مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3543|ئىنكاس: 4

چىلان چېچىكى-پوۋېسىت -3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

126

يازما

141

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 445
يازما سانى:
126
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
11142
تۆھپە :
453
باھا :
356
توردا:
3309 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-23
ئاخىرقى:
2016-3-29
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   emetbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-4 11:14 AM  
9 f, H+ Z/ }# {8 P* j  i" |! A3 n: l; A6 A0 a& V. F- p# B
ئەمەتبەگ ئۆمەر بەرداش
) Y- m0 l% }  v+ [* r3 O  O  w% c

: A! a: S5 I+ l* f% o0 n0 x/ p2 j9 E  |; N
3# ~/ O# Z, m5 V% ]9 s
بۇ كېچە ئايزىبامۇئۇيقۇسىز ئىدى .تۈنۈگۈن مۇختار ئايزىباغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋاللاشتى ۋە بالىلارنى كۆرۈپ كېلەي دېگەن دەپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئايزىبا ھەسەندىن ئاجىراشقانچەئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتاتتى
; P6 @; ~2 b" O9 M  o) e
ئىشىك ئالدىداھەسەننىڭ ئىككى ئوغلى ئويناۋاتاتتى، ئۇلار مۇختارنى كۆرۈپلا تونۇپ يۈگۈرۈپ كىلىشىتى، ئايزىبا ھەسەننىڭ ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىغىننى ئۇقۇپ چوڭ ئوغلىنىمۇ ئەكىلىۋالغاندى. مۇختارغا چوڭى يول باشلاپ، كىچىكى ئەگىشىپ دېگەندەك ئۆيگە كىرىپ كەلدى .
5 k9 I$ ~0 f% I' X; c( X. g
ئايزىبا مۇختارنىڭكېلىشىنى بىلگەچكە داستىخان راسلاپ ئولتۇراتتى .

( I" y+ Q  P  m1 E" s
ھەسەن ئايزىباغاچوڭ بىر قۇتا ھەسەل ئەۋەتكەندى .
4 O* D4 N% d, l( B. F5 o
-ھەسەن بۇ ھەسەلنى سىلەرگە ئەۋەتتى-دەپ گەپ باشلىدى مۇختار ، - گەپ سۆزىدىن، ئوزايدىن قارىغانداقىلغان ئىشلاردىن بەك پۇشايمان قىپتۇ، سىز بىلەن بەك يارىشىپ قالغۇسى بارئوخشايدۇ، كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرىدۇ، شۇنداق بىچارە بولۇپ كېتىپتۇ، بىراق ئېغىزىدىنچىقىرالمايدۇ، مىنىڭ تىللاپ كېتىشىمدىن قورقىدۇ، بۇ ھەسەلنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ ئىسمىڭىزنىمۇ دۇدۇقلاپ شۇنداق تەستە تىلغا ئالدى .

! b! k0 f7 I" @# z9 F
-شۇنداقمۇ ، -دېدى ئايزىبا قەستەن پەرۋاسىز قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ خىيالىدا بىزمۇ باركەنمىز ھە،ھەسەللىرىنى ئاشۇ خانقىزلارغىلا ئەۋەتىپ بەرمەي ...
& D+ v* M5 i5 D1 n* c. A
ئايزىبانىڭ يەنەئۇنى يەنە نېمىلەرنىدۇر دەپ تىللىۋالغۇسى بار ئىدى، بىراق مۇختارنىڭ كۆڭلىنى ئايىدى، چۈنكى ھەسەننىڭ بۇ دوستى، ساۋاقدىشى ئۇلار ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان، كۆپ ھەرەج تارتقان ئىدى .
; L) ]! [5 T( W% j5 k+ I& P4 a
-بولدى قىلسىڭىزچۇئايزىبا، مېنىڭچە ئۇمۇ قاتتىق پۇشايمان قىلدى، خاتالىقنى تونۇدى، ئەمدى ئۇمۇ ئادەم بولار، ئېشەك جېنىدا پۇتى بىر پاتقان يەرگە قايتا دەسسىمەيدىغۇ؟ بولسا يارىشىپ قالساڭلار، بالىلارنى بىر ئۆيدە باقساڭلار بەك ياخشى بولاتتى .

/ V5 W; I0 u( U7 s# `
مۇختار يارىشىپ قالساڭلار دېگەن گەپنى چىقارغاندا ئايزىبانىڭ يۈرىكى سىقىلدى ، ئايزىبانى ئويلىمىدى دەمسىز؟ ئۇ ئاجراشقان بىر يىلدىن بېرى تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىزئۆتكۈزگەن، ھەسەن قايتا توي قىلغان كېچىسى بولسا ئۆزىنى پەقەتلا يوقىتىپ، بىرھەپتىگىچە ئاغرىپ يېتىپ قالغان ئىدى، ئاندىن ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشكە باشلىغان،ھەتتا ئۇمۇ دەرھال بىرسى بىلەن توي قىلىشنىمۇ ئويلاشقان ئىدى .
+ w' b4 D/ m" |4 D
تۆشۈك مونچاق يەردە قالماس دېگەندەك ئايزىبانىڭ ئاجىراشقانلىقىنى ئاڭلىغان بىر نەچچەيلەن ئۇنى ئىزدىگەن بولدى، ئايزىبا ھەسەننىڭ قىلغانلىرى ئۈچۈن ئارىدىن بىرەرسىگە ماقۇل دېيىشىنى ئويلاشتىيۇ بىراق قارا كۆز ئىككى ئوغلىغا قاراپ توختاپ قالدى، ئۇ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈنلا بالىلىرىنى ئۆگەينىڭ قولىغا تاشلاپ بەرسە بەكمۇ شەخسىيەتچىلىكقىلغان بولۇپ قالاتتى. ئۇ قانچە جاپا تارتسىمۇ ئىككى ئوغلىنى ئۆزى يالغۇزتەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇش قارارىغىمۇ كېلىپ بولغانىدى، ئىككى ئوغلى دادىلىرىنىڭ گېپىنى قىلىشسا يۈرىكى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كېتەتتى. ئۇيقۇسىز قالغان ئۇزۇن كېچىلەردە ئايزىبا نېمىلەرنىدۇر كۈتەتتى .
' Y' R  e4 q9 w1 x
موختار ئايزىبابىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا ھەسەننىڭ كىچىك ئوغلى مۇختارنىڭ قوللىرىغا ئېسىلدى ۋە چۈچۈك تىللىرىدا-مۇختايجان دادا، مېنى قاچان دادامنىڭ قېشىغا ئاپىيىسىز ؟-دەپسوراپ قالدى. كۈتمىگەن بۇ سوئالدىن مۇختارمۇ، ئايزىبامۇ بىر-بىرىگە قاراپ قېلىشتى.

6 i7 e1 l6 b5 g8 Z. k
-ئەتە ئاپىراي بولامدۇ يىگىت، ئەتىلىككە تەييار بولۇپ تۇرغىن جۇمۇ-دېدى مۇختار ۋە ئايزىباغاقانداق قىلىمەن دېگەندەك سوئال نەزىرى بىلەن. ئايزىبا يەرگە قارىۋېلىپ ئىپادەبىلدۈرمىدى .

0 U. Q; z% s0 z9 I& {9 V% J
مۇختار يەنەھەسەننىڭ قىمارخانىدا ئۇتتۇرۋەتكەن ئىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ، يەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقنى ، بۇ  توغرىدا ھەسەن بىلەن پاراڭلاشقانلىقنى  ئېيتىپ بەردى .

* [4 e6 Y, D. V' H
مۇختار خوشلىشىپقايتتى .

- V) y% y; c2 w5 L& \
ئايزىبانىڭ  كۆز ئالدىدا ھەسەن بىلەن دەسلەپ مۇھەببەتلەشكەن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا تەتىللەردە ئىزدەشكەن،   ۋەدەسلەپتە توي قىلغان كۈنلەر كەلدى .
, l* {- ?/ x$ g5 Z2 ]
ھەسەن بىلەن ئايزىبا تولۇقسزنىڭ كىيىنكى يىللىرىدىلا بىر-بىرىگە يېقىنلاشقان بولۇپ، ھەسەنمۇ،ئايزىبامۇ بىر بىرىگە شۇنداق ئېجىل ئىدى، دەرستىن سىرتقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش،تاپشۇرۇق ئىشلەشلەردە تەبىئىيلا بىر يەرگە كېلىپ قالاتتى. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقنىڭ ئىككىنچى مەۋسۇمىنىڭ بىر كۈنىدە ئايزىبا كىتابىنىڭ قېتىدا بىرتال قىزىل گۈل غۇنچىسىنىڭ قىسىقلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى، دەسلىپىدە ئايزىباسىنىپتىكى باشقا كەپسىز ئوغۇللارنىڭ ئىشى دەپ بۇ ئىشقا ئانچە ئېرەنشىمىدى، بىراقبۇ ئىش بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقاندىن كىيىن ھەسەننىڭ قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى، ئەسلىدە شۇ كۈنلەردە ھەسەنگە ئايزىبانىڭ ئىشىق ئوتى تۇتاشقان بولۇپ، بېغىدائېچىلىۋاتقان قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدىن كۈندە بىر تال ئوغرىلاپ كېلىپ ئايزىبانىڭ كىتابىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويىۋاتاتتى .
# H5 K% `: W) y/ [4 {) U' F
بىر كۈنى دەرس ئارىلىقىدىكى گىمناستىكىدىن ئۇدۇللا سىنىپقا قايتىپ كىرگەن ئايزىبا دېرىزىدىن ھەسەننىڭ ئۆزىنىڭ كىتابى ئارىسىغا غۇنچە قىستۇرۋاتقانلىقنى كۆرۈپ قالدى، لېكىن كۆرمەسكەسالغىنىچە سىنىپقا كىرىپ كەلدىدە ئۇدۇل شۇ كىتابىنى ئاچتى، ئاندىن غۇنچىنى ئېلىپ  چىرايىنى قەستەن پۈرۈشتۈرۈپ ،ئەخلەت چىلىكنىڭ قېشىغا بېرىپ خۇددى تاشلىۋەتمەكچى بولغاندەك قىياپەتتە ھەسەنگە ئاڭلىتىپ تۇرۇپ -ئوھۇش، ئىگىسى يوق بۇ گۈلدىن ئەجەبمۇ زېرىكتىم، تاشلىۋېتەيچۇ دەپ ھەسەنگە ئاڭلىتىپ تۇرۇپ غۇدۇرىدى-دە لاپپىدە ھەسەنگە قارىدى، ئايزىبانىڭ ھەرىكىتىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان  ھەسەن بۇ گەپتىن ئۆپكىدەپ قىزىرىپ كەتتى، ۋە ھودۇققىنىدىن نېمە قىلارنى بىلەلمەي قالدى، شۇ چاغدا ئايزىبا ھەسەننىڭ بۇ تۇرقىغا  بىر قاراپ شۇنداق قاقاقلاپ كۈلدى ، ھەسەن بۇ كۈلكە بىلەن ئوڭايسىز ئەھۋالدىن قۇتۇلدى، ئايزىبا چاندۇرمايلا غۇنچىنى قايتا قولىغا ئېلىپ ھۇزۇرلىنىپ تۇرۇپ پۇرىدى-بۇ گۈلنىڭ ئىگىسىنىڭ يۈزى گۈلدىنمۇ قىزىلكىنا -، دېدى شوخلۇق بىلەن، بۇ چاغدا سىنىپتا پەقەت ھەسەن بىلەن ئايزىبا ئىككىسلا بار ئىدى .

5 M; z' I9 |% b$ `
ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن ھەسەن تېخىمۇ جۈرئەتلىكرەك بولۇش كېرەكلىكىنى چۈشەندىمۇ   ئايزىباغا تۇنجى سۆيگۈ مەكتۇپىنى يازدى .

! s  v+ [, R7 H7 _# Q0 H) n' o
ئايزىبانىڭ كۈتكىنىمۇ دەل مۇشۇ ئىدى، بىراق ئايزىبا كەلگۈسىدە بولىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈچە كۈتۈپ تۇرۇشنى، دىققىتىنى ئۆگىنىشكە قارىتىشنى تەلەپ قىلدى، كۆڭلىدە بولسا ماقۇل بولۇپ بولغانىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى باشقىچە يېقىن بولۇپ كەتتى، بىر بىرىنى بىر كۈن كۆرۈشمىسە كۆڭلى تىنىم تاپمايىتتى، دائىم بىللە ئۆگىنىش قىلاتتى، تەتىللەردە ئۇياكى بۇ باھانىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ تۇراتتى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر ئاي قالغاندا ئايزىبا ئىككىنچى قېتىم سۆيگۈ مەكتۇپى تاپشۇرۇپ ئالدى .

8 `3 I$ a: ]$ d
ئايزىبا بۇ قېتىمھەسەننىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدى .
3 y7 Y7 D2 B( ^) [  u/ |
ئايزىبا ئالىي مەكتەپكە ماڭىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى ھەسەن بىلەن كۆرۈشتى .
' s# B5 Z$ N+ O4 Q; [
ئۇ كېچە ئايدىڭ بولۇپ ئاسمان تولىمۇ يورۇق ئىدى، كۈزنىڭ ئوچۇق ھاۋاسىدا تولغان ئاي ئۆزىنى تولۇق نامايەن قىلاتتى. يۇلتۇزلار بولسا ئاي نۇرىدا خىرەلىشىپ قالغان، ئەتراپ شۇنچىلىك جىمجىت ، يىراقتىكى ئېتىزلىقلاردىن چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلدىغان ئاۋازلىرى، كۆل بويلىرىدىن پاقىلارنىڭ كۇركىراش ئاۋازلىرى، نەلەردىندۇر ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى يېتىپ كېلەتتى. بىراق بۇ ئاۋازلار شۇنچىلىك پەس، ئارامبەخش بولۇپ ئايدىڭ كېچىگە چالغان تەبىئەتنىڭ سېمفۇنىيىسىگە ئوخشايتتى .
) J  ?) X8 N% I$ ^8 z  \& \
ھەسەن ئايزىبانىڭ قولىنى تۇتۇپ سەيلە قىلغاچ، ئۇلار ئايزىبانىڭ مەھەللىسىنىڭ ئايىغىدىكى تېرەكلىك يولدا كېتىۋاتاتتى، ئۇلار تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ بىر ھازا مېڭىشىتى ۋە بىريەردە توختاشتى، ھەسەن تولۇن ئايغا يۈزلىنىپ تۇرغان ئايزىباغا قارىدى، ئۇنىڭ ئاق ھەم چىرايلىق يۈزى تولۇن ئاي يورۇقىدا نۇرلىنىپ سۈتتەك جۇلالانغان بولۇپ شۇنچىلىك گۈزەل بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھەسەن ئايزىبانىڭ بۇنچىلىك گۈزەللىكىنى خۇددى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغاندەك ھاياجانلاندى .

' h6 @& B/ ]) R  q# \
-سىز ئاشۇ ئونبەش كۈنلۈك تولۇن ئايغا ئوخشايسىز دەپ پىچىرلىدى ھەسەن .   

+ A9 R+ C8 E% i) d6 _6 C" Z7 y; J
بىراق ئايزىبا بۇچاغدا ئۈنسىز ياش تۆكىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ياشلىرىدا ئاتا-ئانىسىغا، ھەسەنگە، يۇرتىغاقىيالماسلىق ھېسسىياتلىرى ئارىلىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى. بۇنى ھەسەن سېزىپ تۇراتتى.

6 Y1 Q; j* p" Z' t
-كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭە دەيتتى ھەسەن، يا بىر سىز كەتمەسكە كېتىۋاتمىسىڭىز، خۇدايىم بۇيرۇسا مەنبۇ قېتىم قايتا ئوقۇپ كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا سىز ئوقۇغان مەكتەپكە بارىمەن، بىريىل چىدايلى، چوقۇم يەنە بىللە بولىمىز . -ھەسەننىڭ تەسەللىيلىرى ئايزىباغا تەسىرقىلدىمۇ قانداق كۆڭلى خېلى ئېچىلىپ قالدى .
7 b7 ~( t& [- l, d3 \1 V5 L/ d. i
-سىزنى ياخشىكۆرىمەن ،- دەپ بوشىقنا پىچىرلىدى ئايزىبا ۋە شۇنداق دەپ بولۇپلا خىجىللىقتا يان تەرەپكە قارىۋالدى، ھەسەن ئايزىبانىڭ بۇ گەپنى تۇنجى قېتىم ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغاچقىمۇ قۇلاقلىرىغا ئىشنەلمەي قالدى ، ئۇ خۇشال ھەم ھەيران ئىدى، ھەسەنئايزىباغا تېخىمۇ يېقىنشىدى ۋە ئۇنى ئالدىغا تارتتى .

1 Z( n  \8 ?6 O' L
-مەنمۇ سىزنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيىمەن، مىنىڭ ئايىم ، -دېدى ۋە لەۋلىرىگە سۆيمەكچى بولدى، ئايزىبا كەينىگە داجىپ ئازراق قارشىلىق قىلدىيۇ يەنە ئىختىيارىنى بەردى، لەۋلەر جۈپلەشتى،لەۋلەر ئارىسىدا دەسلەپتە تۇيۇقسىز توك تەپكەندەك، ئارقىدىن بولسا شۇنداق بىرئىسسىق سېزىم ئىككى ياشنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تاراپ كەتتى، گويا پۈتۈن جاھان بىرلەشكەندەك... بۇ سۆيۈشلەر قانچىلىك داۋاملاشتىكىن ئايزىبا بىردىنلا ئېسىنى يىغدى-دە بىريۇلقۇنۇپلا ھەسەننىڭ قۇچىقىدىن چىقىپ-ئەسكى دەپ تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ باتنىدى .

5 h* s- F% a" X9 i
بۇ تۇنجى سۆيۈشۈش ئىدى، ئايزىبا مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدىغان سۆيۈشۈش ئىدى، شۇ تاپتا ئايزىبا ئاي نۇرىداخىجىللىقتا ھەسەنگە قاراشتىن ئۇيىلىۋاتقان بولسىمۇ يۈرەكلىرى خۇشاللىقتىن كۆكرەك قەپىسىگە پاتمايۋاتاتتى .
) U8 M+ ]  }3 ^
-ئايزىبا دەپ چاقىردى ھەسەن ئېسىنى يىغىپ، مەن سىزنى سۆيىمەن، بۇ ئۆمرۈمدە پەقەت سىزنىلاسۆيىمەن، مەن سىزگە ۋەدە بېرەي. بىز مەڭگۈ بىللە ئۆتەيلى !
# ?# {' F7 z- \  Y
-مەنمۇ شۇ ، -دەپ پىچىرلىدى ئايزىبا، مەنمۇ سىزگە ۋەدە بېرەي، بىز بىللە ياشاپ بىللە قېرىيلى، مەنمۇپەقەت سىزنىلا ياخشى كۆرىمەن .

4 l3 H- a' G6 \: T0 ?! `. n
-راستما، بۇ مىنىڭ ئوڭۇممۇ چۈشۈممۇ، ئەمىسە گېپىمىز گەپ، مەن مەڭگۈ سىزنى ئاسرايمەن، قوغدايمەن ،....
1 z6 S9 T1 R) X3 @  m+ I3 p# M
-ھەسەن !
7 v5 e3 J  C# Y
-ئايزىبا !

( m3 u5 |) ]' ?  J+ q& u, N
ئىككى گەۋدە يەنەقوشۇلدى، ئونبەش كۈنلۈك شۇ ئايدىڭ كېچىدە تولۇن ئاي ئۇلارنىڭ ۋەدىلىرىگە گۇۋاھ بولدى .
# ~  H! C- s8 N; g' {5 R
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر تۈپ تېرەكنىڭ قېشىغا كېلىپ، تېرەكنىڭ سىلىق غولىغا بەكە بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ باش ھەرپىنى قوشۇپ ئويۇپ قويۇشتى .

# P$ R) y8 r/ `4 n3 b' k' I2 j
ئايزىبا ۋەدىسدەتۇردى، تۇرغاندىمۇ بەش يىل ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا باشقىلارنىڭ سۆيگۈ تەكلىپلىرىنىچىرايلىقچە رەت قىلدى. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بولسا دوستلىرى،ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بىر دېھقان بىلەن ئارلىشىۋاتقانلىقنى ئۇقۇپ توسىغانبولسىمۇ پەرۋا قىلمىدى .
# j: W. q" g4 u6 g; f  p
توي ئىشىدىمۇ خېلىقارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولدى، بىراق ئۇ ئاشۇ كېچىدە بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇپ ئاخىرى ھەسەن بىلەن توي قىلدى .
# b/ h8 |6 m% z( b8 Z* q
توي مۇراسىم ئاخىرىلىشىپ ئىككىيلەن بىر ئۆيگە كىرگەن شۇ كېچىسى ئۇلار شۇنچىلىك خۇشال بولۇشتىكى، بىر بىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇۋېلىپ، قارىشىپ ئولتۇرۇپ غەلىبىسىنىتەبرىكلەشتى، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەدىلىرىنى ئەسلەشتى، خۇددى كونا دوستلاردەك مۇڭداشتى، بىر بىرسىگە پېشانە، بۇرۇنلىرنى يېقىشىپ كۈلۈشتى، ئەينى چاغدىكى بىر- بىرگە ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىلىرىنى قايتىدىن يېڭىلاشتى .
; \9 T( q6 k# \& w
توي بولۇپ ئىككى ئايچە بولغان چاغلار، مۆجىزە يۈز بەرگەندەك يېشىل، يۇمران بىخلار خۇددى قۇرۇپ قالغاندەك كۆرۈنىدىغان چىلان شاخلىرىنى يېرىپ چىقىشىقا باشلىدى، ھەپتە ئۆتمەيپۈتۈن چىلانلىق ياشىرىشقا باشلىدى، ھەسەن ھەر كۈنى سەھەر تورغاي چۇچۇلىماستىلائورنىدىن تۇرۇپ ئىككى غۇلاچچە كېلىدىغان ئۇزۇن شاخ قايچىسىنى ئېلىپ چىلانلىقلاردائالدىراش بولۇپ كەتتى، ئېرىنىڭ بۇنچە ئالدىراشلىقىنى كۆرگەن ئايزىبامۇ قايچىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ ئېتىزغا باردى. چىلان ئادەتتە باشقا مېۋىلىك دەرەخلەردىن كىيىن بىخلايدۇ، بىخلىغان ھامان چېچەكلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ شاخ ئۈگىلىرىدە بەس-بەس بىلەننوتا شاخلار چىقىشقا باشلايدۇ .
4 ?: [9 X: R8 a' b% k8 f
-مۇشۇ يېڭى چىققاننوتىلارنى-دەپ چۈشەندۈرەتتى ھەسەن ئايزىباغا-ئاستىدىكى تۆكۈلمە شاخلارنى قالدۇرۇپ قالغانلىرىنى چىققان ھامان ئېلىۋېتىش كېرەك، بولمىسا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي چېچەك ئېقىپ كېتىدۇ، چىلان ياز بويى چېچەك ئاچقان بىلەن مۇشۇ دەسلەپ ئاچقان چېچىكىدىن بولغان مېۋىنى ساقلاپ قالساق، چوڭ، ھەم سۈپەتلىك چىقىدۇ، مول ھوسۇل دېگەن شۇ .
: Z# e$ }' _# S2 N8 q: b( z4 a
-ماۋۇقورسىقىمدىكىسىمۇ دەسلەپكى چېچەكتىن بولغان مېۋە جۇمۇ -، دەپ ھەسەنگە قاراپ ئەركىلىدى ئايزىبا ، -بۇنىمۇ ياخشى ئاسرىسىڭىز كۈزگىچە بالىدىن مول ھوسۇل ئالىمىز.

7 j# h" H5 L. [4 c8 U& c( s
-ۋاھ، ۋاھ، گەپكەئۇستا جۇمۇ سىز، چاتاق يوق، ئىككەيلەنىنىڭ چېچىكىدىن بولغان مېۋىدىن چوقۇم مول ھوسۇل ئالىمىز دەپ كۆزىنى شوخلۇق بىلەن قىساتتى ھەسەن .
# c7 M1 f7 M" `7 k, n4 Q9 B
ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن ئايزىبا قورسىقمىدا بار دەپ تۇرۋالمدى، بالا تۇغۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ ھەسەن بىلەن ئېتىزغا چىقىپ تەڭ ئىشلەيتتى .
( g; g; l9 E& {! g+ U  N! K2 C
ئايزىبانىڭ ئانىسى دادىسى نىياز مۇئەللىمگە ئايزىبانىڭ جاپادا قالغانىلىقى ھەققىدە دادلاپ بېرەتتى،ئەمما نىياز مۇئەللىم كۆپنى كۆرگەن، ئۇقۇمۇشلۇق كىشى بولغاچقا بۇ گەپلەرگە پەرۋاقىلمايتتى، ئەمما ئايزىبا بىلەن يالغۇز قالغىنىدا بولسا-ماڭا قاراڭ قىزىم، ئادەم دېگەن ئىشلىگەنگە ئۆلۈپ قالمايدۇ، ھېچكىنىڭ پېشانسىگە سەن كادىر بولىسەن، سەن دېھقان بولىسەن دەپ پۈتۈپ قويغان ئەمەس. دېھقانچىلىقمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ھالال، ئوبدان كەسىپ، شۇڭا سىزمۇ قولىڭىزدىن كېلىشىچە تېرىشىڭ، تىرىشقان تاپاردەپتىكەن، ئەجىرىڭلار ھەرگىز يەردە قالمايدۇ .

3 B$ E/ }- i9 F% A1 ]
راست دېگەندەك ئۇلارنىڭ ئەجىرى مېۋە بېرىپ ئۇلارنىڭ كۈنلىرى شۇنچىلىك بەختىيار ئۆتۈۋاتاتتى. ئۇئېرى بىلەن بىللە ئىشلەشكە بەكمۇ ئامراق ئىدى .

9 }$ f+ v/ I2 p& H2 K+ o. h" \
ئايزىبائاشۇكۈنلەرنى ئويلىغاندا يۈرىكى چىدىماي قالدى، ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ، يۈرىكىنى بىرسىسىقىۋالغاندەك بولاتتى. يىغلاپ ياشلىرى قۇرۇپ، نەپىسى بوغۇلۇپ، ھالسىزلىنىپكەتكەندى .

7 q& Y5 r$ ]0 q4 l0 w4 i$ C
ئايزىبانىڭ خىيالى ھەسەن قىمارغا دەسلەپ ئۆگىنىپ قالغان كۈنلەرگە كەتتى .

  S% j: O) E% J* |5 ]) B1 i
ئايزىبا بۇھەسەننىڭ قىمارغا ئۆگىنىپ قالغانلىقنى ئۇقۇپ قالغاندىن كىيىن ئېرىگە نەسىھەت قىلدى، ئەمما ھەسەن دەسلەپتە تەن ئالمىدى، كىيىن تەن ئالغاندا بولسا مەن پەقەت كۆڭۈل خۇشى ئۇچۇن ئويناپ قويدۇم، پۇل تىكمىدىم دەپ تۇرۇۋالدى .
4 ^9 R: V9 s$ F3 E
ئىشنىڭ سەلچوڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ئايزىبا مۇختارنى ئارىغا سالدى .
9 i; s' b' m& n
-سىنىڭ نېمەچاتىقىڭ، پۇل ئۆزۈمنىڭ، قانداق قىلسام ئۆزۈمنىڭ ئىختىيارى! دەپ كۆپتى  ھەسەن كاداڭ نەسىھەت قىلغىلى  كەلگەن مۇختارغا .

/ }" E7 Z1 h! V
-ئۆزۈڭنى بېىسىۋال ھەسەن، سىنىڭ خوتۇن بالىلىرىڭ بار ئادەم، بۇ يولغا كىرگەن تالاي ئادەم ۋەيران بولدى، ھوشۇڭنى ۋاقتىدا يىغىۋال ،-دەپ قاتتىراق تەلەپپۇزغا ئۆتتى مۇختار .

$ v$ t5 V, B5 G9 ]9 y1 s" F" |! I) j2 r
-ۋاي بولدى قىلە، ئۇلار دېگەن كالتە پەم، شۇڭاۋەيران بولغان، مەن بۇ ئىشنى قىلىپ تېخى بىرەر قېتىم ئۇتتۇرۇپ باقمىدىم، ھە دەپبەرسەم چوڭ دادامدەك سۆزلەۋىرىدىكەنسەن .

- u; Q9 l- f! X1 T. ^; e! A
-نېمە دېدىڭ،ئۇتتۇرمايمەن؟ ئەجەب نوچىكىنا سەن، مەن مۇشۇ كەمگىچە ئۇتتۇرمايدىغان قىمارۋاز باردەپ ئاڭلىمىدىم ، قىمارۋازلارنىڭ پېشۋاسى جەمشىتمۇ قاقسەنەم بوپكىتىپتىكەن ،غوجامنىڭ  غوجسى بار ، قىمارۋاز دېگەننىڭ تۈرلۈك ھىيلىسى بار ، ھامان سىنى ئوڭدا قويىدۇ .

( L- E2 L9 C+ T3 @1 d4 @
مۇختار شۇ گەپنى دەۋېتىپ ھەسەننىڭ چوڭ دادامدەك سۆزلەۋېرىدىكەنسەن دېگەن گېپىنى ئويلىنىپ توختاپ قالدى، ھەسەننىڭ بۇ گېپى ئۇنىڭغائېغىر كەلگەن ئىدى .

7 \4 O/ u0 L; @4 |. f5 l
  -بىلگەن پوقۇڭىنى يە! سىنى قىيامەتلىك دوستۇم دەپ يۈرۈپتىمەن، ئەسلىدە تايىنلىق ئىكەنسەن ،- مۇختار شۇ گەپنى تەئەددى بىلەن دەپبولۇپ ئالدى كەينىگە قارىماي كەتتى .
3 @+ i" a7 ^: o$ T. v; N
  ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن بۇ قىيامەتلىك دوستلارئىزدەشمىدى، ھەسەن راستتىنىلا پوقىنى يېدى، شۇندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىشلىرى پەقەت ئوڭكەلمىدى، قوشىنا يېزىدىن، قوشنا ناھيىدىن، ئىچكىرىدىن چىققان قىمارۋازلار ئۇنىسويغان پىيازدەكلا قىلىپ قويدى. ئارىدا بىر قانچە قېتىم ئۇتقان بۇلۇۋېدى، ئۇئۇتقانلىرى ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان بولمىدى. ئەكسىچە ئۇنىڭ ئۇتتۇرغانلىرى ئىچىنى ئېچىشتۇرۇپ يەنە بىر سىناپ بېقىشقا قىزىقتۇراتتى .

1 m! I8 N- `9 L% v7 n! x
ئايزىبا بۇ ئىشىنىتوسىغانچە ئەكسىچە ئۈنۈم بېرۋاتاتتى، ئوبۇل پاناق قىماردىن ئۆتۈپ ھەسەننى باشقائويۇن تاماشا سورۇنلىرىغىمۇ باشلاپ كېتىدىغان بولۇۋالدى. دەل شۇ سورۇنلارنىڭبىرىدە ھەسەن گۈلنۇر ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدى، گۈلنۇر باشقا شەھەردىنبۇ يەرگە كېلىپ بىر رېستۇراننىڭ تەكلىپلىك دىرېكتورى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتى، زىلۋا،مودا كىيىنگەن، قويۇق گىرىم قىلغان، قاش-كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان بۇ قىز ھەسەننىڭبېشىنى ئايلاندۇرۋالغان ئىدى .
# Y- {8 R/ s1 X$ }+ t9 m
ئۇ ئىككىيلەن بارا-بارا ئايرىم ئۇچرىشىدىغان، ھەسەننىڭ ماشىنىسىدا نەلەرگىدۇر بىللە بارىدىغان بولۇۋېلىشىتى. ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دېگەندەك بۇ گەپلەر ئاخىرى ئايزىبانىڭ قۇلىقىغايەتتى. ئايزىبا ھەر قانچە قىلىپمۇ ھەسەننىڭ قىمارغا ئۆگىنىپ قېلىشىغا، ئۆزىدىن يۈزئۆرۈپ باشقا بىرىنى تېپىۋېلىشىغا ئىشىنەلمەيۋاتاتتى، ئىشەنمەي دېسە بۇ ئىشلاركۆزئالدىدا يۈز بېرىۋاتتى .

$ X- [3 U5 X* {; }
ئايزىبا دەسلەپتەھەسەننى ئۆزىنى بىلىپ قالار، توختاپ قالار دېگەن مەقسەتتە بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ يۈزىگە سالمىدى، بىراق ھەسەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆز ئويۇننى ئويناپ يۈرۈۋەردى،بارا-بارا كېچە-كېچىلەپ ئۆيگە كىرمەيدىغان، ئايزىبا تېلېفون قىلسا ئالمايدىغان بولدى، ئۆيگە كەلسە ئايزىبانىڭ گەپلىرىدىن ئۆزىنى ئەپقاچاتتى، كۆپ ئولتۇرمايتتى .

& M4 m5 O, T& M' a+ |$ g; V& B
ئايزىبا بىر نەچچەقېتىم بېرىپ ئېرىنى چايخانىدىن قايتۇرۇپ كەلگەن بولدى، بىراق پايدىسى بولمىدى،ھەسەن نەچچە كۈن ئۆتۈپ باشقا بىر ئىشىنى باھانە قىلىپ يەنە بېرىۋالاتتى .
- K, G  Q  g: r3 e+ S- I& S" E. G& L
ئايزىبا بىر قېتىم رېستورانغا بېرىپ ئېرىنىڭ گۈلنۇر بىلەت بىللە ئولتۇرغان سورۇنىدا دوقۇرشۇپ قالدى.ئۇ شۇ يەردىلا گۈلنۇرنىڭ چاچلىرىنى يۇلۇپ رەسۋايىنى چىقارماقچى بولدىيۇ بىراق يەنىلا ئېرىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولدى قىلىۋەتتى، ئىشىنىڭ چاتاقلىقنى سەزگەن گۈلنۇرشۇ ھامان تىكىۋەتتى .

9 ^1 A2 f' }9 K
ئايزىبا يۇم-يۇميىغلىغىنىچە ئۆيىگە قايتتى، بۇ ئىش ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئېغىر كەلدىكى گويا تاغلارئۇنىڭ ئۈستىگە كۆمتۈرلۈپ چۈشكەندەك ، كۆزلىرىنى يۇمسىلا تېگى يوق بىر قاپقاراڭغۇھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى، ئۇ توپتوغرا بىر كېچە يىغلاپ چىقتى .

) d/ B/ w" w9 A  p7 \

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

1

تېما

130

يازما

131

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 101369
يازما سانى:
130
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1564
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
224 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-12-26
ئاخىرقى:
2016-3-27
ۋاقتى: 2016-3-4 12:03:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ

www.alnure.com  ئەلنۇرى مۇنبىرى

3

تېما

487

يازما

490

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 100225
يازما سانى:
487
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1502
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
460 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-11-28
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-4 12:55:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىۋاتىدۇ.

0

تېما

381

يازما

381

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79355
يازما سانى:
381
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3841
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
216 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-26
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-3-4 13:25:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىۋاتىسىز ، داۋامىنى قاچان يازىسىز ؟

0

تېما

118

يازما

118

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 137574
يازما سانى:
118
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
375
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
136 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-2-10
ئاخىرقى:
2016-3-20
ۋاقتى: 2016-3-4 19:53:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرنى ساقلايمىز

ئۇزاق ياشاشنى ئويلاشتىن كۆرە،
قانداق ياشاشنى ئويلا!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 03:43 PM, Processed in 0.125969 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش