بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خانقورا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-22 12:50 AM
) p& `5 V; {8 d( M" S, R/ O* t8 f. L' W7 H, k7 n
ئانا مۇھىممۇ خۇتۇنمۇ؟$ t' y+ E, \ v- O
رىزىۋانگۈل ئوبۇل
4 O. F' `6 M0 H" ` v. X1 K/ X2 `
% z7 A( m7 h. Y' b( F" | بىر تۇنۇشۇمنىڭ دوسىتلار چەمبىرىكىدىن تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ قالدىم،(خەنزۇچە ئىكەن،ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق:ئاناڭ سىنى سەن توي قىلغۇچەباقىدۇ،لىكىن ئايالىڭ ساڭا ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىغىچە ھەمراھ بۇلۇپ ھالىڭدىن خەۋەرئالىدۇ،ئاناڭدىن كىيىن قالسا ساڭا خۇتۇنۇڭ ئەسقاتىدۇ.....قاتارلىق،بۇنىڭدا ئايالىڭ ئاناڭدىن مۇھىم دىگەندەك بىر مەزمۇن چىقىدىكەن)بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ كۆڭلۈم تۇلىمۇيېرىم بولدى،مەنمۇ بىر كىلىن،مىنىڭمۇ بىر ئوغلۇم بار،لىكىن مەن ئەزەلدىن يولدىشىمنىڭ مىنى ئانىسىدىن ئۈستۈن كۈرىشىنى ئۈمۈد قىلىپ باقمىدىم ھەم ئۇنداقمۇ ئويلىمايمەن،ھەتتا يولدىشىم ئانىسىغا يان بېسىپ مىنىڭ كۆڭلۈمگە ناھەق ئازار بەرگەن چاغلاردىمۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن سۈيۈنگەن ئىدىم،ھەم مۇشۇنداق بىر ئەركەك بىلەن ئائىلە قۇرالىغانلىقىمدىن خوش بولغان ئىدىم،مۇشۇ ئۇيۇمدىن بولسا كېرەك قېيىنئاپامنى خۇددى ئۆز ئانامدەكلا ياخشى كۆرۈپ كەلدىم،ئارىمىزدائۇقۇشماسلىقلار،چۈشىنىشمەسلىكلەر بۇلۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز كۆڭلۈمگەئالماي.خۇددى ئۆز قىزىدەك ھالىغا يەتتىم،ئاخىرى قېيىن ئاپامنىڭ ياخشى ياردەمچىسىگە،ۋاپادار قىزىغا،كۆڭۈلدىكىدەك مەسلىھەتچىسىگە ئايلاندىم.
H: g7 ?6 n# X) ^0 I. U, F& _- w
لېكىن تۇرمۇشتىكى مۇشۇ تەرەپتىكى مەسلىلەر ،بەزى كىلىنلەرنىڭ قېيىنئاپىسىنى ياراتماسلىقى،كۆڭلىگە ئازار بىرىشى،شۇ سەۋەپلىك يولدىشىنى تەڭلىكتەقۇيۇپ،يولدىشىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن ياتلاشتۇرىشى،ھەتتا مۇشۇ سەۋەپلىك ئائىلىسىنى بۇزۇپ باللىرىنى يىتىم قىلىشى،بەزى ئوغۇللارنىڭمۇ توي قىلىپ بۇلۇپلا ئاتا-ئانىسىنى ئۇنتۇپ قېلىشى،ئايالىنى،باللىرىنى دەپ ئانىسىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىشى مىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ،كۆڭلۈمدە شۇ كىچىككىنە ئوغلۇمغا ئىنساپ تىلەيمەن،بىز ئىككى كۈن دەم ئېلىش ۋاقتىدا باللىرىمىزنى ئۈزىمىز بېقىپ قانچىلىك چارچاپ كىتىمىز؟شۇچوڭلارمۇ بىزلەرنى بېقىپ چوڭ قىلغۇچە شۇنداق چارچىغان بولغىيدى ،ئەمدى بىزنىڭ باللىرىمىزنى بېقىپ بىرىۋاتىدۇ،شۇ قېيىن ئانىمىزمۇ شۇ ئوغۇلدىن نۇرغۇن ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى كۈتكەن بولغىيدى،شۇ ئوغۇلنى باققۇچە تالاي كىچىلەرنى ئۇيقۇسىزئۆتكۈزۈپ،نۇرغۇن جاپالارنى چەككەن بولغىيدى،شۇ ئوغۇلنى بىزگە يارىغۇدەك دەرىجدەتەربىيلەپ قاتارغا قوشقان بولغىيدى،ئۇنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلىپ،قاتارغاقوشۇپ،ئاندىن نۇرغۇن چىرايلىق قىزلار ئارىسىدىن بىزنى تاللاپ ‹‹مۇشۇ قىز ئوغلۇمغالايىق كىلىدىكەن،ماڭا كىلىن بۇلۇشقا لايىق كىلىدىكەن،كەلگۈسىدە مىنىڭ قۇلۇمغاقول،پۇتۇمغا پۇت بۇلۇپ ئاخىرقى ئۆمرۈمدە مىنى خاتىرجەم قىلالايدىكەن ››دىگەن ئۈمىتتە ئىشەنىچ بىلەن بېشىمىزنى قۇشۇپ قويغان بولغىيدى،لىكىن بىز نىمىشقا شۇبىچارە ئايالنى ياقتۇرمايمىز؟نىمىشقا شۇلاردىن كىچىككىنە مىھرىمىزنى ئايايمىز؟نىمىشقا ئەرلىرىمىزنى شۇلارغا ۋاپادارلىق يەتكۈزگىلى قويماي،ئۇلارنى ۋاپاسىز،لىڭتاسما ئەرلەر قاتارىغا چىقىرىۋىتىمىز؟نىمىشقا ئۈزىمىز باش بۇلۇپ ئۇلارغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈپ،ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتىپ باللىرىمىزغا بىر مەيدان ئەمەلى ۋاپادارلىق دەرىسى ئۆتەلمەيمىز؟ئۇلار بالا بېقىپ،نەۋرە بېقىپ ھالىدىن كەتكەندە بىزنىڭ سىلكىشلىرىمىزنى كۈتۈرەلەمدۇ؟ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان ۋاپادارئوغۇللار،ۋاپادار كىلىنلەر بار،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنىتلىك بۇرچىنى ياخشى ئاداقىلىپ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىغا پەرزەنىتلىك مىھرىنى يەتكۈزىۋاتىدۇ،لىكىن بىزنىڭ يەنە بىر قىسىم ياشلىرىمىز بۇ نوقتىغا سەل قاراۋاتىدۇ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ھىسياتىنى ئويلاشماۋاتىدۇ،خۇددى ئاتا-ئانىسى جاھانغا تۈۋرۈك بۇلىدىغاندەك.ئەمەلىيەتتە چوڭلار بىزدىن كۆپ نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ،ئۇلارنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنى پەقەت ياخشى مۇئامىلە،ئىللىققىنە بىر ئېغىز سۆز،مىجەزى يوق بۇلۇپ قالغاندا ئىتىپ بىرىلگەن بىر چىنە سۈيۈقئاش،كۆڭلى يېرىم بولغاندا ئاڭلاشنى خالايدىغان چىرايلىق بىر ئېغىز تەسەللى،كۈندە بىر قېتىم ئۇرۇلغان ھال سوراش تېلىغۇنى خالاس،ئۇلار بىزگە بىزنىڭ دۇنيارىمىزنى بەردى،بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرۈكىنى بەردى،بىزنىڭ قەدىر-قىممىتىمىزنى نامايەن قىلىۋاتقان،بىزنى بەخىت بۈشۈكىدە ئەللەيلىتىۋاتقان ھېلىقى ئەركەكنى بەردى،لىكىن بىز نىمىشقا ئۇلار بىزدىن تەلەپ قىلىدىغان شۇ كىچىككىنە نەرسىنى ئۇلارغا بىرەلمەيمىز؟بەلكىم ئۇلار بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە ئازار بەرگەن ،بىزنى ئۆز قىزىدەك كۆرمىگەن دىيىشى مۇمكىن،ئۇ بەلكىم سىزدىن كۈتكەن نەرسىنى سىز ئۇنىڭغا بىرەلمىگەندە سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ئازار بىرىپ سالغان بۇلۇشى مۇمكىن،بەلكىم ئۇ سىزنىڭ بالىڭىزنى بېقىپ چارچاپ كەتكەچكە سىزنى بىلىپ بىلمەي سىلكىپ سالغان بۇلۇشى مۇمكىن،بەلكىم سىز ئاۋۋال ئۇنى ئۈزىڭىزنىڭ ئانىسىدەك كۆرەلمىگەچكە ئۇ سىزنى ئۆز قىزىدەك كۆرەلمىگەن بۇلۇشى مۇمكىن،بەزى قىزلار ھەتتا يولدىشىنى تەڭقىسلىقتا قۇيۇپ ئاناڭ مۇھىممۇ مەنمۇ دىگەندەك ھالەتكەئەكىلىپ قويىدۇ،شۇنداق ئوي-خىيالدىكى خانىم-قىزلاردىن سوراپ باقاي،سىزنىڭ شۇنداق دىيىشكە قانداق ھەققىڭىز بار؟كىيىن سىزنىڭ ئوغلىڭىز سىزگە تۇرماي ئايالىغا تۇرسا سىز شۇنداق بالىغا بەرگەن سۈتىڭىزگە رازى بولامسىز؟ئۇ ئانىسىغا تۇرىدۇ ھەم ئانىسىغا تۇرىشى كېرەك.
+ S1 t9 \& M/ F R. e
مەن بۇيەردە ھەرگىزمۇ خۇتۇن مۇھىم ئەمەس دىمەكچى ئەمەس،خۇتۇنمۇ مۇھىم،لىكىن ئانا خۇتۇندىن مۇھىم،ھەرگىزمۇ خۇتۇنىڭىزئۈچۈن،بالىڭىز ئۈچۈن،باشقا ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئانىڭىزنىڭ كۆڭلىگە ئازاربەرمەڭ،ياخشى نەرسىڭىز بولسا ئانىڭىزغا يىگۈزۈڭ،ياخشى كىيىملەرنى كىيگۈزۈڭ،ياخشى سۈزىڭىز بولسا دەڭ،ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭ،كۆڭلىگە تەسەللى بىرىڭ،ئايالىڭىزنى،باللىرىڭىزنى ئانىڭىزنى ھۆرمەتلەشكە،ئانىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىڭ،ئانىڭىزنىڭ سىزنى باققان چاغدىكى تارىتقان جاپاسىغا لايىق ھالاۋەتكە ئىرىشتۈرۈڭ،يوقلىيالمىسىڭىز كۈندە بەش مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئانىڭىزغاتىلىغۇن قىلىپ،ھال سوراپ قويۇڭ،ئىمكانىيتىڭىز يار بەرسە ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يوقلاپ قۇيۇڭ،كەم نەرسىللىرىنى تۇلۇقلاپ قۇيۇڭ،شۇ ئويۇن تاماشانى ئانىڭىزدىن كىيىن قالغاندا ئوينىسىڭىزمۇ يىتىپ ئېشىپ قالىدۇ،ئانىڭىزنىڭ دۇئاسىنى ئالسىڭىز ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ يۈرىشىدۇ،تۇرمۇشىڭىز بەركەتلىك بولىدۇ،ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقان قايسى ئىنساننىڭ ياخشى كۈن كۆرگەنلىكىنى كۆردىڭىز؟ئىسىڭىزدە بولسۇنكى جەننەت ئاشۇ جاپاكەش،سۈيۈملۈك،بىچارە ئانىلارنىڭ قاپىرىپ كەتكەن،قاداق باسقان،يىرىك پۇتلىرىنىڭ ئاستىدا ھەرگىزمۇ خۇتۇنىڭىزنىڭ پۇتىنىڭ ئاستىدا ئەمەس.