مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5198|ئىنكاس: 8

داڭلىق ‹‹ ئىشلەمچى ›› ____ تاڭجۈن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

70

يازما

77

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 76622
يازما سانى:
70
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3940
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
55 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-2-26
ئاخىرقى:
2016-3-26
ئىشلەمچى دىگەن بۇ گەپ ئاڭلىماققا سەل سەت ئاڭلىنىدىغان گەپ ، ئەمما بۇ گەپنى بىرسى قايتىدىن چىرايلىق قىلىپ ئېنىقلىما بەردى . ئۇ بولسىمۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ خۇاڭدىسى تاڭجۈن . % n# U- g# Z$ f& U/ J
      تاڭجۈن توغرىلىق ئۇيغۇر جەمئىيتىدە بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز . بىز جوبىسنى بىلىمىز ، بىل گەيتىسنى بىلىمىز ، مايۈننى بىلىمىز ، لېكىن تاڭجۈننى بىلمەيمىز . چۈنكى ئالدىنقى ئۈچەيلەن دۇنيانى ئۆزگەرتكەن قالتىس قەھرىمانلار ، ھەممە ئادەمنىڭ شۇلاردەك بولغۇسى كىلىدۇ ، ھەممە ئادەم ئۇلارنى بىلىدۇ . ئەمما تاڭجۈن جوڭگۇ تۇپرىقىدا كارخانا قۇرغان ئەمەس ، ئۇ پەقەت ئىشلەمچى خالاس ، شۇڭا بىز بىلمەيمىز .
; H7 E4 r8 {# u$ b* K8 ~2 f) `: k. u+ f5 t8 G: m- J
     تاڭجۈن  1962-يىلى جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ چاڭجوۋ شەھرىدە بىر زاۋۇت تېخنىكى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى نامراتلىق ئىچىدە ئۆز ناھىيىسىدە تاماملاپ 1980 - يىلى بېيجىڭ پوچتا تېلىگىراف ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن . ئەينى دەۋردە تاڭجۈن ئوقۇغان مەكتەپ ھەم تاللىغان كەسپىمۇ ئادەتتىكىچە بولغانلىقى ئۈچۈن تاڭجۈننىڭ ئالى مەكتەپ ھاياتى ئانچە بەك تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق . ئەمما 1985 - يىلىدىكى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش قىزغىنلىقى بىلەن تاڭجۈن ياپونىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ياپونىيەگە بارىدىغان بېلەتنى ئاخىرى قولغا كەلتۈرگەن ۋە شۇ يىلى ياپونىيە ناگويا ئۇنۋېرىستىتىدە كومپىيوتېر كەسپىدە ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان . تاڭجۈن ياپونىيەدىكى مەزگىلدە ئۆزىگە خاس بولغان ئۆگىنىش ئۇسۇلى بىلەن قاتتىق تېرىشىپ ئۆگىنىپ ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ، شۇ مەزگىلدە ھەم ياپونىيەدىكى داڭلىق شىركەتلەرنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشىپ خېلى كۆزى ئېچىلغان . 1990 - يىلى ئامرىكىغا چىقىش ئىستىكى بىلەن ئامرىكىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا يول ئالغان . تاڭجۈننىڭ ئامرىكىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش تارىخى سەل مۈجىمەل بولۇپ 2010 - يىللىرىغا كەلگەندە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى . ئەمما 1990 - يىلىدىن باشلاپ تاڭجۈن ئامرىكىدا ئىگىلىك تىكلەشكە كىرىشىپ كەتكەن . ئۇ ئالدى بىلەن بىر يۇمشاق دېتال شىركىتى قۇرۇپ 25 تەك ئادەمگە خوجايىن بولۇپ باققان ، ئەمما باشقۇرۇش تەجىربىسىنىڭ يىتەرسىلىكى تۈپەيلىدىن ئىشى ئالغا باسماي شىركىتىنى تارقىتىۋەتكەن . كېيىن شۇ ۋاقىتتىكى جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئامرىكىغا چىقىپ ئوقۇش ، ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن بىر ئادۇكاتلىق شىركىتى قۇرغان ، شىركەتتە بارى يوق خىزمەتچى پەقەت تاڭجۈن ئۆزى ، قانۇندىن قىلچە ساۋادى يوق تاڭجۈننىڭ ئادۇكاتلىق شىركىتى ئېچىشى ئادەمنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ . ئۇنىڭ بۇ شىركەتنى ئېچىشىدىمۇ ئامرىكىدىكى ئادۇكاتلىق شىركەتلىرىنىڭ ئاغزىدىن چىققانلىكى گەپنى پۇلغا سېتىشى سەۋەب بولغان ، مەيلى ئىش ئاقسۇن ياكى ئاقمىسۇن ئامرىكىلىق ئادۇكاتلارنىڭ مىنۇت سېكونتلاپ ھەق ئېلىشى تاڭجۈننى بۇ شىركەتنى قۇرۇشىغا سەۋەب بولغان . كېيىن جوڭگۇلۇق سەنئەتچىلەرنىڭ ئامرىكىدا ئويۇن قويۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرلىشى بىلەن تاڭجۈن ئويۇن قۇيۇش شىركىتى قۇرۇپ جوڭگۇلۇق ئويۇن قۇيۇش ئۆمەكلىرىنى باشلاپ ئامېركىدا ئويۇن قويغان . بىر قېتىم مۇنداق بىر قىزقارلىق ئىش بولۇپ ئۆتكەنىكەن . جوڭگۇلۇق داڭلىق بىر ناخشىچى تاڭجۈننىڭ تەكلىپى بىلەن  ئامرىكىغا ئويۇن قويۇش تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ تاڭجۈننىڭ شىركىتى ئارقىلىق بېلەتلىرىنىمۇ سېتىپ بولغان ، ھەممە تەييارلىقلار پۈتۈپ بولغاندا بۇ ناخشىچىنىڭ ئامرىكىغا بېرىش ۋېزىسى پۈتمەي ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ ئامرىكىغا چىقالمايدىغان بىر جىددى ئەھۋال يۈز بەرگەن ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا تاڭجۈن ھەر تەرەپكە قاتراپ بۇ ئىشنى ھەل قىلالماي ئاخىر ئەينى چاغدىكى ئامرىكا پىرىزدېنتى بىل . كېلنتونغا بىۋاستە خەت يازغان ۋە پىرىزدېنتنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى بىلەن بۇ ئىشنى مۇۋاپپىقىيەتلىك پۈتتۈرگەن . + k! n; h: Y6 g9 H( Z: I
  تاڭجۈننىڭ ھاياتى 1994-يىلى ھەممە شىركىتىنى يىغىشتۇرۇپ مىكروسوفت شىركىتىگە كىرگەندىن كېيىن قايتىدىن ئۆزگەرگەن . ئەينى چاغدا تاڭجۈن ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكى ، ئىستىقبالى بار كەسىپ تاللىيالمىغانلىقى تۈپەيلى تازا راۋاج تاپالماي 1994- يىلى مىكروسوفىتنىڭ تەكلىپى بىلەن ئادەتتىكى پىروگىراممىر سۈپىتىدە مىكروسوفت شېركىتىگە كىرگەن . تاڭجۈننىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن بىر مىجەزى ____ تاڭجۈن ھەرقانداق ئىشتا يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر ، قۇسۇر تېپىشقا ۋە شۇ تاپقان قۇسۇرنى ھەل قىلىشقا ماھىر ھەم تاڭجۈننىڭ نۇتۇق قابىلىيىتى ۋە باشقىلارنى قايىل قىلىش كۈچى بەك يۇقىرى . مىكروسوفتقا كىرىپ تاڭجۈن مىكروسوفتنىڭ windosws مەسغۇلات سىستىمىسى ئېچىش جەريانىدىكى بىر ئاجىزلىقىنى بايقاپ قالىدۇ ، يەنى ئەينى ۋاقىتتا مىكروسوفت windows مەشغۇلات سېستىمىسنى ھەرخىل تىللاردا پۈتتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن سېستىمىنى ھەرخىل تىلدا قايتا قايتا يېزىپ چىقاتتى . تاڭجۈن windows سېستىمىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ھەرخىل تىلدا يېزىپ چىقىدىغان بىر ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئاخىرى بۇنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ ۋە يۇقىرىغا دوكلات قىلىدۇ . تاڭجۈننىڭ ئەندىزىس  كۈچىنى كۆرسىتىپ مىكروسوفتتىكى بارلىق خىزمەتچىلەر تاڭجۈن تۈزۈپ بەرگەن ئەندىزە بويىچە مەشغۇلات قىلىپ نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئىقتىساد تىجىلىپ قالغان .   بۇ تۆھپىسى بىلەن تاڭجۈن 1995-يىلى Windows  nt  ئېچىش بۆلۈمىگە مەسئۇل بولغان . 1997- يىلى مىكروسوفت يۇقىرى قاتلىمىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن تاڭجۈن شاڭخەيگە كىلىپ مىكروسوفتنىڭ جوڭگۇ رايونى تېخنىكىلىق قوللاش مەركىزىنى قۇرۇپ چىققان ۋە بۇ مەركەزنى تەرەققى قىلدۇرۇپ مىكروسوفتنىڭ پۈتۈن دۇنيا تېخنىكىلىق قوللاش مەركىزىگە微软全球技术支持中心 ئايلاندۇرغان. 2002 - يىلى تاڭجۈن كۆرىنەرلىك ئىپادىسى بىلەن مىكروسوفت جوڭگۇ تارماق شېركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇپ ئۆستۈرۈلدى ۋە 微软全球技术支持中بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلدى ، 2003 - يىلى تاڭجۈن يەنە مىكروسوفىت بۈيۈك جوڭخۇا رايونى ( تەيۋەن ، شىياڭگاڭ ، ئاۋمىن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )  باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان . 2004 - يىلى ئۈچ يۆنىلىشكە بۆلۈنگەن خىزمەت بېسىمى ۋە كەسپى تەرەققىياتى ئىھتىياجى سەۋەبى بىلەن تاڭجۈن 10 يىللىق مىكروسوفىت ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىغان . مىكروسوفىت ھاياتىدا تاڭجۈن ھەممە خىزمەتچى ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىل گايتىس تۆھپە كۆرسەتكەنلەر مۇكاپاتىنى ئىككى قېتىم ئالغان ۋە بىردىنبىر بۇ مۇكاپاتنى ئىككى قېتىم ئالغان ئادەم بولۇپ قالغان ، ھەم ئۆمۈرلۈك باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق سالاھىيىتى بىلەن مىكروسوفىتتىن ئايرىلغان . ھەتتا ئەينى چاغدا بىل گايتىس تاڭجۈننى ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ئورنىدىن باشقا شىركەتتىن ھەرقانداق ئورۇننى تاللىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيىتقان .
      2004 - يىلى تاڭجۈن ئەينى ۋاقىتتىكى شەخسى ئېگىلىك كارخانىسى شېڭدا تور ئويۇنى شىركىتىگە رەسمى قۇشۇلغان ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان تور ئويۇنى ئوينايدىغانلار بەلكىم كورىيەنىڭ 传奇 رىۋايەت دەپ ئاتىلىدىغان ئويۇنىنى بىلىشى مۇمكىن ، بۇ دەل شېڭدا جوڭگۇغا ئەكىرگەن ئويۇن ۋە بۇ شىركەتنى كېيىن تاڭجۈن شېڭداغا قۇشۇۋالغان . بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن تاڭجۈن ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش جەھەتتىكى تالانتى ، نۇتۇق قابىلىيىتى ئارقىلىق خىلمۇ خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ 2007 - يىلى  شېڭدا شىركىتىنى ئامېرىكا ناسىداك پايچېكى بازىرىغا ئېلىپ كىرگەن ۋە شېڭدا ئۈچۈن نۇرغۇن بايلىق ياراتقان . تاڭجۈننىڭ شېڭدادىكى ئەڭ زور ئۇتۇقى : 235 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ شىنلاڭ تورىنىڭ 19.5 پىرسەنت پېيىنى سېتىۋالغان ۋە شېڭدانى شىنلاڭ تورىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكىگە ئايلاندۇرغان ، كورىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تور ئويۇنى شىركىتىنى سېتىۋالغان ، شېڭدانى ناسىداك پاي بازىرىغا ئېلىپ كىرگەن . پېيى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن شېڭدا ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن پايچېكى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتلاردا تاڭجۈن ئوتتۇرىغا چىقىپ قايتىدىن شىركەت ئوبرازىنى تىكلىگەن . تاڭجۈننىڭ شېڭدادىن ئالغان يىللىق مۇئاشى ۋە پايلىرى قۇشۇلۇپ تاڭجۈن شېڭدادىن ئايرىلغاندا تاڭجۈننىڭ كۈنلۈك مۇئاشى 500 مىڭ يۈەن  توختىغان ، شۇنىڭدىن باشلاپ تاڭجۈن ئىشلەمچى دىگەن گەپكە باشقىدىن ئېنىقلىما بەرگەن . 6 B  r: d- ]( U3 j2 W4 y
       2008 - يىلى تاڭجۈن كەسپى تەرەققىيات ئىھتىياجى بىلەن شېڭدادىن ئايرىلىپ بىر مىليارد خەلق پۇلى يۆتكىلىش ھەققى بىلەن فۇجىيەن شىنخۇادۇ گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇپ شىنخۇادۇغا قۇشۇلدى. شىنخۇادۇ گۇرۇھى ساياھەت ، ئۆي مۈلۈك , سودا ساراي ، كانچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ ، كېيىن تاڭجۈن ئەنئەنىۋى ساھەلەردىن پىۋا ، تاماكا قاتارلىق ساھەلەرگە ۋە يۇقىرى تېخنىكا ساھەلىرىگە كېڭەيتىشكە تۈرۈتكە بولغان ، 2008 - يىلى 港澳资讯 نى قۇشۇۋالغان شىنخۇادۇ گۇرۇھى  يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىگە بولغان تۇنجى قەدىمىنى باسقان .   2010-يىلى تاڭجۈن يالغان ئوقۇش تارىخى سەتچىلىكىگە چېتىلىپ ئوبرازىغا زور دەرىجىدە تەسىر يەتتى ، ئەمما گەپكە ئۇستا تاڭجۈن يەنىلا تەن بەرمەي ئۆزىنىڭ ئەمەلىي قابىلىيىتى بىلەن ئوقۇش تارىخى بىلەن قابىلىيەتنىڭ مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . 2013 - يىلى 1- ئاينىڭ 28 - كۈنى  شىنخۇادۇ گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىدىن ئىستىپا بىرىپ گۇرۇھ قارمىقىدىكى 港澳资讯 شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى . بۇ شىركەت ئاساسلىقى پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئاكسىيە ، بانكا ، فوند ، سۇغۇرتا ، پۇل مۇئامىلە ئاپاراتلىرى ، مەكتەپ ، يۇقىرى دەرىجىلىك كارخانا قاتارلىق ساھەلەرگە سانلىق مەلۇمات ئانالىزى مۇلازىمىتى ، پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ ، تاڭجۈن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن 深圳千寻网路,北京胜龙集团 قاتارلىق تېخنىكا شىركەتلىرىنى قوشۇۋېلىپ 港澳资讯 نىڭ بازارغا سېلىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى ۋە ئۈچ يىل ئىچىدە شىركەت پېيىنى بازارغا سالىدىغانغا  ۋەدە بەردى . تاڭ جۈن ئامېرىكىلىقلارنى ھەقىقى قايىل قىلغان جوڭگۇلۇق ، ئامرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن جوڭگۇلۇق .  تاڭ جۈن ھەتتا شېڭدانى ناسىداك پاي بازىرىغا ئېلىپ ماڭغاندا ۋال كوچىسىدىكى تاراتقۇلارنىڭ 1- بىتىدە ئەڭ قىزىق نۇقتىلىق شەخس بولۇپ قالغان . 2 j) o& o% V8 T  W) {
        تاڭجۈن مەن قايىل بولىدىغان ئادەملەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى ، مەن ئۈزۈمنى بىل گەيتىسقا ، جوبىسقا ۋە مايۈنگە ھەۋەس قىلدۇرمايمەن ، مەن تاڭجۈنگە قايىل بولىمەن ، قىزىقىمەن . چۈنكى مەن جوبس بولالمايمەن ، مايۈن بولالمايمەن ، ئەمما ماڭا تاڭجۈن بولىدىغان پۇرسەت بار ھەم بولالايمەن . تاڭجۈن جوڭگۇ كەسپى دېرىكتور ساھەسىگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى ، كەسپى دېرىكتور كەسپىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى . ئۇ ھەرقانداق ساھەگە كىرسە ناھايىتى ئاسان چۈشىنىدۇ ۋە ئۆزىگە خاس تەدبىر تۈزۈپ چىقالايدۇ . بەلكىم 港澳资讯 بازارغا سېلىنىپ بىز ئۇزۇن ئۆتمەي تاڭجۈننىڭ باشقا بىر ساھەگە يۆتكەلگەنلىك خەۋرىنى ئاڭلىشىمىز مۇمكىن . تاڭجۈن ھەرگىز شىركەت قىيىنچىلىقتا قالغاندا ، ياكى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى يەتمىگەندە شىركەتتىن ئايرىلمايدۇ ، ئۇ چوقۇم ھەرقانداق مەسىلە بولسا ھەل قىلىۋىتىپ شىركەت ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلدە ئاندىن ئايرىلىدۇ ، ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە ئاپىرىپ قۇيۇپ ئاندىن ئايرىلىدۇ . تاڭجۈن ياپونىيەدە ۋە ئامرىكىدا ياشاپ باققان ، ئۇ خىزمەتچىلىرىگە ياپونىيە كارخانىلىرىدىكى ئەستايىدىللىقنى ، ئامرىكا كارخانىلىرىدىكى يېڭىلىق يارىتىش روھىنى سىڭدۈرىدۇ . بىر قىزقارلىق يىرى تاڭجۈننىڭ تا ھازىرغىچە ئۆيى يوق ، ئۇ باللىرى بىلەن نەدىلا خىزمەت قىلسۇن مىھمانخانىدا تۇرىدۇ . # i/ j$ A1 Z& C" {* z+ K
.........
; V0 O% m: x, R% o     تاڭ جۈننىڭ ھېكايىسى تۈگىگىنى يوق ، ئۇ يەنە بىزگە يېڭى يېڭى ھىكايىلەرنى ئېيتىپ بىرىدۇ . مەن ئۇيغۇر دىيارىدا بىر تاڭجۈننىڭ چىقىشىنى بەكلا تەقەززالىقتا كۈتىۋاتىمەن ھەم مەن ئۆزۈم يېڭى بىر تاڭجۈنگە ئايلىنىش ئۈچۈن تېرىشىۋاتىمەن . ھازىر يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىنىڭ تۈرتكىسىدە كارخانا ساھەسى مىسلىسىز دەرىجىدە تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلدى ، غايەت زور بايلىق ياراتتى . 2010 - يىلى قۇرۇلغان شىياۋمى تېخنىكىسىنىڭ قىسقىغىنە بەش يىل ئىچىدە 50 مىليارد دوللارلىق بازار قىممىتى ياراتقانلىقى بۇنىڭ تىپىك ئىسپاتىدۇر . دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇنلىغان يېڭى ئىقتىسادى گەۋدىلەر ئۆزىنىڭ كەسىپ زەنجىرى ۋە ئىكولوگىيە مۇھىتىنى يارىتىۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە بىزنىڭ چۈچۈپ ئويغانمىقىمىز زۆرۈر . ئۇيغۇر كارخانىلىرى توغرىسىدا بىز سۆكۈشكىلا ئەمەس ئىزدىنىشكە مۇھتاج . دۇنيا مىقياسىدا ھەرقاندا شىركەتتە ئۈزلۈكسىز مەسىلە پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ ، ئەمما مەسىلە پەيدا قىلىپ شۇ مەسىلىنى ھەل قىلغانلار مانا بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا غالىبىيەت بايرىقىنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ . بىزدە مەسىلە ساماندەك ، ئەمما مەسىلە ھەل قىلغۇچى قەھەتچىلىكى يۈز بىرىۋاتماقتا . بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىزگە نۇرغۇنلىغان تاڭجۈندەك ، لېيجۈندەك ، مايۈندەك ۋە ئاللىقانداق ئەجنەبىلەردەك ئادەم كېرەك . بۇ ئادەملەرنى تەربىيلەش ئۈچۈن يەنە ئاللىكىملەردەك ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا ئانىلار كېرەك .1 r3 [  E  u+ f0 W$ h( ]
2 V. N2 }& k2 ~* B. U
      تاڭجۈن ئۆز مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى ياشلارغا سىڭدۈرۈش ۋە تېخىمۇ كۆپ تاڭجۈنلەرنىڭ يىتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئۆز تەجىربىلىرىنى بىر نەچچە پارچە كىتاپقا سىڭدۈرگەن . : d1 U3 i3 L4 ^  H2 O9 Q
يازغان كىتاپلاردىن : ) i- P) p7 N& m' v
我的成功可以复制* v* r$ [! b7 Q. @" O% j
做最有价值的职业经理人* c, l$ n7 ~- ]+ z; \/ |
唐骏日记
; h% b1 K& E1 \" o* o8 w跟唐骏学管理! T( O, G! s8 l$ s7 v1 Q
我还年轻,我还可以重新出发& O1 y3 E0 S; m3 v" \. E2 J9 _
商业智慧, ?* M" Y* X+ T
قاتارلىقلار بار ، توردىن سېتىۋېلىپ ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ ، دىيارىمىزدىكى كىتابخانىلاردىمۇ بار ، ئوقۇپ قۇيۇشقا ئەرزىيدۇ .8 G5 d- H) n! [! S. r' H* i

