مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1882|ئىنكاس: 6

«كىروران» تېمىسىدا ناخشا تېكىستى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

109

تېما

314

يازما

423

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 97620
يازما سانى:
314
نادىر تېما :
1
مۇنبەر پۇلى :
6388
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
222 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-9-5
ئاخىرقى:
2016-3-30
«كىروران» تېمىسىدا ناخشا تېكىستى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش
0 n% n- H5 H* F) G# K6 R4 ?  l+ s- b  Y) g- r; w8 B6 q! M& a; }
  D9 L& p& i+ M1 L9 e7 U" l
قەدىمىي كىروران دىيارى بولغان چاقىلىقنى دۆلەت ئىچى – سىرتىغا تونۇشتۇرۇش، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، يېڭى دەۋرنى كۈيلەش يۈزىسىدىن چاقىلىق ناھىيەلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يازغۇچىلار جەمئىيىتى «كىروران» تېمىسىدا مۇكاپاتلىق ناخشا تېكىستى قوبۇل قىلماقچى. مۇشۇ ساھەدە مېھنەت قىلىۋاتقان ئەدەبىيات، سەنئەت مۇخلىسلىرىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
2 q- R6 H( e3 d2 {2 \* ]1.        مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ناخشا تېكىستلىرىگە قويۇلىدىغان تەلەپ: 1 I, Q, g+ z* {# V) r' r+ t7 @' v5 z4 E
(1)        مەزمۇنى ساغلام، بەدىيلىكى يۇقىرى بولۇشى كېرەك. (2) ناخشا تېكىستىدە كىروراننىڭ پارلاق مەدەنىيىتى، (چاقىلىقنىڭ) ھازىرقى يېڭى قىياپىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇشى كېرەك. (3) ناخشا تېكىستى ئىچىدە «كىروران» نامى تىلغا ئېلىنغان بولۇشى كېرەك. (4) ھەر بىر ئاپتورنىڭ قاتناشتۇرىدىغان تېكىستى ئىككى پارچىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
1 n$ Y& z1 T. i. v- z2.        ناخشا تېكىستىنى قوبۇل قىلىنغان ۋاقىت: " x" I+ X7 q, P) s% n
2016- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە.7 W1 s( _; A1 x; l
ناخشا تېكىستى قوبۇل قىلىنىدىغان ئادرېس:
8 H6 T4 ?6 R$ i7 ~& DKirorannahxa@163.com
5 c- k2 W0 g/ S$ V. ?) n3.        باھالاش ۋە نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ۋاقتى: / R8 i3 n& o% b% T1 k, z$ H6 c0 w
   ناخشا تېكىستى قوبۇل قىلىنىپ 5- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن كېيىن، 5- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن بۇرۇن باھالاش ھەيئىتى قۇرۇلۇپ باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە باھالاش نەتىجىسى 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دا ئېلان قىلىنىدۇ. باھالاشقا قاتناشقۇچىلار ئىككى نەپەر كومپىزوتورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تەكلىپ قىلىنغان يەتتە كىشى تەرىپىدىن باھالىنىدۇ. % J% Y8 s1 P1 C7 y0 J3 y
4.        مۇكاپاتنىڭ تەسىس قىلىنىشى:
& {; l9 O3 g$ t7 ]# e1-        دەرىجىلىك مۇكاپات (بىر پارچە تېكىسىت)، مۇكاپات سوممىسى 20 مىڭ يۈەن.
% l3 [7 x  r/ a2 u9 K" j2-        دەرىجىلىك مۇكاپات (بىر پارچە تېكىست)، مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن.
. S5 m: O8 Z7 P2 j2 N' P(چۈشىنىكسىز نۇقتىلار بولسا 18999000072غا تېلىفۇن قىلىپ سورىسا بولىدۇ)
- `6 Q- H+ D. H3 h/ ?* Lچاقىلىق ناھىيەلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يازغۇچىلار جەمئىيىتى
4 k! d. n& U$ Z9 @1 p- i4 q! [                             2016- يىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى
7 C6 l: @% B5 [. q
( s' `0 N8 i  K- G" D2 j) Fشىنجاڭ يازغۇچىلار تورىدىن :  غالىب بارات ئەرك يازمىسى .9 s/ G7 q. t% s! o7 y6 T5 f
/ h7 k. F2 |& y8 q: ?2 n; l5 d6 J

1 P7 p) E4 p3 q8 n8 N$ Y1 T& s
& O3 L4 V# o1 ^  {2 t5 K2 K0 V9 ]چاقىلىق ناھىيەسى, m, W$ S0 }6 v/ c* k, C

6 F! l& ^  G0 qغالىب بارات ئەرك* L9 M6 K8 _4 S: k2 k: K) B7 F% j

& k! v  y7 S0 c4 V  \جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى ۋە يەر مەيدانى چاقىلىق ناھىيەسى ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرىقى جەنۇبىغا، شەرىقى مېرىدىيان 86º45'~93º45'، شىمالىي پاراللېل 36º05′~41º23′قا جايلاشقان، شەرقتىن غەربكە 570 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا 580 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇرۇن ئومۇمىي يەر مەيدانى 202 مىڭ 298 كىۋادرات كىلومېتىر دېيىلگەن («چاقىلىق ناھىيەسى تەزكىرىسى»نى تۈزۈش ھەيئىتى 1985- يىلىدىن بۇرۇنقى مەلۇماتلار ئاساسىدا تۈزۈپ نەشر قىلغان شۇ ناملىق تەزكىرە)، كېيىنكى چېگرا - پاسىللىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ياردىمىدىن ئۆلچەپ ھېسابلاشتىن قارىغاندا، ھازىرقى كۆلىمى 198 مىڭ 318 كىۋادرات كىلومېتىر ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۆلچەش - سىزىش ئىدارىسى تۈزۈپ 2004- يىلى نەشر قىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەرىتىلەر توپلىمى»؛ «شىنجاڭ يەر ناملىرى چوڭ لۇغىتى»نى تۈزۈش ھەيئىتى تۈزگەن شۇ ناملىق لۇغەتتە 199200 كىۋادرات كىلومېتىر دېيىلگەن، يەر كۆلىمى ماتېرىياللاردا ھەر خىل ئېلىنماقتا)، مەملىكىتىمىزدىكى مەمۇرىي يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ ناھىيە ھېسابلىنىدۇ. چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تاغ - ئېدىرلىقنىڭ كۆلىمى 59 مىڭ 180 كىۋادرات كىلومېتىر، شېغىللىق دەشت كۆلىمى 60 مىڭ 236 كىۋادرات كىلومېتىر، چۆللۈك 25 مىڭ 508 كىۋادرات كىلومېتىر، قۇملۇق 56 مىڭ 231 كىۋادرات كىلومېتىر، كۆللەر 1093 كىۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ كۆلىمى 48 كىۋادرات كىلومېتىر (بۇلار 1980- يىللاردىكى سانلىق مەلۇمات). ناھىيەنىڭ يەر كۆلىمى بەش گوللاندىيە دۆلىتىگە ياكى ئىككى ۋېنگىرىيەگە، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ بەش ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. شىمالدا لوپنۇر ناھىيەسى، تۇرپان ۋە قۇمۇل ۋىلايەتلىرى بىلەن، شەرقتە گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئۆلكىلىرى بىلەن، جەنۇبتا قورۇم تاغلىرى ئارقىلىق شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربتە چەرچەن ناھىيەسى بىلەن چېگرالىنىدۇ. ئالتۇنتاغ ناھىيەنى ئىككى خىل تەبىئىي ئىقلىمغا بۆلگەن، جەنۇبى قىسمى تاغلىق رايون، شىمالى تۈزلەڭلىك بولغاچقا ھاۋا كىلىماتىنىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ. چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شىمالىي قىسمى تارىم ئويمانلىقى، شەرىقى قىسمى لوپ قۇملۇقى. تارىم ئويمانلىقىدىكى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكىنى سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ تۆۋەن جاي لوپ كۆلى بولۇپ (دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 780 مېتىر)، شۇڭا تارىم ئويمانلىقىدىكى نۇرغۇن دەريالار لوپ كۆلىگە قاراپ ئاققان. ناھىيەنىڭ جەنۇبى تاغلىق رايون، يەنى ئالتۇن تاغ ۋە قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىدۇر (دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000~5000 مېتىرغىچە). ئەڭ ئېگىز جاي دېڭىز يۈزىدىن 7723 مېتىر ئېگىز بولۇپ شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىدا، ئالتۇنتاغ تەبىئىيلىكى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان رايون تەۋەسىدە. چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ئېگىز، شىمالىي قىسمى پەس، غەربىي جەنۇبتىن شەرىقى شىمالغا قىڭغايغان. ناھىيەنىڭ شەرىقى شىمالى بىر قەدەر ەسرەك تاغ يەنى ئوچۇقچىلىق بولغانلىقتىن شەرىقى شىمال بورىنى كۆپرەك چىقىدۇ.
. T! _& w5 u* Z3 l- fتارىم ئويمانلىقىنىڭ تۆت تەرىپى تاغلار بىلەن ئورالغانلىقى، دېڭىز ئوكيانلاردىن يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن، دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ نەم ھاۋاسى بۇ يەرگە ئېقىپ كېلەلمىگەنلىكتىن، كىلىماتى قۇرغاق بولۇپ قالغان. چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 29 مىللىمېتىر، يىللىق پارغا ئايلىنىش ئوتتۇرىچە مىقدارى 2882.6 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 11.7 سېلسىيە گىرادۇس (2000- يىللىرىدىكى سانلىق مەلۇمات). يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەككىز بالدىن يۇقىرى شامال 36.9 كۈن چىقىدۇ، بوراننىڭ ئەڭ تېز سۈرئىتى سېكۇنتىغا 40 مېتىرغا يېتىدۇ. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 43.6 گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 27.2 گىرادۇس. چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغقا، ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم مۇھىتىغا كىرىدۇ. 5 d, j1 J1 v2 m  C
1960- يىللىرىغىچە تارىم، كۆنچى ۋە چەرچەن دەريالىرى ناھىيەمىز تەۋەسىگە ئېقىپ كىرىپ لوپ كۆلى، قارابوران كۆلى، قاراكۆل، سۇسارىقتىكى كۆل، ساداق كۆل ... قاتارلىق نۇرغۇن كۆللەرنى ھاسىل قىلغان. شۇ ۋاقىتلاردا پەسىل قۇشلىرى كەلسە كۆل بويلىرى كۈن تۇتۇلغاندەك بولۇپ كەتكەن، كۆللەردىكى قۇمۇشلار ئادەمنىڭ باش بارمىقىدەك چوڭلۇقتا نەچچە مېتىردىن ئۆسكەن، يۇلغۇن قاتارلىق چۆل ئۆسۈملۈكلىرىدىن غارالىقلار شەكىللىنىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن. تارىم دەرياسى بويلىرىدا توغراقلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ دۇنيادىكى توغراق كۆلىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى تارىم ۋادىسىدا شەكىللەنگىنىدەك، يېڭىسۇدىن تاكى قورغانغىچە بولغان دائىرە بىپايان توغراق ئىدى. چاقىلىق، ۋاششەھىرى، مۇران دەريالىرىنىڭ ئېقىن مىقدارى چەكلىك بولغانلىقتىن ئىشلەپچىقىرىشقىلا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تاغلىق رايونىدىلا ئىشەكپاتتى كۆلى، ئاياققۇم كۆلى (كۆلىمى 437.5 كىۋادرات كىلومېتىر)، ئاچچىقكۆل (كۆلىمى 729.4 كىۋادرات كىلومېتىر)، ئۈستۈن ئاچچىقكۆل (كۆلىمى 269 كىۋادرات كىلومېتىر. يەرلىكلەر يەنە ئالتۇنبېلىق كۆلى دەپ ئاتايدۇ، سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتتىكى شەكلى تىمساققا ئوخشايدۇ) دەك بىر قىسىم كۆللەر بار، يۇقىرىقى كۆللەرنىڭ كۆلىمى 1221.3 كىۋادرات كىلومېتىر (تاتلىق سۇ كۆلى كۆلىمى 73.9 كىۋادرات كىلومېتىر، تۇزلۇق سۇلۇق كۆل كۆلىمى 1147.4 كىۋادرات كىلومېتىر) كېلىدۇ. دۆلىتىمىز بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ (45 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر)، ھايۋانلارنىڭ تۈرى ئەڭ كۆپ بولغان ھايۋانات پادىشاھلىقى – ئالتۇنتاغ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون، ئېلىمىز بويىچە بىردىن بىر ياۋا تۆگە قوغدىلىدىغان رايون ئالتۇنتاغ – لوپ كۆلى ياۋا تۆگە قوغداش رايونى بار. $ Z* o1 W- ?# {, b( v7 o+ l* z" e- Z
چاقىلىق ناھىيەسىدە بەش بازار (چاقىلىق بازىرى، يىتىمبۇلاق بازىرى، ۋاششەھىرى بازىرى، لوپ كۆلى بازىرى، تىكەنلىك بازىرى) ۋە ئۈچ يېزا (ئۇتام يېزىسى، چىمەنتاغ يېزىسى، تۆمۈرلۈك يېزىسى) بار.چاقىلىق ناھىيەسىدە ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، دوڭشياڭ قاتارلىق 15 مىللەتتىن بولغان 56 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ئىتتىپاق ياشاپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 32567 كىشى. . R. z1 ]( n: D- w1 X: _
قىسقىچە تارىخى ناھىيەمىز تەۋەسىدىكى ئالتۇنتاغ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ئىچىدىكى قارادۆڭ ۋە قوتازبۇلاق ئەتراپىدىن، يەر يۈزىدىن بىر تۈركۈم تاش قوراللار تېپىلغان بولۇپ، دەۋرى بۇنىڭدىن 7~8 مىڭ يىللار بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ تاش قوراللار ھېسابلىنىدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدە 7~8 مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دېيىشكە بولىدۇ. دەۋرى يۇقىرىقى جايدىن سەل كېيىنرەك بولغان سىپتا تاش قوراللار كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنى، جۈملىدىن لوپ كۆلى رايونىدا يەر يۈزىدىن خېلى كۆپ تېپىلغان. لوپ كۆلى ئەتراپىدىكى جايلاردىن تېپىلغان تاش قوراللارنىڭ دەۋرى قۇمدەريا قەبرىستانلىقى ۋە قەبرەغولدىن بۇرۇن بولۇپ بۇندىن 4000 يىللار بۇرۇنقى دەۋردىنمۇ بۇرۇن ئاھالىلەرنىڭ يۇرتىمىزدا داۋاملىق ياشاپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قەبرىغول ۋە قۇم دەريا قەبرىستانلىقىدىن بېجىرىم ساقلانغان قۇرۇق جەسەتلەر خېلى كۆپ تېپىلدى، مانا بۇ قۇرۇق جەسەتلەر بۇندىن 4000 يىللار بۇرۇنقى دەۋردىن 3500 يىللار بۇرۇنقى دەۋردىكى ئاھالىلەرنىڭ چىراي تۇرقى، ئېتىقادى، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى، كۈندىلىك تۇرمۇشى، مەدەنىيىتىنى ۋە باشقا جەھەتلەردىن مۇھىم ئۇچۇرلارنى دەۋرىمىزگە يەتكۈزۈپ بەردى. بۇندىن 3500 يىللار بۇرۇنقى دەۋردىن 2500 يىللار بۇرۇنقى دەۋرگىچە بولغان مىڭ يىلنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللار ھازىرچە ناھايىتى كەمچىل. بۇندىن 2500 يىللار بۇرۇنقى دەۋرلەردىن باشلاپ ئاھالىلەر تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، كۆجۈملىشىپ كىروران، مۇران، كاتاك، لوپ (كونا ۋاششەھىرى)، قاغانبالىق (چاقىلىق بازىرى) ئەتراپلىرىغا يىغىلىپ تەدرىجىي شەھەرلەرنى بەرپا قىلغان. «تارىخىي خاتىرىلەر»گە قارىغاندا، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىردە لوپ كۆلى بويىدا كىروران شەھىرى ۋە بەگلىكى بولغان. «خەننامە»دىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 77- يىلىدىن بۇرۇنلا ھازىرقى مۇران كونا شەھىرى ياكى ئەتراپىدا شەھىرى ئىشەم (伊循، 伊脩) بولغان. باشقا شەھەرلەرنىڭ قاچان بەرپا بولغانلىرى توغرىلىق ئېنىق يازما خاتىرە يوق، لېكىن مىلادىيەنىڭ باشلىرىدا نەچچىلغان شەھەرلەرنىڭ بولغانلىقى، ئاھالىنىڭ 10 نەچچە مىڭ ھەتتا 20 مىڭغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يازما ئۇچۇرلار بار. ئارخېئولوگلار تەكشۈرۈش داۋامىدا مۇراندىن لوپ كۆلى بويلىرىغىچە بولغان جايلاردىكى قەدىمكى ئىز، خارابە، قەبرىستانلىقلارغا LA، LB، LC، MA، FO، LD، LE، LG، LF، LI، LJ، LL، LM،LR ، LT، LS، LQ، 375-، 395-، 359-، 363-، 431- 22-، 25-، 28-، 30-، 33-،Lㄎ، Lㄉ، Lㄊ،Lㄐ، Lㄕ، 401-، 404-، 384-، 390- (يۇقىرىقىلار لوپ كۆلى رايونىدىكى ئىزلار)... دېگەنگە ئوخشاش نومۇر ياكى شەرتلىك بەلگىدە كۆرسىتىلگەن جايلار قەدىمكى دەۋردە ئاھالىلەر ياشىغان جايلاردۇر. مىلادىيەنىڭ باشلىرىدا كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى كىروراننى مەركەز قىلغان شەھەرلەردە، قۇمدەريانىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى شەھەردە، مۇران كونا شەھىرى، چاقىلىق بازىرى، ۋاششەھىرى كونا شەھىرى ھەمدە تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى كاتاك، مەردەك شەھەرلىرى گۈللەنگەن ۋە نۇرغۇن ئاھالىلەر ياشىغان. 7- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆنچى دەرياسىنىڭ پاتالىق كۆلدىن تۆۋەن قىسمىدا سۇ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن كىروراننى مەركەز قىلغان شەھەرلەر چۆل قالغان ۋە ئاھالىلەر چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىكى باشقا شەھەرلەرگە، قۇمۇلنىڭ لاپچۇق، تۇرپان، پىچان قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ كەتكەن. بۇندىن 1000 يىللار ياكى 1100 يىللار ئىلگىرىكى دەۋردە نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن قۇمدەريا بويىدىكى شەھەر، مۇران كونا شەھىرى ۋە چاقىلىق بازىرىدىكى شەھەر (بۇ ۋاقىتتا ناھىيە بازىرىدا شەھەر بولغاندىن سىرت، بازارنىڭ جەنۇبىدىكى، دەريانىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئوتۇغۇچخان شەھىرى ـ قاغان شەھىرى بار ئىدى) ۋەيران بولغان. يۇقىرىقى شەھەرلەرنىڭ ئىلگىرى – كېيىن ۋەيران بولۇشى بىلەن ئاھالىلەر تەدرىجىي لوپ، كاتاك، مەردەك شەھەرلىرىگە يىغىلغانلىقتىن بۇ شەھەرلەر ئاجايىپ گۈللەنگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى لوپ شەھىرى بولغان ۋاششەھىرى كونا شەھىرى توغرىسىدا 1276- يىلى چەرچەندىن چىقىپ يول يۈرۈپ يېتىپ كېلىپ بۇ شەھەرنى كۆرگەن ۋېنتسىيەلىك داڭلىق سەيياھ ماركوپولو «ساياھەت خاتىرىسى»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: «لوپ شەھىرى شەرىقى شىمال تەرەپتە، لوپ چۆللۈكنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان. بۇ قۇملۇق چۆلدىن ئۆتكەنلىكى كارۋانلار ئومۇمەن مۇشۇ لوپ شەھىرىدە بىر مەزگىل يېتىپ دەم ئالىدۇ. ئۇلار بۇ يەردە بىر ئاز ۋاقىت دەم ئالغاچ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ ھەم بۇ يەردە كەلگۈسى سەپەر ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسە كېرەكلىرىنى تەييارلىۋالىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوزۇق تۈلۈكى ۋە ماللىرىنى كۈچلۈك ئېشەك ياكى تۆگە ياللاپ توشۇيدۇ. بۇ چوڭ چۆللۈكتىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن ساپساق بىر ئايلىق ئوزۇق تەييارلىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ...». خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەر ۋە تەزكىرىلەردىن قارايدىغان بولساق، شەھىرى كاتاك ناھايىتى گۈللەنگەن بولۇپ تەكلىماكاندىكى شەھەردىكىلەرنىڭ يىغىلىدىغان مەركىزىگە ئايلانغان (قۇربان غەلى خالىدى: «تەۋارىخي خەمىسەئىي شەرقى»)، 41 شەھەرچىدىن تۈزۈلگەن (موللا شاكىر: «زەفەرنامە») شەھەر ئىدى. تارىخنىڭ شەپقەتسىز بورانلىرى گۈللەنگەن بۇ شەھەرلەرنى 14- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋەيران قىلىپ تۈگەتكەن (شەھىرى كاتاك تارىم دەرياسىنىڭ بۇ يەرگە كېلىدىغان ئېقىنى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى سەۋەبلىك 1339- يىلىدىن 1345- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا  قۇم بېسىپ كەتكەن. ئاھالىلەردىن مۇسۇلمانلار جەلالۇددىن كاتاكىي باشچىلىقىدا تارىم دەرياسىنى بويلاپ كۆچكەن ھەمدە ئۇزاققا بارغانلىرى كۇچاغا بېرىپ يەرلەشكەن. مۇسۇلمان ئەمەسلەر دۇنخۇاڭ تامان كۆچۈپ ھازىرقى سېرىق ئۇيغۇرلار – يۇغۇرلارنىڭ ئەجدادىغا ئايلانغان. يەنە بىر تۈركۈم ئاھالە پىچان ناھىيەسىنىڭ ئامانشا دېگەن يېرىگە كۆچۈپ بارغان. بىر تۈركۈم ئاھالە يۇرتىدا قېلىپ نەدە سۇ بولسا شۇ يەردە ياشاپ بۈگۈنگە قەدەر يۇرت نامى بىلەن ئۆزىنى ئاتاپ كەلگەن لوپلۇقلاردۇر. بۇ شەھەرنىڭ ۋەيران بولۇشى توغرىسىدىكى رىۋايەت خەلقىمىزدە تەكلىماكان رىۋايىتى ياكى قۇم باسقان شەھەر رىۋايىتى سۈپىتىدە ئېيتىلىپ كەلمەكتە)، شۇنىڭ بىلەن قەدىمكى شەھەرلەر ھوقۇشمۇ ياشىمايدىغان ماكانغا ئايلىنىپ تارىم ئويمانلىقىدىكى پىنھان جايغا ئايلانغان. بۇ شەھەرلەرنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىنى تەبىئەت ئامىلىدىن ئالغاندا، دەريا ئېقىنلارغا باغلىق ئىدى، چۈنكى تارىم ئويمانلىقىدىكى دەريالار مۇشۇ ئويمانلىقتىكى پەس جاي لوپ كۆلى تامان ئاقاتتى. مانا بۇ چوڭ دەريالاردىن تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسى ۋە چەرچەن دەرياسى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. ئىنسانلار پائالىيىتى ئامىلىدىن ئالساق ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى ئىنتايىن زور تالاپەتلەرنى كەلتۈرگەن ئىدى. مەيلى قانداق بولمىسۇن، بۇ يۇرتتىكى قەدىمكى شەھەرلەردىن كىروران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى (7- ئەسىرنىڭ باشلىرى)، مۇران ۋە قاغانبالىق (چاقىلىق بازىرى، 11- ئەسىردىن بۇرۇنراق)؛ لوپ، كاتاك ۋە مەردەك (14- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى)لەر ۋەيران بولغانلىقتىن ئاھالىلەر كۆچۈپ كېتىپ، پەقەت تارىم دەرياسىنىڭ ئايىغىدا، دەريا ۋە كۆل بويلىرىدا مەلۇم ساندىكى ئاھالىلەر ياشاپ قالدى، مانا بۇ ئاھالىلەر بۈگۈنكى كۈندە زور قىزىقىش قوزغاۋاتقان “لوپلۇق ~ لوپنۇرلۇق”لارنىڭ ئەجدادلىرى ئىدى. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، چاقىلىق ناھىيەسى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۈملىدىن 7000 يىللار بۇرۇنقى دەۋردىن باشلاپ ئاھالىلەر ياشاپ كەلگەن. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، نۇرغۇن ھەشەمەتلىك شەھەرلەرنىڭ ئاخىرقىلىرىمۇ 14– ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋەيران بولۇپ، مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاھالە سىرتقا كۆچۈپ كەتكەن، ئاز ساندىكى ئاھالىلەر دەريا – كۆل بويلىرىدا ياشاپ قالغان، ئۇلار شۇندىن كېيىن ياكى 1750- يىللىرىغىچە 400 يىلدەك بېكىك ياشىغانلىقتىن ئۆزگىچىرەك تىل، تۇرمۇش ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. 1350- يىللىرىدىن باشلاپ تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئارامگاھىدىكى بۇ پىنھان ماكان 1723- يىلىدىن باشلاپ قايتىدىن تاشقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە تۇرپان، كورلا رايونىدىكى ئاھالىلەر ئاندا – ساندا دەريا - كۆل بويلىرىدىكى لوپلۇقلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا باشلىغان. ھازىرقى چاقىلىق دەپ ئاتالغان ناھىيە بازىرى ۋە  ئەتراپلىرىدا تاكى 1820– يىللارغىچە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئاھالە بولمىغان. خۇددى رىۋايەتلەردە ئېيتىلغاندەك، يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئېكسپېدىتسىيەچىلەرگە بايان قىلغىنىدەك، لوپلۇقلار شەھەرلەر ۋەيران 1350- يىللىرىدىن 1850- يىللىرىغىچە 500 يىل ئەنە شۇ دەريا - كۆل بويلىرىدا بېلىق تۇتۇش، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن بېكىك ياشىغان، ناتۇرال ئىگىلىك باسقۇچىدا تارقاق مەھەللىلەردە ئولتۇراقلاشقان ئىدى. 1830- يىللىرىدىن باشلاپ خوتەن (كېرىيە)، تۇرپان – پىچان تەرەپلەردىن كەلگەن ئاھالىلەر ۋە چەتئەل ئېكسپېدىتسىيەچىلىرىنىڭ يوپۇرۇلۇپ كېلىشى بىلەن تاشقى دۇنيا ئۇلار توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن، بۇلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارمۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تارىم ئويمانلىقىدىكى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى كۆپرەك بولغانلىقى (مەسىلەن: 1921- يىلى تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ كۆنچى دەرياسى ئېقىنى بىلەن ئېقىپ لوپ كۆلىگە قۇيۇلۇشى)، لوپلۇقلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى توغرىسىدا مۇئەييەن چۈشەنچە ۋە ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىسى جۇغلىشى بىلەن دېھقانچىلىق رايونلىرىغا قاراپ سۈرۈلۈپ ھازىرقى چاقىلىق ۋە لوپنۇر ناھىيەلىرىنىڭ دائىرىسىدە كۆجۈم مەھەللىلەرگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان.
3 |* H8 Z* o; |1 r) Q% T1820- يىللىرىدىن كېيىن بۇ قەدىمىي ماكاندا كۆجۈم يۇرتلار بەرپا بولۇشقا باشلىغان. 1820- يىللىرى كېرىيەدىن ئالتۇنتاغقا ئوۋغا بارغانلار قايتىشىدا يولىدىن ئېزىپ قېلىپ ھازىرقى ناھىيە بازىرىغا كېلىپ قالغان ھەمدە ئادەم يوق قەدىمكى شەھەردە يىپ ئېگىرىدىغان چارقلارنى كۆرگەن ۋە شۇ ئاساستا “چارقىلىق” دەپ ئاتىغان. ئۇلار يۇرتىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن بۇ يەردە ئادەم يوقلىقى، سۈيى بار مۇنبەت يەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقاندىن كېيىن، پولات ئاتا قاتارلىقلار بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى چېپىپ، دەل – دەرەخلەرنى تىكىپ يۇرتىمىزنى قايتىدىن گۈللەندۈرگەن، بۇ ۋاقىتتا لوپلۇقلار يەنىلا دەريا كۆل بويلىرىدا ياشاۋاتاتتى.: F6 N: T% S3 X9 r( w
تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئېقىن يۆتكىشى، قىسقىرىشى، يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن لوپلۇقلارمۇ ئەنئەنىۋى ھايات ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەدرىجىي چاقىلىق، مۇران، يېڭىسۇ ۋە ھازىر لوپنۇر ناھىيەسىگە تەۋە بولغان تىكەنلىك (دۇرال)، ئۇلۇغكۆل ... قاتارلىق بوستانلىقلىرىغا جۇغلاشقان، كېيىن يەنە ھازىرقى بوستانلىقلارغا يەنى چاقىلىق بوستانلىقى ھەم لوپنۇر ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولغان تارىم قاتارلىق يېزىلارغا كۆچۈپ تېخىمۇ كۆجۈملەشكەن (1960- يىلى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يېڭىسۇدىن چوڭكۆلگىچە بولغان دائىرىدىكى ئاھالە لوپنۇر ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولغان يېزا- كەنتلەرگە كۆچكەن). ۋاششەھىرى بوستانلىقى بولسا 1850- يىلىدىن كېيىن قايتىدىن گۈللەندۈرلگەن ۋە 1900- يىللارنىڭ ئالدى – كەينىدىن باشلاپ تېز تەرەققىي قىلغان. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭدا 1884- يىلى ئۆلكە تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن كېيىن جاي – جايلاردا ناھىيە تەسىس قىلغان، 1898- يىلى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ قاراقۇم دېگەن يېرىدە شىنپىڭ (新平) ناھىيەسىنى تەسىس قىلغان، چاقىلىق ناھىيەسىمۇ شۇ ناھىيەنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىگە ئايرىلىپ نائىب ئامبال قويۇپ باشقۇرۇلغان. 1903- يىلى شىنپىڭ ناھىيەسىدىن ئايرىپ چىقىلىپ چاقىلىقتا ناھىيە تەسىس قىلىنىپ 婼羌 ناھىيەسى دەپ ئاتالغان ۋە ئاقسۇ دوتەيلىكىگە قاراشلىق يەنجى (قاراشەھەر) مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1913- يىلى قاراشەھەر مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ناھىيە تەسىس قىلىنغان. ئەسلىدىن كېرىيە ناھىيەسىگە تەۋە بولغان ھازىرقى چەرچەن ناھىيەسى تەۋەسى 1914- يىلى مەلۇم مەزگىل چاقىلىق ناھىيەسىگە جوشۇۋېتىلگەن ۋە كېيىن ئايرىپ چىقىلىپ ناھىيە تەسىس قىلىنغان. 1920- يىلى قاراشەھەر ۋىلايىتى (داۋ) تەسىس قىلىنىپ تۇرپان، پىچان، قاراشەھەر، بۈگۈر، كۆنچى (لوپنۇر)، چاقىلىق، چەرچەن ناھىيەلىرىنى باشقۇرغان. 1950- يىلى 4- ئاينىڭ 12- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قاراشەھەر ۋىلايىتى تەسىس قىلغان ھەمدە ھازىرقى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىنى مەمۇرىي جەھەتتىن باشقۇرغان. 1954- يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قاراشەھەر ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم رايونى (شۇ ۋاقىتتا مۇشۇنداق ئاتالغان، مەركىزى قاراشەھەردە بولۇپ قاراشەھەر، خوشۇت ۋە خېجىڭ ناھىيەلىرىنى باشقۇرغان) ۋە كورلا ۋىلايىتى (مەركىزى كورلا ناھىيەسىدە، بۈگۈر، لوپنۇر، چەرچەن، چاقىلىقنى باشقۇرغان) تەسىس قىلىنغان. 1960- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرىدا كورلا ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قوشۇۋېتىلگەن، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مەركىزى كورلا ناھىيەسىگە يۆتكەلگەن، شۇندىن بېرى چاقىلىق ناھىيەسى ئىزچىل بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلمەكتە.1 t& b$ Y  e/ I+ g0 s4 i/ O
نامى چاقىلىق كەڭ مەنىدە ناھىيەنىڭ ئۇيغۇرچە ئومۇمىي نامى. تار مەنىدە چاقىلىق بازىرى، تىكەنلىك بازىرى ۋە ئۇتام يېزىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا “چاھار قۇدۇق” (ئاۋام ئېتىمولوگىيەسى «چاھارقۇدۇق ← چارقۇدۇق ← چاقىلىق» بولۇپ ئۆزگەرگەن، تۆت قۇدۇق دېگەن مەنىدە دېيىلىدۇ)، جاك ← جاككا ← جاككالىق ← چاقىلىق قارىشى (سانسكرىت تىلىدىكى جاككا دېگەن سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ ھارۋا چاقى دېگەن مەنىدە دېيىلىدۇ)، چارۇقلۇق دېگەن قەبىلە كەلگەن دېگەن قاراش، “چاقا” دېگەن ئۆسۈملۈكنىڭ نامىدىن ئېلىنىپ، “چاقالىق” ← چاقىلىق بولۇپ ئۆزگەرگەن دېگەندەك ھەر خىل قاراشلار بار.
8 J3 i# S& B0 l3 H& s( {چاقىلىقتىكى پېشقەدەملەرنىڭ رىۋايەت قىلىشى ھەم يۇرتىمىزغا كەلگەن ئېكسىپېدىتسىيەچىلەرنىڭ يۇرتىمىزدا ئاڭلاپ خاتىرىلىشىچە، چاقىلىق بىر مەزگىل چۆل قالغاندىن كېيىن، كېرىيەدىن بۇ يەرگە كەلگەنلەر يىپ ئېگىرىدىغان چارقلارنى ئۇچرىتىپ، ئۆزلىرى نامىنى بىلمەيدىغان بۇ يۇرتنى، ئۇچراتقان چارقلارغا قاراپ “چارقىلىق” دەپ ئاتىغان. 19- ئەسىرلەردە خەنزۇچە ماتېرىياللاردا 卡克里克 دەپ يېزىلغان. رۇسىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى پىرژىۋالسكى “چارقالىق Чapxaлык” دەپ خاتىرىلىگەن. 19- ئەسىردىن بۇرۇن چارقىلىق نامىنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى ياكى خاتىرىسى يازما مەنبەلەردە كۆرۈلمەيدۇ. لوپلۇقلار ئارىسىدا تىل تەكشۈرگەن سوۋېتلىق تاتار تىلشۇناس، دوكتور ئەدھەم رېھىموۋىچ تېنىشېف 1956- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى لوپنۇر ناھىيەسى چوڭكۆلدە تۇرۇشلۇق 99 ياشلىق تاھىر ئىسىملىك كىشىنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە بۇ نامنى qïlïq raČ دەپ خاتىرىلىگەن ھەمدە رۇسچىغا к ылaк рaЧ دەپ تەرجىمە قىلغان. شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 25– كۈنى چارادا 117 ياشلىق ساتىۋالدىنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە xluq raČ دەپ خاتىرىلىگەن. 1950- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە يۇرتىمىزدا ئىشلىتىلگەن ھەر خىل تامغىلارغا چارقىلىق، چاقىلىق دەپ ئىككى خىل ئويۇلغان. ئەمەلىيەتتە 1978– يىلىدىن ئىلگىرى “چارقىلىق” دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان، شۇ يىلى يەر ناملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ بېكىتكەندە ر تاۋۇشى قالدۇرۇۋېتىلىپ چاقىلىق دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن «چاقىلىق» دېگەن تەلەپپۇزى ئومۇملاشقان. ئۇيغۇر تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندا، ر تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولسىمۇ، قوشۇلۇپ قېلىشى كۆرۈلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نامنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ھەم توغرا تەلەپپۇزىنى «چارقىلىق» دەپ قارايمىز.بۇ نامنى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىن ھەم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن ئىزدىسەك “چارق+ ى +لىق” بولۇپ “لىق” ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىدۇر.
% W' D$ _' B( I9 |«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە: «چاق. ئىسىم. پارسچە، قاتناش قوراللىرى، ھەرخىل ئەسۋابلار ۋە قۇرۇلمىلارنىڭ ئايلىنىدىغان دۈگىلەك قىسمى، قاناتلىق چاق ئارقىلىق يىكنى ئايلاندۇرۇپ يىپ ئېگىرىدىغان، قاناتلىق يىپ ئېگىرىش ئەسۋابى»، دېيىلگەن. دېمەك “چاق” سۆزلىمى تىلىمىزغا پارس تىلىدىن كىرگەن. پارس تىلىدا [charkh] بولۇپ مەنىسى يۇقىرىقى ئىزاھ بىلەن ئوخشاش. «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە «[چرخ] (پارسچە) چاق، ئايلىنىش»، دەپ ئىزاھلانغان. مانا بۇلاردىن “چارقىلىق” ۋە “چاقىلىق” نامىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبىنى تىل نۇقتىسىدىن پاكىت بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز. دېمەك، ھازىرقى زامان تىلىمىزدىكى چاق سۆزى ئەسلىدە پارس تىلىدىن كىرگەن، ئەسلىسى  “چرخ-چارق”، بۇ سۆز چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە “چارق” بولغانلىقتىن يۇرتىمىزنىڭ نامى تاكى ھازىرغىچە چارقىلىق، ر تاۋۇشى چۈشۈپ قالغان ۋاقىتتا چاقىلىق دەپ ئىككى خىل تەلەپپۇز قىلىنغان.' {+ W) J' k, Z9 I8 [
خۇلاسە قىلغاندا، مىلادىيەنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ نوپ~لوپ ناملىرى بىلەن ئاتالغان چاقىلىق رايونىدا كۆپلىگەن شەھەر بوستانلىقلار بولغان. ماركوپولو ۋە باشقا مۇئەللىپلەر 12-، 13- ئەسىرلەردە بۇ رايوننى لوپ ياكى لوپ.كاتاك دەپ خاتىرىلىگەن. بۇ دەۋرگىچە چاقىلىق رايونىدا قاغان شەھىرى، قۇتۇم (مۇران كونا شەھىرى)، چەرچەن (鄯善)، كىرورانغا ئوخشاش شەھەرلەر ۋەيران بولغان. لوپ، مەردەك (پەداكا)، كاتاك قاتارلىق شەھەرلەر ئەينى دەۋرلەردە گۈللەنگەن مەشھۇر شەھەرلەردىن بولسىمۇ، تەخمىنەن 1350- يىللىرى ئەتراپىدا ۋەيران بولغان. 1820- يىللىرى ئەتراپىدا كېرىيەدىن بۇ يەرگە كېلىپ يۇرتنى ئاۋات قىلغانلار بۇ يۇرتتا بېكىك، باشقىلار بىلەن بېرىش كېلىش قىلمايدىغان لوپلۇقلاردىن بۇ يۇرتنىڭ ئەسلىي نامىنى بىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، ئۆزلىرى نامىنى بىلمەيدىغان بۇ يۇرتنى، مۇشۇ يۇرتتا ئۇچرىغان يىپ ئېگىرىدىغان چارقلارغا قاراپ، “يىپ ئېگىرىدىغان چارق بار يەر” دېگەن مەنىدە “چارقىلىق”، دەپ ئاتىغان.يۇرتنىڭ ئەسلىي نامى لوپ لوپلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن (مەسىلەن: لوپ كۆلى، لوپ لەنگەر، لوپ سۈيى، لوپلۇق، لوپنىڭ قېقىرى ...). 6 v6 V+ [" C# e- p1 y
1800– يىللىرىنىڭ بېشىدا كېرىيە ناھىيەسىدىن كەلگەن ئوۋچىلارنىڭ، ھازىرقى ناھىيە بازىرىدىكى شەھەر خارابىسىنى بايقىشى بىلەن، بۇ يۇرت “چاقىلىق” دەپ ئاتالغان. مۇشۇ دەۋردە كېرىيەدىن بىر بۆلۈك ئاھالە “چاقىلىق” خارابىسىگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ يۇرت بەرپا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن كۆجۈم مەھەللىلەر بارلىققا كېلىپ، ئاھالىلەر كۆپىيىپ، ھازىرقى چاقىلىق يۇرت قايتىدىن بەرپا بولغان. شۇ قېتىمدا ناھىيە بازىرىغا جايلاشقان كونا شەھەر خارابىسىدە يىپ ئېگىرىدىغان چارق ئۇچرىغانلىقتىن “چارقىلىق” دەپ ئاتالغان. ئاھالىلەرنىڭ بۇ يەرگە كۆجۈملىشىشى سەۋەبىدىن تەدرىجىي “چاقىلىق” نامى 20– ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى پۈتكۈل ناھىيەگە نام بولۇپ ئومۇملاشقان. & H! ]% I( V6 K/ d+ P+ ^- s
چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ خەنزۇچە نامى 若羌غا كەلسەك، «خەننامە» قاتارلىق ماتېرىياللاردا يېزىلىشىچە، بۇندىن 2000 يىللار بۇرۇنقى غەربىي يۇرتتا 36 بەگلىك بولغان، شۇنىڭ بىرى 婼羌国 ئىدى. تارىخچى بەن گۇ (32~92) بۇندىن 2000 يىل بۇرۇن يازغان «خەننامە»دە «ياڭگۇەن قوۋۇقىدىن چىقىپ، ئالدى بىلەن بارىدىغان يېقىن جاي 婼羌国. بېگى ھۇنلاردىن يۈز ئۆرىگەن كىشى ئىدى. بۇ يەردىن ياڭگۇەن قوۋۇقىغا 1800 چاقىرىم، چاڭئەنگە 6300 چاقىرىم كېلىدۇ. 婼羌国 يولنىڭ ئۈستىدە بولماستىن، چەتتە ـ غەربىي جەنۇبقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاھالىسى 450 تۈتۈن، 1750 كىشى، ئەسكەرلىككە ياراملىقى 500 نەپەر. 婼羌国نىڭ غەربىي تەرىپى سارمادان (且末)غا تۇتاش بولۇپ، ئاھالىسى ئوت– چۆپ، سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرۈيدۇ، دېھقانچىلىق قىلمايدۇ. ئاشلىقنى چەرچەن (鄯善، ھازىرقى چاقىلىق ناھىيە بازىرى ۋە مۇران كونا شەھىرىنى كۆرسىتىدۇ) بىلەن سارمادان (ھازىرقى چەرچەن)دىن ئالىدۇ. تاغلىرىدىن تۆمۈر چىققاچقا، ھەربىي قوراللارنى ئۆزلىرى ياسايدۇ. قوشۇنلىرى ئوقيا، نەيزە، قىلىچ، خەنجەر تۇتۇپ، ئىشمەك ساۋۇت كىيىدۇ. غەربىي شىمالدا چەرچەن بىلەن تۇتۇشىدۇ. چەرچەن چوڭ يولنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان»، دېيىلگەن. جۇ ليەنكۇەن «خەن دەۋرىدىكى 婼羌国 توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە: «بۇ بەگلىكنىڭ مەركىزى ئاقچۇقساي (چەرچەن ناھىيەسى تەۋەسىدە، چاقىلىق ناھىيەسى ئاياققۇم كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىدا) دېگەن يەردە»، دەپ يازغان. يۈ تەيشەن «شەرىقى– غەربىي خەن، ۋېي، جىن، جەنۇبىي– شىمالىي سۇلالىلەر تارىخلىرىدىكى غەربىي يۇرت تەزكىرىسى توغرىسىدا تەتقىقات» ناملىق كىتابىدا، ياپونىيەلىك شىراتورىنىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى چايدام ئويمانلىقىدا دېگەن قارىشىنى رەت قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «婼羌 بەگلىكىنىڭ بېگى 去胡来نىڭ ئاستانىسى چەرچەن (ھازىرقى چاقىلىقنىڭ ئەتراپى)نىڭ شەرىقى جەنۇبىدا... ئالتۇنتاغنىڭ جەنۇبىدا»، دەپ قارىغان. 婼羌نىڭ ئەينى چاغدىكى تەلەپپۇزى توغرىسىدا نەشر ئەپكارلىرىدا «نوبچان»، «نوبسىر»، «چاقىلىق» دەپ ئېلىنىپ كەلدى. قارىشىمچە بولغاندا نوپ كەنت سۆزىنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسى بولۇپ ھازىرقى ۋاششەھىرى كونا شەھىرىنىڭ نامى بولغان، لېكىن مىلادىيەنىڭ باشلىرىدا چەرچەن ئېلى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغاندىن كېيىن بۇ نام ئاساسەن قوللىنىلمايدىغان بولغان. چىڭ سۇلالىسى 1903- يىلى يۇرتىمىزدا ناھىيە تەسىس قىلغاندا، «خەننامە» كۆرۈلىدىغان 婼羌نىھازىرقى چاقىلىقتا دەپ قارىغانلىقتىن، يۇرتىمىزنىڭ ئەسلىدىن قوللىنىلىپ كەلگەن خەنزۇچە نامى 卡克里克نىڭ ئورنىغا 婼羌نى ناھىيە نامى قىلىپ بېكىتكەن. 1959- يىلى خەنزۇچە خەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرغاندا، 婼 خېتىنىڭ ئالدى يان بۆلىكى 女 قالدۇرۇلغانلىقتىن، 若羌 دېيىلىدىغان بولغان. ئەمەلىيەتتە بۇ نام نوپ كەنت ~ لوپ كەنت نامىنىڭ تەلەپپۇز تەرجىمىسىدىن ئىبارەت، ئەڭ باشتا ۋاششەھىرى كونا شەھىرىنىڭ نامى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.$ F$ C8 ^, F9 ]- {- |: y. P( w
مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان 5- قېتىملىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، چاقىلىق ناھىيەسىدە تىزىمغا ئېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى 183، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر ۋە خارابە – ئىزلار 95 ئورۇندا، قەبرىستانلىق 78 ئورۇندا، يېقىنقى دەۋردىكى مۇھىم ئىز ياكى ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى قۇرۇلۇش ئورنىدىن 10نى بار. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى داۋاملىق بايقىلىۋاتىدۇ. چاقىلىق ناھىيەسىگە جايلاشقان قۇمدەريا قەبرىستانلىقى ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياق ئېقىنىدىكى قەبرەغول قەبرىستانلىقىنى مىسالغا ئالساق، بۇ قەبرىستانلىقلاردىن بۇندىن 4000 يىللار بۇرۇنقى دەۋرلەردىن بۇندىن 3500 يىللار بۇرۇنقى دەۋرلەرگىچە بولغان ۋاقىتلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ قۇرۇق جەسەتلىرى بايقالدى، مانا مۇشۇ قەبرىستانلىقلاردىن قېزىۋېلىنغان بەزى قەدىمكى جەسەتلەر ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن، بېجىرىم ساقلانغان قۇرۇق جەسەتلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا مىلادىيەنىڭ ئالدى - كەينىگە تەۋە كىروران، مۇران، ۋاششەھىرىگە ئوخشاش قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىمۇ بار. دۇنياۋى داغدۇغا قوزغىغان سىرلىق قەدىمكى شەھەر كىرورانمۇ چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا يىپەك يولىنىڭ ئىچكىرىدىن رايونىمىزغا تۇتاشقان بۆلىكىدىكى 1- بېكەت ئىدى. ئىچكىرىدىن چىققان ھەر قانداق كارۋان كىروران شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئارام ئېلىپ، سەپەر تەييارلىقلىرىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يىپەك يولىنى بويلاپ سەپەرلىرىنى داۋام قىلاتتى. چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىكى كىروران، مۇران، چاقىلىق بازىرى، كونا ۋاششەھىرى، كاتاك قاتارلىق كونا شەھەرلەر يىپەك يولىنىڭ ئالاقىسىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.
# y: B0 b, E* L! hچاقىلىق تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيىتى مول بولۇپ كىروران شەھەر خارابىسى، مۇران شەھەر خارابىسى ... قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدىن تۆتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدىن ئالتىسى بار. ئومۇمەن چاقىلىق ناھىيەسىدىن تېپىلغان ناھايىتى كۆپ مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى يۇرتىمىزنىڭ قەدىمكى تارىخىدىن، مەدەنىيىتىدىن، ئاھالىلىرىدىن، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئۇچۇر بەرگۈچى مۇھىم مەنبەلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ناھىيەمىز تەۋەسىدىن قارۇشتى، خەنزۇ، تۈرك رونىك، بىراھمان سوغداق، تۈبۈت، چاغاتاي يېزىقلىرىدا يېزىلغان نۇرغۇن يازما يادىكارلىقلار تېپىلغان. قاغان بالىق، مۇران ۋە LE قاتارلىق شەھەر خارابىلىرىدىن بىر تۈركۈم تام رەسىملىرى بايقالغان. ناھىيەمىز تەۋەسىدىن يەنە قامان (شامان)، بۇددا، ئىسلام دىنىغا ئائىت ئىزنالار بايقىلىپ مۇشۇ يەردىكى ئاھالىلەر دىنغا ئېتىقاد قىلىش تارىخىدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇرماقتا. چاقىلىق ناھىيەسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى يۇرتىمىزنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئىزنالار بولۇپ قالماستىن، يەنە ئاپتونوم رايونىمىز ۋە يىپەك يولىنىڭ تارىخى، بۇ يەرلەردە ياشىغان ئىنسانلار، ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى بىلىشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى ئاسراش، قوغداش ھەر بىر كىشىنىڭ ئىنسانىي بۇرچى ۋە مەجبۇرىيىتىدۇر.
1 T( x: Y; q& @- ?% ]( Y; k& S6 Sقاتناش يىپەك يولى شەرق ۋە غەربنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد ئالاقىسىنى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن. قەدىمكى ئىران، ھىندىستان ۋە جۇڭگو كۈلتۈرى مانا مۇشۇ يىپەك يولىدا، شۇنداقلا يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولغان تارىم ۋادىسىدا ئۇچرىشىپ، سىڭىشىپ، بۇ جاينىڭ يەرلىك كۈلتۈرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. قەدىم زامانلاردا كارۋانلارنىڭ ئالتۇن كولدۇرمىلىرى يىپەك يولىدا جاراڭلاپ ئىنسانلارنى ئويغاتقان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقە ھەم ئۆز - ئارا چۈشىنىشنى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ناكازاۋا كازاتوشى «يىپەك يولى ياۋرو – ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئارتېرىيە قان تومۇرى، شۇنداقلا دۇنيا تارىخى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئوقى... يىپەك يولى دۇنيادىكى ئاساسىي كۈلتۈرلەرنىڭ ئانىسى، شەرق – غەرب كۈلتۈرىنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك» دېگىنىدەك ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مانا مۇشۇ يىپەك يولىدا مۇھىم تۈگۈن بولغان، يىپەك يولىنىڭ راۋانلىقى ئۈچۈن ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشقان كىشىلەر ياشىغان قەدىمىي بىر يۇرت بار، ئۇ بولسىمۇ يۇرتىمىز چاقىلىق ناھىيەسىدۇر.تارىخىي دەۋرلەردە يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان چاقىلىق ناھىيەسى مانا ئەمدىلىكتە يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان يىپەك يولىنىڭمۇ مۇھىم تۈگۈنىگە ئايلاندى. دۆلەت 315-، 218- تاشيوللىرى مانا مۇشۇ چاقىلىق ناھىيە بازىرىدا تۇتىشىدۇ. دۆلەت 218- تاشيولى بىلەن كەلگەن قاتناش ۋاسىتىلىرى چاقىلىق ناھىيە بازىرىدا دۆلەت 315- تاشيولىغا تۇتاشقاندىن كېيىن شەرققە يۈرۈپ، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى يىتىمبۇلاق بازىرى ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تۇتىشىدۇ. غەربكە قاراپ يۈرۈپ چەرچەن، خوتەن، قەشقەرلەرگە تۇتىشىدۇ. قۇمۇلدىن باشلانغان ئۆلكە 235- تاشيولىمۇ ناھىيەمىزنىڭ لوپكۆلى بازىرىدىن ئۆتۈپ، دۆلەت 315- تاشيولىغا تۇتىشىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن كورلا شەھىرىدىن چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى گولمودقا تۇتاشتۇرىدىلىغان تۆمۈر يولدا ئىش باشلاندى. چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ 2015- يىلى 11- ئايدا قۇرۇلۇشقا باشلىدى. كورلا – چاقىلىق – گولمود تېز سۈرئەتلىك تاش يولى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش،  پىلانلاش ئېلىپ بېرىلماقتا. قۇمۇلدىن لوپ كۆلى بازىرىغىچە بولغان تۆمۈر يول 2014- يىلى پۈتۈپ كالىيلىق تۇز مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا خام ئەشيالارنى توشۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
% L: r+ T# J0 K) Xچاقىلىق ناھىيەسى قەدىمدە يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقتىن يىپەك يولىدىكى كارۋانلارنىڭ قاتناش، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، تىلماچ ۋە باشقا ئېھتىياجلىرىنى قامداپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. «خەننامە»دە ناھىيەمىزگە تۇتاشقان كارۋان يوللىرى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن: «قاشقۇۋۇق (يۈمىنگۇەن) ۋە كۈنقوۋۇق (ياڭگۇەن)لاردىن چىقىپ غەربىي يۇرتقا بارىدىغان ئىككى يول بار، چەرچەن (鄯善) دىن چىقىپ قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالى بىلەن تارىم، ياركەنت دەريالىرىنى ياقىلاپ غەرب تەرەپكە مېڭىپ ياركەنتكە بارىدىغان يول جەنۇبىي يول دەپ ئاتىلىدۇ». مانا بۇ باياندىن قارايدىغان بولساق، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن رايونىمىزغا تۇتاشقان يىپەك يولى كىروران شەھىرىدىن چىقىپ LK شەھىرى ئارقىلىق مۇران كونا شەھىرىگە تۇتىشىپ، ئۇندىن كېيىن تارىم دەرياسىنى ياقىلاپ (توغرىسى تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئارىلىقى بىلەن) يۈرۈپ كاشغەر ۋە ياركەنتكە تۇتاشقان. 400- يىلى چاقىلىق رايونىدىن ئۆتكەن راھىب فاشيەن مانا مۇشۇ لىنىيەدىن مېڭىپ ئاگنى (قاراشەھەر)گە بارغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. بۇ ئەڭ قەدىمىي ھەم ناھايىتى ئۇزۇن داۋام قىلغان لىنىيە دېيىشكە بولىدۇ. «فاشيەن تەزكىرىسى»دە يېزىلىشىچە، فاشيەن قاتارلىق بەش كىشى دۇنخۇاڭدىن چىقىپ 17 كۈندە 1500 يول مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ چەرچەن ئېلىگە بارغان ۋە بىر ئاي تۇرغان، بۇ يەردىن غەربىي شىمالغا 15 كۈن يۈرۈپ ئاگنىغا بارغان. كېيىنكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كىروراندىن LK شەھىرى ئارقىلىق مۇران كونا شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن، داۋاملىق غەربكە يۈرۈپ چاقىلىق ناھىيە بازىرى، ۋاششەھىرى كونا شەھىرى، چالمادانا (ھازىرقى چەرچەن) ئارقىلىق نىنا (نىيا)، كېرىيە، ئۇدۇن (خوتەن)لەرگە تۇتاشقان لىنىيە 7- ئەسىردىن بۇرۇن ئىنتايىن ئاۋات بولغان، كىروران شەھىرى ۋەيران بولغاندىن كېيىن، 7- ئەسىردىن باشلاپ كارۋانلار لوپ كۆلى بويىغا بارماستىن كۈنقوۋۇقتىن مۇران كونا شەھىرىگە كېلىدىغان بولغان، بۇ لىنىيە بەلكىم ھازىرقى دۆلەت 315- تاشيولىنىڭ (يېڭى) لىنىيەسى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇشى مۇمكىن (بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا باشقورغاندا ئىككى تارماققا بۆلۈنۈپ ئىككى يۆنۈلۈشتە يۈرگەن). مۇشۇ لىنىيەدە يۈرگەن داڭلىق كىشىلەردىن شۇەنزاڭ (7- ئەسىر)، گاۋ جۈخۇي (10- ئەسىر)، ماركوپولو (13- ئەسىر) قاتارلىقلارنى مىسال قىلىش مۇمكىن. شۇەنزاڭنىڭ ئېيتىپ بېرىشى بىلەن خاتىرىلەنگەن «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي دىيارغا ساياھەت خاتىرىسى»دە يېزىلىشىچە، قۇستانا (خوتەن)، بېمبالىق، نىران (نىيا)دىن ئۆتۈپ چالماداناغا كەلگەن ۋە بۇ يەردىن شەرققە مىڭ يول يۈرۈپ ۋەيران بولغان نوپ (لوپ) ئېلىگە كەلگەن. 11- ئەسىردە ياشىغان مەھمۇد كاشغەرىي چەرچەن توغرىلىق «چۇرچان. چىن يولىدىكى مۇسۇلمانلار چېگراسىنىڭ بىرى»، دەپ يازغىنىغا قارىغاندا، شۇ زاماندا بۇ تارماق لىنىيە داۋاملىق مۇھىم كارۋان يولى بولغان. «ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى»دە يېزىلىشىچە، ماركوپولولار چەرچەندىن چىقىپ بەش كۈن يول يۈرۈپ گۈللىنىپ تۇرغان لوپ شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. تۈرلۈك خاتىرىلەردىن كۆرە، بۈگۈنكى كۈندە تەتقىقاتچىلىرىمىز تەتقىقاتلىرىدا ئەينى تارىخىي دەۋرلەردىكى يازمىلار ۋە تۇر (تىم)لارنىڭ ئىزلىرى ئارقىلىق كارۋان يوللىرىنى تېپىپ چىققان. «شىنجاڭ يىلنامىسى»نىڭ 1992– يىللىق تومىنىڭ تېتولغا يىپەك يولىنىڭ خەرىتىسى بېرىلگەن، ئۇنىڭدىن قارىغاندا كىروران رايونىدا مۇنداق بىر قانچە لىنىيە بولغان:0 ~9 p' u1 c, u0 M4 q" M7 t
بىر تارماق يول دۇنخۇاڭدىن چىقىپ لوپ كۆلى بويىدىنLK  خارابىسى ئارقىلىق مۇران بوستانلىقى بىلەن چاقىلىق بازىرىغا تۇتاشقان. يەنە بىر تارماق لوپ كۆلى بويىدىن كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ مېڭىپ لوپنۇر ناھىيەسى تەۋەسى بىلەن بۈگۈر، كۇچارلارغا تۇتاشقان. بىر تارماق كۆنچى دەرياسى ۋە قۇرۇقتاغ قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ توقسۇن- تۇرپانلارغا تۇتاشقان.
! _3 ]8 N, f4 |# {$ Y% |* h( y. d  «شىنجاڭنىڭ قەدىمكى يوللىرى ۋە قاتناش تارىخى» ناملىق كىتابتا، تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسىدا مىلادىيەنىڭ باشلىرىدىكى جەنۇبىي يول ۋە شىمالىي يولنىڭ لىنىيەسىنى ھازىرقى يەر ناملىرى بىلەن مۇنداق كۆرسەتكەن: (جەنۇبىي يول) كۈنقوۋۇقتىن چىقىپ كىروران ئارقىلىق غەربكە يۈرۈپ، چالمادانا، نىيا ــ ئۇزۇنتات ــ ئۇدۇن (خوتەن) ــ (غەربىي شىمالغا بۇرۇلۇپ) ـــ ساكارائول (ياركەنت)، غەربتە پامىردىن ھالقىپ چوڭ توقرى ۋە ئارساكقا بارغان. شىمالىي يول: قاشقوۋۇقتىن كىرورانغا كېلىپ، ئۇ يەرنىڭ شىمالىي ئارقىلىق تۇرپانغا بېرىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى بىلەن كۇچار ــ باي ــ ئونسۇ ـــ كاشغەرگە بارغان، بۇ جايدىن غەربكە يۈرۈپ پامىر ئېگىزلىكىدىن ئۆتۈپ پەرغانە ئارقىلىق سوغداقىيەگە يېتىپ بارغان. مۇشۇ ئەسەردە يەنە كىروراندىن كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ كورلا رايونىغا بېرىپ يۇقىرىقى تارماق يولغا تۇتاشقانلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن.9 t) j  J9 m+ @! b0 j
ئارخېئولوگ، دوكتور ۋارلوك بېرگماننىڭ «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسى» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن خەرىتىدە، دۇنخۇاڭدىن چاقىلىق ناھىيەسىدىكى ئاياغقۇم كۆلىگە تۇتىشىپ، ئۇنىڭدىن چاقىلىق بازىرىغا تۇتىشىدىغان بىر يول بار. بېرگماننىڭ سىزغان خەرىتىسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىچە، ئاياغقۇم كۆلى ئەتراپىدا شەھىرى سابىز دەيدىغان بىر شەھەر بولغان. ئەمەلىيەتتە ئاياغقۇم كۆلىدىن چاقىلىق بازىرىغا تۇتاشقان يول ھازىرقى ۋاقىتلاردا چارۋىچىلار ماللىرىنى چاقىلىقتىن تاغدىكى يايلاققا ئېلىپ چىقىش ياكى ئېلىپ چۈشۈشتە ماڭغان لىنىيە بولۇپ 1955- يىللىرىدىن 2005- يىللىرىغىچە ئىشلىتىلگەن دۆلەت 315- تاشيولىنىڭ (كونا) لىنىيەسى بىلەن بىر بولۇشى مۇمكىن. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، 7- ئەسىرنىڭ ئاخىرى تارىم ۋادىسىغا بېسىپ كىرگەن تۈبۈتلەر ئالدى بىلەن ئاياغقۇم كۆلى رايونىنى ئىگىلەپ، ئۇندىن كېيىن چاقىلىق رايونىغا كىرىپ مۇران كونا شەھىرىنى مۇھىم سىياسىي، لەشكىرىي ئىشلار مەركىزى قىلغان، مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا، 7- ~ 8- ئەسىرلەردە بۇ تارماق لىنىيە مۇھىم قاتناش يولىغا ئايلانغان بولۇشى مۇمكىن.
* Z" Y* K( O+ ?" b/ O/ ^  xيىپەك يولىنىڭ جەنۇب ۋە شىمال لىنىيەلىرى 14- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 15- ئەسىرلەرنىڭ باشلىرىغىچە ناھايىتى مۇھىم قاتناش لىنىيەسى بولۇپ راۋاج تاپقان، لېكىن دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى، ئوتتۇرا ئاسىيادا تەپرىقىچىلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشى سەۋەبلىك تەدرىجىي قۇرۇقلۇق يىپەك يولى خارابلاشقان، ئۇنىڭ ئورنىنى دېڭىز قاتنىشى ئىگىلىگەن. شۇ سەۋەبلىك يىپەك يولىنىڭ كىروران رايونىدىكى تارماق لىنىيەسىنىڭ چۆلدەرىشى ۋە مۇشۇ لىنىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى ئاخىرقى ھېسابتا مۇشۇ يول بىلەن بولۇۋاتقان مەدەنىيەت، سودا ئالاقىلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ياكى ئىنتايىن ئازلىشىغا سەۋەب بولغان. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ لىنىيەدە قاتناش بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئازراق كۆپىيىپ ئىجتىمائىي ئالاقىنى كۈچەيتىشتە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.
' d# T# j" s, V# z/ F2 l& F5 [, Xكان بايلىقلىرى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ كان بايلىقى ناھايىتى مول بولۇپ ھازىرغىچە 51 خىل كان زاپىسىنىڭ ناھايىتى مول ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى، بۇلاردىن كالىيلىق تۇز، ئالتۇن، قاشتېشى، تاشپاختا، گىرانىت تاش، نىكېل، مىس، ۋولفرام، قەلەي، تۆمۈر، قوغۇشۇن، سىنك، نېفىت، تەبىئىي گاز... قاتارلىق بىر قىسىم كان بايلىقلىرى قېزىلىپ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇلۇش بىلەن بىرگە سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا. ھازىر چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدە 50 نەچچە قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى 856 تۈر بويىچە 20 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى دائىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. 3 g8 b$ f) n' L1 S* g/ b& T( i, L/ A$ L
ئاساسلىق كان بايلىقلىرى زاپىسىدىن لوپ كۆلى كالىيلىق تۇزلۇقى، يىتىمبۇلاق تاشپاختا كېنى، شىمالىي تاغ نىكېل كېنى، كۆكەقالدى ۋولفرام ـ قەلەي كېنى، جىلغابۇلاق تۆمۈر كېنى قاتارلىقلار بىر قەدەر چوڭ كانلار ھېسابلىنىدۇ. چاقىلىق ناھىيەسىدە كان بايلىقلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە بەش چوڭ كان بەلبېغى بايقالدى، بۇلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىنىڭ شەرىقى قىسمى ~ شىمالىي تاغ كان بەلبېغى (كالىيلىق تۇز، كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مىس، نىكېل قاتارلىق بار)، ئالتۇنتاغ يۇلغۇنلۇقتىن ياپچانبۇلاققىچە بولغان كان بەلبېغى (ئالتۇن، قەلەي، سىنك، مىس، تۆمۈر، قاشتېشى)، سۈزۈكبۇلاق ~ ماڭلاي كان بەلبېغى (تاشپاختا، كۆمۈر، مىس، نىكېل، ئالتۇن، ۋولفرام، سىنك)، چىمەنتاغ كان بەلبېغى (ئالتۇن، مىس، ۋولفرام، سىنك، تۆمۈر، قەلەي)، قۇمكۆل كان بەلبېغى (ئالتۇن، مىس) قاتارلىقلار بار. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، كالىيلىق تۇز زاپىسى 299 مىليون توننىدىن، تۆمۈر زاپىسى ئىككى مىليون توننىدىن، ۋولفرام، سىنك زاپىسى (كۈكەقالدى رايونىدىلا 131672 توننا ۋولفرام، 71863 توننا سىنىك، 41546 توننا مىس، 262 توننا كۈمۈش، 780 توننا گاللىي)، مىس زاپىسى ئۈچ مىليون توننا، نىكېل زاپىسى 2 مىليون 457 مىڭ 300 توننا، قەلەي - سىنك زاپىسى 3 مىليون توننا، ئالتۇن 100 توننا، كۈمۈش 567 توننا، مانگان 35 مىڭ توننا، تاشپاختا 23 مىليون 987 مىڭ 400 توننا، فتورت تۆت مىليون تونناغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.% [# b0 c# l) x- r7 W9 X+ _
چاقىلىق ناھىيەسى چىلانچىلىق بىلەن دېھقانلارنى بېيىتىش، كانچىلىق ئارقىلىق ناھىيە ئىقتىسادىنى كۈچەيىتىش، ئېكولوگىيەدە كۈچلۈك ناھىيە قۇرۇش، مەدەنىيىتى گۈللەنگەن ناھىيە قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرمەكتە.5 Z' s6 D  v$ V! M6 V' a6 M
چاقىلىق ناھىيەسى چىلانچىلىق ۋە ئەسلىھە ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغانلىقتىن، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئومۇمىي كىرىم 26500 يۈەنگە يېتىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمى ئۇدا ئالتە يىل غەربىي شىمالدىكى 12 ئۆلكە – ئاپتونوم رايون ئىچىدە 1- ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 25587 يۈەنگە يېتىپ شەھەر ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى تەڭلىشىپ پەرق تۈگىتىلدى. دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كاپالىتى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالاشقا قاتنىشىش نىسبىتى %99كە، يېزا – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى. بىمارلار دوختۇرخانىغا كېلىپ بالنىستتا ياتسا ئەۋۋەل داۋالىنىش، كېيىن ھېسابلىشىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى. يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، مائارىپ كۈچلىنىپ، ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن سېلىنىدىغان سېلىنمىنى يىلسېرى ئاشۇرماقتا. مانا ھازىر يېزا - بازارلارنىڭ شەھەرلەر بىلەن بولغان پەرقىنى يوقىتىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىنىپ تەبىئىي گاز، يول چىراقلىرى، ئەۋرەز يولى مەھەللىلەرگە تۇتاشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، مەھەللىلەرنىڭ يوللىرى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ تاملىرىدىن تارتىپ زىننەتلەندى ھەمدە گۈزەل يېزا – كەنت، بەختلىك يېزا – كەنت قۇرۇلۇشلىرى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا. ماددىي تۇرمۇشنىڭ يۈكسىلىشىگە ماس ھالدا مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.0 Q. |+ R9 m! ?/ K  t8 p
چاقىلىق ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرى كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىلمىي بولغان ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ باياشات، ئىناق جەمئىيىتى بولغان چاقىلىق قۇرۇش، كەلگۈسىدە يېڭى بىر كىروران شەھىرىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.9 |+ J' v" i- m4 G& Z
; h- \. z8 J1 g4 h8 J

7 i; j- M; r2 U9 |5 r% ^
) H( F1 c; R2 q7 e8 P. D: `' u7 k. P2 K1 M; y: ~7 K

! H% H& D' j- L( `/ ]+ Y, k  J4 Q: a5 p0 b

3 J! D0 y! c8 _  T

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  :  2536190268  .   يانفۇن  : 15699088894
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

13

تېما

841

يازما

854

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108441
يازما سانى:
841
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2154
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
514 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-14
ئاخىرقى:
2016-3-19
ۋاقتى: 2016-3-10 00:37:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ،  مۇكاپات سوممىسى ئاز ئەمەسكەن!
% Y7 N* h! p/ x. ?5 m8 iچاقىلىققا بارماپتىمەنكەن....بىر بارماي يازغىلى بولماس.+ n$ t9 w: s+ |  o# E
  لوپنۇرچە يىزىپ قۇيىدىغان ئىش چىقمىسۇن يەنە
8 K  e5 N) B6 Eمەدىنيەت تالىشايلى ...ھۇررا!

ئاھ...ماڭقۇرۇتلۇقتىكى ھايات!

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

83

تېما

978

يازما

1065

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 25888
يازما سانى:
978
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
12715
تۆھپە :
1598
باھا :
1068
توردا:
3528 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-1-11
ئاخىرقى:
2016-3-25
ۋاقتى: 2016-3-10 01:14:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چاقىلىقتىن ،5يىل ئاۋۋال يازغان بىر شېئىر باتى شۇنى ئەۋەتەي

0

تېما

403

يازما

403

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 102178
يازما سانى:
403
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1424
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
445 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-1-12
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-10 09:46:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك  ئالما  ئۇسۇلىنىڭ  ناخشىسىنىڭ   چاقىلىق   نۇسخىسىنى  يىزىڭلا   ئاسانراق   چۇشەمىكى   قاغىلىقنىڭ  ئىككى   خىل  نۇسخىسى  بار   يەنە  يەكەن  پۇسكام دىگەن  يەرلەرنىڭمۇ  بار

180

تېما

5465

يازما

5645

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 73321
يازما سانى:
5465
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
20136
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
7578 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-16
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-10 13:02:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!
! r8 `7 K5 p% m; N/ h) \/ S& e0 r7 ~1 U  o
مۇكاپاتتىن تەمايىم يوق.بۇرۇن يېزىپ قويغان بۇ تېكستلەردىن بىرەر پائاليەتتە ئىشلىتىشكە لايىق كەلگىدەكلىرى بولسا ئىشلىتەرسىلەر.0 p. U  R' A/ Z$ P
9 |# w& m0 m  Y0 A" j1 `+ r( {8 M

; I1 b0 Z1 Z! P( l! {. ^5 N5 E8 }$ M+ V+ m1 w

0

تېما

73

يازما

73

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 139835
يازما سانى:
73
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
118
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
22 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-3-8
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-10 14:54:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يازسام بولامدۇ ؟

0

تېما

73

يازما

73

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 139835
يازما سانى:
73
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
118
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
22 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-3-8
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-13 13:59:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2016-3-10 01:02 PM0 Y3 T3 m- `& Q, b% j8 Q
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!7 s* u! ^' m% }: N6 }9 V

9 \. h4 N. V9 Z( C5 S  @" Iمۇكاپاتتىن تەمايىم يوق.بۇرۇن يېزى ...
' O4 ~  Q1 M3 A
يەنىلا قاسىمجاننىڭ شېئىرلىرى ئىسىلكەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 04:38 PM, Processed in 0.164069 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش