مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1146|ئىنكاس: 0

ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە بوشىتىش سىياسىت...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

82

تېما

104

يازما

186

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 131150
يازما سانى:
104
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
898
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
130 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-27
ئاخىرقى:
2016-3-31
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baykuq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-9 10:33 AM  : w% Z+ e! K5 j% X. R; P, V

0 P9 P  Y/ X) Q

ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە بوشىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى تەس

خېشۈن تاشقى پېرىۋوت تورى خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى

u=2412100577,1781399585&fm=21&gp=0.jpg

ياپونىيە مەركىزى بانكىسنىڭ بانكا باشلىقى Haruhiko Kuroda نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ياپونىيە مەركىزى بانكىسى مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ياپونىيە ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، قىسقا مەزگىل ئىچىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بوشىتىش سىياسىتى يۈرگۈزمەيدىغانلىقى توغرىسىدا شەپە بەردى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ياپونىيە ئىقتىسادىغا نىسبەتەن يەنىلا ئۈمىدۋار ھالەتتە بولۇپ، سىرتنىڭ ياپونىيە مەركىزى بانكىسى 1-ئايدا ئوتتۇرىغا چىقارغان مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ بازارغا نىسبەتەن قىلچە تەسىرى بولمىغانلىقى توغرىسىدىكى جامائەت پىكرىگە رەددىيە بەردى.  ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، باشقا ئامىللار ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ياپونىيە يىنى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە يولغا قويۇلۇش ئېھتىماللىقى بولغان پۇل سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بوشىتىشتەك ئەمەلىيەت مۈلۈك باھاسىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن، نۆۋەتتە بۇ ئاكتىپ تەسىرلەر پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىنىڭ ئۆرلىشى تەرىپىدىن يېپىلىپ قالدى.

ئۇ ياپونىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ %2 لىك پۇل پاخاللىقى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا پۇل سىياسىتىنى بوشىتىشقا تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى ، مۈلۈك سېتىۋېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە، مەنپىي ئۆسۈمنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى قايتا قايتا تەكىتلىدى. ئەمما ئۇ يەنە نۆۋەتتىكى مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى قەرز پۇل تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ۋە كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئۈنۈملۈك غىدىقلايدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىدى. ياپونىيە مەركىزى بانكىسى مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۆۋەنلىتەمدۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە ئۇ مۇنداق دېدى: "نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتىنىڭ ياپونىيە ئىقتىسادىغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنىڭ پەيتى."

ياپونىيە مەركىزى بانكىسى بۇ يىل 1-ئايدا ئويلىمىغان يەردىن مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى جانلاندۇرماقچى بولدى، دەرۋەقە بىر قىسىم تەنقىدچىلەر بۇ تەدبىرنى بازار داۋالغۇشىنى كۈچەيتىپ، ياپونىيە پاي بازىرىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ياپونىيە يىنى قىممىتىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قارىدى.

مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)
) j# D, B  D* y/ K, A

20151126114247_87922.png


2 F5 r: s4 {, I5 z5 n1 n/ }& T, U* |

http://www.baykuq.com
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 09:58 PM, Processed in 0.304668 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش