مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1322|ئىنكاس: 2

خىزمەت ۋە مەسئۇلىيەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

24

يازما

30

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 96540
يازما سانى:
24
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1975
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
169 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-7-30
ئاخىرقى:
2016-3-21
خىزمەت ۋە مەسئۇلىيەت
$ y. x& m9 x. T
شىركەتتىكى چىرايلىق قىز ئىشخانىغا ئېتىلىپ كىرىپ غوجايىنغا مۇنداق دېدى: غوجايىن ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ...
ئۇنىڭ شىركەتكە كەلگىنىگە ئۈچ يىل بولاي دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن خىزمەتداشلىرىمۇ كەينى-كەينىدىن يۇقىرى ئۆرلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بىراق، ئۇ ئەسلىدىكى ئورنىدىن يۆتكەلمىگەچكە قاتتىق بىئارام بولدى.
ئۇ ئاخىرى بىر كۈنى ئىشتىن بوشىتىلىش خەۋىپىگە قارىماي غوجايىننى ئىزدىدى. «غوجايىن، مەن شىركەتكە كەلگەندىن بۇيان كېچىككەن، بالدۇر ئىشتىن چۈشكەن ياكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان يەرلىرىم بارمۇ؟» غوجايىن كەسكىنلىك بىلەن «يوق» دېدى.
«ئۇنداقتا، شىركەتنىڭ ماڭا نىسبەتەن باشقىچە كۆز قارىشى بارمۇ؟»، غوجايىن دەسلىپىدە سەل تەمتىرەپ، كېيىن يەنە «ياق» دېدى.
«نېمە ئۈچۈن خىزمەت ئىستاژى مېنىڭدىن تۆۋەنلەر مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلۇپ، ئەكسىچە، مەن ئىزچىل ئەرزىمەس بىر خىزمەت ئورنىدا تۇرىمەن؟»
غوجايىن ئۇندىمەي بىردەم تۇرغاندىن كېيىن، كۈلۈپ مۇنداق دېدى: «سىزنىڭ ئىشىڭىزنى سەل تۇرۇپ دېيىشەيلى، مېنىڭ قولۇمدا جىددىي ئىش بار، ياكى بولمىسا ماڭا ياردەملىشىپ بېجىرىشىپ بېرەمسىز؟»
«مەلۇم شىركەتتىكى خېرىدار شىركىتىمىزگە كېلىپ، مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرمەكچى، سىز ئۇلاردىن قاچان كېلىدىغانلىقىنى سوراپ بېقىڭ.»
«بۇ ھەقىقەتەن مۇھىم ۋەزىپە ئىكەن»، ئۇ ئىشكتىن چىققاندا مەسخىرە قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى.
ئۇ 15 مىنۇتتىن كېيىن غوجايىننىڭ ئىشخانىسىغا قايتىپ كەلدى.
- ئالاقىلىشالىدىڭىزمۇ؟
- ئالاقىلاشتىم، ئۇلار كېلەر ھەپتە كېلىدىغاندەك گەپنى قىلدى.
- زادى قايسى كۈنى كېلىدىكەن؟ - غوجايىن سورىدى.
- تەپسىلىي سۈرۈشتۈرمەپتىمەن.
- ئۇلار قانچە ئادەم كېلىدىكەن؟
- ھە! مەن بۇنى سورىماپتىمەن.
- ئۇلار ئايروپىلاندا كېلەمدىكەن ياكى پويىزدا كېلەمدىكەن؟
- بۇنى سىزمۇ ماڭا سورىشىمنى ئېيتمىغان ئىدىڭىزغۇ!
غۇجايىن ھېچنىمە دېمەپتۇ، ئۇ جاڭ كەي ئىسىملىك بىرىگە تېلېفۇن قىلىپ، ئىشخانىسىغا كىرىشنى ئېيتىپتۇ. جاڭ كەي ئۇنىڭغا قارىغاندا بۇ شىركەتكە بىر يىل كېيىن كەلگەن بولۇپ، ھازىر بىر بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى ئىدى. جاڭ كەي ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالدى. بىردەمدىن كېيىن جاڭ كەي قايتىپ كەلدى.
«ئەسلىدە مۇنداق ئىكەن»، جاڭ كەي جاۋابەن مۇنداق دېدى: «ئۇلار كېلەر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، تەخمىنەن كەچ سائەت ئالتىدە يېتىپ كېلىدىكەن، ئۇلار جەمئىي بەش ئادەم بولۇپ، سېتىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دىرېكتور يېتەكچىلىك قىلىدىكەن، مەن ئۇلارغا شىركىتىمىزنىڭ ئۇلارنى كۈتىۋېلىشقا ئادەم ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويدۇم.»
«ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلاپتۇ، كونكرېت كۈن تەرتىپىنى ئۇلار كەلگەندىن كېيىن ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىدىغان بولدۇق. خىزمەتكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى يېقىن ئەتراپتىكى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر قوشۇلسىڭىز، ياتاقنى ئەتىلا زاكاز قىلىپ قوياي.»
«يەنە بىرى، كېلەر ھەپتىلىك ھاۋارايى مەلۇماتىدا يامغۇر ياغىدۇ دەۋاتاتتى، مەن ئۇلار بىلەن ھەر ۋاقىت ئالاقىلىشىپ تۇرىمەن، مۇبادا ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە سىزگە دوكلات قىلىمەن.»
جاڭ كەي چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، غوجايىن ئۇنىڭغا: «ئەمدى بىز سىزنىڭ ئىشىڭىزنى دېيىشەيلى» دەپتۇ.
- بولدى، نىمە سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدىم، سىزنى
ئاۋارە قىلىپ قويۇپتىمەن.
ئۇ تۇيۇقسىز ھېچكىمنىڭ تۇغۇلۇپلا چوڭ ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى، ھەممە ئىشنى كىچىكىدىن، ئاساندىن باشلاپ قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندى. بۈگۈن ئۆزىڭىز ئۈچۈن بېكىتكەن بېرەر بەلگە ئەتە سىزنىڭ مۇھىم ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋېلىش-تاپشۇرۇۋالماسلىقىڭىزنى بەلگىلىشى مۇمكىن.
ئارتۇقچە غەم قىلىش خىزمىتىڭىزنىڭ ئۈنۈمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەر قانداق بىر شىركەت خىزمەتنى ئاكتىپلىق  ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قىلىدىغان خىزمەتچىلەرگە ئېھتىياجلىق.
مۇنەۋۋەر خىزمەتچى ھەمىشە پاسسىپلىق بىلەن خىزمەتنى باشقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشىنى ساقلاپ تۇرماستىن، ئەكسىچە، ئۆزى ئاكتىپلىق بىلەن نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ، ئاندىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋەزىپىنى ئورۇنلايدۇ.
4 w( M8 w+ _0 w& A) I, \
مەنبە: بەيدۇ ماقالە ئامبىرى، خەۋەر (Hewer) سالونىدىن لوقمان تەرجىمە قىلدى.

6 t- {5 M4 I) l$ T; b3 g
: P2 B( P/ {+ |, p& ]1 Q

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

13

تېما

841

يازما

854

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108441
يازما سانى:
841
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2154
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
514 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-14
ئاخىرقى:
2016-3-19
ۋاقتى: 2016-3-10 00:42:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇييۇ...ماۋۇ بۇلىدىغان تىمىكەن. مەن ياقتۇردۇم!  پايدىلىنىش قىممىتى بار تەرجىمە بوپتۇ!

ئاھ...ماڭقۇرۇتلۇقتىكى ھايات!

0

تېما

381

يازما

381

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79355
يازما سانى:
381
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3841
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
216 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-26
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-3-10 14:09:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بۇپتۇ ..ھارمىغايسىز ..!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 09:57 PM, Processed in 0.108392 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش