مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6247|ئىنكاس: 13

داۋراڭ (ھىكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

973

يازما

982

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108270
يازما سانى:
973
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2652
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
378 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-6
ئاخىرقى:
2016-4-1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kamiljantohti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-8 10:34 AM  
, G3 B- S; F9 v, c$ ~" x+ V0 Y# w' G% f) V0 r2 h1 W" \
                                                        داۋراڭ
; F5 V3 X, p0 b0 C/ D' |4 y  H                                              كامىل توختى (چىۋىق)3 O9 L0 O4 t( O
                                                       (ھىكايە)7 x2 B" y4 x6 Z9 d
      نىمىشقىكىن بىكار بولساملا بازار ئايلانغۇم كېلەتتى، ئايالىم «بۇ ئادەمنىڭ بازار ئايلىنىدىغان خۇمارى بار» دەيتتى. بەزىلەر تاۋكا-قىمارغا، بەزىلەر تاماكىغا، بەزىلەر ھاراققا، بەزىلەر نىشە-خىروئىنغا خومار بولغاندەك، بۇمۇ مېنىڭ خۇمارىممىكىن دىسەم، خۇمار بولىدىغان ئىش-نەرسىلەرنىڭ كۆپچىلىكى يامان ئىش، ناچار نەرسىلەرنىڭ خۇمارى ئىكەن. بىرەرسىنىڭ شېكەرگە، بىرەرسىنىڭ ھەسەلگە، بىرەرسىنىڭ ساۋاپ ئىش قىلىشقا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇ بازار ئايلىنىش خۇمارىمنىڭ يا ياخشى تەرەپكە، يا يامان تەرەپكە تەۋەلىكىنىمۇ بىلمىدىم. ئولتۇرسام قوپسام بازارغا چىقىشنىلا ئويلايتتىم. بوپتىلا، خۇمار بولسام بولغاندىمەن، يا ئەجدادىمنىڭ قېنى ماڭا ئۆتكەندۇ. « بازارنى دىگەن ئايال كىشى چۆگىلەيدۇ. خۇددى خوتۇن كىشىدەك ...» دىيىشىدۇ بۇرادەرلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىپ. بازار كۆرۇش يامان ئىشمۇ ئەمەستۇ ھە.  چەتئەللىكلەر بىكار بولسىلا بازار ئايلىنىدىكەنغۇ. ھەتتا ئامىرىكا ئەلباشىسى ئوبامامۇ ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن، ئاقسارايدىن چىقىپ، رەپىقىسى بىلەن قولتۇقلىشىپ بازار ئايلىنارمىش. يەنە تېخى چەتئەللەردىكى كۆپلىگەن دۆلەت مەمۇرلىرى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن كوچىلاردا يايما يېيىپ سودا قىلارمىش. ئىچكىرىگە بېرىپ ئالىي مەكتەپتىكى نۇرغۇن فىرافىسورلارنىڭ مەكتەپ ئەتراپىدا يايما يېيىپ سودا قىلىۋاتقانلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن. پات-پات بازار ئايلىنىپ قويسام يېقىنلىرىم شۇنداق زاڭلىق قىلىشپ كېتىشىدۇ، خۇددى ئالاباقىنىڭ كۆتى ئېچىلىپ قالغاندەك. ناۋادا مەندەك مەمۇرى كادىر قىزىل كوچىدا يايما يېيىپ ئولتۇرىدىغان بولسام، بارچە خالايىقنىڭ ھەممە ئەزاسى كۆلۈپ، پۇتۇن جاھانغا سېسىق نامىم تارىلىپ، يېقىن بۇرادەرلىرىممۇ نۇمۇس قىلىپ قارىماس بۇلۇپ قالار ھە ماڭا.
2 J+ [6 ?8 L( ?  B      يانچۇقۇمدا پۇلۇم بولسۇن بولمىسىمۇ، بازار كۆرىۋىرىمەن. كۆرىدىغانلىرىم بەك كۆپ، بەك كۆپ. ئىشلىتىدىغان نەرسىلەردىن چوڭى ماشىنىدىن تارتىپ تاكى كىچىكى چىش كولىغۇچقىچە، يەيدىغان نەرسىلەردىن ئۇن-ياغ گۈرۈچتىن تارتىپ تاكى گازىر پىستانغىچە، كېيىدىغاندىن چەتئەلنىڭ داڭلىق كىيىملىرىدىن تارتىپ تاكى جوڭگونىڭ پايپاقلىرىغىچە... تاللا بازىرى، شىياڭگاڭ بازىرى، ئۇششاق-تۈشەك بازىرى، جاندار بازىرى، كۆمۇر بازىرى، تۆمۇر بازىرى، پىت بازىرى، ئىت بازىرى، دورا-دەرمەك سەكسەن خالتا بازىرى....ھەممە بازار، ھەممە تاۋارنى كۆرىمەن. سۈپىتىنى، باھاسىنى بىلىپ دەڭسەپ ماڭىمەن. ھازىر سورىسىڭىز ھەرقانداق مالنىڭ باھاسىنى، سۈپىتىنى، چىقارغان ئورنىنى، ئىشلىتىلىشىنى پىلىموتتەك دەپ بېرەلەيمەن، خۇددى ئۇزۇن يىللىق بەڭگىلەر تاماكىلارنىڭ باھاسىنى، كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى، ئىسسىق-سوغاقلىقىنى، كىمنىڭ قانداق ماركىلىق تاماكىنى چېكىدىغانلىقىنى تېنىمەي دەپ بېرەلىگەندەك. ئەممازە، ھېلىقى مېنى مەسخىرە قىلىدىغان، بازارغا ماڭغىنىمنى كۆرۈپ قالسا، چىرايلىرىنى سەكسەن خىل قىلىپ كېتىدىغان ئامراق بۇرادەرلىرىم بازارغا چىقىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋالماقچى بولسا ماللارنىڭ باھاسىنى، سۈپىتى مەندىن سورىشىدۇ، تېخى مېنى بىللە بېرىپ ئېلىشىپ بىرىشىمنى ئۆتۈنىشىدۇ خىجىل بولۇشماي. ناۋادا مېنى تەكلىپ قىلماي ناچار، ساختا ماللارنى ئېلىپ قالسا، خۇتۇنلىرى مېنى بىللە ئېلىپ چىقمىغىنىغا كايىپ، كۈندە تاپا-تەنە قىلىشىدۇ، ئائىلىسىدە جىدەل-ماجرا، ئۇرۇش-جودا بېسىقماي، ياقا يىرتىلىپ، كاللا يېرىشقۇدەك بولىشىدۇ تېخى. مېنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىمنى شۇ چاغدا بىلىشىدۇ ئۇ بايقۇشلار، ھا،ھا،ھا...راستىمنى ئېيتسام نەرسە-كېرەك، تۆمۈر-تەسەك سېتىۋېلىش، ئائىلە ئۈسكۈنە-جابدۇقلىرىنى تۇلۇقلاشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ تۈگۈمەس باش قېتىقچىلىقلىرىنى تۈگەتتىم، ئائىلە ئىقتىسادىنى ئۈنۈملۈك تېجەپلا قالماي، پۇلىغا، مېلىغا، زىيىنىغا قارنى ئاغرىغان پاسسىپ كەيپىياتى سەۋەبلىك ھورمۇن ۋە خېلىتلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان يۇقۇرى قان بېسىم ۋە خان بېسىم، كېچىسى ئۇخلىيالماسلىق، تولا چۆچۈش ۋە جۆيلۈش، تاتلىق سىيىش، يۈرەك سېلىش، ئادەم توپلاشقان يەرگە بېرىشتىن قورقۇش، نېرۋا ئاجىزلاپ خامۇش بۇلۇپ قېلىش ...نىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، شۇ ئائىلىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئەمىنلىكى ۋە كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۇرتكە بولدۇم، بۇ ئارقىلىق ئىجتىمائى مۇقىملىق ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيىگە يېتىش ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشتۇم، دەپ قارايمەن، ئۆزەمچە. چۈنكى ئائىلە دىگەن ھۆجەيرە، ھۆجەيرىلەر ساغلام بولسا رەئىس ئەزالار تازا تۇرىدۇ ئەمەسمۇ.0 m- Q. [% y9 v# k8 v1 i7 n! z8 l
......................
6 V/ I: h+ x, B2 W+ O& e5 j+ u      ئەممازە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تازا بىلمىدىم، قېرىدىممۇ ياكى كاللام قوداڭشىپ قېلىۋاتامدۇ، ۋە ياكى خىزمىتىم زىيادە ئالداراش بولغاچ بازار چۆگىلەش ۋاقتىم ئاز بۇلۇپ قېلىۋاتامدۇ، بۇ ئىشىممۇ تازا ئاقماي، كاساتلاشقىلى تۇردى، كۆزۈمگە مىڭ گىرادۇسلۇق پېتىنقى ئەينەك تاقاپمۇ راست بىلەن ساختىنى ئايرىشتا قىينىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم. «قوشقار ئالسام ئاختا چىقتى، سائەت ئالسام ساختا چىقتى» دىگەندەك بۇرادەرلىرىمگە جاپالاردا ئېلىشىپ بەرگەن بىرقىسىم ماللار ساختا چىقىۋېلىپ، تاپا-تەنىگە قالىدىغان بولدۇم. بىرسىنىڭ تېلىۋىزورىنىڭ  سىرتى داڭلىق ماركا بولغان بىلەن ئىچى كونىكەن، «تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال» دىگەندەك؛ بىرىنىڭ ئالغان ماشىنىسىنىڭ بىر يىرى ئىمپورت، بىر يىرى ساختا خوتكەن، خۇددى بىر خام كېسەك، بىر پىششىق خىش بىلەن ئۆي قوپارغاندەك...ھەتتا بىر ئاغىينەمنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىدا كىيىش ئۈچۈن سېتىۋالغان نەچچە مىڭ سوملۇق بىر قۇر كاستىيۇم-بۇرۇلكىسىنىڭ رەختىمۇ ناچار چىقىپ قالدى، بۇنى كىيىمگە قىززىق سۇيۇقئاش تۆكۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن بىلدۇق. نانۇمىتىر تېخنىكىسى بىلەن زامانىۋى فابرىكىدا توقىغان سۇ، ماي، كىر يۇقتۇرمايدۇ، يۇقۇرى-تۆۋەن گىرادۇسقا پايلايدۇ، دىيىشكەن رەخت، سۇيقاشنىڭ سۈيى تۆكۈلۈش بىلەنلا تۇزلىمىغان تېرىدەك يىغىلىپ، پېتىدىن چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن ئاقساقاللىق قىلغان مېنىڭ ئىناۋىتىممۇ ئېتىدىن چۈشتى. ئۇنداق قىممەت كىيىم كىيگەن ئادەم سۇيۇقئاشمۇ ئىچەمدۇ دەيمەن، پولۇ يېمەي! ھىچ بولمىسا سېلىۋېتىپ ئىچمەمدۇ. ساختىنى ساتقانلاردا نىمە گۇناھ، ئۇلار قاغىدىن ئاق، سېغىزخاندىن ساق تۇرسا. ئەسلى گۇناھ مەندەك كىيىمنى ئېلىشىپ بەرگەن ئاكتىپ شاتىراق بىلەن ئاۋۇ ئوڭشاپ كېيەلمىگەن سۇيۇقئاشچىدا...ماللار ساختا چىققاندىن كىيىنكى دەۋا-دەستۇرنى دىمەيسىز تېخى، ھېلى ساتقۇچى تەرەپ بىلەن خورازلاردەك ھۆرپىيىشىپ ئۇرۇشىمىز، ھېلى تېلىفۇن نۇمۇرى 400 دىن باشلىنىدىغان باش شىركەت بىلەن تېلىفۇندا بىر-بىرىمىزنى كۆرۈشمەي تېلىفۇننىڭ تورۇپكىسىنى تۈكۈرەگدەپ كاسىلدىشىمىز، ھېلى ئىستىمالچىلار جەمئىيىتىگە ئەرز قىلىمىز، ھېلى بىر-بىرىمىزگە قېيىدىشىپ، دۈمبىمىزنى قىلىپ ماي تارتىشىمىز، چىرايلىرىمىز خۇددى ئىشىك قىسىۋەتكەندەك ئوسال، دوستلىقىمىز بۇلىدۇ پاخال، بەك سەتلىشىمىز، ھاياتىمىز خۇددى مۇشۇنىڭغىلا باغلانغاندەك، مۇشۇنىڭغىلا قاراشلىقتەك، جان شۇنىڭ بىلەنلا تۈگەيدىغاندەك. لىكىن دەۋانىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا بىز ئۇتتۇرىمىز، بىلىشىمىز كېرەك ئىدى، چۈنكى بىز ئۇتتۇرۇشقىلا يارالغان. ئەنە شۇنداق مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ بولالماي چېچىممۇ ئاقىرىپ، چۇشۇپ بولاي دىدى، تاقىرباشلىق مۇدىسىغا ماسلىشىپ. توۋا، نىمە بۇلۇپ كەتتى بۇ جاھان ھە؟... ئائىلە ئېلىكتىر مەھسۇلاتلىرى ھەممىدىن بەك بېشىمنى ئاغرىتتى. چاتاق چىقسا ئالماشتۇرۇش ۋاقتى بىر ھەپتە، بىر ئاي ياكى ئۈچ ئاي دەپ يېزىپ قويىدۇ، شۇ ۋاقىتتىن بىر سىكۇنت، بىر مىنۇت، ياق بىر سائەت، ئۇزۇن بۇلسا بىر كۈن ئاشقاندىن كىيىنلا چاتىقى چىقىشقا باشلايدۇ، خۇددى تەتۇر ساناق تىزىپ قويغاندەك. تېلىفۇن قىلىشقا باشلايسىز. سىز سېتىۋېلىشقا بارغاندا كۈچۈكلەنگەن، كۈلۈپلا تۇرىدىغان، سىزنى «شاھ» دەپ بىلىپ ھەرتەرەپلىمە، ھەر جەھەتتىن ماختاپ كېتىدىغان، بىللە ئېلىپ بارغان كىچىك بالىلىرىڭىزنى ئەركىلىتىپ سۆيۈپ كېتىدىغان، ياپۇنلاردەك ئىگىلىپلا تۇرىدىغان ساتقۇچىلار ئەمدى غادايغان، مەغرۇر، ۋەھشى يولۋاسقا ئايلىنىدۇ، سىز بۇ خامىلىيۇنلارچە ئۆزگىرىشكە ھاڭ-تاڭ قالماي تۇرالمايسىز. ئۇلار كونىلارنىڭ سۆزى بۇيىچە ئېيتقاندا سىزگە، بىزگە رەڭمۇ قىلمايدۇ.  ئائىلىگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىمىز، دەيدىغانلار ئائىلىگە بېرىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلىدۇ، مۇشۇ يەرگە ئەكەل، كۆرۇپ باقايلى، دەيدۇ. چۈنكى ئۇلار پۇلىڭىزنى يانچۇقىڭىزدىن سۈغۈرۈپ بولغان. ئىديىڭىزدىن ئۆتمىسىمۇ، ماشىنا ئىجارىگە ئېلىپ، نەچچە ئادەمنى ياردەمگە چاقىرىپ ئىنجىقلاپ بېسىپ (توڭلاتقۇنىڭ ئىشى بەك تەس، بەك تەس!) مىڭ بىر جاپادا ئېلىپ بارسىڭىز، سىزگە بىر مۇنچە گۇناھنى ئارتىپ، بىرەر يەرلىرىنى ئوڭشاپ قويىدۇ. بىر يىل ھەقسىز رىمۇنت قىلىش ۋاقتى توشقاندىن كىيىنكى يەنە ھېلىقى بىر سىكۇنت، بىر مىنۇت، بىر سائەت، ئۇزۇن بولسا بىر كۈندىن كىيىن بۇ نەرسىلەر رەسمىي بۇزۇلۇشقا باشلايدۇ. كىرئالغۇ قۇرۇتالمايدۇ، دەزمال قىزىمايدۇ، توڭلاتقۇ مۇزلاتمايدۇ، تېلېۋىزۇر سەكرەيدۇ.....ۋاھاكازالار. يەنە زەھەر يۇتۇپ ھېلىقى رىمۇنت قىلىشقا ھۆددە قىلىپ مەيدىسىگە ئۇرغانلار بەرگەن كارتىدىكى تېلىفۇن نۇمۇرىغا تېلىفۇن قىلىسىز. (سەۋىيىڭىز تۆۋەن بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ باشقىلارغا تېلىفۇن قىلىپ بېرىشنى ئۆتۈنىسىز، يالۋۇرىسىز تېخى). شۇنىڭ بىلەن «بېرىپ كۆرۇپ بېقىشىم كىرا ھەققى بىلەن مانچە پۇل. بۇزۇلغان سايمان بىلەن رىمۇنىت ھەققى ئايرىم بولىدۇ» دەيدۇ. سىز تۈكۈرىكىڭىزنى ئەلەم بىلەن يۇتۇپ ئامالسىز ماقۇل، ۋاي بولىدۇ دەيسىز. سىزدە نىمە ئامال؟ سىز ئۇنىڭ ئەھلى ئەمەس، ئەتراپىڭىزدىمۇ ئۇنىڭ ئەھلى يوق. سىز، بىزدە تېخنىكا ئۆگىنىشكە چىدايدىغان قوڭمۇ يوق. بۇزۇق پېتى تۇرىۋەرسە ئىشىڭىز ئاقسايدۇ، ئايالىڭىز تاپا-تەنە قىلىدۇ، شۇڭا ئوڭشىتىشقا مەجبۇرسىز. ئۇلار كېلىپ ناھايىتى تېزلا، نەچچە مىنۇتقا قالماي ئوڭشىلىدۇ، پۇلنى ئېلىپ سىزنى قۈيغان خوشاللىقىدا، ھاياجانىدا قايتىدۇ. لىكىن كىيىنكى ھەر دەقىقىدە داۋاملىق بۇزىلىۋېرىدۇ، ئاخىرى يەنە سىز يېڭىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولىسىز. ئالىسىز، بۇزىلىدۇ، ياسىتىسىز. قىلار ئەمىلىڭىز شۇلا، «موماينىڭ قىلار ئەمىلى تىكىپ سۆكۈش» دىگەندەك. سىزدىن چىققان پۇلغۇ مەيلى. قوساق كۆپىگىڭىز، روھىي جەھەتتىن تارتقان ئازاپلىرىڭىزچۇ؟ ئاچچىقتا ساتقۇچى كاززاپلارنى، غوجايىنلارنى، رىمۇنتقا كاپالەت قىلغۇچىلارنى، بازار باشقۇرغۇچىلارنى، ئىستىمالچىلار جەمئىيىتىنى، س س م ب دىكىلەرنى، ھەتتا تېخى شۇنىڭغا شىرىك مىللەتلەرنى ...ھەممىسىنى تىللىغىڭىز كېلىدۇ، تىللايسىز، قارغايسىز، دادلايسىز، يالغۇز قالغاندا يۇشۇرۇن يىغلىۋالغۇڭىز كېلىدۇ، ئاپىسى تىللىغان بالىدەك. باشقىلار مەسخىرە ئارىلاش « پۇلغا چىدىماي ناچار نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ تولا بۇزۇلۇپ كەتتى ھە» دەپ قويىدۇ سىزنى تېخىمۇ جىلە قىلىپ، يارىڭىزغا تۇز سېپىپ. خۇددى ئۆزىنىڭ بۇزۇلمايدىغاندەك، ئۆزى باشقا بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقاندەك. ھەممىگە كۆنىسىز، شۇكرى قىلىسىز، مانا بۇ تۇرمۇش، مانا بۇ تىرىكچىلىك، مانا بۇ ھايات، دەيسىز مۇيسىپىتلارچە ئۆزىڭىزگە تەسەللى بىرىپ.6 ^& a/ z7 j! c0 v
      شۇنداق، بەزىدە تۇرۇپلا ئۆزەمگە ئاچچىقىم كېلىپ قالىدۇ، نىمىمۇ قىلاتتىم ئۇلارغا ياردەم قىلىمەن، مال ئېلىشىمەن دەپ، دەيمەن. ”ھەي ئۇلار سېنى تەكلىپ قىلىپ تۇرىۋالدىغۇ؟“ دەپ يەنە ئۆزەمگە تەسەللى بېرىمەن، پەپىلەيمەن. ”دائىم بازار ئايلىنىپ تۇرۇپ نىمىشقا راست، ساختىسىنى ئايرىلالمايسەن، كالۋا!“ دەيمەنيۇ، يەنە تۇرۇپلا، ”سەنلا ئەمەس دۆلەتنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش، نازارەت ئورگانلىرىمۇ ئايرىيالماي، نۇرغۇن ساختا، زەھەرلىك سۈت پاراشۇگى، ئازگال مېيى، ساختا گۆش-چۆپلەر، ساختا گۈرۈچلەر، ساختا تۇخۇملار...پۈتۈن جاھانغا يامراپ، ئېغىر بالايى-ئاپەتلەر بولدىغۇ، سەن قانداق ئايرىيالايتىڭ.“ دەپ يەنە ئۆزەمگە تەسەللى بېرىمەن. ئەڭ يامان بولغىنى، بىر قىسىم ئورۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىم بىلەن يىرىكلىشىپ (ئاياللىرى بىلەن قوڭ چۆرۈشۇپ دەڭلا...ھاھ، ھاھ، ھاھ..) قالغىنىم دە! بوپتۇ، ئۇلارمۇ كۆرۇنمەس مىخلارغا ئۆسۈپ، پىشانىسى يارا بولغاندىن كىيىنكى مەلۇم بىر كۈنى مېنى چۈشىنىپ قالار.
; x' I9 ^6 I' d4 ?.........
( K, u  i1 l- j' P6 g9 E   -ۋاي دادىسى، نەگە؟ ئاران ئارام ئالغاندا؟& Y; ^8 s* h' W% U9 Z, \
   -بازارغا چىقىپ كېلەي.2 O/ Q1 n# d6 j7 {+ c
   -بۇرنىڭىزغا يېمەپسىز ھە؟ ھېلىقى ئۇزۇن قۇلاق جېنىدا بىر قېتىم پۇتى كىرگەن كۆۋرۇككە ئىككىنچى ماڭمايدۇ./ B9 E( ^1 h4 o, L
   -بولدى قىلغىنا.
. |/ r& J' [! b, W* D3 p       بۇگۇن بازار خۇمارىم بەكلا تۇتۇپ چىدىيالماي يەنە بازارغا چىقتىم. خىزمەت دىگەننى تولا قىلىپ، كوممۇنىزىمنى ئەتىلا قۇرىۋېتىدىغاندەك ئىشلەپ، ئىدارىدىن ئۇزاققىچە ئۆيگە كەلمەي، يەنە بىرسى ھېلىقىدەك ساختا مال ۋەقەلىرى تولا چىقىپ، شۇ ئاچچىقىمدا بازارغا چىقمىغىلى بەك ئۇزاق بوپتىكەن... بازارلار بەكلا قايناپ كېتىپتۇ. نىمە قايناق؟ ئىگىز-پەس، چوڭ-كىچىك، ھەر خىل رەڭ، ھەر خىل يېزىقلاردا يېزىلغان ئېلان، داۋراڭلار، تۈمەن خىل ئېلان مەزمۇنلىرى بىلەن تولغان ئەبجەش ئاۋاز، ئەبجەش ناخشىلار بىلەن قايناق. خۇدى قۇرۇق چېلەكنى بېشىمنى كەيدۈرۈپ نەچچە ئادەم چوكا بىلەن چالغاندەك قۇلاقلىرىم پۈتۈپ قالاي دىدى. تېخى بىزنىڭ تويلاردا ئۆزىنى ئاسمانغا ئېسىپ، غادىيىپ تەستە تەكلىپ قىلىنىدىغان مەرىپەش ناغرا-سونايچىللىرىمىزمۇ مۇشۇ داۋراڭچىلارغا قېتىلىپ كېتىپتۇ، «مىراجىخان»، «ئالمىخان»، «گۈلمەرەم»، «روزىلەم»... لەر ئۇيغۇر تويلىرىغا بارماي، ماۋۇ قىزىل كوچىغا، قىزىل بازارغا چىقىۋاپتۇ. ئالامەت داغدۇغا بولىۋېتىپتۇ! «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش» دىگەن گەپ دەل مۇشۇ يەرگە تازا چۇشكىدەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەق يانفۇن بازىرىغا كەپتىكەنمەن. بۇ يەردىكى ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن كۆڭلىڭىز ئېلىشىدۇ. يوقۇرى چاستوتىدىكى شاۋقۇن-سۆرەن قۇلىقىڭىزنىڭ مېيىنى يەپ مېڭىڭىزنى ئاداشتۇرىدۇ. ھاۋاسىنىڭ بۇزۇقلىقىدىن  دېمىقىڭىز ئېچىشىپ، ئۆپكىللىرىڭىز قۇرۇپ، سىرتقا ئۆزىڭىزنى ئاتقىڭىز كېلىدۇ. بىر يانفۇننىڭ باھاسىنى سوراپ بولغۇچە نەچچە ساتقۇچى شىمايلاپ كېلىپ ۋالاقشىپ سۆزلەپ، تۆكۈرۈكلىرىنى چاچرىتىپ، بىلەرمەنلەرچە چۈشەندۈرۈپ سىزنى تىرىكتۇرۇپلا قويىدىكەن. باقسا-كۆرسە بۇ سۆزلەرنى ھېلىقى چۈشەندۈرۈش دەپتىرىنى نەچچە يۈز قېتىم ئوقۇپ، نەچچە كېچە ئۇخلىماي ئۆگەنگەندۇ تايىنلىق! چۇشەندۇرۇش قەغىزىدىكى مەزمۇنلارغا قارىمىسا ھاجەتخانىغىمۇ خاتا بېرىپ قويىدۇ بەزىلەر. شۇنچە ۋالاقلىغان بىلەن ھېلىقى ماللارنىڭ تايىنى بولسا نىمە دەي. ھەممىسى ئەبجەش ماللار، ماختىغانچە گۇمانى كۈچىيىدىكەن كىشىنىڭ. بىرمۇنچە چۈشەندۈرۈپ ئالماي كېتىپ قالسىڭىز، كەينىڭىزدىن چىرايلىرىنى غورلاينىڭ بىرنىمىسدەك پۈرۈشتۈرۈپ سەت قىلىپ غودىراشلىرىچۇ تېخى، خۇددى ماختىسىلا سېتىۋېلىش كېرەكتەك، ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى قىرىق گەز ئۆرلىتىپ. بىزمۇ پۇلنى بانكا بۇلاپ تاپمايمىزغوي. «ئۆتمەس ماتا، داڭلاپ ساتا» دىگەن شۇ دە. بۇ بازاردا يېزىدىن كەلگەنلەر كۆپرەك كۆرۈندى ماڭا. بىر يىل جاپادا ئىشلەپ، ئاران تاپقان كۈزلۈك ھوسۇللىرىنىڭ دارامىتىنى خەجلىگىلى كەلگەن ئوخشايدۇ. بوپتۇ، ئۇلارمۇ زامانىۋىلىشىشنىڭ تەمىنى تېتىشقا ھوقوقلۇق. بەزىللىرىنىڭ چىرايىدىكى ساددا، تەبىئى خوشاللىقنى كۆرسىڭىز، سىزنىڭمۇ خوش بولغىڭىز كېلىدۇ. ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ خوشاللىقىنى كۆرسىڭىزغۇ گېلىڭىزغا بىر نەرسە تۈرۈپ قالغاندەك بۇغۇلۇپ، ئىچ-ئىچىڭىزدىن يىغا تۇتىدۇ. ۋىجدان قارىداپ كەتكەن بۇ بازاردا ئۇلارغا مۇۋاپىق باھادا ھەقىقى ماركىدىكى، رادىئاتسىيەسى تۆۋەن، ئىقتىدارى ياخشى، كونىنى يېڭىلىمىغان راست مالنى ساتىدىغان، سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىدىغان ۋىجدانلىق سودىگەرلەرمۇ بارمىدۇ؟ «مەنمۇ بۇ ئۆمرۇمدە ماركىلىق تېلىفۇن ئىشلىتەلەرمۇ؟» دىگىنىنى ئاڭلىدىم بىر دېھقان ياشنىڭ ئۇھسىنپ. «ماركىلىق» دىگىنى ھەقىقى مال دىگىنىدۇ ھەقاچان، ئەبجەش يان تېلىفۇنى تولا بۇزۇلۇپ، ھېلىقىدەك رىمۇنت ماجراسىغا تولا ئۇچراپ يۈرىكى زىدە بولغان ئالمىدەك ئىزىلىپ كەتكەندۇ... مالنى پۈتۈشۈپ بولغاندىن كىيىنكى چوتۇ-شىرىنكانە پۇلىنىڭ خوشاللىقىدا يانفۇنغا كارتا بىجىرىش، ناخشا چۈشۈرۈش، ئوراش...ئۈچۈن قالىغاچتەك پالاقشىپ ئۇچۇپ يۈرگەن قىزلار، رىمۇنت قىلىش پۇكىيىدە كونىنى يېڭىغا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالدىراپ يۈرگەن بوز يىگىتلەر، قورسىقىدا ئاللىقانداق پىلانلارنى سوقىۋاتقان دوغىلەك پور سېمىز غوجايىنلار...مۇشۇ چاپ-چاپ، قىززىق بازار... ھەممىسى ماڭا سوغوق بىلىندى، ھەممىسى مەككار، ھىيلىگەر، قۇيمىچى، ۋىجدانى يوق، قارا قوساق، خۇددى ئالۋاستىدەك كۆرۈندى. (بەلكىم ھەممسىلا ئۇنداق ئەمەستۇ ھە؟) خۇددى بىرى ماڭا ساختا يان تېلىفۇننى مەجبۇرى ساتىدىغاندەك، پۇلۇمنى بىرى ئېلىۋالىدىغاندەك ۋە ياكى بىر ئىش چىقىدىغاندەك ئەندىشىدە بۇ بازاردىن قىستىلىپ، ماكچىيىپ يۈرۈپ ئاران چىقىۋالدىم ھەم سىرتنىڭ ھاۋاسىدىن ئاچكۆزلەرچە ئۆپكەم تويغۇچە سۇمۇرىۋالدىم.
( Y( h  R  @6 x; i5 P      چاتىقى تولا ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى بازىرىغا قارىغىممۇ كەلمەي كەينىمنى قىلىپ ئۆتۈپ، رەڭگارەك كىيىم-كېچەك بازىرىغا كىردىم. بۇ يەرمۇ شۇنداق لاتا قاسقاسچىلىق. ئۆلچەملىك ياسالغان مۇدىللارغا كىيدۈرۈپ قويغان كىيىملەرنىڭ چىرايلىقلىقى، كۆپلىكى، رەڭگارەڭلىگى سىزنى لال قىلىدۇ. نىمە دىگەن كۆپ كىيىملەر بۇ! ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقى بولۇپ، ئىقتىسادىي بوھران يۈز بەرمەس دىگۈسى كېلىدۇ كىشىنىڭ. ئاياللارنىڭ نوركا چاپان-پەلتۇلىرىنى كۆرۈپ، ھېلىقى تىرىك سويىۋېتىلگەن سۇ بۇلغۇنلىرىنىڭ جان تالاشقان ھالەتلىرى كۆز ئالدىمغا كىلىپ، تىنىم شۆركىنىپ كەتتى. ئەشۇ قورقۇنچاق ئاياللار قانلىق نوركىنى قورقماي كېيىدۇ ھە. ئەرلەر كىيىملىرىنى كۆرۈپ، نەچچىنى كىيىپ باقسام، چاپاننىڭ تىكىشى تارتمىغان، ئىشتاننىڭ ئېغى پاتمىغان، كۆڭلەكنىڭ گېلى سىقىلغان، ئاياغنىڭ ئۈچى قىستىغان. ئۆزەمگە ماس كېلىدىغان رەزمىنى تاپالماي جىلە بۇلۇپ قالدىم. مەن يا ئۇنداق قوڭى پۈسكۈيۈپ قالىدىغان، بەل بىلەن ئاغنىڭ ئارلىقى بەك قىسقا، پۇشقىقى تار، رەپ-رەپ كىيىم كېيىدىغان ئادەم بولمىسام يا. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىملەردىكى خىمىيىلىك تالالارنىڭ پۇراقلىرى بەك ئۆتكۈر ئىدى. ھازىرقى جاھاندا مۇشۇ ئاياللارنىڭ نىمىشقا بىر كىيىمنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇزاقتىن ئۇزاق  ئايلىنىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم. بۇرۇنغا سېلىشتۇرغۇم كەلدى. بۇرۇن رەختلەر ئۇنچە چىرايلىق بولمىسىمۇ، سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقىدىن، ساپلىقىدىن بەدەن پىت بۇلۇپ كېتەتتى. ھازىرچۇ؟ كىيىم رەختلىرىدىكى خمىيىلىك تالالارنىڭ سەۋەبىدىن ھېلىغۇ پىت تۇرماق، تېرىڭىزنىمۇ ئالا بۇلىماچ قىلىپ، قورۇلدۇرۇپ قويىدۇ تېخى.
% I  P: j$ @: @- r0 Y# @      كىيىم بازىرىدىن بەسىنىپ، مىۋە-چىۋە بازىرىغا كىردىم. پاھ-پاھ...نىمە دىگەن ئىسىل مىۋىلەر ھە! قىزىلى ئوتقاشتەك قىزىل، سېرىقى تۇخۇم سېرىقىدەك سېرىق، يىشىلى تاغ ئوتىدەك يېشىل، كۆكلىرى ئاسماندەك كۆك (توۋا ھازىر كۆك رەڭلىك مىۋىلەرمۇ باركەن دىسە). ھەممىسى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ. بانان، ئاپلىسىن، مايمۇن شاپتۇل، بۆلجۇرگەن دەمسىز، ئوت ئەجدارھا، ئەجدەرھا كۆزى، ئەبنۇس، چارتال، ئاناناس دەمسىز، شاپتۇل، ئۈزۈم، دەمسىز ھەممسى بار. مەڭزىللىرىم غۇژۇلداپ شۆلگەيلىرىم ئېقىپ كەتتى. شۇ ھامان ئادىتىم بۇيىچە ئۇنىڭدىن، بۇنىڭدىن ئىككى-ئۈچ تالدىن ئېلىپ تېتىماقچى بولدۇم. ھەييييي...! باناننى يىسەم پاختىدەك، ئاپلىسىننى يىسەم زەھەر ئاچچىق، بۆلجۇرگەننى يىسەم لاۋزا تېتىدى. ھەممىنى تۈكۈرىۋەتتىم. ئوت ئەجدارھا، ئەجدەرھا كۆزى، ئەبنۇس دىگەنلەرنى دىمەيلا قوياي، بۇ نىمە بولغىنى ئەمدى؟ شۇنچە چىرايلىق مىۋىلەر شۇنچە تەمسىزغۇ؟ بىزنىڭ يەرلىك مىۋىلىرىمىزنىڭ شىرىن تەملىرى ھازىرمۇ تىلىمنىڭ ئۇچىدا. بورۇن ئىچكىرىنىڭ مىۋىللىرىمۇ بۇنچە لاۋزا ئەمەس ئىدى. 80-يىللار باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمىزدا ئاپلىسىن، بانان دىگەندەك مىۋىلەرنى كۆرۈپمۇ باقمىغان ئىدۇق، سىنىپىمىزدا بىر دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئەركە بالىسى بار ئىدى. ئۇ بىر كۈنى سىنىپقا ئاپلىسىن ئېلىپ كەپتۇ. بىز ئۇ مىۋىنىڭ خەنزو تىلىدا «جۈزە» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدۇق. ئۇ پوچى ساۋاقدىشىمىز ھەممىمىزگە نەچچە تالدىن تارقاتتى، ھەم قانداق يىيىشنى ئۆگەتتى. بىز-يۈز-كۆزلىرىمىزنى توپا باسقان، يىرتىق كىيىم سەھرا بالىلىرى شۇ چاغدىلا جەنۇبىي جوڭگونىڭ مىۋىسىگە ئېغىز تىگىپ باققان ئىدۇق، شۇ چاغدىكى ئاپلىسىن ساپ-سېرىق، يۇپ-يۇمىلاق، بىر تالمۇ داغ يوق، مىۋە ئېتى چۆرۈك، تاتلىق، ئاجايىپ يىيىشلىك ئىدى. بەك تېتىغان، كۆپرەك يىيىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدۇق. ھازىرقىدەك ئاچچىقى ئاچچىق، تاتلىقى زىيادە تاتلىق، ماز پاختىدەك ئەمەس ئىدى. كىيىن ھەممە ئائىلىلەر ھېيت-بايراملاردا شىرەلىرىگە بانان، ئاپلىسىن...دىگەندەك مېۋىلەرنىلا تىزىپ يەرلىك مېۋىلەرنى تىزمايدىغان ھالەتكە كەلدى. يەرلىك مىۋىلىرىمىزنى ئىچكىرىدىكىلەر يۇقۇرى باھادا ئېلىپ كىتىدىغان بۇلۇشتى. مانا ئەمدى قايناقسۇدا مەجبۇر قىزارتىلغان موم سۈرتۈلگەن چىلان، قىزارتىش دورىسى ئوكۇل قىلىپ ئورۇلغان تاۋۇز، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سويۇقلىقىغا چىلانغان مۇم سۈرتۈلگەن ئاپلىسىن، ئاممىياك سۈيى ياكى گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدتا پىشۇرۇلغان بانان (ئادەمنىڭ جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، نېرۋا سېستىمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىكەن، ھەم راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى ھاسىل قىلىدىكەن)، ئېتىلىن سۈيىگە چىلاپ پىشۇرۇلغان ئۈزۈم (ئېتىلىن ئادەم بەدىنىنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن)، دانىسىنى يوغانلىتىش ۋە رەڭلەندۈرۈش ماددىسى ئىشلەتكەن ، موم سۈرۈلگەن ئالما (كىشىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، كەمقانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن)، لىمۇن كېسلاتاسىغا چىلانغان، كۆپ خىل دورا ئىشلىتىلگە شاپتۇل (سۆڭەك شالاڭشىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، دەلتە بۇلۇپ قېلىش، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، قۇرۇق پەيدا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن)، ھورمۇن سۈيىگە چىلانغان بۆلجۈرگەن ( بالىلارنىڭ بالدۇر يېتىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. جىنەن، شىئەن شەھەرلىرىدە 3-4 ياشلىق ئوغۇللارغا ساقال چىقىش، قىزلاردا كۆكسى بالدۇر يېتىلىش ئالامەتلىرى كۆرۇلگەن)، ئۆچۈرۈلمىگەن ھاك بىلەن سارغايتىلغان ماڭگو...ئالدىدا ھەممىمىز تېنەپلا قالدۇق. بۆگۈن كۆرۇپ تۇرۇپتىمەن. رەڭگى شۇنداق چىرايلىق، ئەمما تەمى، لەززىتى يوق...يۇرتىمىزدا ئەزەلدىن يوق بولغان ھاشارەتلەر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە پەيدا بولغان شۇ ھاشارەتلەرنى يۇقىتىدىغان ئىنتايىن ئۆتكۈر زەھەرلىك دېھقانچىلىق دۇرىللىرى، شۇنىڭغا مۇناسىپ شەكىللەنگەن كىچىگىمىزدىن ئاڭلاپمۇ باقمىغان يېڭى كېسەللەر، ئۆسمىلەر كۆز ئالدىمغا كەلدى...شۇ كېسەللىكلەر مانا مۇشۇنداق رەڭدار، سەتەڭ، چىرايلىق مىۋىلەرنىڭ ھاسىلاتى ئەمەسمۇ؟ بۇرۇن ئۈجمە، ئۆرۈك، سۈت ئالمىسى، جىنەستە... قاتارلىق يازلىق مىۋىلەرنى يازدىلا يەيتۇق. ئالما، قوغۇن، تاۋۇز، ئۈزۈم، نەشپۈتلەرگە ئوخشاش قىشلىق سورتلارنى كۈزدە يەيتۇق، ھەم يەنە قىشتا ساقلاپ يەيتتۇق. مانا ئەمدىچۇ؟ بازارغا تېزراق سېلىپ، كۆپرەك پۈل تېپىش ئۈچۈن، ھەر تۇرلۇك كەشپىيات، ئاماللار بىلەن ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن مىۋىلەرنى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە يەيدىغان بولدۇق. مۇشۇنداق بولىۋەرسە تۆت پەسىلدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغان ئوخشايمىز، دەپ ئويلاپ قالدىم ئىچىمدە.
( B9 L* T, f6 y+ J4 {! n       ئوتياش (كۆكتات) بازىرىدىمۇ شۇ. ئاجايىپ ئىسىل چىراي ئوتياشلار، پارنىكتا ئۆستۈرۇپ بىمەزگىل پۇشۇرۇپ بازارغا سالغان ئوتياشلار. قىش-ياز ئايرىماي يېڭىدىن چىقىۋاتقان ھورمۇنلۇق ئوتياشلار، گېنى ئۆزگەرگەن ئوتياشلار. ئاڭلىسام يۇرتىمىزدىكى ئوتياشلارنى نوسخا ئېلىپ تەكشۇرگەندە زەھەرلىك دورىلار قالدۇقىنىڭ نىسبىتى %80 تىن ئېشىپ چىقىپتۇدەك، باشلىقلار غەزەپ ئاچچىقلىنىپتۇدەك. غەزەپنىڭ ئاخىرىنى قانداق قىلدى بىلمىدىم. بەلكىم... بۇرۇنلاردا يازنىڭ قۇياش نۇرى تۇلۇق چۈشكەن ئاپتىپىدا پىگمىتلىرى توشۇپ پىشقان كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان قىپقىزىل پەمىدۇر، قىزىلمۇچىلارنى ئاپتاپتا قاق سالاتتۇق، ئاندىن يىپلارغا ئۆتكۈزۈپ، قالىقلارغا ئېسىۋېتەتتۇق، ئۇلارنى گېرەمدە ساقلىغان پىياز، سەۋزە، چامغۇر، يېسىۋىلەك...دىگەندەك يىلتىزلىق ئوتياشلار بىلەن قىشتا يەيتتۇق. ئانىمىز يېسىۋېلەكنى پەمىدۇر قېقى، قىزىلمۇچ قېقى، پاخلان گۆشلىرى بىلەن قورۇما قىلىپ، لەغمەن ئىتىپ بەرسە، ئىسسىق كاڭدا ئولتۇرۇپ، مەڭزىللىرىمىزنى قىزارتىپ ھۇزۇرلىنىپ يەيتتۇق، ئاش سۈيىنىڭ يۈزىنى قورىمىنىڭ سۈيى بىلەن قىپ-قىزىل قىلىپ تەڭشەپ بىرەر چىنىدىن ئىچىۋېتەتتۇق. سەۋزە، بەرەڭگە، چامغۇر، قىزىلچىلارنى چوغقا كۆمۈپ يەيتتۇق. تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن، ھازىرقى بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ تازا ياخشى بولماسلىقى بۇلغانغان نەرسىلەرنىڭ كۆپلىگىدىنمۇ يا دەپ. چۇڭلار « كىچىك بالىلار ئۆزلىرىنىڭ دورىسىنى تېپىپ يىيەلەيدۇ» دەيدىغان. ئۇنلىرىمىزدا ئاقارتىش پاراشۇگى، مايلىرىمىزدا ئەۋرەز سۇيى، گۆشلىرىمىز مەنبەسى ئېنىق بولمىغان گۆشلەردىن ياسالغان ئاتالمىش قوي-كالا گۆشى، تۇخۇملىرىمىز توك تۇخۇسىدا ياكى توخۇسىز تۇغۇلغان تۇخۇملار...بۇرۇن ئۇنلىرىمىز قارا ئىدى، يىيىشلىك ئىدى. گۆشلىرىمىز مايلىق، زىيانسىز ئىدى. تۇخۇملىرىمىز بەزىدە گۆش قالمىغاندا گۆشنىڭ ئورنىنى ئالالايتتى. سامان بىلەن شاكىلىنى سارغايتىپ پىشۇرغان تۇخۇملارچۇ تېخى، يەنە تۇخۇم چىكىشتۇرۇپ ئوينايدىغان قىزىقارلىق ئويۇنلارچۇ! تەرەققىيات بولسىمۇ بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ؟!!...كەيپىياتىم نۆلگە چۈشۈپ، بازار ئايلانغۇم كەلمىدى. ئەمدى بازار ئايلىنىشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى قالدى؟ بولدى ئەتىدىن باشلاپ بازارغا چىقىشنى قۇلۇمنى مۈرەمگىچە يۇيىۋەتتىم. ئەمدى ھەرگىز، ھەرگىز، ھەرگىز...چىقمايمەن، دىدىم ئۆزەمگە.
& I5 S; w. i: M% N  Z3 H5 D      بۇرۇن پەقەتلا ھارمايتىم، بۈگۈن ئۆزۈمنى بەكلا ھارغىن ھىس قىلدىم. زىيادە كۆپ ئېلانلاردىن زىرىكىپ ھاردىم، ساختىلاردىن زىرىكىپ ھاردىم، ئادەملەرنىڭ كۆپلىگىدىن زىرىكىپ ھاردىم، ئوسسۇدۇم. ئىچىملىك ساتىدىغانلارنىڭ گۈمبەمەدەكسىمان كۈنلىكىنىڭ ئاستىغا كىلىپ ئولتۇردۇم. ئاپئاق توڭلاتقۇلاردا ھەرخىل ئىسىل قۇتىلىق ئۇسسۇزلۇقلار تىزىقلىق ئىدى. يەنە بىر تەرىپىدە بولسا تۇرلۇك چىرايلىق قاپلارغا، چىرايلىق قۇتىلارغا قاچىلانغان تۇرلۇك ۋىتامىن، تۈرلۈك مىنىرال ماددىلار ۋە تۈرلۈك ئۇزۇقلۇقلارنى تۇلۇقلايدىغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى تىزىقلىق ئىدى. زىيادە گۇمانخورلىقىم يەنە تۇتتى. بىلسەم بىلمىسەم بۇ ئىچىملىكلەر رەڭ، ياسالما جەۋھەر، سۇ، شېكەرنى ئارلاشتۇرۇپ ياسىغان كاربۇناتلىق ئىچىملىكلەردۇ شۇ. مىۋە سۈيى دىگەن بىلەن يەنىلا ئەشۇ دورىلار بىلەن ئەي قىلغان مىۋىلەردىن سىقىپ چىقارغان مىۋە سۇلىرى ھەقاچان. ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بولسا ئۇ ئالىم، بۇ ئاكادىمىك، ئۇ مۇتەخەسىس، بۇ دوكتۇر نەچچە «ئون يىل» تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، ئادەمگە قىلچىلىك پايدىسى بولمىسىمۇ، پۇلىدىن باشقىسىغا زىيىنى يوق ئادەم گوللايدىغان نەرسىلەردۇ تايىنلىق. ئۆزەم زىيانلىق دەرىجىسى ئەڭ تۆۋەن دەپ قارىغان-مېنىرال سۇدىن بىر قۇتا ئالدىم. لاۋزىلىقىنى دىمەيسىز بۇ سۇنىڭ. كىچىك چاغلاردا ئۆستەڭلەردىن نوگايدا ئۇسۇپ ئېچىدىغان سۇلار، يەيدىغان مۇزلار بەك پەيزى ئىدى. ئۆستەڭگە دۇم يېتىپ ئىچەتتۇق، نانلارنى ئېقىتىپ يۇمشىتىپ يەيتتۇق. ئۆيلەردە يېرىمى دات باسقان ساپلىقتا غورتۇلدۇتۇپ ئىچىپ، پۇخادىن چىقاتتۇق، ھەم سۇ تولۇقلىناتتى ھەم تۆمۇر تۇلۇقلىناتتى. ئۇ چاغلاردا ھىچكىم سۇنى بۇلغىمايتتى. شاپتۇل قېقى، چىلانلارنى مۇزنىڭ سۈيىگە چىلاپ قىلغان ئۇسۇزلۇق بەك ئوبدان ئىدى. كىچىك چاغلىرىمىزدا سوغۇق سۇ ئىچسەك، ھازىرقى بالىلاردەك يۆتىلىپ قالمايتتۇق، ئۇ چاغلاردا كاسسىغا ئوكۇل سېلىش بەك قۇرقۇنۇشلۇق ئىش ئىدى. ئاسما ئوكۇل سالغان، ئوكسىگىننى بۇرنىغا قۇيغانلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىساق سەكراتقا چۈشكەندەك قورقۇپ كېتەتتۇق. ھازىرچۇ؟ نەچچە ئايلىق بۇۋاقلارمۇ ئاسما ئوكۇل قۇيۇپ، دورا يەپ، بەدىنىدە ۋېروسلار ئۇرۇشى قىلىپ يۈرىدۇ... شۇ خىياللار بىلەن تۇرسام بىرىنىڭ:& O% a: f% ?+ h* k
    -ئىچىپ بولسىڭىز، قۇتىنى ماڭا بىرەمسىز؟،-دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
% ?4 S) ~1 r0 U8 V1 @/ U    كەينىمگە ئۆرۇلۇپ قارىسام، چىرايى ئاپتاپتا مىستەك كۆيگەن، كۆزلىرى تېرە جۇۋىنىڭ يىرتىقىدەك كىچىك، جىرتاق، يۈزىنىڭ ئورۇقلىقىدىن سېرىق، رەتسىز چىشلىرى ئالدىغا بۆرتۈپ چىقىپ قالغان، چاچلىرى ئۆسۇپ پاخپىيىپ كەتكەن، كىيىملىرى يىرتىق، ياماق، مەينەت بىرى ئىكەن. ئۇنىڭدىن يىرگەنگەندەك بۇلۇپ، قۇتامغا قارىسام سۇمۇ يېرىم بۇلۇپ قاپتۇ. لاۋزىلىقىدىن ئىچكۇممۇ كەلمىگەن شۇڭا قۇتىنى ئۇنىڭغا سۈندۇم.
- n- d, D) s7 k; g, g    -تېخى ئىچىپ بولالماپسىز، ئىچىپ بولغاندا كېلىپ ئالاي، دىدى ئۇ. تەلەتىگە قارىغاندا گەپلىرى خېلىلا راۋان، ئاۋازى يېقىشلىق، يېقىملىق بىلىندى ماڭا.3 A. ]! t# k6 l) k
    -بەك لاۋزىكەن، ئىچكىم كەلمىدى، دىدىم مەن.
8 d3 A8 \  e( {/ J( Q1 K: Z. Q    -دىمىسىمۇ، بۇنداق ئىچىملىكلەرنى ھەرگىز، ھەرگىز ئىچمىگەن ياخشى، دىدى ئۇ.
# F% Q6 r2 U4 X  [% O     ئۇ قىزىقىشىمنى قوزغىدى. بىز بولساق «ئاز ئىچكەن ياخشى دەيتتۇق»، ئۇ «ھەرگىز، ھەرگىز ئىچمىگەن» ياخشى دەپ كىسىپ ئېيتىۋەتتى. ئەكسىچە بىز بۇنداق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچسەك ئۇ قۇتىنى جىق تېرىدىغان تۇرسا.
5 a7 y1 [( Z+ P) n2 H   -بۇ نىمە دىگىنىڭ، بىز كۆپ ئىچسەك، ساڭا پايدا ئەمەسمۇ؟
+ S, }4 T0 R; N" z; w   -ماڭا زىيان بولسا مەيلى، باشقىلارغا زىيان بولمىسىلا بولىدۇ.
) v/ w5 t7 o" f7 ^$ u   ھەجەپ باشقىلارنى ئويلايدىكىنا بۇ، بىر گەپ بارمۇ نىمە بۇنىڭدا، دەپ ئويلاپ قالدىم.( O$ }+ `4 w9 q# T8 i
   -بەك ياخشى ئىكەنسەنغۇ سەن؟2 C/ j) o  F# W. r8 b
   -سىزمۇ ياخشى ئادەمدەك قىلىسز، شۇڭا دەۋاتىمەن. مەن..% K- R4 h6 z, U9 H& J8 ~4 z. Z- s
   شۇ چاغدا ئىچىملىك ساتىدىغان پور سېمىز غوجىدار ئۇنىڭغا ۋارقىرىدى:
' x0 @4 [& r$ [% Z' X6 I    -ھېي تەرمىچى، ئاناڭنى، يوقال بۇ يەردىن!!!
. e- K3 g' ?& l6 i5 C  u    ئۇ ئوڭايسىزلاندى بولغاي، ئاستا يېنىمدىن ئايرىلدى. مەن خىيالىمىدا ئۇنىڭ كىيىملىرى مەينەت، تەلەتى سەت بولغاچقا قوغلىدى، دەپ ئويلىدىم. سۇنىڭ پۇلىنى تۆلىگىلى غوجايىننىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ پۇلنى قايتۇرىۋېتىپ:9 U( E+ _$ I# e  n3 ]4 w- \
    -يېقىنماشماڭ، ئۇ دىگەن ھەممىمىزنىڭ دۇشمىنىمىز، دوكتۇرمىش تېخى...دەپ غودۇڭشىدى.7 f7 z" ~# N8 [6 _% A$ O
    -نىمە؟ ئۇ دوكتۇرما؟
4 @' k6 J/ Y6 @- u    -ئۇ بۇرۇن دوكتۇركەنمىش، ئىشقىلىپ باشقا ئىشلىرىنى بىلمەيمەن، بىزگە كۆپ زىيان سالغان ئىكەن." w( X0 Y8 \' a  p& z
    -بىز دىگىنىڭىز كىم؟
7 F# `5 D' j9 @) Y5 H2 z; R6 d    -بىز دىگىنىم مەن، سىز، ئۇ...ھەممىمىز.3 R% B* G4 {3 d0 h/ C. P7 s
     -ھە....
) a; j' N* a: k! q0 P' d       تەرمىچىگە قىزىقىشىم يەنىمۇ ئاشتى. راست دوكتۇرمىدۇ؟ دوكتۇر تۇرۇپ نىمىشقا تەرمىچى بولۇپ قالىدۇ؟ بىزگە زادى قانداق زىيانلارنى سالغاندۇ؟5 p& z" q& }8 u) n0 u
       تەرمىچى بىر دەمدە يوقاپ كەتتى. كەينىدىن ئىزدەپ تاپاي دەپ ئىككىلىنىپ قالدىم. مىۋە بازىرىدىن چىقىۋېتىپ دەرۋازا تۇۋىدە يۇلغۇن چىۋىقىدا توقۇلغان قىزغۇچ يۇمىلاق سېۋەتتە شاپتۇل سېتىپ ئولتۇرغان بوۋايغا كۆزۈم چۇشتى. ئاق يەكتەك، قارا شالۋۇر، بادام دوپپا كىيگەن، ئاپئاق ساقاللىق، كۈلۈپلا تۈرىدىغان خۇشپىچىم چىرايى بار  بۇ تەبىئى بوۋاي مېنىڭ بوۋامنى ئىسىمگە سالدى. سالامدىن كىيىن ئۇ شاپتۇل يىيىشكە تەكلىپ قىلدى، بوۋاينىڭ بۇ تەكلىپى بىزنىڭ ئاۋال مېۋىنى قوساق تويغىچە يىگۇزۇپ، ئاندىن پۇلغا ساتىدىغان سېخى دېھقانلىرىمىزنىڭ ئادىتىنى ئىسىمگە سالدى. ھازىرمۇ شۇنداققۇ، باغلارغا كىرگەندە خالىغانچە يىسەك بولىدىغۇ؟ ئۈجمە دىگەندەك بىر قىسىم مېۋىلىرىمىزنى پۇلغا ساتمايمىزغۇ؟...بوۋاينىڭ دىيىشىچە ئۆزىنىڭ بېغىنىڭ شاپتۇلى ئىكەن. تەنگە زەرەر قىلىدۇ دەپ، دېھقانچىلىق دورىسى چاچماپتىكەن، شاپتۇلغا قۇرت چۇشۇپتۇ، ھەم يىلىم بۇلۇپ كېتىپتۇ، بازاردىكى ئاۋۇ شاپتۇللاردىن سەت، كىچىك، تۈكلۈك ئىكەن، شۇڭا خېرىدارى ئاز ئىكەن.  ئۇ ئۆزىگە ئىشەنچ پەيدا قىلماقچىمۇ، يەپ باقسىلا، ساقلىرى يامان تاتلىق، دىدى., B& ?/ M4 ^2 f: _8 w8 r
     سېۋەتتىكى شاپتۇللارغا باقتىم. ھېلىقى بىز بۇرۇن مىللىيچە دەپ يەيدىغان شاپتۇللارنىڭ نەق ئۆزى ئىدى. بالىلىق چاغلىرىم- مىۋىلەرنى ئوغرىلاپ يەيدىغان چاغلىرىم كاللامدىن لەپ-لەپ قىلىپ ئۆتتى. شاپتۇلدىن بىر تال ئېلىپ، يىلىمىنى ئېلىۋېتىپ، يېرىپ كۆرۇپ، يېرىمىنى ئاغزىمغا سالدىم، شاپتۇل ئاجايىپ شىرىن بىر تەم بىلەن ئاغزىمدا ئېرىپ كەتتى. مانا بۇ ھەقىقى بولغانمىغان مىۋە ئىدى. ئۇنىڭدا خېمىيىلىك دورا بولمىغاچقا قۇرتمۇ چۇشكەن ئىدى. يەنە بىر تالنى يارسام ئىچىدىن تىنىمسىز قىمىرلاپ، مىدىرلاپ يۈرگەن ئىنچىكە، كىچىك-كىچىك ھالغا بۇغۇملۇق قۇرت كۆرۇندى. ئىچ-ئىچىمدىن خوشال بۇلۇپ كەتتىم، بۇ  قۇرتمۇ ماڭا تونۇش ۋە يېقىملىق بىلىندى. خۇددى بۇرۇنقى بىر تۇغقۇنۇمنى، بالىلىقتىكى ئادىشىمنى كۆرگەندەك بۇلۇپ قالدىم. قۇرتنى تۇتۇپ، قۇتىغا سولاپ، ئۆيگە ئاپىرىپ، بالىلىرىمغا كۆرسىتىپ قويسام، ھەم ھىكايىللىرىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسام ھە! بۇۋاي قۇرت چىققىنىدىن خىجىل بۇلغاندەك ئەخلەت خالتىسىغا تاشلىۋېتىشىمنى ئېيتتى، لىكىن مېنىڭ تاشلىغۇم يوق ئىدى، كىچىك چېغىمدىكىدەك ئوينىۋالغۇم بار ئىدى. مۇشۇ مەزگىللەردە پىت دىگەن نەرسىنىڭ بازىرى چىقىپتۇ، بىر تېلىنى 200 يۇەندىن سېتىۋالىدىكەن، دىگەن گەپلەر چىققان ئىدى. توۋا! مۇشۇ قۇرتقا چۈشكەن مىھىرگە قارىغاندا ئۇمۇ لاپ گەپ ئەمەس ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم...  c& P) ^4 s# |5 ]% i
     شاپتۇلدىن كۆپرەك ئالماقچى بۇلۇپ تاللاشقا باشلىدىم. بوۋاي قۇرت چۈشمىگەننى تاللىشىپ بېرىۋاتاتتى. ھېلىقى تەرمىچى يېنىمىزدا پەيدا بولدى. قارىغاندا بوۋاي بىلەن تونۇشۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ. بوۋاي بىلەن قىزغىن سۆزلىشىپ كەتتى. بوۋاي ئۇنىڭغا بىر مۇنچە شاپتۇل بەردى. ئۇ بوۋايغا پۇل بېرىمەن، دەپ تۇرىۋالدى. بوۋاي ئالغىلى ئالمىدى. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە ئىللىق كۈلۈمسىرەش، كۆزلىرىدە سەمىيلىك نۇرى بالقىپ چىقتى، بۇلغانمىغان ھەقىقى تەسىرلىك كۆرىنىش دەيمىز بۇنى. تولا كاكىرىمىساقمۇ ئىناقلىق تەبىئىيلا باركەنغۇ بۇ جاھاندا مانا!
9 N* X: j( ^* z+ z+ ~0 T4 G4 O; X   -ۋوي، دوكتۇرمۇ قۇرتلۇق شاپتۇل يەيدىكەن ھە!-دىدىم چاخچاق قىلىپ.  {# h3 s, p3 R; v
   -مېنىڭ دوكتۇرلىقىمنى بىلىپ قاپسىز،-دە. مەن بۇرۇن راستىنلا دوكتۇر ئىدىم،- دىدى ئۇ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ. تەلەتى يەنىلا سەت كۆرۇندى ماڭا.
) p. g9 S( H4 ?9 O0 @" p' a   -نىمە؟ راستىنلا دوكتۇرما؟
+ w* v% M8 w5 `* m   -دوكتۇرلا ئەمەس، دوكتۇرلارنىڭمۇ يېتەكچىسى ئىدىم. % p+ q: o. ~# }$ `3 |& i8 D
   ئۇنىڭ ئاغزىغا پاقا تەشكەن سويمىدەك پاڭقىيىپ قاراپلا قاپتىمەن. ئۇنىڭ بۇ تەلەتىگە قاراپ كىممۇ ئىشىنىدۇ دەيسىز.9 }5 d. o: n! g# r+ x( d7 }  U
   -ئاڭلىسىڭىز سۆزلەپ بېرەي.; K. n0 B" s! h
   بوۋاي بەرگەن كىچىك ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم. ئۇ بولسا كۆتىنى يەرگە چاپلاپ ئولتۇردى.6 p7 O  c, i8 o. J$ c
    « خۇددى نۇرغۇن كىتاۋى ھېكايىلەردىكى پېرسۇناژلارغا ئوخشاش مەنمۇ بىر نامرات دېھقاننىڭ بالىسى ئىدىم. بىزدە يەر كۆپ بولمىغاچقا، دادام كىچىككىنە ئېتىزنى پارچە-پارچە قىلىپ بۆلۈپ، ئالقانچىلىك يەرنىمۇ ئاق قويماي، كۆپ خىل ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىپ، ھوسۇلىنى سېتىپ ئازغىنە پۇل قىلسا، ئانام پايپاق توقۇپ، پېتەك تىكىپ چاي-تۇزنى ھەل قىلاتتى. ئۆيدىكى بەش بالىدىن پەقەت مېنىلا ئوقۇتۇشنى پىلان قىلىشقان ئىدى. مەن زېھنىم ئۆتكۈر، ئەقىللىق بىلىنگەن ئوخشايمەن ئۇلارغا، چوڭلارنىڭ كۆزى ئۆتكۈر كېلىدۇ، يەنە كېلىپ ھەممىمىزنى ئوقۇتۇشقا نەدە پۇل دەيسىز. مەندىن كۆپ ئۈمىدلەرنى كۈتەتتى ئۇلار. مەنمۇ جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئوقۇدۇم. نامراتلىق سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ كەمسىتىش، خورلاشلىرىغا تولا ئۇچرىدىم. بىزدە ئاجىزلارنى خورلاش، كەمسىتىش بەك ئېغىر، بەك ئېغىر ئىدى. پەللىمۇ پەللە ئۆرلەپ ئوقۇپ، باشقىلار ئەڭ چۇقۇنىدىغان ھېلىقى ئەڭ ئالىي، دۇنيادىكى ساناق ئىچىگە كىرەلەيدىغان مەكتەپكە ئۆتتۈم. بۇ ئاجايىپ ئسىل مەكتەپ ئىدىكى، ھەرقانداق ساھەدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەپ چىقاتتى. داڭلىق دوكتۇر-ئالىملار، داڭلىق ماگىناتلار، سىياسىيۇنلار، ئەدىپلەر، دىپلۇماتلار...مۇشۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئىدى. ھەتتا تېخى داڭلىق پارىخور ئەمەلدارلارمۇ، داڭلىق جىنايەتچىلەرمۇ مۇشۇ مەكتەپنىڭ مەھسۇلاتى ئىدى. ھەممە ئارزو قىلىدىغان بۇ مەكتەپكە مەن، مېنىڭدەك بىر نامرات قارا دېھقاننىڭ بالىسىنىڭ ئۆتىشى خۇددى تويۇقسىز ئاسماندىن پوشكال چۈشكەندەك بىر ئىش بولدى. «دىدەك ھالقا تاقىسا كىرمىگەن ئۆيى قالماس» دىگەندەك، ئانام خوشاللىقتا بۇ خەۋەرنى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، پۇتۇن مەھەللىگە، ھەتتا پۇتۇن يېزىغا تارقىتىۋەتتى. نۇرغۇن ئورۇق-تۇغقان، مەھەللىدىكىلەر، يېزىدىكىلەر، ھەتتا باشقا يېزىدىكىلەرمۇ مېنىڭ چاقىرىق قەغىزىمنى كۆرگىلى كېلىشتى. ھەممىسىنىڭ كۆزلىرىدىن ھەسەت، كۆرەلمەسلىكنىڭ ئۇچقۈنلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. ھويلىدا، سىرتتا توپ-توپ بۇلىشىۋېلىپ كۇسۇرلىشىپ، تاماشا قىلىشاتتى، غەيۋەت قىلىشاتتى، يا كەتمەيتتى. نەچچىسى دادامنىڭ يۈزىگىلا: «ئىسىت، سىلەردەك يالاڭتۆش نامراتلاردا يا پۇل بولمىسا، بۇ چاقىرىق زايا كېتىپتۇ. قايسى ھالىڭلار بىلەن ئوقۇتىسىلەر بۇنى؟» دىگۈچىلەرمۇ بولدى. بۇنداق چوڭ نەتىجىنى ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان دادام، ئاناملار خۇددى كەمبەغەل بىر كوزا ئالتۇن تېپىۋېلىپ قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمىگەندەك جىددىيلىشىپ قويغان-تۇتقىنىنى، نىمە قىلارىنى، نىمە قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلمەي تىپىرلاپ قېلىشقان ئىدى.  ئەگەر نەتىجەم پەۋقۇلئاددە يۇقۇرى چىقىپ كەتمىگەن، جەمئىيەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىمىغان بولسا، بۇ سان ئاللىبۇرۇن پۇلدارلارنىڭ بالىلىرىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ كەتكەن بولار ئىدى. بىر نەچچە سۆلەتلىك باي-زەردار ئۆيگە كىلىپ بۇ ساننى يۇقۇرى باھادا سېتىپ بېرىشىمىزنى يالۋۇرۇپ ئۆتۇنگەندە ھەسەت كۆزلىرىدە قېتىپ قالغان بىر نەچچە تۇغقىنىمىز سېتىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلدى، ھەتتا داداملارنىڭ بىر تۇغقانلىرى ئاللابۇرۇن ئۆلۇپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكەن بوۋام، مومامنىڭ يوق مىراسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شۇ پۇلدىن ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى. بوۋاملارنىڭ مىراسى نىمە بولا، شۇ جەندە كولا. مەن پەقەت چۇشەنمەيتتىم، ئەقلىممۇ يەتمەيتتى. بۇنى ساتسام ئۇلار قانداق قىلىپ بالىسىنىڭ ئىسمىغا ئالماشتۇرالايدىغاندۇ؟ شۇ ساددا چاغلىرىمدا ھەرقانداق يەردە ئىككىلىك گېلى بار ئادەملەرنىڭ بولىدىغىنىنى بىلمىگەن ئىكەنمەن. ساتمىدىم، ساتمىدۇق. بەلكىم بۇ بىزنىڭ ئائىلىنىڭ، بىزنىڭ جەمەئەتنىڭ پۈتكۈل تارىخىدا چىقارغان ئەڭ توغرا، ئەڭ زور قارارى بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. شۇنداق، ساتمىدۇق. ئەمما ئوقۇش جەريانىدا پۇلدىن قىسىلىپ بەك ئېغىر جاپا تارتتىم. ئوقۇۋاتىمەن، بىر تەرەپتىن ئىشلەۋاتىمەن، ھەرقانداق ئىش بولسا مەينەت-پاكىزە دەپ ئايرىماي قىلدىم. پۇل ئۈچۈن نۇمۇسنىمۇ قايرىپ قويدۇم. خورلاندىم، كەمسىتىلدىم، ئىزا-ئاھانەت ئىشتتىم. ساۋاقداشلىرىمنىڭ مازاق قىلىپ ئوينايدىغان ئويۇنچىقى بولغان، ئېشىپ قالغان تاماقلىرىنى يىگەن، ئاياغلىرىنى ئازراق پۇل بەرسە مايلىغان، تاماق قاچىللىرىنى يۇيغان، ھەتتا پۇل بەرسە كوسار، پايپاقلىرىنىمۇ يۇيغان ۋاقىتلىرىم بولدى. تاشلىۋەتكەن پايپاقلارنى ياماپ كىيگەنلىرىمچۇ تېخى!...بۇ ساننى ساتمىغانغا پۇشايمان قىلغان چاغلىرىم ناھايىتى كۆپ بولدى. چىشىمنى چىشلىدىم، كالپۇكلىرىم قانچە قېتىملاپ قانىدى، نەچچە مىڭ قېتىم يۇشۇرۇنچە يىغلىدىم، ئۆزەمنى بىنادىن تاشلاشقا نەچچە رەت ئۇرۇندۇم. جان يەنىلا تاتلىق ئىكەن. ئاخىر «قاراپ تۇرۇش، مەن سەنلەرگە ئۆزەمنى كۆرسىتىپ قويىمەن!» دىگەن مۇشۇ بۈيۈك سۆزنى ئۆزەمگە ماياك قىلىۋالدىم. مېنىڭ ياخشى ئوقۇشۇم ۋەتەن، خەلق، ئاتا-ئانام ۋە ئۆزەم ئۈچۈن ئەمەس بەلكى مۇشۇ ماياك ئۈچۈندەكلا بولۇپ قالدى. باشقىلارنىڭ ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن ئوقۇيمەن، دىگەنلىرى يالغانمىكىن دەپ قارايدىغان بولدۇم. بۇ سۆز خىيالىمدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلغىنى يوق. ماياك ئۈچۈن تىرىشقاننىڭ، يىغلىغاننىڭ، تارتقان ئازاپ-ئوقۇبەتنىڭ، كۈلپەتنىڭ، خورلانغاننىڭ ...ھەممىسىنىڭ نەتىجىسىنى ئاخىرى كۆردۈم. ئوقۇش مۇكاپاتى، نامراتلارنى يۆلەش فوندى...دىگەنلەرگىمۇ كۆپ ئېرىشتىم...ئاخىرى مەكتەپنى پۈتتۈردۇم، ئۆزەمگە خۇددى مىڭ يىل ئوقۇغاندەك بىلىندى. نەتىجەم ياخشى بولغاچقا ماگىستىرلىقتا ئوقۇدۇم. ئوقۇتقۇچىللىرىمنىڭ ياردىمىدە ئاشۇ مەكتەپتە يەنە داۋاملىق ئۆرلەپ، دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىنىمۇ ئالدىم. ھەم دۆلەت دەرىجىلىك نۇپۇزلۇق ئاكادىمىيەدە ئىشلىدىم.& w, h8 G: @: m9 b- Z' `" r
      ماڭا تەلەي ئوڭ كۆزىدە كۈلۈپ قاراشقا باشلىدى. مېنىڭ تەتقىقاتلىرىم ھاياتلىق ئىلمىگە ئائىت بۇلۇپ، يەنە باشقا ساھەلەردىكى تەتقىقات دائىرەممۇ  كەڭرى ئىدى. مېنىڭ يازغان ئىلمىي ماقالىلىرىم دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، چەتئەللەردىكى نۇپۇزلۇق ژورناللارغا چىقىپ تۇراتتى. مەن تەتقىق قىلغان نەتىجىلەر پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە قوللىنىپ ئاجايىپ ئەمەلىي ئۈنۈملەرگە ئېرىشتى. كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم. «ئالتۇن لوڭقىمۇ دەيمىز، كۆمۈش لوڭقىمۇ دەيمىز، يەنىلا ئاۋامنىڭ ماختىشىغا يەتمەيدۇ» دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ! شۇنچىلىك دەرىجىدە داڭ قازىنىپ كەتتىمكى، ھەتتا دۆلەتنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرىمۇ مېنى نەچچە رەت قۇبۇل قىلدى. پۇتۇن مەملىكەت دائىرىسىدىكى تەشۋىقات ۋاستىللىرىدە كەڭ تەشۋىق قىلىندىم. تېلىۋېزۇر، تور، رادىئو، گېزىت-ژورناللاردا بەس-بەس بىلەن خەۋەر قىلىشتى. مۇخبىرلار، زىيارەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ مېنىڭدەك ئادەم بۇلۇشىنى ئۈمىت قىلىشاتتى، شۇنداق تەربىيە بىرىشەتتى....مەن ئېرىشكەن تۇرلۇك پاتىنىتلار، تەتقىقاتلىرىمنىڭ جەمئىيەتتە قوللىنىپ ئىجتىمائى، ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشى، تۈر مەبلەغلىرى، دۆلەتتىن ئاجرىتىلغان تەتقىقات خىراجەتلىرى، تەتقىقات نەتىجىسى ئۈچۈن بىرىلگەن مۇكاپاتلار، يەنە كىلىپ نۇرغۇن كارخانىچىلارنىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن بەرگەن پۇللىرى...بىلەن بەك بېيىپ كەتتىم. مېنىڭ بىر جۈملە سۆزۈممۇ نۇرغۇن پۇللارغا يارايدىغان ھالەتكە كەلدى. ھەر قانداق ھاياتلىق، ساغلاملىق، ئوزۇقلۇققا ئائىت ئىشلار مېنىڭ ئالدىمغا كېلەتتى ۋە مېنىڭ دىگىنىم بويىچە بولاتتى. تۈرلۈك مەمۇرى تەستىقلار ئۈچۈن مەمۇرىلار مېنىڭ پىكرىمنى ئالمىسا تەستىقلاشتىن ئەنسىرەتتى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق شىركەتلەر بىلەن تەتقىقات ھەمكارلىقى، توختىمى تۈزۈشكەن، ئىمزالاشقان ئىدىم... پۇللىرىم سانىنى بىلگۈسىز دەرىجىدە كۆپەيدى. مەركىزى شەھەرنىڭ ئەڭ ئىسىل يېرىدە كەڭرىتاشا داچام، ئىسىل ماشىنىللىرىم، خىزمەتچىللىرىم بار بولدى. يەنە شەخسى دوختۇرۇم، ئاۋدۇكاتىممۇ بار ئىدى. توۋا! ئۆزەمگە ئىشەنمەي قالدىم. پۇلنىڭ كۆپىيىشى بىلەن باشقا ئىشلارمۇ ئىستىخىيلىك ئەمەلگە ئېشىۋاتاتتى. ئەتراپىمدا پەرۋانە بولىدىغان ئادەم كۆپەيدى. نۇرغۇن نوپۇزلۇق كىشىلەر مېنىڭ بىلەن ئارلىشىشنى چوڭ ئىش، ئابرۇيى ئۆسكەنلىك، يۈزى چوڭ بولغانلىق دەپ قارايتتى. مېنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت، ھەمتاۋاق، ھەمياتاق ، يانتاياق بولۇش ئۇلار ئۈچۈن شەرەپ ئىدى...
  V& X7 d3 `, m: H       مەن باشقىلارغا كۆرسىتىپ قويماقچى ئىدىمغۇ؟ كورىيەگە چىقىپ چىرايىمنى ئوڭشاتتىم. ئىگىز-پەس، سېرىق چىشلىرىمنى تۈزلەتتىم، كۆزۇمنى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ يۇقۇرى گىرادۇسلۇق كۆزئەينەكنى چۆرۈپ تاشلىدىم. داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىپ، سائەت، قۇياش ئەينىكى تاقاپ ئاجايىپ سالاپەتلىك بۇلۇپ كەتتىم، ھازىر چىرايىڭ بەتبەشىرە تۇرمامدۇ، دىيىشىڭىز مۇمكىن. ياساتقان چىرايمۇ قىممەت باھالىق دورىلارنى ئىشلىتىپ پەرۋىش قىلىپ تۇرمىسىڭىز پېتىدىن چۈشىدىكەن.% x7 ~* k4 c0 c
      دىسەم ئىشەنگىڭىز كەلمەيدۇ. نۇرغۇن گۈزەل مەلۇماتلىق قىزلار، چولپانلار مەن بىلەن يېقىنلىشىپ، توي قىلىۋېلىشنى ئارزو قىلىشاتتى. لىكىن مەن ھازىر ئانچە داڭقى بولمىسىمۇ، بۇرۇن مەكتەپتە ھىچكىم قوغلاپ يېتەلمىگەن، ئەينى چاغدا ماڭا قاراشقىمۇ يىرگىنىدىغان، مېنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەن تىرنىغىچىلىكمۇ كۆرمەيدىغان مەكتەپ گۈزىلى بىلەن توي قىلدىم. بۇمۇ باشقىلارغا كۆرسىتىپ قويماقچى بولغۇنۇمدۇ دەپ ئويلىدىم. تويغا چوڭ-چوڭ رەھبەرلەرنى، نوپۇزلۇق زاتلارنى، چوڭ-چوڭ سودا ماگىناتلىرى، زەردارلارنى، داڭلىق چولپانلارنى، ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنى...چاقىردىم. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلارنى بولسا ئۆزەمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىپ قويغىلى مەخسۇس چاقىردىم. چاقىرغانلارنىڭ ھەممىسى كەلدى. كەلمەسلىككە ھەددى ئەمەس ئىدى. چاقىرمىغانلار ئارماندا قالدى. ئەگەر كەلمىسە كىيىنكى چاغلاردا ھامان مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ قېلىشى مۇقەررەر ئىدى. بىزنى تەبرىكلەپ ئەكەلگەن بولاق، سوۋغىلارنىڭ سانىنى بىلىپ بولغىلى بولمايتتى. بۇنى ئىقتىسادىمغا مەسئۇل خادىملار قىلاتتى. شۇنداق ھەشەمەت قىلدىمكى، نۇرغۇنلىرىڭ ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى. پۇل بولسا، يۈز بولسا ھەممىنى قىلغىلى بولىدىكەن. مەكتەپ گۈزىلىنىڭ بۇيۇك پىلانلىرىغا ئۆزەمنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىغا قوشتۇم. ئۇ تويدا ئالماس، ئالتۇنغا پۈركەندى. چەتئەلنىڭ داڭلىق ئۈستىللىرى لايىھەلىگەن توي كۆينەكلىرىگە قويۇلغان مەرۋايىت، ياقۇتلار ۋالىلداپ چاقنايتتى.  چاچ، قۇلاق، بۇرۇن، قول، ھەتتا پۇتلىرىغىچە زىبۇ-زىننەت تاقىدى. ئاياقلىرى كۈل قىزنىڭ ئايىقىنى ئەسلىتەتتى.  قىزنى كۆچىرىدىغان ماشىنىلار دۇنيادىكى داڭلىق ماشىنىلار ئىدى. داڭلىق ئوركىستىرلار داڭلىق مۇزىكىلارنى چالاتتى. ئاخرىدا ئاجايىپ، ئاجايىپ بىر ئىشنى قىلدىم. بارلىق ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلارنى ئېلىپ قالدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە سەككىزمىڭ سەككىز يۈز سەكسەن سەككىز يۇەندىن بولاق تارقاتتىم، ئۆزەمنىڭ پىلانى بۇيىچە خىزمەتكارلارغا بۇيرۇق چۇشۇرۇپ، تويدىن بۇرۇن تەييار قىلىپ قويغان يەتتە يۈز يەتمىش يەتتە يۈرۈش قىممەت باھالىق يېپ-يېڭى كاستىيۇم بورۇلكا، كوپتا، ئىچ كىيىم، ئاياق، پايپاقلارنى سۇ كۆلچىگىدىكى سۇ تارتقۇزۇپ شۇ يەرگە تىزغۇزدۇم، ھەم كۆيدۈرۈشكە بۇيرۇدۇم. ھەممە ھاڭ-تاڭ بۇلۇپ قېتىپلا قېلىشتى، ئاياللار ۋاقىرىشىپ كەتتى. ئارقىدىن تۆت يۈز قىرىق تۆت دانە داڭلىق ماركىلىق قول كومپىيوتېرىنى شۇ نەق مەيداندا چېقىشقا بۇيرۇدۇم. ئەڭ قورقۇنۇشلىقى ھەممسىگە بىردىن بولقا تۇتقۇزۇپ، يېڭى سېتىۋالغان دۇنياۋى داڭلىق ماركىدىكى ئامراق ماشىنامنى چاققۇزغىنىم بولدى. ئۇلار دەسلەپ ئۇنىمىدى. لىكىن مەن ئۇلارغا قىلغان ئىلمەكلەشتۈرگەن چىرايلىق گەپ، بەرگەن بولاقنى قايتۇرىۋالىمەن، دىگەندەك  تەھدىتلەردىن كىيىن ئامالسىز ماشىنىنى بىر بولقىدىن ئۇرۇشتى. ماشىنىڭ ئەينەكلىرى چېقىلدى، سىرلىرى چۈشتى. ئارقىدىن مەن ئورۇنلاشتۇرغان ئىشچىلار كېسىش، پارچىلاش، سوقۇش ماشىنىللىرىدا ماشىنىنى پارە-پارە قىلىپ بىر دۆۋە تۆمۈر-تەسەككە ئايلاندۇردى. بۇ پاجىئەلەردىن نەچچە ئايال ئايلىنىپ كېتىشتى. ماڭا پايپاق، كوسارلىرىنى يۇغۇزغانلار ماشىنىنىڭ تۆمۇرلىرىنى سىلاپ يىغلاپ كىتىشتى. ھەممە ئەمدى بۇنداق بۇزۇپ-چاقماقلىق توغرىسىدا ماڭا تىزلىنىپ يالۋۇرۇپ كېتىشتى.  مەن بەك ھوزورلاندىم، شاتلىنىپ كۈلدۇم، كۆزلىرىم ياشلاندى. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بۇرۇنقى تارتقان خورلۇقنىڭ ئورنىنى تولدۇرماقچى بولدۇم! بۇ ئىشلارنى ئايرىم سۆرەتكە، سىنغا ئالغۇزدۇم. مەقسىدىم كۈندە كۆرۇپ تۇرۇش، كۈندە ھاياجانلىنىش ئىدى! (بۇنداق ئىشلارنى كىيىن كۆپ قېتىم قىلدىم!)
) [" v# W- [0 L3 ^/ R      مەن ئالىم بولغان بىلەن ئادەم بولماپتىكەنمەن، ھەم ھىچكىشى ماڭا ئادەم بۇلۇشنى ئۆگەتمەپتىكەن،-دىدى ئۇ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ. ئۇنىڭ سەت چىرايى مۇڭلۇق تۈسكە كىردى.
" u" u# G, X) D& O! X  k/ q2 p      مېنى خورلىغانلارنى ئوڭ-تەتۇر قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئىجارىگە ئالغان تىك ئوچارغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ كۆزىچىلا ئاجايىپ سەلتەنەت بىلەن مۇراسىمدىن ئايرىلدۇق. شىرىن ئايلارنى چەتئەلنىڭ داڭلىق جايلىرىدا ئۆتكۈزدۇق... ئاتا-ئاناڭچۇ دەپ سورايسىز ھەقاچان. توي مۇراسىمىدا ئۇ سەھرالىقلارنىڭ ئىگىز-پەس سۆزلەپ يۈرىشىدىن، يۈزىمىزنى تۆكىشىدىن ئەنسىرەپ تويغا ئەكەلمىدۇق. نوپۇزلۇق ئەر-ئايالنى تېپىپ ۋاقىتلىق دادا، ئانا قىلىشتۇق. يۇرتتا توي قىلايلى، دىسەك، بىزدەك يۈزى چوڭ كىشىلەرنىڭ يۈزى چۈشۈپ كېتەتتى. ھەرھالدا ئۇلارغا پۇل ئەۋەتىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇمۇدۇم. قىززىق يىرى شۇكى، ئاتا-ئانا، قېرىنداش، ئورۇق-تۇغقانلىرىم...مېنىڭ باھانەمدە خېلىلا يۇز تېپىشقان، ھەم پۇلمۇ تېپىشقان ئىدى. ماڭا ھاجىتى بارلار تۇغقانلىرىمنى ئېنىقلاپ ئۇلارغىمۇ پايدا يەتكۈزۈش ئارقىلىق مېنىڭ نەزىرىمگە ئۆتمەكچى بۇلىشاتتى. تۇغقانلىرىممۇ شۇ باھانىدە كارخانىچى، سودىگەر، ھەتتا بەزىللىرى ئۆز يۇرتلىرىدا ئەمەلدار بۇلۇپ كىتىشكەن ئىدى. مۇناسىۋەتنىڭ كۆرۈنمەس يىپى داۋاملىق تور تارتىۋاتقان ئىدى.
5 z6 h. p, L& X/ Q0 l  q$ v      پۇلۇڭ نىمانداق كۆپ بۇلۇپ كېتىدۇ،دەمسىز؟ مەن داڭلىق ئالىم بۇلغاچقا، مېنىڭ ھەر بىر سۆزۈم بىر ھەقىقەت، بىلىم، بايلىق دەپ قارىلاتتى. مەسلەن: بىر كارخانىچى ئالقاتتىن ساغلاملىق مەھسۇلاتى ئىشلەپ بازارغا سالماقچى بولسا مېنىڭ نامىمنى شىپى كەلتۇرۇشنى قولغا كەلتۇرمەكچى بولىشاتتى. مېنىڭ ياردەم قىلىشىمنى سورايتتى. ھەمكارلىشىشىمنى، توختاملىشىشىمنى ئۆتۈنەتتى. مەن ئالقاتنىڭ پايدىلىق تەرىپىنى تەتقىق قىلغان بولغاچقا، ئىلمىي يول بىلەن ئالىقاتنىڭ تەكىبىدىكى قايسى ماددىنىڭ ئادەمنىڭ قايسى ئورگانىزىمىغا تەسىر قىلىدىغانلىقى، قايسى خىل خۇرۇچلار بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قىلىشقا بۇلىدىغانلىقلىرىنى ھۆكۈم قىلىپ بېرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەھسۇلاتلىرىنى « دۆلەت ئىچى-سىرتىدا داڭ قازانغان داڭلىق دوكتۇر، ئالىم پالانچىنىڭ ئون نەچچە يىللىق تەتقىقاتنىڭ مەھسۇلى-ئالقات ساغلاملىق گۆھىرى ئۇنداق قىلىدۇ، بۇنداق قىلىدۇ....» دەپ داڭلاپ داۋراڭ سالىدۇ. مەنمۇ تېلىۋېزۇر، تورلاردا ئۇنىڭ پايدىلىق تەرىپىنى سۆزلەپ بېرىمەن. شۇنىڭ بىلەن پۇتۇن مەملىكەت تەۋەسىدە ئالقات ساغلاملىق مەھسۇلاتى سېتىۋېلىش، ئالقات ئۆستۈرۈش قىزغىنلىقى قوزغىلىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، بىر مەھسۇلات پۇتۇن مەملىكەت تەۋەسىدە سېتىلسا قانچىلىك نەپ ئېلىپ كېلىدۇ؟ مانا مۇشۇنداق مېنىڭ نامىم بىلەن سودا ئاجايىپ يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. كىشىلەر مەھسۇلاتتىن بەكراق ماڭا ئىشىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ماڭا كىلىدىغان كىرىممۇ كۆپ بولىدۇ. بۇ پەقەت ئاددى بىر مىسال. مەنمۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە ھەقىقەتەن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پايدىلىق مەھسۇلاتلارنى ۋۇجۇتقا چىقاردىم. مېنىڭ تەتقىقاتىم ئارقىلىق ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىپ، ساقايماس كېسەلدىن ئۆرە بولغانلار، ئۆلۈم گىرداۋىدىن قايتىپ كەلگەنلەر، ساغلام، تىمەن بۇلۇپ كەتكەنلەر كۆپ بولدى. دۆلەتنىڭ بىر قانچە رەھبىرىمۇ ئېغىر كېسەلدىن ساقايدى. تېخى پۇتۇن مەملىكەت تەۋەسىدە تەشۋىق قىلىش چاقىرىق قىلدى... ئادەم دىگەن ئاجايىپ كېلىدىكەنمىز. ئۆزىمىز ۋە ھاياتتىكى تەجىربىلىرىمىزگە ئىشەنمەي باشقىلارغا ئىشىنىدىكەنمىز. بىر ئالىم «سوغۇق سۇ بىلەن يۈزنى يۇيسا پايدىلىق» دىسە، ھەممىمىز سوغۇق سۇ بىلەن يۈزىمىزنى يۈيىدىكەنمىز. يەنە بىرى قوپۇپ « ئىلمان سۇدا يۇزنى يۇيسا پايدىلىق» دىسە شۇنىڭغا ئىشىنىدىكەنمىز. ئەمەلىيەتتە يۈزىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا قاراپ قانداق سۇدا يۇيسا بولىۋېرىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمايدىكەنمىز. يەنە مىسال، «بىرسى يېسىۋىلەك ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق» دىسە يېسىۋېلەكنى ئۆيگە تاغدەك دۆۋىلەپ بازارغا كىرزىس ئېلىپ كېلىدىكەنمىز، شۇنىڭ بىلەن بىچارە دېھقانلار كۆپلەپ تېرىدىكەن. يەنە بىرسى تۇرۇپلا « يېسىۋىلەك ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق» دەپ قويسا يېسىۋېلەك ھەممىمىزنىڭ كۆزىگە سەت كۆرىنىدىكەن دە، ئاتىدىكەنمىز. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بىرمۇنچە يېسىۋېلەك تېرىغان دېھقان ساتالماي يىغلاپ يۈرىدىكەن، بەزى زىيادە كۆپ تېرىغانلار زىيانغا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىكەن. گۈلچاي، ئالقات قىزغىنلىقىمۇ شۇ. تورلاردا بۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ تەشۋىق قىلىنىدۇ. ھازىر ئۈندىدار دەپ بىر يۇمشاق دىتال چىقىپتۇ، دەيدۇ. بۇنىڭدىكى ئاممىنى قايمۇقتۇرىدىغان ئۇچۇرلار بەك كۆپ دەيدۇ. ھەممە بىردەمدە ئىشىنىپ قالىدىكەن، يەنە بىر دەمدە ۋاز كېچىدىكەن. مۇشۇ ئوزۇقلۇقلارمۇ شۇنداق. ئەمەلىيەتتە ئىستىمال قىلسىمۇ بولىدۇ، قىلمىسىمۇ بولىدۇ. كۆپلەپ ئىجات بۇلىۋاتقان كېسەللەر مۇشۇنداق چوڭ دورا كارخانىللىرىنىڭ مەھسۇلىمىكىن دەيمەن. دورىخانا، دوختۇرخانا ۋە تەتقىق قىلغۇچىلار تەبىئىلا ھەمكارلاشقۇچى، شىرىكلەردىن بۇلۇپ قالاتتى. مەنمۇ شۇنداقلارنىڭ ئارىسىغا قېتىلىپ كەتكەن ئىدىم. تېخى بىر قىسىم مىۋە، ئوتياشلارنىڭ پىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، رەڭگىنى گۈزەللەشتۈرىدىغان زەھەرلىك ھورمۇن، دورا-خۇرۇچلارنى تەتقىق قىلىپ ياسايدىغان، گېن ئۆزگەرتىدىغان رەزىل تەتقىقاتچىلارمۇ بار ئىدى...بىزلەر داڭلىغان مەھسۇلاتلار خۇددى ھەممە كېسەلنى ساقايتىۋېتىدىغاندەك جار سېلىناتتى. ئاۋال كېسەلنى تەشۋىق قىلىپ ئارقىدىن مەھسۇلاتلارنى داڭلايتتى. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كېسىلى كاللىسىدا ئىدى. كېسەلنىڭ بەزى ئالامەتلىرى ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاپ قالاتتى دە، تولا ئويلاپ شۇ تۈردىكى مەھسۇلاتنى يېمىسە بولمايدىغاندەك ھىس قىلاتتى. تەشۋىقاتنىڭ كۈچىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ جومۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن كېسەللەر مۇۋاپىق تاماق، مۇۋاپىق تۇرمۇش ئادىتى، مۇۋاپىق ھەرىكەت بىلەنلا ساقىياتتى. مىتابۇلىزىم راۋان بولسا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق ئىدى. ئەمما سالغان داۋرىڭىمىز كۈچلۈك بولغاچقا، پۇتۇن ئاۋام دورا، ساغلاملىق مەھسۇلاتىغا دۇم چۇشكەن ئىدى. پەقەت شۇلارلا بىزنى قۇتقۇزالايدۇ دەپ قارايتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بەدەندە بىر خىل ماددىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ، بەدەن تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، راستىنلا كېسەل بۇلۇپ قالاتتى. مانا پۇتۇن رەئىيەت بۇنىڭغا ئۆگىنىپ بولدى. ئەمدى بۇ ھالەتنى تۈزىمەك تەس.
3 {- B" O% ]4 L4 g. {      ۋاقىت ئۆتىۋەردى. غەللىدە پۇل ساماندەك كۆپەيدى. بايلىق، ھوقوق، ئىمتىياز مېنىڭ ۋىجدانىمنى قارىداتتىمۇ بىلمىدىم، ئۆزەمگە بەك ئىشىنىدىغان، باشقىلارنى ياراتمايدىغان بولدۇم. تەبىقە بۇيىچە ئىش كۆرىدىغان بۇلۇپ قالدىم. بەزى نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىشقا ئېرىنىدىغان، يېتەكلىنىدىغان خادىملارغا تاشلاپ بېرىدىغان بولدۇم. نەچچە رەت ئۆزەمگە ئىشىنىپ تەتقىقاتسىزلا مەھسۇلاتقا تەركىپ چىقاردىم. چاتاق چىقمىغاندىن كىيىن، ئۆزەمگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بۇلۇپ كەتتىم.    ( L1 t- ~& ]& p( P4 [( }! {( j* D
       بىر قېتىم بىر كارخانىچى بىر مەھسۇلاتنىڭ رېتسىپىنى ئىشلەپ بېرىشىمنى، چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ خام ئەشياسىدا ئىشلىشى لازىملىقى، شۇڭا بۇنىڭ باھانە تېپىپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى. ئۇ مەلۇم بىر باشلىقنىڭ بالىسى ئىدى. ئۇلار دىگەن خام ئەشيا ئىچىدە مەن تەتقىق قىلمىغان بىر، ئىككى تەركىپ بار ئىدى. يەنە كېلىپ بالىلارغا بېرىلىدىغان ئوزۇقلۇق ئىدى. مەن چەكسىز تاما بىلەن تەتقىق قىلمىغان تەركىپنى تەتقىق قىلىشىم كېرەكلىگىنى دىدىم. ئۇ ۋاقىتنىڭ قىسلىقىنى، بۇنى تېزدىن بازارغا چىقارمىسا خام ئەشيا، خۇرۇچلارنىڭ سۈپىتى بۈزۈلۇپ، كارخانىسى ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ باشلىق دادىسىنى شىپى كەلتۈرۈپ، كارتىدىن بىرنى ئالقىنىمغا قويدى. يۈرۈكۈم ئويناپ كەتتى. بۇرۇنمۇ نەچچە مەھسۇلاتنىڭ تەركىۋىنى تەتقىق قىلىپ كۆرمەيلا يېزىۋەتكەن، چاتاق چىقمىدىغۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىق توختىمى تۈزۈپ، ئىشىنى تېزلا ھەل قىلدىم. بەلكىم مېنى قارا باسقاندۇ، ۋەياكى قىلغانلىرىم چەكتىن ئاشقاندۇ. ئىش شۇنىڭدىن چىقتى. ئاجايىپ داغۇدۇغا بىلەن بازارغا سېلىنغان مەھسۇلاتتىن چاتاق چىقتى. ئىستىمال قىلغان بالىلاردا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپتۇ. بالىلاردا ئىچ سۈرۈش، قىزىش، سۇسىزلىنىش ئالامىتى كۆرۈلۈپتۇ. نۆل ياش ئىچىدىكى بالىلاردىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ چىقىپتۇ. بۇنى دەسلەپ ھىچكىم بۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتىدىن كۆرمىدى. مەنمۇ ئىشقا ئېرەن قىلمىدىم. بۇنداق ئۆلۈپ كېتىش ساغلاملىق مەھسۇلاتىدىن چىقمايدۇ، ئۇ دىگەن بەدەنگە پايدا قىلمىسىمۇ زىيان قىلمايدىغان مەھسۇلات دەپ يۈردۇم. كىيىن ئۆلگەن بالىلارنىڭ سانى بارغانسىرى ئاينىشقا باشلىدى. ھەممە ساھە بۇ ئىشقا دىققەت-ئىتىبارىنى بېرىپ، سەۋەبىنى تېپىشقا كىرىشتى. دۆلەت سەھىيە تارماقلىرىنى سەۋەبىنى تېپىشقا بۇيرىغان ئىدى. مەنمۇ مەن ئىشلىگەن بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتتىن گۇمانىم بار دەپ قارىغان مۇشۇ مەھسۇلاتتىكى تەركىپنى ئېقىنلاپ باقماقچى بولدۇم. مەھسۇلاتنى ئەكەلتۈرۈپ باشتا دىيىلگەن ئىككى خىل تەركىپنى، باشقا تەركىپلەر بىلەن ئارلاشقاندىن كىيىن بەدەندە بۇلىدىغان ئۆزگىرىشنى تەتقىق قىلدىم. نەتىجىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم. ھەقىقەتەن تۆۋەن دەرىجىدىكى زەھەرلىك ماددا ھاسىل بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭغا نورمىدىن جىق تەم تەڭشىگۈچ، مۇقىملاشتۇرغۇچ، خۇشپۇراق ماددىلار، سۈتلەشتۈرۈش، PH مۇقىملاشتۇرغۇچ، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ماددىلار، ئوكسىدلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماددىلار، رەڭ ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ماددىلار قاتارلىق 20 نەچچە خىل تەركىپ بار ئىكەن. ھەقىقى خام ئەشيا %20 نى ئىگەللىسە، ئاۋو قوشقان ماددىلار %80 نى ئىگەللەپتۇ. بەك قارا قوساقلىق قىپتۇ. بۇنداق خۇرۇچلار ئادەمنى ئۆلتۈرمەيدۇ. ئەمما ھېلىقى ئىككى تەركىپنىڭ بىرلىشىشى چوڭلاردا چوڭ خەۋپ شەكىللەندۈرمىسىمۇ، ئەمما بالىلار ئىستىمال قىلسا قان بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە زەھەرلىنىپ، ئاق قان سانى ئۆرلەپ، ياللۇغ، قىزىتما پەيدا بۇلۇپ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرىدىكەن. بۇمۇ خۇددى «سۈت بىلەن بېلىقنى بىرلىكتە ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ»  دىگەندەك ئىش ئىدى. يەنە بىر چاتاق يىرى مەن توختام تۈزگەندە، ئۇلار ئالدىرىتىپ، ھەم ئۇلارغا ئىشىنىپ توختامنىڭ كۆپ جايلىرىنى ئاق قالدۇرۇپ ئىمزالىشىپتىكەنمەن. ماڭا تولدۇرۇپ ئەكىلىپ بەرگەن توختامغا خۇرۇچلارنىڭ مىقتارلىرىنى ئۆز قاياشى بۇيىچە تولدۇرىۋاپتۇ. ئانام تۇغقاندا ئېرسىيەت قالغان ئادىمىي ۋىجدانىم شۇ ھامان قۇزغۇلۇپ، بۇ ئىشلارنى ئاشكارىماقچى، ئۆزەمنىڭ خاتالىقىنى مەلۇم قىلماقچى بولدۇم. ھەم شۇ كېچىسى ئۆلۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئېچىنىشلىق قىياپىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، كېسەل ئازاۋى تارتىۋاتقان بالىلار، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاھ-زارلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ، بىر كېچە ۋىجدان ئازاۋى تارتتىم. بەك ئىچىم ئاغرىدى. تاڭ ئاتتى. « ۋىجدان دىگەن بۇ نەرسە قوياشتىن قورقىدۇ، كۆپىنچە كۈندۈزى ئۆلۈپ كېچىسى تىرىلىدۇ» دىگەندەك، ئەتىسى قوياش چىققاندىن كىيىن بۇ ئەنسىرەشلىرىم يوق بولدى. شۇنى ئويلىدىم، ئەگەر بۇنى ئاشكارىلىسام ئۆزەم قانۇنىي جاۋاپكارلىققا تارتىلىمەن، ھېلىقى باشلىقنىڭ ئوغلىمۇ ھەم شۇنداق. ئىش چۇڭىيىدۇ، يۈزۈممۇ چۈشىدۇ، ھەممە ھوقوق-ئىمتىيازلاردىن ئايرىلىمەن. بۇنداق قىلغان مەنلىمىدىم. بۇنى مەندىن بۆلەك ئادەمنىڭ ئىسپاتلاپ چىقالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەنلا بىر نىمە دىمىسەم، ھىچكىم مېنىڭدىن شۆھبىلەنمەيدىغۇ، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى مەن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئەڭ ياخشى بىلىمگە، ئەڭ ياخشى ئۈسكۈنىگە، ئەڭ تېخنىكىغا ئىگە ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ نامىم بىلەن داڭلىنىپ داۋراڭلار بىلەن تۈركۈم-تۈركۈملەپ بازارغا سېلىنغان مەھسۇلاتلار ھەربىر دورا دوكىنى، تاللا بازىرىنىڭ بىرىنچى پوكىيىگە تىزىلىپ بۇلۇنغان ئىدى، ھەتتا ئۆيلەرنىڭ تەكچىللىرىگىمۇ تىزىلىپ بۇلۇنغان ئىدى. بۇنى ئېنىقلاشنى دۆلەتنىڭ مىدىتسىنا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىسپاتلىشىغا تاشلاپ بەرگىنى مەن ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ئىدى. شۇڭا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىناۋىتىمنى ئويلاپ، ناۋادا ئىش چوڭىيىپ قالسا ماڭا ئارا تۇرىدىغان باشلىقلار ۋە مەن ئىشىنىدىغان باشقىلارنىڭ بارلىقى ئويلاپ، ئۆزەمنى خاتىرجەم قىلدىم. 1 T" c8 V  T9 T- @; y% C$ z- Q
       شۇنداقتىمۇ «ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك» دىگەندەك، ئىس يادىم بالىلارنىڭ خەۋىرىدە ئىدى. خەۋەردە بالىلارنىڭ نامەلۇم بىر كېسەلدە پاجىئەگە ئۇچراۋاتقانلىقى دىيىلىپ، ئۆلگەن بالىلارنىڭ سانى ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. دوختۇرخانىلار كېسەلنىڭ خارەكتىرىنى،  مەنبەسىنى، داۋالاش ئوسۇللىرىنى تېپىپ بولغۇچە يېرىم يىل ئۆتتى. داۋا تېپىلمىدى. مەن تاپالماسلىقىنى بەك ئۈمىت قىلاتتىم. ئۆلگەن بالىلارنىڭ سانى كۆپەيگەندىن كىيىن، دۆلەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن سىرت، تەكشۈرۈش دائىرىسىنى ئىچىملىك، يېمەكلىك مەنبەسى، ھاۋا-كېلىمات، ئاستۇرۇنۇمىيە...ساھەلىرىگىچە كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى. ' d9 D; E- r" h4 I3 \, Y7 Y
     بالىلار ئۆلىۋاتاتتى، گەرچە نەچچە كۈندە بىر-ياكى ئىككى دەپ ئېلان قىلسىمۇ، بۇنداق كۆپ نوپۇستا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىمۇ كۆپ بولاتتى. مەن يەنىلا شان-شەرەپ، ئىمتىيازلىرىمنى، يۈز-ئابرۇيۇمنى ئويلاپ قۇلۇغۇمنى يۇپۇرۇپ تۇرىۋالدىم. كېچىسى تىرىلىدىغان ۋىجدانىم بىلەن كۆرەش قىلسام، كۈندۇزى خەۋەر كۆرۈش بىلەن ئۆتەتتىم. ھازىر بەكلا ئېچىنىمەن، ئويلاپ قالىمەن. مەندىكى ئەشۇ ۋىجدانسىزلىق، نۇمۇسسىزلىق زادى نەدىن كەلدىكىن؟1 L! ~9 U; @7 I0 E* K
      «دۇنيادا تىشىلمەيدىغان چېلەك يوق»، «ئوتنى پاختىدا ساقلىغىلى بولماس» دىگەندەك. ئىش ئاخىرى تىشىلىپ چىقتى. پۇل تېپىش ۋەسۋەسىدە قالغان ھېلىقى باشلىقنىڭ قاپيۈرەك، باشباشتاق كارخانىچى ئوغلى بۇ مەھسۇلاتنى چەتئەلگە چىقارماقچى بولۇپتۇ. يا مەندىن سوراپمۇ باقماپتۇ. ئەپسۇس، چەتئەلنىڭ ئىگىز بۇسۇغىسىدىن ئۆتەلمەپتۇ. چەتئەلدىكىلەر مېنىڭ يۈزۈمنى قىلماپتۇ. ئۇلار نامىمنى ئاڭلىغان، بىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا بولدى قىلماي تەكشۈرۈپتۇ. نەچچە ئاي قاتتىق تەكشۈرۇش كىيىن، مەسىلىنى تېپىپ چىقىپ، بۇ مەھسۇلاتنى ئىمپۇرت قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ ياندۇرۇپتۇ. چاتاق يىرى بۇ خەۋەر توردا ئېلان قىلىنىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ دىققىتى مۇشۇ مەھسۇلاتقا يۈزلىنىپتۇ. بالامنىڭ ھەلەكچىلىلىدە بۇنى كىچىكىپ بىلىپتىمەن. * U4 t7 m" Q# h
      بىركۈنى رەپىقەمدىن بالىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىق توغرىسىدىكى تېلىفۇننى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۆيگە باردىم. ئەمدىلا بىر ياشتىن ئاشقان ئوغلۇم ئوت-كاۋاپ بۇلۇپ يېتىپتۇ. نىمە بولغىنىنى شەخسى دوختۇرىمىز بىلەلمەپتۇ. قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى كار قىلماپتۇ. شۇ ھامان ئەڭ چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق. دوختۇرلار تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بۇ ھېلىقى نامەلۇم كېسەل، دەپ ھۆكۈم قىلدى. ئۇلار داۋالاشقا ئامالسىزكەن. كېسەلنى بىلمەي دورا بەرگىلى بولمايدۇ، دە. بالا پۇكاندەك ياتىدۇ. بالامغا چىدىماي مەن قۇچاغلاپ ياتىمەن. ئايالىم خىزمەتچىمىزگە بالىغا بىرەر نەرسە يىگۈزمەكچى بۇلۇپ بۇيرىۋىدى، خىزمەتچى ئايال سومكىدىن مەن چىقارغان ھېلىقى مەھسۇلاتنى چىقاردى. چۆچۈپ كەتتىم.
/ T- Z# O  J, P, u7 O8 F& y   -بۇنى بالىغا كىم ئېلىپ بەردى؟-دەپ سورىدىم جىددىيلىشىپ.
7 _) B0 W9 c. W5 X   -مەن ئېلىپ بەردىم. ھەممە ماختىغان تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز تەتقىق قىلىپ چىقارغان تۇرسىڭىز،-دىدى ئايالىم. نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم، يۈرۈكۈم سىقىلدى. نىمىمۇ دىيەلەيمەن. بۇنى نىمىشقا بەردىڭىز، بۇ دىگەن زەھەر، دىيەلەيمەنمۇ؟
' b+ `% x3 f4 E, O* I! ?" X   -بۇنى ھازىر بەرمەي تۇرايلى، بۇ قىزىغان بالىغا توغرا كەلمەيدۇ. شوۋىگۈرۈچ بىرەيلى، دىدىم مەن. مېڭەمدە قانچىلىك سوراقلارنىڭ بولىۋاتقىنى ئۆزەمگە ئايان. ئايالىمنىڭ يۈزىگە، بالامنىڭ چىرايىغا قارىيالمىدىم. ئايالىم ماقۇل بولدى. ئۇ قۇنچاقتەك ياسىنىۋالغان ئىدى. پىگۇرۇم بۇزىلىدۇ، دەپ بالىنى ئېمىتمىگەچكىمۇ ئۇ شۇنداق زىلۋا ئىدى. شۇ زىلۋالىقىغىمۇ ئۆچلۇگۇم كەلدى. ئەگەر بالىنى ئىمىتكەن بولساڭ بالا ئانا سۈتىدە ساغلام تۇراتتى، كېسەل ئاسان تەگمەيتتى. بەدىنى كۈچلۇك بالىلارنىڭ بۇ كېسەلدىن قۇتۇلغانلىق مىساللىرىمۇ بار ئىدى. بۇ ئوماق خۇتۇنۇمنى تىللىيالمايتتىم. ئوماق بالام، ئوماق ئوغلۇم، مەن سېنى ئاغرىتىپ قويدۇم، دەيتتىم ئىچىمدە. بالامنى توختىماي سىلايتتىم. باشتىكى بالىنى تەكشۈرۈپ قىز چىقىپ قېلىپ چۈشىرىۋەتكەندىن كىيىن تۇغۇلغان بۇ ئوغلۇمغا بەك ئامراق ئىدىم. ئەمدى بۇ نىمە بولغىنى؟
! @0 W" \4 [' u3 q      ئوغلۇم قازا قىلدى. پۇتۇن ئالەم ماڭا قاراڭغۇ بولدى. شۇ چاغدىلا مېنىڭ مەھسۇلاتىم سەۋەپلىك ئۆلۇپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قەدرىگە يەتتىم. ئۆزەمنى مەلۇم قىلىشنىمۇ ئويلىدىم. دەپنە مۇراسىمىنىمۇ ھەشەمەتلىك قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. دەل شۇ مۇراسىمدا بىر نەچچە ساقچى كىلىپ، قۇلۇمغا كويزا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى. مەن دەپنە مۇراسىمىدىن كىيىن بېرىشنى ئېيتىپ يالۋۇرساممۇ قۇشۇلمىدى. يەنىلا قانۇننىڭ كۈچى زور ئىكەن.
! ^$ X! }0 ^7 X( h     سوراق مۇشۇ تەركىپلەرنىڭ مەسىلىسى ئىدى. مەن ئۆزەمگە ئىشىنىپ بوي بەرمىدىم. ئاۋدۇكاتىممۇ ناھايىتى ئۇستا ئىدى. قايتا-قايتا ئىسپات-دەلىللەرنى كۆرسىتىشلەر، قايتا-قايتا سوت ئېچىشلار، قاراپ چىقىشلار...ئاخىرى مەخسۇس تەشكىللەنگەن ئاكادىمىكلار ئۆمىكى بۇ تەتقىقاتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بەرگەندىن   كىيىن بوي بەردىم. ئۇلار بۇ ئىككى تەركىپنىڭ بەدەندىكى سەلبىي تەسىرىنى تېپىپلا قالماي، يەنە بۇ كېسەلنى ساقايتىدىغان دورىنى ياساپ چىقىپتۇ، چاشقانغا سىناق قىپتۇ، ھەتتا ئاغرىغان بالىلارغا سىناق قىلىپ ساقايتىپتۇ. بېشىم چۈشتى. شۇ چاغدا بالامنى ئويلىدىم. بالامغا سىناق قىلغان بولسام ساقىياتتىكەن ئەمەسمۇ؟ ھەممە بالىلار ساقىياتتىكەن ئەمەسمۇ؟ مەن نىمىشقا باشتا ئۆزەمنى مەلۇم قىلمىدىم؟ نۇرغۇن بالىلار ھايات قالاتتىكەن ئەمەسمۇ؟...،
) ]3 U5 x# }  h. |  Z      باشلىقنىڭ بالىسىغا ھىچقانداق ئىش كەلمىدى. چۈنكى توختامدا مېنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىم ئېنىق ئىدى. ھەرھالدا شۈكرى! دۆلەتكە قوشقان تۆھپەم، پارتىيىلىكىم ۋە باشلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم سەۋەبى بىلەن ماڭا ئون يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىلدى. سىياسى ھوقوقۇمدىن ئايرىدى. مېنىڭ بارلىق مال-مۈلكۈم مۇسادىرە قىلىندى. ئايالىم ناھايىتى تېزلا مەندىن ئاجراشتى. بۇرۇن قانداق داغىدۇغىلىق تەشۋىق قىلىنغان بولسام، بۇ قېتىممۇ يەنە بىر قېتىم داغىدۇغىلىق تەشۋىق قىلىندىم. تۈرمىدە كۆرمىگەننى كۆردۇم. ئەڭ قەبىھ جىنايەتچىمۇ 10 نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بولسا مەن نەچچە 100 لىگەن بالىلارنىڭ-كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدلىرىنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەپ بولغان ئىدىم. قارىماققا ئىلمىي كۆرۇنگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئەڭ ۋەھشى قاتىل مەن ئىدىم. شۇڭا تۈرمىدىكىلەر ماڭا بەك ئۆچ ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا بىرىلگەن جازا مۇددىتى ئاز بولغاچقا جىنايەتچىلەر ئۆزلىرىگە كەلگەن ئادالەتسىزلىكنى مېنىڭدىن كۆرۈپ، ئۆچ ئېلىشاتتى. ئانام مېنىڭ تۈرمىگە كىرگىنىمنى ئاڭلاپ يىقىلىپ قالغانچە جان ئۈزۈپتۇ. بىچارە دادام مېنى كۆرگىلى كېلەتتى. ئورۇق-تۇغقانلىرىم مەندىن يۈز ئۆرۇشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ سۆزىچە مەن جەمەتىمىزنىڭ نامىنى بۇلغۇغان، يۈزىنى تۆككەن ئىدىم.8 k) m2 \( O  t9 a" s
       تۇرمىدىن چىققۇچە داداممۇ ئۆلۇپ كەتتى. مېنى چىققاندا قارشى ئالىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق. يۇرتقا بارالمايتتىم. يۈزۈم يوق. مېنىڭ مۇسادىرىدىن ئاشقان ھەممە نەرسەمنى ئايالىم ئېلىپ بولغان ئىدى، ئۇ شوپۇرۇم بىلەن توي قىپتۇ. دەۋر سۈرگەن چاغلىرىمدا كىيىنلىكىمنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. پۇتكۈل جەمئىيەت ماڭا ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايتتى. باشقىلار مېنى كۆرسىتىپ بالىلىرىغا مېنىڭدەك ئادەم بۇلۇپ قالماسلىق توغرىسىدا تەربىيە قىلىدىغان بولۇشتى. يەنىلا تۈرمە ياخشىكەن، يەيدىغان، كېيىدىغان بار. باشقىلار بوزەك قىلسا ساقچىلار بار. لىكىن جەمئىيەت مېنىڭدەك ئادەمگە نىسبەتەن تۈرمىدىنمۇ يامانكەن. يا يەيدىغان يوق، يا كېيىدىغان يوق. «ئەل قىساسى مىنەل ھەق» بەك توغرىكەن. ئەلنىڭ قىساسىغا قالدىم مەن. بۇرۇن كەلگۈسۈم ئۈچۈن جاپالارنى چەككەندە، ماڭا بەخىت-ئامەت كەلگەن ئىدى. مەن ئۇنى قەدىرلىيەلمىدىم، چىڭ تۇتالمىدىم. مانا ئەمدى يەنە شۇنداق كۈلپەتلەرنى ئۆزەم كەلتۈرۈپ چىقاردىم. ئۇنى تىرىپ يەپ، بۇنى تىرىپ سېتىپ كۈنۈمنى ئارانلا ئېلىۋاتىمەن. چۆگىلەپ بۇ يەرگىمۇ كەلدىم. كۈنۈم بۇ يەردە خېلى ياخشى، مۇشۇ بۇۋايدەك ياخشى ئادەملەر بەك كۆپ. مۇشۇ يەرگە كىلىپ ئۆزەمنىڭ پۈتۈن خاتالىقلىرىمنى ھەقىقى ئېتراپ قىلدىم. ئەمدى يەيدىغىنىم، كىيىدىغىنىملا بولسا، ئاشقانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بالىلار ئۈچۈن سەرپ قىلىمەن. كىيىنكى ھاياتىمدا بىلىمىمنى ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىمەن، بارلىقىمنى بالىلار ئۈچۈن بېغىشلايمەن. گۇناھلىرىمنى يۇيىمەن...»
' v- a0 Q1 D8 B* P/ g* \) [1 D.............4 T  x, B; d7 {' R: n+ Q3 O; P- _, a
       ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار توختىماي تۆكۈلدى. مەن نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم. پەقەت تىللۇغۇم، ئۇرغۇم، بولسا ئۆلتۈرىۋەتكۈم كەلدى. ئەمدى نىمە پايدىسى؟ بولغۇلۇق بولدى. ئۇمۇ تارتقۇلۇقنىڭ ھەممىسى تارتىپتۇ. گۇناھىنى تۇنۇپتۇ. ئۇنى ئۆلتۇرىۋەتكەنگە جاھان تۈزىلىپ قالامتى؟...نىمە قىلىش كېرەك؟ ئەمدى «ئۆلۈمدىن كىيىن ياسىن ئوقۇۋەرمەي» ھەممە ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، دەپ ئويلىدىم. دۆلىتىمىز روناق تېپىۋاتىدۇ، قانۇنلىرىمىز مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ، ئادەمنى ئاساس قىلىش تەكىتلىنىۋاتىدۇ، ھەممە ئىشلار تۈزىلەر. بۇنىڭدىن كىيىن مەن بازارغا چىقماي ئۆيدە ئولتۇرۇپمۇ ئىشەنچىلىك، ئۆلچەملىك، ھەقىقى، راست ماللارنى سېتىۋالالايدىغان، مەھسۇلاتنىڭ سېتىشتىن كىيىنكى جېدەللىرى چىقمايدىغان، يېمەك-ئىچمەك، دورا-دەرمەكلەردىن چاتاق چىقمايدىغان، مۇھىمى ئادەم ئۆلمەيدىغان، بىر-بىرىدىن ئەنسىرىمەيدىغان، ھەممە خوشال، ئىناق، مىھىر بىلەن ياشايدىغان كۈنلەرمۇ كېلەر، دىدىم ئىچىمدە.# e- I3 j$ G+ I% O( g
        قۇياش تاغ كەينىگە ئۆتۈشكە تەييارلاندى. غەرپ قىپ-قىزىل رەڭگە بويالدى. كونىلار « ئادەملەرنىڭ گۇناھى چەكتىن ئېشىپ كەتسە مەغرىپ قىزىل بۇلۇپ كۆيىدۇ» دىيىشىدۇ. بىز بولساق بۇ تەبىئى ھادىسە دەيمىز... مەن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ئايالىمنىڭ خېمىرىنى ئۆز قۇلىدا يۇغۇرۇپ، ئىنچىكە كىسىپ، خامقىيما، رەيھانكۆك، يۇمغاقسۈ، چامغۇر بىلەن ئەتكەن سۇيۇق ئېشىنى ھوزۇرلىنىپ ئىچىشكە ئالدىراپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم.
* H- G& w4 @9 e+ b  o# q/ H(قەلىمىم)
) _1 f7 a* k! m0 Q: X. r( M- p6 x* P3 p3 x5 O. i" `
بۇ ئەسەرنى قەلەم ئىگىسىدىن بىسوراق باشقا توربەتلىرىگە يوللاشقا بولمايدۇ.$ X# k2 g3 ]! C1 U% r7 L& Y
4 Y9 h2 j/ p& V* w1 Q! \
% S" d0 Z* o* Q7 |
                                                    2016-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى (شەنبە)6 D1 {" e# }( s
                                                                   كورلا پۇخۇي
4 _: ?/ T2 s0 m, X4 O

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
ئۇتغۇر + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك!

باھا خاتىرىسى

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تۇزنى تۆكمە، قىز

30

تېما

9017

يازما

9052

جۇغلانما

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1766
يازما سانى:
9017
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
36804
تۆھپە :
617
باھا :
1295
توردا:
7284 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-31
ئاخىرقى:
2016-3-29
ۋاقتى: 2016-3-7 20:45:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلار باھاسى قانداقكىن، بىرلا گەپ ئىسىل.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

قىزىل ياقۇت

14

تېما

414

يازما

428

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 135673
يازما سانى:
414
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1007
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
94 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-1-20
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-7 22:45:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر ، ھارمىغايسىز ..

ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ،
دەل ئۇنىڭ ئەگرى - توقايلىقىدا.

9

تېما

973

يازما

982

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108270
يازما سانى:
973
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2652
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
378 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-6
ئاخىرقى:
2016-4-1
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-8 10:36:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zapar يوللىغان ۋاقتى  2016-3-7 08:45 PM2 J1 e& A6 i! A" Y% V; o/ J- T  h
باشقىلار باھاسى قانداقكىن، بىرلا گەپ ئىسىل.
; A/ J  w, C* m) s0 @* q3 L6 M
رەھمەت!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

9

تېما

973

يازما

982

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108270
يازما سانى:
973
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2652
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
378 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-6
ئاخىرقى:
2016-4-1
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-8 10:37:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەئەل يوللىغان ۋاقتى  2016-3-7 10:45 PM
* b$ C* ?% r: O* jتەشەككۈر ، ھارمىغايسىز ..
' o7 n; f/ H. h0 Q) X
رەھمەت!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

0

تېما

381

يازما

381

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79355
يازما سانى:
381
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3841
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
216 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-26
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-3-10 15:11:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللاھ ! تەشەككۇر ھارمىغايسىز ..

9

تېما

973

يازما

982

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108270
يازما سانى:
973
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2652
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
378 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-6
ئاخىرقى:
2016-4-1
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 16:29:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1756988946 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-10 03:11 PM
8 ?) [1 G" X' Eبارىكاللاھ ! تەشەككۇر ھارمىغايسىز ..

: k& }6 u: ?7 V; q  l; k; \رەھمەت!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

0

تېما

179

يازما

181

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 103662
يازما سانى:
179
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
505
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
195 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-2-16
ئاخىرقى:
2016-3-22
ۋاقتى: 2016-3-12 15:06:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ماختىمىساممۇ باشقىلار ماختاپ بولۇپتۇ،شۇنداقتىمۇ يەنە بىر تەرىپىنى ماختاپ قوياي،ھەقىقى ئۇيغۇركەنسىز،يەنى ھەقىقەتەن تىلغا بايكەنسىز،تىلىمىزنى بىلىدىكەنسىز

ئۆزەڭ توغقان بالا ئۈچۈن ئازىراقمۇ قۇربانلىق بەرمىدىڭ ،ئۇنىڭدىن شۇنچە ئاسان ۋاز كەچتىڭ ، شۇسەۋەپ سەن پەقەتلا ئوغلۇمنى تۇغقان خوتۇنسەن ،ئۆزەڭنى ئوغلۇمنىڭ ئاپىسى دېيىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ .

3

تېما

712

يازما

715

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129116
يازما سانى:
712
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3554
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
704 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-10-28
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-12 15:45:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازما ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.

قالماق ئېتى بۇغۇز يىمەس،  بۇغۇز يىسە توۋرا تىشەر.

9

تېما

973

يازما

982

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108270
يازما سانى:
973
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2652
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
378 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-6
ئاخىرقى:
2016-4-1
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-13 19:02:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tohmah يوللىغان ۋاقتى  2016-3-12 03:06 PM7 ~% G, j* z' {" ~3 Q
مەن ماختىمىساممۇ باشقىلار ماختاپ بولۇپتۇ،شۇنداقتىمۇ  ...

5 N$ W+ ^; ~+ C1 c0 u9 u7 c2 kرەھمەت!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 03:57 PM, Processed in 0.418962 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش