مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2483|ئىنكاس: 3

پىسخولوگىيەنىڭ ھىكايىسى (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

2

يازما

3

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 120166
يازما سانى:
2
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
30
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
5 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-5-29
ئاخىرقى:
2016-3-22
شەرەپ گىرىتسىيەگە مەنسۇپ
پەيلاسوپ بورتلاند.روسسۇ  :دۇنيادىكى بارلىق تارىخلار ئىچىدە ،ھېچقاندىقى گىرىتسىيە مەدەنىيىتىنىڭ باش كۆتۈرۈش تارىخىدەك ئادەمنى ھەيران قالدۇرالمايدۇ ۋە ئۇنىڭدەك چۈشىنىش قىيىن ئەمەس دېگەن.
گىرىكلارمەدەنىيىتىنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسلىقى مىسىر ،مىسوپوتامىيە ۋە قوشنا مەملىكەتلەردىن سىڭىپ كىرگەن بولۇپ ،بۇ ئەھۋال مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىرگىچە داۋاملاشقان .لىكىن 6-ئەسىردىن4-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇلار زور بىر تۈركۈم ئۆزىگە خاس يېڭى مەدەنىيەت خۇرۇچلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغان .بۇلاردىن تاشقىرى ئۇلار يەنە مۇرەككەپ بولغان ئىنسانشۇناسلىق ،سەنئەت ۋە ئارختىكتۇرا شەكلىنى ئىجاد قىلىپ، تۇنجى تارىخى خاتىرىنى تۈزگەن .ماتىماتىكا ۋە ئىلىم-پەننى ئىجاد قىلغان .مەكتەپ ۋە تەنتەربىيەمەيدانى قۇرغان.شۇنداقلا يەنە دىمۇكىراتىيەنى بەرپا قىلغان ئىدى .غەربمەدەنىيىتىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ مەدەنىيەتتىن كەلگەن .بولۇپمۇ ئۆتكەن 25 ئەسىردىنبۇيان شەكىللەنگەن پەلسەپە ۋە ئىلىم –پەن، داڭلىق گىرىك پەيلاسوپلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش يولىدىكى ئىزدىنشلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ۋە كىيىنكىلەرگەتارقالغان .بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى پىسخولوگىيەنىڭ ھىكايىسى –ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن،ئەجداتتىن ئەۋلادقا داۋاملاشقان تىرىشچانلىقنىڭ ھىكايىسى بولۇپ، بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ بىردىنبىر مەقسىدى ئەجدادلار ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانلارنىڭ ئىدىيىسى ئۈستىدىكى مەسىللەرگە جاۋاب تېپىش ئىدى.
يۇنانپەيلاسوپلىرى بىردىنلا پىسخولوگىيە ئىلمىدىن پايدىلىنىشقا ،ھېچ بولمىغانداپىسخولوگىيەدىكى بەزى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئىنسانلار روھىيىتىنى يىغىنچاقلاشقا باشلىدى .بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلە .ئوتتۇرا دېڭىزئەتراپىدىكى 150 دىن ئارتۇق شەھەردە سانسىزلىغان بۇتخانا ۋە ھەيكەل ،شۇنداقلا قايناپ تۇرغان بازار بار .بىراق ئۇلارنىڭ ياشاش شەكلى ئومۇمەن ئىپتىدائىھالەتتە بولۇپ ،ئۇلارنىڭ بۇنداق مۇھىتتا پىسخولوگىيەدىن ئىبارەت بۇنداق نازۇك ئىلىمنى ئويلاپ يىتەلىشى ،بۇ ئىلىمدىن پايدىلىنىپ مەسىللەرنى ھەل قىلالالىشىئىنتايىن قىيىن ئىدى .
ئەينى دەۋىردە پەقەتئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭلا ساۋادى بار بولۇپ،خەت يازماقچى بولسا ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ياغاچ تاختىلارغا ياكى سۆڭەكلەرگە ئويۇپ يېزىشقامەجبۇر ئىدى . مەڭگۈلۈك خاتىرە قىلىپ ساقلىماقچى بولغان ئەسەرلەرنى بولسا 20-30 ئىنگىلىز چىسى ئۇزۇنلۇقتىكىقوي تىرىسىدىن ئىشلەنگەن قەغەزگە يازاتتى .لىكىن ئۇ دەۋىرلەردە قوي تىرىسىدىن ئىشلەنگەن بۇنداق ئورام كىتاپلار ئىنتايىنقىممەت،شۇنداقلا ئىشلىتىشمۇ بەك ئاۋارىچىلىك ئىدى.
يۇنانلىقلارداۋاقىت ئۇقۇمى يوق، شۇنداقلا سائەتمۇ يوق بولۇپ پەقەت ئىنتايىن ئىپتىدائى ھالەتتىكى ۋاقىت تۇيغۇسى بار ئىدى .كۈننىڭ چىقىشى ۋە پېتىشى ئۇلارنى ناھايىتىمۇ تومتاق بولغانۋاقىت تۇيغۇسى بىلەن تەمىنلەيتتى .سوتنىڭ مۇنازىرە ۋاقتىنى بەلگىلەيدىغان بىرئۈسكۈنە بولۇپ ،بۇ بىر ئاستى تەرىپىدە كىچىك تۆشۈك ئېچىلغان چوڭ قاچا ئىدى.ھەرئالتە مىنۇتتا بىر قېتىم ئىچىدىكى سۇ ئىقىپ تۈگەيتتى .
ئۇلار ناھايىتى ئاجىز يانىدىغان ۋە ئوڭاي ئۆچۈپ قالىدىغان جىنچىراغ ئىشلىتەتتى .پەقەت ئاز ساندىكى بايلارنىڭ ئۆيىدە ئىسسىق سۇ تەييار تۇرىدىغان مۇنچا بولۇپ ،كۆپقىسىم ئائىلىلەردە يۇيۇنىدىغان سۇ كەمچىل ئىدى .شۇڭا ئۇلار ئاۋۋال بەدىنىگە ماي سۈرتۈپ ئاندىن ئورغاق ئاي شەكىللىك ياغاچ قىرغۇچ بىلەن بەدىنىنى قىرىش ئارقىلىقبەدىنىنى پاكىزلايتتى. (بەخىتكە يارىشا گىرىتسىيەدە بىر يىل ئىچىدىكى ئاپتاپلىق كۈن 300 كۈندىن ئاشىدۇ ،شۇنداقلا ئافىنالىقلار ئادەتتە كۆپىنچە سىرىتتا ھەرىكەت قىلىدۇ.). شەھەرلەردە ئاز ساندىكى كوچىلارغىلا تاش ياتقۇزۇلغان بولۇپ ،كۆپىنچىسى پۇر-پۇر توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان يول ئىدى .يامغۇرلۇق كۈنلەردە بۇ كوچىلارپاتقاقلىشىپ ماڭغۇسىز بولۇپ كېتەتتى .شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئاساسلىقىيۈگۈرۈپ يۈرىدىغان پوچتىكەشلەر ،ياكى تۇر ئارقىلىق يەتكۈزۈلەتتى .
گۈللەنگەنئافىنا شەھىرى يۇنان مەدەنىيىتىنىڭمەركىزى بولسىمۇ ،لىكىن ئۇلار ئۆز-ئۆزىنى بېقىشقا ئامالسىز قالغان .چۈنكى شەھەرئەتراپىدا تۈزلەڭلىك يوق بولۇپ ،گىياھ ئۈنمەيدىغان ئوڭغۇل –دوڭغۇل كىچىك تاش تاغ ۋە ئويمانلىق ئىدى.شۇڭا ئافىنالىقلارنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقى دېڭىزدىكى سودا يولى ئارقىلىق باشقا مەملىكەتلەردىن توشۇپ كىلىنگەن.ئۇلارنىڭ كىمىلىرىنىڭ يەلكىنى بولغان بىلەن پەقەت شامالنىڭ يۆنىلىشى بويىچەماڭالايدىغان بولغاچقا ،تەتۈر يۆنىلىشلىك شامالغا دۇچ كەلسە ياكى شامال يوق ھاۋارايى بولۇپ قالسا توشۇشقا ئامالسىز قالاتتى .شۇنىڭ بىلەن سودىگەرلەر بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قۇللارنى ياللاپ پالاق بىلەن كىمىنى ماڭدۇرغان .لىكىن سۈرئەت تولىمۇ ئاستا ،يەنى سائىتىگە ئاران سەككىز ئىنگىلىز مىلى ئىلگىرلىيەلەيتتى .
ئافىناقوشۇنلىرىنى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا يىراق ئۇرۇش مەيدانلىرىغا يەتكۈزۈشكە توغراكەلگەنلىكتىن ،ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئۇرۇش قۇراللىرىمۇ پەقەت ئەجدادلىرىدىن قالغان نەيزە ،قىلىچ ۋە ئوقيا بىلەن چەكلەنگەن .
  S0 d, O! ~0 R3 H( |' l' K/ y; }
مەزكۇر ئەسەر پىسخولوگىيە ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەسەر-پىسخولوگىيەنىڭ ھېكايىسى ناملىق خەنزۇچە ئەسەرنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى بولۇپ ،تاجىگۇل پىسخىكا مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى تاجىگۇل تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىۋاتىدۇ * m$ S! M5 j/ Y2 T+ ]

% M& L; v' k0 `

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

9

تېما

973

يازما

982

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108270
يازما سانى:
973
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2652
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
378 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-6
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-10 10:37:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى بار ئوخشىمامدۇ؟

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

2

تېما

49

يازما

51

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108253
يازما سانى:
49
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
346
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
136 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-5
ئاخىرقى:
2016-3-22
ۋاقتى: 2016-3-10 14:38:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر،داۋامىغا تەشنامىز…

1

تېما

2

يازما

3

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 120166
يازما سانى:
2
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
30
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
5 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-5-29
ئاخىرقى:
2016-3-22
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-11 21:06:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ : 13579686534

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 04:14 PM, Processed in 0.112298 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش