مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6851|ئىنكاس: 11

دۆت قوي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

70

يازما

77

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 76622
يازما سانى:
70
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3940
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
55 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-2-26
ئاخىرقى:
2016-3-26
شامال ئېغىزىدا تۇرالىسا ، ئىشەكمۇ ئۇچىدۇ !
0 l6 e# E: H9 _; N  }" o        _____ لېيجۈن
0 M5 g! B- }# d+ X0 g5 O       شامال ئېغىزىدا تۇرالمىسا قۇيۇندا پىرقىرايدىغان ئىشكەن .$ \% J9 B+ u% l4 ~7 {6 j
    ( I6 q- l+ y& P; P
ماۋزۇنىڭ سەت قۇيۇلۇپ قالغانلىقىغا ئۈزۈممۇ خىجىل ، چۈنكى قوي دىگەن ھايۋان ، ئەلۋەتتە دۆت بولىدۇ دە .
  O# l/ y8 P" X       كىچىكلىكىمدە قوي باققىلى چىققاندا مۇنداق بىر ئىش يۈز بەرگەن :      بىر تەرىپى دەريا يەنە بىر تەرىپى چوڭ بىر ئۆستەڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەھەللىدىكى بالىلار قوي بېقىۋاتقانتۇق ، بىز ئەتىگىنى قوينى باققىلى ئاچىققاندا ئۆستەڭدە سۇ يوق قۇرۇق ئىدى ، ئەمما كەچتە قايتاشىمىزدا قارىساق ئۆستەڭدە لىققىدە سۇ ئۆتەلمەي تۇرۇپ قالدۇق . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆستەڭمۇ كەڭلىكى 5-6 مىتىر كەلگۈدەك چوڭ ئىدى . ئۆتمىسەك قايتالمايمىز ، ئۆتەيلى دىسەك ئالدىمىزدا تىز ئېقىۋاتقان سۇ ، باشقا ئايلىنىپ كەلگۈدەك يول يوق . قوينى سۇغا قارىتىپ ھەرقانچە ھەيدىسەكمۇ قەتئىي ماڭغىلى ئۇنىمايۋاتاتتى ،  قانداق قىلىش كېرەك ؟  ئاخىرى بىر ئامال تاپتۇق ، يەنى قوينىڭ ئارىسىدىن چوڭراق قويدىن بىرنى تۇتۇپ ئۈچەيلەن كۈچىگەنچە ئۆستەڭگە سۆرەپ كىردۇق ، قوي سۇدا پىلتىڭشىپ بىزگە بوي بەرمەي قېچىشقا ئۇرۇنىۋاتاتتى ، بىزمۇ بوي بەرمەي قوينى ئۇ تەرەپكە ئۆتكۈزدۇق . ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەنزىرە بىزنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى ۋە بىزنىڭ مەخسىدىمىز ناھايىتى ئاسانلا ئىشقا ئاشتى ، قويلارنىڭ ھەممىسى ئۆلە - تىرىلىشىگە باقماي سۇغا ئۆزىنى ئاتتى ، 150 دىن كۆپرەك قوي كەينى كەينىدىن سۇغا ئۆزىنى ئېتىپ قارشى قىرغاققا يامىشىشقا باشلىدى . بىردەمدە بىز قىرغاقتا تاماشا قىلىپ تۇرغۇچە ھەممە قوي ھەتتا پاقلانلاردىن تارتىپ قارشى قىرغاققا ئۆتۈپ بولدى . پاھ ، ئۆزىمىزنىڭ ئەقلىدىن پەخىرلىنىپ بىر بىرىمىزدىن تۆھپە تالىشىپ خۇشال ئۆيگە ماڭدۇق .
+ }1 v; G9 g4 _7 d8 H4 _..............
% q$ ~7 V' \' _- ^4 X7 i, [' Gئېغىلغا كىرىپ  قويغا ئوت سېلىۋاتاتتىم ، مەن بىر باشتىن ئوت سېلىپ كىلىۋاتسام قوينىڭ ھەممىسى مەن نەگە ئوت سالسام شۇ يەرگە ئولىشىپ كىلىۋالدى ، بىر بىرسى بىلەن ئۈسۈشۈپ تەييار سېلىپ بەرگەن ئوتنىمۇ بىر بىرسىگە يىگۈزمەيۋاتاتتى . ئەجەپمۇ دۆت ، قىزغانچۇق نىمىلەكەنسەن دەپ تىللاپ يېنىپ چىقتىم . . u: ^) \3 L: q
.............  b+ u; `4 |0 o* ~. `6 K8 U0 u

6 N; C" n6 d# G) s1 c        قوي تارىختىن بۇيان بىزگە ھەمراھ بولۇپ كىلىۋاتقان ، تاتلىق گۆشلىرى بىلەن تائام ئۈستىلىمىزنى مول غىزالارغا تولدۇرۇپ كىلىۋاتقان ئىسىل ھايۋان . بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ گۆش ئىستىمالىمىز قوي گۆشىدۇر . ئەمما بۇ قوينىڭ شۇنداق بىر ئەسكى مىجەزى باركى ، بىر توپ قوينىڭ ئىچىدە بىر قوي چىقىپ بىر يانغا ماڭسا ھەممىسى كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭىدۇ ، ئەگەر مەن يۇقاردا دەپ ئۆتكەن ھېكايىدىكىدەك ئارىسىدىن بىر قوينى تارتىپ سۇغا تاشىلىۋەتسىڭىز ھەممىسى كەينىدىن ئەگىشىپ سەكرەيدۇ . ماشىنا ھەيدەيدىغانلار قوي توپىغا دۇچ كىلىپ قالسا قويدىن بىرسى شۇنداق ماشىنا ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھامان قالغانلىرى ئۆلىشى بىلەن كارى يوق ماشىنا ئالدىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ . ئېغىلدىكى قويغا ئوت سېلىپ باققانلاردىن سورىسىڭىز ، قوينىڭ ئالدىدا شۇنداق ئىسىل ئوت بار يەۋاتقان ھالەتتە سىز باشقا يەرگە ئازراق ئوت كۈتۈرۈپ ماڭسىڭىز قويلار ئۆزىنىڭ يەۋاتقان ئوتىنى تاشلاپ ئەگىشىپ ماڭىدۇ . ئالدىدا يەيدىغان نەرسىسى تۇرسا يەنە باشقا قوينىڭ ئالدىدىكى ئوتنى تالىشىدۇ . دىمەك قوي توپى بىر بىرىگە قارىغۇلارچە ئەگىشىدۇ ۋە بىر بىرىدىن بەك قىزغىنىدۇ . 8 U4 m. d5 \/ K% q  o1 v
        قوي گۆشىنى دۇنيادا كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان  بىزلا ئەمەس ، يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەردە قوي گۆشى ئىستىمال قىلىدۇ . ئەمما بىر ئىشقا شۇنچە سەپ سالدىمكى مۇشۇ قوينىڭ نۇرغۇن غەلىتە مىجەزلىرى بىلىپ بىلمەي بىزگە << يۇقۇپ >> قاپتۇ . مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ، كارخانىچىلىقتا يامان ئەمەس تەربىيە كۆرگەن ، گەرچە بەك چوڭ ئىش قىلمىساممۇ چوڭ ئىشلارغا نەزەر سېلىپ تۇرىۋاتقان بىر كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قويدىكى بۇ مىجەزنىڭ كارخانىچىلىقتىكى ئىپادىسىنى كۆرۈپ ھەيرانە ھەۋەس قىلىپ قالدىم . مۇشۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەن بەلكىم كۆز ئالدىغا تېلىۋىزۇردىكى ئېلانلارنى كەلتۈرۈپ مىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈردى . مەن كارخانىچىلارنى ھەرۋاقىت قوللايدىغان ، مەدەت بېرىدىغان ، ئىزىدىنىدىغانلارنىڭ تەرەپدارى مەن ، ھەرگىزمۇ كارخانا قۇرغانلارنى ھاقارەتلەپ  ، زاڭلىق قىلىپ سۆزلىگۈدەك سالاھىيىتىم يوق . چۈنكى بىر كارخانىنى قانداق قىلىپ ماڭدۇرۇپ  تۆت تەڭگە پۇل تېپىپ ، خىزمەتچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى بىرىپ ، ھەممە تەرەپكە پالاقشىپ شۇ ئىشلارنى قۇلاشتۇرۇپ مېڭىشنى پەقەت شۇنى قىلىپ باققانلار بىلىدۇ .  ھەقىقەتەن ھازىرقى ئۇچۇر ئېگىلىكى دەۋرىدە بىر ئىش قىلماق ھەقىقەتەن تەسلىشىپ كەتتى . ئەمما نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ جەمئىيەتنى يىتەكلەپ ماڭىدىغان بىر يۈكسەك ئورۇندا تۇرۇپ يەنە قويلارچە ئىدىيە بىلەن مېڭىۋاتقانلىقى تازا كاللامدىن ئۆتمىدى . بىزنىڭ كارخانىچىلىرىمىز ئارىسىغا ئالى مائارىپ تەربىيسى كۆرگەن زىيالىيلار توپىمۇ كۆپلەپ سىڭى كىرىۋاتىدۇيۇ يەنىلا بۇ ئىز قوغلاپ مېڭىش ئەندىزىسى يەنىلا ئۆزگەرمىدى . بىز بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن دورىشىمىز كېرەك ، چوقۇم دورىشىمىز كېرەك ، ئەمما قويلارچە ئۇسۇل بىلەن ئەمەس ، بىز چوقۇم يېڭىلىق ياراتقان ئۇسۇل بىلەن ، باشقىلارنىڭ كامچىلىقىنى تۈگەتكەن ئاساستا ، ئىچكىردىكى ۋە چەتئەللەردىكى مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ ئۆزىگە خاس يول تۇتقان شىركەتلەرنىڭ ئەندىزىلىرىنى دورىساق ، چىرايلىق گەپ بىلەن دىگەندە ئۆگەنسەك بولىدۇ . 2015 - يىلى كىتاپ ئوقۇش تۈرىتكىسىدە خېلى كۆپ ئادەملەردە كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى ، ئەمما كىتابچىلىقىمىزدا ئىقتىساتقا مۇناسىۋەتلىك كىتاپ كامچىل بولغاچ كارخانىچىلار رومان ئوقۇشقا چول تەگمەي كۆپ كىتاپ ئوقۇيالمىغان بولىشى مۇمكىن .  مەن بىر كېتىم يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ مۇنداق بىر سوئالغا دۇچ كەلدىم . ئىمتىھان ئالغۇچىلار مەندىن رۇس تىلىنى بىلەمسىز دەپ سوراشتى ،  مەن پەقەت بىلمەيتىم ھەم بىلمەيمەن دەپ جاۋاب بەردىم . ئۇلار ئۈمۈدسىزلىنىپ مىنى قوبۇل قىلماسلىقنى ئويلىشىپ قالدى ، ئەمما مىنىڭ ئاخىرقى بىر ئېغىز گىپىم ئۇلارنى قايىل قىلىپ قالدى ، يەنى مەن رۇس تىلى بىلمەيمەن ، ئەمما رۇس تىلى بىلىدىغان ئادەمنى ئىشلىتەلەيمەن . كارخانىچى ھەممە ئىشنى بىلىپ كىتەلمەيدۇ ، ئەمما ئۇ ئاشۇنداق بىلىدىغان بىرسىنى ئىشلىتىشنى بىلىش كىرەك . خىزمەتچىلىرىگە مەبلەش سېلىپ ئۆگىتىش كېرەك ، ئۆگىنىشى كېرەك .  مەن مۇشۇ يازمىنى يېزىشتىن بۇرۇن ئىككى سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇرچە ئۇلىنىش تور بىكەتلىرىدىكى بارلىق كارخانا توربىكەتلىرىنى  ئېچىپ باقتىم . 70% تور بىكەت ئېچىلمىدى ، ھەتتا بىز تېلىۋزۇردا قۇلىقىمىز تىشىلىپ كەتكۈچە ئېلانلىرىنى ئاڭلىغان شىركەتلەرنىڭ تور بىكەتلىرىمۇ شۇنداق .  ئېچىلغانلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى تور بىكەتنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتىلا يېڭىلاپ قويغان مەزمۇنى بىلەن تا ھازىرغىچە شۇ پېتىكەن . بىزنىڭ ھازىرقى زامان كارخانىچىلىقىمىز باشلانغان 20 يىل مابەينىدە نۇرغۇنلىغان جەڭلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ گۇۋاھچى بولۇپ تۇرۇپتىمىز ، كارخانىچىلار تەرەققى قىلدىيۇ  لىكىن بىز يەنىلا كارخانىچى دىگەن بۇ قالپاقنى كىيگەن ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئالدى بىلەن نومۇس قىلىشىمىز كېرەك ( ئەلۋەتتە ھەممىسى ئەمەس ) . نومۇس قىلىپ بولغاندىن كېيىن بىز كىمنى دورايمىز شۇنى بىكىتىشىمىز كېرەك .  ھازىر دۇنيانىڭ يەنە بىر چىتىدىكى شىركەتلەرنىڭ نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر كۆرۈپ بىلىپ تۇرىۋاتىمىز ئاز تولا ، بىزمۇ ئاشۇلار بىلەن دەۋرداش بولغان كارخانىچى بولغانىكەنمىز شىركىتىمىزدىن ھازىرقى زامانغا خاس بولغان ئىلمىنتلار تېپىلسۇن ، مۇشۇ دەۋردە شىركىتىنىڭ تور بىكىتىنى راۋان ماڭغۇزۇپ بولالمىغان ، گاچچىدە توردىن ئىزدىسە چىقمايدىغان شىركەتنى بىز يەنە نىمە دەيمىز ؟ داداڭلار پۇل تاپساڭلار تېلىۋزۇرغىلا چىقىڭلار دەپ ۋەسىيەت قىلىۋەتمىگەن بولغىيتى ؟
3 o7 E6 D- e5 H& j- Fبىزنىڭ كارخانىلار ئىچىدە قۇرۇلغىنىغا10 نەچچە يىل بولغان كارخانىلار بار ، ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ تىجارەت نىشانىنى بىكىتىپ بولالماي كىم بىر ئىش باشلىسا كەينىدىن سوڭدىشىدىغان . خېلى كۆپ ئىجتىھاتلىق كارخانىچى دوستلار ياخشى تۈرلەرنى ئېچىپ ئوبدان باشلىنىش قىلغان ، ئەمما بىر تۈركۈم پاقلانلار كەينىدىنلا سوڭدىشىپ بازارنى پوق قىلدى .  كارخانىچلار توغرىسىدا نۇر غۇن ئادەم سۆزلەپ باقتى ، ئۆزىچە يول كۆرسىتىپ باقتى ، ئەمما ئۈنۈم بەكلا ئاز بولىۋاتىدۇ . بىز 2010-يىلىدىن كېيىن قۇرۇلغان ( ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىسى توغرۇلۇق گەپ ئېچىشقا ئاجىز بىز )  ئىچكىردىكى ۋە باشقا رايونلاردىكى شىركەتلەر بىلەن ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى ، بىزنىڭ 10 يىلدا ياراتقان قىممىتىمىزنى ئۇلار بىر يىلغا قالماي يارىتىپ بولىۋاتىدۇ . ئۇلار نىمىگە تايىنىدۇ ؟  ئۇلار ئۇچۇر ، سانلىق مەلۇمات ، تېخنىكا ، يېڭىلىق ۋە بازار بايلىقىغا تايىنىدۇ . بىز ئۇلار بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتالمىساقمۇ ، ئۆزىمزگە لايىق يېڭىچە ئۇسۇللارنى بارلىققا كەلتۈرەيلى ، بازارنى قالايمىقان قىلماي رىقابەتچى بىلەن تېخىمۇ قايناق بازار شەكىللەندۈرەيلى .
* w3 }5 ^2 f% S9 n; [' Y

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5

تېما

153

يازما

158

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 131796
يازما سانى:
153
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
339
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
128 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-12-7
ئاخىرقى:
2016-3-24
ۋاقتى: 2016-2-12 22:40:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما لېكىن يامان جىقكەن مۇشۇنداق بىرنىڭ كەينىدىن بىرسى ئوخشاش مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىپ …  ئىچىملىك ، سوپۇن ، كاستىيۇم ، سۈت پاراشوكى … ئوخشاش مەھسۇلات ئوخشىمىغان ماركا ، ئۇنىڭدىن كۆرە بىر خىل مەھسۇلاتنى بىر ياكى ئىككى ئۈچلام شىركەت ئىشلەپ سۈپەتنى ياخشىلاشقا تېرىشسا تېخىمۇ ياخشى بولا تتى ، زادى شۇ » دۆت قوي « ھادىسىسى كىلىپ چىققىنى راس ھەي …

قىزىل ياقۇت

14

تېما

419

يازما

433

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 135673
يازما سانى:
419
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1026
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
97 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-1-20
ئاخىرقى:
2016-4-3
ۋاقتى: 2016-2-13 00:09:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز - ئارا قوللاش كەمچىل ، بىز خەلىقتە ، ھەممىنى ئۆزۈمدىن باشلايچۇ  دىمەستىن ، يېڭىلىق يارىتاي دىمەستىن ،ئاۋۇمۇ قىلىپتىغۇ ، مەن قىلسام بوممامدىكەن دەيدىغان كۆزقاراشلار  كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ بىزدە ...

ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ،
دەل ئۇنىڭ ئەگرى - توقايلىقىدا.

0

تېما

42

يازما

42

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 92438
يازما سانى:
42
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
528
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
257 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-2-28
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-2-13 00:44:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىدا ئوتتۇرغا قويغان مەسىللەر ئىچىدە مەن ئوخشاش مەھسۇلاتنى بىرقانچە شىركەت ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان پىكىرىڭىزگە مىنىڭ قارشى پىكىرىم بار،مىنىڭچە كارخانىلار ئوتتۇرسىدا شۇنداق رىقابەت بولغاندا،مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش ،ئالغا ئىلگىرلەش بولىدۇ.لىكىن بۇ قارىغۇلارچە ئەگىششنى قوللىغانلىق ئەمەس.

3

تېما

497

يازما

500

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 100225
يازما سانى:
497
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1522
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
463 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-11-28
ئاخىرقى:
2016-4-3
ۋاقتى: 2016-2-13 11:23:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپىمىزدىكى كۈندە كۆرۈپ تۇرىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن ئىپادىلەپ بىرىپسىز.

9

تېما

973

يازما

982

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108270
يازما سانى:
973
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2652
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
378 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-6
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-2-13 13:08:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ھەقىقەتنى يېزىپسىز! ھەممىمىز "دۆت قوي" (بۇ تەنە ئەمەس!). مەيلى كارخانىچىلىق بولسۇن، مەيلى باشقا ساھە بولسۇن، ھەممىسىدە كەتكۈزۈپ قويىدىغان يەرلىرىمىز كۆپ.  دېھىانچىلىق...جەھەتلەردىمۇ شۇنداق. يەنى بىرىمىز بىر خىل زىرەئەت تېرىساق باشقىلارمۇ دوراپ تېرىيمىز. بۇنىڭ بىلەن سېتىپ چىقىرالماي يۈرىمىز. ھەممە يۇرتنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بار. شۇ ئارقىلىق باي بولسا بولاتتى. لىكىن بىز ئۈنداق قىلالمايمىز. كورلىنىڭ نەشپۇتىنىڭ كۇرسىنى ئاقسۇنىڭ نەشپۇتى چۇشۇردى. قۇمۇلنىڭ قۇغۇنى، غۇلچىنىڭ ئالمىسى، خۇتەننىڭ ئانىرى، قەشقەرنىڭ ياڭىقى....ئىشقىلىپ بىر يەرنىڭ مەھسۇلاتىنى باشقا يەردە ئۆستۈرۈپ بىر-بىرىنىڭ بازىرىنى توستى.....گۈلچاي مەغلۇپ بولدى، مانا ئەمدى قارا ئالقات مەغلۇپ بولدى....بۇنداق مىساللار كۆپ. بىز راستىنلا دۆت!. q% ~' {/ g1 O  T* N
    سۇپۇنلارنىڭ كۆپلىكى-تاپتىم، مىھرى، چېچەن، پاكيول، پاكنۇر.......
5 p$ F' O8 i6 Z. M+ S. V    چىش پاستىلىرى-سۇيۇنچە، مىھرى، چىن نۇرى، سەردار.....
0 J. w) f: h9 ~0 a: [) u9 \.......
$ d: q( _" S5 ?  L! q     ھەممىسى بىرلىشپ بىر ياكى ئىككى ماركا قىلىپ چىقارسا بولمىدىمۇ؟!؟!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

7

تېما

70

يازما

77

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 76622
يازما سانى:
70
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3940
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
55 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-2-26
ئاخىرقى:
2016-3-26
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-13 16:02:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلاردا رىقابەت بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ياخشى ئىش ، ئەمما پەرقلىق خاسلىقنىڭ بولماسلىقى ئەڭ چوڭ خاتالىق

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

5

تېما

2973

يازما

2978

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82336
يازما سانى:
2973
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8489
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2377 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-7-1
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2016-2-14 10:43:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تېما.. .  كارخانىلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ   قەدىمنى پۇختا ئىلىپ ئاساسىنى  ياخشى قىلىپ كۈچ ئۇلاپ  ئۇزۇنغا يۈگەرسە بولاتتى..  ھەممىسى قىسقا ئارلىققا يۈگرەۋەرمەي..   
% k  J5 ?) Z; K" G$ k2 j+ I- O, Z: h4 r ئىچىملىكنىڭ تۈرلىرى نەچچە يۈز خىل  كۆپىنچىسى ئوخشاش.  ئوغۇزخان، دىيارىم، ماكا، ئىستىقبال،    سودا سۈيدىن  : ئابىدە، قۇتيار، ئەلرام، ئالىيە، زامان  .....        ئامىنە قۇۋەت، ئابىدە قۇۋەت،   ئامىنە قارىقات، يۇرتۇم قارىقات،  شاھ قارىقات دىگەندەك...    سوپۇننىڭ ماركىسنىڭ جىقلىقى.     بۇلار نىمىنى ئويلايدىكى تاڭ.   مىھرى بىلەن پەخرى بىر شىركەت بىر زاۋۇت ،  ئاققۇ بىلەن  ئاجايىپ ، چىچىياڭ بىلەن چىچەن،    زىل -زىل ،پاكدىل، پاكيول، مەستانە،  كونسىدىن پەقەت  گۈزەل.       ساناپ بولالمايدىغان ماركىلار....      ھەي...

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

6

تېما

670

يازما

676

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 97199
يازما سانى:
670
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1754
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
374 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-8-23
ئاخىرقى:
2016-4-3
ۋاقتى: 2016-2-14 11:54:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulnur0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-14 12:02 PM  % u1 `9 J1 ?* x
$ ]' |+ x) E$ P1 G* A; b
ئەسسالام تېما ئىگىسى:
( ?; E* t/ O3 t: D0 }* G5 mيازمىڭىزدىكى  كارخانىلار مەسىلىسى ھازىر دىيارىمىزدا ئەڭ ئېغىر بولۇۋاتقان،مەن نەچچە يىل بۇرۇنلا دىققەت قىلىشنى باشلىغان مەسىلە.دىيارىمىز كارخانىلاردا ئۈزئارا قوللاش ھەم ماركا ئىشەنچىلىكى ئىناۋەتلىكى بەك كەممۇ نېمە،ئەلۋەتتە رىقابەت بولغىنىمۇ ياخىشى.ئەمما سودا ساھەسىدە كارخانىچىلار بەك سەل قاراۋاتقان بىر مەسىلە.(بىر كارخانىنىڭ ئوخشاش ئىككى خىل مەھسۇلاتى رىقابەت بۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار باركەن.)بۇنىڭغا بەزى بىر كىيىم كېچەك شىركەتلىرى دەلىل بولالايدۇ،مەن بۇيەردە ئۇ شىركەتلەرنىڭ ئىسمىنى دەپ ئولتۇرمايمەن.
3 B' L4 @5 h- _   ئىشقىلىپ قانداقلا بىر يېڭى بازار بايقالسۇن،شۇنىڭ ئۇزاققا قالماي ئەگەشكۈچىلىرى چىقىدۇ.ئەينى چاغدا ئىخلاس دوسخېنىم خانىم قىزلار قۇۋۋەت تالقىنى سالدى،ئارمان كەينىدىنلا  ئارمان ئۇز خېنىمنى سالدى.كېيىن ئارمان قەدىردان چوڭلار قۇۋۋەت تالقىنىنى سالغان ئىدى،ئىخلاس ئىخلاسمەننى سالدى.كېيىن يەنە ئىخلاس فېرىمانى سېلىۋېئىدى،قاناس فېرىمامۇ بازارغا سېلىندى.......
, H' L/ [* |" h1 E% z3 Y6 @2 `   كىيىم سەركىلىرىدىن سادا كىيىملىرى چىقىۋېئىدى،ئەرلەر كىيىملىرىنىڭ ماركىسى بەس بەستە چىقتى،ئاياللارنىڭ كىيىملىرىدىن نۇرئابىدە چىقىۋېدى كەينىدىن سېھراننىڭ بازارنى بېسىپ بولدى.ھازىر ھەم مىراس بىلەن سېھران كىيىملەرنىڭ سەركىسى بولۇپ قالدى..........% `' y% f! o4 V# n: N) Y
   گىرىم بۇيۇملىرىدىن چىن  نۇرى چىقىۋېئىدى،كەينىدىن يەنە ئىفرانە،سەفىيەنىڭ چىقتى،بۇنىڭ بىلەن چىن نۇرىنىڭ ھەرخىل ئالتۇن توي،غۇنچە دېگەن ماركىدىكى يېڭى يۈرۈشلۈكلىرى چىقتى.ھازىر ئەمدى بۇ ئېلاندا دېيىلگەن گىرىم بۇيۇملىرى ،ھەم ئۈنمىنىڭ قالتىسىلىقىدىن قايسىسىنى تاللاشىنى بىلەلمەي ئاخىرىدا يەنىلا سۇلتاننى ئىشلتىشكە قايتتى(سۇلتان زاۋۇتى چىن نۇرى ،ئەمما مەن ئېسىمنى بىلىپ ئەقلىمگە توشقاندا چىن نۇرى چىققىلى باشلاپتىكەن.شۇڭا يەنىلا ھازىرقى سەركە ماركا ئورنىدا چىن نۇرىغا ھۈرمىتىم بار.)
2 g0 [4 L8 C0 s$ o0 t/ J* C     ئىستىقبال سەھنىسىنىڭ بىر سانىدا بىر ماھىر مۇنداق دېگەن :بازار تۈت خىل ئېچىلغاندا ياخشى بۇلىدۇ،يەنى قەلەمنى بىر بازار دېسەك،ئۈچۈرگۈچ ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان بازار،قەغەز ئۇنىڭغا ماسلاشقان بازار،ماي قەلەم ئۇنى كۈچلەندۈرىدىغان بازار دەيدۇ.6 o; o/ r, u! y* A  v3 A2 m
      بەزىدە مۇشۇ بىر كوچىنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغىچە ئېچىلىپ كەتكەن ئوخشاش ئاشخانىلارنى كۈرۈپ سىقىلىپ قالىمەن.پولۇ شاھى دېسە ينىدىلا يەنە پو.لۇ شاھى،دۇكان ئاتلاپ يەنە پولۇ شاھى.بىرىنچى دۇكان رەخت دۇكىنى بولسا قاتارى رەخت دۇكىنى .مەن دەيمەن رەخت دۇكىنى ئېچىڭ ،يېنىغا سەيفېڭغانا ئېچىلسۇن،ئۇنىڭ يېنىغا سەيفېڭ دۇكىنى ئېئىشلىتىدىغان نەرسىلەر سېلىنىدىغان دۇكان قىلىڭ دەپ.(ئەلۋەتتە دۇكان ئىگىسىنىڭ ،قانداق تىجارەت قىلغۇسى كەلسە مەن ئۇنىڭغا ئارلىشالمايمەن.تورداشلارنىڭ  ھاياجانلىنىپ مېنىى تىللاپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.)كىيىم كېچەك دۇكىنى ھازىر سودا ساراي شەكىلىدە بۇئوپ قالدى .بىر دۇكان مەخسۇس كىيم ساتسا،ينىدىكىسى شارپا ياغلىق ساتاسا پايدىسى يۇقىرى دەپ ئويلايمەن.ھازىر خەلقئارا چوڭ بازاردىكى تىجارەتچى سودىگەرلەرنىڭ كۈنسايىن سودا ئېڭى يۇقىرىلاپ ،تىجارەتنىڭ تاكتىكىلىرىنى ياخشى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ .سۈيۈندۈم.مۇشۇنداق قوللاشلار بولىدىكەن ،سودىگەر تىجارەتچىلەرنىڭ ئوقىتى ياخشى بولىدۇ./ K. m9 D1 G. t; h/ h$ B/ {0 i  ~
   مۇشۇ  كىتاپ ئوقۇساممۇ تاكىتىكا سودا ماھارىتىگە ئائىت كىتاپلارنى ،كىنو كۈرسەممۇ تىجارەتكە ئائىئىت كارخانىچىلارغا ئائىت كىنولارنى كۈرۈشكە بەك ئامراق.ئىشقىلىپ بىزنىڭ ئاقسۇدا سودىنىڭ يولىنى تېپىۋالسا بەك پۇل تاپقىلى بولىدۇ.مەنمۇ بازار كۈزىتىپ مەبلەغ سالسام بولىدىكەن دەپ ئويلاپ قويغان بىر نەچچە تۈر بار،يىل ئوتتۇرىسىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولىمەن.ھەم بىزنىڭ شىركەتمۇ  ئىچكىرىدىكى،شىياڭگاڭ تەيۋەندىكى خەنزۇلار پاي قوشقان پاي ھەسسىدارلىقىدىكى شىركەت بولغاچقا ،تېخنىكا ئۇلاردىن ،كۈچ ۋە يەر بايلىقى بىزدىن بولغاچ،ۋەيران بولۇش خەۋپىمۇ يوق دېيەرلىك .ئاقسۇدىكى بىردىبىر يەرلىك پاختا مەھسۇلاتلىرىدىن ئېچىپ پايدىلىنىدىغان بولغاچ ،يەر،ئادەم كۈچى ، بازار شارائىتلىرى شۇنداق ياخشى،خالىغان شىركەتلەر بازارنى ياكى سودىنى تارتىۋالالمايدۇ......
, `1 p1 F% W; G+ H   ئەگەر سودا يولىدا دۈت قوي بولمايمەن دەيدىكەن،مەھسۇلاتلارنىڭ خاسلىقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.بىزنىڭ مىللى كارخانىلار مۇشۇ نۇقتىغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرسە دېگەن ئۈمىدتە مەن.
6 N* s6 ~- j+ _: O  كەچۈرۈڭلار تورداشلار،سەل جىق سۈزلەپ قويدۇم.ئەمما يازغانلىرىمنىڭ سودا قىلىۋاتقانلارغا پايدىسى بولسا مەن مەمنىئۇن.ھە راس.مۇشۇ توربەتتىمۇ(غەم قىلىشقا نەدە ۋاقىت)دەيدىغان بىر پوۋىست بار ئىدى.مەخسۇس سودا تىجارەتكە ئائىت تاكتىكا سۈزلىنىدىغان ئەسەر ئىدى.كۈرۈپ بېقىڭلار.

ئۈزەڭنى ئەڭ قەدىرلە،بولمىسا باشقىلاردىن ئىززەت كۈتۈپ ئاۋارە بولما https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/comcom/2.gif

11

تېما

723

يازما

734

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 21530
يازما سانى:
723
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
9061
تۆھپە :
450
باھا :
341
توردا:
957 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-12-9
ئاخىرقى:
2016-4-3
ۋاقتى: 2016-2-14 12:17:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى قىلىپ باقمىسۇنمۇ ، ئاخىرىدا بازار ئۆزى  بىر نېمە دەيدۇ.                                      غەرب  ئىقتىسادشۇناسلىرى دېگەن: بازار كۆرۈنمەس قول ئارقىلىق ئۆزىنى ئۆزى تەڭشەيدۇ؛    ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: كاجنى بازار ئوڭشايدۇ، ساراڭنى مازار .

ئويۇنچۇقلار توپ ۋە پارچە سېتىلىدۇ. توپ ئالغان ماللارنى سېتىپ بولالمىسا قايتۇرۇۋېتىشكە بولىدۇ. ئۈندىدار ۋە كيۇكيۇ نومۇرى: 343549643 . يېڭى مال ۋە باھا ئۇچۇرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۈندىدار سالونى uzbolنى قوشۇۋېلىڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-4 10:26 AM, Processed in 0.123039 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش