مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5054|ئىنكاس: 8

‹‹ئېلىپبە››نىڭ ھۆسىنخەتلىرىنى يازغۇچى خەتتات ئادىلجان ئايىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

13

يازما

17

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129563
يازما سانى:
13
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
50
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
4 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-4
ئاخىرقى:
2016-1-13
01.png

‹‹ئېلىپبە›› نىڭ ھۆسىنخەتلىرىنى يازغۇچى تۆھپىكار خەتتات

ئادىلجان ئايىت توغرىسىدا


1983 -يىلى ئۇستاز، تەتقىقاتچى ئابدۇسالام توختى تۈزگەن،شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى نەشىر قىلغان ، بالىلىقىمىزدىكى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ،كۆپىنچىىمىزنىڭ ئانا تىلدىن ساۋادىنى چىقارغان ‹‹ئېلىپبە››ھەممىمىزنىڭ يادىدا بولسا كىرەك، بۇ كىتاپنىڭ خەتلىرى، ھەرپ ئۈلگىسى،جۈملىلەر، كۆنۈكمىلەر ھەممىسى قولدا ھۆسىنخەتچىلەپ يېزىلغان بولۇپ،‹‹ئېلىپبە›› نىڭ ھۆسنخەتلىرىنى ئۆز قولى بىلەن يازغان ، كۆزگە كۆرۈنگەن خەتتات،گۈزەل-سەنئەت مۇھەرېرى، ئۇستاز ئادىلجان ئايىت ئەپەندىنىڭ تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.
ئاتاغلىق خەتتات ، گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى ۋەمەتبەئە ھـەرپ لايىھەلىگۈچى ئادىلجان ئايىت ( دىلكەش ) 1959-يىلى 7-ئايـدا ئۈرۈمـچىـدەتۇغۇلـغـان. 1977-يىلىدىن 1981- يىلىغىچەشىنجاڭ شىنخۇا باسما زاۋۇتىدا ئىشلەپ، كېيىن ئۈرۈمچى شىنخۇا كىتابخانىسى تەشۋىقات بۆلۈمىگەيۆتكەلگەن. 1985-يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى گۈزەل سەنئەت تەھرىر بۆلۈمىدە خەتتاتلىق كەسپىي بىلەن ئىشلەۋاتىدۇ،كاندىدات ئالىي مۇھەررىر. ئۇ ھازىر جۇڭـگـو خەتتاتـلار جەمئىيـىتى شىـنجـاڭ شۆبىـسىـنىـڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شـەھـەرلىك خـەتـتـاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىيھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ پېشقەدەم كادىرلارخەتتاتلىق- رەسساملىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئۇ كىچىكىدىنلا رەسساملىق ۋە خەتتاتلىققائىشتىياق باغلىغان، ئاتىسى ئايىت زايىت ۋە قېيىنئاتىسى ئاتاقلىق خەتتات ھەسەن قارىھاجىملاردىن خەتــتاتلىق ماھارەتلىرىنى سىستېمىلىق ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ خەتتاتلىق ئىجادىيىتى 1984-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، نۇرغۇن ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان، بىر قىسىم ئەسەرلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆرگەزمە-مۇسابىقىلەرگە تاللاپ قويۇلۇپ ، كۆپ قېتىم تەقدىرلەنگەن. 1985-يىلىدىن بۇيان، ئۇ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە « ھۆسنخەت مەشقى »، « خەت يېزىش مەشقى » ۋە « رەسىمگە قاراپ خەت تونۇش » قاتارلىق 90پارچىدىن ئارتۇق دەرسلىكنى تۈزگەن ياكى ئۇلارنىڭ ھۆسنخېتىنى يېزىپ، بېتىنى لايىھەلەپ، گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان . ئۇيـغۇرچە، ئەرەبچە ،قازاقچە ۋە قىرغىزچە 10 نۇسخىدىن ئارتۇق « ئېلىپبە » نىڭ ھۆسنـخېتىنى يېزىپ،بېتىنى لايىھەلىگەن . 2011-يىلى « ئۇيـغـۇر خـەتتاتلىقىـنى ئۆگىـنـىش قولـلانمـىسى(جەمئىي 7 كىتاب) » نىڭ « نەسىخ خەت نۇسخسى » بىلەن « تۈز خەت نۇسخسى »نى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان.
1988-يىلى مەملىكەتلىك مەتبەئە خەت نۇسـخىسى لايىـھەلەش مۇسا بىقىسىدە،ئۇنىڭ بىر يۈرۈش باسما خەت نۇسخىسى 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1992- يىلى، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق تىل – يېزىق كومىــتېتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، (UHK)ناملىق ئۇيغۇر ، قازاق ۋە قىرغىز يېزىـقىدىكى تۆت خىل تۆت يۈرۈش مـەتبـەئـە باسـماخەت نۇسخىسىنى لايـىـھـەلىگەن، بۇ خەت نۇسـخىلىرى ئاپتـونوم رايونىمىـزدىكى گېزىت-ژۇرنال، نەشـرىيات ۋە مەتبەئە سـاھەلـىرىـدە كەڭ كۈلەمدە قـولـلانمـاقـتـا؛ 2005-يىـلى، ئـۇ شىنـجاڭ مائـارىپ نەشرىياتى بىلەن جىڭدا (正大) ئېلېكترونلۇق شىركىتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز يېزىقىدىكى ئالتە خىل يېڭى مەتبەئە باسما خەت نۇسخىسىنى لايىھەلەپ ئىشلەپ چىقتى.
ئادىلجان ئايىت جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن 2012-يىلى8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە تۈركىيە ئىستامبۇل شەھىرىدە جۇڭگو دىنىئىشلار ئىدارىسى بىلەن تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان « 2012جۇڭگو ــ تۈركىيە ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى » پائالىيىتىگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇيغۇر خەتتاتى سۈپىتىدە قاتنىشىپ ، پائالىيەت جەريانىدا نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىپ 100 پارچىدىن ئارتۇق ھۆسنخەت يېزىپ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ، ھۆسنخەت ھەۋەسكارلىرى ۋە خەلق ئاممىسىغا تەقدىم قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرخەتتاتلىقىنى ئۈنۈملۈك نامايەن قىلىپ ، خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى .
2012 - يىلى ئايالى مۇيەسسەر ھەسەن بىلەنبىرلىكتە تۈزگەن « تەڭرىتاغ گۈلزارى— ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسەرلىرى » ناملىق توپلىمى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى . 2013 –يىلى ئۇ تۈزگەن « قوش تىللىق خەت تونۇش، خەت يېزىش قوللانمىسى » ناملىق 2 قىسىملىق كىتابى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى . ئۇيېڭىدىن توزۇپ چىققان باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل سىنىپلىرى ۋە ئادەتتىكى سىنىپلارئۈچۈن « ئېلىپبەگە ماسلاشتۇرۇلغان قول كۆندۈرۈش مەشىقى » نەشردىن چىقىش ئالدىدا .ئۇ ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنى قوغداش ، ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى راۋاجىلاندۇرۇش ،گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشماقتا .
بىز ئادىلجان ئايىت ئەپەندىنىڭ تىل-يېزىقىمىز ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، ھەم بۇ تۆھپىكار خەتتاتىمىزنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق، ئائىلىسىگە بەرىكەت، تىنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيەت بىغىغا مول-ھوسۇل تىلەيمىز!

تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ يازغان ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى، لايىھەلىگەن مەتبەئە ھەرپلىرى، كىتاپ مۇقاۋىلىرى ۋە ماركىلىرى:


02.png

03.png

04.png

06.png

07.png

08.png

09.png

10.png

11.png

12.png

13.png

مەنبە : باغتېكىن يانبىلوگى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوتلـۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-8 01:04 AM  


ئويغان ئۇيغۇرۇم ، مەرىپەتتە ئويغان !!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

51

تېما

604

يازما

655

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 96454
يازما سانى:
604
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2506
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
470 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-7-27
ئاخىرقى:
2016-1-30
ۋاقتى: 2015-12-8 17:35:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئېلىپبەنى كۆرسەم بالىلىق چاغلىرىم ئىسمىگە كىلىش بىلەن بىرگە ئۇ كىتابقا بولغان ھۆرمىتىم ئاشىدۇ

0

تېما

55

يازما

55

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 100219
يازما سانى:
55
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
149
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
15 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-11-28
ئاخىرقى:
2016-1-24
ۋاقتى: 2015-12-8 17:57:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئېگىسىگە رەھمەت،  «ئېلىپبە» بىزگە ئانا تىلىمىزنى بىلدۈرگەن كىتاب. ئادىلجان ئايىت ئاكىغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!!!!!

كۆيۈمچان رەببىم

24

تېما

2527

يازما

2551

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2267
يازما سانى:
2527
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
21785
تۆھپە :
360
باھا :
336
توردا:
5677 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-6-3
ئاخىرقى:
2016-1-28
ۋاقتى: 2015-12-8 18:41:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەت  يېىزىق بىزنىڭ بايلىقىمىز ، نى نى خەلىق  بار  يا تىلى يوق يا يېزىقى يوق باشقىلارنىڭ يېزىقىنى تىلىنى  ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان .
ئادىلجان ئەپەندىگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن ۋە بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +30 يىغىش سەۋەبى
kepanogrisi + 30 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

كۆز،سۆز ۋە ھەركىتىڭ ئارقىلىق بىر ئىنساننى راھەتسىز قىلساڭ سەن گۇناھكارسەن ؛
ھەقسىزلىك دىگەن سەن ئۇچراشنى خالىمىغان مۇئامىلىنى باشقىلارغا قىلىشتۇر

چىراقپاي

1

تېما

760

يازما

761

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 64123
يازما سانى:
760
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10242
تۆھپە :
100
باھا :
90
توردا:
1476 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-11-8
ئاخىرقى:
2016-1-30
ۋاقتى: 2015-12-8 23:15:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                تىل-يېزىقىمىز ئۈچۈن  تۆھپە قوشقان ئادىلجان ئايىت ئەپەندىگە مەڭگۈ
             ئۇتۇق تىلەيمەن!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

0

تېما

5

يازما

5

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 131634
يازما سانى:
5
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
21
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
5 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-12-5
ئاخىرقى:
2016-1-6
ۋاقتى: 2015-12-9 12:48:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى كىتاپ ئىدى ،مەندە بىرسى بار ساقلاپ قويدۇم

20

تېما

1295

يازما

1315

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79487
يازما سانى:
1295
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
35831
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
824 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-29
ئاخىرقى:
2016-1-30
ۋاقتى: 2015-12-9 14:22:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېنىگە سالامەتلىك،ئۆمرىگە بەرىكەت تىلەيمەن.ھازىرمۇ تاپقىلى بولارمۇ 90-يىللاردىكى «ئېلىپبە»نى

11

تېما

1373

يازما

1384

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 94037
يازما سانى:
1373
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2836
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
451 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-3-29
ئاخىرقى:
2016-1-26
ۋاقتى: 2015-12-11 00:53:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان ئايىت ئاكىغا سالامەتلىك، بەخت تىلەيمەن.

ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەنگەن ئۇيغۇردىن پەخىرلىنىمەن.

26

تېما

157

يازما

183

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 123296
يازما سانى:
157
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
789
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
442 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-7-16
ئاخىرقى:
2016-1-24
ۋاقتى: 2015-12-12 07:30:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئادىلجان ئايىت لاھىيىلىگەن بىر قىسىم مەتبەئە ھەرپلىرى» دىگەن قۇرنىڭ ئاستىدىكى 1988-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى» دىگەن ئاتالغۇنى نىمىشقا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاتونۇم رايۇنى» دەپ ئالغاندۇ؟ 2010-يىلىدىن باشلاپ ئاندىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى» دەپ ئېلىنىپتۇ.

ئەي ئوغلۇم ، مەندىن ئۈگۈت – نەسىھەت ئال ، پەزىلەت تىلە ، ئەدەپلىك ۋە تەرتىپلىك بولۇشقا تىرىش ، تاكى ئەل ئىچىدە ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ ، ئەدەپ ۋە ئىلىم – ھېكمەت تارات .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-1-31 02:17 AM, Processed in 0.047708 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش