مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7727|ئىنكاس: 18

بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسلىسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

100

تېما

289

يازما

389

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 97620
يازما سانى:
289
نادىر تېما :
1
مۇنبەر پۇلى :
5980
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
196 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-9-5
ئاخىرقى:
2016-1-29
         بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسلىسى ھەققىدە



ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن


1.مەسىلىنىڭ ئىلمىي قىممىتى


بالاساغۇن ــ قۇز ئوردا ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم توپىنومىيىلىك كاتېگورىيە. بالاساغۇن ئۇيغۇر تارىخىدا قاراقۇجۇ، يارغۇل، قارابالغاسۇن، بېشبالىق، قەشقەر-ئوردا كەنت بىلەن تەڭ دەرىجىدە شانلىق ئورۇن ئالغان.
بالاساغۇن تارىخىي مەنبەلەردە يىراق ئەپراسىياپ ۋە بۇيلاسانغۇن بۆكەقاغان نامى بىلەن تۇتاشقان. بالاساغۇن ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ئىلىك دەۋرلىرىدە ياغما قەبىلىلىرى ۋە قاراخانىلار ياغما سۇلتانلىرىنىڭ نەسەپگاھ دەرگاھى، دەسلەپكى ھەربىي- سىياسىي پائالىيەت مەركىزى، ئوغۇلچاق قىدىرخان تالاستىن قەشقەرگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، قاراخانىلارنىڭ سامانىلارغا نىسبەتەن ئالدىنقى قاراۋۇلخانىسى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان جاي، ئوردا كەنت ــ قەشقەر يېنىدىكى سالقىن ئوردا – قۇز ئوردا بولغان جاي.
بالاساغۇن ــ يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەل، شەرق بىلەن غەرپ مەدەنىيەت ئالاقىلىرىدىكى مۇھىم بەلباغ، جۈملىدىن قاراخانىلارغا تەئەللۇق بىر قاتار ئالىملار، ئەدىبلەر، سەركەردىلەر دۇنياغا كۆز ئاچقان مەشھۇر شەھەر.
بالاساغۇن تارىخىي شەھەر سۈپىتىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغاندىن تاشقىرى، نىزامۈل مۈلۈك، تابارى، ئىبىن ھەلقەلى، گەردىزى، ئەبۇل ئەشىر، ئەبۇل فىدا، جۈۋەينى، مىرخاند، دوسسۇن، ۋاڭ گوۋېي، برۇكېلمان، گرېنارد، بېگىسىن، گرېگورىيۇۋ، مىلىنوۋىسكىي، بارتولد، پىرساك، خانىدا تورو، ئابېتاكېئو قاتارلىق ئوتتۇرا ئەسىر ۋە ھازىرقى زامان شەرق ۋە غەرب مۇئەللىپلىرى تەرىپىدىن زىكىر قىلىنغان. ئېيتىش كېرەككى، بۇ بىۋاستە كۆزىتىش ياكى توپىنوپىيىلىك ئاساستىكى زىكىر بولماستىن، ئاساسەن تارىخىي جەھەتتىكى زىكىر ئىدى.
بالاساغۇن توپىنومىيىلىك ـ جۇغراپىيىلىك جايلاشقان ئورۇن سۈپىتىدە زادى قەيەردە دېگەن مەسىلىدە يۇقۇردا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان مۇئەللىپلەرنىڭ بايانلىرىدا بىر قاتار ئېنىقسىزلىقلار ۋە ھەرخىل زىددىيەتلىك بايانلار ساقلانغان.
بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى بارتولدتىن كېيىنكى مۇھاكىمىلەردە بارغانسېرى خاتا پەرەز ۋە ئاساسسىز ھۆكۈم تۈتەكلىرىگە كىرىپ كەتتى. نەتىجىدە بالاساغۇننى ياغما ۋە توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇرلىرىدىن ئايرىپ مۇھاكىمە قىلىدىغان، بالاساغۇننى ئوردا كەنت يېنىدىكى قۇز ئوردىدىن ئايرىپ مۇھاكىمە قىلىدىغان، بالاساغۇننى ئەرەپ سەيياھلىرىنىڭ ئەينى زاماندا يازغان يەر مۇساپىلىرى توغرىسىدىكى ناتوغرا قىياسلىرىنى دەلىل قىلىۋېلىپ مۇھاكىمە قىلىدىغان، ھەتتا بالاساغۇن، يۇقىرى بارسىخان، سۇياب (چۇئاب)، توقماق (بۇرانا ۋە ئاق پىشىم) ئارىلاشتۇرۇلۇپ مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقتى. بۇ جەھەتتىكى ھۆكۈملەر شۇ پېتىلا قايتا مۇھاكىمىسىز قوبۇل قىلىنىپ، تەكرارلىنىۋېرىپ، قانداقتۇر «بالاساغۇن- توقماق» پىگورىسى دەخلىسىز ئاخىرقى ھۆكۈم بولۇپ قالدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە سىياسىي جۇغراپىيىلىك ۋە سىياسىي ئېتنولوگىيىلىك ئېغىشلارغا يۈزلەندى.
«قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىنىڭ چۇڭقۇرلىشىشى «قۇتادغۇبىلىك» ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى يېڭىباشتىن تەتقىق قىلىپ كۆرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇردى. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىي قىسمىي بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ئىدى.
ئۇيغۇر ئالىمى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكى مەرھۇم مۇراد مەھرايىف 1972-يىلى ئالمۇتادا نەشىر قىلىنغان «دەۋر سەھىپىلىرى» ناملىق كىتابنىڭ 84- بېتىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى پروفېسسور ئا.ن. كونىرنوفنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسىغا يازغان مۇقەددىمە ماقالىسىگە ئاساسلىنىپ: «يۈسۈپ بالاساغۇنى تۇغۇلغان بۇ شەھەر ‹قۇزئوردا› نامى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى»، «بالاساغۇن شەھىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا گۇمانلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشاپ ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان قەشقەردە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق گۇمان يوق» دەپ يازغانىدى. مەن 1986-يىلى ئۆكتەبىردە ياپونىيە كىيوتو ئونۋېرستىتىنىڭ «خانىدا خاتىرە سارىيى»دا «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يېتۈك قامۇسى ‹قۇتادغۇبىلىك› » دېگەن تېمىدا ئىلمىي لېكسىيە ئوقۇغاندىن كېيىن، ياپونىيە تارىخچىلىرىنىڭ بالاساغۇننىڭ ئورنى زادى قەيەر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۆتكۈر سۇئالىغا دۇچ كەلدىم. «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە نۇسخىلىرىنىڭ نەشىر قىلىنىشى، مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھلىرىنىڭ قايتا ياسىلىشى بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسىنى بىۋاستە كۈنتەرتىپكە قويدى.
بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدىكى  تەتقىقات غايەت زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولغان ئىنچىكە تېما. بۇ مەسىلىنىڭ ئىلمىي جەھەتتە ھەل قىلىنىشى «قۇتادغۇبىلىك» مۇئەللىپىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى مەسىلىسىنى يورۇتۇشتىن تاشقىرى، پۈتكۈل قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ شەكىللىنىش ۋە راۋاجلىنىش تارىخىنى، غەربىي ئۇيغۇر ئېتنىك تۈركۈمى ــ توققۇز ئوغۇز ــ ساتۇق ئۇيغۇرلىرىنىڭ پائالىيەت شەجەرىسىنى يورۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم مەسىلە.
2.«بالاساغۇن ــ توقماق بۇرانا» قارىشىنىڭ ئاساسلىرى ۋە يېتەرسىزلىكلىرى
«بالاساغۇن ــ توقماق بۇرانا (مۇنارە) خارابىسىدا» دېگەن قاراش بارتولدنىڭ «ئىسلام ئېنىسىكلوپېدىيىسى»نىڭ «بالاساغۇن» تېمىسىغا يازغان ماقالىسىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان.
بارتولد بالاساغۇننىڭ قۇز ئوردا دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ بالاساغۇندا تۇغۇلغانلىقىنى، سامانىيلار شاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ ئوردا ئىختىلاپلىرى تۈپەيلى بالاساغۇنغا ھىجرەت قىلغانلىقىنى، بالاساغۇندا سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە تاغىسى ئوغۇلچاق قىدىرخاندىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ قەشقەرنى ئىسلاملاشتۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمما ئۇ بالاساغۇن مەسىلىسىدە ئىككى موھىم خاتالىققا يول قويىدۇ؛ ئۇنىڭ بىرى، بالاساغۇننىڭ ئورنىنى توقماق قىلىپ بېكىتىدۇ. يەنە بىرى، «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»نىڭ «بالاساغۇن» تېمىسىغا يازغان ماقالىسىدا ئۇ قاراخانىلاردىن ئىلگىرىمۇ بالاساغۇننىڭ توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇرلىرى شەھەرلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە «غۇبالىق» دەپمۇ ئاتالغانلىقىنى، بۇ نامنىڭ يوللىغ چۈسەي (1190- 1244)نىڭ «غەرپكە ساياھەت خاتىرىلىرى»، «لياۋ تارىخى»، «ئالتۇن خانلىق تارىخى»، بولۇپمۇ «تۈركىي تىلار دىۋانى»دا تىلغا ئېلىنغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، «1218-يىلى بالاساغۇن ھېچبىر قارشىلىقسىزلا چىڭگىزخاننىڭ مەشھۇر سەركەردىسى جەبەنويۇن قولىغا ئۆتتى، مۇڭغۇللار ئۇنى «بۇغالىق» دەپ ئۆزگەرتتى» دەپ يازىدۇ.
«بالاساغۇن – توقماق بۇرانا» قارىشىدىكىلەرنىڭ ئاساسلىرى موھىمى تۆۋەندىكى ئۈچ نوقتىدىن ئىبارەت:
بىرىنچىسى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى «يەرشەكلى» تەخمىن خەرىتىسىدىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە بۇ تەخمىن خەرىتە ھازىرقى زامان ئىلمىي خەرىتىسىدىن، جۈملىدىن مىلىنوۋىسكىينىڭ «ھۇدۇدۇل ئالەم» ھەققىدىكى ئىزاھاتلىق ئەسىرىنىڭ 279-بېتىگە كىرگۈزۈلگەن خەرىتىدىن پەرقلىنىدۇ.
«بالاساغۇن» ئىبارىسى مەھمۇد قەشقەرى كىتابىغا بېرىلگەن «يەر شەكلى» خەرىتىسىدە ئوردا كەنت قەشقەردىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ يېزىلغاندەك قىلسىمۇ، ئۇ ئۇچ (ئۇچتۇرپان)دىن يەنىلا قەشقەرگە يېقىن جايلاشتۇرۇلغان. بۇ «يەر شەكلى» كىم تەرىپىدىن سىزىلغانلىقىنى ياكى بىزنىڭ قولىمىزغا كەلگىچە قانداق ئۆزگىرىشلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ «بالاساغۇن- توقماق بۇرانا» قارىشىنىڭ بىرىنچى ئاساسى.
شۇنى ئېيتىش كېرەككى، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئاڭلىق تەپەككۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىبارىلەردە بالاساغۇن ئوردا كەنت قەشقەر يېنىدىكى شەھەر دەپ روشەن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. بۇ روشەن ئىبارىلەر ئۈستىدە ئايرىم توختىلىمىز.
ئىككىنچىسى، «توقماق بۇرانا» خارابىسىدىن ئىبارەت. مەن تېماتىك ئىلمىي مەقسەت بىلەن 1984-يىلى توقماقنىڭ «بۇرانا» (مۇنارە) خارابىسىغا بېرىپ، تەپسىلىي زىيارەت قىلىپ، رەسىمگە ئېلىپ قايتقانىدىم. بۇ كىچىككىنە قورغانچە خارابە بولۇپ، ئۇ پۈتكۈل ياغما سۇلتانلىقىنىڭ پايتەختىگە ئەمەس، بەلكى توقماق تېغى ئاستىغا جايلاشقان مۇھىم مۇسۇلمان قەبرىگاھلىقىغا ئوخشايدىكەن. تاغ تۈۋىگە جايلاشقان ئالامىتىدىن باشقا يېرىمى غولىغان بولسىمۇ، ئەسلى تۇرقىنى ساقلىغان يالغۇز مۇنارە، بىر دۇئا- تەكبىر مەسچىتى ھەم «ئوتتۇز ئالتە مۇسۇلمان» قەبرىسى بىر تۇتاش چەمبەر شەكىللىك قەبرىگاھلىق بولۇپ، بۇ قەلئەنىڭ ئەسلى بىر مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك جەڭدە قازا قىلغان مۇسۇلمان شېھىدلىرى خاتىرىسىگە ياسالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. قەبرىگاھلىق، مەسچىت ۋە خاتىرە مۇنارىسىدىن ئىبارەت ئۈچ نەرسىنىڭ مۇجەسسەملىكى تۇرپانلىق سۇلايمان ۋاڭ، قۇمۇل ۋاڭلىرى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان قەبرىگاھلىرىدا تولا ئۇچرايدىغان ئورتاقلىق ئىدى. بۇنىڭدىكى مەسىلە بۇرانا قەبرىگاھلىقى بالاساغۇنمۇ- ئەمەسمۇ؟ دېگەن مەسىلە بولماستىن، بەلكى بۇ «بۇرانا» خاتىرە قورغىنىنى 893-يىلى تالاس- چۇ ۋادىسىنى بېسىۋالغان سامانىلار ياسىغانمۇ ياكى 943-يىلى بۇ جايلارنى قايتۇرىۋالغان قاراخانىيلار ياسىغانمۇ، دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەت بولدى! مۇنار ئەگەر توققۇز بوغۇم بولغاندا ئىدى، ئۇيغۇر قاراخانىيلار سەلتەنىتىگە تەئەللۇق بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن بولاتتى.
شۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، 912-، 913-يىللىرى سامانىيلارغا تەۋە نامەلۇم ئاپتۇر تەرىپىدىن يېزىلىپ، 1892-يىلى بۇخارادا تومانسكىي دېگەن كىشى تەرىپىدىن تېپىلغان ۋە مىلىنوۋىسكىي تەرىپىدىن ئىزاھلانغان «ھۇدۇدۇل ئالەم» ناملىق كىتابتا «توقماق» دەپ يېزىلغان بۇ جاي دەل چۈ دەرياسى بويىدىكى «چۇئاب» (سۇياب دەپ ئىستىمال قىلىنماقتا) بولۇپ، گاۋشەنزى زامانىدىن باشلاپ تالاس ــ چۇئاب دېيىلىپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن ياپونىيىلىك مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى پروفېسسور خانىداتورو (يۈي تيەن خىڭ) «چۇئاب ھازىرقى توقماق ئەتراپىدا» دېگەن (ئابېتاكېئو: «غەربىي ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتى»، 293-بەتكە قارالسۇن). بۇنىڭدىن باشقا 1973-يىلى بېشكەكتە نەشر قىلىنغان «قىرغىز س س س ر تارىخى» (جامغىرچىنوف باش مۇھەررىرلىكىدە ھازىرلانغان) ناملىق كىتابتا: «قىرغىزىستاندا چۇ دەرياسى بويىدىكى سۇياب شەھرى بولغان» (115-بەت)، «ئىسسىق كۆلدىن 250 كىلومېتىر غەرپكە جايلاشقان چۇ دەرياسى بويىدا سۇياب شەھرى بار» (118-بەت)، «766- يىلدىن باشلاپ قارلۇقلار يابغۇسى ئوتتۇرا چۇ ۋادىسىدىكى سۇياب (توقماق يېنىدا) شەھىرىنى ئىگىلىۋالدى» (124-بەت)، «كارۋان يولى ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە فاراب، سەمەرقەنت، شاش، تاراز، قۇلان، سۇياب (توقماق يېنىدا) ئارقىلىق ئىسسىق كۆل بىلەن شەرىقى turkغا تۇتاشقان» (128-بەت) دەپ يېزىلىپ، سۇيابنىڭ توقماقنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكرار جەزىملەشتۈرگەن. بۇ كىتابنىڭ 126- بېتىدە 10 – ئەسىر ئوتتۇرىلىرىدا قازا قىلغان باغداد خەلىپىسى ئەلچىلىرىدىن قۇدامى ئىبن جەففارنىڭ تارازدىن چىنغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئاھالە رايونلىرى تەپسىلاتى تولۇق بېرىلگەن: «تاراز شەھىرىدىن قولان دېگەن دالاغا 14 پەرسا (84 كىلومېتىر) يۈرگەندىن كېيىن، باي قىشلاق مەرقىغە 4 پەرسا (24 كىلومېتىر) يۈرىمىز. مەرقىدىن ئەلى ئەشپار دالاسىغا 4 پەرسا، ئۇنىڭدىن نۇركەنتكە 8 پەرسا، ئۇنىڭدىن جۇۋانغا (ھۆكەرەككە) 4 پەرسا، جۇۋاندىن چۆلگە 4 پەرسا، چۆلدىن سارىغا 2 پەرسا، سارىدىن تۈرك خاقانى قىشلىقىغا 4 پەرسا، تۈرك خاقانىدىن قىرمىراۋغا 2 پەرسا، ئۇنىڭدىن سۇيابقا بارىمىز. سۇياب ئىككى قىشلاق بولۇپ، بىرى كۇبال، ئىككىنچىسى سەغۇر كۇبال دەپ ئاتىلىدۇ. سەغۇر كۇبالدىن بارىسخانغىچە مۇساپە ناھايىتى چوڭ، بۇنىڭدىن چىن چىگرىسىغىچە يول 15 كۈنلۈك بولۇپ، تۈرك پوچتىلىرىغا ئۈچ كۈنلۈك» دەپ يېزىلغان. شۇ كىتابنىڭ 144 بېتىدە ئىككى جايدا «بالاساغۇن بىلەن قەشقەر» نامى بىللە تىلغا ئېلىنغان.
ئۈچىنچى، توقماق رايونىدىن چىققان قەبرە تاشلىرى ئارىسىدا «شەيخ ئىمام مۇھەممەد فىقىيە ئەلئۇرۇل بالاساغۇنى» ناملىق قايراق تاشنىڭ چىققانلىقى، ئەسلىدە سەئىدىيە خانلىقى دەۋردىكى تارىخچى مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدىي» ناملىق ئەسىرىدە ئىمام مۇھەممەد بالاساغۇنى ناملىق فىقىھ (قانۇنشۇناس)نىڭ ھىجرىيىنىڭ 711-يىلى (1311- 1312)غا ئائىت قەبرىسىنى توقماقتىكى مۇنارە دېگەن جايدا كۆرگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ۋ.ك. ترۇتوۋىسكىي بۇ يەردىكى قەبرە تاشلىرىنى تەتقىق قىلغاندا ئەرەپ يېزىقىدىكى «شەيخ ئىمام مۇھەممەد فىقىھ ئەلئۆمەرۇل بالاساغۇنى» دېگەن خەت يېزىلغان تاپان شەكىللىك قايراق تېشى تاپقان. قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىل ئەدەبىيات ئېنىستىتوتى 1982-يىلى نەشىر قىلغان «قىرغىزىيىدە قەبرە خەتلىرى» دېگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپى جى. جۇماغۇلۇف ئۆز كىتابىنىڭ 69- بېتىدە بۇ ھەقتە توختالغان. قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تارىخ ئېنىستىتوتى 1983-يىلى نەشىر قىلغان «قاراخانىيلار دەۋرىدىكى قىرغىزىيە» دېگەن كىتابىنىڭ 228- بېتىدىكى ۋ. ن. ناستىچىنىڭ  «بۇرانا شەھەرچىسىدىكى ئەرەپ- پارىسچە قايراق خەتلىرى» ناملىق ماقالىسىدىمۇ بۇ ھەقتە رەسىم ۋە مەلۇمات بېرىلگەن.
شۇنى ئېيتىش كېرەككى، شەيخ ئىمام مۇھەممەد بالاساغۇنىنىڭ قەبرە تېشىنىڭ توقماق بۇرانىدىن تېپىلغانلىقى بۇ يەرنىڭ بالاساغۇن شەھىرى ئىكەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى بالاساغۇنلۇق بۇ كىشىنىڭ خۇددى جۇماغۇلۇبنىڭ كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان شەمىس سەمەرقەندى، مۇھەممەد ھاپىز بۇخارى، ئەبۇبەكرى بىننى ئەبۇ سەئىد بىننى مۇھەممەد نىشاپورى قايراقلىرىنىڭ تالاس- ئوترار ۋادىسىدىن تېپىلغىنىدەك ۋاپات بولغۇچىلارنىڭ مۇساپىرلىقتا ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، خالاس.
«بالاساغۇن –توقماق بۇرانا» قارىشىنىڭ يۇقۇرقى ئاساسلىرىنىڭ ئۆزىمۇ ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئەمەس. بۇلاردىن باشقا «بالاساغۇن- توقماق بۇرانا» قارىشى بىر قاتار جۇغراپىيىلىك، ئېتنولوگىيىلىك، تارىخى مەنتىقىلىق ۋە ئارخېئولوگىيىلىك مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرەلمەيدۇ. خۇددى ئۆزبېكىستان ئالىمى سالىخ مۇتەللىپوف «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئۆزبېكچە نەشرى 1-توم، 486-بەتتىكى ئىزاھاتىدا ئېيتقىنىدەك، بارتولدنىڭ «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»گە يازغان بالاساغۇن ھەققىدىكى ماقالىسىدە «دىۋان»دىن مەلۇمات بېرىلمىگەن، «نەتىجىدە بارتولد بالاساغۇن ئورنىنى ئىلگىرىكىدەكلا يەنە ئېنىقسىز ھالىچە قالدۇرغان».
«بالاساغۇن- توقماق بۇرانا» قارىشىدىكى ئاجىزلىقلار ئۈستىدە مۇناسىۋەتلىك تېماتىك تەپسىلاتلار ئىچىدە مەخسۇس توختىلىپ ئۆتىمىز.
3.«بالاساغۇن- باغلا ۋە ساغۇن» قارىشىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلۇشى
«بالاساغۇن ــ باغلا ۋە ساغۇن» قارىشى ھازىرلا مەيدانغا كەلگەن ئەمەس. بۇ قاراشنىڭ مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ۋەكىللىرى مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، مۇدەررىس ئابدۇقادىر داموللام (1862- 1924) بىلەن مەرىپەتپەرۋەر شائىر قۇتلۇق شەۋقى (1876- 1837)، جۈملىدىن سابىق «قەشقەر گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى مۇدەررىس ۋە ئالىم سەلەيھاجى داموللام ئىدى. بۇ ھەقتە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ جىيەنى، ئوقۇغۇچىسى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ۋە ئاتۇش شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ھەم ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى زەينۇل ئابىددىن مەۋلەۋى دامۇللا ھاجىم تامغىلىق ئىسپات يازغاندىن تاشقىرى، سەلەيھاجى داموللام بىلەن بېشكەك تۈرمىلىرىدە بىللە مەھبۇسلۇق كۈنلىرىنى كەچۈرگەن رەھىم مۇسا، سەلەيھاجى داموللامنىڭ ئىنىسى يۇنۇس ھاجىم، مىرەھمەد سىيىت ھاجىم، ئابدۇكېرىم ئاخۇن خەلپىتىم، موللاپولات خەلپىتىم، مۇھەممەد شاڭزۇڭ، توختى ھاجىم قاتارلىق پېشقەدەملەر كۆپلەپ روشەن دەلىل- ئىسپاتلارنى كۆرسىتىشتى. قۇتلۇق شەۋقىنىڭ بالاساغۇن ئاتۇشتا دېگەن قارىشىنى ئالىم ۋە شائىر ئەھمەد زىيائى ھازىرغىچە ئىسپاتلاپ كەلدى.
«بالاساغۇن ــ باغلا ۋە ساغۇن» قارىشى مەلۇم نوقتىنەزەرنىڭ مەھسۇلى ۋە ئپادىسى بولماستىن، بەلكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاتۇش شەھىرىنىڭ توپىنومىيىلىك ۋە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلىرىغا، جۈملىدىن قاراخانىلارغا ئائىت بىر قاتار تارىخىي ۋە رىۋايەتلىك مەلۇماتلار ئۈستىدە بىۋاستە ئىلمىي قىدىرىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئاساسىدا جەزىملەشتۈرۈلگەن. «بالاساغۇن- باغلا ۋە ساغۇن» قارىشى كىتابى مەنبەلەر بىلەن ئەمەلىي مەنبەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىشنىڭ مۇھىم سەمەرىسى سۈپىتىدە قايتا ئوتتۇرغا قويۇلدى. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى، سەلەيھاجى داموللام قاتارلىق پېشىۋالارنىڭ «بالاساغۇن- ئاتۇش ساغان» قارىشى مەدرىس تالىپلىرى ئارىسىدا قېپقالغان ۋە بۇ پىشقەدەملەرنىڭ پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلۈشلىرى تۈپەيلى ئىلىم دۇنياسىغا يېتىپ بارالمىغان بولسىمۇ، بۇ قاراش ئاتۇش خەلقى قەلبىدە ساقلانغانىدى.
4.«بالاساغۇن ـ باغلا ۋە ساغۇن» قارىشىنىڭ جۇغراپىيىلىك تەپسىلاتى
«بالاساغۇن ــ توقماق بۇرانا» قارىشىنىڭ ئەكسىچە، ئاتۇش زىمىنىدا بالاساغۇنغا ئائىت جۇغراپىيىلىك، توپىنومىيىلىك مەنبەلەر يېتەرلىك تېپىلىدۇ. بىز «بالاساغۇن- باغلا ۋە ساغۇن» قارىشىنىڭ جۇغراپىيىلىك تەپسىلاتىنى ئىككى جەھەتتىن ــ تەبىئىي جۇغراپىيە ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىي جەھەتتىن ئىزاھلايمىز.
ئاتۇش دىيارىغا سۇ –تۇپراق تۈزۈلمىسى جەھەتتىن نەزەر سالغىنىمىزدا مۇنۇلارنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز: ئاتۇشنىڭ شىمالى قىسمىدىكى قاتلام- قاتلام تاغلىقلاردىن ئىككى ئېقىن ــ بوغۇز ئېغىزى ئارقىلىق قىران ئېقىنى، سۇغۇن باچاڭ ئېغىزى ئارقىلىق سۇغۇن ئېقىنى ئېقىپ چىقىپ، مۇز دەۋرىنىڭ ئاياغلىشىشى بىلەن يىلىغا چەكسىز مىقداردىكى لاتقىلارنى ھازىرقى ئاتۇش دىيارىغا تۆكۈپ، بوغۇز –سۇغۇن تېغى بىلەن قۇمال تېغى ئارىسىدا كۆپ قاتلاملىق ئاتۇش بوستانلىقىنى ھاسىل قىلغان. بۇ لاتقا تىندۇرمىلىرى قۇمساڭىر (يەرلىك تىلدا قۇمسېڭىر)دا ئۈچ بۇرجەك مۇنبەت كۆرپەزلىك شەكىللەندۈرگەن. ھېلىمۇ بۇ لاتقىلارنىڭ قۇمساڭىر- بەشكېرەم ئارىلىقىدا ئاققۇزغۇچى سۇ دولقۇنلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن دۈمبەل، زومچەك ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. دېھقان مەخسۇم تۇرسۇنھاجى توقاي يارلىقىنىڭ 6-7 مېتىر تۆۋەندىكى شېغىل قاتلىمىدىن قەدىمكى ياۋا قوتازنىڭ مۈڭگۈزلۈك باش سۆڭىكىنى تېپىۋالغان.
ئاتۇش ئەسلىدە سۈيى يېتەرلىك، مۇنبەت زىمىن بولغان. ئۇنىڭ «چارئارچا»، «چارئارچا دەريا»، «چارئارچا بەل»، «ئىرغاي چات»، «قارىغاي»، «توغراقلىق»، «چىم قورغان»، «كاتتا يايلاق»، «تېكىلىك تاغ»، «قارا تېكە ئاشار تاغ ئاغزى»، «چوڭ قوشقار»، «كۆك قوشقار»، «ئارقار بۇلاق»، «غۇلجا يايلىقى»، «ئېيىقلىق دەريا»، «تەسكەي قارا جىلغا» قاتارلىق جايلىرى ھازىر «نامى ساقلانغان، زاتى قالمىغان» ئەھۋالغا چۈشكەن. «ئارتۇش» دېگەن توپىنومىيىلىك ناممۇ قارائارچا ـ «ئارتۇچ» دەرىخىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئارتۇچزارلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئارتۇچ- قارائارچا بولۇپ، قىلتىرىق يوپۇرماقلىق، نەچچە يۈز يىل ياشايدىغان ياغىچى قاتتىق دەرەخ، دەپ كۆرسىتىلگەن. «دىۋان»دىكى «ئارتۇچ سۆكۆت بودىقى يۈز تۈرلىگىن ئىرغالۇر» (ئارتۇچ دەرەخ شاخلىرى يۈزخىل بولۇپ سىلكىنەر) دېگەن سۆزمۇ ئۇنىڭغا قارىتىلغان. مەن مەخسۇم تۇرسۇنھاجى ياردىمىدە ئازاق توقاي يارلىقىنىڭ نەم ساقلايدىغان كۆك سېغىز قاتلىمىدىن كۆپلەپ قارائارچا ياغىچى ۋە يوپۇرماقلىرىنى تاپتىم ۋە ئۇنى جامائەتچىلىككە كۆرسەتتىم.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا موھتنىڭ تەبىئىي ۋە سۇنئىي ۋاستىلەر بىلەن قۇرغاقلىشىشى، يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئون مېتىردىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ كېتىشى تۈپەيلى ئارتۇچ دەرىخى قۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن سۇنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشى بىلەن توغراق يۇلغۇن، يانتاق ئاران ئۆسىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. مىسال ئۈچۈن قوشنا ناھىلەردىن مارالبېشىنى ئالساق، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بۇ يەردە توغراق 6 مىلىيۇن 570 مىڭ موغا چۈشۈپ قالغان.
ئەسلىدە بوغۇزدىن چىققان قىران ئېقىنى بىلەن باچاڭ- سۇغۇن ئاغزىدىن چىققان سۇغۇن ئېقىنى قۇمساڭىردىكى «مورى» (مۇنار)غىچە چۆكمە ھاسىل قىلغان ئۈچبۇرجەڭ كۆرپەزدە ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى «مەدەنىيەت قاتلاملىرى» شەكىللەنگەنىدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئورىگىنال شەكلى «قۇز ئوردا» ــ بالاساغۇن شەھرىدىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا مۇنداق ئۇچۇر بايان قىلىنغان:
«قۇز –تەسكەي، قۇز تاغ- تەسكەي تاغ، تاغنىڭ تەسكەي تەرىپى» (ئۇيغۇرچە نۇسخا، 3-توم، 171-بەت) «قۇز- تاغنىڭ تەسكەي تەرىپى. تاغ ئارقىسى»، «قۇزتاغ. قۇزدا قار ئېقسۇماس، قويدا ياغ ئېقسۇماس» (تەسكەي تاغدا قار كېمەيمەس، قويدا ياغ ئازايماس)، «ياقۇزدا يورىغىلى قالىن كۆقۇتۇز» (تەسكەي تاغدا مارال كۆپ يۈرەر) (سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىلشۇناسلىق ئىنىستىتوتى تۈزگەن «قەدىمكى تۈرك لوغىتى»، 1969-يىلى، «پەن» نەشىرياتى 475-بەت).
«ئوردو. خان شەھرى. بۇنىڭدىن ئېلىنىپ خاقانلار تۇرىدىغان قەشقەر شەھىرى ‹ئوردا كەنت› دىيىلىدۇ» «كەنت، شەھەر شۇنىڭدىن ئېلىنىپ قەشقەر ‹ئورداكەنت› دېيىلىدۇ. بۇ خان تۇرىدىغان شەھەر، مەركەز دېگەن بولىدۇ. چۈنكى، بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغانلىقتىن ئەفراسىياپ شۇ يەردە تۇرغان» (ئۇيغۇرچە نۇسخا، 1-توم، 168-، 447-بەتلەر).
«ئوردۇ بالاساغۇنغا يېقىن بىر شەھەر. بالاساغۇن شەھىرىمۇ قۇز ئوردا دېيىلىدۇ» (ئۇيغۇرچە نۇسخا، 1- توم، 168-بەت). «ئوردۇ بالاساغۇن يېنىدىكى بىر شەھەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالاساغۇننى يەنە قۇز ئوردا دەيدۇ» (ئۆزبېكچە نۇسخا، 1-توم، 145-بەت).
«ئارغۇلۇقلار بىلەن ئۇنىڭغا تۇتاش ئاھالە ياشايدىغان جايدا شۇنداق شەھەر بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بالاساغۇننى قۇز ئۇلۇسمۇ دەيدۇ»، «ئارغۇ- ئىككى تاغنىڭ ئارىسى. تىراز (تالاس) بىلەن بالاساغۇن ئارىسىدىكى شەھەرلەر ئارغۇ دېيىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ يەرلەر ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا» (ئۇيغۇرچە نۇسخا، 1- توم، 172-بەت).
تەختيۇن ئېرىق يېزىسىغا بىشارەت بولىدىغان يۇنئارىق- بالاساغۇنغا يېقىن بىر قىشلاق» (ئۇيغۇرچە نۇسخا، 3-توم، 197-بەت) دېگەن جۈملىلەر دەل سالىخ مۇتەللىپوف تىلغا ئالغان، بارتولد كۆڭۈل بۆلمىگەن بالاساغۇنغا ئائىت «دىۋان»دا كۆرسىتىلگەن مەنبەلەر قاتارىغا كىرىدۇ.
يۇقىرىقىلار بىزگە بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ھازىرقى ئاتۇشنىڭ سۇ –ھاۋاسى تولىمۇ ياخشى، باراقسان ئارتۇچزارلىق بولغانلىقىنى، ئۇ ئورداكەنت ــ قەشقەر يېنىدىكى سالقىن ئوردا ــ قۇز ئوردا بولغانلىقىنى، قۇز ئوردا ــ بالاساغۇندىن تالاسقىچە بولغان جايلار ئارىسىدىكى تاغلىق يۇرت بولغان ھازىرقى ئارغۇ يېزىسى ئەتراپىدا ئاھالە ياشايدىغان قىشلاق ۋە شەھەرچىلەر بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر «بالاساغۇن- توقماق بۇرانا» دىيىلىدىغان بولسا بۇ ئارتۇچزارلىق چۇ- تالاس ۋادىسىغا، بۇ ئارغۇ يۇرتلىرىمۇ چۇ- تالاس ئارىسىدىكى قاراۋالتا، مەرقە رايونلىرىغا يۆتكۈلۈشكە، جۈملىدىن قۇز ئوردىغا يانداش تۇرغان ئورداكەنت قەشقەر بىشكەك ياكى ئىسكاتا، ئىۋانوۋكا شەھەرلىرى ئورنىغا يۆتكۈلۈشكە توغرا كېلىدۇ. تەنتەنە بىلەن ئېيتىمىزكى، بۇنىڭغا ئەڭ ئالدى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەخمۇد قەشقەرى قوشۇلمىغان بولاتتى.
دەر ھەقىقەت، «بالاساغۇن- توقماق بۇرانا» قارىشىدىكىلەر بۇ جايدىن توقماق، ئاق پىشىم، چۇئاب، بۇرانا (مۇنارە) قاتارلىق توپىنومىيىلىك ناملارنى كۆرسىتىش بىلەن چەكلىنىدۇ. ۋاھالەنكى، قۇزئوردا ــ قەدىمكى ئارتۇچزارلىقتا «باغلا»، «ساغۇن» (ساغان)، «يارقورغان»، «ساراي بويى»، «ئوي مەھەللە» (پۇلخانا)، «سۇن تەخت» (ئالتۇن تەخت)، «سۇغۇن قاراۋۇل»، «سۇغۇن ئېقىن»، «باش سۇغۇن»، «ئاياغ سۇغۇن»، «سۇغۇن ئاغزى تاغ»، «قۇمساڭىر»، «مورا»، «موراتام» (مورى تىم)، «خان سۇپا» ۋە بالاساغۇننىڭ ئاياغقى توچكىسى بولغان «خان ئۆيى» (خان ئۆي) قاتارلىق توپىنومىيىلىك جايلار بار. ئەگەر ئۇنىڭغا «بۇغرا ئاتام» (بۇغرام)، «سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مازىرى» (ئېزىز سۇلتانەم مازىرى- ھەسسۇلتۇنۇم)، «ئەبۇناسىر سامانى مازىرى»، «مەشھەد» (شېھىتلىك) («مەشھەد»- ماھى شەھىد- ئايدەك شېھىتلىك- جەننەتكە سازاۋەت شېھىتلىك)، «جايى پەچچەم»، «كۆكتام»، «قۇمارتاغ» (ئارسلان تاغ) (قۇمارتاغ- قۇمالتاغ- قۇم ئار تاغ- ئاتۇش بىلەن قەشقەرنىڭ ئارىسىدىكى تاغ) قاتارلىق تارىخىي ۋە رىۋايەتلىك جايلارنى قوشقاندا بۇ جۇغراپىيىلىك تەپسىلات تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ چىقىدۇ.
ۋاقتى كەلگەندە شۇنى قوشۇپ ئۆتۈش ھاجەتكى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن ئىلگىرى يېزىلغان «ھۇدۇدۇل ئالەم»دە، توقماق نامى ئۆز ئەينى «توقماق» دەپ يېزىلغان. ئارتۇچ بولسا قەشقەر بىلەن بىللە ئەڭ يېقىن ئىككى ياغما شەھىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. (ئابىتاكېئو: «غەربىي ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتى»، 329-بەت). 1955-يىلى موسكۋا گېئودېزىيە ۋە كاتوگرافيىە ئىدارىسى تۈزگەن «س س س ر ئاتلىسى»نىڭ 55-، 56- بېتىدە قەشقەرنىڭ شىمالىدا 76 يېرىمىنجى مېردىئان، 40- پاراللېلدا كاتتا يايلاق بىلەن قاراجۈل ئارىسىدىكى باش سۇغۇن ئالاھىدە ئالامەتلەندۈرۈلگەن.
«بالاساغۇن ــ ئارتۇچ (باغلا ۋە ساغۇن)» قارىشىنى رەت قىلىش ئۈچۈن يۇقۇرىقى ئاساسلار ئورنىغا ئاساسلىق، ئەۋزەل باشقا ئاساسلارنى دەسسىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇلار مۇجەسسەم، بىر يۈرۈشلۈك سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشى لازىم، ئەلۋەتتە.
5.«بالاساغۇن ــ باغلا ۋە ساغۇن» قارىشىنىڭ ئېتنولوگىيىلىك تەپسىلاتى
مەلۇمكى، بالاساغۇن نوقۇل جۇغراپىيىلىك ــ توپىنومىيىلىك كاتېگورىيە بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ــ توققۇز ئوغۇز ياغمىلىرىغا خاس بولغان ئېتنولوگىيىلىك- توپىنومىيىلىك كاتېگورىيە، ئۇنى ئۆزىگە خاس مىللىيەتلىكتىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ مەسىلە بالاساغۇننىڭ ئۇيغۇر شەھىرى ئىكەنلىكى، بالاساغۇندا ئاپىرىدە بولغان مەدەنىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىلا ئەھمىيىتى زور بولۇپ قالماستىن، قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئۇيغۇر ياغما قەبىلىلىرى باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر سەلتەنىتى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشتىمۇ ئەھمىيىتى زور. ۋەھالەنكى، مۇشۇنداق روشەن مەسىلىدىمۇ چىگىشلەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
بىرىنچى، بالاساغۇن ــ غەربى ئۇيغۇر (توققۇز ئوغۇز) شەھىرى.
بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى يازما مەنبەلەرنى تىلغا ئېلىش كۇپايە قىلىدۇ: خەلىپە مەھدىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن 771-يىلى توققۇز ئوغۇز زىمىنىغا كەلگەن مۇسۇلمان سەيياھى ياقۇبى قارلۇقلار ئۆز تۆرىلىرىنى «يابغۇ»، توبۇتلىقلار «جايرۇن»، چىنلىقلار «پەغپۇر»، توققۇز ئوغۇزلار «خاقان» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇ ھەقتە مىلىنوۋسكىي توققۇز ئوغۇزلار ئەڭ ئالىي ئۇنۋان بولغان «خاقان» ئىبارىسىنى قوللانغانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ جەزملەشتۈرگەن. (مىلىنوۋىسكىي: «تەمىن» شەرىقى ئافرىقا تەتقىقات ئىنىستىتوتى ئاخباراتى». 12-توپلام، 301-بەت). 821-يىلى توققۇز ئوغۇز بارگاھىغا بارغان ساياھەتچى تەمىن ئۆز خاتىرىسىدە: «بارلىق تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدە ئۇلاردىن قۇدرەتلىكى يوق. ئۇلار توپلىشىپ قارلۇقلار بىلەن جەڭ قىلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ يۈز ئادىمى قارلۇقلارنىڭ مىڭ ئادىمىگە تېتىيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار غالىپ» دېگەن. (ئابېتاكېئو: «غەربى ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتى»، 292-بەتتە كەلتۈرۈلگەن نەقىل). 846-يىلى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇرلىرى بىلەن مۇسۇلمان سەيياھى ئىبىن خۇردادبىخ ئۇچراشقان. 913-يىلى يېزىلغان «ھۇدۇدۇل ئالەم»دە «تۇرپان (چىنچىكەنت)، بېشبالىق (پەنجىكەنت) توققۇز ئوغۇزلار پايتەختى، توققۇز ئوغۇزلار ئېلى تۈرك ئەللىرىنىڭ ئەڭ چوڭى، بارلىق خانلار ئىلگىرى توققۇز ئوغۇزلاردىن چىقاتتى» دېيىلگەن.
مەسئۇدىنىڭ 944-يىلى يېزىلغان «ئالتۇن يايلاق» ناملىق ئەسىرىدە ۋە ئەبۇسەئىد گەردىزىنىڭ 1048 ــ 1052- يىللىرى يېزىلغان «زەينۇل ئاخبار» ناملىق ئەسىرىدە ھەتتا پەرغانە ۋە تاشكەنت ئەللىرىنىڭ توققۇز ئوغۇزلارغا تەۋەلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئىبىن ھەۋقەل ئىشلىگەن خەرىتىدە سىر دەرياسىدىن ئىچكى جۇڭگۇغىچە بولغان كەڭ زىمىن ئۈستىگە توققۇز ئوغۇز ئىبارىسى چۈشۈرۈلگەن. بۇ خەرىتە ئابېتاكېئونىڭ «غەربىي ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتى» ناملىق ئەسىرىنىڭ 330-بېتىگە كۆچۈرۈپ ئېلىنغان.
947-يىلى ئارسلانخان ۋاقتىدا پۈتۈلگەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تاختا خەتتە «ئالب ئارسلان قۇتلۇق كۈل بىلگە تەڭرىخان»نىڭ غەربى ساجۇدىن شەرقتە نۇچ (ئۇچ) بارسخانغىچە باشقۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. (ئابېتاكېئونىڭ «غەربى ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتى»، 267-بەت). سۇڭ سولالىسىدىن 980-يىلى ئىدىقۇتقا كەلگەن ۋاڭ يەندې «ئىدىقۇتقا ئەلچىلىك خاتىرىسى» ناملىق ئەسىرىدە: ئۇنىڭ زىمىنى جەنۇپتا خوتەنگە، غەربىي جەنۇبى ئەرەپ –پارىسقا، غەربى ھىندىستان، پىشاۋۇر، قارلىقتاغ (ھىندىقۇش)، كۆكئارت تېغىغا تۇتاشقان مىڭلىغان يول ئۇزۇنلۇقتا» دەپ يازغان. «سۇڭ سولالىسى تارىخى» 940-جىلد بىلەن «لياۋ سۇلالىسى تارىخى»دا ساجۇ ــ گەنجۇدىكى قالدۇق ياغلىقار قەبىلىلىرى قۇرغان سېرىق ئۇيغۇر خانلىقى «ئۇيغۇر» دەپ، ئادىز، ياغما قاتارلىق قەبىلىلەردىن تەركىپ تاپقان توققۇز ئوغۇزلار «ئارسلان ئۇيغۇرلىرى» (ئابېتاكېئونىڭ «غەربى ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتى»، 303-بەت) دەپ ئاتالغان. ئابېتاكېئو (ئەنبۇجيەنفۇ) ئۆزىنىڭ «غەربى ئۇيغۇر ئېلى تەتقىقاتى» ناملىق ئەسىرىدە يەنە «قارىخانىلار بىلەن بېشبالىقنىڭ خانلىق جەمەتى بىر مىللەت ئىدى» (237-بەت)، ئۇلار «توققۇز ئوغۇز ياكى ئوغۇز ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى ئىدى (376-بەت)، «ئۇلار ئارىسىدا 11-ئەسىر بېشىدا دىنىي زىددىيەت كۈچەيگەچكە بىر پۈتۈن غەربىي ئۇيغۇر ئېلى ئىككى قىسىمغا ئايرىلىپ كەتتى» (376-بەت) دەپ يازىدۇ. پروفېسسور گىرىگورىيېف 1874-يىلى «روسىيە ئارخېئولوگىيە جەمئىيىتى خاتىرلىرى»نىڭ 17-تومىدا: بالاساغۇن ـ بۇغراخان شەھىرى، باشقا turk پايتەختلىرى قەشقەر، خوتەن، تالاس ئۇنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەن ئۇ يەنە ماۋەرا ئوننەھرگە يۈرۈش قىلىپ بۇخارانى قولغا كىرگۈزگەن دەپ يازغان (ئابېتاكېئونىڭ «غەربى ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتى»، 277-بەت). يۇقارقىلار بالاساغۇننىڭ بىرپۈتۈن غەربى ئۇيغۇر ـ توققۇز ئۇيغۇرلار شەھىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدە ئاساسلىق پائالىيەت مەركىزى بولغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. شۇنىڭدەك توققۇز ئوغۇز – غەربىي قانات ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ياغلىقار قەبىلىسى قۇرغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىشتىن ئىلگىرىمۇ بۇ كەڭ تېررىتورىيىدە شانلىق تارىخقا ئېگە ئىكەنلىكىدىن ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ.
ئىككىنچى، بالاساغۇن ــ ياغمىلار شەھىرى.
خەنزۇ يىلنامىلىرىدا ساتۇق تۈركلىرى (沙陀) دەپ ئاتالغان توققۇز ئوغۇزلار ئىبنۇل ئەشىر (1160 ــ 1233)نىڭ «كامىئۇل تەۋارىخ» ناملىق كىتابىدا ئەبۇل فىدا ۋە ئەبۇلھەسەن مەسئۇدىدىن ئالغان مەلۇماتلار ئاساسىدا تىلغا ئالغان «خوراساندىن چىنغىچە» بولغان كەڭ زىمىندىكى توققۇز ئوغۇزلارنى گىرىگوريېف توققۇز ئۇيغۇرلار دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. دې گوئىگىنې فرائېخن، رېنائۇد قاتارلىق شەرقشۇناسلار قاراخانىيلارنى ئۇيغۇرلار قۇرغان خاندانلىق دەپ موقىملاشتۇرىدۇ. (ئابېتاكېئونىڭ «غەربى ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتى»، 304-، 309-بەتلەر).
بارتولد «turk» ناملىق ئەسىرىنىڭ 254-بېتىدە، قاراخانىيلارنىڭ بالاساغۇننى ئاساس قىلىپ كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ: قاراخانىيلار «توققۇز ئوغۇزلار تارمىقى بولغان ياغمىلارنىڭ»، «توققۇز ئوغۇز رەھبەرلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى» دەپ تىلغا ئالغان. ئۇ «ئىسلام ئېنىسكلوپېدىيىسى»نىڭ «تۈركلەر» تېمىسىغا يازغان ماقالىسىدا، بالاساغۇننى ياغما شەھىرى دەپ تەكىتلىگەن. مىلىنوۋىسكى «ھۇدۇدۇل ئالەم»گە بېغىشلىغان ئوخشاش نامدىكى ئەسىرىنىڭ 208-بېتىدە: «قاراخانىيلار ھۆكۈمدارلىرى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ بىر قىسمى بولغان ياغمىلار گۇرۇھى تۈپەيلى باش كۆتۈرگەن. بۇ شۈبھىسىز پاكىتتۇر»، «توققۇز ئوغۇز ياغمىلىرىنىڭ خانلىرى مۇشۇ خەلقلەر خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى» (ئابېتاكېئونىڭ «غەربى ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتى»، 304-، 309-بەتلەر) دەپ كۆرسەتكەن. گىرىگويىف قاراخانىيلار ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ساتۇق قاراخان نامىدا ئاتالدى، ئۇ ھەم بۇغراخان بولۇپ، بالاساغۇن بۇغراخان تۇرغان شەھەردۇر دەپ يازغان. گەردىزىنىڭ «زەينۇل ئاخبار» ناملىق ئەسىرى بىلەن «ھودۇدۇل ئالەم»دە ياغمىلاردىن چىققان خانلارنىڭ توققۇز ئوغۇزلارنىڭ باشلىقلىرى ئىكەنلىكىنى بىردەك تىلغا ئېلىنغان بولسا، ئىبنۇل ئەشىرنىڭ «كامىئۇل تەۋارىخ» ناملىق كىتابىدا ياغمىلار خانى بۇغراخان دەپ يېزىلغان. ئابېتاكېئو «غەربى ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتى» ناملىق ئەسىرىنىڭ 303-، 304-بەتلىرىدە كۆپلىگەن ھۆججەتلىك پاكىتلارغا ئاساسەن، قانداق مەنىدە ئېيتىلمىسۇن ياغمىلار قاراخانىيلارغا ئاساس سالغان دەپ ھۆكۈم قىلىش بىلەن بىللە، شۇ كىتابنىڭ 324- بېتىدە قەشقەر بالاساغۇن ئارسلانخانلىقىنىڭ قاراخانىيلارنىڭ كۈللەنگەن دەۋرىدە خاقانىيە دەپ ئاتىلىشى پۈتكۈل توققۇز ئوغۇز خانلىق جەمەتىنىڭ شۆھرىتىنى گەۋدىلەندۈردى دەپ يازغان.
ئۈچىنچى، بالاساغۇن ـ بويلاسانغۇن بىنا قىلغان شەھەر. بالاساغۇن ـ ئىبارىسىدىكى «ساغۇن» سۆزى بىلەن قۇز ئولۇس ئىبارىسىدىكى «ئۇلۇس» سۆزى ئۇيغۇرلاردا ئەمەل ۋە قەبىلە ئاھالە تۈركىمى نامى سۈپىتىدە تولىمۇ كونا ۋە خېلى كەڭ ئىستىمال قىلىنغان. «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى»نىڭ 490- جىلد 8- بېتىدە بەگ ساغۇن () ناملىق تۇرپان ئەمەلدارى تىلغا ئېلىنغان. پىللىئوت دۇنخۇاڭدىن تاپقان 3046 ئىندىكس قويۇلغان تۈركچە تېكىستتە قۇت ساغۇن دېگەن ئىبارىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان. پىللىئوت قۇت ساغۇننى گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1008- يىلقى ۋەزىرى دەپ ئىزاھلىغان، يەنە «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى»نىڭ 490- جىلد 5- بېتىدە 1009-يىلقى خوتەنلىك روسانغۇن ناملىق ئەلچى، 16-بېتىدە 1025-يىلقى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋەزىرى ساغۇن ئىيا ()نىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان. «بەش دەۋر تارىخى»دا سانغۇن- سەركەردە دەپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئاتا ساغۇن- تىۋىپ دەپ ئىزاھلانغان.
موللېر 1915-يىلى ئېلان قىلغان «تۇرپاندىن تېپىلغان ئىككى ئۇيغۇرچە تاختا خەت» ناملىق ماقالىسىنىڭ 26-بېتىدە: «ئېل ئوغاسى ئەلب تۇتۇغ ئۈگە قۇتلۇغ قۇجۇ ئۇلۇسۇغ» (قۇتلۇق قۇجۇ ئېلىنىڭ باشچىسى ئەلب تۇتۇغ ئۆگە) دېگەن سۆزنىڭ بارلىقىنى مەلۇم قىلغان. فون. لىكوك 176. T.M – نومۇر قويۇلغان مانى يېزىقىدىكى پارچە سەھىپىسىدە: «قۇجۇ ئۇلۇس ئىكى ئوتۇز بەلۇق قۇتى ۋە شىسكى» (قۇجۇ ئېلى ۋە يىگىرمە ئىككى شەھەرنىڭ بەخت ھامىيسى) دېگەن سۆزنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىغان. روشەنكى ـ قۇز ئۇلۇس، قۇز ئوردا، بالاساغۇن قاتارلىق ئىبارىلەر ئۇيغۇر تىلى ۋە ئېتنولوگىيىلىك ئادەتلىرىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئومۇمىي ھادىسە.
شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش ھاجەتكى، «يېڭى تاڭنامە. جۇغراپىيە تەزكىرىسى»دە بالاساغۇن ــ بۇيلاسانغۇن شەھىرى () نامىدا ئىزاھلانغان. كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغىنى شۇكى، شۇنىڭدىن كېيىن ئىلگىرىكى قەشقەر (سۇللۇق) تەخەللۇسى ئورنىغا بۇيلا تەخەللۇسى قوللىنىلغان ئەھۋال كۆرۈلگەن. مەسىلەن، كومراجىۋا دەۋرىدىكى ماھايانا ئالىملىرىدىن قەشقەرلىك سۇما، باھادىرالار سۇللۇق سۇما، سۇللۇق باھادىرا دەپ يېزىلغان بولسا، بۇيلاسانغۇندىن كېيىنكى قەشقەر ئەدىب ۋە سەنئەتچىلىرى بۇيلا سۆزىنى يۇرت تەخەللۇسى قىلىشقان. بۇنىڭغا بۇيلا خۇيلان ()، بۇيلاشىنفۇ ()، بۇيلاشىننۇ ()، بۇيلاشەنسەي () قاتارلىقلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
تارىخىي مەنبەلەردە بويلاسانغۇن بۆكەخان، توققۇز ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر تەڭرى قاغانى (ئۇلۇغ تەڭرىدىن قۇت بولمىش ئالب كۈلۈگ بىلەگ قاغان)، مۇيۇنچۇرنىڭ دادىسى دەپ ئىزاھلانغان. ئۇ 715-يىلى ئورخۇندا تەختكە چىقىپ 744-يىلى غەرپكە يۈرۈش قىلىپ بېشبالىقنى ئىشغال قىلىپ، قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا ئاساس سالغان، «كامىئول تەۋارىخ» ۋە دۇسسۇننىڭ «مۇڭغۇل تارىخى»دا ئۇنىڭ turk تەرەپكە قوشۇن تارتىپ، خۇش ھاۋالىق چوڭ بىر يايلاق يېنىدا بالاساغۇن شەھىرىنى بىنا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەلۋەتتە بۇ گاۋشەنزى قوشۇنلىرى بىر مەزگىل تۇرغان چۇئاب (توقماق) بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ئۇيغۇر خەلقى تارىخىدا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قۇجۇ ۋە بالاساغۇن ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنى بىرلەشتۈرگەن بۆكەخان قەدىمكى تۇران شاھى ئەپراسىياپ بىلەن بىرگەۋدە قىلىنغان لېكىندىلىك قەھرىمان ھېساپلانغان. تۇرپاندىن تېپىلغان مانى تېكىستلىرىدە، ئىبنۇل ئەشىرنىڭ «كامىئول تەۋارىخ» ناملىق ئەسىرىدە، جۈۋەينىنىڭ «تارىخى جاھان كۇشاي» ناملىق كىتابىدا، دۇسسۇننىڭ «مۇڭغۇل تارىخى» ناملىق كىتابىدا بۆكەخان ـ ئەپراسىياپ بىر-بىرىگە يانداشتۇرىلىدۇ. گرېنارد: «943-يىلقى مەسئۇدىدىن كېيىنكى مۇئەللىپلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئېغىزدىن كۈي توۋلىغاندەكلا بۇغراخان سۇلالىسىنى ئەپراسىياپقا تاقايدۇ» دېسە، («ئاسىيا جورنىلى»، 1900-يىلى، 19-بەت) بارتولد «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»نىڭ  «ئىلىخانىلار» تېمىسىغا يازغان ماقالىسىدە قاراخانىيلار ئۆز ئەسلىنى «پېرىسىيە تارىخىدا سۆزلەنگەن ئەپراسىياپ جەمەتى بىلەن باغلايدۇ» دەپ يازىدۇ. ئابېتاكېئو قاراخانىيلارنىڭ ئۆز خانلىقىنى «ئىد دۆلىتى ئەپراسىياپ»، «خاقانىيە» دەپ ئاتىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ قالماستىن، ھەتتا بېشبالىقتىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى مۇڭغۇل دەۋرىدىمۇ بۆكەخاننى تۇنجى ئاتاخان دەپ قاراپ، ئۇنى ئەپراسىياپ بىلەن بىر كىشى دەپ قارىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ ھەتتا «بۆكەخان شۇ كىشى ئىكەنلىكى مۇتلەق خاتا ئەمەس» دېگەن (ئابېتاكېئونىڭ «غەربى ئۇيغۇر ئېلى تارىخى»، 259- ۋە 146-بەت) دەرىجىگە يەتكەن. بىز مەسىلىنى مۇنداق مۇتلەلەشتۈرمىسەكمۇ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئېتنىك بىردەكلىكنى ئالاھىدە تەكىتلەيمىز.
بالاساغۇننىڭ ئۇيغۇر ئېتنولوگىيىسىگە تەئەللۇقلىقى ئۇنىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى مىللەتلىك تۈزۈلمىسى ۋە ئېتنىك تۇرمۇش ھالىتى بىلەن بىردەك بولغان. يېقىندا ئارتۇچ باغلا- ساغان- سالافلار –قۇمساڭىر –ئاققاش ئەتراپىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرمۇ ئەينى زامان ئېتنىك تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر ئېتنىك تۇرمۇش ئادىتى بىلەن بىردەكلىكىنى كۆرسەتتى. شۇنى ئىلىم دۇنياسىغا تەقدىم قىلىش مۇمكىنكى، مۇنداق ئېتنولوگىيىلىك ئاساس بولمىغاندا ئىدى، ئۇرخۇن خانلىقى يېمىرىلگەندىن كېيىن، تۈركستانغا يۆتكەلگەن شەرقى ئۇيغۇرلار مۇنداق تىز گۈللىنىپ، باغداد خەلىپىلىكىگە تەھدىت سالغۇدەك رىقابەتچى كۈچ بولۇپ چىقىشى مۇمكىن بولماس ئىدى. ۋەھالەنكى، گەنجۇدا ھاكىمىيەت قۇرغان ياغلىقار ئۇيغۇرلىرى غەربى ئۇيغۇر خانلىقىدىكى توققۇز ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كۆچكەن ئادىز قەبىلىرىلىرىدەك كۈللىنىشكە مۇيەسسەر بولالمىدى.
ۋاقتى كەلگەندە شۇنى ئېيتىش كېرەككى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ 1-توم، 615- بېتىدە (ئۇيغۇرچە نۇسخىسى) تىلغا ئېلىنغان بالاساغۇندا ئولتۇراقلاشقان ۋە تۈركلىشىپ كەتكەن سوغدىلار توغرىسىدا سۆز ئاچقاندا، بۇنداق تۈركلىشىش دەل ئۇيغۇرلىشىش بولۇپ، ئۇيغۇر ياغمىلىرىنىڭ سودا –سېتىق ماھارىتى بىلەن تولىمۇ ئۇيغۇن بولغان.
6.«بالاساغۇن- باغلا ۋە ساغۇن قارىشىنىڭ تارىخىي مەنتىقى تەپسىلاتى
بارتولد ۋە «بالاساغۇن ــ توقماق بۇرانا» قارىشىدىكىلەر سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ بالاساغۇندا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە بىر كېچىدىلا قەشقەرگە ھوجۇم قىلىپ تاغىسى ئوغۇلچاق قىدىرخاننى ئۆلتۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى ئىسلاملاشتۇرغانلقىنى ئىتىراپ قىلىدۇ. بارتولد «ئىسلام ئېنىسىكلوپېدىيىسى»نىڭ «تۈرك» تېمىسىغا يازغان ماقالىسىدە: ساتۇق بۇغراخان ئىسلامنى بالاساغۇندا قوبۇل قىلغان دېيىش بىلەن بىللە، مۇشۇ ئېنىسىكلوپېدىيىگە يازغان «بالاساغۇن» ناملىق ماقالىسىدە بالاساغۇننى توقماق دەپ ھۆكۈم قىلىپ، يول قۇيغىلى بولمايدىغان تارىخىي مەنتىقىي يېڭىلىشقا يول قويىدۇ. بارتولدنىڭ بۇ قارىشىنى موللاھاجىنىڭ سۇلتان ساتۇق بۇغراخانغا بېغىشلانغان تەزكىرىسى «تەزكىرەئىي بۇغراخان» ناملىق ئەسىرى، «تەزكىرەئىي ئوۋەسى»نىڭ بۇغراخان تەزكىرىسى قىسمى، ئەبۇناسىر سامانى تەزكىرىسى قىسمى، جامال قارشى يازغان «سۇراخ» لوغىتىنىڭ قوشۇنچە تەۋسىيە قىسمى، ئىبىن ئەشىرنىڭ «كامىئۇل تەۋارىخ» ناملىق ئەسىرى قاتارلىق يازما مەنبەلەر بىلەن سۇلتان ساتۇق بۇغراخان، ئەبۇناسىر سامانىنىڭ ئاتۇشتىكى پائالىيەتلىرىگە ئائىت تارىخىي ۋەقەلەر ھەم رىۋايەتلەرگە پۈتۈنلەي زىت كېلىدۇ.
بىرىنچى، 893-يىلى ئەھمەد سامانى قوشۇنلىرى تالاس- چۇ ۋادىسىنى (جۈملىدىن ئوترارنى) ئىگىلىگەن بولۇپ، توققۇز ئوغۇزلارنىڭ تالاستا تۇرغان سەركەردىسى ئوغۇلچاق قىدىرخان قەشقەرگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ قېتىم ئوغۇلچاقنىڭ ئائىلىسى ۋە ئون مىڭدىن ئارتۇق قوشۇنى ئىسلاملاشقان سامانىلار قولىغا ئەسىرگە چۈشكەن. تالاس –چۇ ۋادىسى 893-يىلدىن 943- يىلى ساتۇق بۇغراخان بۇ قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرىۋالغىچە بولغان يېرىم ئەسىر ئىچىدە سامانىلار قولىدا تۇرغان ۋە ئىسلاملاشتۈرۈلغان.
ئىككىنچى، 893-يىلى ئوغۇلچاق قىدىرخان قەشقەرگە چېكىنگەندە ئاتۇشتىكى، باشقىچە ئېيتقاندا بالاساغۇندىكى ئاكىسى بازىل بۇغراخان (بۇغرا ئاتام) تېخى ھايات بولغاچقا، ئوغۇلچاق بالاساغۇندا تۇرماي قەشقەرگە ئۆتۈپ كەتكەن.
ئۈچىنچى، بازىل بۇغرا ئاتا ئاتۇشتا ۋاپات بولغان، شۇ يەرگە دەپىن قىلىنغان، بۇ چاغدا ئۇنىڭ گۈدەك ئوغلى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئاتۇشتا ياشاۋەرگەن. خانلىق ئوغۇلچاقنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، قەشقەر بالاساغۇنغا نىسبەتەن ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتۈشكە باشلىغان. ۋاھالەنكى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان گۈدەك ھالەتتە توقماقتا تۇرىشى ۋە قۇدرەتلىك سامانىلارغا تاقابىل تۇرۇپ، خاتىرجەم ياشىشى تەسەۋۋۇرغا سىغمايدۇ. سۇلتان ساتۇق بۇغراخان دادىسىدىن گۈدەك قېلىپ تاغىسى ئوغۇلچاق ھامىيسىدە ئۆستى دېگىنىمىزدە، ئۇنىڭ ئاتۇشتىن ئىبارەت بالاساغۇندا ــ قەشقەرنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى چۈشىنىمىز.
تۆتىنچى، ئەبۇناسىر سامانى، ئەبۇل پەتتاھ قاتارلىق سامانىلار جەمەتى ئەزالىرى سامانىلار خانلىقىدىكى ئوردا ئىختىلاپلىرى تۈپەيلى سامانىلار بىلەن دۈشمەنلىشىۋاتقان قاراخانىلارغا پاناھ تىلەپ يولغا چىققاندا، ئۇلار سامانىلار قولىدا تۇرىۋاتقان تالاس- چۇ ۋادىسىغا قاراپ يولغا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. روشەنكى، بۇخارادىن قەشقەرگە كېلىش ئۈچۈن پەرغانە (ئۆزكەنت) رايونىدىن ئۆتۈش كېرەك ئىدى، توقماققا بېرىش ئۈچۈن شاش (تاشكەنت) ئىسفجاپ رايونلىرىنى كېسىپ ئۆتىشى كېرەك ئىدى. توقماقتىن ئاتۇش –قەشقەرگە كېلىش ئۈچۈنمۇ بارسخان (ئىسسىقكۆل)، ئۇچ (ئۈچتۇرپان) يولىدىن باشقا يول يوق ئىدى. بۇخارا، تالاس- قەشقەر ئۈچ بۇرجىكىنىڭ ئارىسىدىكى بەھەيۋەت تاغلار تۈپەيلى، بۇ پۇرجەك بوستانلىقلارنىڭ بىر-بىرىگە تۇتاشمايدىغان تاغ يوللىرى بولغان.
بەشىنچى، 932-يىلى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن چۇ ۋادىسىغا بارغان بولماستىن، بەلكى ئاتۇشتا، بارتولد سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، بالاساغۇندا بۇ يەرگە كەلگەن ئەبۇناسىر سامانىدىن بۇ دىننى قوبۇل قىلغان. بۇچاغدا سۇلتان ساتۇق 16 ياشتا بولۇپ، ئۇ 916-يىلى، يەنى ئوغۇلچاق قىدىرخان قەشقەرگە چېكىنىپ 23 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇغۇلغاچقا، تالاس- چۇ ۋادىسىنى كۆرۈشى مۇمكىن بولمىغان. سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بۇ جايلارنى سامانىلاردىن 943-يىلى قايتۇرىۋالغاندا 33 ياشلىق نەۋقىران يىگىت ئىدى.
ئالتىنچى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن بىر كېچىدە بالاساغۇندىن چىقىپ، قەشقەردىكى ئوغۇلچاق قىدىرخاندىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ قاراخانىلارنى ئىسلاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ بالاساغۇن ئاتۇشتا بولماي، ئۇچ، بارسغان ئارقىلىق ئۇزاق يول بېسىپ بېرىلىدىغان توقماقتا بولىشى مەيلى ۋاقىت، مەيلى مەخپىيەتلىك نۇقتىسىدىن تارىخىي مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ ھال، بالاساغۇننىڭ قەشقەر يېنىدىكى قۇز ئوردىدا ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ.
يەتتىنچى، ئاتۇشتا ھازىرمۇ «بۇغرا ئاتام» (بۇغرام) («بۇغرام» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ زاراتگاھلىق «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا يەنى 1976-يىلى 2- ئايدا تۈزلىۋېتىلىپ ئورنىغا ھەربى ئالاقىلىشىش پونكىتى سېلىنغان.)، «سۇلتان ساتۇق بۇغراخان»، «ئەبۇناسىر سامانى» قەبرىلىرى، ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغانلىقىغا ئائىت «جايى پەچچەم»، «كۆك تام» قاتارلىق جايلار ۋە بىر يۈرۈش ئىلاھىلاشتۇرۇلغان رىۋايەتلەر ساقلانغان. ۋەھالەنكى، بۇلار توقماق بۇرانا ئەتراپىدا مەۋجۇت ئەمەس.
«بالاساغۇن ــ توقماق بۇرانا» قارىشىدىكى بۇ تارىخىي مەنتىقىي ئاجىزلىق بالاساغۇننىڭ قەشقەر ـ ئوردا كەنتتىن يىراق توقماقتا بولىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا كۇپايە قىلىسا كېرەك. ئەھمەد سامانى قەبرىسى بۇخارادا بولغىنىدەك، سۇلتان بۇغراخان مەقبەرىسى ئاتۇشتا تۇرۇپتۇ!
7.«بالاساغۇن ــ باغلا ۋە ساغۇن» قارىشىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەپسىلاتى
ئاتۇشتىن تېپىلغان بۇنىڭدىن 20- 30 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى تاشقا ئايلانغان ئادەم كاللىسى ئەجدادسىز ۋە ئەۋلاتسىز يەككە –يىگانە ھادىسە ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ يۇرتتا ئۇيغۇر- ئارىيان ساكلىرى، ئارغۇ- ياغما قەبىلىلىرى ئۇزاقتىن ياشاپ ئوخشىمىغان ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت قاتلىمى قالدۇرغان.
ئاتۇش مەشھەدلىك پېشقەدەم رېھىم مۇسا ماڭا بەرگەن بىر تەرىپىگە تاغ تېكىسىنىڭ رەسىمى، بىر تەرىپىگە كۇشان پۇللىرىدەك شاھانە تاج چۈشۈرۈلگەن قىزىل مىس سوقما پۇل بۇجايدا خاقانىيە دەۋرىدىن ئىلگىرىمۇ پۇل چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئاتۇش دىيارىدىن تېپىلغان كۆپلىگەن جەسەت سۆڭەكلىرى، ھەرخىل تامغىلىق مىس پۇللار، قاش ۋە مارجان، ھىقىق قاتارلىق زىبۇ- زىننەت بويۇملىرى، ھەرخىل سىرلانغان «چەشكەل» (كاھىش) پارچىلىرى، كۈپ ۋە ئىدىشلار، تۆمۈر داشقاللىرى بۇ جاينىڭ ئاھالىسى كۆپ ئاۋات ماكان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش سىرلىق رىۋايەت- ئەپسانىلىرى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاتۇشنىڭ ئارغۇ، ئۈستۈن ئاتۇش، ئالتىن ئاتۇش قاتارلىق رايونلىرىدا قەدىمكى ئاھالە ياشىغان نۇقتىلار، ھەتتا قورغان قالدۇقلىرى، مەشھۇر زاراتگاھلىقلار خارابىلىرى ئۇچرايدۇ. بۇلار ئۆز ئالدىغا خاس ئارخېئولوگىيىلىك چەمبەر ھاسىل قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئارخېئولوگيىلىك چەمبەردىكى نوقتىلارنىڭ مەدەنىيەت قاتلاملىرى بىر- بىرىگە ئوخشىغان ۋە ئوخشىمىغان دەۋرلەرگە مەنسۇپ بولغان.
بۇ ئارخېئولوگىيىلىك چەمبەرلەر ئىچىدە بالاساغۇن شەھرىگە ئائىت مەدەنىيەت قاتلاملىرى باچاڭ ـ سۇغۇن ئېغىزى ئېقىنى بىلەن بۇغۇز ــ قىران ئېقىنى ېيقىنلاشقان جايلارغا مەرگەزلەشكەن.
ھازرقى ئازاق يېزىسىغا قاراشلىق توقاي كەنتى بىلەن سالافلار يارلىقى، ھازىرقى سۇنتاغ يېزىسىنىڭ تۆركۆلدىن سۇنتاغ توقاي كەنتىگىچە بولغان ئاياغ قىسمى قەدىمكى ئارچازارلىق ساپ ھاۋاسى ئىچىدە گۈللىنىپ تۇرغان بالاساغۇن شەھەر رايونى ئىدى. بۇ شەھەر رايونى سۇنتاغ ساغان (سوغۇن) كەنتىنى مەركەز قىلىپ، ئۆز ئىچىگە «سالافلار»، «نۇرۇن بۇلاق»، «يار قورغان»، «خەندەكلىك»، «ساراي بويى»، «قوشقار ئاتام»، «تۆركۆل» قاتارلىق جايلارنى ئالغان.
دېھقان مەخسۇم تۇرسۇنھاجى ماڭا نەق مەيداندا 2 كىلومېتىردىن ئۇزۇن شەھەر قورغىنىنىڭ ئىز خارابىسىنى كۆرسەتتى. بۇ بوز يەردە تام –قورغاننىڭ قاتتىق ئىزى ساقلانغان. شەھەرنىڭ باش تەرىپىدە قاراخانىيلارغا ئائىت «سۇلتان تەھۇر» (پاكلىق)، «سۇلتان زەھۇر» (ئوچۇق- ئاشكارىلىق) ناملىق مازار؛ شەھەرنىڭ ئايىغى (سۇن تەخت)دا سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مازىرى جايلاشقان. ئېيتىلىشىچە، ھازىرقى ئازاق يېزىسىنىڭ «باغلا» دېگەن جايىدا سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ بوۋىلىرى بارگاھ قۇرغان.
«سالافلار» قۇمساڭىر بىلەن بالاساغۇن شەھرى ئارىسىدا بولۇپ، ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئىلگىرىكى خان- پادىشاھلار قەبرىگاھى بولغان. ئۇ يەردىكى «سۆڭەك يار»دا نۇرغۇنلىغان جەسەتلەر كۆمۈلگەن. بۇ ئەتراپتىكى سېپىل ئورنى ئەتراپىدىن مەخسۇم تۇرسۇنھاجىنىڭ بوۋىسى ئابدۇگۈل ھاجىم كۈمۈش تەنگە- ئاقچىلار تېپىۋالغان، يەنە يۈز كىلولاپ مىس پۇل تاپقان، ئابدۇغۇپۇر تۇردى 1974-يىلى سالافلار قەبرىگاھلىقىنىڭ ئايىغىدا يېزا ئىگىلىك مەكتىپى قۇرۇلغاندا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ لەنگەر كەنتىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن مۇتىئى، قارى ئىككىسى كۆك سىرلىق ساپال كوزىغا (چەشكەل) سېلىنغان سوقما تەنگە- ئاقچا تاپقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ پۇللار مەكتەپ مۇدىرى، ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋېن سېكىرتارى ۋاڭ يۈلەنگە تاپشۇرۇلغان. ئۇنى ناھىيە ھاكىمى تۇرسۇن سائادەت 1977-يىلى 4- ئايدا كۆرۈپ، بىر تەرەپتە ئەرەپچە سۈرە، يەنە بىر تەرەپتە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بولغاچقا ئوقۇيالمىسىمۇ، يىلنامىسىغا قاراپ، شۇ چاغدىن 717 يىل ئىلگىرى چىقىرىلغان دېگەن تونۇشقا كەلگەن. پىنسىيىگە چىققان كادىر ئابدۇرېشىت سەلەينىڭ ئىسپاتلىشىچە، 1944-يىلى چوڭ سەل (سۇ ئاپىتى) كەلگەندە سالافلار ئاستىدىكى سۇ ئېقىنىدىن تۆركۆللۈك خۇجائاخۇن ئىسىملىك كىشى بىر ئالتۇن تاج تېپىۋېلىپ، ئۇنى مۇھەممەد مىسكەرگە كۆرسىتىپ پارچىلىغان. بۇ ئىشنى ئەينى زاماندىكى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىلىپ قېلىپ تارتىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، خۇجائاخۇننى خەلق «جۇجا ئالتۇن» دېگەن لەقەم بىلەن ئاتايدىغان بولغان.
«نۇرۇن بۇلاق» قەدىمكى چاغلاردا نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزىدىغان بوستانلىق جاي بولغانلىقى مەلۇم.
«يار قورغان» بالاساغۇندىكى ئىچكى قورغان بولۇپ، 85 ياشلىق مۇھەممەد موللا شاڭزۇڭ 8- 10 ياش چېغىدا بۇ يەردە قاراخانىيلاردىن قالغان بىر ھەربى قورغان خارابىسىنىڭ بولغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قورغاندا ئانچە- مۇنچە ئۆي، ئوچاق، تەكچىلەر، ساقلىنىپ قالغان. قورغان سىرىتىدا «توقاي خەندەك» بولغان. بۇ قورغان توپىسى مۇنىڭدىن 75 يىل ئىلگىرى ئوغۇت قىلىپ تۈگىتىلگەن. مۇھەممەد موللا شاڭزۇڭنىڭ چوڭ ئانىسى مەلىكىخان چوڭ دادىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى بۇ نەۋرىلىرىگە يەتكۈزگەن. ئېيتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئاتا –بوۋىلىرى بۇ تاشلاندۇق قورغان دەرۋازىسىنى كېسەكتە توسۇپ، كىچىك ئىشىك بېكىتىپ، ئاشلىق ۋە بالا- چاقىلىرىنى قورغانغا كىرگۈزىۋېلىپ، بۇلاڭ –تالاڭ قىلغىلى بېسىپ كىرگەن قىپچاق تۆرىلىرىدىن مۇداپىئە كۆرگەن، سېپىلدا تۇرۇپ تاش ئاتقان. بۇ بىزگە قىرغىز قىپچاقلىرى تۆرىسى ئاقباش خاننىڭ 17- ئەسىردە قاراتاغلىقلار تەرىپىدە تۇرۇپ، ئاقتاغلىق خوجىلارغا ئەگەشكەن ئاتۇش خەلقىگە قارشى تۇرغانلقىدەك كۆڭۈلسىز ۋەقەنى ئەسلىتىدۇ. مۇھەممەد موللا شاڭزۇڭ ئېنىق قىلىپ: بالاساغۇن شەھىرى 850-يىلدىن 13 –ئەسرگىچە قاراخانىيلارنىڭ ئاۋات شەھىرى بولغان دەپ قەيت قىلدى.
«ساراي بويى» تۆركۆلنىڭ توقاي يارلىقى تەرىپىدە قالغان. ئۇ «ساغۇن» (ساغان) مەھەللىسىگە يېقىن بولۇپ، بۇ يەر مەشھۇر ئالىم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەسلەكدىشى، دىنىي ئالىم شەمسىدىن داموللامنىڭ زىمىنىغا تۇتاش. بۇ يەردىن 1980-يىلى 3- ئايدا دېھقان ئالىمجان خىش خۇمدانىغا توپا كولىغاندا نۇرغۇن ئادەم سۆڭەكلىرى بىلەن بىللە، تۆمۈر داشقاللىرى، كوكىس (قوقاس) بولغان ئوتۇن قالدۇقلىرى ۋە نۇرغۇن مىس پۇل تېپىلغان. بۇ مىس پۇللارنى ۋېي لىياڭتاۋ «قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان» (1986-يىلى خەنزۇچە نەشرى) ناملىق كىتابنىڭ 198- بېتىدە 17 مىڭدىن ئارتۇق، 130 كىلوكىرام ئەتراپىدا دېگەن.
«ئوي مەھەللە» سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مازىرىغا يېقىن بولۇپ، رېھىم مۇسانىڭ ماڭا ئىسپاتلىشىچە، 1981-يىلى شۇ يەرلىك ئېسا داخاننىڭ ئابدۇرېھىم دېگەن ئوغلى ئېرىققا سۇ باشلىماقچى بولۇپ ئېرىق يېنىنى كولىغاندا يېرىم تاغارچە مىس پۇل چىققان. ئانچە ئۆتمەي بۇ جايدىن مىس ئېرىتىدىغان ئوچاق بىلەن مىسنى تاختا ھالىتىگە كەلتۈرۈپ ئۇنى دۆگىلەك كەسكۈچتە ئۇرۇپ كېسىپ پۇل ياسىغاندا ئېشىپ قالغان ھەرە كۆنىكىدەك مىس تاختا پارچىلىرى تېپىلغان. دېمەك، بۇ قاراخانىلارنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلدىكى ئاقچا ياسايدىغان كارخانىسى بولۇپ چىققان. ئەپسۇسكى، قورغان توپىلىرى ئوغۇت قىلىنغاندەك، بۇ مىس ئاقچىلارنىڭ ھەربىر كىلو گىرامىنى سەككىز مودىن مىسكەرگە سېتىپ، ھارۋا قوڭغىرىقى قىلىۋەتكەن!
سالافلار مازارلىقى، قۇمساڭىر ئايىغى، قۇمالتاغ (ئارىسلان تاغ) تۈگىن جايدا قەدىمكى بالاساغۇن شەھىرى سىرتىدىكى يەنە بىر ئارخېئولوگىيىلىك چەمبەر بار بولۇپ، ئۇ «مورا»، «خان ئۆي» خارابىسىدىن ئىبارەت. «مورا» ئۇيغۇرچە مۇنارە دېگەنلىك بولۇپ، ئوچاقنىڭ مورا –تۇرخىنىمۇ ئەمەلىيەتتە مۇنارىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ يەردىكى «مورا» ئۈچ قەۋەت ئۇل سۇپا ئۈستىگە بىر تەرىپى كەڭ سېغىز قېلىن كېسەك بىلەن ياسالغان بولۇپ، ئەسلىدىكى جەنۇپ تەرەپتىكى ئىشىك ئۈستىگە ئارسلان (يولۋاس) بېشى قاپارتما نەقىش قىلىنغان. مۇنارە ئىچى پەلەمپەيلىك بولۇپ ئۈستىگە چىققىلى بولىدۇ. مۇنارنىڭ غەربىدە 35 كۋادىرات مېتىر كەڭلىكتە تۇر شەكىللىك ئېگىز كېسەك قۇرۇلما بار. بۇ تۇر شەكىللىك قۇرۇلما قاتتىق پەرمان تۈپەيلىدىنلا ياسىلىدىغان ئېغىر ئەمگەك مۆجىزىسى. بۇ قۇرۇلما بىلەن مۇنار ئارىلىقىدا ئىبادەتخانا ۋە ئۇنىڭ يېنىدا شەيخ ئۆيى تېمى خارابىسى ساقلانغان.
بۇ قۇرۇلما تۇر دىيىلسە، تۇرنىڭ بىر يۈرۈش بولۇش كېرەكلىكى قائىدىسىگە سىغمايدۇ. بۇ مۇنار بۇددا مۇنارىسى دېيىلسە، ئۇنىڭدا «شادىرا» (جەسەت كۈلى مۇنارىسى)نىڭ ئالامەتلىرى يوق. ئىسلام قائىدىسىدىكى مۇنار، مەسچىت ۋە زاراتگاھلىق ئۈچى بىرگەۋدە بولۇش ئۆلچىمىگە كۆرە، تۇر شەكىللىك قۇرۇلما چوقۇم قەبرىلىك بولۇش لازىم. بىز بۇنى سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغۇلچاق قىدىرخاننى ئىسلامغا كىرگۈزەلمەي، ئۇنى قەتىل قىلىشقا تۇتۇنغىنىدا، يەر تەۋرەپ ئوغۇلچاقنى يەر يۇتقان دېگەن رېۋايەتكە ئاساسەن، سۇلتان ساتۇق ئەمرى بىلەن ياسالغان ئالاھىدە قەبرىگاھ بولىشى ئېھتىمال دەپ قارىدۇق. دىنىي رەقىبى ۋە نەسەپ ئەجدادى زىددىيەتلىرى تۈپەيلى، ئۇنىڭ روھىنى بولسىمۇ مۇسۇلمانلىققا دەۋەت قىلىش ھەم ئىسلام تەنتەنىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ مۇنار ۋە مەسچىت ياسالغان بولىشى مۇمكىن، بۇ بىر تەخمىن، ئەلۋەتتە. «خان ئۆي» ھازىر گەرچە قەشقەرنىڭ بەشكېرەم يېزىسىغا تەۋە بولسىمۇ، ئەينى زاماندا بالاساغۇن شەھەر سىرىتى بىناكارلىقلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە «مۇرى» ئارخېئولوگىيىلىك چەمبىرىگە كىرىدۇ. روشەنكى، مەھمۇد قەشقەرى ئەينى زامانلاردا قەشقەرنى تۈمەن- قىزىل دەريالىرى ئارىسىدا تەھقىقلەشتۈرگەنىدى.
«خان سۇپا»، «كاتتا يايلاق»، «ھاسا ئاتام» ۋە «باش قاش» بويىدىكى خارابىلىقلار بالاساغۇنغا ئالاقىدار سىرتقى ئارخېئولوگىيىلىك يەنە بىر چەمبەر ھېساپلىنىدۇ. بىر قاراشتا ئۇزۇن سوزۇلغان سېپىل خارابىسىدەك، ھەتتا ئارىلاپ –ئارىلاپ كېسەك تاملار كۆرۈنۈپ تۇرغان «باش قاش»، «ئوتتۇرا قاش»، «ئاياغ قاش» بىناكارلىقى ئەسلىدە ئۈستۈن ئاتۇشتىن كەلگەن چاقماق دەريا ئېقىنىنى كاتتا يايلاق تەرەپكە ئېلىپ بېرىدىغان كۆتۈرمە قانال- ئۆستەڭ ئورنى بولغان. «ئوتتۇرا قاش»تا كۆپلىگەن ئاھالە ياشىغان توچكىلار ئۇچرايدۇ. بۇ يەردىن 1989- يىلى 7- ئايدا مەن كۆپلەپ يەرلىك سوقما مىس پۇللارنى، بىردانە داچەن (تۆشۈك پۇل)نى، يەنە مۇنچاق، رەڭدار ساپال پارچىلىرى، كىيىمنىڭ مىس ئىزما (تۈگمە)سى، كۈپتە ساقلىنىپ توپا بىلەن قوشۇلۇپ بوزۇرۇپ كەتكەن ئاشلىق قالدۇقى، ياغاچ كۆيۈكى ھەم تۆمۈر داشقىلى، ئۇيغۇر قىمارۋازلىرىنىڭ پاقلان پاقالچىقىدىن ياسالغان سىلىقلانغان تۆت ئوشۇقنى تاپتىم، قارىماققا بۇ ئاۋات ئۆستەڭ بويى كېيىنچە خارابلىشىپ، ھازىر پۈتۈنلەي شورتاڭغا ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ يەردىكى ئەڭ كونا مەدەنىيەت قاتلاملىرى قەدىمكى «بايخان» (بارخان) شەھىرى خارابىلىرىگە تەئەللۇق بولىشى مۇمكىن. «تاڭنەما. غەربى يۇرت جۇغراپىيىلىك تەزكىرىسى»دە قەشقەر (سۇلى)غا بېرىشتا «فۇگۇي» ()دىن ئۆتۈدۇ دېگەن بۇ جاي «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ تابغاچ ئىزاھاتىدا تىلغا ئېلىنغان «تۆۋەن چىن ـ بارخان» شۇ جايدا بولىشى مۇمكىن. خەلق ئارىسىدا ھېلىمۇ «چىن شەھىرى» بولغان دېگەن رىۋايەت بۇنىڭغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
«خان سۇپا» قىبلىگە يۈزلەنگەن بەش مو چامىسىدىكى كەڭلىك بولۇپ، يەردىن 7- 8 مېتىر ئېگىزلىككە كېسەك بىلەن چۆرىدەپ ياسالغان. بۇ توغرا بۇلۇڭلۇق تۆت بۇلۇڭ سەھنىنىڭ تۆت تەرىپى ئات چىقالىغۇدەك بېلىق سىرىتى قىلىپ ياسالغان. «كاتتا يايلاق»نىڭ شەرىقى تەرىپىگە ياسالغان بۇ بىناكارلىق خاننىڭ تەخت سۇپىسى بولماستىن، ئەھۋالدىن قارىغاندا، خان كاتتا يايلاقنىڭ شۇ چاغدىكى باراقسان جاڭگاللىقىدا شىكار قىلىپ، بەزمە قىلىدىغان جاي، جۈملىدىن ماۋەرائوننەھر ھەم خوتەن تەرەپكە ھەربى يۈرۈش قىلىشتا قوشۇنلارنى رەتكە سالىدىغان جاي بولىشى ئېھتىمال. بۇ ئەتراپتىن مۇنچاق قاتارلىق زىبۇزىننەت بويۇملىرىنىڭ تېپىلىشى بۇ مەيداندىكى بەزمىلەردىن قالغان يالداما بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردىن خەت يېزىلغان قارا تاختا تاشنىڭ تېپىلغانلىقى مەلۇم، مەخسۇم تۇرسۇنھاجى بۇ ئەتراپتىن يۇلغۇن يىلتىزلىرى كولىغاندا، يىلتىز تېگىدىن قەدىمكى ئۆز ئىشىك بېشى ياغىچىنىڭ چىققانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
x ئىسىملىك بىر ئۆزبېك كىشى يېقىندا ئۈرۈمچىدىن يۇرتىغا قايتىشتا «خان سۇپا»غا يېقىن شېكەر كۆل ئۆتىڭىدە بىر ئوتۇنچى بالىدىن سېتىۋالغان شۇ دەۋرىگە تەۋە بىر چاپاننى ماڭا بەرگەن. ئوتۇنچى بالىنىڭ دېيىشىچە، «خان سۇپا» ئەتراپىدا يۇلغۇن كۆتەك يىلتىزى كولىغاندا بىر كۈپ چىققان. بۇ چاپان كۈپتىكى كېگىز ئىچىگە تېڭىپ قويۇلغان بولۇپ، چاپان كېپىنەك تېشىۋەتكەن پىلە غوزىكىنى تىتىپ پاختا بىلەن ئىشلەنگەن يىپتا توقۇلغان، ئارىسىغا نىپىز پاختا ئېىنغان، ئەستىرى ماتا بولۇپ، يىڭنە ئىش ئىنچىكە بولغان. چاپان شەكلى مەيدىسى يېپىق، يان ئىزما، يەڭلىرى چەۋەندازلارغا خاس تار، بەستلىك ئەرەنچە چاپان بولغان.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بالاساغۇن سىرتىدىكى مەشھەد (شېھىتلىك)كە جايلاشقان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مازىرى ئەسلىدە توققۇز مۇنارلىق بەھەيۋەت مەقبەرە بولغان، ئۇنىڭ يېنىدا ئەبۇ ناسىر سامانى قاتارلىقلارنىڭ قەبرىسى بولغان. بۇلار يەنىلا بالاساغۇنغا ئائىت ئارخېئولوگىىيىلىك توچكا ھېساپلىنىدۇ.
ئىشىنىمىزكى، بالاساغۇن شەھىرىگە ئائىت ئارخېئولوگىيىلىك قىدىرىش تېخى رەسمىي باشلانغىنى يوق. بۇ جەھەتتە كۆپلەپ پاكىتلارنىڭ تېپىلىشىغا گۇمان قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاتۇشتا قۇرغاقلىشىش ھادىسىسى داۋاملىق ئېشىپ باردى. مۇنداق قۇرغاقلىشىشتىن ئىككى ئاقىۋەت كېلىپ چىققان. بىرى، تەبىئەت ھادىسىسى سۈپىتىدە يار پەيدا بولۇش؛ يەنە بىرى، جەمئىيەت ھادىسىسى سۈپىتىدە ئاھالىنىڭ ئېقىن بويلاپ سۇ بېشىغا – يۇقىرى تاغ ئاغزىغا يۆتكىلىشى ۋە «ئوشۇق ئاھالە»نىڭ ياقا يۇرتلارغا يۆتكىلىشىدىن ئىبارەت.
يارلىق يەر نەملىكىنىڭ ئارتۇقچە تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن كېيىنكى كەلكۈن سۈيىنىڭ يەر نەملىكى تويۇنغان «نەملىك بەلبىغى»نى ئىزدەپ يەرنى تۆۋەنلەپ كىرىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. روشەنكى يەر نەملىكى يۇقۇرى ئورۇندا قانچە كەڭ دەريا بولسىمۇ يارلىق ھاسىل بولمايدۇ. بۇ ھالدا ئوي جايلارغا لاتقا تاشلاپ تىندۇرۇش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. تىندۇرۇش ۋە كولاش يەر ئاستى سۈيىنىڭ يۇقۇرى –تۆۋەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قانۇنىيەت. ئاتۇشتا دەل مۇشۇ يار پەيدا بولۇش ھادىسىسى تۈپەيلى، ئاھالە ئىلگىرىكى ماكانلىرىدىن سۇ بېشى تەرەپكە، بوغۇز ۋە «جىن تۈگمەن» تەرەپكە كۆچكەن. كۆچكەنلەر ئەسلىدىكى مەھەللە- كەنت ناملىرىنى يۆتكەپ كېتىشكەن. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى قۇمساڭىردا ھەسەن بالاھاجى قۇمۇلدىن كارىزچى يۆتكەپ كېلىپ كارىز كولىغان بولسىمۇ، كېيىنچە سۆيى تۆۋەنلەپ قۇرۇپ كەتكەن.
ئاتۇش سۇنتاغ رايونىنىڭ بالاساغۇن شەھىرى ئورنى ئىككى ھادىسىگە دۇچ كەلگەن. ئۇنىڭ بىرى، يار يالاپ كېتىش ھادىسىسى. بالاساغۇننىڭ بىر يان قىسمى (ساراي بويى، شەمسىددىن داموللاھاجىم زىمىنىنىڭ نېرىسى) يار ئاستىدا خاراپ بولغان. نەتىجىدە ئىلگىرىكى ئېقىن سۇ ئاققان چوڭ ئۆستەڭ ئورنى يار ئۈستىدە قېلىپ قېلىپ، ئىلگىرىكى ئارچىزار توقايلىق شاللىققا ئايلىنىپ كەتكەن. يەر بۆلگەن (بۆلۈنگەن) جايدىن تۆۋەن قاتلامدىكى سايغا جايلاشقان «بۆگەن» كەنتى يېڭىدىن پەيدا بولغان. بۇ قېتىم ئابدۇكېرىم ھاجى خەلپىتىم، مۇھەممەد موللا شاڭزۇڭ، ئابلەت كامال، مەخسۇم تۇرسۇن ھاجىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار كىچىك ۋاقىتلىرىدا بۇ يارلىق تار بولۇپ، بىر تېرەكنى غولىتىپ كۆۋرۈك قىلغىلى بولىدىكەن. بالىلار ئۇ قاشتىن بۇ قاشقا چالما ئېتىپ ئوينايدىكەن. 1944-يىلدىكى كەلكۈن ئاپىتى بىلەن 1952-يىلى 8-ئاينىڭ 19 –كۈنىدىكى كەلكۈن يارلىقنى ھازىرقى ھالەتتە يوغىنىتىۋەتكەن. بالاساغۇن شەھىرىنىڭ ئورنى دۇچ كەلگەن ئىككىنچى ھادىسە شۇكى، بۇ جاي ئايرىم تاشلىنىپ كەتكەن خارابە بولماستىن، قىسمەن تاشلانغان، قىسمەن يار ئېلىپ كەتكەن، قىسمەن ئاھالە ياشىغان ھالەتتە بولغاچقا، سېپىللار ئوغۇت قىلىنغان، كوچا- مەھەللىلەر، ئېتىز –ئېرىقلار كۆپ قېتىم «گۇيخۇا» قىلىنغان (سالالاشتۇرۇلغان). ئاسارە- ئەتىقىلەرنى ئاسراش ئورنى بولمىغان. بۇلۇپمۇ قەشقەرىيىدە خوجىلار دەۋرى باشلانغاندىن كېيىن، گەرچە يېڭىسار، يەركەن تەرەپتىن قاراتاغلىق جوجا مۇخلىسلىرى بۇ جايدىكى مازار- ماشايىقلارنى زىيارەت قىلغىلى كەلسىمۇ، يەرلىك خەلق ئاقتاغلىق خوجىلار تەسىرىدە ئاپاق خوجا مازىرىغا بېرىپ زىيارەت قىلغان.
8.مۇھاكىمىنىڭ دەسلەپكى يەكۈنى
بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى يېشىلمىگەن، قىزىقارلىق، كۆپ باغلىنىشلىق ھالقىلىق تېما.
مۇنداق موھىم چوڭ تېمىنى ئەمدى ھەل قىلىش ۋاقتى كەلدى. بالاساغۇن ئورنى مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇغراپىيىلىك، ئېتنولوگىيىلىك، تارىخىي، ئارخېئولوگىيىلىك، مەدەنىيەتشۇناسلىق، تېكستولوگىيىلىك، تومىنومىيىلىك، ئابىدەشۇناسلىق (ئېپگرافىكا)، كونا پۇللار تەتقىقاتى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. باشقىلارغا ھاڭ بېقىپ «تەييارغا ھەييار» بولۇپ تۇرۇش يېڭى پەن ئەھلىنىڭ ئىشى بولماسلىقى كېرەك.
بارتولد ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىغا خۇددى رادلوف ئالتاي تىللىرى تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشقاندەك مۆلچەرلىگۈسىز قىممەتلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخشۇناسلىقىنىڭ جاھان ئىتىراپ قىلغان ئىپتىخارلىق ۋەكىلى.
بارتولدنىڭ «بالاساغۇن ــ توقماق بۇرانا» فىگورىسى ئىلىم- پەن ئۆلچەملىرى ئالدىدا ئۆز ئاجىزلىقلىرى بىلەن بىرقانچە ئون يىل داۋام قىلىپ كەلدى. كۆپلىگەن كىشىلەر، جۈملىدىن مۇشۇ ماقالە ئاپتورىمۇ خېلى بىر مەزگىل بۇ قاراشقا ئاساسلىنىپ كەلگەن.
بۈگۈنكى كۈندە بىز «بالاساغۇن – ئارتۇچ (ئېنىقراقى باغلا ۋە ساغۇن)» فىگورىسىنى ئوتتۇرغا قويدۇق. بۇ ئەمەلىيەتتە بارتولدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قاراخانىيلار ۋە بالاساغۇن تەتقىقاتى پىشىۋالىرى ئىشلىرىنىڭ داۋامى.
بىز ئەزەلدىن ھەقىقەت ئىككى ئەمەس، بىر دەپ قاراپ كەلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەقىقەت بىر قېتىمدىلا بىلىنىپ كەتمەيدۇ، ھەقىقەتنى بىلىش بىر جەريان دەپ قاراپ كەلدۇق. پاراللېل ئىككى فىگورىنىڭ بىللە تۇرىشى ھەقىقەتنى بىلىپ يېتىش جەريانىغا پايدىلىق بولۇپ، بۇ ھەقىقەت ئىككى دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەلۋەتتە.
مۇشۇ ئىلىم- پەن بىلىش نەزىريىسىگە، مۇشۇ ئىلىم –پەن دېموكراتىيىسىگە، مۇشۇ ئىلىم- پەن ئەدەپ- ئەخلاقىغا مۇۋاپىق، بىز «بالاساغۇن- توقماق بۇرانا» فىگورىسىغا يانداش بولغان ئىككىنچى فىگورىنى ــ «بالاساغۇن ــ باغلا- ساغۇن» فىگورىسىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا ھەقلىقمىز.
ھەقىقەت بەرىبىر بىر. بۇ ئىككى فىگورىنىڭ قايسىسىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ھەقىقەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ بۇ تېمىغا قىزىققان ئىلىم- پەن ئەھلى ئىلىمىي تەتقىقات ئەمەلىيىتى ئاساسىدا ھەل قىلىدىغان مەسىلە.
بىز بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسىنىڭ ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىنىشى ئالىملار بىلەن كەڭ خەلقنىڭ ھەمجەھەتلىكىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.
1989-يىل. ئۈرۈمچى
مەنبە: «يىپەك يولىدا توققۇز ھېكمەت»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KUMALTAGH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-8 06:34 PM  


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  :  2536190268  .   يانفۇن  : 15699088894
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

31

تېما

614

يازما

645

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 97552
يازما سانى:
614
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2720
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
806 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-9-3
ئاخىرقى:
2016-1-17
ۋاقتى: 2015-12-8 22:20:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن ياقتۇردۇم…  بۇنچە ياخشى تېمىغا ئىنكاس چۈشمەسلىكىدە  بىرلا سەۋەپ بار   بەك كۆپ يوللىۋىتىپسىز ئادەم ئۇقۇپ بولغۇچە  بىرخىل بوپ قالدىكەن… مىنىڭچە ئاز - ئازدىن كۈندە يوللىغان بولسىڭىز ياخشى بۇلاتتى دەپ ئويلىدۇم ئۆزەمچە …

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ali1234 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-8 10:21 PM  


ئۈزىنى تونۇش_ئۆزلۈك

40

تېما

309

يازما

349

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 45130
يازما سانى:
309
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
9064
تۆھپە :
2281
باھا :
1625
توردا:
2581 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-6-21
ئاخىرقى:
2015-12-30
ۋاقتى: 2015-12-8 23:00:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالاساغۇننىڭ ئ‍ورنى  ھازىرقى قىرغىزىستاندا ئ‍ىكەنلىگى ئ‍ىسپاتلىنىپ بولدىغۇ دەيمەن

مېنىڭ جەننىتىم قەلبىمدە، باغچام كۆكسۈمدىدۇر.

0

تېما

67

يازما

67

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 30382
يازما سانى:
67
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4313
تۆھپە :
190
باھا :
190
توردا:
119 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-2-14
ئاخىرقى:
2016-1-13
ۋاقتى: 2015-12-8 23:36:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتۇش قەشقەرنىڭ قايسى تەرپىگە توغرا كىلىدۇ؟بالاساغۇن غەربى قارخانىلارنىڭ پايتەختى،بالاساغۇن غەربى چىگرالارغا يىقىراق بولىشى كېرەك،ئىككى پايتەخىتنىڭ بىر يەرگە سىلنىشىنى قانداق ئىزاھلايمىز؟بالاساغۇن تەرەپلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەشقەرگە كۆچكەنلىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ بالاساغۇندىن كەلگەن،بۇ ئوتتۇز نەچچە كىلومىتىر ئارلىققا ئاتلىق بىر سائەتچە ۋاقىت كىتىدۇ،ئاتۇش تارىختىن بۇيان قەشقەرگە تەۋە يۇرت،بۇ بىر سائەت مۇساپىگە كۆچۈش دولقۇنى كۆتۈرلەمدۇ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالاساغۇندا تۇغۇلۇپ قەشقەردە ياشاپ ئەسىرىنى قەشقەردە تاماملىغانلىقىنى يازىدۇ

0

تېما

67

يازما

67

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 30382
يازما سانى:
67
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4313
تۆھپە :
190
باھا :
190
توردا:
119 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-2-14
ئاخىرقى:
2016-1-13
ۋاقتى: 2015-12-8 23:46:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە ئۈچۈن تارىختا بىرقانچە خېل ئاتالغان كاشغەرنىڭ نامى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالىدۇ؟بالاساغۇن نامى يوقىلىدۇ؟
ئىھتىماللىق بالاساغۇندىن ئاتا بوۋىللىرىمىز كۆچۈپ كەتكەن
ئىھتىماللىق2 بۇ زىمىنغا باشقا بىر قەۋىم بىسىپ كىرىپ ئاساسلىق مىللەتكە ئايلانغان بالاساغۇن نامى ئونتۇلغان
3ئەگەر  بالاساغۇندا ياكى بالاساغۇنغا يىقىن ئەتراپتا ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار ياشىغان بولسا بۇ نامنىڭ ساقلىنىپ قېلىش ئىھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ بولاتتى
تامام

0

تېما

116

يازما

116

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 122971
يازما سانى:
116
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
605
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
60 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-7-11
ئاخىرقى:
2016-1-27
ۋاقتى: 2015-12-9 01:06:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئابدۈشكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئەسەرلىرنى كۆپرەك يوللىساڭلا قېرىنداشلا

قانداق ئاچ كۆزمىكەنمە

44

تېما

484

يازما

528

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 3013
يازما سانى:
484
نادىر تېما :
2
مۇنبەر پۇلى :
11965
تۆھپە :
759
باھا :
598
توردا:
760 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-6-24
ئاخىرقى:
2016-1-29
ۋاقتى: 2015-12-9 12:00:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە گەپ قىلىپسىز، بىر مۇنچە ئىسپاتلارنى قويۇپسىز، لېكىن ئورنى قەيەردە ھازىرقى ئورنى زادى قەيەردە بۇ نېمە دېمەپسىز، ھازىرقى بالاساغۇننىڭ ئورنىنى زادى قەيەرددە،،،، مەن چۈشەنمىدىم، لكىن تارىخى قىممىتى باردەك كۆردۈم.

ھايات قىسمەتلىرىمنى ئەسلەپ،كەچمىش بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمدە................

0

تېما

48

يازما

48

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 109750
يازما سانى:
48
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
221
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
73 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-9-6
ئاخىرقى:
2015-12-31
ۋاقتى: 2015-12-9 19:57:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار بالاغۇسۇن دېگەن تۇرپاندىكى توقسۇن ئەمەسمۇ؟؟؟

چىراقپاي

1

تېما

760

يازما

761

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 64123
يازما سانى:
760
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10242
تۆھپە :
100
باھا :
90
توردا:
1476 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-11-8
ئاخىرقى:
2016-1-30
ۋاقتى: 2015-12-10 01:50:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                  ...ھەقىقەتەن  ‹بالاساغۇن› نىڭ ئورنى مەسىلىدە، ئىلگىرى ھەر قايسى ئەل
                تارىخ تەتقىقاتچىلىرى ئوتتۇرسىدا  ئوخشاش  بولمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرغا
                چىققان... تىما يوللىغۇچىغا تەشەككۇر!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

بابۇرخان

3

تېما

2014

يازما

2017

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 18979
يازما سانى:
2014
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
15630
تۆھپە :
400
باھا :
538
توردا:
2991 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-25
ئاخىرقى:
2016-1-30
ۋاقتى: 2015-12-10 15:50:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىمدىن خۇراسانغىچە ھۆكۈم سۈرگەن قاراخانىيلار  پايتەختى ئوردۇكەنىت (قەشقەر )گە ئارلىقى بىر ئاشپىشىم كېلدىغان ئارتۇچنى قوشۇمچە پايتەخىت قىلىشتا نىمە زۆرۈرىيەت بار ؟
مېنىڭچە  كۆپلىگەن تۈركۈلۇگلار  قوشۇلىدىغان ھازىرقى قىزغىزستاندىكى توقماق شەھرى بالاساغۇننىڭ ئورنىغا توغرا كېلىدۇ دىگەن قاراش ئەقلىگە مۇۋاپىق دەپ ئويلايمەن .

سىز بارماقلىرى چىڭ تۈگۈلگەن مۇش بىلەن كۆرۈشەلمەيسىز .(گەندى )
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-1-31 09:51 AM, Processed in 0.056026 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش