مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7230|ئىنكاس: 40

مەۋلانە جالالىددىن رۇمىي ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابلىمىت ئوسمان(مەرىپەت ئوغلى)

129

تېما

1788

يازما

1917

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 90636
يازما سانى:
1788
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
12744
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
849 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-26
ئاخىرقى:
2016-1-30
jalaliddin rumiy.jpg


مەۋلانە جالالىددىن رۇمىي ھەققىدە
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: سەيياھ

شەرق ئالىمىدە بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئالىم، مۇتەسەۋۋۇپ شائىر سۈپىتى بىلەن تونۇلغان مەۋلانە جالالىددىن رۇمىينىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد جالالىددىن بولۇپ، مەۋلانە ۋە رۇمىي ئىسىملىرى ئۇنىڭغا كېيىن بېرىلگەن ئىسىملاردۇر. ئەفەندىمىز، خوجىمىز مەنىسىدە بولغان مەۋلانە ئىسمى، ئۇ ياش ۋاقتىدا كونيادا دەرس بېرىشكە باشلىغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇنى سۆيگەن ئىنسانلار تەرىپىدىن قوللۇنۇلغان. مەۋلانەنىڭ رۇمىي دەپ تونۇلۇشى، بۇرۇنقى چاغلاردا دىيارى رۇم دېيىلگەن ئانادولۇنىڭ ۋىلايىتى بولغان كونيادا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇشى، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇ يەردە ئۆتكۈزىشى ۋە مەقبەرىسىنىڭمۇ ئۇ يەردە بولۇشى سەۋەبىدىندۇر. رۇم، ئانادولۇ دېگەنلىكتۇر.
مەۋلانە مىلادى 1207-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى (ھىجرىيە 604-يىلى رەببىيەلئەۋۋەلنىڭ 6-كۈنى) خۇراسان(قەدىمكى زاماندا ھازىرقى ئىراننىڭ شەرىقى قىسمى، ئافغانىستاننىڭ غەربىي ۋە غەرنىي شىمالىي قىسمى، ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارنىڭ جۇغراپىيەلىك نامى)نىڭ بەلخ شەھرىدە تۇغۇلغان. مەۋلانەنىڭ دادىسى بەلخ شەھرىنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن بولۇپ، «سۇلتانۇل ئۇلەما»(ئالىملارنىڭ سۇلتانى) ئۇنىۋانىنى ئالغان  باھائۇددىن ۋەلەد، ئانىسى بەلخ ئەمىرى رۇكنىددىننىڭ قىزى مۇئمىنە خاتۇندۇر. سۇلتانۇل ئۇلەما باھائۇددىن ۋەلەد بەزى سىياسىي ۋەقەلەر ۋە يېقىنلىشىۋاتقان موڭغۇل ئىستىلاسى سەۋەبىدىن بەلختىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە 1212- ياكى 1213-يىللاردا ئائىلىسىدىكىلەر ۋە يېقىن دوستلىرى بىلەن بىللە بەلختىن ئايرىلغان. سۇلتانۇل ئۇلەمانىڭ تۇنجى مەنزىلى نىشاپۇر بولغان ۋە ئۇ يەردە مەشھۇر مۇتەسەۋۋۇپ فەرىدىددىن ئەتتار بىلەن كۆرۈشكەن. مەۋلانە بۇ يەردە يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي، فەرىدىددىن ئەتتارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە تەقدىرلىشىگە سازاۋەر بولغان. سۇلتانۇل ئۇلەما نىشاپۇردىن باغداتقا ۋە كېيىن كۇفە يولى بىلەن ئەرەبىستانغا بېرىپ، ھەج پەرزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، شام(سۈرىيە)غا كەلگەن. شامدىن مالاتيا، ئەرزىنجان، سىۋاس، قەيسەرى، نىغدە يولى بىلەن قارامانغا كەلگەن ۋە ئۇ يەردە قۇماندان ئەمىر مۇسا سالدۇرغان مەدرىسىگە ئورۇنلاشقان.
مەۋلانە بۇ يەردە ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە يەتتە يىل تۇرغان ۋە 1225-يىلى شەرەفددىن لالانىڭ قىزى گەۋھەر خاتۇن بىلەن توي قىلغان. مەۋلانەنىڭ بۇ ئايالىدىن سۇلتان ۋەلەد ۋە ئالائىددىن چەلەبى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى تۇغۇلغان. بۇ ئايالى ۋاپات بولغاندىن كېيىن مەۋلانە بىر بالىسى بىلەن تۇل قالغان كەررا خاتۇن بىلەن توي قىلغان. بۇ ئايالىدىن مۇزەففەرىدىن ۋە ئەمىر ئالىم چەلەبى ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل ۋە مەلىكە خاتۇن ئىسىملىك بىر قىزى دۇنياغا كەلگەن.
1228-يىلى باھائۇددىن ۋەلەد سەلجۇقىيلار سۇلتانى ئالائىددىن كەيقۇبادنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە پايتەخت كونيا شەھرىگە كەلگەن. ۋە سۇلتاننىڭ ئارزۇسى بويىچە ئالتۇناپا(يىپەكچى) مەدرىسىسىگە ئورۇنلاشقان.
سۇلتانۇل ئۇلەما 1231-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تالىپلىرى ۋە مۇرىدلىرى مەۋلانەنى ئۇنىڭ ۋارىسى دەپ بىلگەن. بۇ چاغدا بۈيۈك بىر ئىلىم ۋە دىن ئالىمى بولۇپ يېتىشكەن مەۋلانە دادىسىنىڭ ئورنىغا يىپەكچى مەدرىسىسىدە دەرس ئۆتۈشكە باشلىغان. 1244-يىلى داڭلىق تەسەۋۋۇپچى شەمسى تەبرىزى بىلەن ئۇچراشقان ۋە سۆھبەتلەردە بولغان، ئەمما ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي شەمسى تەبرىزى تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان. شەمسى تەبرىزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، مەۋلانە كۆپ يىللارغىچە خىلۋەتتە ياشىغان. كېيىنكى يىللاردا سالاھىددىن زەركۇبى ۋە ھىسامىددىن چەلەبى شەمسى تەبرىزىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشقان.
ھاياتىنى «خام ئىدىم، پىشتىم، كۆيدۈم» سۆزلىرى بىلەن يىغىنچاقلىغان مەۋلانە 1273-يىلى 17-دىكابىر يەكشەنبە كۈنى ھەقنىڭ رەھمىتىگە قوشۇلغان. مەۋلانەنىڭ مىيىت نامىزىنى ئەسلىدە ئۇنىڭ ۋەسىيەتىگە ئاساسەن سەدرىددىن كونەۋى چۈشۈرۈشى كېرەك ئىدى، ئەمما سەدرىددىن كونەۋى ئۆزى ناھايىتى سۆيگەن مەۋلانەدىن ئايرىلغىنىغا چىدىيالماي، مىيىت نامىزىدا ھۇشىدىن كەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەۋلانەنىڭ مىيىت نامىزىنى قازى سىراجىددىن چۈشۈرگەن.
مەۋلانە ئۆلۈم كۈنىنى يېڭىدىن تۇغۇلۇش كۈنى دەپ قارايتى. ئۇ ئۆلگەن ۋاقىتتا سۆيگۈنىگە، يەنى ئاللاھىغا قوشۇلاتتى. بۇ ۋەجىدىن، مەۋلانە ئۆلۈم كۈنىنى توي كۈنى ياكى كېلىن كېچىسى مەنىسىدە كەلگەن «شەبى ئەرۇسى»(كېلىن كېچىسى) دەپ ئاتايتى. ھەمدە دوستلىرىغا ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىدە ئاللا-كاللا سېلىپ يىغلىماڭلار، دەپ ۋەسىيەت قىلاتتى.

9782226034236-x.jpg


مەۋلانە جالالىددىن رۇمىينىڭ ئەسەرلىرى


1. مەسنەۋى
ەسنەۋى ــ كىلاسسىك شەرق ئەدەبىياتىدا بىر شېئىر شەكلىنىڭ ئىسمى بولۇپ، سۆز مەنىسى «ئىككىلىك، ئىككى مىسرالىق» دېگەنلىكتۇر. ئەدەبىياتتا ئوخشاش ۋەزىندە يېزىلغان ۋە ھەر بېيىتى ئۆز-ئارا قاپىيداش كېلىدىغان شېئىرلارغا مەسنەۋى ئىسمى بېرىلگەن.
ھەر بېيىتى ئوخشاش ۋەزىندە، ئەمما كۇبلىتلىرى ئايرىم-ئايرىم قاپىيەلىك بولىشى، مەسنەۋى شەكلىدە چوڭ تىپتىكى ئەسەرلەرنى يېزىش ئىمكانىيىتى تۇغدۇرغان. بۇ سەۋەپتىن ئۇزۇن تېمىلار ياكى ھېكايىلەرنى شېئىر يولى بىلەن يېزىشقا توغرا كەلسە، قاپىيە تۈزۈش ئاسان بولۇش يۈزىسىدىن مەسنەۋى شەكلى تاللىنىلىدۇ. بۇ شەكىلدە شېئىر بېيىت-بېيىت شەكلىدە داۋاملاشتۇرىلىدۇ.
مەسنەۋى گەرچە كىلاسسىك شەرق شېئىرىيتىنىڭ بىر خىل شېئىر شەكلى بولسىمۇ، «مەسنەۋى» دېيىلگەن ۋاقىتتا ئەقىلگە «مەۋلانەنىڭ مەسنەۋىسى» كېلىدۇ. مەۋلانە مەسنەۋىنى ھىسامىددىن چەلەبىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن يازغان. كاتىبى ھىسامىددىن چەلەبىنىڭ دېگىنىگە ئاساسلانغاندا، مەۋلانە مەسنەۋى بېيىتلىرىنى مەرامدا(مەرام: كونياغا تەۋە بىر ناھىيەنىڭ ئىسمى.) سەيلە قىلغان، ئولتۇرغان، يول يۈرگەن، ھەتتا ساما ئوينىغان ۋاقىتلىرىدا سۆزلىگەن، ھەمدە ھىسامىددىن چەلەبى خاتىرلەپ ماڭغانىكەن.
مەسنەۋىنىڭ تىلى پارىسچە بولۇپ، ھېلىھەم مەۋلانا مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان، 1278-يىلىغا ئائىت، قولىمىزدا بولغان ئەڭ بۇرۇنقى مەسنەۋى نۇسخىسىغا كۆرە، بېيىت سانى 25618 دۇر.
مەسنەۋىنىڭ ۋەزىنى: فائىلاتۇن ــ فائىلاتۇن ــ فائىلۇندۇر.
مەۋلانە 6 جىلىد بولغان مەسنەۋىسىدە، تەسەۋۋۇفىي پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنى، بىر-بىرىگە ئۇلانغان ھېكايىلەر شەكلىدە چۈشەندۈرىدۇ.
2. دىۋانى كەبىر
دىۋان، شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى توپلىغان دەپتەرنى كۆرسىتىدۇ. دىۋانى كەبىر «بۈيۈك دەفتەر(توپلام)» ياكى «بۈيۈك دىۋان» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. مەۋلانەنىڭ تۈرلۈك تېمىلاردا سۆزلىگەن شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ دىۋاندىدۇر. دىۋانى كەبىرنىڭ تىلىمۇ پارىسچە بولۇش بىلەن بىللە، دىۋانى كەبىر ئىچىدە ئاز ساندا ئەرەپچە، تۈركچە ۋە يۇنانچە(گرېكچە) شېئىرلارمۇ بار. دىۋانى كەبىر 21 كىچىك دىۋان(بەھىر) بىلەن رۇبائىي دىۋانىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن. دىۋانى كەبىرنىڭ بېيىت سانى 40000 دىن ئاشىدۇ. مەۋلانە دىۋانى كەبىردىكى بەزى شېئىرلىرىنى شەمىس تەخەللۇسى بىلەن يازغانلىقى ئۈچۈن بۇ دىۋان دىۋانى شەمىس دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دىۋاندىكى شېئىرلار ۋەزىن ۋە قاپىيە ئاساس قىلىنماستىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
3. مەكتۇبات
مەۋلانەنىڭ باشتا سەلجۇق ھۆكۈمرانلىرىغا ۋە دەۋىرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىرىگە نەسىھەت ئۈچۈن، ئۆزىدىن سورالغان ۋە ھەل قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان دىنىي ۋە ئىلمىي مەسلىلەردە ئىزاھىي بىلىملەرنى بېرىش ئۈچۈن يازغان 147 پارچە مەكتۇبتۇر. مەۋلانە بۇ مەكتۇبلىرىدا ئەدەبىي مەكتۇب يېزىش قائىدىلىرىگە بويسۇنماستىن، سۆزلىگىنىگە ئوخشاش يازغان. مەكتۇبلىرىدا «قۇلىڭىز، بەندىڭىز» كەبى سۆزلەرگە ھېچ ئورۇن بەرمىگەن. خىتابلىرىدا مەرتىۋە ۋە مەمۇرىيەت ئىسىملىرى مۇستەسنا، مەكتۇب يازغان كىشىنىڭ ئەقلىگە، ئېتىقادىغا ۋە قىلغان ياخشى ئىشلىرىغا كۆرە ئۆزىگە قايسى خىتاپ تەرزى ماس كەلسە ئۇ سۆزلەر بىلەن، ۋە ئۇ سۈپەتلەر بىلەن خىتاب قىلغان.
4. فىھى ما فىھ
فىھى مافىھ «ھەممە نەرسە ئىچىدىدۇر» مەنىسىدە بولۇپ، بۇ ئەسەر مەۋلانەنىڭ تۈرلۈك مەجلىسلەردە قىلغان سۆھبەتلىرىنىڭ، ئوغلى سۇلتان ۋەلەد تەرىپىدىن توپلىنىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن. 61 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان. بۇ بۆلۈملەردىن بىر قىسمى سەلجۇقىيلار ۋەزىرى سۇلايمان پەرۋانىگە خىتابەن قەلەمگە ئېلىنغاندۇر. ئەسەر بەزى سىياسىي ۋەقەلەر بىلەنمۇ ئالاقىدار بولغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ ئەسەر يەنە تارىخى بىر مەنبە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنماقتىدۇر. ئەسەردە جەننەت ۋە جەھەننەم، دۇنيا ۋە ئاخىرەت، مۇرشىد ۋە مۇرىت، ئىشق ۋە ساماغا ئوخشاش تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
5. مەجالىسى سەبئا
مەجالىسى سەبئا(يەتتە مەجلىس) ئىسمىدىنمۇ بىلىنگىنىدەك، مەۋلانەنىڭ يەتتە مەجلىسىنىڭ، يەتتە ۋەزىنىڭ قەلەمگە ئېلىنىشىدىن مەيدانغا كەلگەن. مەۋلانانىڭ ۋەزلىرى ھىسامىددىن چەلەبى ياكى ئوغلى سۇلتان ۋەلەد تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان. ئەمما ئۆزىگە چېقىلماسلىق شەرتى بىلەن قوشۇلمىلار قوشۇلغان. ئەسەر رەتلەنگەندىن كېيىن مەۋلانەنىڭ تەھرىرلىشىدىن ئۆتكەنلىكى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. شېئىرنى مەقسەت ئەمەس، بەلكى پىكىرلىرىنى سۆزلەشتە بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان مەۋلانە يەتتە مەجلىسىدە شەرھلىگەن ھەدىسلەرنى تېمىلىرى نوقتىسىدىن تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە ئايرىغان:
(1) توغرا يولدىن ئايرىلغان گورۇھنىڭ قايسى يول بىلەن قۇتۇلىدىغانلىقى.
(2) گۇناھتىن قۇتۇلۇش. ئەقىل يولى بىلەن غەپلەتتىن ئويغىنىش.
(3) ئېتىقادتىكى قۇدرەت.
(4) تەۋبە قىلىپ توغرا يولنى تاپقانلار ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈك قۇللىرى بولىدۇ.
(5) بىلىمنىڭ قىممىتى.
(6) غەپلەتكە چۆكۈش.
(7) ئەقىلنىڭ مۇھىملىقى.
بۇ يەتتە مەجلىستە، ئەسلى شەرھلەنگەن ھەدىسلەر بىلەن بىللە، يەنە 41 ھەدىس بار. مەۋلانا تەرىپىدىن تاللانغان ھەر ھەدىس ئىجتىمائىيدۇر. مەۋلانە يەتتە مەجلىسىدە، ھەر بۆلۈمدە «ھەمدۇ سانا» ۋە «مۇناجات» بىلەن باشلاپ، ئىزاھلىنىدىغان تېمىلارنى ۋە تەسەۋۋۇفىي قاراشلارنى ھېكايە ۋە شېئىرلار بىلەن جەلپ قىلارلىق شەكىلگە كەلتۈرگەن. بۇ ئۇسۇل مەسنەۋىنىڭ يېزىلىشىدىمۇ ئەينەن قوللۇنۇلغان.

مەۋلانە جالالىددىن رۇمىي ھىكمەتلىرىدىن


ئوخشاش تىلدا سۆزلەشكەنلەر ئەمەس ، ئوخشاش ئوي- پىكىردە بولغانلار ئىتتىپاقلىشالايدۇ.

ئىشىق دەۋاغا، جاپا چېكىش شاھىتقا ئوخشايدۇ. شاھىتىڭ بولمىسا دەۋادا ئۇتالمايسەنكى!

ئەقىللىق ئادەم ھەر ئويلىغىنىنى سۆزلىمەيدۇ، ئەمما ھەر سۆزلىگىنىنى ئويلايدۇ.

سەن بىرىنى چۈشەنمەكچى بولساڭ، ئۇنىڭ ئارىلاشقان دوستلىرىغا قارا!

بىر شام يەنە بىر شامنى تۇتاشتۇرۇش بىلەن ئۆزىنىڭ نۇرىدىن بىر نەرسە يوقاتمايدۇ.

جېنىم تېنىمدىلا بولىدىكەن، قۇرئاننىڭ قۇلىمەن. مەن ھەقنىڭ تاللانغان پەيغەمبىرى مۇھەممەدنىڭ يولىنىڭ تۇپرىقىمەن. كىمكى مەندىن بۇنىڭدىن باشقا سۆز نەقىل قىلسا، ئۇنىڭغا ئېچىنىمەن. ھەمدە ئۇ سۆزدىنمۇ ناھايىتى قايغۇرىمەن.

تۈنۈگۈنگە ئائىت ھەممە نەرسە تۈنۈگۈن بىلەن كەتتى. بۈگۈن يېڭى نەرسىلەر سۆزلەش كېرەك.

پەيلاسوپلارنىڭ پەلسەپىسى ئىنسانلارنىڭ گۇمان ۋە شۈبھىسىنى ئاشۇرىدۇ. ئىسلامنىڭ ھىكمىتى بولسا، ئىنساننى بۈيۈكلەرگە ئۇلاشتۇرىدۇ.

گۈزەل يۈز ئەينەككە ئاشىقتۇر.

دۇنياغا ھەممە ئادەم قارىمىغان تەرەپتىن قارا.

ئىنسانلار گۈللەر ئارىسىدا تىكەنلەرنىڭ بولغانلىقىدىن شىكايەت قىلغۇچە، تىكەنلەرنىڭ ئارىسىدا گۈللەرنىڭ يارىتىلغانلىقىغا شۈكۈر قىلىشى لازىم.

قانائەتتىن ھېچكىم ئۆلمىدى. ھېرىس(ئاچكۆزلۈك) بىلەنمۇ ھېچكىم پادىشاھ بولمىدى.

يامانلارنىڭ ماختىلىشى ئەرشنى تىترىتىدۇ.

مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت ئىنسانلىقنىڭ، غەزەپ ۋە شەھۋەت ھايۋانلارنىڭ سۈپىتىدۇر.

نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

سەن قانچىلىك بىلسەڭ بىل، سۆزلىگەنلىرىڭ قارشىڭدىكىلەرنىڭ چۈشىنەلىگىنىچىلىكتۇر.

ئۆلۈمىمىزدىن كېيىن بىزنىڭ قەبرىمىزنى يەردىن ئىزدىمەڭلار. بىزنىڭ قەبرىمىز ئارىفلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىدۇر.

سەن ئۈچۈن باشقىلارنى تەرك قىلغان ئادەم، باشقىلار ئۈچۈنمۇ سېنى تەرك قىلىدۇ.

يا بولغىنىڭدەك كۆرۈن، يا كۆرۈنگىنىڭدەك بول.


مەنبە : چىن تۈرك مۇنبىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-6 08:43 AM  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6

تېما

545

يازما

551

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 80942
يازما سانى:
545
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4933
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
263 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-1
ئاخىرقى:
2016-1-31
ۋاقتى: 2015-12-6 11:54:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن، تېما ئىگىسىگە رەھمەت

7

تېما

394

يازما

401

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 117712
يازما سانى:
394
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1796
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1022 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-4-19
ئاخىرقى:
2016-1-30
ۋاقتى: 2015-12-6 12:05:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى قىممەتلىك ئەسەر يوللاپسىز بۇرادەر، ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇشقا ئەرزىگۈدەك

ئاز ھەققىدە كۆپ سۆزلە، كۆپ ھەققىدە ئاز.

20

تېما

1295

يازما

1315

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79487
يازما سانى:
1295
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
35831
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
824 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-29
ئاخىرقى:
2016-1-30
ۋاقتى: 2015-12-6 12:06:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزلە ساپلا ياخشى يازمىلارنى يوللاۋاتىدىلا.رەھمەت جۇمائى ھېكمەتلەردىن تېخىمۇ تۇلۇقلاپ ،ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويغايلا ھەزرىتىم

ئاللاھ سەۋېر بەرگىن

8

تېما

925

يازما

933

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 99346
يازما سانى:
925
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2644
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
866 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-11-8
ئاخىرقى:
2016-1-29
ۋاقتى: 2015-12-6 12:44:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل يازما يوللاپسز ........... جاپا چەكتىڭىز رەھمەت .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

51

تېما

604

يازما

655

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 96454
يازما سانى:
604
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2506
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
470 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-7-27
ئاخىرقى:
2016-1-30
ۋاقتى: 2015-12-6 12:56:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ئەينى چاغدا رۇمىنىڭ بىر كوپلىت شىئىرى بەك يارىغان ئىدى

0

تېما

12

يازما

12

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 128067
يازما سانى:
12
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
169
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
66 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-10-11
ئاخىرقى:
2016-1-29
ۋاقتى: 2015-12-6 13:07:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنجىرى دېگەن تورداش قايسى شىئېرى ئۇ يوللاپ باقسىڭىز ئوقۇپ باقساق بولامدۇ

( ئاي سەدەپ )

0

تېما

133

يازما

133

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 126475
يازما سانى:
133
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
180
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
71 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-9-13
ئاخىرقى:
2016-1-31
ۋاقتى: 2015-12-6 13:11:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بەك ياخشى تىما يوللاپسىز، رەھمەت!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ay-sadap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-6 01:26 PM  


0

تېما

12

يازما

12

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 128067
يازما سانى:
12
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
169
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
66 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-10-11
ئاخىرقى:
2016-1-29
ۋاقتى: 2015-12-6 14:23:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنجىرى يوللىغان ۋاقتى  2015-12-6 12:56 PM
ماڭا ئەينى چاغدا رۇمىنىڭ بىر كوپلىت شىئىرى بەك يارىغان ...

تورداش خەنجىرى مۇمكىن بولسا ئۇستازنىڭ
شۇ شىئېرىنى يوللاپ باقسىڭىز ئوقۇپ باقساق
بولارمۇ

0

تېما

12

يازما

12

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 128067
يازما سانى:
12
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
169
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
66 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-10-11
ئاخىرقى:
2016-1-29
ۋاقتى: 2015-12-6 17:21:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنجىرى يوللىغان ۋاقتى  2015-12-6 12:56 PM
ماڭا ئەينى چاغدا رۇمىنىڭ بىر كوپلىت شىئىرى بەك يارىغان ...

خەنجىرى تورداش مۇمكىن بولسا يوللاپ قويسىڭىز بىزمۇ ئوقۇپ باقساق بولارمۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-1-31 03:01 AM, Processed in 0.056453 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش