆھتىرەم زاتلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى بىجا كەلتۈرۈشكە غەيرەت قىل. ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئاغرىتما. ئوچۇق يۈزلۈك، شېرىن سۆزلۈك بول. ئۇلارنىڭ ھاللىرىدىن دائىم خەۋەر ئېلىپ تۇر، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ موھتاجلىقتا قالدۇرما. ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن رازى قىلىپ، دۇئالىرىنى ئېلشىقا تىرىش. مانا شۇ گۈزەل خىسلەتلىرىڭ بىلەن ئىززەت ۋە شاراپەت ھاسىل قىلۇرسەن.
' |& ^; j6 M, Z' ^  O8 Aئاتمىش يەتتىنچى نەسىھەت 6 A$ ?+ N* v0 ^9 {7 T" ?
ئەي قىزىم، چىن سۆزنى يوشۇرما، چىن، توغرا سۆزنى ئېيتالايدىغان تىلنى يالغان بىلەن بۇلغىما؛ يالغانچى ئادەم ئەمەس، يالغان سۆزلەش ئەركەكنىڭ ئىشى ئەمەس؛ يالغان سۆز كىشىنى ئابرۇيسىز قىلىدۇ؛ تىلىڭنى ئۆز ئىختىيارىڭدا ساقلىغىن، سۆزۈڭنى ئېھتىيات بىلەن دېگىن؛ ئۆز ئورنىدا ئېيتىلدىغان سۆزنى ئېيىت، يوشۇرما، ئورۇنسىز ئېيتىلدىغان سۆزدىن قاچ، يېقىن يولىما؛ بەزى سۆز باركى، ئېيىتقۇچىنىڭ تېنىگە جان كىرىگۈزىدۇ؛ يەنە بەزى سۆز باركى، ئېيتىقۇچىنىڭ بېشىنى يەرگە سۆرەيدۇ؛ تىلىڭ بىلەن دىلىڭنى بىر تۇت؛ سۆزنى كۆڭۈلدە پىشۇرمىغۇچە تىلغا كەلتۈرمە، ئەقىللىق كىشى چىن، توغرا سۆزدىن قايتىماس، ئەمما ھەممىلا چىن سۆزنى ئېيتىۋېرىش ئەقىللىق كىشنىڭ ئىشى ئەمەس. + c  G+ W1 H" @$ a8 b, R. w
ئاتمىش سەككىزىنچى نەسىھەت / V* V+ k+ p) {1 z
ئەي قىزىم، دۇنيادا ئىنسان بالسى يېڭەلمەيدىغان نەرسە بولماس، شۇنۇڭ ئۈچۈن ئەسلا قورقماي، ئۆزۈڭگە بېرىلگەن كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى سەرىپ قىلىپ ئالغا ئىنتىل. بەخىت-سائادەت ئاسماندىن چۈشىدۇ ياكى تۇيۇقسىز ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، دەپ ئويلما. ئەگەر شۇنداق ئويلىساڭ، نادانلاردىن سانىلسەن. سۆزۈمنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشا! بەخىت تەلىيىم-يوق، دەپ زارلانغۇچىلاردىن بولۇپ قالما. غەيرەت قىلساڭ، مۇرادىڭ ھاسىل بولۇر. ئىنسان ئۆزىنىڭ بەخىت يازمىشىنى ئۆزى يازىدۇ. ئۆزۈڭنى پەسىتلەر جۈمىلسىگە چۈشۈرمە. ئېھتىمال، بەزى ئىشلىرىڭ تىلگىڭدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىقماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن ئۈمىدسىزلەنمەي، غەيرەت-جاسارىتىڭنى يەنىمۇ ئۇرغۇت. 0 W+ }+ j3 i% q+ @- v0 }7 i/ |' }4 `
ئاتمىش توققۇزىنچى نەسىھەت
- E: G( B3 s, rئەي قىزىم، ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرگە، ماددىي بېزەكلەرگە ئالدىنىپ كەتمە. تەرەققىي ئېتىشكە، پەزىلەت ئىگىسى بولۇشقا ئىنتىل. ئەتراپىڭغا نەزەر كۆزۈڭ بىلەن باق. زاماننىڭ ئۇلۇغ ئالىم، پازىللىرىنىڭ تەرجىمھاللىرىنى، ئومۇمەن ئىنسانلارنىڭ قەدىمكى ۋە يېڭى تارىخنى دىققەت بىلەن ئۆگەن. بۇلار سېىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، پازىللىق، يۈكسەكلىك ھاسىل قىلشقا يېتەكلەيدۇ ۋەھايات يولۇڭدا ھەقىقىي رەھبرىڭ بولىدۇ. ; L8 s8 @4 ^& ?" e0 [  {
يەتمىشىنىچى نەسىھەت
2 c' y! B$ `. Bئەي قىزىم، چىن، مۇكەممەل تەربىيلىك ئىنسان باشقىلارغا ھېچبىر ئازار بەرمەيدۇ، تەكەببۇلۇق قىلمايدۇ، ھېچكىمگە ھاقارەت كۆزى بىلەن باقمايدۇ، يالغان سۆزلىمەيدۇ، راستىچىل بولىدۇ. ئۆزىدىن چوڭلارغا ھۆرمەتلىك، كىچىكلەرگە شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىك، كۈلەر يۈزلۈك، تاتلىق سۆزلۈك ۋە خۇش مۇئامىللىك بولىدۇ. ۋەدىسىدە تۇرىدۇ، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدۇ. ئېغۋا، غەيۋەت، مۇناپىقلىقتىن ئۆزىنى ساقلايدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ ھۆرمىتىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئۇلارنى رازى قىلىشقا ھەر زامان تىرىشىدۇ. قېرىنداش__ ئۇرۇقلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەتلىك بولىدۇ. قوشنىلىرىنى رەنجىتمەيدۇ، ئۇلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. يامان يوللاردىن، يارىماس ئىشلاردىن، بولمىغۇر ھەركەتلەردىن ساقلىنىدۇ. مانا شۇلارغا ئوخشاش گۈزەل خىسلەتلەر مۇكەممەل تەربىيلىك ئىنسانلاردا بولىدۇ.
$ s4 A! c0 C+ U( e8 w" f+ T! R9 vيەتمىش بىرىنچى نەسىھەت - b* ?; m. F* A2 w
ئەي قىزىم، ئىززەت قانائەتتىن ھاسىل بولۇر. ھاجەتلەرنىڭ راۋا بولۇشى ئىپپەت، يەنى پەرھىزكارلىقتىن ئەمەلگەئاشۇر. ئىپپەت__ يامان ئىشلاردىن ساقلانغانلىقنىڭ يېمىشىدۇر. سر-ئەسرارىڭنىڭ ئاشكارلانماسلىقى باشقىلارنىڭ سىرلىرىنى ئاشكارلىماسلقىڭغا باغلىقتۇر. رىزىق زور كەسىپ ۋە ھەرىكەت بىلەن ھاسىل بولۇر. دوستلۇق-ئوچۇق يۈزلۈك دەرىخنىڭ، دۈشمەنلىك_جاڭجال دەرىخنىڭ مېۋىسىدۇر. ئۇلۇغلۇق ۋە يۇقىرى مەرتىۋىلىك، كەمتەرلىك ئۇرۇقىدىن ئۈنۈر. ئىلىم-كەسىپ كۆڭۈل قويغانلىقتىن، توغرىلىقتىن ھاسىل بولۇر. توغرىلق بەخت-سائادەتكە ئېلىپ بارۇر. تۇرمۇشنىڭ كۆرىكى تەربىيە ۋە ئەدەپ بىلەن ھاسىل بولۇر. 1 Q) i9 b+ ~4 B  Z$ p" a
يەتمىش ئىككىنچى نەسىھەت ) L! L7 s2 ?) h) J# m
ئەي قىزىم، تەمەگەرلىكتىن خارۇ-زارلىق كېلىپ چىقۇر. گىنە-ئاداۋەت يامان پېئىل-ئەتۋاردىن، غەزەپ جاھالەتتىن كېلىپ چىقۇر. ئايرىلىش كۆپ كەمسىتىش ۋە ھاقارەتتىن كېلىپ چىقۇر. ئىشەنچىسىزلىك ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقۇر.
# s2 g2 \6 t3 ~# n2 h4 Nيالغانچى كىشىدىن ۋاپا كۈتمە. توغرا سۆز كۆڭۈلگە قاتتىق ۋە ئاچچىق تېگىدۇ. ئادەم ياخشىلىق قىلغانغا ياخشىلىق قىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا ئون ياخشىلىق قايتۇرىدۇ، كىمنىڭ ئەسلى پاك ۋە ساپ بولسا، ئۇ ئادەم ئەلگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. ) U( e5 L+ a! {8 V4 f
يەتىمىش ئۈچىنچى نەسىھەت
, {$ e! t. n. ?4 ]) d9 ]# Z* mئەي قىزىم، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ۋاقىتتۇر. پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلنىلسا ئالتۇن تېپىلۇر. ۋاقىتىنى بىكار ئۆتكۈزمەك ئالتۇننى قولدىن بېرىپ قويماقتۇر. ئەقىللىق كىشى ۋاقىتنى زادىلا بوش ئۆتكۈزمەيدۇ. كونىلار: «ئىش ۋاقتىدا قورۇق سۆز قىلىپ پۈرسەتنى ئۆتكۈزۋەتكەن كىشى، ئاقىۋەتتە ئاچ قېلىپ يىغلار» دەيدۇ. ۋاقىتتىن پايدىلنىپ ياقۇتلار تاپقىلى بولۇر، ئەمما ياقۇتلار بىلەن ۋاقىتنى تاپقىلى بولماس. ئەقىللىق ياشلار ياشلىق چېغىنى بىكار ئۆتكۈزۋەتمەستىن، تىرشىپ ئوقۇپ، ئىلىم-ھۈنەر ئىگىلەيدۇ، غەيرەت بىلەن ئىشلەيدۇ. قىممەتلىك ياشلىقنى ھورۇنلۇق قىلىپ لاغايلاپ ئۆتكۈزۈش ئەقىللىق ياشلارنىڭ ئىشى ئەمەس. " i4 u% F; w# w7 ?& ^# @
يەتىمىش تۆتىنچى نەسىھەت
0 E) R, ?) R" d/ x+ M. v6 Fئەي قىزىم، ھەقىقىي دوسىت تاپالىساڭ ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق مۇئاملدە بول: دوستلۇققا سادىق بول، خيانەت قىلما؛ كۆڭلىڭدىكى دوستلۇق مۇھەببىتىنى قولۇڭ ۋە تىلىڭ بىلەن كۆرسەت؛ دوستۇڭنىڭ سىرىنى ئاشكارلاشتىن ساقلان؛ ئۇنىڭ يېنىدا باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلما؛ دوستۇڭ مۇھتاجلقتا قالسا، ئۇنڭغا دەرھال ياردەملەش؛ ئۇنڭدىن بىرەر ئەيىب يۈز بەرسە، بىرەر خالىي جايدا ئۇنڭغا دەپ، يۇمشاقلىق بىلەن نەسىھەت قىل؛ ئەگەر دوستۇڭ سېنىڭ ئەيبىڭنى ئېيتىپ ساڭا نەسىھەت قىلسا، ئۇنىڭدىن مىننەتدار بول؛ دوستۇڭغا يالغان سۆزلىمە؛ ئۇنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوستلاشما؛ دوستۇڭنىڭ بېشىغا بىرەر مۈشكۈل ئىش چۈشسە، قايغۇلۇق ھادىسە يۈز بەرسە، ئۇنى شۇ مۈشكۈلاتتىن، قايغۇدىن قۇتقۇزۇشقا جان-دىلىڭ بىلەن تىرشقىن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانا ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك بول.
/ n+ O5 W1 a4 N( [& \يەتمىش بەشىنىچى نەسىھەت
1 `, N/ C1 ~6 ?; H9 t7 }ئەي قىزىم، دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەرپىدىن تاپشۇرۇلغان ۋەزىپلەرنى تولۇقى بىلەن ئورۇنلاشقا ئىنتىلىڭ، غەيرەتلىك ۋە چىداملىق بولۇڭ.
+ f3 l7 e, j, r" X0 Sباشقىلاردىن ئازار يېگەن كىشى ئۈچ خىل ھالدىن تاشقىرى بولماس: بىرىنچى خىل ھال، باشقىلارنىڭ قىلغان يامانلىقى باراۋېرىدە ياخشىلىق قىلۇر، بۇ ئالىيجاناب كىشلەر خىسلتىدۇر؛ ئىككىنچى خىل ھال، باشقىلارنىڭ يامانلىقىغا ياخشىلىق قىلمىسمۇ، ئۇنىڭغا يامانلىق تىلمەس، بۇ ھەقىقەتچى ئادەملەر خىسلتىدۇر؛ ئۈچنچى خىل ھال، باشقىلارنىڭ قىلغان يامانلىقى باراۋېرىدە ئۇنڭغا يامانلىق قىلۇر، بۇ پاسىقلار ئىللىتدۇر. يامانلىق قىلغان كىشىگە ياخشىلىق قىلماق، قىلالمىسا، ئەپۇ قىلماق گۈزەل خىسلەتلەردىن سانىلۇر. ( }( ]' Y( Y. D. m$ B. Z% s7 J  I
يەتىمىش ئالتىنچى نەسىھەت - q: {0 _+ ^) F* ]5 }5 M, ^9 B
ئەي قىزىم، گۈزەل خۇلىقلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ئادەمگەرچىلىكتۇر. ئادەم يېيىش، ئىچىش، يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆز قىلىش بىلەنلا ئادەم ئەمەس. ئادەمگەرچىلىك ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا ھۆرمەت، كىچىكلەرگە شەپقەت قىلىپ، ئادەملەرگە قولۇڭدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەقىللىق ۋە گۈزەل خۇلقلۇق بالىلار پەقەت ئۆز مەنپەئىتىنلا كۆزلىمەي، باشقىلارغىمۇ پايدا يەتكۈزىدۇ. ئۆزلىرىگە مۇناسىپ كۆرگەن نەرسىنى ئۆزگىلەرگىمۇ مۇناسىپ كۆرىدۇ. ئۆزرلىرىگە ماقۇل كۆرمىگەن نەرسىنى باشقىلارغىمۇ ماقۇل كۆرمەيدۇ. بىر كىمنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشسە، ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ ياردەم بېرىدۇ. & y0 }$ D/ a/ ^# X, r9 u# m0 L
يەتمىش يەتتىنچى نەسىھەت $ G/ u0 v! H6 f2 l7 [0 G
ئەي قىزىم، ئۆزىگە مۇناسىپ بولمىغان ئىشقا كىرىشكەن كىشى ئاخىر شەرمەندە بولۇر. ھەر ئىشنىڭ ئۆزىگە لايىق كىشىسى، ھەر يىغلىشنىڭ ئۆزىگە مۇناسىپ سۆزى باردۇر. ئاقىل كىشى ئۆز ھۈنىرىگە ۋە ئۆزىگە مۇناسىپ ئىشقا كىرىشۇر. تەبئەت ئۇستىخانىسىدا ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە لايىق كىيىمى تىكىلگەن، ھەر ئىشنىڭ ئۆزىگە يارىشا لىباسى پىچىلگەن. ئۆتۈكچى دوپپا تىكىمەن دېسە، بۇزۇپ قويۇر، تېبابەتتىن خەۋەرسىز كىشى تېۋىپلىق قلسا، كېسەلنىڭ جېنىغا زامىن بولۇر. «قۇشقاچ سويسىمۇ قاسساپ سويسۇن» دەپ بىكار ئېيتىمغان.
$ u* P% W1 a+ B, c2 Nيەتمىش سەككىزىنچى نەسىھەت
" U& D3 W0 V& b2 k8 ?* aئەي قىزىم، ئىشلەپ ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن يەردە ئوت-چۆپلەردىن باشقا ھېچنىمە ئۈنمىگەنگە ئوخشاش، ھېچبىر ئىش قىلمايدىغان ھۇرۇن كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ، خەلىق ئۈچۈنمۇ مەنپەئەت يەتكۈزمەيدۇ. شۇنۇڭ ئۈچۈن ھۇرۇن بىكار تەلەپ بولماي، غەيرەتلىك ۋە ئىشەنچىلىك بولۇڭ. تىرشچانلىقىڭىز ۋە ئىش-ئەمەلىيتىڭىز بەرىكىتىدىن جەمئىيەتنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇڭ؛ ھېچ نەرسىسى يوق كىشى كەمبەغەل ئەمەس، ھۈنىرى، ئىنتلىشى، تىرىشچانلىقى يوق كىشىلەر كەمبەغەلدۇر. غەيرەتلىك تىرىشچان كىشىگە ئىش ئەھلى ھەر دائىم ياردەم بېرىدۇ. ياخشى ۋە باياشاد تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن پەقەت ئۆز كۈچىڭىز ۋە تىرشچانلىقىڭىزغىلا تاينىڭكى، باشقىلارغا يۆلنىۋالماڭ. , Z( q" g2 y1 J
يەتمىش توققۇزىنچى نەسىھەت
2 z; }0 I; _. y9 o% R! Aئەي قىزىم، ھۇرۇنلۇق ۋە نەپىس ئارزۇسى ئاقىسدىن يۈرۈش كىشىگە كىسەللىك كەلتۈرۈپ، تېنىنى زەئىپلەشتۈرىدۇ، يوقسۇزلۇققا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنى ئوبدان چۈشىنىپ، ھېچ ۋاقىت بىكار يۈرمەڭ، ئۆز رىزقى-روزىڭىزنى ئىزدەڭ، بىلڭكى، بۇ دۇنيادا ھېچكىمگە ئاسماندىن ئالتۇن ياغمىغان، يەردىن كۈمۈش ئۈنۈپ چقمىغان. ئالتۇن-كۈمۈش سىزنىڭ ئىنتىلىش، تىرشچانلىقىڭىز، غەيرەت ۋە چىدامچانلىقىڭىز، كۆڭۈل قۇيۇپ ئىخلاس بىلەن قىلغان ئىشىڭىز ۋە ئۇنىڭ بەرگەن يېمىشىدۇر. ) b4 ~% ^! R. Y9 j
سەكسىنىنچى نەسىھەت . f) _1 Y( C- v6 E; F
ئەي قىزىم، ئەدەپ ۋە ئىھتىياج بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن ھەممە مەقسەتلەر ھاسىل بولۇر، ئوچۇق يۈزلۈك ۋە شېرىن سۆزلۈك دوستلۇق ۋە مۇھەببەتكە دەلىلدۇر. شۇڭلاشقا ھەممە كىشى بىلەن ئەدەپ-ئەخلاق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ مۇئامىلە قىلىڭ، خۇشخۇي، خۇش چىراي بولۇڭ؛ بىرەر ئىش تۈپەيلى خاپلىنىپ، ئاچچىقىڭىز كېلىپ تۇرغان چاغدا ھېچكىم بىلەن سۆزلەشمەڭ، ئاچچقىڭىز بېسىلغۇچە سەۋر قىلىڭ. باشقىلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرۈڭ. ھەر بىر ئىشتا پىكىر قىلىش ۋە ئېتبار بىرىشنى ئۇنتۇماڭ؛ ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ باردى-كەلدى قىلىپ يۈرۈڭ، لېكىن كىمنىلا كۆرسىڭىز تەكشۈرمەي-تېگىنى بىلمەيلا ئېغىز-بۇرۇن يالشىپ، دوسىت بولۇۋالماڭ. ھەر بىر ئىشتا ھۆر پىكىرلىك، توغرا سۆزلۈك بولۇڭ، تىلىڭىز بىلەن دىلىڭىز بىردەك بولسۇن.
4 ?& Q) N7 z9 O) a! Z; tسەكسەن بىرىنچى نەسىھەت : [3 z9 ]. s7 i% o% t% ?& S
ئەي قىزىم، قوپال مۇئامىللىك كىشىلەرنىڭ مۇئامىلىسگە ياخشى مۇئامىلە بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇڭ. باشقىلارنىڭ سىزگە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشىنى ئىستىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ مۇئامىلىڭىزنىڭ ئۇلارنىڭكىدىن ياخشىراق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىڭ؛ ئۆزىڭىزدىن كىچىكلەرنى خورلىماڭ. ئەقلىڭىز ۋە مەرتىۋىڭىز بىلەن ماختانماڭ، بەلكى ئۆز مەرتىۋىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەرتىۋىلىرىنى ياخشى چۈشىنىپ، ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە يارىشا مۇئامىلە قىلىڭ؛ باشقىلارنىڭ سىزگە گۈزەل مۇئامىلە قىلىشنى ئىستىسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئۇلارغا گۈزەل مۇئامىلە قىلىڭ. ئۇلار بىلەن مۇھەببەتلىك بولۇشىڭىز سەۋەبلىك، سىزنىڭ ئابرويىڭىز چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
; s8 C; [: \% }0 @4 h2 ?سەكسەن ئىككىنچى نەسىھەت
, a" ]2 d" R& d& E: Z2 V$ H% p8 Gئەي قىزىم،باشقىلارغا ياخشى ئىشلارنى سۆزلەڭ، يامان ئىشلارنى يۇشۇرۇڭ. ئادەملەر بىلەن شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭكى، ئۇلار ھاياتلىقىڭىزدا سىزنى ھۆرمەتلىسۇن، ۋاپات بولغاندىن كىيىن سىزنى ئەسلەپ قايغۇرسۇن؛ ناھايىتى زۆزۈر بولۇپ قالغان چاغدىلا باشقىلاردىن ياردەم سوراشقا بولىدۇ، ئادەتتىكى چاغلاردا باشقىلارغا يۈك بولۇپ ئارتىلۋېلىش يارىماس قىلىقتۇر. شۇڭا باشقىلارغا ئۆز ئېغىرلىقىڭىزنى سالماڭ، ئۇلارنىڭ مال-بايلىقىغا تەمە كۆزىڭىز بىلەن باقماڭ. ئۆز رىزقىڭىزنى ئۆزىڭىز ئىشلەپ تېپىپ يەڭ؛ بىرەر ئىشنى قىلشقا سۆز بەرگەن بولسىڭىز، سۆزىڭىزنىڭ ھۆددىسدىن چىقىڭ، ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلىڭ. كىم بىلەن دوست بولغان بولسىڭىز، دوستلۇققا سادىق بولۇڭ. كىشىلەرنىڭ شادلىقىغا شادلىنىپ، قايغۇسىغا قايغۇرۇڭ. ئۆزىڭىز سۆيمىگەن نەرسىنى باشقىلارغا راۋا كۆرمەڭ.
  M- w  V  k7 E' q5 \سەكسەن ئۈچىنچى نەسىھەت
9 W# o# p/ T" U# E$ Q! d2 Kئەي قىزىم، جەمئىيەت مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭ. بۇ يولدا سەرىپ قىلىغان ۋاقتىڭىزنى زايا كەتتى دەپ قارىماڭ، چۈنكى باشقىلارنى سۆيۈش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تۈزىتىش ئۇلۇغلۇق ۋە ئادەمگەرچىلىك بەلگىسىدۇر.
6 r) R8 _! r, Y+ Fقەلىبلەردە ئاداۋەتنى يوشۇرۇش خۇددى كۈل ئاستىدا چوغ يوشۇرغاندەك بولىدۇ. 2 c+ U6 M$ ^5 O$ r: Z/ h' ~. ^
بىراۋنىڭ ساڭ رەھمەت-تازىم قىلىپ يۈرگىندىن كۆرە، شاڭا بېقىنىپ ياشىغىنى مىڭ ئەۋزەل. باشقىلاردا ساڭا نسبەتەن ھاجەتمەنلىك تۇيغۇسى بولمىسا، سېنى بىر ئۆمۈر ھۆرمەتلەپ كېتىشىمۇ ناتايىن. ' k  F6 x8 s/ V1 T5 ]
سەكسەن تۆتىنچى نەسىھەت 2 N8 g4 q+ \1 a8 ^* z% h
ئەي قىزىم، سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق غەزىپىڭنى ئۈچۈرگىن. ئۆز ئەيبىڭنى بىلىۋېلىشقا خۇددى دۈشمىنىڭ ئۇنى بلىشكە قىزىققاندەك قىزىققىن. كشىلەرگە باھا بىرىشتە ھەرگىز ئۇنڭ پۇل-مېلى، يۈز-ئابروينى ھېسابقا ئالما. باياشادلىققا، شەھۋەتكە بېرىلمە، يۈكسەك غايە، ئىستەكلىرىڭ بولسۇن. ھاياتىڭ ھەرگىز قورساق تويغۇزۇش ۋە شەھۋىتىڭنى قاندۇرۇشقىلا بېغىشلانمىسۇن، چۈنكى قۇرسىقى بىلەن شەھۋەت غېمىدىن باشقا غېمى يوق ئادەمنىڭ قىممىتى ئۇ ئىككى جايدىن چىققان نەرسىدىن ئارتۇق بولمايدۇ.
6 k" C  m1 ]  U4 B7 Lسەكسەن بەشىنچى نەسىھەت . L" x7 ]+ \; e+ d, w. }
ئەي قىزىم، ئىرادىلىك ئادەم__ ئاخىرقى ھېسابتا غەلبىگە ئېرىشكۈچىدۇر. ئىرادە بولسا، ئىشەنچمۇ كۈچىيدۇ، ئەقىل-پاراسەتنىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرغىلى ھەمدە كەسىپتە ئۇلۇغۋار نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.
+ F0 z; U8 x# |5 f$ Q/ ~ھەقىقىي قەدىر-قىممەت ھاياتلىقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئۇ ئادەمنڭ كىشلىك قەدىر-قىممىتىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، ئادەمنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش سۈپىتىنمۇ نامايان قىلىدۇ. $ y; ]5 h+ j% C1 s4 w/ X: ~# s2 p
چېقىمچىلىق قىلىپ ئادەملەرنى بىر-بىرىگە دۈشمەنلەشتۈرگەن كىشىلەر ئەڭ يارىماس، ئەڭ يامان كىشىلەردۇر.
1 [" G( s$ K# A' O) M2 fسەكسەن ئالتىنچى نەسىھەت
  i- y/ b* {5 Q& F, @ئەي قىزىم، ئىلاجىڭنىڭ بارىچە ئۈزۈڭگە دۈشمەن كۆپەيتىمە. بىرەر كىشى ساڭا دۈشمەنلىك قىلىشقا باشلىسا، سەن ئۇنىڭغا مەرھەمەت كۆزۈڭ بىلەن قارا، كۆڭلىنى ئال. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى دوستلىرىڭ قاتارىغا قوشۇلىدۇ. دوستلىرىڭنى شەپقەت ۋە مەرھىمىتىڭ بىلەن خۇشال قىل. شۇندىلا ئۇلار سېنىڭدىن ئايرىلماي، سەمىمىي دوستلىرىڭ بولۇپ قالىدۇ. % B" `* c  C6 ^; w4 _. o
مۇلايىم كىشنىڭ ئۈچ بەلگىسى بار: بىرىنچى، سۆرۈن تەلەت، زەھەر سۆزلۈك كىشىلەر ئۇنىڭغا قوپال سۆزلىسىمۇ، ئۇ ياخشىلىق قىلىدۇ؛ ئىككىنچى، قەھر-غەزەپ ئوتى ئۇچقۇنلاشقا باشلىغاندا ئۇ چىشىنى چىشىغا باسىدۇ؛ ئۈچىنچى، بىرەرسىدىن ئۆزىگە زىيان يەتكەندە ئۇنى جازالاشقا كۈچى يەتسىمۇ، ئاچچىقىنى يۈتىدۇ.
/ q2 ?! B! W  I" d0 T- R$ rسەكسەن يەتتىنچى نەسىھەت
: }0 U1 ^5 R* R, V8 D) o8 |; Mئەي قىزىم، ئەگەر بىرەر ھاجەتمەننىڭ ساڭا ھاجىتى چۈشسە، ئۇ ھاجەتمەننىڭ ساڭا ياكى دىنىڭغا زەرىرى يەتمىسە، بايلىقىڭغا ، يەنى پۇل-مېلىڭغا تەسىر كۆرسەتمىسە، ئۇ كىشنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىل، قورۇق قول ياندۇرمىغىن، ھەم ئۇ ھاجەتمەننى يالغانچى دەپ گۇمان قىلما. ئەگەر ئۇ، يەنى ھاجەتمەن سېنىڭ ياخشى كىشى ئىكەنلىكىڭگە ئىشەنمىسە، ھاجىتىنى تىلەپ ئالدىڭغا كەلمەس ئىدى. شۇنى بىلگىنكى، ساڭا ھاجىتى چۈشكەن ھەر قانداق ھاجەتمەن سېنىڭ ئەسىرىڭدۇر. دەر ھەقىقەت، ھاجەتمەنلىك__ ئەسىرلىكنىڭ ئىككىنچى مەرتىۋىسىدۇر. شۇڭا ئەسىرلەرگە ھەم رەھىم قىلغايسەن! ئەسىرنى ئۆلتۈرۈش مۇۋاپىق ئەمەس. $ c: {1 k! j! P7 M7 ^& N
سەكسەن سەككىزىنچى نەسىھەت
+ S; y4 T- e* V: y. G+ p# {ئەي قىزىم، كىشىلەرنىڭ خىزمەتكارلىرىغا خۇش مۇئامىلدە بول. ئىچىڭ بىلەن تېشىڭنى توغىرلىق بىلەن بېزە. دىلىڭ بىلەن ھەركتىڭ ئوخشاش بولسۇن. ئىمكان بار ناماز ئۆتەش، روزا تۇتۇش قاتارلىق ئادا قىلىشقا تېگشلىك قائىدىلەرنى ئادا قىلىشقا تىرىش. كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلدە تىلىڭ تاتلىق بولسۇن. كوچا-كويلاردا، يەنى بازارلاردا تولا لاغايلاپ يۈرمە. ئاۋام ئارىسىدا ئەزىز بولغايسەن. يامان-يالغانلاردىن پەرھىز قىل. سۆزلىگەندە سۆز مۇنبىرىنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرىنى ساقلا. تەكەببورلۇق قىلما، يالغان ئېيتىماق قاتارلىق بولمىغۇر قىلىقلاردىن يىراق بول. خەلىقنى ئۆزۈڭ قىلغان ۋە قىلالايدىغان ئىشقا باشلا. شۇندىلا ئىنساپ-دىيانەتلىك كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالايسەن! : A5 L5 @# C) i
سەكسەن توققۇزىنچى نەسىھەت
' ]+ \& E8 {# l! C* A' q, tئەي قىزىم، ئىلىمنى ئوبدان ئۈگەن ۋە ئۆگەنگەنلىرىڭنى ياخشى ئىبارىلەر ئارقىلىق ئادا قىل، يەنى باشقىلارغا يەتكۈز. ئىلىم ئۆگۈنۈش ۋە ئۆگۈتۈش يولىدا خىجىل بولما. ئەمما ھېچ ۋاقىت يالغان ئېيتىما. بەزىدە ئاگاھلاندۇر، بەزىدە سۆيۈندۇر. سۆز قىلغاندا تولاراق ئۆزۈڭ ھۆددىسدىن چىقالايدىغان ۋە ئوبدان بىلدىغان سۆزلەرنى دېگىن. مۇنازىرىگە، يەنى دە-تالاشقا سالدىغان، دەلىل-ئىسپاتى بولمىغان سۆزلەرنى دېيىشتىن ساقلان! چۈنكى، دە-تالاشقا سالدىغان، دەلىل-ئىسپاتى بولمىغان سۆزلەر كىشىنى ئۇياتقا قالدۇرىدۇ. ; F$ Y: G1 V9 k- E% v
توقسۇنىنچى نەسىھەت 5 a9 W5 n  j9 [' V5 c4 o, g
ئەي قىزىم، قىز بولۇپ يارىلىش پېشانىڭىزگە پۈتۈلگەنكەن، سىز بۇ مۇقەددەس ئىرادىدىن ئۆزىڭىزنى چەكسىز بەخىتلىك سانىشىڭىز، قىز بولغانلىقىڭىزدىن پەخىرلىنىشڭىز، ۋۇجۇدىڭىزغا قىزلىق پەزىلەتنى جەمىلەپ، سېھىرىي كۈچىڭىزنى قېزىشىىڭىز، ھاياتتا ئىنسانلارغا پايدىلىقلا بولدىكەن، ھەر قانداق ئىشقا ئىجتىھات قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەرلەرمۇ قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇشىڭىز كېرەك، ئۆزىڭىزنىڭ ھەيران قالارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل ۋە مايىل قىلالىسىڭىز، سىز بۇ دۇنيادا مەنىلىك ياشىغاننىڭ ھەقىقىي پەيزىنى سۈرگەن ھېسابلىنىسىز.
  J3 C+ V" W) A8 Wتوقسان بىرىنچى نەسىھەت
! m  a) l1 ^4 Mئەي قىزىم، قىز بالا بولغانىكەن، ئۇ ئۆزىگە خاس نازاكەت، خۇلىق، ۋاپادارلىق، ساداقەتمەنلىك، مېھىربانلىقنى بەلگە قىلغان قىزلىق قەدىر-قىممىتىنى يارتىشى، مۇشۇ قەدىر-قىممىتى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ ھاياتلىق پائالىيتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جەمئىيەتكە ئاز-تۇلا تۆھپە قوشۇشى، ھايات ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشى ئىنسانىي مەجبۇرىيتىدۇر. ئەلۋەتتە پاكلىق ئىچىگە يوشۇرۇنغان، قىزلارغا خاس نازاكەت، قىزلىق شەرمى-ھايا تۆكۈلۈپ تۇرغان قىزلارغا ھەممە كىشىنىڭ ئىچى كۆيىدۇ، ئۇلارنىڭ جەمئيەتتكى ئورنىمۇ، ئابرۇيىمۇ ناھايىتى يۇقرى بولىدۇ. ئەكىسچە پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى ساقلىماي، تەييار دەسمايىسگە تايىنىپ يۇقىرغا يامىشىشنى كۆزلىگەنلەر، مەلۇم بىر مەقسەت ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىغۇچىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
$ R7 N6 e& S' a: _+ i0 [* }9 a2 J8 bتوقسان ئىككىنچى نەسىھەت / Y4 s2 D& T& P3 r5 [5 w
ئەي قىزىم، ياخشى تەربىيە كۆرگەن ۋە ئىلىم نۇرى بىلەن خۇلىقىنى ياخشىلغان قىزلار ھەر يەردە ئىززەت تاپىدۇ، ئابرۇي قازىندۇ. ئىلىم قىزلار ئۈچۈن ئەڭ يارىشىدىغان زىننەت. ئەقىلىنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرغان ھەر بىر قىز نومۇس، ئىززەت، قىزلىق قەدىرىنى چۈشىنىپ يەتسە، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئالدىدىمۇ قەدىرلىك بولىدۇ، ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ. بۇنداق ھايا نىشانىسى ئېنىق قىزلار ھېچقانداق ئىشتا ئادىشىپ قالمايدۇ. ئىلىمسىز قىز بولسا تۇرمۇشتىكى ھەر قانداق ئىشتا تۈرلۈك كەمچىلىكلەرگە يول قۇيدۇ. قىزلار ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر نەرسە بولغان نومۇس، ئىززەت، ھايا قاتارلىق پەزىلەتلەر ئىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق تېخىمۇ نۇرلىنىدۇ.# q. s' V- D0 E6 n1 i: P% S
توقسان ئۈچىنچى نەسىھەت
3 J$ K5 Q3 [2 ^- _ئەي قىزىم، ئادەمنى يامان ئىشلاردىن توسدىغان ھايا ئىنسان ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى خىسلەت ۋە كىشىلىك ئەدەپ ئەخلاقنىڭ ھۇلى ھېساپلىنىدۇ. مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام: «ئىمان دەرەختۇر، ھايا شاختۇر» دېگەنىدى. ئەگەر ھايا بولمىسا، كىشىلەر بىر-بىرىدىن ئۇيالمىسا، خەلىق ئارىسىدا ياخشى قائىدە-يۇسۇنلار يوقىلىپ، ھەممە ئىشقا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئادەملەردە ئىشەنچ ۋە دىيانەت قالمايدۇ. مانا بۇنىڭدىن مەلۇمكى، كىشلەرگە ھايادىن يېتەرلىك مەنپەئەت باردۇر. ياخشى خۇي ئەخلاق مېۋىسى ھايادىن تەربىيە تاپمىسا، ئۇ ھەرگىزمۇ كىشىگە لەززەت بەرمەيدۇ. بىلىش كېرەككى، گۈزەللىكنىمۇ ھايا بىلەن سۆيۈش كېرەك. قىز بالىنىڭ ھەممە بايلىقى ئۇنىڭ نۇمۇسى، بۇ بايلىق ھەر قانداق مىراستىنمۇ قىممەتلىك. - Z0 E6 P, S+ q* R! }! e7 k0 S1 T
توقسان تۆتىنچى نەسىھەت # E: i) e* n2 o6 T+ U, y- t  T
ئەي قىزىم، گۈزەل ئەخلاقلىق بىر قىز بىلەن بەتقىلىق بىر قىز تەڭلا يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا پەيدا بولسا، ئەلۋەتتە گۈزەل ئەخلاقلىق قىز يىگىتلەرنى خۇددى ئاجايىپ سۈزۈك گۆھەر-ياقۇت ئۆزىگە تارتىقاندەك تارتىدۇك، بۇنداق قىزلارنىڭ ھۆسنى كامالىتى ئادەتتىكىچە بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېسىل خىسلىتى يىگىتلەرنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ گۈزەل تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ، قىزلارغا خاس نازاكەت دۇنياسى، مېھىر-مۇھەببەت ئالىمى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىنى ئەسىر قىلىپ، ئاجايىپ شېرىن ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمدۈرىدۇ، بۇنداق شېرىنلىك، تاتلىقلىق بۇ ھاياتلىقنىڭ ئىنسانلارغا سۇنغان ئەڭ چوڭ سوۋغىسى، ئىلتىپاتىدۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە بەتقىلىق ، ھۆسىن جامالدا كامالەت تاپقان بىلەن قىزلىق قەدىر-قىممەتنىڭ ئەڭ كۆركەم يارىشىقى بولغان گۈزەل ئەخلاق كەم قىزغا يىگىتلەرنىڭ مەيلى تارتىمايدۇ.
  Y9 F4 u  h/ A9 a  I! Pتوقسان بەشىنچى نەسىھەت
+ r# h5 [4 g( X8 s! W3 K' g/ U: Bئەي قىزىم، شۇ تاپتا خۇشخۇيلۇقتىن مۇراد تاپقان قىزلار سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا ئاغزدىن مىڭلارچە بۇلبۇللارنىڭ ناۋاسىنى ياڭرىتىپ خۇشناۋا قىلىپ، سىزگە دوستلۇق ۋە ساداقەتمەنلىك كۆرسىتۋاتقان بولۇشى، بۇ دوستلۇق ئىزھارىدىن قەلبىىڭىز سۆيۈنۈپ ئالەمچە خۇشاللىق ۋە بەخىت قۇچىقىدا ئەللەيلىنۋاتقان بولۇشىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ ئۇلارغا نىسبەتەن يەنە ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە خۇشخۇيلۇق ئىلتىپات قىلىپ، بۇ جاھانغا ئىسسىقلىق بېرىۋاتقان بولۇشىڭىز ھەم مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، قىزلارغا بولغان ئالاھىدە نازاكەت گۈلى بولغان خۇشخۇيلۇق ۋە خۇشخۇلۇقلۇق، ئىسسىق چىراي بولۇش، دوستلۇق ۋە ساداقەتمەنلىكنى ۋايىغا يەتكۈزۈش، مېرىبانلىق كۆرسىتىش سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزغا مۇجەسسەم بولغاندا، روھىڭىز ئالاھىدە جۇشقۇنلىنىپ، قەيەردە بولسڭىز ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات دۇنياسى ھاسىل قلالايسىز.
+ K9 ~( S. R; p% t7 ?8 V$ aتوقسان ئالتىنچى نەسىھەت , y( J2 u4 ^1 l3 I* Y4 E
ئەي قىزىم، دەۋر ئېقىمىدا قانداق يېڭى ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قويۇق ئۆرپ-ئادەت دۇنياسىدا ياشاڭ! ئۆزىمىزگە خاس مىللىي ئۆرپ-ئادەت، كىيىنىش ئادىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئۆزلۈك ئېڭىنى ساقلاپ، ئەسلىدىكى روھىي ھالەتكە قايتىقىنڭىزدىلا، سىز ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇيغۇر قىزى، كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ياراملىق تەربىيچىسى بولالايسىز. سىزنىڭ مىللىي خاسلىق جەھەتتكى ئارتۇقچىلىقىڭىز ھامان سىزنى يۈكسەك پەللىلەرگە باشلاپ بارىدۇ.
) I* o7 ?2 k- Kتوقسان يەتتىنچى نەسىھەت 9 J; _8 @' b( [: T# P9 k& y- b( I
ئەي قىزىم، سىز ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي تونۇغانكەنسىز، ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەنىكەنسىز، چوقۇم قويۇق مىللىي ئۆرىپ-ئادەت دۇنياسىدا ياشاڭ! ئەتىگەن تۇرغىنىڭىزدا ئاتا-ئانڭىزدىن :«ياخشى ئۇخلاپسىلەرمۇ؟» دەپ ئەھۋال سوراڭ؛ ياتىدىغان چاغدا «خەير، ياخشى چۈش كۈرۈڭلار» دېيىشنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ؛ ئاتا-ئانىڭىزغا ھەر بىر سۆز-ھەركىتىڭىزدە ھۆرمەت تۇيغۇسىنى بېرىڭ؛ ئوغۇللار بىلەن مۇئامىلە قىلىغاندا خۇشخۇيلۇقىڭىز، مېھىربانلىقىڭىز، كۆيۈمچانلىقىڭىز ئارقلىق ئۇلارنىڭ ئىشەنچىىسگە ئېرىشىڭ؛ چاي قويۇش، مېھمان كۈتۈش قائىدە-يۈسۇنلىرى، مېھماننى ئىززەتلەش سۆزلىرىنى ئۆگىنۋېلىڭ؛ مەھەللىۋى تۈس ئالغان كونا قائىدە-يوسۇنلارنىمۇ ئامال بار ئۆگىنۋېلىڭ، ئۆگىنىپ بولالمىغان تەقدىردىمۇ خەۋەردار بولۇپ قېلىڭ؛ شەخسىي تازلىققا دىققەت قىلىڭ. 5 a) O, U, l4 @. {$ \
توقسان سەككىزىنچى نەسىھەت
% f; @  v% B0 Sئەي قىزىم، بىلىڭكى، پاك-دىيانەتلىك بولۇش كىشىگە ھۇزۇر، ئەركىنلىك، خاتىرجەملىك بەخىش ئىتىدۇ. پاك-دىيانەتلىك كىشى ھەر قانداق بوران-چاپقۇندىمۇ مەردانە تۇرالايدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى يىل ساناپ ئەمەس، بەلكى تۆھپە ساناپ ئۆتكۈزۈشنى بىلىدۇ. ئىپپەت-نومۇسىنى ساقلاش بىلەن قىزلار ئەڭ ئۇلۇغ ھېسابلىندۇ. شۇڭا، قىزلار مۇھەببەت مەسلىسىدە، يىگىتلەر بىلەن بولغان مۇئاملدە ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاشنى بىلسىلا، ۋىجدانى بۇلغانمايدۇ، ھەر قانداق چاغدا يۈزى يورۇق بولىدۇ، تۇرمۇشتا قىزلارغا نىسبەتەن بەخىت، قەدىر-قىممەت دېگەن ئەنە شۇ. پۇل ھەرگىزمۇ ئىنسانىي قەدىر-قىممەتتىن، پاكلىقتىن ۋە ئىپپەت-نۇمۇستىن ئۈستۈن تۇرالمايدۇ. ھەقىقي ئار-نۇمۇسلۇق، ئىنسابى بار قىز ھەرگىز باشقىلارنىڭ پۇلىنى دەستەك قىلىپ ئۆزىنى ئاياغ ئاستى قىلىشىغا يول قويمايدۇ.
  o% J. N' `- M! R/ H0 Vتوقسان توققۇزىنچى نەسىھەت 1 ^) S6 ~3 g% c
ئەي قىزىم، كۆز يۈزگە ئالاھىدە ھۆسىن بېغىشلايدۇ. كۆز__ ئالەمنى كۆرگۈچى، ئىنساننىڭ مەنىۋى دۇنياسى ۋە سالامەتلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرگۈچى ئەينەكتۇر. كۆزگە تەرىپ بېرىلگەندە كۆپ ھاللاردا «ئوتلۇق كۆزلەر»،«سېھرىلىك كۆزلەر»،«مېھىرلىك كۆزلەر» دېگەندەك ئوخشىتىشلار قوللنىلىدۇ. دەر ھەقىقەت كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى. ئىنساننىڭ قانداقلىقنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ كۆزىگە قاراش خاتا ئەمەس. قىزلارنىڭ كۆزى ئىبالىق، ھايالىق، مۇلايىم بولغىنى ياخشى. ساغلام كۆزلەر يۈزگە ھۆسىن بېغىشلاش بىلەن بىرگە سالامەتلىك ئۈچۈن ھەم مۇھىم. ئايرىم ھاللاردا بەزى قىزلار كۆزۈم يەنىمۇ چىرايىلىق بولسۇن دەپ، ھەر خىل بوياقلارنى بىلىپ-بىلمەي ئشىلتىدۇ. نەتىجىدە كۆز ۋە قاپاقلىرى قىزىرىپ، ئەسلى چىرايلىق بولغان كۆزلەر خۇنۇكلىشىدۇ. # r% H9 q* g2 r. t( N, E1 u
يۈزىنچى نەسىھەت
- Q0 @9 [/ o; Wئەي قىزىم، سىز چىرايلىق، قىممەت باھا كىيىملەرنى كىيىپ ئۆزىڭىزگە زىننەت بىرسىز، ئۇ زىننەت سىزدە ئەمەس بەلكى كىيىملىرىڭىزدىدۇر؛ مىنگەن ئېتىڭىز بىلەن ماختىنسىز، لېكن بۇ زىننەت، كامال سىزدە ئەمەس ئېتىڭىزدىدۇر؛ ئاتا-بۇۋىلىرىڭىزنىڭ پەزىلىتى بىلەن پەخىرلىنىسىز، بۇ پەزىلەتلەرنىڭ ئىگلىرى ئاتا-بۇۋىلىرىڭىزدۇر. ئەگەر ئاشۇ پەزىلەتلەرنىڭ ئىگلىرى ئۆز ھەققىنى قايتۇرۋالسا، سىزگە ھېچنىمە قالمايدۇ. ھالبۇكى پەزىلەتلەر سىزگە ئۆزلەشمىگەنلىكى ئۈچۈن قايتۇرۋېلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. باشقىلارنىڭ زىننىتى بىلەن زىننەتلىنەلمەيسىز. خۇلىق- مىجەزىڭىزنى تۈزىتىڭ. پەزىلەتلىك بولۇڭ، مانا بۇلار ئۆزىڭىزنىڭ زىننىتىدۇر، شۇ چاغدىلا ئۆز زىننىتىڭىز بىلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق بولىسز. ( S6 v! g8 u: j! X
تۈزگۈچى :ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن
; j$ T0 B; ^) @. V! N: N) p$ G. gمەسئول مۇھەررىرى:يالقۇن ئابدۇسالام   x) P. Q3 G$ }
مەسئول كوررېكتورى:يۇلتۇز ئۇچقۇن $ ]: y  I5 D1 }7 `/ ]4 m
شىنجاڭ خەلىق سەھىيە نەشىرىياتى نەشىر قىلغان
' d* v: p8 n' n/ M" I1 @
1 C2 O, P  W, R% g* V# k

# x5 @1 @+ F* m* H) _/ o" o بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulnuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-13 03:00 PM  - o% n- I( z/ }
. E7 M8 k% ^; l" I! K! F

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +322 يىغىش سەۋەبى
13179989600 + 22 دەلىللەر يېتەرلىك
izlayman520 + 300 ماختاشقا تېگىشلىك رە.

باھا خاتىرىسى

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

109

تېما

314

يازما

423

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 97620
يازما سانى:
314
نادىر تېما :
1
مۇنبەر پۇلى :
6388
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
222 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-9-5
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2015-11-29 18:12:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
psbCA3NZZFY.png
* |3 @" M4 n6 B1 {" {: U
; ^2 U4 S9 v  V# _7 Q: U/ d0 A9 K) |

% p8 @9 _8 B# r
  v" q1 j1 ]1 s- R9 `% r
9 g& \3 ^  T! \* F% U

psbCAO7AAMZ.jpg
psbCAM0Z52J.png
psbCATSRRH1.jpg
psbCATVK7A9.jpg
psbCA0XZU95.jpg
psbCA5R2EPA.jpg
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  :  2536190268  .   يانفۇن  : 15699088894

مۇھاببەتنى چۈشەنگۈدەك ئادەم با

19

تېما

206

يازما

225

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129106
يازما سانى:
206
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
154
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
15 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-10-28
ئاخىرقى:
2016-1-6
ۋاقتى: 2015-11-13 21:15:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنىڭ ئاۋازلىق ئەسەر نۇسقىسىمۇ بار ئىدى ، ئۇچىراپ قالسا ئۇنىمۇ ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇڭ ، قىز-ئاياللىرىمىزغا ياخشى بىر كومپاس بولىدىغان تېمىكەن ، ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر .

ئادەم گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئەمەس ، سۆيۈملۈك بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەلدۇر.

20

تېما

706

يازما

726

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 109839
يازما سانى:
706
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1329
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
252 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-9-10
ئاخىرقى:
2016-3-2
ۋاقتى: 2015-11-14 00:37:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ياخشى نەسىھەتلەر بۇ؟

مۇھاببەتنى چۈشەنگۈدەك ئادەم با

19

تېما

206

يازما

225

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129106
يازما سانى:
206
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
154
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
15 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-10-28
ئاخىرقى:
2016-1-6
ۋاقتى: 2015-11-14 14:24:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىچە قىزىم ئەقلىگە يەتكەندە ئوقۇپ بەرگۈدەك تېمىكەن .

ئادەم گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئەمەس ، سۆيۈملۈك بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەلدۇر.

8

تېما

76

يازما

84

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 100966
يازما سانى:
76
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1542
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
455 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-12-17
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2015-11-20 18:32:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم ،  قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن . ناھايىتى ئېسىل تېمىدىن بەھىرلەندۇق .

بۇدۇنيالىقىڭ ئۇچۇن تىرىشقىن،گويا مەڭگۇ ياشايدىغاندەك:ئاخىرەتلىكىڭ ئۇچۇن تىرىشقدن ،گويا ئەتىلا ئۇدۇنياغا س ...

11

تېما

580

يازما

591

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 96441
يازما سانى:
580
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6743
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
322 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-7-27
ئاخىرقى:
2016-3-11
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-21 14:52:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nur~turk يوللىغان ۋاقتى  2015-11-13 09:15 PM & Y% z$ _" b/ E! O! J
بۇ تېمىنىڭ ئاۋازلىق ئەسەر نۇسقىسىمۇ بار ئىدى ، ئۇچىراپ ...
  t( u+ t# q' _' S( U) T! @
ئاۋازلىقىنى مەن ئاڭلاپ باقماپتىمەن ،ئاڭلىغانلار بولسا يوللاپ قويىشى مۇمكىن.

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

11

تېما

580

يازما

591

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 96441
يازما سانى:
580
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6743
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
322 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-7-27
ئاخىرقى:
2016-3-11
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-21 14:53:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Zirakk يوللىغان ۋاقتى  2015-11-20 06:32 PM
0 P: ~3 w5 J/ {5 jرەھمەت سىزگە قېرىندىشىم ،  قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن . نا ...
2 D- \! L$ w% {4 y* z
تىلىكىڭىزدىن سۆيۇندۇم ،سىزگىمۇ رەھمەت.

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

17

تېما

1125

يازما

1142

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 119068
يازما سانى:
1125
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3439
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
384 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-5-12
ئاخىرقى:
2016-3-29
ۋاقتى: 2015-11-24 12:50:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل بىر تېمىنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنىپسىز تەشەككۈر.بۇرۇن بۇ تېمىنى مەن كۈرۈپ بولغن.ئاۋازلىقنىمۇ ئاڭلاپ بولغان ئەتىۋارلاپ ساقلاپ قويدۇم كىتابىنىمۇ.

مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، ھەم ئۆگىتىڭ، بۇ ھايات تولىمۇ قىسقا، مىننەتدارلىقىڭىز ئۆزىڭىزگەئ ەڭ يېقىن كىشىلىرىڭىزدىن باشلانسۇن

18

تېما

778

يازما

796

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 109295
يازما سانى:
778
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
9073
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1005 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-8-19
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-11-24 13:49:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەلنى گۈزەل قىلغان ئەدەپدۇر ،
# p2 k- n1 q2 D; \& ~/ Kئەدەپ بولسا گۈزەلنى سۆيۈشكە سەۋەپتۇر ،،،،،
1 Y% r4 {. ]5 ~- e, ~5 x
6 y, i5 C5 o& m4 T0 zئېسىل يازمىدىن بىرنى يۇلاپسىز تەشەككۈر ھارمىغايسىز

ەگەر سىز قېرىنداش بولۇپ باشقىلارغا خۇشاللىق
يېزىپ بېرەلمىسىڭىز،ئۇنداقتاياخشى ئۆچۈرگۈچ بولۇپ باشقىلارنىڭ خاپىلىقلىرىنى
ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇڭ .

ۋېلى زىرەككەك

37

تېما

1180

يازما

1217

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 101968
يازما سانى:
1180
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4996
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1445 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-1-8
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2015-11-24 18:05:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zulnuri يوللىغان ۋاقتى  2015-11-21 02:53 PM   u" w8 v( f- {( r  n; f8 c5 k
تىلىكىڭىزدىن سۆيۇندۇم ،سىزگىمۇ رەھمەت.

! q$ Y' Y! _' u* tجاپا چىكىپسىز دوستۇم ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت لىكىن بۇ تىمىنى يوللاشتىن بۇرۇن بۇ كىتاپنى روياپقا چىقىارغان ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالدىڭىزمۇ ؟بۇنى بىلمىدىم ؟

يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 10:12 AM, Processed in 0.231430 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش