ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، رەببىمىزنىڭ كاتتا سوۋغىسى، كۆزىمىزنىڭ نۇرى، ھاياتىمىزنىڭ خۇشاللىقى ۋە مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بولغان ئوماق پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن تىنىمسىز ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدى، ۋە قان تەرىنى سەرپ قىلىۋاتقان قەدىردان ئاتا -ئانىلار., R" G: M) A5 \9 N8 ~# I3 Z
«ئوقۇ» دېگەن ئۇلۇغ خىتابنى ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدە جاراڭلاتقان، خەلقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان بىر يىل يەنى 2015-يىل «كىتاب ئوقۇش يىلى» ئاخىرلىشىپ 2016- يىلنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. يېقىندا گۈلخان سالونى تەشكىللىگەن «ھەر يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى بولسۇن» دېگەن تېمىدىكى پائالىيەت ئىلىم سۆيەر خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. (تەپسىلاتىنى Gulhan سالونىدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ. ئىككىلىك كودى:
+ {; J5 u, y( E; s% M7 `) Qمەلۇمكى، دۇنيادا مەيلى ئىقتىساد ۋە ياكى پەن - تېخنىكا جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا باشلامچىلىق رولىنى ئويناۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنىنى، ئەڭ ئاۋۋال ئۇلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ۋە ئىلغار مائارىپ ئەندىزىسىدىن ئىزدەش كېرەك ئەلۋەتتە.
1 _0 L: Q+ v6 A9 ?" g- W% s- ?
ئاتا - بوۋىلىرىمىز بالىلارنى سۆيگەنلىك - كەلگۈسىنى سۆيگەنلىك دېگەن مەنتىقىۋى قاراش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كەلگەن بولغاچقا، «مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرى»...«قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىلللار دىۋانى» ... قاتارلىق مەشھۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات ئابىدىلىرىدە بۇ ھەقتە يېتەرلىك تەلقىنلەر، ئۈگۈت - نەسىھەتلەر بېرىلگەن. غەربلىكلەردىن 600 يىل بۇرۇنلا «بىلىم - كۈچ» دېگەن ئىلمىي يەكۈنگە ئاللىقاچان يۈزلىنىپ بولغان بۇ مۇبارەك تۇپراقتا مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتە قانچىلىك يۈكسىلىشلەرنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكى جاھان ئەھلىگە سىر ئەمەستۇر! پەيغەمبىرىمىزنىڭ «تەربىيىنى زاكىدىن باشلاڭلار» دېگەن مەشھۇر سۆزى بويىچە دۇنيانى ساغلام ئەقلى بىلەن تەپەككۇر قىلىپ ئادەتلەنگەن ئالىملار، «ھەممەمۇتەپەككۇرلار تەربىيىنى زاكىسىدىن باشلاش كېرەك» دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن.% X$ W7 h9 {" m Y
«يۈسۈپ خاس ھاجىپ 11- ئەسىردىلا تەلىم - تەربىيە بىلەن ئىنسانىي كامالەتنىڭ، بىلىم بىلەن ئەقىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن ئىلمىي ئاساستا يورۇتۇپ بەرگەن. خاتا تەربىيىنىڭ كەلتۈرىدىغان ئاپىتىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇ تەربىيىسىز قالغان ئادەمنى «تىرىك ئۆلۈك»، «كېسەلمەن زەئىپ»، «ھايۋان» دېگەنگە ئوخشاش سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن. «تىرىك ئۆلۈك» دېگىنى روھى ئۆلگەن تىرىك جەسەت دېگەن مەنىنى بېرەتتى، خاراكتېرسىز گەۋدىنى كېسەلمەن زەئىپ ئادەمگە ئوخشاتقان ئىدى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە ئىنساننىڭ ئۇلۇغلۇقى ئاللانىڭ ئۇنىڭغا ئەقىل ئاتا قىلغانلىقىدا، دەپ قارايدۇ. بىراق مانا شۇ ئەقىل چىرىغىنىمۇ بىلىمسىز يورۇتالمايدىغانلىقىنى يەكۈنلەيدۇ، يەنى: «ئەقىل بەدەندىن ئىبارەت قاراڭغۇ ئۆيدىكى چىراغ، بىراق ئەقىل چىرىغى ھەرگىز بىلىمسىز يورۇماس». ئەپسۇسكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەقىلنىڭ رولىغا ئېتىبار بېرىلمىدى، ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئاز بولدى. مەن شۇنىڭدىن تولىمۇ ئەجەبلىنىمەنكى، ئىسلام دىنىمۇ ئەقىلگە يۇقىرى ئىمتىياز ئاتا قىلغان، ئەقىلگە يۈكسەك قەدىر - قىممەت نەسەبىنى بەرگەن دىن. ئەقىلنى ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا نېمەت دەپ تونۇيدىغان، ئۇنى ئوقۇپ بىلىم ئېلىش، ئەتراپلىق تەربىيىلىنىش ئارقىلىقلا تاكامۇللاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا روشەن دەۋەت ۋە بىشارەتلەرگە ئىگە بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ، يەنىلا ئەقىل چىرىغىنى يورۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى ئويلاپ يەتكىلى بولمايدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردە ئىنتايىن خاتا، ئازغۇن بىرتەربىيىنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. ...» --- (يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق، «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى» 2007- يىل 1- نەشرى)
1 g, g5 L7 X: E" M
شۇنى ئېيتىش ھاجەتكى، بالىنىڭ قورسىقىنى بېقىپ، كيىمىنى پۈتۈن قىلىشنىلا بالا بېقىش دەپ قاراش بەك ئېغىر تىراگىدىيە! پەرزەنتلىرىمىزنى 21- ئەسردەئۆز ئۈستىگە تىرەلگەن ئۇلۇغۋار مەسئۇلىيەتلەرنى تونۇپ يەتكەن. ئاۋۋال ئۆزىگە، ئاندىن ئائىلىسىگە، ئاندىن مىللىتىگە مەسئۇل بولالايدىغان، ئەقىل - ئىدىرىكى ۋە ئىلىم - پەنگە تايىنىپ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغان، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش ئاتا - ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.* R) V6 Q6 z& z3 b/ h' N
ئۆلۈك ھالدىكى مائارىپى ئەندىزىسى ۋە بالىلارنىڭ تالانتىنى ناخشا - ئۇسۇلدىنلا ئىزدەش بىزگە ھەرگىزمۇ بىز ئەڭ ئېھتىياجلىق پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقالمايدۇ. ئېغىرمەسئۇلىيەت يەنىلا ئاتا - ئانىلىرىمىزدا، شۇڭا «كىتاب ئوقۇش يىلى» غا ئۇلاپ، 2016-يىلنى «پەرزەنت تەربىيىسى» يىلى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ بۇ تېمىنى يوللىدىم. ئەگەر تەشەببۇسىمىز ئەمەلگە ئېشىپ، 2016- يىلى كەڭ تۈردە پەرزەنت تەربىيىسىگە دائىر ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان لېكسىيەلەر ۋە ھەر خىل تۈردىكى پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلسا، ئاتا - ئانىلاردا ئۆز - ئۆزىنى تەربىيىلەش، شۇنداقلا پەرزەنت تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ، ئىلغار پەرزەنت تەربىيىلەش ئىدىيەلىرى ھەر - بىر ئائىلىگىچە سىڭىپ كىرسە، ھېچ بولمىسا كىچىك تىپتىكى بالىلار كۈتۈپخانىلىرى، بالىلار پەن - تېخنىكا ئۆيلىرىنى قۇرۇپ، بالىلارنى پەن - تېخنىكا، تەبىئەت، كائىنات سىرلىرى توغرىسىدا ئويلىنىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارغا تەپەككۇر بوشلۇقى يارىتىپ بەرسەك، ئۇزۇنغا قالماي بۇ تىرىشچانلىقلار مىللىتىمىزگە يەنىمۇ بىر قەدەم زور يۈكسىلىش ئېلىپ كەلگۈسى.3 z5 H: K2 ^& A, B4 l
تەشەببۇسىمىزغا يانداش ھالدا، تۇغلۇق كىتابخانىمىز، گۈلخان سالونى بىلەن بىللە پەرزەنت تەربىيىسى تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇردۇق.
) Y8 R' \9 j- u1 ]. Z+ rپائالىيەت مەزمۇنى:
5 b- f( |9 O' A% S! w$ g
6 ياشتىن تۆۋەن بالىلار ۋە ئاتا -ئانىلار بىرلىكتە قاتنىشىدۇ. بالىلار ئاتا- ئانىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىرەر ئىقتىداركۆرسەتسە بولىدۇ. (ناخشا - ئۇسۇلدىن باشقا) مەسىلەن: شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش. قول- ھۈنەر، ھەر - خىل مودىللارنى ياساش .... قاتارلىق ھەر - خىل تالانتىنى نامايەن قىلسابولىدۇ. ئاتا - ئانىلار بولسا مۇشۇ بالىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلدى؟ بالىسىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى قانچىلىك چۈشەندى؟ لاياقەتلىك ئاتا - ئانا بولۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى قانچىلىك تەربىيەلىدى؟ قانداق بىر پىسخىك ساپا ھازىرلىدى؟ ... دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ئاساستا قىسقا بىر ماقالە يازىدۇ. (ئائىلىدە قوللانغان ئۆزگىچە تەربىيە ئۇسۇللىرىنى ۋە بۇلارنىڭ ئوينىغان رولى قاتارلىق مەزمۇنلار ۋە شارائىت يار بەرسە, بالىلار بىلەنبىللە ئېلىپ بارغان ئەھمىيەتلىك ئويۇنلار، پائالىيەتلەرنىڭ قىسقا ۋىدىئولىرى ۋە سۈرەتلەر قوشۇپ يوللانسا بولىدۇ).
' g- d3 H. _' W% Z
ئۈندىدارىمىز: 15899266738 (گۈلخان)
z) d& k$ J4 D8 J1 ?% h
18199161343 (ئىكرام تۇغلۇق)
( F" p8 Y7 A. X+ t
QQ: 706430641
+ \% O: O- k5 I* ]2 V5 Y( K
1- دەرىجىلىك مۇكاپات (بىر نەپەر):
600 سوم قىممىتىدىكى كىتاب، 200 سوملۇق بالىلار كىتابلىرى ۋە ئوقۇش قوراللىرى.
2- دەرىجىلىك مۇكاپات (ئىككى نەپەر):
300 سوم قىممىتىدىكى كىتاب، 100 سوملۇق بالىلار كىتابلىرى ۋە ئوقۇش قوراللىرى.
3- دەرىجىلىك مۇكاپات (ئۈچ نەپەر):
150 سوم قىممىتىدىكى كىتاب، 70 سوملۇق بالىلار كىتابلىرى ۋە ئوقۇش قوراللىرى.
9 E+ ~2 q! e; [) e0 E
ئېسىڭىزدە بولسۇن! قاتناشقان ھەر بىر بالا ۋە ئاتا - ئانىغا مۇكاپات بار! بىز پەقەت مۇشۇ ئوماقلىرىمىز ئۈچۈن بىر سورۇن تەييارلىدۇق!
6 G: f. ^. p; g0 ~( D
پائالىيىتىمىزدە بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ۋە تۇغلۇق كىتابخانىسى ۋە گۈلخان سالونى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئادىل باھالىشى ئارقىلىق نەتىجە چىقىرىلىدۇ.
. u. g: X' |/ v# [' ]
11- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ6- كۈنىگىچە تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ئۈندىدار ياكى سالونغا بىۋاسىتە ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.12- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە بېلەت تاشلاشقا قويۇلىدۇ. 21- كۈنى نەتىجە ئېلان قىلىنىدۇ.
) t3 O8 ` k2 G% g( z2 O2 Q
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-29 12:36 PM % ~' h! p9 k9 r4 C, m8 X5 T8 `
- Q# s% W5 H4 M) v6 M* R& Y