مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2249|ئىنكاس: 1

ئىلىغا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللار 1. قەشقەر شەھەرىنىڭ ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

2

يازما

4

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 136774
يازما سانى:
2
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
87
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
10 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-2-1
ئاخىرقى:
2016-3-28
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خانقورا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-5 12:05 PM  

  
19-ئەسىردىكى ئىلىغا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللار
    بۇ بىر يۈرۈش 20 پارچە تارىخىي ماتېرىيال «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 4-، 5-، 6- سان ۋە 2014-يىللىق 1-ساندا ئېلان قىلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە، يەنىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىز بۇ ماتېرىياللارنى مەزكۇر تور بەتتە ئېلان قىلىشنى لايىق تاپتۇق.
نەشرگە تەييارلىغۇچى: نىجات سوپى
(ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، پوستدوكتور)
ئىزاھات: بۇ بىر يۈرۈش تارىخىي ماتېرىياللار رۇس ئالىمى ۋ. ۋ. رادلوفنىڭ «شىمالدىكى تۈركىي قوۋملارنىڭ تىلى» ناملىق بىر يۈرۈش كىتابلىرىنىڭ 1-بۆلۈمى «خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر»نىڭ 6-قىسمى بولغان 1886-يىلى رۇسىيە سانكتپېتېربۇرگتا نەشر قىلىنغان «تارانچى دىئالېكتى» ناملىق كىتابدىن ئېلىندى. مەزكۇر كىتابنىڭ ئۆزىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ كېلىش مەنبەسى مۇنداق: 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قەشقەردىن غۇلجىغا كۆچۈپ چىقىپ، ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسىنىڭ قارمىقىدىكى ئىلى ھاكىمبېگىنىڭ قول ئاستىدا بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان ھەمەر باقى ئىسىملىك بىر كىشى 1860-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن ئەينى چاغدا ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت ماتېرىياللارنى توپلاۋاتقان رۇس ئالىمى رادلوف بىلەن تاسادىپىي پۇرسەتتە تونۇشۇپ قالغان، ھەمدە رادلوفنىڭ تەكلىپى بىلەن 1862-يىلى قىشتىن 1863-يىلى ئەتىيازغىچە بەرناۋۇل دېگەن جايدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان. بۇ تارىخىي ماتېرىياللارنى شۇ مەزگىلدە رادلوف بىلەن بىرلىكتە خاتىرىگە ئالغان، كېيىنچە بۇ ماتېرىياللار «ئىلىنى مەلۇم قىلىدىغان بىر نەچچە خەۋەرلەر» نامى بىلەن رادلوفنىڭ يۇقىرىقى كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن.
بۇ ماتېرىياللاردىن بىز 19–ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى ۋە ئوتتۇرىسىدىكى ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى باشقۇرۇشىدىكى شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ، جۈملىدىن ئىلى رايونىنىڭ تارىخى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا ئائىت ئەھۋاللاردىن بەلگىلىك دەرىجىدە خەۋەر تاپالايمىز. بۇ ماتېرىياللاردىكى ۋەقەلىكلەر ھېكايە تۈسىدە ئاممىباب تىل بىلەن بايان قىلىنغان بولۇپ، ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئىلى ھاكىمبەگلىكىنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى، ئەمەلدارلارنىڭ مەنسەب دەرىجىلىرى، ئىلىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالى، جەمئىيەت قاتلىمىدا تۇتقان ئورنى، ئۆزئارا مۇناسىۋىتى، ئاددىي خەلق ئاممىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالى قاتارلىقلار بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ ئادىللىق ۋە ئادالەتسىزلىكلىرى تەڭلا كۆرسىتىپ بېرىلگەن. بۇ ماتېرىياللارنى گەرچە ئوردا تارىخچىلىرى تەرىپىدىن قالدۇرۇلغان رەسمىي تارىخ دېيىشكە بولمىسىمۇ، لېكىن خاتىرىلىگۈچىنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاقىدار تارىخىي ۋەقەلەرنى بىر قەدەر ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن بەلگىلىك تارىخىي چىنلىق قىممىتىگە ئىگىدۇر. بۇ بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ 19-ئەسىردىكى ئىلىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، جۈملىدىن ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئىلى ھاكىمبەگلىكىنىڭ تۈزۈلمىسىنى چۈشىنىشىمىزگە مەلۇم دەرىجىدە ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارايمىز. ئەلۋەتتە، خاتىرىلىگۈچىنىڭ ئىجتىمائىي چۈشەنچىلىرىنىڭ ئەينى دەۋردىكى تارىخىي چەكلىمىلىكلىكى تۈپەيلىدىن بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىدا توغرا بولمىغان تەرەپلەرنىڭ بولۇشى تەبىئى. بۇنداق مەسىلىلەرگە قارىتا كىتابخانلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە تارىخىي ماتېرىيالىزىملىق نۇقتىسىدىن توغرا قارىشىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەسلى ئەسەر ئەينى دەۋر ئۇيغۇر تىلى، يەنى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى چاغاتاي تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتىۋاتقان ئۆتكۈنچى دەۋر ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىلغان، ھەمدە رادلوف تەرىپىدىن سىلاۋيان يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىق بەلگىلىرى بىلەن خاتىرىلەنگەن. بۈگۈنكى كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، بىز ئەسەرنىڭ تىلىنى بۇ نەشردە فونېتىكا جەھەتتىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا بىرئاز ئۇيغۇنلاشتۇردۇق، ئەمما لېكسىكا ۋە گىرامماتىكا جەھەتتىن شۇ دەۋرنىڭ ئەسلى تىل ئالاھىدىلىكىنى يەنىلا ئەينەن ساقلاپ قېلىشقا تىرىشتۇق، شۇنىڭدەك بىر قىسىم تارىخىي سۆزلەر ۋە كىرمە سۆزلەرگە تېگىشلىك ئىزاھات بەردۇق.
1. قەشقەر شەھەرىنىڭ غەلۋىسى
قەشقەر شەھەرىگە جاھانگىر خوجا (بۇ كىشى قوقەند خانلىقىنىڭ خوجىلىرىدىن بىرى بولۇپ، 1826-يىلى ئەتراپىدا قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ بىر مەزگىل قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم جايلارنى ئىدارە قىلغان. كېيىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ياردەمچى قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئەسىرگە چۈشۈپ، بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلىپ بىر مەزگىل نەزەربەنت قىلىنىپ، ئاندىن ئۆلتۈرۈلگەن) كېلىپ يېغى (توپىلاڭ، ئىسيان؛ دۈشمەن) بولدى. ئول يىلى داۋگۇاڭ خاننىڭ ئالتىنجى يىلىدا (道光 نىڭ 6-يىلى، يەنى مىلادى 1826- يىلى) بولدى. قاتتىق ئۇرۇش بولدى، مانجۇ چېرىكىدىن بارغان تولا چېرىكلەر ئۆلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىمنىلا سورىسا ئۆلدى دېدى. خوجا قەشقەرنى، يەركەننى ئۆزىگە تەئەللۇق قىلىپ ئېلىپ، ئاقسۇ، ئىلىنى ئالىمەن دېگەندە ئۆز ئىچىدىن كىشى مانجۇدىن پۇل ئېلىپ، خوجىنى مانجۇغا تۇتۇپ بېرىپتۇ. ئاندىن كېيىن مانجۇ قەشقەرنى، يەركەننى يەنە قولىغا ئاپتۇ. بۇ قەشقەردە، يەركەندە بىر قىسىم كىشىلەر خوجىغا بولىشىپ، بۇ شەھەرنى خوجىغا ئېلىپ بەرگەن ئىكەن، مانجۇ ئۇ شەھەرلەرنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، بۇ خوجىغا بولاشقان بەگلەردىن نەچچە يۈز كىشىنى يامان قىيناق بىلەن ئۆلتۈردى، بىر مۇنچىلىرىنى شەھەر-شەھەرگە پالىدى، ھەر شەھەرگە ئېلىپ كېلىپ بۇلارنىڭ ھەر بىرىنى خوتۇن-بالىلىرىدىن ئايرىپ خەمبىڭ (汉兵 چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرىدىن يۆتكەپ چىققان، خەنزۇ، خۈيزۇلاردىن تەشكىللەنگەن ھەربىي قىسمى،ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئورۇنلاشقان جايى ھازىرقى غۇلجا شەھەرى خەنبىڭ يېزىسى ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ)، سولان (ھازىرقى ئېۋىنكو، ئېلىنچۇر، داغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدىكى ئورتاق نامى)، شىبە، قالماققا (موڭغۇللارنىڭ بىر قەبىلىسىنىڭ نامى) قۇل قىلىپ تۇتۇپ بەردى. بۇ تۇتۇپ بەرگەن كىشىلەرنى بىر نەچچە يىلغىچە قاتتىق ئازاب بىلەن ئىشلەتتى.
خوجىنى تۇتۇپ بېيجىڭغا ئېلىپ كەتتى، بارغاندىن كېيىن  خاننىڭ ئۇ يەردىكى بەگلىرى: «خانغا يېغى بولۇپ كەلگەن خوجا سەنمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. خوجا: «مەن» دەپتۇ. «سەن بىزنىڭ خاننىڭ نەچچە تۈمەن چېرىكىنى ئۆلتۈردۈڭ، ئەمدى سېنى خانغا ئۇقتۇرۇپ، قاتتىق ئازابلار بىلەن ئۆلتۈرىمىز» دەپتۇ. دېگەندىن كېيىن خوجا: «قولۇڭدىن قانداق ئىش كەلسە، شۇنى قىل، مەن سېنىڭ ئانداق سۆزلىرىڭدىن قورقمايمەن» دەپ، سورىغان مانجۇ بەگلىرىگە قاتتىق سۆز قىلىپتۇ.
ئاندىن خوجىنى سوراپ بولۇپ، كىرىپ خوجىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى خانغا ئاڭلىتىپتۇ: «ئۇ كىشى مەن خانغا يېغى بولۇپ كەلگەن، ئۇنىڭ كۆپ چېرىكلىرىنى ئۆلتۈرگەن، خاننىڭ شەھەرىدە ھەممە ئىشنى قىلغان خوجا مەن، دېدى» دەپ ئېيتىپتۇ، «بۇنىڭغا ئەمدى قانداق ئازاب قىلساق بولىدۇ، بۇنى خان ئۆزىڭىز بىلىڭ، خان نېمە بۇيرىسا، بىز شۇنى قىلىمىز»، دەپتۇ.
خان ئېيتىپتۇ: «بۇنى نەچچە كۈن بىر يەرگە بېكىتىپ (锁 لاپ) قويۇڭلار، بۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ قانچە قىسما (قىسىم، تۈر، خىل) ئىشلىرى بولسا، ئۇنى سوراپ، ئاندىن كېيىن ئۆلتۈرسەك بولىدۇ» دەپتۇ.
دېگەندىن كېيىن خوجىنى بېيجىڭ شەھەرىدە بىللە تۇتۇلغان كىشىلىرى بىلەن بېكىتىپتۇ. بېيجىڭدا ئۈچ ئاي تۇرغاندىن كېيىن خان: «بۇ خوجىنى كىشىلىرى بىلەن جىجۇ دېگەن شەھەرگە پالاڭلار» دېگەندىن كېيىن، خوجىنى كىشىلىرى بىلەن جىجۇ شەھەرىگە پالاپتۇ.
بېيجىڭ شەھەرىدە مانجۇلار كۆپ ئاغرىپتۇ، تولا مانجۇلار شۇ ئاغرىقتا ئۆلۈپتۇ. ئول يىلى يامغۇر ياغماپتۇ، تېرىغان ئاشلىرى قۇرۇپتۇ، يامان قىممەتچىلىك يىل بولۇپتۇ، قانچىلىغان خەلق ئاچدىن ئۆلۈپتۇ، بۇ بولغان ئىشلارنى خانغا ئاڭلىتىپتۇ. خان سوراپتۇ: «بۇنداق بولماقنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ ئىشقا مۇنەججىملەر قۈرئە سالسۇن» دەپتۇ.
خاننىڭ قېشىدىكى قادىر ۋاڭ: «جاھانگىر خوجىنى بېيجىڭ شەھەرىدە توختاتساق ياخشى بولاتتى. ئۇنى جىجۇغا پالىۋەتتۇق، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشلار شۇنداق بولدى» دەپتۇ.
مۇنەججىملەر قۈرئە سېلىپ ئۇلارمۇ قادىر ۋاڭ دېگەن سۆزنى دەپتۇ. دېگەندىن كېيىن خان خوجىنى جىجۇدىن بىر يېرىم يىلدىن كېيىن بېيجىڭغا ئېلىپ كەلدى. خان ھېلىمۇ خوجىنى تولا ياخشى كۆرىدۇ، يەيدىغان، ئىچىدىغان، كىيىدىغان كىيىم، خەشلەيدىغان خەرجىنى خاننىڭ غەزىنىسىدىن بېرىپ تۇرىدۇ، ھازىرمۇ بۇ كۈندە خوجا بېيجىڭدە خاننىڭ قېشىدا بار.
خوجا قەشقەردە يېغى بولغاندا ئىلىنىڭ ئىچىدىكى نەچچە ئايماق خەلقلارگە تولا جاپا بولغان. تارانچىلار (تارانچى- قەدىمكى تۈركچە سۆز بولۇپ، ئەسلى شەكلى «تارىغچى» ئىدى. بۇ سۆزنىڭ يىلتىزى «تارىغ»، يەنى تېرىقدۇر، بۇ يەردىكى «چى» ياسىغۇچى قوشۇمچىدۇر. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «تېرىق» سۆزىنىڭ مەنە دائىرىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە دائىرىسىدىن كەڭ بولۇپ، ئۇ قەدىمدە بارلىق زىرائەتلەرنى كۆرسەتكەن. «تارىغچى» سۆزى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «تېرىقچى، دېھقان» مەنىلىرىنى بىلدۈرگەن.كېيىن بۇ ئاتالغۇ قەدىمكى تۈرك تىلىدىن قەدىمكى موڭغۇل تىلىغا كىرگەن. بۇ ھەقتە تەتقىقاتچى لىن گەن ئۆزى تۈزگەن «سەددىچىننىڭ شىمالىدىكى مەدەنىيەت» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «تۈرك تىلىدىكى <تارىغچى> ئاتالغۇسى جۇرجىت ۋە قىتان تىللىرىدىكى <دابۇي> سۆزىنىڭ ئورنىنى ئالدى، موڭغۇل تىلىدا <تارىياچىن> شەكلىدە قوللىنىلدى». 16-ئەسىردىن كېيىن بۇ ئاتالغۇ «تارانچى» شەكلىگە كېلىپ، جۇڭغار موڭغۇللىرى تەرىپىدىن قايتا قوللىنىلىپ، تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى خەلقلەرنى، جۈملىدىن ئىلىدا بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا كۆچۈرۈلۈپ تېرىقچىلىققا سېلىنغان ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدىغان مەخسۇس ئاتالغۇ بولۇپ قالغان) بىر تارانچى ئىككى ئات بىلەن قەشقەرگە ئۇن، گۈرۈچ، چېرىكنىڭ يەيدىغان، ئىچىدىغان، كىيىدىغان كىيىملىرىنى توشۇدى. ئول يىلى قىش ئۇزاق كەلدى، سوغۇق قاتتىق بولدى، نەچچە تۈمەن ئات، نەچچە مىڭ تۆگە، قانچە ئادەملەر قەشقەرنىڭ يولىدا ئۇن توشۇپ مۇزلاپ ئۆلدى. ئول ۋاقتا غۇلجا شەھەرىدە تاشكەنتلىك، ئانجانلىق، قوقانلىق، بۇخارالىق سارتلار (سارت سۆزى بۇ يەردە ئۆزبېكلەرنى كۆرسىتىدۇ. تارىختا بۇ سۆز مىللەت نامى سۈپىتىدە ئوخشىمىغان كىشىلەرنى كۆرسەتكەن، يەنى قازاقلارنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدە ئۆزبەكلەر، ئۆزبەكلەرنىڭ نەزەرىدە پارسلار، جۈملىدىن تاجىكلار «سارت» دەپ قارالغان. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى «سودىگەر، تىجارەتچى»گە توغرا كېلىدۇ) تولا ئىدى. يېغى بولغاندا غۇلجىدىكى تارانچىنى سورايدىغان ھاكىم ئانجانلىق سارتلارغا: «خاننىڭ شەھەرىدە يېغى بولدى، سىلەرمۇ خانغا ياردەملىشىپ ئۇن توشۇغىلى ئات، كىشى بېرىڭلار» دېدى.
دېگەندىن كېيىن ئۇلار كېڭىشىپ بەش يۈز ئات بەردى، كىشى بەرمىدى. ئۇلارنىڭ بەرگەن ئاتلىرى ئەرەك (پۈتۈنلەي، بىراقلا، ھەممىسى) ئۆلدى، ئۆلگەندىن كېيىن ھاكىم يەنە ئېيتتى: «بەرگەن ئاتلىرىڭلار ئۆلدى، ئورنىغا يەنە ئات بېرىڭلار» دېدى، ئانجانلىقلار ئات بەرمىدى.
ئاندىن كېيىن يېغى پەسلىدى. ھاكىم كېلىپ جاڭجۈنگە ئېيتتى: «بىزنىڭ غۇلجا شەھەرىدە بۆلەك شەھەردىن كەلگەن نەچچە قىسما خەلق بار. خاننىڭ يۇرتىدا يېغى بولغاندا سىلەرمۇ ياردەملىشىپ ئات، كىشى بېرىڭلار، دېدىم. ئۇلار بەرمىدى، ئۇلارمۇ خاننىڭ يۇرتىدا ئولتۇرۇپ پۇل تېپىپ خانغا ھەم پايدىسى يوق. بۇلارنى چاغلىسام يامان خەلق ئىكەن، قەشقەردە يېغى بولغان خوجا ئۇلارنىڭ يۇرتلىقى. بۇلار غۇلجا شەھەرىدە ئولتۇرسا، مەن شەھەرنىڭ ھۆددىسىنى ئالالمايمەن» دەپ جاڭجۈنگە ئاڭلاتتى.جاڭجۈن: «ئانداق بولسا، بۇلارنى ئۆز شەھەرىگە چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ»، دېدى.
ئول يىلى داۋگۇاڭنىڭ سەككىزىنجى يىلى (مىلادى 1828- يىلى) ئىدى. شۇ قىش ئانجانلىقلارنى بىرىنى قويماي ئەرەك چىقىرىۋەتتى، غۇلجا شەھەرىنىڭ ئىچىدە تارانچىدىن بۆلەك يۇرتلۇق ھېچ كىشى قالمىدى. مېنىڭ ئانام غۇلجىدا قالدى، مەن ھەمەر باقى ئانامنىڭ قېشىدا قالدىم. ئىككى يىلدىن كېيىن ئاتام كەلدى، ئاندىن كېيىن غۇلجا شەھەرىدە ياشاپ يۈرۈپ ئانام، ئاتام ئۆلدى.
داۋگۇاڭنىڭ ئون ئالتىنجى يىلى (مىلادى 1836-يىلى) چاڭموزا ([خەنزۇچە] ئۇزۇن چاچلىق . بۇ يەردە موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپنىڭ «چاڭموزا يۈسۈفخان» داستانىدىكى باش قەھرىماننى كۆرسىتىدۇ) دەپ بىر قىزىل باش مەن خوجا دەپ كېلىپ ئىلىنىڭ قىشلاق يەرلىرىدە يۈرۈپ، يەر تېرىيدىغان تارانچىلارنى: «سىلەرنى مەن مانجۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن، مەن خوجازادە» دەپ كەلگەن ئادەملارنى مىكرى قىلىپ ئارقىسىغا سېلىپ يۈرۈپتۇ. بىر مۇنچىسى: «بۇ مەن خوجا دېگىنى يالغان، بۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى بەتەمام ([پارسچە+ئەرەبچە] پۈتۈنلەي، تامامەن، تولۇقى بىلەن) يامان ئىشلار، بۇ ئۆزىنى تولا چوڭ بىلىدۇ» دەپ ئىخلاسى يېنىپتۇ. بىر مۇنچىلار: «بۇ راست خوجا» دەپ ئارقىسىغا كىرىپ يۈرۈپتۇ. ئاندىن خونىخاي ([موڭغۇلچە] يەر نامى، ھازىرقى چاپچال ناھىيىسى تەۋەلىكىدە. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى شەكلى «خونخا»بولۇپ، مەنىسى «قونالغۇ». سۆز يىلتىزى «خون-» بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى «قون» (قونماق) سۆزىنىڭ مەنبەسى بىر) دېگەن يەرگە ئۆتتى، ئۇ ياقتا سەككىز يۈز تارانچى بار ئىدى، ئۇلارغا بېرىپ: «مەن خوجا» دەپتۇ، دېگەندىن كېيىن، ئۇلار: «بۇ راست خوجا» دەپ ئۇنىڭغا تولا ئىخلاس قىپتۇ.
بىر نەچچە كۈن خونىخايدا يۈرۈپ ئۇلار بىلەن كېڭەش قىلىپتۇ: «ئەمدى بىر كۈنى بېرىپ شىبەنى ئۆلتۈرەيلى، ئاندىن ئۆتۈپ كۈرە ([موڭغۇلچە]، يەر نامى، ھازىرقى قورغاس ناھىيىسى كۈرە بازىرى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «بۇتخانا») گە بېرىپ مانجۇلارنى ئۆلتۈرەيلى، ئاندىن كېيىن تارانچىنىڭ بەگلىرىنى، يامانلىرىنى ئۆلتۈرەيلى، ئورنىغا سىلەردىن بەگ قوياي» دېدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۇ سۆزىگە ماقۇل دېدى، يېغى بولماقچى بولدى. ئول ۋاقتا ئابدۇشېرىپ ئاخۇن ئاتلىق بىر سودىگەر خونىخايدا سودا قىلىپ يۈرۈپتىكەن، ئۇ چاڭموزىنى تونۇيتتىكەن. ئۇ خەقلەرگە ئېيتىپتۇ: «بۇ خوجا ئەمەس، بۇ قىزىل باش كاپىر، ئۇنى مەن ئاقسۇدا (ھازىرقى قازاقىستان تەۋەلىكىدىكى ئاقسۇ يېزىسى) كۆرگەن، بۇنىڭ ئاغزى پۇچۇق، بۇ تولا يامان كىشى، بۇنىڭغا سىلەر ئىخلاس قىلماڭلار، ئاخىرىغا ئۆزۈڭلارغا يامان بولىدۇ، بۇ ئاقسۇدا تولا ئىشلارنى قىلغان، بۇنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىنى ئاقسۇدا خەلق بىلگەندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن» دېدى.
دېگەندىن كېيىن كىرىپ ئۇلار: «سىزنى ئابدۇشېرىپ ئاخۇن مەن ئاقسۇدا كۆرگەن، ئۇ قىزىل باش كاپىر» دېدى، دەپ چاڭموزىغا ئېيتتى. ئاندىن كېيىن چاڭموزى ئۇلارغا: «بۇنى يىراق يەرگە ئېلىپ بېرىپ ئۆلتۈرۈڭلار» دېدى. تۆت كىشى چىقىپ ئابدۇشېرىپ ئاخۇننى سودىغا كېتىپ بارغان يېرىدىن تۇتۇپ، بىر دۆڭنىڭ ئارقىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئىگەرنىڭ غانجۇغىسىنى ئېلىپ، بوينىغا سىرتماق سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئابدۇشىرىپ ئاخۇن: «سىلەر مېنى ئۆلتۈرمەڭلەر ئاخىرى ئۆزۈڭلارغا يامان بولىدۇ. بۇ كاپىر ئىشنى سىلەرگە تېرىپ قويۇپ، ئۆزى قېچىپ كېتىدۇ، بالاغا سىلەر قالىسىلەر» دەپ قانچە سۆزلەرنى ئېيتىپتۇ، ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلىماي: «بۇ راست خوجا» دەپ، ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ئابدۇشېرىپ ئاخۇننى ئۆلتۈردى.
بۇ سۆز مانجۇغا ئاڭلاندى، مانجۇ كىشى ئەۋەتىپ چاڭموزىنى تۇتۇپ كەلدى. ئاندىن ھاكىم، شاغىغا (ھاكىمبەگنىڭ مۇئاۋىنى، ياردەمچىسى) كىشى ئەۋەتتى: «تارانچىنىڭ ئىچىدە بۇ چاڭموزى مەن خوجا دەپ يۈرۈپ بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپتۇ، بۇنى سىلەر نېمىشكە تۇتۇپ كەلگەن ئەمەس» دېگەندە ھاكىم، شاغا: «بۇنى بىز بىلمەيمىز، خونىخاي يىراق يەر، بەگلىرى بار، ئۇلار كېلىپ بىزگە ئېيتمىدى» دېدى. دېگەندىن كېيىن خونىخاينىڭ بەگلىرىگە كىشى ئەۋەتتى. چوڭ بېگى غەزىنىچى دورا يەپ ئۆلدى. قالغان بەگلىرىنى يۈز بېگى، ئەللىك بېشىلىرىنى، ئىماملىرىنى ئېلىپ كېلىپ: «سىلەر چاڭموزىنى خوجام دەپ ئىخلاس قىلىپ بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپسىلەر» دەپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى زىندانغا سالدى. ئاندىن كېيىن چاڭموزىغا ئىخلاس قىلىپ خوجام دېگەنلەرنى يىغىپ ئالدۇرۇپ كېلىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون سەككىز كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، باشلىرىنى يوللارغا ئاستى. قالغانلىرىدىن قىرىق، ئەللىك كىشىنى پالىدى. ئاندىن كېيىن چاڭموزىنى ئېلىپ چىقىپ ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ ماڭلىيىدىن كېسىپ تېرىسىنى سويۇپ كۆزىگە يېپىپ قويدى، ئاندىن كېيىن ئىككى قولىنى كەستى، ئىككى پۇتىنى كەستى، ئاندىن يۈرىكىگە پىچاق تىقىپ ئۆلتۈردى. خونىخاينىڭ قالغان بەگلىرىنى يۈز بېگى، ئەللىك بېشىلىرىنى، ئىماملىرىنى ئېلىپ چىقىپ سوراپ، قاتتىق جازا قىلىپ، مەنسىپىنى ئېلىپ تاشلاپ، بۇلارنى ھەر قايسىسىنى بىر يۇرتقا تارانچى قىلىپ بەردى.
بىر چاڭموزىنىڭ ئىشىغا ئون سەككىز كىشىنى ئۆلتۈردى، قىرىق يەتتە كىشىنى پالىدى، سەككىز يۈز بېگى، سەككىز ئەللىك بېشى، سەككىز ئىمام، بىر مىراب، بىر مىڭ بېگىنىڭ مەنسىپىنى ئېلىپ، قاتتىق جازا قىلىپ ھەر يۇرتقا تارانچى قىلىپ بەردى. بىر چاڭموزىنىڭ دەردىنى شۇنچە خەلق بالا-بارقىسى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقىنى بىلەن بولۇپ تۆت-بەش يۈز كىشى يوق بولۇپ، كۆيۈپ كەتكەندەك بولدى. بۇ تارتقان جاپا تارانچىنىڭ كۆڭلىدىن ھېلىغىچە چىقمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تارانچى بەگلىرى مانجۇدىن تولا قورقىدۇ، زىيادا ئىش قىلساق بالا-بارقىمىزدىن ئايرىپ، شۇنداق قاتتىق جازا قىلىدۇ، دەپ.
داۋگۇاڭنىڭ يىگىرمە بەشىنجى يىلى (مىلادى 1845-يىلى) قەشقەرگە بىر مۇنچە ئوغرىلار پۇل ئالغىلى مەن غوجا دەپ كېلىپ سوقۇشۇپتۇ. قەشقەرنىڭ ئامبىلى قەشقەرگە يېغى كەلدى دەپ جاڭجۈنگە خەت ئەۋەتىپتۇ. بۇ يەردىن جاڭجۈن شەھەر-شەھەردىن چېرىك يىغىپ، يېغى كېلىپتۇ دەپ، نەچچە چوڭ مەنسەپدارلار بىلەن قەشقەرگە ئەۋەتىپتۇ. چېرىك بارسا، ئۇ پۇل ئالغىلى كەلگەن ئوغرىلار ئىكەن، قېچىپ كېتىپتۇ. چېرىك بارسا قەشقەردە ھېچ غەلۋە يوق. ئول ۋاقتا قەشقەرگە يېغى كەلدى دەپ جاڭجۈن خانغا خەت ئەۋەتىپتۇ، خاندىن جاڭجۈنگە خەت كەپتۇ: «چېرىكنى تولا ئەۋەتىپ، كەلگەن يېغىنى ئۆلتۈرۈپ، خوجىسىنى تۇتۇپ، يېغىنىڭ ئىشىنى تۈگىتىپ، شەھەر تىنچلىق بولدى دەپ، ماڭا خەت ئەۋەتىڭلار» دەپ.
ئەمدى چېرىك بارسا قەشقەردە ھېچ غەلۋە يوق. ئاندىن كېيىن قەشقەردىكى مەنسەپدارلار يېغى كەلدى دەپ جاڭجۈنگە خەت ئەۋەتكىنىدىن قورقۇشۇپ مەسلىھەت قىلدى. قەشقەرنىڭ بىر مۇنچە بەگلىرى ئېيتىپتۇ: «بۇندا بىر كىشىنى تۇتساق، ئۇنى خوجا ياسىساق، جاڭجۈننىڭ چېرىكى كەلگىچە بۇندىكى چېرىك بىلەن قاچۇردۇق دېسەك» دەپ ئامبىلىغا بۇ مەسلىھەتنى كۆرسىتىپتۇ. ئامبال ([مانجۇچە] ئەمەل نامى 谙班): «ئانداق بولسا شۇنداق قىلىڭلار، بىر خوجىغا لايىق كىشىنى تۇتۇپ كېلىڭلار» دەپتۇ.
قەشقەرنىڭ بەگلىرى قىشلاقتا سودا قىلىدىغان بىر يېتىمچى سودىگەرنى: «سەن مەن خوجا دېگىن» دەپ، ياخشى ئەڭىل (كىيىم-كېچەك) لەرنى كىيدۈرۈپ، بېشىغا ياخشى دەستارنى ئوراپ، ئامبالنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەپتۇ.
ئامبال سوراپتۇ: «يېغى بولۇپ كەلگەن خوجا سەنمۇ؟» دېگەندىن كېيىن ئول: «مەن خوجا ئەمەس، مەن بىر يېتىمچى سودىگەر» دەپتۇ. ئامبال: «سەن خوجىلىغىڭدىن نېمىشكە تانىسەن؟ بۇنى قىيناڭلار» دەپتۇ، ئۇنى قىينىتىپتۇ. تولا قىينىغاندىن كېيىن: «راست مەن خوجا» دەپتۇ. ئاندىن كېيىن: «خوجىنى تۇتتۇق» دەپ ئىلىغا جاڭجۈنگە ئەۋەتىپتۇ. جاڭجۈن: «خوجىنى تۇتۇپ كەپتۇ» دەپ خانغا خەت ئەۋەتىپتۇ. خان خوجىنى تۇتقان بەگلەرگە، قەشقەرنىڭ ئامبىلىغا تولا ئىلتىپاتلارنى قىلىپ: «بۇندىن كېيىن يەر بوشىسا، سىلەرنى چوڭ بەگ قىلىمەن» دەپ خەت ئەۋەتىپتۇ.
ئۇ سودىگەرگە «بۇزۇرگ ([پارسچە] ئۇلۇغ، زور؛ ھۆرمەتلىك) خان» دەپ ئات قويۇپتۇ. جاڭجۈن ئۇنى سوراپتۇ: «قەشقەرگە يېغى بولۇپ كەلگەن بۇزۇرگ خان دېگەن خوجا سەنمۇ؟» دەپتۇ. دېگەندىن كېيىن ئول: «مەن خوجا ئەمەس، مەن قەشقەرلىق» دەپتۇ. جاڭجۈن: «سەن راستىنى ئېيتقىن، سەن ئەمدى بىزنىڭ قولىمىزغا تۇتۇلدۇڭ، يالغان سۆز بىلەن قۇتۇلمايسەن» دەپ شىيامۇلنىڭ ([خەنزۇچە] غەربىي يامۇل 西衙门) دالويىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ، ھەمدە: «بۇ خوجىنى بەك بېكىتىپ ياخشى ساقلىغىن» دەپتۇ. شىيامۇلغا ئېلىپ بېرىپ ئۇنى بەك بېكىتىپ، بەش-ئالتە يايى ([خەنزۇچە] دورغا 衙役) ساقلىغىلى قويۇپتۇ. ئاندىن كېيىن جاڭجۈن سەككىز غالداينى، شىيامۇلنىڭ، دوڭيامۇلنىڭ ([خەنزۇچە] شەرىقى يامۇل 东衙门) دالويىسىنى بۇيرۇپتۇ: «بۇ بۇزۇرگ خان دېگەن خوجىنى سوراپ راست خوجىلىققا ئىقرار كەلتۈرۈڭلار، قەشقەرنىڭ ئامبىلى خوجىنى تۇتتۇم دەپ بىزگە ئۇنى ئەۋەتىپتۇ، بۇ مەن خوجا ئەمەس دەيدۇ، بۇلارنى سوراڭلار» دەپ ئەۋەتىپتۇ.
بۇ سەككىز غالداي، تۆت دالويى ([خەنزۇچە] غوجا، بەگ، تۆرە 大老爷)، ئىككى-ئۈچ ئاي بۇنى سورىدى، ئۇ: «مەن خوجا ئەمەس» دەپ بىر سۆزدە تۇردى. «مېنىڭ قەشقەردە ئانام بار، ئۆيۈم پالانى كوچىدا، مېنى تونۇيدىغان قوشنىلىرىم بار» دەپ قوشنىلىرىنىڭ ئېتىنى بەتەمام ئېيتىپ بېرىپتۇ. «بۇلار ھەممىسى مېنى بىلىدۇ، ئاقسۇدا ئۈچ يىل تۇردۇم، ئاقسۇدا مېنى بىلىدىغان كىشىلەر بار» دەپ، ئۇلارنىڭ ئېتىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.
ئۇ «مەن خوجا ئەمەس» دېگەندىن كېيىن جاڭجۈن ئۇلارغا خەت ئەۋەتىپتۇ، ئۇلار غۇلجىغا كېلىپ جاڭجۈنگە كۆرۈنۈپتۇ. جاڭجۈن ئۇلارغا ئېيتىپتۇ: «قەشقەرنىڭ ئامبىلى، بەگلىرى بۇزۇرگ خان خوجىنى تۇتتۇم دەپ ئىلىغا بۇنى ماڭا ئەۋەتىپتۇ، مەن ئۇنى سورىسام، مەن خوجا ئەمەس دەيدۇ، مەن قەشقەرلىق دەيدۇ. سىلەرنى مېنى تونۇيدۇ، مېنىڭ خوجا ئەمەس ئىكەنىمنى بىلىدۇ دەپ گۇۋاھلىققا تارتتى. سىلەر بېرىپ كۆرۈپ خوجا ئەمەس بولسا، راستى بىلەن خوجا ئەمەس دەڭلەر» دەپ بۇزۇرگ خاننىڭ قېشىغا ئەۋەتىپتۇ.
ئۇلار كۆرسە قەشقەردە قىشلاقتا سودا قىلىدىغان يېتىمچى سودىگەر، خوجا ئەمەس. ئۇلار كېلىپ جاڭجۈنگە راستىنى ئېيتىپتۇ.
ئاندىن كېيىن خوجا دەپ تۇتۇپ بەرگەن بەگلەرنى، قەشقەردە تۇرغان مانجۇنىڭ بەگلىرىنى، خوجا دەپ بىر سودىگەر تۇتۇپ بەرگىنىنى، يالغان ئېيتقىنىنى، بۇ ھەممە ئىشلارنى خەت قىلىپ خانغا ئەۋەتىپتۇ. خان بۇ خەتنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئاچچىقى كېلىپ: «تۇتۇپ بەرگەن بىر مۇنچە بەگلەرنى ئۆلتۈرسۈن، قالغىنىنى شەھەر-شەھەرگە پالىسۇن» دەپ جاڭجۈنگە خەت ئەۋەتىپتۇ. ئۇنىڭ ئارىسىدا قەشقەرنىڭ ئامبىلى دورا يەپ ئۆلۈپتۇ. قالغانلىرىنى جاڭجۈن كىشى ئەۋەتىپ سوراپ، قەشقەرنىڭ بەگلىرىدىن ئۇ سودىگەر خوجا دەپ تۇتقان تۆت بەگنى ئۆلتۈرۈپتۇ، قالغان بەگلەرنى ھەر قايسى شەھەرگە پالاپتۇ. بۇزۇرگ خاننىڭ خوجا ئەمەسلىكى راستىغا چىقىپ، بىر يىلدىن كېيىن قەشقەرگە يېنىپ باردى.
شىئەنفېڭ خاننىڭ ئۈچىنجى يىلى (咸丰 نىڭ 3-يىلى، يەنى مىلادى 1853-يىلى) قەشقەردىن پالىنىپ كەلگەن توقتىخوجا، يەنە قەشقەرلىق سەتەرچى بۇ ئىككىسى قېچىپ تاشكەنتكە بارغان ئىكەن، ئۇ يەردە ۋەلىخان (ۋەلىخان 1821-يىلىدىن 1865–يىلىغىچە ياشىغان قوقەنتتە تۇغۇلغان ئۇيغۇر. شىنجاڭ ئاق تەقىيەلىكلەر سۈلكى خوجا سەركەردىلىرىنىڭ ئەۋلادى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ داۋگۇاڭ، شىئەنفېڭ يىللىرىدا كۆپ قېتىم چېگرىدىن كىرىپ مالىمانچىلىق تۇغدۇرغان. تارىختا بۇ «يەتتە خوجا توپىلىڭى» ياكى «ۋەلىخان مالىمانچىلىقى» دەپ ئاتالغان. 1865-يىلى ياقۇپبەگ توپىغا قېتىلغان. كېيىن ئىچكى نىزا ۋە تەپرىقچىلىق نەتىجىسىدە ياقۇپبەگ تەرىپىدىن مەخپى قەتلى قىلىنغان) تۆرىگە قوشۇلۇپتۇ. ئۇلار بىلەن كېڭەش قىلىپ، نەچچە يۈز چېرىك بىلەن قەشقەرگە كېلىپتۇ. قەشقەردىكى ئەنجانلىق ۋە بىر مۇنچە قەشقەرلىق بىلەن سۆزىنى بىر قىلىپ، قەشقەرنىڭ بەگلىرى بىلەن يېغى بولۇپ سوقۇشۇپتۇ. ئاندىن كېيىن مانجۇنىڭ چېرىكى چىقىپ، ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلار مانجۇ چېرىكىنى قوغلاپ، ئۆزىنىڭ شەھەرىگە سولاپتۇ. مانجۇلار شەھەرىگە كىرىپ دەرۋازىنى بېكىتىۋېتىپتۇ. ئۇلار يېنىپ كېلىپ قەشقەرگە تېگىپتۇ. قەشقەرنىڭ بىر مۇنچە بەگلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپتۇ، بىر مۇنچە بەگلەر قېچىپ كېتىپتۇ.
ۋەلىخان تۆرە قەشقەرنى ئۆز قولىغا ئېلىپتۇ، كىمنىڭ پۇلى بولسا، ئەپكەلدۈرۈپ پۇلىنى ئېلىپتۇ، پۇلۇم يوق دېگەن بايلارنى تولا ئازاب بىلەن قىيناپتۇ، ئىقرار كەلمىگەنلەرنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈپتۇ. بەگلىرىنىڭ ياساۋۇل، دورغا، ئوردىبەگلىرىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ ئېيتىپتۇ: «سىلەر ھاكىمنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ خەلققە زۇلۇم قىلىپ ئالغان پۇللىرىڭلارنى ئېيتىڭلار» دەپ، بىر مۇنچىسىنى ئوتقا سېلىپ ئۆلتۈرۈپتۇ، بىر مۇنچىسىنى قازاندا سۇ قاينىتىپ قايناق سۇغا سېلىپ ئۆلتۈرۈپتۇ، بىر مۇنچىسىنى قوڭىدىن قوزۇق قېقىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. بۇ قىسما زۇلۇملار بىلەن تولا كىشىنى ئۆلتۈرۈپتۇ.
ئاندىن كېيىن مانجۇ جاڭجۈنگە يېغى كەلدى دەپ خەت بەرگەن ئىكەن، جاڭجۈن شەھەر-شەھەردىن چېرىك ئەۋەتتى. ئۇ چېرىك بارغاندىن كېيىن ۋەلىخان تۆرە قەشقەردىن كۆپ پۇللارنى ئېلىپ، كەلگەن كىشى بىلەن قېچىپ كېتىپتۇ. بارغان چېرىك ئارقىسىدىن ئون بەش كۈنلىك يولغا قوغلاپ بېرىپ، بىر مۇنچە پۇللىرىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ كەپتۇ، قالغىنىنى ئېلىپ بۇ ئوغرىلار قېچىپ كېتىپتۇ.
ئاندىن كېيىن چېرىك يېنىپ كېلىپ قەشقەردە بەش-ئالتە ئاي تۇردى. قەشقەرنىڭ ئىچىدىن ۋەلىخان تۆرىگە بولاشقان قەشقەرلىق، ئەنجانلىقلارنى سەن ئوغرىغا بولىشىپسەن دەپ مانجۇ ئۆلتۈردى. بىر مۇنچىلىرى قېچىپ چىقىپ كەتتى. بەش-ئالتە ئايدىن كېيىن يۇرت تىنچ بولغاندىن كېيىن چېرىك ياندى. قەشقەردىكى چېرىكنىڭ يەيدىغان ئۇنىنى، گۈرۈچىنى ئىلىدىن تارانچى توشۇپ بېرىپ تۇردى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

چىراقپاي

1

تېما

832

يازما

833

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 64123
يازما سانى:
832
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10738
تۆھپە :
100
باھا :
90
توردا:
1539 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-11-8
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-7 22:59:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               ...يېقىنقى زامان ئىلى تارىخىغا ...ئائىت ياخشى ماتىرياللار ئىكەن، تېما
             يوللىغۇچىغا رەخمەت!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 03:50 PM, Processed in 0.124028 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش