مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4235|ئىنكاس: 40

تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 180
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12789
تۆھپە نۇمۇرى: 468
توردا: 5454 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 04:43:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاتارىستان جۇمھۇريىتى

بايرىقى



گىربى




جايلاشقان ئورنى




  شەرقى ياۋرۇپا تۈزلەڭلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، ئېدىل (ۋولگا) دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، روسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرى بىلەن ئېدىل دەريا رايونىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. شىمالدىن جەنۇپقا كەڭلىگى 290 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 460 كىلومېتىر كېلىدۇ.

زېمىنى: 68000 كۋادرات كىلومېتىر.

كىلماتى: موتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق تىپىغا تەئەللۇق. قىشلىق ئوتتۇرىچە تېمپۇراتۇرىسى15-......25-
سېلسىيە گىرادۇس. يازلىق ئوتتۇرىچە تېمپۇراتورى 17....25 كىچە. يىللىق ھۆل-يېغىم مىقتارى 430-500 مىل گىچە. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش ۋاقتى 170 كۈن.

يەر تۈزۈلىشى: تاتارىستان زېمىنىنىڭ %90 تى تۈزلەڭلىك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 200 مېتىر ،زېمىنىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىشى %16

تەبىئىي بايلىقى: تاتارىستاننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز، كۆمۈر بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇ بايلىقلار تاتارىستاننى روسىيە فېدىراتسىيەسىدىكى ئەڭ باي دۆلەتكە ئايلاندۇرغان.

تارىخى: 100 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ئىنسانلار ياشاشقا باشلىغان.
مىلادى9-ئەسىردە تۈركلەر تۇنجى بولۇپ تاتارىستاندا بۇلغار دۆلىتىنى قۇرغان.
922-يىلى بۇلغار دۆلىتى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان.
1236-يىلى مۇڭغۇللار بېسىپ كىرىپ، ئالتۇن خانلىقىنى قۇرغان.
13-15- ئەسىرگىچە مۇڭغۇللار تۈركلەرگە ئاسمىلاتسىيە بولۇپ، زاۋانلىققا يۈزلەنگەن.
15-16- ئەسىرگىچە ئالتۇن خانلىقى، قازان خانلىقى، ئاستىرخانلىقى قاتارلىق تۆت خانلىققا پارچىلىنىپ كەتكەن.
1552-يىلى روسلار قازان خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ، تاتارلار ئۈستىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك تاجاۋۇزىنى باشلىغان.
1920-يىلىدىن 1990-يىلىچە 70يىل تاتارىستان سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى روسىيە جۇمھۇرىيىتىگە تەئەللۇق ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ تۇرغان.
1991 يىلى مۇستەقىل بولغان.
1992-يىلى 3-ئاينىڭ 21 -كۈنى پۈتۈن خەلق ئاۋازغا قۇيۇپ %61.4 ئاۋاز بىلەن تۇلۇق مۇستەقىللىق جاكارلىغان. لېكىن جۇغراپىيىلىك ئورۇنلىشىشىنىڭ ئەپسىزلىكى تۈپەيلى، 1994-2-5 روسىيە فېدىراتسىيىسى بىلەن تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى شەرتنامە ئىمزالاپ، تاتارىستان دىپلوماتىيە، تاشقى سودا، باج، مالىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، مائارىپ، قاتارلىق جەھەتلەردىن پۈتۈنلەي ئۆزىگە -ئۆزى خوجا بولىدىغان ئاساستا، روسىيە فېدىراتسىيىسىنى تەشكىل ئەتتى. ئۇ روسىيە فېدىراتسىيىسىدىكى ئەڭ ھوقوقلۇق، ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە دۆلەت. سىرتقى دۆلەتلەرگە چىقىشتا، ئۆز دۆلىتىنىڭ پاسپورتىنى ئىشلىتىدۇ.
تاتارىستان 43 رايون، جۇمھۇرىيەتكە قاراشلىق 10 شەھەر، رايونغا قاراشلىق 8 شەھەر،9 ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، 24 كىچىك شەھەر، 833 مەھەللىدىن تەشكىل تاپقان.

ئاھالىسى: تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىسى 3.777.265 بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر ئاھالىسى %75تاتارلار پۈتكۈل جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ %51 تەشكىل ئېتىدۇ. روسلار %35%نى، قالغان تۈركىي مىللەتلىرى %16 نى تەشكىل ئېتىدۇ.

ئىقتىساد ۋە سانائەت ئەھۋالى: تاتارىستان سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكتە ئىشلىتىدىغان چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش، قېدىرىش ماشىنا ئۈسكىنلىرىنى، كىنوچىلىك ئەسلىھەلىرى، داۋالاش ماشىنا ئەسۋاپلىرى، كاماز ماركىلىق ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش جەھەتلەردە روسىيە فېدىراتسىيىسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
نېفىت، گاز ئىچىش كەسپى، خىمىيە سانائەت كەسپى، نېفىت سانائەت كەسپى، ماشىنا ياساش كەسپى، يېنىك سانائەت كەسپى، يىمەكلىك كەسپى قاتارلىق كەسىپلىرى ئالاھىدە تەرەققى قىلغان.

تاشقى سودا: نېفىت، تەبىئى گاز ئېكىسپورت قىلىش، ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسى، كاماز ماشىنا ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى، بىرىكمە ماتېرىيال، ئايرۇپىلان، ماشىنا، دورا ماتىريالى، كىنوچىلىك ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكىسپورت قىلىدۇ.
رەڭلىك مېتاللار، ياغاچ، سىمونت قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ.
پەن-تېخنىكا، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى: تاتارىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسىنى مەركەز قىلىپ، پۈتكۈل روسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ دۆلەت خاراكتېرلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى جايلاشقان. تاتارىستاندا 70 تىن ئارتۇق تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئورنى بار. پۈتكۈل جۇمھۇرىيەتتە 89 ئالى مەكتەپ، 7 ئىجادىيەت جەمئىيىتى، 2100 كولۇب، 1600 كۈتۈپخانا، 110 ئۆسمۈرلەر سارىيى، 5 باغچا، 1 ھايۋاناتلار باغچىسى، قازان سىتودىيىسىنىڭ 5 تارقىتىش ئاپاراتى ۋە 43 كىنوچىلىك ئاپاراتى بار. جۈملىدىن پۈتكۈل روسىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى.








مەنبە: كەڭساي تور بېكىتىدىن تولۇقلىنىپ يوللاندى


تېمىلىرىمنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!

ئاتۇش قىزى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5951
يازما سانى: 1623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11546
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 855 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 04:53:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم، يوللىغان تىمىڭىزغا رەھمەت.

ئاتۇش قىزى

ئەل قىزى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10992
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8436
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 1570 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2011-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 04:59:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە ، بىلۋالدىم

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1288
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 21398
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1205 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 05:00:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاتارىستان روسيە فىدراتىپىغا قاراشلىق ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيەتما ؟

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

ساپا يوقتا ۋاپا يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1809
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5919
تۆھپە نۇمۇرى: 466
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 05:04:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوغايلار، ئىدىل نوغايلىرى [s:81]

سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇن

شۇنداق بىر كۈننى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1436
يازما سانى: 723
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10543
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 1448 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 05:08:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئالىم زىيالى ئەڭ كۆپ چىققان ئۇلۇس تاتار ئۇلۇسى دېگەنتى بىزنىڭ مۇئەللىم.تاتارلارنىڭ ئىلىم- مەرىپەتچىلىك روھى ھەقىقەتەنمۇ تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ،بولۇپمۇ 19-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى جەدىتىزىم ھەركىتى  [s:79]

قـويـاش يـېيىـشكـە بـولـمـايـدىـغـان نـان، ۋەتـەن بـېـرىشـكـە بولـمـايـدىـغـان جــان~~~!!! خەير، مېنىڭ ئەسلىمىلىرىم، خەير مېنىڭ كۈلكىلىرىم، خەير مېنىڭ ئەڭ سەبىي، ئەڭ پاك، ئەڭ تاتلىق، ئۇنتۇلماس ئەستىلىكلىرىم.....!!!

ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5872
يازما سانى: 1304
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10664
تۆھپە نۇمۇرى: 546
توردا: 5719 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2013-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 05:12:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت alzaman كە 2010-09-21 05:00 PMئەۋەتىلدى :
تاتارىستان روسيە فىدراتىپىغا قاراشلىق ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيەتما ؟

تاتارىستان جۇمھىۇرىيىتى روسىيە فىدىراتسىيەسىگە قارشلىق بولغان مىللى ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزىلىدىغان جۇمھۇريەتلەرنىڭ بىر قىسمى، روسىيەدە بۇنداق مىللى ئاپتونومىيەلىك جۇمھۇرىيەتلەر خېلى كۆپ.

روھىمىز سۇلمىسۇن دىسەڭلار تارىخ ئۈگىنىڭلار، قەددىمىز سۇلمىسۇن دىسەڭلار ھۈنەر ئۈگىنىڭلار!  ( ---- سوپاخۇن ئۇيغۇر گېنىرال)
ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 05:12:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

شۇنداق بىر كۈننى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1436
يازما سانى: 723
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10543
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 1448 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 05:19:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىلادى9-ئەسىردە تۈركلەر تۇنجى بولۇپ تاتارىستاندا بۇلغار دۆلىتىنى قۇرغان.
922-يىلى بۇلغار دۆلىتى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان.

تۈركىي مىللەتلەر تارىخىدا ئىسلام دېنىنى تۇنجى بولۇپ دۆلەت دىنى قىلغان خانلىق قاراخانىيلار ئەمەسمۇ؟ قاراخانىيلار 932-يىلى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلدى دەپ كۆرگەن كىتاپلاردا،بۇلغار دۆلىتى 922-يىلى قىلغان بولسا بۇ يەردە بىرەر ئۇقۇشماسلىق بارمۇ نېمە؟ بەلكىم مەن خاتالاشقاندىمەن.

تۈركلەر تۈنجى بولۇپ بۇلغار دۆلىتىنى قۇرغان دېگەن يەردىكى تۈركلەر تۈركىي قەۋملەرمۇ ياكى تۈركىيە تۈركلىرىمۇ؟ئەگەر تۈركىي قەۋملەرنى كۆرسەتسە تۈرك تارىخىدىكى تۇنجى دۆلەت بۇلغار دۆلىتى دېيىش خاتامۇ نېمە؟ ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دۆلەت خانلىق ھەتتا ئىمپىرىيە دەرىجىىسىگە كۆتۈرۈلگەن ھاكىمىيەتلەر نەگە كېتىدۇ.
يا مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ؟  [s:111]  [s:111]  [s:111]

قـويـاش يـېيىـشكـە بـولـمـايـدىـغـان نـان، ۋەتـەن بـېـرىشـكـە بولـمـايـدىـغـان جــان~~~!!! خەير، مېنىڭ ئەسلىمىلىرىم، خەير مېنىڭ كۈلكىلىرىم، خەير مېنىڭ ئەڭ سەبىي، ئەڭ پاك، ئەڭ تاتلىق، ئۇنتۇلماس ئەستىلىكلىرىم.....!!!

ساپا يوقتا ۋاپا يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1809
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5919
تۆھپە نۇمۇرى: 466
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-21 05:26:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىمقى  مەڭگۈ تاش  يازمىلاردا تاتار ئوقۇمى كۆرۈلگەندىن تاشقىرى مۇڭغۇل  مىللىتىمۇ قارا تاتارلار دەپ ئاتالغان تاتارلار توغرىلىق گەپ بولغاندا بىز  ئالدىنقى ئەسىردە تۇرپان ئۇيغۇر  ئاقارتىش ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان مۇھىبۇللا ئەپەندىم  ، ھەيدەر سايرانى ئەپەندىم ، گۈلەندەم ئاۋۇستەيلەرنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىمىز، بۇلۇپمۇ تۇرپان ئاستانىدە ھازىرمۇ ئايال مۇئەللىملەر تاتار تىلىدىكى ئاۋۇستەي سۆزى بىلەن ھۆرمەتلىنىپ ئاۋۇستەي سۆزى بۇ يىزىنىڭ يەرلىك شىۋىسىگە ئايلاندى ،  [s:108]

سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش