تەبىئەت دۇنياسىدا بۇنداق ھەركەت ۋە ھالەت مەۋجۈتمۇ؟
تەبىئەت دۇنياسىدا نىيوتۇننىڭ 1-قانۇنى (ئىنىرىتسىيە قانۇنى) بايانىنىڭ 1-ئابزاسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت قىلىدىغان ياكى جىم تۇرىدىغان جىسىم مەۋجۈتمۇ؟مەۋجۈت بولسا سىز كونكىرىت مىساللار بىلەن بىر قانچىسىنى كۆرسۈتۈپ بېرەلەمسىز؟ئۇلار قايسىلار؟
پايدىلىنىش: نىيوتۇننىڭ 1-قانۇنىنىڭ مۇپەسسەل بايانى
ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.(1-ئابزاس)
تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تۆۋەنگە يېتەكلىشى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.(2-ئابزاس)
ــــــــــ ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن.