مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1579|ئىنكاس: 0

ياشلار مەغلۇبىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شىنجاڭ سىرىقبۇيا

180

تېما

1521

يازما

1701

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 17444
يازما سانى:
1521
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
14704
تۆھپە :
1120
باھا :
743
توردا:
2269 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-13
ئاخىرقى:
2016-4-1
ياشلىق ئىنساننىڭ ئەڭ قىسقا ۋە مۇھىم بولغان بىر مەزگىلى ، كىشىلەر ئادەتتە ياشلىقنى سەھەردە ئېچىلغان گۈلگە ، يېڭدىن كۆتۈرۈلگەن قوياشقا ئوخشىتىدۇ . ياشلار ھەقىقەتەن سەھەردە ئېچىلغان گۈلگە ئوخشاش جەلپكار ، يېڭىدىن كۆتۈرۈلگەن قوياشقا ئوخشاش جۇشقۇن ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولىدۇ .. _9 X: ~! g+ T% n- P# V1 e8 ~( O( o! V/ Q
ياشلىق چاقماققا ئوخشاش چېقىپ ئۆچىدۇ-دە ، كۆزدىن غايىپ بولىدۇ . ياشلىق دەۋرىدە قولدىن كەتكەن پۇرسەتلەرنى كەينىگە ياندۇرۇشنىڭ ئورنى يوق . شۇڭا ، ياشلىق دەۋرىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك . ئەگرى-توقايلىقلارغا تولغان بۇ تۇرمۇش يولىدا ياشلار ھەمىشە بەزى قىيىن مەسىلىلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ . بۇ مەسىلىلەر ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ . مەسىلەن : ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەي قالغان بىر قىسىم ياشلارنى ئېلىپ ئېيتساق ، ئۇلار « مەن بەك يارامسىز ئىكەنمەن ، ئائىلەمگە يۈك بولۇپ قالدىم ، بارلىق غايىلىرىم كۆپۈككە ئايلاندى » دەپ مەيۈسلىنىدۇ . تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ ، ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈۋالىدۇ . ھەتتا مۇشۇ بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ تراگىدىيىسى قىلىۋالىدۇ . 5 c! e) Z- n1 T/ W9 L* B4 j
ئەمەلىيەتتە ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىك – تۇرمۇش يولىدىكى كىچىككىنە بىر مەغلۇبىيەتتۇر . ئىمتىھاندىن ئۆتۈش – ھايات كەچۈ- رۈشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئەمەس ، ئالىي مەكتەپ بىزنىڭ ئىستىقبالىمىزنى بەلگىلەيدىغان بىردىن-بىر شەرتمۇ ئەمەس . بىزنىڭ بەختىمىز جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە چېچىلغان . بىز ئالىي مەكتەپكە كىرەلمىگەن تەقدىردىمۇ ، ئۆز ئورنىمىزدا تىرىشىپ ئىشلەپ ، ئىگىلىك يارىتىش ، ئۆزىمىزنى سىناپ كۆرۈش ، ئىزدىنىش ئارقىلىقمۇ ئۆز بەختىمىزنى تاپالايمىز ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز .
# H2 A2 C. b; X( g2 Z1 ]نۆۋەتتە ، ئالىي مەكتەپلەرگە تاپشۇرىدىغان ئوقۇش پۇلى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولغاچقا ، ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادتىن قىينىلىپ قېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت . مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار نېمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپلا قالىدۇ ، تۇرمۇش يولى ئېتىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ ، ھېھنى چېچىلىپ كېتىپ ، ئۆگىنىشنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ . بەزىلەر ئىقتىسادنى دەپ ئوقۇشتىن ۋاز كېچىدۇ . بۇ – ئىرادىسىزلىك . ئەتراپىمىزدا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقى بارلارمۇ بارغۇ ؟ كۆز نۇرىدىن ئايرىلغان ئەمالار ، ياش تۇرۇپ پۇت-قولىدىن ئايرىلغان مېيىپلارمۇ تىرىشىپ ئىشلەۋاتمامدۇ ؟ بىزنىڭ ئۇلاردىن نەرىمىز كەم ؟ بىز ئۆزىمىزگە دائىم مۇشۇنداق سوئال قويۇپ ، تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك . ئۈستۈنلۈك ، ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرىشىمىز كېرەك . يەنە بەزى ياشلار مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا روھى چۈشۈپ كېتىدۇ . ھەممە نەرسىگە ئۈمىدسىز قاراپ ، مەنىسىز ھېس قىلىدۇ . باشقىلارغا ئىشەنمەيدىغان ، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ . بەختسىزلىكى ئۈچۈن ھەمىشە ئاھ ئۇرۇپلا يۈرىدۇ . بۇ يارىماس قىلىق .
( o) o5 Y; H- h. [5 }. ?مۇھەببەت ئادەمنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ گۈزەل ۋە نازۇك ھېس-تۇغۇ . لېكىن بىز ياشلار مەغلۇبىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىپ ، بەختىمىزنى بەختسىز مۇھەببەتنىڭ ئازابلىرىغا مەھكۈم قىلماسلىقىمىز كېرەك . ياخشى پۇرسەتلەر يەنە كېلىدۇ . قولدىن كەتكەن نەرسە ئۈچۈن ھەمىشە ئۆكۈنۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق . ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل – مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئېلىپ ، كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىشىمىز ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ ، ياخشى پۇرسەتلەرنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىشىۋېلىشىمىز كېرەك . مەغلۇبىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك . مانا مۇشۇنداق قىلغاندىلا بەخت ئۆزى بىز ياشلارنى ئىزدەپ كېلىدۇ . كېلەچەك – ئىزدەنگەنلەرگە مەنسۈپ .
6 d0 n8 g' u& s/ Lبىزنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىز رىقابەت دەۋرى ، يۈكسىلىش دەۋرى ، بىز ياشلار تېتىك ۋە جۇشقۇن ، ئاكتىپ روھىي ھالەتتە بۇ رىقابەتكە قاتنىشىشىمىز كېرەك . ھەمىشە بوشىشىپ ، سالپىيىپ يۈرسەك دەۋىرگە ماسلىشالمايمىز . شۇڭا ، بىز ياشلار تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ ، تۇرمۇشنىڭ زەربىسىگە قارىتا مەردانىلىق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك ، شۇندىلا بارلىق قىيىنچىلىقلار بىز ئۈچۈن باش ئېگىدۇ . مۇۋەپپەقىيەت بىزگە يار بولىدۇ . مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەخت جاپالىق ئەجىردىن كېلىدۇ ، بىز جاپادىن قورقمىساقلا پارلاق كېلەچەك بىزگە كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ .
/ D) K  L0 i4 c« قەشقەر» ژۇرنىلى ، 2006 ، 4- سان
, x/ b- `$ ^5 x8 q0 T, ?, X

بىر ئادەمنىڭ ئىمانىنىڭ،غورۇرىنىڭ،ۋىجدانىنىڭ،كۈچلۈك ئاجىز بولىشى،توردا ئەمەس،گۆردە بىلىنىدۇ.
چۈنكى ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ.غورۇرىنىڭ ۋىجدانىنىڭ،قانداقلىغىنى تور كۆرىۋاتقانلار بەلگىلىمەيدۇ،بەلكى دۇنيانى كۆرۈپ تۇرۋاتقان ئېگىسى بىلىدۇ

ئابدىكىرىم ئابلىز
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 04:27 PM, Processed in 0.126958 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش