مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2719|ئىنكاس: 6

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يېڭىچە يۈزلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

70

يازما

77

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 76622
يازما سانى:
70
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3940
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
55 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-2-26
ئاخىرقى:
2016-3-26
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablikim221 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-15 02:28 AM  3 j+ ]/ v# F; ^% l3 F9 P

* [5 C: q2 E5 H0 M) cئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !   y/ ?, A, l; q% _9 M7 {! g* q
       ئالدىنقى يازمىلىرىمنىڭ داۋامى ھىسابىدا مەزكۇر يازمىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە دىھقانلارنىڭ يېڭىچە مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن . نۆۋەتتە  دىيارىمىزدا بىز بەكمۇ ئارزۇلاپ ئىنتىلىدىغان تۆمۈر تاۋاق خىزمىتى بىر قەدەر تۇيۇنغان بولۇپ ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يەنىلا چىشلىرىنى بىلەپ بۇ خىزمەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتماقتا . ھەتتا بىر خىزمەت ئورنىنى 1000 ئادەم تالىشىدىغان رېكورتلارمۇ دىيارىمىزدا يارىتىلدى . بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىك تىكلەش ئىرادىسى بىلەن ئىزدىنىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۈنۈمسىز ، مەبلەغ كام ، تەجىربە كام ، تېخنىكا كام ، ھەمكارلىق كام قاتارلىق كامچىلىقلار تۈپەيلى چىقىش يولى تېپىپ بولالمايۋاتىدۇ .  قېرىنداشلىرىم ، بىزنىڭ دىيارىمىزدا راست قىلغۇدەك ئىش يوقمۇ ، ھۆرمەتلىك ئوقۇغۇچىلار ، سىلەر راست خىزمەت تاپالمىدىڭلارمۇ ، سىلەر ئىش تاپالمىدىڭلارمۇ ياكى بۇ يۈزى قېلىن ئىش ئۆزىنى قىلدۇرغۇدەك ئادەم تاپالمىدىمۇ ؟ قىلغۇدەك ئىش قالمىغۇدەك جىق ئىش قىلىۋەتكەن بولساق نىمە ئۈچۈن بىز يەنىلا نامرات ، نىمە ئۈچۈن بىزدە ئىلغار كوللىكتىپ يوق ؟ نىمە ئۈچۈن بىزدە ئىلغار كارخانا يوق ؟ ( @, \$ @  |  A- k3 s3 A) m
      نۆۋەتتىكى ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە دىھقانلارنىڭ ئەھۋالىنى مەن ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە بىر سۈرەتلەپ باقاي . خاتا كەتكەن يېرى بولسا گىپىم ماڭا ھېساپ ، قايتۇرىۋالىمەن . : Q, y# V1 M4 v
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى : تەڭدىن تولىسىغا ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئاتا ئانىسى تۆمۈر تاۋاق خىزمىتىنى ۋەسىيەت قىلىۋەتكەن ، ئۇلارنىڭ كاللىسى پەقەت شۇ بىر خىزمەت تېپىۋېلىش ئۈچۈنلا ئىشلەيدۇ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈنلا تېرىشىدۇ . ئۇلار ئۈچۈن باشقىچە غايىلەر ، باشقىچە نىشانلار ئارتۇقچە . بۇلاردا ( بۇلارنى تەربىيلىگەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا - ئانىسىدا ) ھىچقانداق يېڭىچە ئىزدىنىش روھى ، تەۋەككۈلچىلىك روھى مەۋجۇت ئەمەس ھەم ئۆز خىيالى دائىرسىدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە پېتىنالمايدۇ . بۇلار ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئۇ چېتى ئۈرۈمچى ، بۇلارغا پەقەت ئايلىقى 3000 مىڭ يۈەن بولسا يىتىدۇ . قالغان بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىك تىكلەش ، كارخانا ئېڭى دەسلەپكى قەدەمدە يىتىلىۋاتقانلار . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار چوڭراق كارخانا-شىركەتلەردە بىر كىشىلىك خىزمەت تېپىپ ياخشى ئىزدىنىش يولىنى باشلىدى . يەنە ئاز بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار يېڭىچە تېخنىكا ئۇسۇللىرى بىلەن ئۆز ئالدىغا كارخانا قۇرۇپ تەرەققىيات ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىدۇ . ئەمما يەنە كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار گەرچە كارخانا خىزمىتىگە ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە قىزىقسىمۇ ئىرادە بوش ، تەجىربە يوق ، بىر كارخانىدا ئىزچىل ئىككى يىل ئىشلىيەلمەيدۇ ، توختىماي ماكان ئىزدەيدۇ . بىر ئىش قىلىدۇ ، ئەتىسى نەتىجىسى چىقىپ بولمىسا يەنە ئىش ئالماشتۇرۇپ باشقا ساھەگە كۆز تىكىدۇ . ( D& _7 k; L* h
...............
+ M! b2 \0 X+ j7 W8 j% rدىھقانلار : پۈتۈن شىنجاڭدىكى دىھقاننىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى دىگەن ئۆلچەمگە تۇشىدىغىنى مېنىڭ پەرىزىمچە 20% تىن ئاشمايدۇ . قالغان 80% دىھقان نامرات . بۇ نامرات دىھقاننىڭ يەنە 30% ئەتراپىدا دىھقانلار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بولمىسا ئاچ قالغۇدەك دەرىجىدە نامرات . بەلكىم بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئوقۇرمەن مىنى ھاياجانلىنىپ كىتىپتۇ دېيىشى مۇمكىن . مەن ھاياجانلانمىدىم ، ناھايىتى نورمال ئاھاڭدا گەپ قىلىۋاتىمەن ، ئىشەنمىگەنلەر مەندەك دىھقاننىڭ ئارىسىدا ياشاپ باقسىڭىز بىلىسىز . قەددىنى رۇسلىغان 20% دىھقان 90-يىللاردىن باشلاپ يەر ئېچىشقا باشلىغان ، يەرگە ئەجىر قىلغان ، قۇشۇمچە سودا يوللىرىغا مېڭىپ يول تاپقان دىھقانلاردۇر . قالغان 80% دىھقاننىڭ نامرات بولۇپ قېلىشى بۇ ناھايىتى چۆچۈگۈدەك ئەھۋال . بۇ يەردىكى نامراتلىقنىڭ ئۆزىگە لايىق سەۋەبى بولۇپ تۈپكى سەۋەب ئاساسلىقى بىزنىڭ ھەددىدىن زىيادە ھۇرۇنلىقىمىز ۋە بىلىمگە سەل قارىغانلىقىمىزدۇر . بىز ھەقىقەتەن بەك ۋە بەكلا ھورۇن ، بىزنىڭ ھورۇنلىقىمىز نىمە ئۈچۈن ئۆزىمىزگە بىلىنمەيدۇ ، نىمە ئۈچۈن ھىس قىلالمىدۇق دىگەندە ، بىز ئۆزىمىدىن ئىشچان ئادەمنى كۈرۈپ باقمىغان . بىز ھەممەيلەن ھۇرۇن ، ئارىمىزدا ئىشچان ئادەملەر بەكلا ئاز بولغاچ بىز ئىشچانلىقنىڭ نىمىلىكىنى ئانچە بەك بىلىپ كەتمەيمىز ، بىز كەسىپكە ھۆرمەت قىلىشنىڭ ، كەسىپكە ئەجىر قىلىشنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيمىز ، بىلسەكمۇ بىلىدىغانلار بەك ئاز بولغاچ چۆلگە ئۈنۈپ قالغان گىياھتەك ئاسانلا قۇرۇپ كېتىدۇ، بىز شۇڭا نامرات . ئەمدى بىلىمگە قانداق سەل قارىغاندۇق ؟ بىز ئەزەلدىن بىلىم مەرىپەتنى سۆيىدىغان تۇرساق دېيىشىڭىز مۇمكىن . بىزنىڭ نۇرغۇن نۇرغۇن دىھقانلىرىمىز تېخىچە بىلىم دىگەننى ئېلىپبە كىتابنى ئوقۇيالايدىغان بولۇش ، ساننى ئېلىپ قۇشالايدىغان بولۇش دەپ بىلىدۇ . دىمەك بىلىم دىگەننىڭ نىمىلىكىنى تېخى بىلمەيدۇ . ئۇلار ئوقۇتقۇچىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ ، بالىسىنى كىم ئوقۇتۇۋاتىدۇ ، نەدە ئوقۇيدۇ ، قانداق كەسىپتە ئوقۇسا ئىستىقبالى بار ، قانداق كەسىپتە بەش يىلدىن كېيىن نان تېپىپ يىگىلى بولىدۇ بۇنى بىلمەيدۇ . ئوقۇتقۇچىسى بالاڭنى ئوقۇتۇپ قۇياي دەپ مەھەللىسىگە بارسا كەتمەننى ئېلىپ قوغلايدۇ . شۇڭا ئۇلار بىلىمنى بىلمەيدۇ ، شۇڭا ئۇلار نامرات . دىھقانچىلىق خۇددى باشقا كەسىپلەرگە ئوخشاش بىر كەسىپ ، بىز بۇ كەسىپكە سەل قاراپ قالدۇق ، بىز بۇ كەسىپنى ھاقارەتلەپ قالدۇق . بىز تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە تايىنىپ باشقا نۇرغۇن نەسىلەرنى ئۇنتۇپ كەتتۇق . ئىشىنىمەنكى ئەگەر بىز دىھقانچىلىقنى يەنە مۇشۇنداق كۆزگە ئىلماي خارلايدىكەنمىز ، بىزنىك كىيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا دىھقانچىلىقتىن ئىبارەت مۇشۇ ئۇلۇغ كەسىپمۇ ئاشمايدۇ . ئۇلار دىھقان بولۇش شەرىپىگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ .
2 V- K2 {$ o- K6 ^# a2 E; C..........
, b: f6 |; [" O2 }1 B+ j- O  z             ھازىر ھۆكۈمەت نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى پۈتۈن دۆلەت بويىچە مۇھىم خىزمەت قىلىپ چىڭ تۇتىۋاتىدۇ ، دىمەك ھۆكۈمەت دىھقانلارنى يۆلەش خىزمىتىنى رەسمى يوسۇندا باشلىدى . ھۆكۈمەت تالاي قېتىم بۇنداق ئىشلارنى باشلىغان ، ئەمما بىز تېخىچە نامرات . بەلكىم نۇرغۇن رايونلاردا بۇ خىزمەتلەر ئۈنۈملۈك ئىشلەنمىگەن بولىشى مۇمكىن ، ئەمما بىز ئۆزىمىز كۈچىشىمىز كېرەك ئېدى . ئەسلى بىز تېرىشىپ تىرمىشىپ ھىچقانداق ئامال قىلالمىغاندا ئاندىن بىز ياردەم ئىزدىسەك بولاتتى .  بىز باي بولساق ھۆكۈمەتكە باي بولۇپ بەرمەيتۇق ، بىز ئىككى ناننى ئارتۇق تاپساق ئۆزىمىز يەيتۇق ئەمەسمۇ . مەن تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ بۇ دىگەنلىرىمنى تازا ئىشىنەلمىگەنلەرگە بېشىمدىن ئۆتكەن ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق سۆزلەپ بېرەي . & L# }* a5 A% b) e
        بىزنىڭ مەھەللىدىكى ياشتا چوڭ بىر تاغىمىزنىڭ دەپ بېرىشىچە ، 80-يىللاردا بىزنىڭ يۇرتتىن دىھقان - كادىرلانى بىر ئۆمەك تەشكىللەپ ئىچكىرگە دېھقانچىلىق تېخىنىكىسى ئۆگىنىپ كەلگىلى ئەۋەتىپتۇ ، بۇلار ئىچكىرگە بېرەپ تاغ باغرىغا پەلەمپەيسىمان ياسىغان ئېتىزلارنى ، پەلەمپەيسىمان ئېتىزغا سۇ بىلەن ئوغۇتنى ئەپكەشتە توشىۋاتقان دېھقانلارنى ، ئاشۇنداق يەرلەردە ئوخشاپ كەتكەن زىرائەتنى كۆرۈپ << تەجىربە >> لەرنى توپلاپتۇ . يەنى قانداق تەجىربىلەر دەيسىز ، بۇلار يۇرتقا كېلىپ يەرنى ئېگىز پەس قىلىپ تېرىسا زىرائەت ناھايىتى ئوخشايدىكەن دەپ بىر بەلەن تۈز ئېتىزلارنى ئىگىز پەس قىلىپ ياساپ چىقىپتۇ . بۇ ئاڭلىماققا ناھايىتى كۈلكىلىك ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك گەپ ، ئەمما راست بولغان ئىش .
$ @# n* V3 J+ n# O5 P4 G: C( u        2006 - يىللىرى ھۆكۈمەت جەنۇبى شىنجاڭدىكى نۇرغۇن يېزىلاردا سورتلۇق چىلان تۈرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن دىھقانلارغا چىلان كۆچىتىنى ھەقسىز تارقىتىپ مەجبۇرى چىلان تىككۈزگەن . ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كادىرنىڭ مەجبۇرلىشىدىن قۇتۇلالماي بۇ چىلاننى تىكتىيۇ كۆپ قىسىم ئادەملەر چىلان كۆچىتىدە ئوت قالاپ نان يېقىپ تۈگەتتى . چىلان كۆچىتىنى قويغان دىھقانلار 3- يىلىدىن باشلاپ چىلاننىڭ پايدىسىنى راۋۇرۇس كۆردى . 3 Q+ y: O( J0 t6 \/ m) `. @
2008 - يىللىرى ھۆكۈمەت يەنە دىھقانلارنى قوزغاپ نۇرغۇن يېزىلارغا پارنىك ياساتقان ، كىتەرلىك راسخوتنى ھۆكۈمەت ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ نۇرغۇن پارنىكنى ياسىغان بولسىمۇ ئەمما دىھقانلار بۇ پارنىكلارنى تېرىماي بۇزىۋەتتى ، باھانىسى نىمە ؟ بۇنى قىلماق تەسكەن ، تېخنىكىسىنى بىلمەيدىكەنمىز . ھازىرغىچە نۇرغۇن يېزىلاردا بۇ پارنىكنىڭ ئىزلىرى بار ، بۇزۇلۇپ كەتمەي قالغانلىرىمۇ ھازىرغىچە تېرىلماي تاشلاپ قۇيۇغلۇق . نىمىلا ئىش بولسا باھانىسىنى ھۆكۈمەتتىن ئىزدەيدىغان بىلەرمەنلەر بۇنىڭغا نىمە دەپ جاۋاب بېرىسىلەر ؟ شىنجاڭدا 80% ئادەم دىھقان ، ئەمما شىنجاڭ زىمىنىدا ئىستىمال قىلىنىدىغان كۆكتاتنىڭ 50% ى ئىچكىرىدىن كىرگۈزىلىدۇ ، ھۆكۈمەت باشقا سانائىتىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئۈمۈد بولمىغان بۇ زىمىندا دىھقانچىلىقنى بولسىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشتا شۇنچە چىڭ تۇردىيۇ ئەمما ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان ئادەم بىزنىڭ ھورۇن دىھقانلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىش ئەمەلىيلەشمىدى . كۆكتات تېرىش تېخنىكىسى توغرۇلۇق كىتاپلار كەنت-كەنتلەرنىڭ كۇتۇپخانىسىدا توپا بېسىپ يېتىپ كەتتى ئەمما ئۇنى كۆرۈپ كۆكتات تېرىپ بازارغا سالىدىغان دىھقان چىقمىدى ، ئۆزى يەيدىغان كۆكتاتنىمۇ يەنىلا بازاردىن ئېلىپ يېدى . دىھقانلىرىمىزغا  كورىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ كىنوسىنى كۆرۈپ باشقىلارغا ھىكايە قىلىپ سۆزلەپ بەرگۈدەك ۋاقىت چىقىدۇيۇ كىتاپ ئوقۇشقا ، ئىزدىنىشكە ۋاقىت چىقمايدۇ . ئىچكىرىگە يۇرت كۆرۈپ كېلىمىز دەپ ئۆيىدىن چىققان ياش قىران يىگىتلەر ئىچكىرنىڭ تەرەققىياتىنى ، ئىلغار ئىددىيىسىنى ئۆگىنىش ئەمەس يانچۇقچىلىق ، ئوغرىلىق ۋە قويمىچىلىقنى ئۆگىنىپ كېلىدۇ . ئەمما سودا سېتىق ئۈچۈن ئىزدىنىپ ، جان كۆيدۈرۈپ يەردە قالغانلار مەن جىق ئۇچراتمىدىم . - I3 |, P9 q+ H! Z1 r# |) E
       مەن بۇلارنى دەپ دىھقانلارنى ، ئوقۇغۇچىلارنى سۆكمەكچى ئەمەسمەن ، مەن ئاۋال بار مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئاندىن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپماقچى . ) Z% I4 Y1 ^1 [6 \5 t
           ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن دىھقانلارنى باغلاش قارىماققا سەل غەلىتە ئاڭلىنىدۇ ، ئەمما ھۆرمەتلىك ئوقۇغۇچىلار ، سىلەرگە يېڭى بىر پۇرسەت يىتىپ كەلدى ، سىلەرگە يېڭىچە ئېگىلىك تىكلەش دولقۇنى يېتىپ كەلدى . بۇنىڭ ئۈچۈن  بىز ئەمدى ۋاقتىنچە ئاياغ توپا بولمايدىغان شەھەر تۇرمۇشىدىن خوشلىشىپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ . ھۆكۈمەت دىھقانلارنى يۆلەش ئۈچۈن نەچچە يۈز مىلىيونلاپ مەبلەغ ئاجراتتى ، مەيلى قەرز بولسۇن ، مەيلى تولۇقلىما ياكى تۈر مەبلىغى بولسۇن نۇرغۇن مەبلەغنىڭ بارلىقى راست . بۇ پۇلنى ۋاقتىدا جايىدا ئېلىپ ، ئەمەلىي قىممەت يارىتىدىغان بىر تۈركۈم ئادەم دەل بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدۇر . چۈنكى دىھقانلىرىمىزدىكى يۇقارقى مەن دەپ ئۆتكەن ئىرسىيەت ھىلىھەم بار ، گەرچە ئاساسى قاتلام كادىرلىرى ئۇلارنى يىتەكلەۋاتقان بولسىمۇ ئۇلار پەقەت يول كۆرسىتىپ قويالايدۇ ، ئەمەلىي ئىشنى يەنىلا دىھقانلار ئۆزى قىلىدۇ . بىز ئۆز ئالدىمىزغا يەككە ئىش قىلىپ ، ماركىسىز قارىغۇلارچە ئىش قىلىپ تەرەققى قىلالمىدۇق ، ھازىرقى نامراتلىقىمىز بۇنىڭ دەلىلى . ئەمدى بىز ئالىي مائارىپ تەربىيسى كۆرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىددىيىسى بىلەن دىھقانلارنى ئويۇشتۇرۇپ ، خاس ماركىسى ۋە كوللىكتىپى بىلەن ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلىگەچ دىھقانلارنى يىتەكلەشكە ئۈندەيمىز . مەيلى باقمىچىلىق بولسۇن ، مەيلى باغۋەنچىلىك ياكى ئالاھىدە تېرىقچىلىق بولسۇن ھازىر يول كۆپ ، ماڭىدىغان ئادەمگە مۇھتاج بىز . ئەگەر مۇشۇ تۈرلەر بويىچە ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلىگىسى ۋە دىھقانلارنى يىتەكلەپ ۋە شۇلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ يول تاپقۇسى بار ياشلار تۆۋەندىكى قۇرلارغا نەزەر سالسا بولىدۇ . مەن تۆۋەندە  ئۆلگە شىركەتتىن بىرنى قۇرۇپ ماڭدۇرۇپ بېرىمەن . 7 z  _6 K3 v# i$ A/ Z: m
        مەسىلەن ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ يۇرتىدىن 10 دىھقان ئائىلىسىنى يىتەكلەپ بىر سەي - كۆكتات بازىسى قۇرماقچى بولدىڭىز . ئالدى بىلەن سىز ھەمكارلىشىدىغان كوللىكتىپ بەرپا قىلىسىز ، يەنى 10 ئائىلىنى تاللايسىز .% e! n% N4 n* O( y: W
ئىككىنجى قەدەمدە مۇشۇ 10 ئائىلە ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەمىنلەيدىغان قەرز پۇلنىڭ يولىنى سىز ماڭىسىز ، يەنى ئىش باشلاش مەبلىغى ھەل قىلىسىز . چۈنكى سىزدىمۇ ھەم سىز يىتەكلەيدىغان دىھقاندىمۇ پۇل يوق . ئۇلارنىڭ ئۈلۈش پايدا زىيىنىنى ئېنىق ھىساپ تۇتۇپ خاتىرلەيسىز . ئۇلار ھېسابتا سىزنىڭ ئىشچىلىرىڭىز ، سىز خوجايىن بولىسىز ( ئەگەر ئۇ 10 دىھقان ئۆز ئارا ھەمكارلاشماي ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدىكەن ، ھەرقانداق ئادەم بىلەن ئۆتىشىمەنكى ئۇلار ھىچ ئىشنى قىلالمىغاندىن سىرىت بانكىغا بىرمۇنچە قەرزگە بوغۇلىدۇ ) . ئەگەر سىز ئۇلارنى ھەمكارلاشتۇرۇپ 10 كىشىلىك بىر گۇرۇپ قىلسىڭىز ھەر بىر ئائىلە 30 مىڭ يۈەندىن قەرز ئالسا 300 مىڭ يۈەن دەسمايە تەييار بولدى دىگەن گەپ . ئىشەنچ مەسىلىسى ئۈچۈن چوقۇم سىز ئۆ يۇرتىڭىزدىن ھەمكارلاشقۇچى توپلايسىز ھەم يېزىنىڭ كەنتكە مەسئۇل كادىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىسىز . بىر ئادەم 30 مىڭ يۈەنگە چوڭ ئىش قىلالمىغان بىلەن سىز 10 ئائىلىنى باشلاپ 300 مىڭ يۈەن بىلەن خېلى چوڭ ئىش باشلىيالايسىز .
3 ^) B! U& q, M3- قەدەمدە سىز چوقۇم شىركەت ياكى كوپراتىپ نامىدا بىر قانۇنلۇق تىجارەت سورۇنى قۇرىسىز . چۈنكى بۇنداق بولغاندا سىز يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى تارتالايسىز ھەم سودا ئىناۋىتى پەيدا قىلالايسىز . ھازىر يەرلىك ھۆكۈمەتلەر شىركەت قۇرۇشقا بەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ ، بۇز سىز ئۈچۈن پۇرسەت دىگەن گەپ . ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن سىياسەتلىرىنى چوقۇم بىر قانۇنلۇق كوللىكتىپ بولغاندا ئاندىن ئىجرا بولىدۇ ۋە پايدىلانغىلى بولىدۇ . شىركەت ( كوپراتىپ ) قۇرۇش يوللىرى بۇ يىلدىن باشلاپ بەكلا ئاددىلىشىپ كەتتى ، بىر مىلىيون ئەنگە ئېلىش مەبلىغى بار شىركەتنى سىز 100 يۈەنمۇ خەجلىمەي قۇرالايسىز ( مەن قۇرۇپ باققان ، مەن سىز قىلالمايدىغان ، قۇربىڭىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى دىمىدىم ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى سىز قىلالايسىز ) . ئەمما شىركەت قۇرغانلار بەك دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر نۇقتا : سىز چوقۇم مالىيەسىڭىزنى بەك رەتلىك تۇتۇشىڭىز كېرەك ، چۈنكى سىز 10 ئائىلىنىڭ ھىساباتىنى تۇتىسىز ، ھىساب ئېنىق بولمىسا نۇرغۇن پۇلغا سىز خىيانەت قىلغان بولۇپ قالىسىز . يەنە بىر نۇقتىدىن سىز مەيلى ھۆكۈمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ مەيلى بانكا بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ ئۇلار سىزنى ھىساباتىڭىزدىن تونۇيدۇ . ھىسابىڭىز رەتلىك ، كۈچلۈك بولسا ھۆكۈمەتتىن كېلىدىغان ياردەملەرگە ئاسانلا ئېرىشەلەيسىز . مۇشۇنداق يوللارنى مېڭىپ ئىش ھەل قىلالمىدۇق دەپ قاخشايدىغانلارنىڭ ھىسابىنى كۆرسىڭىز نىمىشقا ئىشىنى ھەل قىلالمىغانلىقىنى ئاندىن بىلىسىز . ! |$ M7 i9 Z+ ]. ?# E
4-قەدەمدە سىز ئىشلەپچىقىرىش يوللىرىنى بەرپا قىلىسىز . ھۆكۈمەت قۇرۇپ بېرىدىغان پارنىك قانچىلىك ، سىز مەبلەغ سېلىپ قۇرۇدىغان پارنىك قانچىلىك ؟ پارنىك قىلماي كۆكتات تېرىغىلى بولىدىغان كۆلەم قانچىلىك دىگەنلەرنى ھېسابلايسىز . ئىسىڭىزدە بولسۇن نەق پۇلنى خەجلەشكە بەك ئالدىراپ كەتمەڭ ، پۇلنى خەجلىمەك بەك ئاسان ، ئەمما قايتۇرۇپ ئەكىلىش تەس ، شۇڭا چوقۇم تىجەشلىك بولۇشىڭىز ، ئۆزىڭىزدە بار ئالاھىدىلىكتىن ياخشى پايدىلىشىڭىز كېرەك . ئۆزىڭىز مەبلەغ سېلىپ پارنىك قۇرۇشقا توغرا كەلسە بىراقلا جىق قىلىۋالماي يىلدىن يىلغا ئاۋۇتۇپ ماڭىسىز ، سىزگە پارنىك قۇرۇپ بەرگەن سودىگەرگە ھەممە پۇلنى بىرىۋەتمەيسىز ، چوقۇم سىزدە يەتكۈدەك پۇل بولسىمۇ ئاز تولا نىسى قالدۇرۇپ قويىشىڭىز كېرەك . نەق پۇل سىزگە يەنە لازىم بولىدۇ .
7 `' h; N% S8 C9 A# ^, h5-قەدەمدە دىھقانلارنىڭ ھەممىسى گەرچە تېرىقچىلىق بىلسىمۇ ئەمما ئۇلار تېخنىك ئەمەس . سىز ئايلىق ياكى يىللىق ئىش ھەققى توختىتىپ بىر تېخنىك تەكلىپ قىلىسىز ، ياكى سىز ئۆزىڭىز ئۆگىنىپ تېخنىك بولىسىز ، ئاندىن سىز ھەربىر ئائىلىدىن بىردىن پارنىكتا مۇقىم ئىشلەيدىغان ئادەم تاللايسىز ، بۇلارغا مۇئاش توختىتىپ بېرىسىز ، ئەگەر پارنىكتا ئىشلىگۈدەك ئەمگەك كۈچى بولمىسا ئۇلارغا نىسبەت پايدىلا ئايرىپ بىرىپ قالغان ئىشنى مۇئاش توختاتقان ئادەمگە قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ . سىز مۇئاش بەرگەن ئادەمگە چوقۇم مۇئاشىغا لايىق خىزمەت مەسئۇلىيىتى يۈكلەيسىز ، شۇنىڭ ھىسابىنى ئېلىپ تۇرىسىز . ئۇلارنىڭ چوقۇم ئىشقا چىقىدىغان ، ئىشتىن چۈشىدىن ۋاقتى بولۇشى ، ئارام ئېلىش كۈنى بولىشى كېرەك . دىمەك ئۇلار ئەمدى دىھقان ئەمەس سىز قۇرغان شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر بىر ئائىلە ھەم نىسبەت شىرىك ھەم ئەمگەك كۈچى بولسا مۇئاشى ئايرىم ، پايدىسى ئايرىم بولىدۇ ، ئەگەر نىسبەت شىرىكلا بولۇپ ئەمگەك كۈچى چىقمىسا ئۇلارغا پەقەت پايدىلا ئايرىپ بېرىسىز . پايدىنى شىركىتىڭىزنىڭ سودا ئەھۋالىغا قاراپ بىر پەسىلدە بىر قېتىم ئايرىسىڭىز مۇۋاپىق . ۋاقىت ئۇزۇن بولۇپ كەتسە دىھقانلارنى قايىل قىلىپ بولالمايسىز .
  P5 m4 d7 N1 S. ]) x/ V9 w. @6-قەدەمدە ئۆزىڭىز خام ماتىريال سېتىۋالىدىغان سودىگەر تاللايسىز . سىز پارنىكقا كىتەرلىك ئۈسكۈنە ئالىسىز ، ئۇرۇق ئالىسىز ، ئوغۇت ئالىسىز ، دورا ئالىسىز ، سۇ كىتىدۇ ، توك كىتىدۇ ...... ۋەھاكازا سىز نەق پۇل خەجلەيدىغان سېلىنمىلارمۇ نۇرغۇن . بۇنىڭدا سىز چوقۇم نەق پۇلنى ئالدىراپ ئىشلىتىۋەتمەيسىز . مەسىلەن سىز داۋاملىق ئېلىپ تۇرىدىغان خام ماتېرياللار ( ئۇرۇق، ئوغۇت، دورا دىگەندەك )نى چوقۇم ياخشى تاللاپ بىرلا ئادەمدىن ئالىسىز ۋە ئۇزۇنغىچە مۇئامىلە قىلىسىز ، بۇنداق بولغاندا سىزدە پۇل يوق ۋاقىتلاردىمۇ 20-30 مىڭ يۈەنلىك مالنى خاتىرجەم ئالالايسىز . ئەگەر يېنىڭىزدا پۇل بولسىمۇ 20 مىڭ يۈەنلىك مال ئالسىڭىز 5000 يۈەن بىرىپ قالغىنىنى نىسى قۇيۇپ قويىسىز ، بۇ سودا تاكتىكىسى ، يەنى نەق پۇلنى خەجلەشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، باشقىلارنىڭ يانچۇقىدكى پۇلدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش بۇ ھۆنەر ، قويمىچىلىق ئەمەس . سىز مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندە چوقۇم بېرىسىز ، ئەمما ئاز پۇلدىن كۆپ ئۈنۈم يارىتىشنى بىلىشىڭىز كېرەك . 6 T# O! Q- B7 J! y6 N* M0 }; R7 }
7-قەدەمدە سېتىپ چىقىرىش يوللىرىنى ئاچىسىز . ئادەتتە ھەرقانداق يۇرتتا كۆكتات سودىسى قىلىدىغان توپ سودىگەر بولىدۇ ، ياكى شۇلار بىلەنلا دىيىشىسىز ياكى ئۆزىڭىز توپ تارقىتىش سودىگىرى بولىسىز ، مۇقىم ئورنىڭىز بولسىلا ، مېلىڭىز ياخشى بولسا خېرىدار ساماندەك . ھازىر ھەممە يۇرتتا مەكتەپ ۋە يەسلىگە كۆكتات يەتكۈزىدىغانلار بار ، ئۇلار ئۆزنىڭ يۇرتىدا شۇنچە كۆپ دىھقان بولسىمۇ كۆكتات تاپالماي شەھەردىكى توپ بازىرىدىن ئەكىلىدۇ . دىمەك ئاشۇلارمۇ سىز ئۈچۈن چوڭ خېرىدار . 2 i$ D8 O- a/ J* q/ r3 g" V8 T+ J) H
8-قەدەم ئەڭ مۇھىم قەدەم . سىز يۇقارقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم مالىيەدە ئېنىق ئىپادىلىشىڭىز كېرەك . بولمىسا پۇلنى بىھۇدە ئىشلەتمىگەن تەقدىردىمۇ ئورنىنى تاپالمايسىز . سىز ھىسابنى موچەنگىچە ئېنىق قىلىپ مېڭىشىڭىز كېرەك ، كۈندىلىك ھىساب خاتىرسى ، بانكا ھېساب خاتىرسى دىگەنلەرنى ياخشى چۈشىنىش ، ئىشلىتىشنى بىلىش ۋە سىجىل ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ . ئىشلەتكەن پۇللىرىڭىز ۋە كىرىم قىلغان پۇللىرىڭىزنىڭ قانۇنلۇق ئىسپاتى يەنى باج تالونى بولۇشى كېرەك ، باج تالونى تەمىنلەپ بېرەلمەيدىغان ئورۇنلارنىڭ ھېسابىنى بوغالتىرنىڭ كاللىسى ياخشى ئىشلىسە تولۇقلاپ كىتەلەيدۇ . ئەگەر سىز 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ پۇل ھىسابىڭىزغا كىردى ، بۇ پۇلنى خەجلىگەن چاغدا تالون ئارقىلىق ئورنىنى تېپىپ بىرەلمىسىڭىز قانۇنى جەھەتتىن جىنايەتچىگە ئايلىنىسىز دىگەن گەپ . چوقۇم مالىيە مانا مۇشۇندا تەرتىپلىك بولۇشى كېرەك . ھەرقانداق بانكىدا ھېساپ ئاچقان ۋە باج كىنىشكىسى بىجىرگەن قانۇنلۇق ئورگاننىڭ ھېساباتىنى ھۆكۈمەت مالىيە ئىدارىسى ئارقىلىق نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرۇپ تۇرىدۇ . / F5 L+ U+ d! T, n5 p
      
8 L& P8 @% {+ S        بۇ بىر ئاددى شىركەت قۇرۇش ۋە يۈرگۈزۈش ئەندىزىسى ، قالغىنىنى سىز ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا باشقا كەسىپلەرگىمۇ قوللانسىڭىز بولىدۇ . ئەمدى سىز شىركەت قۇرغاندا ھازىرقى ۋەزىيەت بويىچە تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈمەت تەمىناتىغا ئېرىشىسىز . % g4 P8 u7 U( L3 _3 F) _0 u
1 - كەسپى تەربىيلەش تۇلۇقلىمىسى . ئۆلچىمى بىر ئادەمگە 800 يۈەندىن 1600 يۈەنگىچە . تارقىتىدىغان ئورۇن : كادىرلار ئىدارىسى ، ئېلىش ئۇسۇلى :
' d+ \2 i% ]8 P# n2 k% ]شىركىتىڭىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ كادىرلار ئىدارىسى  كەسپى تەربىيلەش بۆلۈمىنى ئىزدەپ 企业职业技能培训( كارخانا كەسپى تەربىيلەش ) كە ئەنگە ئالدۇرىسىز . كىتىدىغان ماتىرياللار : قانۇنى ئىگە كىملىك ، تىجارەت كىنىشكىسى ، باج كىنىشكىسى ، ئورگان كود نۇمۇر كىنىشكىسى ( 机构代码证) ، بانكا ھېساب ئېچىش ئىسپاتى ، سىز كەسپى تەربىيلەش قىلغاندا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ كىملىك كۆپەتمە نۇسخىسى ، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى كۆپەيتىلمە نۇسخىسى ، تەربىيەلەش قىلىش ئىلتىماسى ، شىركىتىڭىزنىڭ تۇنۇشتۇرىلىشى ، قانۇنى ئىگىنىڭ تۇنۇشتۇرىلىشى قاتارلىقلار . ئەگەر ئەنگە ئالدۇرالىسىڭىز قالغان تەربىيلەش تەپسىلاتىنى ئاشۇلار سىزگە ئۆگىتىدۇ . بۇ يەرگە يازاي دىسەم بەك ئۇزۇراپ كەتكۈدەك . ۋاقتى كەلگەندە بىلمىسىڭىز مەن ئۆگىتىمەن ھەقسىز . ; O- E$ u$ Y# z6 C- {( n4 n
2 - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى . تارقىتىدىغان ئورگان : كادىرلار ئىدارىسى ( ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بۆلىمى ( 就业科) . 6 N. w3 @' {6 p' ?
يۇقاردا دىيىلگەندەك سىز 10 ئادەمگە مۇئاش توختىتىپ شىركەت خىزمەتچىسى قىلدىڭىز ، بۇلارنى مۇقىم خىزمەتچى قىلىپ مۇئاش توختاتقانلىقىڭىز ئۈچۈن ھۆكۈمەت سىزگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى بېرىدۇ ، سوممىسى : 2500 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە ئارىلىقتا . كېتىدىغان ماتىرياللار : شىركىتىڭىزنىڭ كەسپى تەربىيلەشكە تەييارلىغان بارلىق ماتىرياللىرى ، خىزمەتچىڭىز بىلەن تۈزۈلگەن ئەمگەك توختامى ( كادىرلار ئىدارىسى تۈزگەن ئۆلچەملىك نۇسخا ) ، كوللىكتىپ توختام ( شىركەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن قانۇنى ئىگە تۈزگەن ، ھەممە خىزمەتچىنىڭ ئىمزاسى چۈشىدىغان توختام ) ، يەنە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تولدۇرىلىدىغنا جەدىۋەللەر بولۇپ ، بۇ جەدىۋەللەرنى تەمىنلىگۈچى ئورگان سىزگە تولدۇرۇش تەلىپىنى ئۆزى ئۆگىتىدۇ . ) K) l* H" D" k' q, O
3- قىز ئاياللارغا بېرىلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسى . ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قىزلار يۇقارقىدەك ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولساڭلار ( ياكى تىككۈچىلىك ، گىلەم توقۇش ، قول ھۆنەرۋەنچىلىك دىگەندەك) ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ قەرەللىك چىقىپ تۇرىدىغان ئىگىلىك تىكلەش ، ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ( خىزمەتچىڭىز ئايال بولسا )، تەربىيلەش تۇلۇقلىمىسى بار .
; f8 w; D0 F$ I; \4- مېيىپلار ئىگىلىك تىكلەش تۇلۇقلىمىسى . مېيىپلار ئىدارىسىدىن بىرىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك تەمىنات ۋە ياردەملەرنى كۆرسىتىدۇ .
5 E6 F3 p! n; }5- تۈر مەبلىغى . ئەگەر سىز كۆكتات شىركىتىنى بىر ئىككى يىل ئىچىدە باشلاپ ، ئاز تولا ئاساس سېلىپ ماڭغان بولسىڭىز يىل بېشى 1- ئايدىن 3-ئاي 31-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتلاردا تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ . ; Z9 j' |" L" X! K) q! Y
ئىلتىماس قىلىدىغان ئورگان : ئىقتىساد ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتىتى ( 经济信息化委员会) ، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتىتى ( 发展与改革委员会) ، قىسقارتىپ 经信委、发改委 دەپ قۇيىدۇ .
$ r& ^9 |2 K; ~, gبۇ يىل دىھقانلارغا پايدىلىق تۈرلەر ناھايىتى كۆپ ، مۇشۇ خىلدىكى ئىشنى باشلاپ بولغانلار ئىلتىماس قىلىشنى باشلىساڭلار ئاران ئۈلگۈرىسىلەر ، چۈنكى بۇ بەك كۆپ پۇلغا چېتىشلىق ئىش ، تەلەپ قىلىدىغان نەرسىلەر كۆپ ، چالا نەرسىلەرنى بىجىرىپ تەلەپنى ئورۇنداپ بولغۇچە ۋاقىت كىتىدۇ . ئەگەر تۈرىڭىز تەستىقلىنىپ قالسا نەچچە يۈزمىڭ يۈەن ھەتتا مىلىيون يۈەنلىك كارخانىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالىسىز . تۈر مەبلىغى يوللاش ئاددى قائىدىسىنى مەن ئايرىم تېمىدە يوللاپ چۈشەندۈرۈپ بولغان . شۇڭا بۇ يەردە تەپسىلى چۈشەنچە بەرمەيمەن .
+ u- }' e; U0 v- V0 L8 b& E6- يېشىل يىمەكلىك تولۇقلىمىسى 6 r( c7 V8 Q8 h2 f' Y4 b
بۇ تۈر يۇقارقى تۈرلەر ئىچىدە ئالماق ئەڭ تەس تۈرنىڭ بىرسى ، چۈنكى تەلەپ بەك قاتتىق، ئەگەر ئالالىسىڭىز پۇلى بەلەن . سىز يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالدىڭىز دىگەن گەپ نەچچە مىلىيونلۇق ئىگىلىكنىڭ ئىگىسى بولدىڭىز دىگەن گەپ . بۇنىڭ تەپسىلاتىنى كۆپ يازمايمەن ھەم ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزمىگەن ( يۇقارقى تۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باققان تۈرلەر ) . ئەگەر چۈشىنىپ باقماقچى بولسىڭىز توردىن ئىزدىنىڭ ھەم يەرلىك چارۋىچىلىق دىھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈڭ . بۇ قىلغىلى بولمىغىدەك ئىش ئەمەس ، چۈنكى دىيارىمىزنىڭ ھاۋا تۇپراق شارائىتى بەكلا ماس كىلىدۇ، زاۋۇت جىق ئەمەس بۇلغانمىغان، پەقەتلا تەلىپى بەكلا قاتتىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەسرەك .
, j3 j; A% M4 _; p7- خۇلاسە . يۇقارقى تولۇقلىمىلارنى ئېلىش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز ، ھۆكۈمەت بىزگە بەرگەن ياردەم ۋە ئىمتىياز . بۇلارنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئەڭ مۇھىم تەلەپ شىركەت مالىيەسىڭىز چوقۇم رەتلىك ، ئۆلچەملىك بولۇش كېرەك . بولمىسا ئىشىڭىز تەسكە چۈشىدۇ . 3 D/ g4 R9 Q3 }8 ?+ V1 F) w7 j
...................5 j: K& c: X- k2 f
         ھۆرمەتلىك تورداش ، مانا بۇ ھازىر ئىككى قىيىنچىلىقتا قالغان توپنى ( دىھقان بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ) بىرلەشتۈرۈپ يېڭىچە ئىگىلىك يارىتىشنىڭ ئىنتايىن ئاددى پىلانى . ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شەھەرگە بەكلا ئامراق ، ئەمما شەھەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش تەبىقىسىدىكى ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ . يېزا ئۇ ھىچقانداق يەر ئەمەس ، ئۇ بىر جەننەت ماكان . ئۇ يەرنىڭ تەرەققى قىلمىغانلىقى پەقەت تەرەققى قىلدۇرغىدەك ئادەمنىڭ يېزىغا بارمىغانلىقى ئۈچۈندۇر . شەھەردە رېقابەت بەك كەسكىن ، ئەمما يېزىدا قىلاي دىسىڭىز ئىش دىگەن تاغدەك دۆۋلىنىپ تۇرۇپتۇ . سىز شەھەردە تىرمىشىپ يۈرۈپ ئۆز رولىڭىزنى جارى قىلدۇرالمىغان شۇ پەيىتتە دىھقان قېرىنداشلىرىمىز چارىسىز ھالدا سىزدەك بىر زىيالىنىڭ بېرىپ ئۆزىنى يىتەكلىشىنى كۈتۈپ مۆلدۈرلەپ ئولتۇرۇپتۇ . سىز يەنە شەھەرنىڭ نىمىسىگە قېيىمايسىز ؟ يېزا تەرەققى قىلمىغان بولسا ئەجىبا بۇ سىز ئۈچۈن تەرەققى قىلدۇرىدىغان ، يېڭى يېڭى ئىشلانى بەرپا قىلىدىغان پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكى ئەمەسمۇ . دىھقانلىرىمىز راست ھۇرۇن ، ئۇلار نىمە ئىش قىلىشىنى بىلمەي ھۇرۇن بولۇپ كەتكەنلەر ، سىز قىلىدىغان ئىش تېپىپ بىرەلىسىڭىز ئۇلار ئۆزىنىڭ تاغ يۆتكىگەن دەريا چاپقان كۈچى بىلەن سىزگە ئەگىشىدۇ . سىز ئىزدىنىشىڭىز كېرەك ، دىھقانلار ئىزدىنەلمەيدۇ ، ئىشلىيەلەيدۇ . ئەمما سىز ئىشلىيەلمەيدىغان ئاقنانچى بولغان بىلەن ئىزدىنەلەيسىز . بۇ ئىككى كۈچ نىمە ئۈچۈن بىرلەشسە بولمىغۇدەك ؟ 1 Q0 O( ]6 f- b: _

1 D" l4 m* c5 u         پېقىر بۇ يازمىنى پەقەت ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەنلىرىم ۋە ئىزدىنىشلىرىم ئاساسىدا ئاددىغىنا يېزىپ چىقتىم ، قەلەم قۇۋۋىتىمنىڭ ئاجىزلىقى بەلكىم كۆپ يەرلىرىنى چۈشىنىكسىز ئىپادىلەپ قويغاندۇ ، ئەمما ھېجىلاپ يۈرۈپ ئويلىغانلىرىمنىڭ بىر پىرسەنتىنى يېزىپ چىقالىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن . تەنقىدى پىكىر بولسا ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن ، تولۇقلايدىغانلار بولسا ئىنكاس شەكلىدە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى تولۇقلىسا تامامەن بولىدۇ ۋە باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ تارقاتسا بولىدۇ . مەن تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ سەپكە قوشۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . مەن 70-يىللاردىكى يېزىغا قايتىش دولقۇنىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆزگىچە زامانىۋى ئۇسۇل بىلەن پەيدا بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . 9 e6 x- G2 ?9 H) {+ P
كېيىنكى تېمام ___ ئۇيغۇر كارخانىلىرنىڭ ھازىرقى زامانغا خاس ئىلمىنتلىرىغا قارىتا پىكىر تەلەپلەر ئۈستىدە بولىدۇ . % D8 G% k1 Y. b4 v

  M5 a# T) z9 V; p    ئابلىكىم@221 5 U; L6 o' \, O- q8 \, e' X
% N$ V- r' h- V0 J4 @) C

5 Q- ]) \! c) H: L# a' _$ c

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

4

تېما

365

يازما

369

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 86476
يازما سانى:
365
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1874
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
251 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-10-25
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-2-15 20:56:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر خىزمەت ئورنىنى نىمە ئۈچۈن 1000ئادەم تالىشىدىغان رىكورت بىزنىڭ دىيارىمىزدا يارىتىلىدۇ؟  مۇشۇ ھەقتىمۇ تەپسىلىيرەك چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.رەھمەت!

مەدەنىيەتلىك ئائىلە بىلەن مەدەنىيەتسىز ئائىلىنىڭ پەرقى-ئۆيىدە كىتاب ئىشكابىنىڭ بار-يوقلىقىدا!

7

تېما

70

يازما

77

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 76622
يازما سانى:
70
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3940
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
55 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-2-26
ئاخىرقى:
2016-3-26
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-15 21:37:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋېجدان يوللىغان ۋاقتى  2016-2-15 08:56 PM  d2 ~( S; t9 Q5 g6 \& I
بىر خىزمەت ئورنىنى نىمە ئۈچۈن 1000ئادەم تالىشىدىغان رىك ...

) Y1 A+ `2 b( \" l; }4 qمەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا بىر خىزمەت ئورنىغا 1200 نەچچە ئادەم تىزىملىتىپ خىزمەت تالاشقان ئەھۋاللار دىيارىمىزدا بولغان . دىيارىمىز جوڭگۇ بويىچە تۆمۈر تاۋاق خىزمىتىگە ئەڭ ئىنتىلىدىغان رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

بابۇرخان

3

تېما

2132

يازما

2135

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 18979
يازما سانى:
2132
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
15843
تۆھپە :
400
باھا :
538
توردا:
3085 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-25
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-2-15 22:19:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسى جانلىق گەپ قىپسىز .2 [( }" X- n4 H+ }& {
مەن يېزىلارنى بەك چۈشنىپ كەتمەيمەن ،لېكىن دىيارىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ بولغان بىلەن تېرىقچىلىق ،چارۋىچىلىققا ماس يەرلەر ئاز ،بولۇپمۇ جەنۇپنىڭ يېزىلىرىدا كىشى بېشىغا بىر مو ئەتراپىدا  تېرىلغۇ يەر توغرا كېلدىغانلقىنى بىلىمەن .دىمەك ئاھالىنىڭ سەكىكىز ئۈلۈشدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلدىغان دىھقانلارنى يەرگىلا تاينىپ بېيتىمەن دىيىش بەك مۈشكۈل .
/ u5 o0 o. e0 ^& p9 b# Vئەسلى ھازرقى يەرلەرنى تېرىشقا %30—40% دېھقاننىلا يېزىلاردا قالدۇرۇپ ،قالغان دېھقانلارنىڭ  شەھەرگە كىرىپ باشقا ئىشلار بىلەن شۇغىللنشى كېرەك ئىدى ،شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرنىڭ يېزدىكىسىمۇ شەھەردىكىسمۇ ئوبدانراق كۈن كۆرەتتى ،لېكىن شۇنچە ئادەم شەھەرگە كىرسە نېمە ئىش قلىدۇ ؟
9 F( L' I' l3 Z  zسانائەتلىششنىڭ ئەۋزەللكى زامانىۋى ياسىمىچىلىق ئارقىلىق ئىجتىمائىي بايلىق يارتىپ ،جەمئيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مىللەتنى كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە قىلپلا قالماي مۇشۇنداق نۇرغۇن ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدى .لېكىن رىئاللىقتا   رايونىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كوزۇر سانائەت كارخانىلىرى يەنى بەلگىلىك  تېخنىكا سەۋيىسى ۋە ماھارىتى تەلەپ قىلدىغان كانچىلىق ،نېفىت -خىميە سانائىتىنى  ئاساس قىلغان چوڭ -ئۇتتۇرا تىپتىكى كارخانىلاردىن ئىش ئورنى چىقمايدىغانلقى ھەممەيلەنگە ئايان . يەرلىك  سانائەت ئاساسىمىز بەك ئاجىز ،كۆلەملەشمىگەن شۇڭا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا چوڭ ھەسسە قوشالمايدۇ . مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى ھەم تۆمۈر تاۋاق ئارزۇسىنىڭ يۇقىرلقى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار خزمەت ئۈچۈن سارغىيپ يۈرگەندە ،شەھەرگە كىرگەن بىلىمسىز ،ھۈنەرسىز دېھقانغا سانائەت ئىشچىسى بولۇش مۇمكىن بولمايدىغان بىر چۈش .  
/ ~* L8 A) D) Nئەمدى تىما ئىگىسى دىگەندەك ياش زىيالىيلار يېزىلارغا يۈزلنىپ ئۆزىنىڭ بىلمى بىلەن دېھقانلارنىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرسە راستىنلا ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ ھەممىگە مەنپەئەتلىك يېڭى بىر چقىشى يولى ،خزمەت تېپىش يولى ،گۈللنىش -بېيىش يولى بولالارمۇ ؟ 5 Q5 ?( k& j" z
مەندەك بۇغداي مايسسى بىلەن كۈدىنى پەرقلەندۈشتىن ئۆزگە دېھقانچىلىق تۇرمۇشىنى چۈشەنمەيدىغان ئادەم بۇنىڭغا بىرنىمە دىيەلمەيمەن ،لېكىن بىر خزمەت ئورنىنى مىڭ كىشى تالشىپ سارغىيىپ يۈرگەندىن يېڭى يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن . 6 Z' o1 }+ {" b, l) x" B$ A% G
بىر ماتريالدا ئوقۇسام گوللاندىيەدە باكلاۋرلىق ئۇنۋانى بولمىسا دېھقان بولغىلى بولمايدىكەن ،قارىغاندا  گوللاندىيە  پۈتۈن دۇنياغا ئېكىسپورت قىلۋاتقان  مەشھۇر سىمنتال كالىسى ۋە ئاجايىپ ئېسىل سورتلۇق گۈللەرنى قاراقوساق دىھقانلارغا تايىنىپ بارلىققا كەلتۈرمىگىنى ئېنىق .  دىمەك  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلار دېھقان بولسا مشۇنداق كاتتا دېھقان بولدىغان گەپكەن ،لېكىن كىچكىدىن "ياخشى ئوقۇساڭ كادىر بولسەن ،ئوقيالمىساڭ ساھراغا چقىپ كەتمەن چاپىسەن "دىگەن "مەشھۇر تەلىمات" لارنى مېڭىسىگە سىڭدۈرۈپ چوڭ بولغان بىزلەر ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاڭنى ،ئىديىنى ئۆزگەرتىش ئەڭ مۇھىم . قالدى گەپ بەلنى مەھكەم باغلاپ يېزىغا بېرىپ "باكلاۋىر دېھقان " بولۇشنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەتنىڭ بىزدە بار -يوقلىقىدا ؟

سىز بارماقلىرى چىڭ تۈگۈلگەن مۇش بىلەن كۆرۈشەلمەيسىز .(گەندى )

7

تېما

70

يازما

77

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 76622
يازما سانى:
70
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3940
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
55 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-2-26
ئاخىرقى:
2016-3-26
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-15 22:29:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
babur99 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-15 10:19 PM3 H1 T& \* S# o' @- [- k' p) `, i
تىما ئىگىسى جانلىق گەپ قىپسىز .
: W8 s& W0 }& c+ Cمەن يېزىلارنى بەك چۈشنى ...

  E. {5 A( ]) ]$ [2 \تېرىلغۇ يەر سىز ئويلىغاننىڭ ئەكىسچە ناھايىتى كەڭرى ، جەنۇبى شىنجاڭدا يازنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن . يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالماسلىق ناھايىتى ئېغىر بولۇپ بىر مو يەرنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 500يۈئەنگىمۇ يەتمەيدۇ . يېزىلاردا دېھقانلار بازاردىن ئېلىپ يەيدىغان كۆكتاتنىڭ 50 پىرسەنتى باشقا يۇرتلاردىن ، ئىچكىردىن كېلىدۇ . بىزدە قىلغۇدەك شارائىت بار ، ئەمما قىلغۇدەك ئادەم يوق

23

تېما

285

يازما

308

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 111447
يازما سانى:
285
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2255
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
520 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-12-4
ئاخىرقى:
2016-4-3
ۋاقتى: 2016-2-17 14:16:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ ،خىلى ئەمىلىي گەپلەرنى قىلىپسىز .ياخشى تەرىپىنى دېمىسەممۇ بولار .بىزنىڭ دىيارىمىزدا تىخى دىھقانلارنىڭ غىدىقلىغۇدەك چوڭ كىرزىس تىخى كەلمىدى ،كەلدى ئەمدى ئەڭ نادان دىھقاننىمۇ سىلكىگىدەك كىرزىس بولمىدى ،ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشلىرىنىغۇ ئەسلا سۈرۈشتە قىلمايدۇ ،بالىسى نىمە ئوقۇۋاتىدۇ ،نىمە نىشان ھىچنىمە بىلمەيدۇ ،ھەم ھۆكۈمەت ئورگىنىدىن خىزمەت تاپ دەپلا بۇيرۇيدۇ .نەچچە ئون يىلدىن كىيىن دىھقانلارغا يەرمۇ بىرىلمەسلىكى مومكىن ،ئەگەر تىخنىكىلق تىرىپ ھوسۇل ئالالمىساڭ يەرنى تاپشۇر دىيىشى مومكىن ،ھۆكۈمەتنىڭ ساقىلى يوق ،ۋاقتى كەلگەندە يەرگە ئوتتۇز يىللىق توختام تۈزگىنى بىكارچى بولۇپ ،ئىچكىرىدىن چىققان يولداشتىن بىرسى مەن ھوسۇل ئالغۇدەك تىرىيمەن دىسە ئۇنىڭغا بىرىدۇ .مەنمۇ دىھقان بالىسى ،ھازىر يەردىن چىققان ئاشلىق يەرنىڭ چىقىمىنى تۆلىيەلمەيدۇ ،پەقەت شۇ ئىتىز ئەتراپىدىكى ياڭاق ئۈرۈك چىلان قاتارلىق مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ كىرىمى بىلەن ئاندىن يەردىن دىھقانغا ئازراق نەرسە قالىدۇ .يەرتىرىپلا ئۆتىدىغان دىھقاننىڭ باي بولغىنى يوق ،يىلدىن -يىلغا قەرز ،ئەمما ئازراق تىجارەت،قوي باقمىچىلىقى دىگەندەكلەرنى قوشۇمچە قىلغان دىھقانلارنىڭ كىرىمى بىرئاز ياخشىراق .ئىشقىلىپ دىھقانلىرىمىز كىرزىسنى ھىس قىلىپ يەتمىدى .ھورۇنلۇققا كەلسەك ،ئاشۇ دىھقانلىرىمىز كۈندۈزدە ئىشلىسە ،كەچتە ئۆيدە تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇرىدۇ ،دىھقان بولغاندىكىن مۇنداق مەسچىتلەرگە بىرىپ ئىبادەت قىلىپ قويسا ،بىركىم توسمىغاندىكىن ،ئاللاھ بەلىكىم يول ئاسايشلىق بىرىپ قالارئىدى .....5 t. K. }, J. h0 ?8 v
ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھازىر ئۈندىدار مۇھەببەتنىڭ قۇلى ،تۆت يىل نىمە ئۈگەندىڭ دىسە ھىچنىمە دەپ بىرەلمەيدۇ ،باشقا تەرەپنى دىمەي ،مۇشۇ ھالقىلىق مەسىلە....
: Y& X  r" y: K# `4 eھارۇنلۇققا كەلسەك ھورۇنلۇق ھەممە مىلەتتە بار ئەمما بەزمىللەتلەر بىرئاز ھورۇنلۇق قىلسىمۇ يارىشىدۇ ،ئەمما بىزنىڭ ھورۇنلۇق قىلىدىغان ۋاقتىمىز ئەمەس ئىدى ،لىكىن ئاشۇ ھورۇن ئەرەپلەر دەمدۇق ،ئىشقىلىپ شۇلار بىلەن بەسلىشىۋاتىمىزغۇ تاڭ ....* L3 {. C4 K) p1 n% p
خۇلاسە قىلغاندا ھاياتنىڭ قىممىتى ئۈستىدە ئادەم ئىچ ئىچىدىن ئويغانمىسا ،سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرى ئانچە چوڭ بولماسلىقى مومكىن ....
: i# U# `& `- U0 `ئىسىل تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر ...

ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئىيتىشنى ئۇنۇتمايمەن!

بابۇرخان

3

تېما

2132

يازما

2135

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 18979
يازما سانى:
2132
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
15843
تۆھپە :
400
باھا :
538
توردا:
3085 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-25
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-2-17 20:04:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-17 08:07 PM  $ `! B* A! h0 S4 z) m2 G
( D7 v0 j- s6 ~$ O, Y
بۇ تېمدىكى پىلانلار ئەمەلگە ئاشماس غايىۋى خيال ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ياشاش يولى  ئۈستىدە ئازراق ئىزدىنىدىغان ياشلار ئۈچۈن پايدىلنىش قىممىتى خېلى يۇقرى تېما ئىدى ئەسلى .2 }" U0 ]3 p" R0 `! q$ }/ }
بەلكىم مىسرانىمدىمۇ  سىتۇدىنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ياشلار بار ،لېكىن بۇ تېمىدا ئۇلارنىڭ سايسى كۆرۈنمىگىنىگە مەن تولىمۇ ئەجەبلنىۋاتىمەن .; Q6 S1 R7 C* |1 K: ]) M
2 Z/ N. a8 A5 J' x
   ئىشخانا خزمىتى يۈكسەك دەرجىدە ئاپتوماتلاشقان ھەمدە مالىيە يۈكى ئارتىپ كەتكەچكە ئورگانلار ئىخچام خىل بولۇش تەكىتلنىۋاتقان ئىسلاھات دەۋرىدە ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي كەسپى ئورگانلرىدىكى  خزمەت ئورۇنلرى تولىمۇ چەكلىكتۇر .  تەڭدىن تولا  ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بۇ ئورۇنلارغا كىرەلمەيدىغانلقى كۈندەك روشەن ئىش .
% N6 u2 ]) c( [ئەنئەنىۋى خزمەت ئىدىيسى تۈپەيلى ياش زىيالىيلار ئارىسدىن يېقىن ئارىدا بۇ تېمىدا ئېيتلغاندەك تۆمۈر تاۋاق ئارزۇسدىن ۋاز كېچىپ يېزىغا قايتىپ زامانىۋى دېھقان (توغرىسى دېچقانچىلىق مەيدانى خوجايىنى ) بولۇشنى تاللايدىغانلارنىڭ يوق ھېساپتا بولىشىنى ئۇيغۇر جەمئىيتىنى چۈشنىدىغانلار بىلىدۇ .
: b- B% p2 }/ _  p) G) s. G  لېكىن  ياشلار بۇ يولنى خالىمىغان تەقدىردىمۇ  ئۆزىنىڭ  كەلگۈسىگە ،چقىش يولىغا مۇناسۋەتلىك بۇنداق تېمىلارغا پەرۋاسىز مۇئامىلىدە بولىشى بەكمۇ ئەپسۇسلۇق بىر ئىش .
# u6 N) z: l1 ^* \بۈگۈن رىئال مەسلىلەر ھەققىدە ئويلنىشتىن ئۆزىڭزىنى قاچۇرغىنىڭىز بىلەن كەلگۈسىدە سىزنى ساقلاپ تۇرغان ئاچچىق رىئاللىققا قانداق يۈزلىنەرسىز ؟

سىز بارماقلىرى چىڭ تۈگۈلگەن مۇش بىلەن كۆرۈشەلمەيسىز .(گەندى )
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-4 01:13 PM, Processed in 0.137700 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش