مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 17279|ئىنكاس: 37

ئەلى قۇربان: ئەي گۈل !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

53

تېما

284

يازما

337

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 93072
يازما سانى:
284
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1863
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
458 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-3-11
ئاخىرقى:
2016-3-26
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BATUR72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-24 11:41 AM  
8 \& Q- C6 r; ^7 p! I; i: d5 l3 \, j1 F
$ I, n5 ~# n! M- F$ @, J$ ^3 d# n
ئەي گۈل
ئەلى قۇربان
866614334769229710.jpg
     جاۋابى شاھمات بولغان تېپىشماقنى ئېيتقاندا تىلغا ئېلىشقا بولمايدىغان بىردىنبىر سۆز شاھماتتۇر . مۇھەببەتتىن ئايرىلسا «ھېچنىمە»گە ئايلىنىپ قالىدىغان بۇ ھاياتتا مۇھەببەت قانچە ئاز تىلغا ئېلىنغانسىرى شۇنچە گۈزەل بولىدۇ .ئەي گۈل ،كىم ساڭا مۇھەببەت قۇياش نۇرىغا ئامراق دېدى . ئۇچقۇن قاراڭغۇغا ئاشىق بولغاندەك ئۇقاراڭغۇنى ئىستەيدۇ . قائىدىلەرگە بويسۇنمايدۇ ،ئۇنىڭغا ئاتا- بوۋىللىرىڭدىن قالغان مىراس دۇئالار ئەمەس ،سەن دىققەت قىلمىغاندا قەلبىڭدىن چۈشۈپ قالغان مۇڭلۇق نوتىلاردىن تۈزۈلگەن شەخسى دۇئالىرىڭ ئارقىلىق ئېرىشىسەن .
     ئۇ ئەقىل بىلەن ئەزەلدىن چىقىشالمايدۇ،ئىسكەندەرنىڭ ئېتى بۇسۋالىسقا ئوخشاش يامغۇر كەبى ياغدۇرۇلغان يا ئوقلىرىغا قارىماي ئالدىغا مېڭىۋېرىدۇ .مۇھەببەتتىن زەرىچە يۇقۇملانمىغان ئەخمەق شائىرلارنىڭ مۇھەببەت ياخشى دىيىشلىرىگە قۇلاق سالما ،ئۇ ياخشى ئەمەس ،بەلكى شەخسىيەتچى ھەتتارەزىل كېلىدۇ . پادىشاھ داۋۇت ئېلىيامنىڭ قىزى باسشىبەگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېرى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەڭ سادىق جەڭچىسى يۇرىيانى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىپ ئۆلتۈرگەن ئەمەسمۇ .
    ئەي گۈل! مۇھەببەت چۈشىنىشكە ۋە چۈشەندۈرۈشكە مۇھتاج ئەمەس ، قانچە چۈشىنىشكە ئۇرۇنغانسىرى ،ئۇنى شۇنچە مەجرۇھ قىلىپ قويىسەن .مەلىكە ساھىك ئېرۇس بىلەن توي قىلغاندا، ئېرى ئۇنىڭغا :«سېنىڭ ھەرقانداق تەلىپىڭنى ئورۇندايمەن ، سەندىن كۈتىدىغان بىرلا تەلىپىم بار ،چىرايىمغا مەڭگۈ قارىمايسەن »دېدى . بىر مەزگىل بەخت ئېلكىدە ياشىغان مەلىكە توي قىلغان ئادىمىنىڭ يىلان بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بىر كۈنى كەچ شام نۇرىدا ئېرىنىڭ چىرايىغا قارىدى ،ھالبۇكى ئېرۇس ئىنتايىن گۈزەل ھەم كېلىشكەن ئىدى ،ھەرگىزمۇ بىر يۈز قىرىق قارىغۇ خوتۇنى بار چىرايى بەتبەشىرە يالغان ئەۋلىيا ھەكىمگە ئوخشىمايتتى . گۇمان ،تەشۋىش مەلىكىنى مۇھەببەت ئىلاھىدىن مەھرۇم قىلدى .
      ئەي گۈل ! تۇپراقلىرىڭدىن گۇمانلانما ،سەسكەنمە ، ئۇنىڭ بەتبۇي بولۇشى سېنى گۈزەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؛ ئەي گۈل ! سېنىڭ ئاجىز بولۇش ئىمتىيازىڭ بار ، بىراق ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھوقوقىڭ يوق ؛ كىچىك ئېرىقلارنىڭ سەندىن يۈز ئۆرۈشىدىن ئەنسىرىمە ،شۇ تۈپەيلى يامغۇر بىلەن ئۇچىرىشىسەن؛ يوقىتىشلاردىن ئەنسىرىمە ،ئادەم پەقەت ئەزەلدىن ئېرىشىپ باقمىغان نەرسىلەرنىلا يوقىتىدۇ ؛ ئەي گۈل ! دۈشمىنىم باركەن دەپ مەيۈسلەنمە ،شۇ تۈپەيلى دوستلىرىڭنى تاپىسەن ،يەنە تاپىسەن .
        ئاينۇرى كېچە-كۈندۈز ،قىش –ياز ئېچىلىپ تۇرغان بۇ گۈلگە دېدى :«ئەي گۈل ، سەن شۇنچە زامان ئېچىلىپ تۇرساڭمۇ ھەسەل ھەرىسى كەلمىدى ، چارچىمىدىڭمۇ ؟ »،گۈل جاۋابەن:«بىلىمەن ، بەلكىم ھەسەل ھەرىلىرى مەڭگۈ كەلمەسلىكى مۇمكىن ، بىراق ئېچىلىپ تۇرمىسام ، چوقۇم قۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىمەن ، شۇڭا مەن بۇرۇنقىدەك ۋە كېيىنكىدەك مەڭگۈ ئېچلىپ تۇرۇشنى تاللىدىم »دەپ جاۋاب بەردى .

1 ?3 B; P3 L  Z! x# \

سەندىن دۇنيادا يەنە بىرسى بارمۇ ؟
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

Www.Arkzat.Com

137

تېما

1100

يازما

1237

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 30135
يازما سانى:
1100
نادىر تېما :
10
مۇنبەر پۇلى :
47999
تۆھپە :
2387
باھا :
1620
توردا:
6823 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-2-12
ئاخىرقى:
2016-3-29
ۋاقتى: 2016-2-24 14:45:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام، ئەلى مۇئەللىم!  ئەقلىمىزگە ئەقىل ئاتا قىلىدىغان ھېكمەتلەر، قايىل قىلارلىق  نەقىللەر بىلەن ئىخچام ۋە ئوبرازلىق يېزىلغان بۇ نەسىرىڭىز نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن سىزنى قۇتلۇقلايمەن.

0

تېما

14

يازما

14

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 136174
يازما سانى:
14
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
108
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
84 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-1-25
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-2-24 13:50:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاللىشى ئۆز خۇشاللىقى ئۈچۈن بولمايدۇ. لېكىن جەمىيەت، ئۇلارنى شەخسىيەتچى دەۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇلار شەخسىيەتچى بولغان بولسا، ئاجىزلارغا قارىغاندا كۈچلۈكلەر كۆپەيگەن بولاتتى. مەن ئۆز شەخسىيىتى ئۈچۈن، ئۆز خۇشاللىقى ئۈچۈن ياشىغانلار نىمۇ، كۈچلۈكلەردىن ھېسابلايمەن.

0

تېما

245

يازما

245

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 103753
يازما سانى:
245
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
916
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1684 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-2-18
ئاخىرقى:
2016-3-28
ۋاقتى: 2016-2-24 17:43:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇردۇم ...

ئىنشائاللاھ غەلبە قىلغۇچىمەن !

0

تېما

381

يازما

381

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79355
يازما سانى:
381
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3841
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
216 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-26
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-2-24 18:00:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى چىقىپتۇ بۇ ئەسىرىڭىز !

5

تېما

75

يازما

80

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 96249
يازما سانى:
75
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
371
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
100 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-7-22
ئاخىرقى:
2016-3-21
ۋاقتى: 2016-2-24 20:03:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەپەككۇر( H/ P( {0 i# b4 L
- k3 N* p$ }3 v  r2 j  ?- y9 O8 z

0

تېما

2

يازما

2

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 92427
يازما سانى:
2
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
397
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
113 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-2-28
ئاخىرقى:
2016-3-22
ۋاقتى: 2016-2-24 21:14:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي،گۈل سېنىڭ ئاجىز بولۇش ئىمتىيازىڭ بار،لېكىن ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھوقوقىڭ يوق...

0

تېما

64

يازما

64

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 136254
يازما سانى:
64
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
490
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
48 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-1-25
ئاخىرقى:
2016-2-26
ۋاقتى: 2016-2-24 21:57:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ

سەۋر قىلساڭ ،غورىدىن ھالۋا پۈتەر

3

تېما

39

يازما

42

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 52000
يازما سانى:
39
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3502
تۆھپە :
240
باھا :
191
توردا:
30 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-8-17
ئاخىرقى:
2016-2-24
ۋاقتى: 2016-2-24 22:11:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىچە يىزىلغان ئەسەركەن  . ئەلى قۇربان  مۇئەللىمنىڭ  يازمىلىرىنىڭ  كۆپرەك يوللىنىپ  تۇرىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن .

0

تېما

5

يازما

5

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 119601
يازما سانى:
5
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
68
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
29 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-5-20
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2016-2-24 22:51:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئېسىل يېزىلىپتۇ، بۇنداق ياخشى، سۈپۈتلىك نەسىر ئوقۇپ باقمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن. راسلا خۇش بولدۇم!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 03:58 AM, Processed in 0.137687 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش