بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خانقورا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-6 11:56 AM
قەشقەردە «ئىتتىپاق لوڭقۇسى»نى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسى باشلاندى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋەر قىلىدۇ:
قەشقەر ۋىلايەتلىك پۇتبۇلچىلار جەميىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئەلنۇر ئاشلىق ماي چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان نەۋرۇز بايرىمىلىق «ئىتتىپاق لوڭقۇسى»نى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە شىنجاڭ ئەلنۇر ئاشلىق-ماي چەكلىك شىركىتى پۇتبۇل مەيدانىدا باشلاندى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شىئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. قەشقەر سۆدىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى تۇرسۇنجان ياسىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك پۇتبۇلچىلار جەميىتىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى جاۋ شىنخوڭ قاتارلىقلار تەبرىك سۆزى قىلىپ، مۇسابىقىنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرلىشىغا بولغان ياخشى تىلەكلىرىنى ئىپادىلدى. رىپىرلار ۋەكىلى، پۇتبۇلچىلار ۋەكىلى قەسەم بەردى.باشلىنىش مۇراسىمىغا قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پۇتبۇلچىلار جەميىتى، قەشقەر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، قەشقەر يېزا سودا بانكىسى،تۈرلىك ئاخبارات ۋاستىللىرى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە شىركەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندا ئەزالىرى، پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرى، ھەم جەميەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرى بولۇپ 150دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئەلنۇر ئاشلىق-ماي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋېن دىرىكتورى ئابلىكىمجاندىن ئىگىلىشىچە، نەۋرۇز بايرىمىلىق «ئىتتىپاق لوڭقۇسى»نى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 19 كوماندا 46 ئالتە مەيدان مۇسابىقە ئوينايدىكەن. مۇسابىقە ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئېلىپ بېرلىدىكەن. مۇسابىقە ياش ئۆسمۈرلەر ۋە چوڭلار گورۇپىسى بويىچە ئېلىپ بېرلىدىغان بولۇپ، ئاخىردا ئۈچ دەرىجە بويىچە 24مىڭ يۈئەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن.
شىنجاڭ ئەلنۇر ئاشلىق-ماي چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرىكتورى مىرئەخمەت ھاجى زۇنۇن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى. «شىركىتىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز دائىرسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك، شۈبھىدىن خالىي، ئەلنۇر، يۇلتۇز، ئانارگۇل قاتارلىق داڭلىق ماركىدىكى گۈرۈچ، ئەلنۇر ماركىدىكى زاراڭزا، قىچا، گازىر مېيى ئىشلەپچىقىرىپ خەلقىمىزنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرشىپ كىلۋاتقان باشلامچى، سەركەردە كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بىز جەميەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قوللاپ قۈۋەتلىشى بىلەن كىچىكلىكتىن زورىيىپ، زور ئەمەلىي، ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە داڭلىق شىركەتكە ئايلاندۇق. بۇ پۈتۈنلەي خەلقىمىزنىڭ قوللاپ قۈۋەتلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ پۇتبۇل ئەزىمەتلىرى، جۈملىدىن قەشقەر پۇتبۇل ئەزىمەتلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز، جۇملىدىن مەملىكەتلىك تۈرلىك مۇسابىقىلەردە چىمپىيۇن بولۇپ، ۋىلايتىمىزگە شان شەرەپ كەلتۈردى. ئىلگىرى بىز نۇرغۇن قېتىم قەشقەر پۇتبۇل ئەزىمەتلىرىنى ماددىي مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان ئىدۇق. بۇندىن كىيىنمۇ شىركىتىمىز داۋاملىق تەنتەربىيە، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت،ساخاۋەت ئىشلىرىغا ياردەم بىرىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، خەلقىقىمىزنىڭ بىزنى قوللىغانلقىغا رەھمەت ئېيتىمىز».
مۇسابىقە تەشكىلى ھەيئىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىدىن ئۇقۇشىمىزچە، ھەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنىلىرى شەھەر ئاھاللىرى، پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرى، مۇسابىقە كۆرۈشنى خالايدىغان كىلىپ مۇسابىقە كۆرسە ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدىكەن.