مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3521|ئىنكاس: 7

ئاتاقلىق ئەدىپ ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن سۆھبەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

50

تېما

91

يازما

141

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 91298
يازما سانى:
91
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1544
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
221 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-2-7
ئاخىرقى:
2016-1-30
[ئاتاقلىق ئەدىپ ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن سۆھبەت

ئەسسالامۇئەلەيكوم  ھۆرمەتلىك تورداشلار، ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىڭلارغا ئاسايىشلىق، تېنىڭلارغا سالامەتلىك، تۇرمۇشىڭلارغا بەخت ۋە ئامەت تىلەيمىز!
يېقىندا بىز 50 نەچچە يىللىق يېزىقچىلىق ھاياتىدا كۆپلىگەن نادىر شېئىر، داستان، ھېكايە، پوۋېست، رومان يېزىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىر ھاجى مىرزاھىد كىرىمى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. بۇ زىيارەتنىڭ سىلەرگە ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمى 1937 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇمۇشلۇق تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇغاندىن كېيىن، 1955 – يىلىدىن 1958 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئۇ شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ‹‹شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى››ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ئانا ۋەسىيىتى››، ‹‹ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق›› ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات قەسىرىگە قەدەم قويغان. 1959 – يىلى ‹‹سول›› چىل سىياسەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كۆپ رىيازەت چەككەن. نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1993 – يىلى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن پېنسىيەگە چىققان.
1982 – يىلىدىن باشلاپ ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ‹‹ئالتۇن ئاچقۇچ››، ‹‹قاناتلانغان تىلەك››، ‹‹سۈزۈك تاراملار›› قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، ‹‹ھېيتگاھدا ھېيت كۈنى›› ناملىق داستانلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئۇ 1984 – يىلىدىن باشلاپ نەسرىي ئەسەر يېزىشقا كىرىشىپ ‹‹نازىنىننىڭ قىلتىقى››، ‹‹ھەسەن – ھۈسەن پارلىغاندا››، ‹‹شېرىن چۈشتىكى قارا كۆلەڭگە›› قاتارلىق ھېكايىلەرنى، ‹‹پەرىزات››، ‹‹يىگىت بولۇۋالغان قىز››، ‹‹بۇغدا قىزى›› قاتارلىق پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان. 1990 – يىلىدىن بۇيان ئۇنىڭ ‹‹جۇدالىق›› (ئۈچ توم)، ‹‹سەئىدخان››، ‹‹سۇلتان ئابدۇرېشىتخان›› (ئىككى توم)، ‹‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ›› (ئىككى توم)، ‹‹سۇلتان مىرزا ئابابەكرى››قاتارلىق تارىخىي رومانلىرى نەشر قىلىنغان.
بۇ يىللاردا ئۇ يەنە ‹‹قەلەمنىڭ ساداسى››، ‹‹يىلان ئۇسسۇلىدىن تۇغۇلغان ئويلار››، ‹‹<ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق> پاجىئەسى ۋە تەتۈر قىسمەتلەر›› قاتارلىق يىرىك ماقالىلەرنى ۋە ئەسلىمىلەرنى ئېلان قىلدى، ‹‹بۇغدا قىزى›› ناملىق ھېكايە – پوۋېستلار توپلىمى، ‹‹قاناتلانغان تىلەكلەر›› ناملىق داستانلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇردى.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتدا رومان ئىجادىيىتى، بولۇپمۇ تارىخىي رومان ئىجادىيىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ئانا يۇرتىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرگەچكە، ئۇ يازغان تارىخىي رومانلاردا تەسۋىرلەنگەن ۋەقە، ھادىسە، يورۇتۇلغان پېرسوناژلار تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىدۇ ھەم ئىختىيارسىز ھالدا ئاشۇ تارىخ ئىچىگە باشلاپ كىرىدۇ.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمى يازغان بىر ئەسەر 1991 – يىلى 2 – نۆۋەتلىك ‹‹تەڭرىتاغ›› مۇكاپاتىغا، يەنە بىر ئەسىرى 2010 – يىلى16 – نۆۋەتلىك ‹‹تەڭرىتاغ›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇلتۇر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ‹‹21 – ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى تۆھپىكار شائىر›› دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى. ھازىر ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئارقا – ئارقىدىن بېسىلىپ چىقىۋاتقان توم – توم كىتابلىرىمنىڭ تۈرتكىسى ھەم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۆرمەت – ئېھتىرامىنىڭ ئىلھامى بىلەن ‹‹قەلبىمدىكى ئۇنتۇلماس ئادەملەر›› ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ 1 – تومىنى، ‹‹مېنى نېمىشقا تەنقىد قىلمايسىلەر›› ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنى ۋە بىر شېئىرلار توپلىمىنى پۈتكۈزۈپ نەشرگە تاپشۇردى.
پىلانلىغۇچى:
سۈرەتكە ئالغۇچى:
كىرىشتۈرگۈچى: قەيسەر ئابدۇرۇسۇل(قەشقەر تىلىۋىزىيە ئىستانسىدىن)
ئاپتۇرى: ئابلاجان بوۋاقى، تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق
رىياسەتچى: تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماق

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koxmak7 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-7 01:00 PM  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

14

يازما

14

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 122830
يازما سانى:
14
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
832
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
98 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-7-9
ئاخىرقى:
2016-1-27
ۋاقتى: 2015-12-8 16:51:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ، ئېسىل تىمىكەن ، قوشماق بۇرادەر ئەجرىڭىزگە ئاپىرىن .ھاجى مىرزاھىد كىرىمى ئاتىمىزنىڭ ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.

0

تېما

5

يازما

5

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 112513
يازما سانى:
5
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
55
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
14 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-8
ئاخىرقى:
2016-1-3
ۋاقتى: 2015-12-9 03:27:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدىن بەكلا سۆيۈندۈم ھاجىكامنىڭ (جۇدالىق) دېگەن رومانىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن ، ئىمكانىيەت يار بەرسە ھاجىكام بىلەن كۆرۈشكۈم بار ئىدى . ئىنشا اللە ، اللەتىن تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن .....


50

تېما

91

يازما

141

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 91298
يازما سانى:
91
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1544
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
221 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-2-7
ئاخىرقى:
2016-1-30
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-10 00:50:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
===
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koxmak7 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-10 12:55 AM  


0

تېما

50

يازما

50

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 131091
يازما سانى:
50
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
52
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
0 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-26
ئاخىرقى:
2015-11-26
ۋاقتى: 2015-12-11 20:54:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بەك ھۆرمىتىم با بۇ ئۇستازغا  ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىسۇن  قەلەم تۇلپار ڭىز ھارمىغاي ئۇستاز

51

تېما

604

يازما

655

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 96454
يازما سانى:
604
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2506
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
470 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-7-27
ئاخىرقى:
2016-1-30
ۋاقتى: 2015-12-12 01:42:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە ئاشۇنداق ئىسىل ئاكىلىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈش نىسىپ بولامدىكىن تاڭ؟

9

تېما

850

يازما

859

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108270
يازما سانى:
850
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2399
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
287 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-6
ئاخىرقى:
2016-1-29
ۋاقتى: 2015-12-12 18:36:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن! سالامەت بولسۇن!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

50

تېما

91

يازما

141

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 91298
يازما سانى:
91
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1544
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
221 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-2-7
ئاخىرقى:
2016-1-30
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-22 00:04:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

中国著名少数民族作家米尔扎依提

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koxmak7 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-22 12:39 AM  

中国著名少数民族作家米尔扎依提 播客 > 综合2015-12-06 11:31:00 49:58 9999












DSC07696.JPG
DSC07697.JPG
DSC07702.JPG
DSC07703.JPG
DSC07704.JPG
DSC07705.JPG
DSC07706.JPG


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-1-31 04:46 AM, Processed in 0.039710 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش