ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن،كەڭ تورداشلارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن باشقا مۇنبەرگە يوللىغان تېمىنى بۇ يەرگە يۆتكەپ كەلدىم .
بارلىق تورداشلارغا جىددى بىلدۈرگۈ، چوقۇم كۆرۈڭ
***********************
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تور – ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ
«تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇش>> بەلگۈلىمىسى
1-ماددا: تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، «گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت تور – ئۇچۇر ئىشخانىسىغا تور-ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىش توغىرسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرى نىزاملار بويىچە بۇ بەلگۈلىمە تۈزۈپ چىقىلدى.
2.ماددا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى چېگرىسى ئىچىدە تىزىمغا ئېلىنغان، ئىشلىتىلىۋاتقان تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇشقا بۇ بەلگىلىمە تەدبىقلىنىدۇ.
بۇ بەلگۈلىمىدە كۆرسىتىلگەن تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى باشقۇرۇش، ئورگان ياكى شەخسىلەرنىڭ بلوگ، مىكرو بلوگ، ئالاقە ۋاستىلىرى، تور، مۇنبەرلەردە تېما يوللاش، ئىنكاس-باھا يېزىش ئۈچۈن تىزىملانغان ھېساۋات نومۇرى ۋە تور ناملىرىنى كۆرسىتىدۇ.
3.ماددا: دۆلەت تور – ئۇچۇر ئىشخانىسى، پۈتۈن دۆلەتتىكى تور ئابونىتلىرىنىڭ ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭغا نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىكى تور-ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنى باشقۇرىدىغان تارماقلار ئۆز رايونلىرىدىكى تور ئابونىتلىرىنىڭ ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭغا نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
4.ماددا: تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئالدى بىلەن بىخەتەر باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئابونىتلار بىلەن بولغان مۇلازىمەت كېلىشىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە ھېساۋات نومۇرى، ئابونىت نامى، باش سۈرىتى ۋە ئىمزا تەرجىمھالى قاتارلىق تىزىملاش ئۈچۈرلىرىدا قانۇنسىز ۋە ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلارنىڭ بولماسلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتىشى، مۇلازىمەت كۆلىمىگە ماس كېلىدىغان كەسپىي خادىملارنى سەپلەپ، ئابونىتلار تەمىنلىگەن ھېساۋات نومۇرى، ئابونىت نامى، باش سۈرىتى ۋە ئىمزا ۋە تەرجىمھاللىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا بولغان تەستىقلاش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشى، قانۇنسىز ۋە ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلار بايقالسا ئابونىت نامىنى تەستىقلىماسلىقى، ئابونىتلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى قوغدىشى، ئاڭلىق ھالدا ئاۋامنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، ئاۋام پاش قىلغان ھېساۋات نومۇرى، ئابونىت نامى، باش سۈرىتى ۋە ئىمزا ۋە تەرجىمھاللىرى قاتارلىق ھالقىلاردىكى قانۇنسىز ۋە ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
5.ماددا: تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر «‹ئارقا سۇپى› دا(ئارخىپ) ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى بولۇش، ‹ئالدى بەت› (تورنىڭ كۆرۈنمە يۈزى) دە ئىختىيارى بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن ھەقىقى سالاھىيىتىنى ئېنىق تاپشۇرۇپ، تورغا تىزىملىنىشىنى تەلەپ قىلىشى لازىم.
تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەر تورغا تىزىملانماقچى بولغاندا، تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشى، قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، دۆلەت مەنپەئەتىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى، ئاممىۋىي تەرتىپكە بويسۇنىدىغانلىقىنى،ئىجدىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە شەخسى ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكى قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
6.ماددا: ھەرقانداق ئورگان ياكى شەخسىنىڭ تورلارغا تىزىملانغاندا ۋە تور ئابونىت ھېساۋات نومۇرى ۋە تور نامىنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
(1) ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-تۈزۈملىرىمىزگە خىلاپ مەزمۇنلار.
(2) دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئاشكارلايدىغان،دۆلەت ھاكىميىتىنى ئاغدۇرىدىغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار.
(3) دۆلەتنىڭ شان-شەرىپى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەركۈزىدىغان، ئاممىۋىي مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار.
(4)مىللى ئۆچمەنلىك، مىللىي كەمسىتىش تارقىتىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەزمۇنلار.
(5) دۆلەتنىڭ دىننىي سىياسەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان،بىدئەتلىك ۋە خۇراپاتلىقنى تارقىتىدىغان مەزمۇنلار.
(6) ئىغۋا تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، ئىجدىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەزمۇنلار.
(7) شەھۋانى، سېرىق، قىمار، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تېرورلۇق ۋە جىنايەتكە قۇترىتىش قاتارلىقلارغا ئائىت مەزمۇنلار.
(8)باشقىلارغا ھاقارەت قىلىپ، تۆھمەت چاپلاپ، باشقىلارنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار.
(9) قانۇن ۋە مەمۇرى نىزاملىرىمىز يول قويمايدىغان باشقا مەزمۇنلار.
7.ماددا: تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ساختا ئۇچۇرلار ئارقىلىق تىزىملانغانلىقى ۋە باش سۈرىتى، ئىمزا، تەرجىمھاللىرى قاتارلىقلاردا قانۇنسىز ياكى ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلار بايقالغاندا تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئۇنى تۈزىتىشكە بۇيرۇش، ئىشلىتىشنى مەجبۇرى توختىتىش، نامىنى بىكار قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلىرى بولىدۇ.
8.ماددا: ئورگانلار ۋە جەمىئىيەتتىكى مەشھۇر زاتلارنىڭ تور ھېساۋاتى ۋە تور ناملىرىنى قارىسىغا ئىشلىتىۋالغانلار سېزىلگەن ھامان تور-ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئۇلارنىڭ ھېساپ نومۇرى ۋە تور نامىنى دەرھال بىكار قىلىپ، مەسئۇل باشقۇرغۇچى تارماقلارغا دوكىلات قىلىشى لازىم.
9.ماددا: بۇ بەلگۈلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
10.ماددا: بۇ بەلگۈلىمە 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
دۆلەت تور-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ قارمىقىدىكى پاش قىلىش مەركىزى
24 سائەت پاش قىلىش ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.
پاش قىلىش تېلىفۇن نومۇرى --- 12377
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-29 11:32 PM