2 k# \8 h# K$ l) }8 T" {: g6 L( u( `____ ئابلىكىم @2219 ^) X$ r) w9 v+ i  L

  v' n( j( N8 [6 Q9 f) G$ X

0003470f2dae09e1c16813.jpg
2011090501471110.jpg
20141201113456355.jpg
img201007060740402910.jpg
tangjun.jpg
u=3341974605,3890276417&fm=206&gp=0.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
qayan444 + 50 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

قىزىل ياقۇت

14

تېما

419

يازما

433

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 135673
يازما سانى:
419
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1026
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
97 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-1-20
ئاخىرقى:
2016-4-3
ۋاقتى: 2016-2-13 00:20:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەقىقەتەن بۇنداق بىر كىشىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن ، ئەمدى بىلىۋالدىم ، ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ، ھەم مەغلۇبىيەتكە باش ئەگمەيدىغان باتۇرانە روھىنى ھەممىمىز ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىشقا تىرىشايلى ...

ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ،
دەل ئۇنىڭ ئەگرى - توقايلىقىدا.

0

تېما

22

يازما

22

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108564
يازما سانى:
22
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
85
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
18 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-18
ئاخىرقى:
2016-2-13
ۋاقتى: 2016-2-13 10:14:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلەمچىلىك قىلغان گۇناھ ئەمەس ھالال كۈچىگە تايىنىپ بېيىسا ساۋاپ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ

0

تېما

4

يازما

4

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 135439
يازما سانى:
4
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
43
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
14 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-1-18
ئاخىرقى:
2016-2-18
ۋاقتى: 2016-2-13 11:10:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى كەن

0

تېما

4

يازما

4

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 135439
يازما سانى:
4
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
43
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
14 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-1-18
ئاخىرقى:
2016-2-18
ۋاقتى: 2016-2-13 11:10:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى كەن

0

تېما

381

يازما

381

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79355
يازما سانى:
381
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3841
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
216 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-26
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-2-13 13:56:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قانداق بىر ئادەمدە بولۇپمۇ تىجارەتچى كارخانىچىلارغا نىسبەتەن يىڭىلىق يارىتىش روھى چىدامچانلىق ئىزدىنىش روھى بولمىسا باش كۆتۇرۇپ ئۇزۇپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس !

29

تېما

3064

يازما

3093

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 632
يازما سانى:
3064
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
12893
تۆھپە :
497
باھا :
611
توردا:
2989 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-24
ئاخىرقى:
2016-4-3
ۋاقتى: 2016-2-13 14:37:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلىمىغان يېڭى شەخسكەن بۇ ، يەنە قانداق كارامەتلەرنى كۆرسىتەر .

سۈكۈت ئاجىزلىقتىن ئەمەس ، سەۋىردىن بىشارەت.

21

تېما

1734

يازما

1755

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 114895
يازما سانى:
1734
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
7526
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2198 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-3-4
ئاخىرقى:
2016-4-4
ۋاقتى: 2016-2-14 01:30:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sintax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-14 01:41 AM  
: I# ^- S+ J* A/ [  A- V6 s% x- z0 w. i/ P
بىكار يۈرگەندىن كۆرە ، خاتا بولسىمۇ بىرەر ئىش قىلغان ياخشى .
$ g" F; e- |$ w8 z& b' l6 Q3 j5 N. ~
" @1 S5 z1 [) A( H                     - ناپالىيون( `. Y8 u' B. o, ?2 ^' x
دەريا بويىدا ئولتۇرۇپ بىلىق تۇتۇشنى ئويلىغاندىن كۆرە ، ئۆيگە كىرىپ تور توقۇغان ياخشى .9 V7 i5 [# l; a2 {- I% M
* h8 i4 o, y1 Z7 s6 w5 U' M3 d

3 O6 l) l# e0 }6 p% y1 R0 }                      - لېنىن! f8 @" X2 l0 ^' o; C

بابۇرخان

3

تېما

2132

يازما

2135

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 18979
يازما سانى:
2132
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
15843
تۆھپە :
400
باھا :
538
توردا:
3085 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-25
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-2-14 22:30:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بۇ تاڭجۇن قانچىلىغان بايلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن قالتىس "ئىشلەمچى" كەن .

سىز بارماقلىرى چىڭ تۈگۈلگەن مۇش بىلەن كۆرۈشەلمەيسىز .(گەندى )
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-4 11:38 AM, Processed in 0.134757 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش