تېما يوللۇغۇچىنىڭ ئىزاھاتى:تۆۋەندىكى ھۆججەت 2011-يىلى تارقىتىلغان بولۇپ،بۇ يىغىن بىزگە ئېنىق بولمىغان سەۋەپلەر تۆپەيلىدىن ھازىرغىچە ئېچىلماي كېچىكىپ كەتتى.تور دۇنياسىنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشى ۋە قىززىققۇچىلارنىڭ ساقلاپ قويۇشى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرگە يوللاندى.
شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پەن –تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ئىلمىي مۇھاكىمە سالونى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىش ئۇقتۇرۇشى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق فىزىكا ئىلمىي جەمئىيىتى قاتارلىق ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئالاقىدار ئىلمىي جەمئىيەت، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك ئونۋېرسىىتېتلار فىزىمات ئىنىستىتۇتلىرىغا:
«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى» بىر «يېڭى ئۈقۈم»بولۇپ، مۇتلەق ۋە جىم بولغان نيوتۇن ماكانى مەۋجۈت، ئوبېكتىپ زامان مەۋجۈت ئەمەس؛ زامان پەقەت تىزلىكنى تەسۋىرلەشتە زۆرۈر بولغان سوبىكتىپ قورال؛ ئالەم ماددا ۋە ماكاندىن ئىبارەت ئىككى مەنبەدىن تۈزۈلگەن؛ئالەمدىكى ئومۇمىي ماسسا-ئىنېرگىيە مۇتلەق تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە دېگەندەك ئىدىيىلەرنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
«بارچە گۈللەر تەكشى ئىچىلىش، ھەممە ئىقىم بەس-بەستە سايراش»فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش؛ يېڭىلىق يارىتىش ۋە بەس مۇنازىرىنى ئىلھاملاندۈرۈش پرىنسىپى بويىچە ئاپتونۇم رايۇنلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي جەمئىيەت،ئىلىم تەتقىقاتى خىزمىتى بۆلۈمى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا شىنجاڭ پەن –تېخنىكا سارىيىدا «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە سالۇنى ئۇيۇشتۇرماقچى ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇلىدۇ:
1. 20نەپەر ئۆپچۇرىسىدە ئالاقىدار كەسىپى ئالىم مۇتەخەسىسلەر يىغىنغا قاتنىشىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىدۇ.
2. يىغىنغا قاتىنىشىدىغان مۇتەخەسىسلەر «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»گە ئالاقىدار ئىلمىي مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆز قېلىش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قېلىش كېرەك، باشقا كونكرىتنى ئىشلار ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي جەمئىيەت،ئىلىم تەتقىقاتى خىزمىتى بۆلۈمى
2011-يىلى9-ئاينىڭ 14-كۈنى