مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3369|ئىنكاس: 1

ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

3

يازما

6

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 113415
يازما سانى:
3
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
90
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
24 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-21
ئاخىرقى:
2016-1-14
ھازىر بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئورۇنلاردا ئىشلىگەن بىر قىسىم ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان. بۇ ئەھۋال مۇنداق: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر ئىش تۈرى ياكى قۇرۇلۇش تۈرىنى باشقا تەبىئى شەخىسلەرگە ھۆددە بېرىۋىتىدىغان، بۇ تەبىئى شەخىسلەر  قۇبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى دەخلىگە ئۇچرىغاندا، ئىش ياكى قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددە بەرگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىگە بولماي تۇرىۋېلىش.
مەن يېقىندا مۇشۇنداق دېلودىن بىرنى ۋاكالەتچى بولۇپ بېجىرگەن بولۇپ، تۆۋەندە شۇ دېلونى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ھەقتىكى قانۇنىي مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.  بۇ ئارقىلىق مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان قېرىنداشلارنىڭ توغرا يول تېپىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بايان قىلماقچى بولغان بۇ دېلو ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، مەن تەرەپلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، كىشى ئىسمى ۋە شىركەت نامىنى ئۆزگەرتىۋەتتىم.
دېلو ئەھۋالى:  «Н سودا چەكلىك شىركىتى» (تۆۋەندەНشىركىتى دەپ ئېلىندى) بىر ياغ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت بولۇپ، سېختىن چىققان كۈنجۈرىنى خالتىغا قاچىلاپ، يۈك ماشىنىسىغا بېسىش ئىشىنى ج.ئەمەت ئىسىملىك كىشىگە كۆتۈرە بەرگەن.  ج.ئەمەت ھەر ئاينىڭ ئاخىرىدا شىركەت بىلەن ھىسابات قىلىپ، ئىش پۇلىسىنى ئالغان. بۇ جەرياندا ج.ئەمەت ئۆز ئالدىغا ت.قۇربان قاتارلىق ئوندەك ئىشچىنى قۇبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن ھەم بۇ ئىشچىلارنىڭ  مائاشىنى ج.ئەمەت ئۆزى تارقاتقان. 2014-يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىشچىلار يۈك ئاپتوموبىلىغا كۈنجۈرە بېسىۋاتقاندا، ئاپتوموبىلدىكى خالتىلار سىيرىلىپ چۈشۈپ، ت.قۇربان ئېغىر يارىلانغان. شۇ ئىشتىن كېيىن ت.قۇربان ئىككى قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان، ئوڭ تەرەپ داس بۇغۇمى ئالماشتۇرۇلغان. ج.ئەمەت ت.قۇرباننىڭ 1-قېتىملىق داۋالىنىش خىراجىتىنى بەرگەن، ئەمما كېيىنكى داۋالىنىش خىراجەتلىرىنى بەرمىگەن. ت.قۇربان ئەمگەك مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئۆزىنىڭ  Нشىركىتىدە ئىشلەپ ئىشتا يارىلانغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىش ئىلتىماسى سۇنغان. Нشىركىتى بىزنىڭ شىركىتتە بۇنداق ئىسىملىك خىزمەتچى يوق دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئەمگەك مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى ت.قۇربانغا ئالدى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن. ت.قۇربان ئەمگەك ماجىرالىرىغا كېسىم چىقىرىش كومىتىتىغا كېسىم ئىلتىماسى سۇنۇپ، ئۆزى بىلەنНشىركىتى ئارىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداق قىلىپ بۇ دېلو كېسىم كومىتىتى، 1-سوت ۋە 2-سوت جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ت.قۇربان بىلەنНشىركىتى ئارىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇتلىقى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
بۇ دېلونىڭ ئەھۋالى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. بۇ دېلو ئارقىلىق مۇنداق ئۈچ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش مۈمكىن:
1. ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئىشچى-خىزمەتچى ئۆزى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئارىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇشى زۆرۈر، مەسىلەن ئەمگەك توختامى، ئىجتىمائى سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئىسپاتى قاتارلىقلار.
2. ئەگەر ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار بولمىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنمۇ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلسا، ئۇ ھالدا ئەمگەك ماجىرالىرىغا كېسىم چىقىرىش كومىتىتىغا ئىلتىماس سۇنۇش كېرەك.
3. ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت مىنىستىرلىقى تارقاتقان «ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بېكىتىشتىكى بەزى ئىشلار ھەققىدە ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسلانغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قۇرۇلۇش (كەسىپ) ياكى تىجارەت ھوقۇقىنى خىزمەتچى ئىشلىتىش سوبيېكتلىق سالاھىيىتى ھازىرلىمىغان تەشكىلات ياكى تەبىئى شەخىسكە ھۆددە بەرگەن بولسا، بۇ تەشكىلات ياكى تەبىئى شەخىس قۇبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن ئەمگەكچىلەرگە بولغان مەسئۇلىيەتنى ئەسلىدىكى ھۆددە بەرگەن ئورۇن  ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئەسكەرتىش: ھەر قايسى جايلارنىڭ بۇ خىل دېلولارنى بېجىرىش تەرتىپى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئەمما قىسمەن ھالقىلاردا ئازراق پەرق بولۇشى مۈمكىن. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا ئەڭ ياخشىسى ئۆز جايىڭىزدىكى ئادۋوكاتخانىلارغا بېرىپ مەسلىھەت سوراڭ.
2015-يىل 12-ئاي، ئاقسۇ

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6

تېما

865

يازما

871

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 3317
يازما سانى:
865
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
11862
تۆھپە :
410
باھا :
313
توردا:
1829 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-7-4
ئاخىرقى:
2016-1-26
ۋاقتى: 2015-12-10 18:56:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى قانداق بولدى ؟ ت،قۇرباننىڭ كىيىنكى دالىنىش چىقىمىنى كىم تۆلىدى ، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش تۆلەم پۇلى بېرىلدىمۇ

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-1-31 07:27 AM, Processed in 0.030046 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش