Win10 Mobile مەغلۇب بولدىمۇ؟
نەچچە كۈن بۇرۇن تاراتقۇلاردا مىكروسوفتنىڭ Win10 Mobile يان تېلېفونىنىڭ Android ئەپلىرىنى قوللاش تۈردىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، iOS ئەپلىرىنى قوللاش تۈرىنى داۋاملاش قوللاش ياكى توختىتىش توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئەگىشىپلا Win10 Mobile سىستېمىسىنى قوللاش مۇلازىمىتى 2019-يىلىغىچىلا داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئارقا ئارقىدىن خەۋەر قىلغان ئىدى. بۇ خەۋەر نۇرغۇنلىغان Windows Phone ئىشلەتكۈچىلىرى ۋە ھەۋەسكارلىرىغا بەكلا ئېغىر زەربە بولدى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. ھېلىمۇ Win10 Mobile رەسمىي نەشرىنىڭ ھەپتىدىن ئايغا، ئايدىن پەسىلگە، پەسىلدىن يىلغا سۈرۈلۈشىگە قارىتا ئىشلەتكۈچىلىرى ۋە ھەۋەسكارلىرىغا ئاز بولمىغان ئۈمىدسىزلىنىشكە دۇچار قىلدى. بىراق ئەھۋال راستىنلا شۇنداق ئېغىرمۇ؟ مېنىڭ قارىشىمچە ئۇنداق ئەمەس. سەۋەبى:
1-سۇپا ئاتلاپ ئەپ ۋە يۇمشاق دېتال قوللاتقۇزۇش مۇندىن كېيىنكى يۈزلىنىش(ئاندرويد ئەپلىرىنى قوللاش ئەمەلگە ئېشىپ بولدى، iOS نىكڭى ئىچكىي سىناق باسقۇچتا).
2-كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئىچىدە ئەڭ بىخەتەر(1-ئاندرويد، iOS، Windows Phone).
3-ئۇزاققا قالماي Windows X86، يەنى كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى 32-بىتلىق يۇمشاق دېتاللارنىمۇ قوللايدىغان بولىدۇ(بۇ تامامەن مۇمكىن).
كەمچىللىكلىرىمۇ يوق ئەمەس، مەسىلەن:
1-ئەپلەر ئاز.
2-سىستېما مەشغۇلاتى بىر ئاز ئۆزگىچىرەك. ئالما-ئاندرويد ئىشلىتىپ كۆنۈككەنلەر بولسا بۇ سىستېمىغا كۆنەلىشى سەل تەسرەك.
3-ئەپلەرنىڭ چېكىنىپ كېتىشى كېتىش ئەھۋالى مەۋجۇت.
4-ئەپ دۇكىنىنىڭ مۇقىملىقى ياخشى ئەمەس. ئەپ چۈشۈرگەندە تورىڭىز ئالاھىدە نورمال بولۇپ بەرمىسە بېشىڭىزنى تاشقا ئۇرسىڭىزمۇ چۈشۈپ قاچىلىنىپ بەرمەيدۇ(بۇ يەردە مۇبالىغىلاشتۇرۇلدى. قېنى ماۋۇ ھىجارغاچ چىراي ئىپادىسى)
5-ھازغىرغىچە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قېتىلمىدى. لېكىن بىر قىسىم ئەپلەر ئۇيغۇرچە ۋە سىستېمىنىڭ يادروسىدىن ئۇيغۇرچىنى قوللايدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قېتىلغان.
ماختاش ۋە سېسىتىپمۇ بولدۇم، ئەمدى مىكروسوفت تەرەپنىڭ بۇ سۇپا ئۈچۈن قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئەسلەپ چىقايلى:
1- 2015-يىلىنىڭ بېشىدا مىكروسوفت ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئشىنى ئاشكارىلىغان ئىدى، ئۇ بولسىمۇ: «مىكروسوفىت ئاندىرويىد سۇپىسىغا روم ئاچىدىغان Cyanogen شىركىتىگە مەبلەغ سالدى» ۋە «مىكروسوفىت ئاندىرويىد سۇپىسىغا روم ئېچىش گۇرۇپپىسى Cyanogen گە قىزىقىپ قالدى» لەردىن ئىبارەت ئىدى. قىزىققۇچىلار ئاۋۇ تېمىلارنى چېكىپ ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ. مىكروسوفت Cyanogen ئارقىلىق Win10 Mobile سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئۇتۇق قازانغان سىستېما قىلىشنى كۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىنتى، بىراق بۇ خەۋەر ۋە مەبلەغ سېلىشلاردىن كېيىن Cyanogen خەۋەرلىرى ئازلاپ، مانا ھازىر تىلغا ئېلىنماسلا بولدى(مەن ئاتايىتىن تىلغان ئالغان بىلەن).
2-ئۈستەل كومپيۇتېر(PC)، تاختايچە(تاختا كومپيۇتېر) ۋە كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنە بولغان Windows Phone لارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش. ھازىرچە ئالدىنقى ئىككىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە نەتىجىلىرى خېلى كۆرنەرلىك، ئەمما-زە، ماۋۇ Windows Phone نىڭ تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. سەۋەبلىرىنى يۇقىرىدا بايان ئەيلىدۈك.
3-ئاندرويد ئەپلىرىنى قوللاشتىن ۋاز كېچىشنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئالدىنقى نۆۋەتلىك سابىق CEO ستېۋ بالمېر: $ Windows ئېكىلوگىيەسىگە ئەپ ئاچقۇچىلار ھازىرقىدەك ئاز ۋاقىتتا ئاندرويدنى قوللاش تۈرىدىن ۋاز كېچىشكە قەتئىي بولمايدۇ! $ دەپ تەكىتلىگەن، شۇنداقلا ھازىرقى CEO ساتىلا نادىللامۇ بالمېرنىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلىدىغانلىقى بايان قىلغان بولدى. يۇقارىقى ئىككى ئاتاماننىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى ۋە تەكىتلىشى بۇ سۇپىنىڭ ئاسانلىقچە مەغلۇب بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ، قانداق؟ مىكروسوفتمۇ كۆپ تىرىشچانلىقلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ سىستېما ئېلان قىلىنغىنىغا بىر يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ، ئىشلەتكۈچىلىرى مىكروسوفت ئويلىغاندەك ئۇنچە كۆپ ئەمەس. سەۋەب يەنە يەنە شۇ. بىراق بۇ سۇپىنىڭ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى بەكلا زور. ھەممىمىزگە ئايان Windows 8 دىن باشلاپ بۇ سىستېمىدا ئۇيغۇرچە يادروسىدىن قوللاشقا ئېرىشتى. ئەگەر مىكروسوفت Win10 Mobile دىن ۋاز كەچمىسىلا، بۇ سىستېمىدا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ ئورۇن ئېلىشىمۇ ئۇزاققا قالمىدى دەپ ئويلايمەن. ھازىر مىكروسوفت ئالدى-ئارقىنى دەڭسەپ، سەل دىلىغۇل بولۇۋاتىدۇ، لېكىن ۋاز كېچىشتىن بەكرەك ساقلاپ قېلىش ئېھتىمالى يۇقىرىراق تۇرىدۇ.
Win10 Mobile ھازىرقى ۋەزىپىسى: ئاندرويدنى قوللاش تۈرىنى قايتا قوزغىتىشى ۋە Cyanogen بىلەن بولغان تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا Windows Phone لار ئىنتايىن خۇرسەن بولغان بولاتتۇق. بۇ سۇپىنىڭ مېنىڭ نەزرىمدە مۇنداق ئىككى چىقىش يولى بار: 1- ئاندرويد ۋە iOS نى قوللاش؛ 2- ھازىرقى تېلېفونلىرىغا Windows Phone ۋە ئاندرويد سىستېمىسىنى تەڭ قاچىلىغىلى بولىدىغان قىلىپ تارقتىش.
ماقالە مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى. يۇقارىقىلارنىڭ پەقەت مېنىڭ كۆز قارىشىم بولۇپ، سەھۋەنلىكلەر بولسا تۈزۈرۈپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: ئالپبەگ ئۇچۇر-تېخنىكا تورتۇرايى ئۈندىدار سۇپىسى كۈنلۈكى IT ساھەسىدىكى ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىمنى ھەمبەھرلەيدىغان سۇپا بولۇپ، سىزنىڭمۇ بۇ سۇپىدا ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قاراشلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود بىلەن بىزنىڭ سېپىمىزگە قېتىلىڭ.
ئىككىلىك كودى: