مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 889|ئىنكاس: 10

بارلىقىمىزنى بالىلارغا بېغىشلايلى ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 971
يازما سانى: 1639
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15401
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2015 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 04:29:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بارلىقىمىزنى بالىلارغا بېغىشلايلى !

( باش ھەرپى « ب » دىن باشلانغان سۆز ئويۇنى )


بالىلار - بۈگۈنىمىزنىڭ باھارى ، بىزنىڭ بەرىكىتىمىز ، بېھساب بايلىقىمىز. بالىلار بولغاچقىلا بىزنىڭ بۈگۈنىمىز بەخىتلىك .

بىز بولساق بىلىم بۇلىقىدىن بالىلارغا بال بەرگۈچىلەرمىز . بىلمگەننى بىلدۈرۈپ ، بوغۇنلارنى بۈيۈكلۈككە ، بىپايان بەخىت بوستانلىقىغا باشلىغۇچىلارمىز.

بىراق ، بىزنىڭ بەزى باغۋەنلىرىمىز بالىلارنىڭ بەزىبىر بالىلارچە بەلگىلىرىدىن بىزار بولۇپ ، بارلىقىنى بالىلارغا بېغىشلاشتەك بۈيۈك بۇرچىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيۋاتىدۇ .

بارچە بالىلار بىردەك بىزگە باقىدىغان ، بويسۇنىدىغان بولمايدۇ ، بەزى بالىلار بەڭۋاش ، بىپەرۋا بولسا ، بەزى بالىلار بەتخۇي ، بەتقىلىق بولىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ بەدىنى بېجىرىم بولمايدۇ . بەزى بالىلار بەئەينى بۆشۈكتىكى بوۋاقتەك ، بۈگۈندىن بىخەۋەر بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقىچىرەك بولدىغانلىرىمۇ بار .

بىراق ، بىز بالىلاردىكى بۇ بارماقچىلىك بەلگىلەرنى باھانە بىلىپ ، بالىلاردىن باتناپ ، باشقۇرۇش ، باشلاش ، بېغىشلاشتەك بۇرچىمىزدىن باش تارتساق بولمايدۇ -دە !

بىز بىلسەك بولىدۇكى ، بىزدىمۇ بەزىبىر بويۇنتاۋلىقلار بار . بەلكىم بالىلاردىكىدىنمۇ بەكرەك بار . بەزىلەرنىڭ بېلى بەك بوش . بىر- بىرى بىلەن بىلىمدە بەسلەشمەيدىغانلار ، بۈگۈنگە باقماي ، بىلىمنى بېيىتماي ، بۇرۇنقى بىلىمنى باغاشلاپ ، بىباھا باھارىنى بىكارچلىق بۆشۈكىگە بۆلەۋاتقانلار بار . بەزىلەر بىكۆيۈم ، بارلىق بالىلارنى بابباراۋەر بىلمەيدۇ ، بىلىم بېرىشتە بېخىل . بەزىلەر بەجايىكى بەگدەك بەزم -باراۋەتتە بەدىننى بورداش بىلەن بولسا ،بەزىلەر بوتكىلاردا بوتۇلكىلارنى بەتلەش بىلەن ، بەزىلەر باش - بويۇنلىرىنى بۈدۈرلەش ، بوياش بىلەن بەند .

بىلىم بازارلىشىۋاتقان بۈگۈندە بۇنداق باغۋەنلەر باغۋەن بولالمايدۇ . بەلكى بوياقچى ، بىلىم بېغىدىكى بىكېرەك باراڭدىن بەتتەررەك . بۇنداقلارنىڭ بەتبەشىرسىدىن ، بىنورمال بەلگلىرىدىن بالىلار بەك بىزار .

بىلىمسزلىك بەخىتسىزلىككە باشلايدۇ . بالىلىرىمىز بەختىسىز بولسا ، بىزنىڭ باغۋەنلىك بەلگىمىز ، بىلىم باغچىسى بولمىش بارگاھىمىز - بازىمىز بەربات بولغان بولمامدۇ ؟

بىزگە باشاقسىز بۇغداي ، باچكىسىز بۆدۈنە بىكېرەك . بىز بۈگۈنگە باقمىساق ، بۈگۈن بىزگە باقمايدۇ . بىز بەدىنىمىزدىكى بايىقىدەك بىنورمال بەلگىلەرنى بالدۇراق بايقاپ ، بۇنى بىر بالايىئاپەت ، بوھران بىلىپ ، بالىلىرىمىزنى باشقىدىن باغىرىمىزغا باغاشلايلى . باشلىلارنىڭ بالىلىقىدىن باتنىماي ، بىلىم باغچىسىغا باشلايلى .

بىزمۇ باشقىلارغا بېقىپ بېكىنمچىلىكتىن ، بۇرۇقتۇملۇقتىن بوشىنىپ ، بولمىغۇر بوپا ، بويۇنتۇرۇقلارنى بارخانغا بېسىپ ، بۈگۈنگە ، بازارغا بۇرۇلايلى .

بىز باغۋەنلەر بىر نىيەتتە بىرىكىپ ، بېلىمىزنى بەكرەك باغلاپ ، بىلىمىمىزنى بالدۇرراق بېيىتىپ ، بالىلىرىمىزنى بىلىم بېغىنىڭ بوستانلىقلىرىدا بەھوزۇر بەھىرلەندۈرۈلۈپ ، بىر- بىرى بىلەن بىلىمدە بەسلەشتۈرۈپ ، بىلىم بىناسىنى بېزىمىسەك ، بۇلارنىڭ باھار باغچىسىنى بىلىم بىلەن بۈك - باراقسانلاشتۇرمىساق بولمايدۇ . بۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ بۈزۈرۈكلىرىمىزنىڭ : « بىلەكلىك بىرنى بابلار ، بىلىملىك بىرمۇنچىنى » ، « بوياق بىلەن بويغىچە بويۇڭنى ، بىلىم بىلەن بېزىگىن بېشىڭنى » غا بىنائەن ، بالىلارغا بىلىم بېرىش بىلەن بىللە ، بۈيۈك بولۇشنىڭ بەلگە - باسقۇچلىرىنىمۇ بىلدۈرمىسەك بولمايدۇ . بىز بۇ باسقۇچلاردىن بالىلارنى باشلاپ ، بايراقدارلىق بىلەن بۆسەيلى .

بىزنىڭ بالىلىرىمىز بەئەينى بېھىش باغلىرىدىكى بىناۋا بۇلبۇللاردەك ، بايانداي ، بورتالا ، بايىنغۇلىن ، بار كۆل بوستانلىقلىرىدىكى بوشلۇقلاردىن باشقا ، بۇخارا ، باغداد، بومباي ، بېرلىنلارنىڭ بىلىم بوشلۇقلىرىدىمۇ بىرىنچى بولسۇن . بىز بۇنىڭغا بىجانىدىل بەدەل بېرەيلى .

بىز بۈگۈندىن باشلاپ ، بارلىقىمىزنى بالىلارغا ، بالىلارنىڭ بەخىتىگە ، بالىلارنىڭ بارلىقىغا بېغىشلايلى ! بۇ بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۈيۈك بۇرچىمىزدۇر . بۇ بارلىق باغۋەنلىرىمىزنىڭ بەرھەق بەلگىلىمىسى بولسۇن ، بىزنىڭ بالىلىرىمىز بىلىملىك ، بەختىلىك ، باتۇر ، بېجىرىم بولسۇن .

ئەسكەرتىش : ئەسەرنىڭ ئېھتىياجى بىلەن « بىلىكى چوڭ بىرنى يېڭەر ، بىلىمى چوڭ مىڭنى » ، « بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى ، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى » دېگەن ماقاللار قىسمەن ئۆزگەرتىلدى .

مەنبە : مائارىپ ژورنىلى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12770
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2823 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 04:41:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا رەھمەت

سۈكۈت ئاجىزلىقتىن ئەمەس ، سەۋىردىن بىشارەت.

سەۋر _ نەقەدەر گۈزەل

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1729
يازما سانى: 2049
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 122357
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 2613 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 04:43:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام نازۇك ھەدە مېنى تۇنىدىڭىزمۇ؟ كوت-كوتتا يوق تۇرىسىز سىز بىلەن پاراڭلىشاي دىسەم ،ھازىر  ئۆگىنىشىم سەل ئالدىراش دەڭە...مەن ئۇچۇر قىلالمىدىم .مەن تۇرۇشلۇق ئەزا گۇرۇپپىسىنىڭئۇچۇر قىلىش ھوقۇقى يوق ئىكەن. ماڭا ئۇچۇر قىلارسىز ... بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق خوشال بولدۇم ... ئەمىسە مىنى ئىزدەشنى ئۇنۇتماڭ -ھە!

غــــەيرەت قىـل ئــاي !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1929
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8676
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2011-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 04:43:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەپسىز!!!
بالىلار بولغاچقىلا دۇنيا تېخمۇ گۈزەل ،، ھەم ئىللىق!!
دوسلار ئۇنتۇپ قالمايلى كەلگۈسىدە باللىلارنىڭمۇ ھەققى بار !!

ئـاق ئـاتـلـىـق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 993
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14413
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 756 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 04:45:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپسۇس...
بۈگۈن بارلىق بالىلار بازارغا بارماقچى...

ئـادەم خـوشـال بـولىۋەرمەس كـۈلسىلا، خـوشـاللىققـا بـەلـگـە ئەمەس كۈلكىلا. ئـويـلىمىغىن غەملا كۆرسەڭ قايغۇ دەپ، ياشاش دىگەن ئاسان ئەمەس ئۇنـچىلا.

ظالدصغا قاراپ ما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1703
يازما سانى: 600
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11465
تۆھپە نۇمۇرى: 523
توردا: 7988 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 04:45:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يوللاپسىز باللارنىڭمۇ بايرىمىنى مۇنبەردە موبارەكلەپ قويايلى !!

ئۆزئۆيۈڭنىڭ چىرىغى پەقەت ئۆزۈڭنىڭ ئۆيىنىلا يۇرۇتالايدۇ!!!!

سەلتەنەت سۈر ئەي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1305
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16139
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 574 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 05:01:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىقىمىزنى بالىلارغا بېغىشلاپ بەلەن بالا باقايلى !!!!

بىنا سالدىم،كۈن نۇرىنى توستى،شامال كىرسۇن دەپ دەرىزە ئاچتىم پاشا-چىۋىن كىردى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 971
يازما سانى: 1639
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15401
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2015 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 05:40:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  suzuk-ay كە 2010-06-01 04:43 PMئەۋەتىلدى  :
سالام نازۇك ھەدە مېنى تۇنىدىڭىزمۇ؟ كوت-كوتتا يوق تۇرىسىز سىز بىلەن پاراڭلىشاي دىسەم ،ھازىر  ئۆگىنىشىم سەل ئالدىراش دەڭە...مەن ئۇچۇر قىلالمىدىم .مەن تۇرۇشلۇق ئەزا گۇرۇپپىسىنىڭئۇچۇر قىلىش ھوقۇقى يوق ئىكەن. ماڭا ئۇچۇر قىلارسىز ... بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق خوشال بولدۇم ... ئەمىسە مىنى ئىزدەشنى ئۇنۇتماڭ -ھە!

مەنمۇ سىزنى قانداق ئىزدەرمەن، مىنىڭمۇ ئۇچۇر قىلىش ھوقۇقۇم يوقكەن،سىزنىڭ كوت كوت نومۇرىڭىزنى كىم بىلىدۇ، شۇ ئىسمىنىلا دەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.مەن سىزنى راستىنلا بۈلەلمىدىم، ھازىرقى ئوقىۋاتقان يىرىڭىزنىڭ ئىسمىنى دەپ بىرەلەرسىزمۇ ياكى بىرەر بەلگە بولسىمۇ بولىدۇ.

ئاھ ئۇرۇش ـــ ئا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1401
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10493
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 676 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 07:05:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئۇستا ماھارەت بىلەن يېزىلغان ئەسەركەن .ئاپتورغا رەھمەت.
يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت .

ئادەم بولمىساڭ ئەقلىڭ بىلەن، ئەخمەق بولارسەن ساقىلىڭ بىلەن!

سەۋر _ نەقەدەر گۈزەل

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1729
يازما سانى: 2049
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 122357
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 2613 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-2 09:40:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت  0999nazuk كە 2010-06-01 05:40 PMئەۋەتىلدى  :


مەنمۇ سىزنى قانداق ئىزدەرمەن، مىنىڭمۇ ئۇچۇر قىلىش ھوقۇقۇم يوقكەن،سىزنىڭ كوت كوت نومۇرىڭىزنى كىم بىلىدۇ، شۇ ئىسمىنىلا دەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.مەن سىزنى راستىنلا بۈلەلمىدىم، ھازىرقى ئوقىۋاتقان يىرىڭىزنىڭ ئىسمىنى دەپ بىرەلەرسىزمۇ ياكى بىرەر بەلگە بولسىمۇ بولىدۇ.

ئىشقىلىپ سىزدەك ياخشى ھەدەمنى چۇقۇم تاپىمەن.سالامەت تۇرغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ خوشال بولدۇم ...سالامەت بولۇڭ ھەدە...كۈلۈپ ياشاڭ!

غــــەيرەت قىـل ئــاي !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش