مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2231|ئىنكاس: 1

چىلان چېچىكى-پوۋېسىت-6

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

126

يازما

141

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 445
يازما سانى:
126
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
11142
تۆھپە :
453
باھا :
356
توردا:
3309 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-23
ئاخىرقى:
2016-3-29
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   emetbeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-10 01:56 PM  
6 ~! x) I5 {( G% X
) p0 e4 z! z* B
ئەمەتبەگ ئۆمەر(بەرداش)6 g* b# W: C: }9 t. X0 a8 W
      باش ئەتىياز ، بارۋەسلىدىن ئايرىلىپ كوچىغا چىقىپ قالغان ھەسەن تاغىسنى پاناھ تارتىپ كەلدى ،  تاغىسى ئۇنىڭغا بىر ئېغىزلىق ئۆيىنى بەردى . ئۇدەسلەپتە مۈشۈكتىن قورققان چاشقان  كاتىكىدىن  چىقمىغاندەك ئۆيىدىن  چىقماي بىرەر ئاينى ئۆتكۈزدى ، ئۇ  بۇنداق بولۇۋەرسە ئۆزىنىڭ بارا-بارا ئاچقالىدىغانلىقنى ھېس قىلىپ قالدىمۇ قانداق سىرتقا چىقىپ ئىش ئىزدىدى . بىراق ھەدېگەندە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق ئىش چىقمايۋاتاتتى . ئۇنىڭ قېپقالغان  بىردىبىر مال - مۈلكى بولغان  ماشىنسنى  بولسا توپا بېسىپ تۇراتتى   .

) i" [! C2 z( v7 ]
      ھەسەننىڭ ئۆيماكانسىز قالغانلىقنى  ئۇققان ئايزىبا  چوڭ ئوغلىنى يېنىغا  ئەكېلىۋالدى . شۇنىڭدىن  كىيىن  ھەسەن بېشى قايغان ، پۇتى تايغان يەرلەردە يۈردى ، بۇرۇنقى  ۋاي ھەسەنجان دەپ چۆرگىلەپ يۈرىدىغان  ئاغىنىلىرى ئۇنى كۆرسە قاچىدىغان بولدى ،مەھەللىداشلىرى ، چوڭلار ئۇنى كۆرسە ئېچنغاندەك نەزەردە قارايتتى . ئۇ  بىر مەزگىل ئۆزىنى كىشىلەردىن قاچۇرۇپ يۈرۈپباقتى ،   ئىچەرمەنلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپمۇباقتى ، بىراق  ئەمدى ئۆزىگەئوخشىمايۋاتقانلىقنى ، ئۆزىنى ئۆزى  ئوڭشىمىسابارغانسېرى تۈگىشىپ كېتدىغانلىقنى  ھېسقىلدى  .

( r8 X1 g  M. |; C  X( {
ئەتىيازنىڭ  بورانلىق ، سوغۇق  كۈنلىرىدە يالغۇز قالغان  ھەسەن ئايزىبانى ،  ئىككى ئوغلىنى سېغىناتتى   ، چۈشلىرىگە كىرەتتى ، بىراق كۆرگىلى باراي دېسە يۈزى چىدىمايىتتى  . ئۇئۇيان –بۇيان  ئويلاپ  ھېچبىر ئىشنى قىلىشقا كۆڭۈل توختىتالماي يۈرگەن  كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى يەنە شۇجانجىگەر ئاغىنسى  مۇختار يوقلاپ كەلدى
7 x0 ]4 V+ Q, a) b/ u
-ھە نوچى، مەن ساڭا نېمە دېگەن، ئۇتتۇرمايدىغان ئۇدۇمىڭ بارتىغۇ سىنىڭ! قارا ھالىڭىغا، ھەممەنېمەڭدىن ئايرىلىپسەن! دەپ دوق قىلدى مۇختار .
; C) a& }- t! a6 s9 Q
-ھەممىنى قىلغانئاشۇ ئوبۇل دېگەن ساختىپەز ، -دەپ غوتۇلدىدى ھەسەن .
0 B3 G% N* @& {. y0 r' [
-مەن باشتىلا ساڭادېگەن، ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشما دەپ ،

. `8 f8 r/ E3 Q$ p+ G- h: J
-ئادەمنى خىجىل قىلمىغىنا، شۇ ئېزىپتىمەن، شەيتان ئازدۇرۇپتۇ -، دەپ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتىھەسەننىڭ .
" P+ F- \, y8 M1 P* C) o- x, a; a
-شەيتان ئازدۇرۇپتۇ ؟! ، شەيتاننى سەن ئازدۇرغانسەن تايىنلىق، ھەممىنى شەيتانغا ئارتىپ قويساڭلا قۇتۇلامدىكەنسەن؟ ھۇ يارىماس، مەن شۇ چاغدىلا سىنىڭ ئېزىپ بولغىنىڭىنى،مۇشۇ كۈنگە قېلشىڭىنى بىلەتتىم .

; M, C6 d% x1 m: r6 f
-ئەمىسە، شۇ چاغدامېنى نېمىشقا توسۇمىدىڭ ؟
# X, _" r' ~4 p9 C% P7 ^0 S4 `
-تۇسمىدۇمما؟توۋادە ھەسەن ، سەن پۇل-مالنىلا ئەمەس، ئەقىل-ھوشۇڭىنىمۇ ئۇتتۇرۋېتىپىسەن، ئوبدان ئويلا، مەن شۇ چاغدا سىنى توسىسام ماڭا نېمە دەپ ئاھانەت قىلدىڭ ؟
. q8 V' z8 l3 |2 \  |% z6 c7 u
-بۇ، بۇ ....

' ^- [2 K4 w( t
-نېمە بۇ، بۇ؟سىنىڭ ئوغۇلبالىدەك ھالىڭمۇ قالماپتۇ، تۈز ئولتۇرە ئەر كىشىدەك، ئىچىمنى سىقماي،ساڭا نېمە دېسەم بولار !...
! f8 L" B+ r+ |$ c& i( e7 H
ھەسەن ئاغىنىسىنىڭ ئالدىدا خىجىللىقتىن خۇددى يەرگە كىرىپ كېتىدىغاندەك تۈگىلىپ، مۈكچىيىپئولتۇراتتى  .

4 a  u8 j& q) P- F1 E8 y1 E/ m
-سەن پۈتۈنجاھاننى ئۇتتۇرۋەتمىگەنسەن؟ شۇ پۇل-بىسات، يەرغۇ شۇ، پۇت قولۇڭ ساقتۇ ؟ -دەپ كايىشىقا باشلىدى مۇختار، ماڭا قارا! بۇنچە چۈشكۈنلىشىپ كەتمە، ھاياتلا بولساڭ مال-دۇنيانى تاپقىلى بولىدۇ .
/ J+ e2 ?% g9 V0 ]# _7 @( |
-رەھمەت ئاداش شۇنچىلىك دېگىنىڭگە  دەپ قىمىرلاپ قويدىھەسەن بىراق يەنىلا بېشىنى يەردىن ئۈستۈن كۆتۈرەلمەيتتى .
  u7 p$ @1 L* m2 S
-ھە، دېگىنە،ئەمدى نېمە ئىش قىلاي دەيسەن ؟
- ^  `. s& [8 f+ _0 }3 v0 D" i
-شۇ، نېمە ئىشقىلسامكىن، ھازىر قولۇمدا پەقەت ماشىناملا قالدى، شۇ ئازراق قەرز ئېلىپ ...

# e+ z5 z* S$ L5 \& q5 k5 D! E
-قەرز ؟! -دەپھەسەننىڭ گېپىنى تارتىۋالدى جۇدۇنى تۇتقان مۇختار ،- يەنە نېمە قەرز ئالىسەن،ماشىناڭنى سات، ئەمدى ئۇنى باقالمايسەن، مەبلەغ ئاز كېتىدىغان، ئۆزۈڭ بىلىدىغانبىر ئىش قىل .

; S# R+ e4 U" q3 r- s8 r
ھەسەن يەرگەدوڭغايغىنىچە قوللىرىنى ھېلدىن ھېلىغا ئىشقلاپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭدىن بىر ساداچىقمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن مۇختار يەنە ئېغىز ئاچتى .
! b' V( u1 T; X2 @1 |5 Z
-ماڭا قارا، بۇ دۇنيادا كاللىسىنى ئىشلەتكەن ئادەمگە يول تولا، يول بىلگەنگە پۇل تولا، مىنىڭ كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويغان بىر نەچچەتۈرلۈك ئىشىم بار، ھەممىسى مۇشۇ چىلانغا مۇناسىۋەتلىك، چىدىساڭ ھەممىسىدىنلا پۇل تاپقىلى بولىدۇ .
5 @2 f# Y4 ~. X2 i) s. K
قانداق دەيسەندېگەندەك ئۈمىد بىلەن تىكىلدى ھەسەن مۇختارغا .
( M% {, Y7 y' g$ M
شۇلارنىڭ بىرسى ھەسەل ھەرىسى بېقىش، ئاۋۋال ماشىناڭنى سات، مەن ھەرە ئۇقۇشۇپ بېرەي، چىلان چېچەكلەشىتىن بۇرۇن ئەكىلىۋالايلى، ئاندىن ياخشى بېقىپ، باشقىلاردەك شېكەر، باشقابىر نەرسە ئارىلاشتۇرماي ساپ ھەسەل چىقارساڭ بازىرىڭ چىقىدۇ، تەشۋىقات مەندىن .
: U7 ^9 G" a0 H: U
-مەيلى، سىناپ باقايلى- دەپ ئىنجىقلىدى ھەسەن .
* O  c8 [2 H3 [$ i
-سناپ باقايلى،ئەمەس، شۇنى قىلىمىز، ئەتىلا ماشىناڭنى سات !

- m4 e. m) `3 a6 Z, A
شۇنداق قىلىپ ھەسەن ئەڭ ئاخىرقى بىساتى بولغان ماشىنىسىنى سېتىپ پۇلىغا يىگىرمە ساندۇق ھەسەل ھەرىسى سېتىۋالدى. ھەم ھەسەل ھەرىسى باقىدىغانلاردىن بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى،مۇختارمۇ كۆپ ياردەم قىلدى ،
  y5 w5 H8 o& N
4-ئاي كىرىشى بىلەن ھەسەن مۇختارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەرە ساندۇقلىرىنى جىگدىلىكلەردە باقتى،جىگدە چېچكى ئاخرىلىشىىغا ئەگىشىپ چىلان چېچىكى ئېچىلدى، بۇ ھەرىلەرنى چىلانلىققايۆتكەپ ئەكەلدى .

- U& {$ x4 B( x' o3 z2 ~2 u8 g' e& U0 Z
راست دېگەندەكچىلان ھەسىلىنىڭ بازىرى چىقتى، ئاڭلىغانچە كىشىلەر ھەسەل ھەرىسى باققان نەخمەيدانغىلا كېلىپ ھەسەل ئېلىپ كېتىشەتتى .
1 H& w( S, D2 m- Y: p, p+ h9 \
-چىلان چېچكى تۈگىسە ئەڭ ئاخىرىدا ھەرىلەرنى ياۋا چىگىلەر چېچەك ئاچقاندا جاڭگالغا يۆتكەپ ئاپىرايلى ، -دەيتتى مۇختار   ، ياۋا چىگە8-ئاينىڭ ئاخىرغىچە چېچەك ئاچىدۇ، بازىرمۇ بەك ياخشى، شۇنداق قىلساڭ ياز بويىھەسەل چىقارلايسەن، ھەرىلىرىڭ بىكار قالمايدۇ، چىگە ھەسىلىنىڭ بازىرىمۇ جىگدە،چىلان ھەسىلىدەكلا ئىنتايىن ئىتتىك .

; T6 M' j% K# {4 j5 G+ P% Z
- ئايزىبانى سېغىندىڭمۇ؟- دەپ  سورىدى  مۇختار ھەييارلىق بىلەن ھەسەنگە بىر كۆزىنىقسىپ .

3 t2 W7 [5 x1 ~3 T2 \8 R7 d
-سېغىنمامدىغان ،شۇنىمۇ گېپىم بار دەپ سورامسەن .
' d! b" V; d6 V4 k
-ئەمسە بېرىپكۆرۈپ كەلمەمسەن كەچكىچە بېشىڭىنى ئىچىڭگە تىقىپ يۈرمەي .

+ j. P" `7 q2 K2 J% f
-قايسى يۈزۈم بىلەن  بارىمەن ، ئويلاپ باقسام ئۇنىڭغاقىلىدىغان ئەسكىلىكنىڭ ھەممىنى قىپتىمەن ، ئەمدى بارسام ئۇ ماڭا قارارمۇ ؟
( m: a1 k- j5 H) E! e
-ئۇ سىنىڭ قانداققىلىشىڭغا باغلىق ، مەن قارىسام ئۇنىڭ ساڭا ئەقىدىسى كۈچلۈككەن ، بولمىسا بۇ چاغقا تويمۇ  قىلىپ بولار ئىدى ،نېمە دەيدىكىن دەپ گەپ تەشسەم بالىلارنى ئۆگەينىڭ قولىغا  قويمايمەن ،بالىلار چوڭ بولغاندا بىر گەپ بولار دەيدۇ ، سىنىڭ ئېتىڭنى چىقارسام  يانغا قارىۋالىدۇ ، كۆزلىرىدىن ياش ئەگىيدۇبىچارىنىڭ . سەن دەپ  باقە ، ئەگەرئايزىبامۇ سەندەك  باشقا بىرى  بىلەن توي قىلسا چىدىيالامسەن ؟
, v3 M+ }$ x* u8 }: R+ q
ھەسەن ئۈنچىقمىدى ، مۇختار ئۇنىڭ خىجىللىقنى ،نېمىلەرنىدۇر  دىيەلمەيۋاتقانلىقنى  چۈشەندى ،بۇ چاغدا ھەسەننىڭ ئىچ –ئىچىدىن قاپساپ كىلىۋاتقان خىجىللىق ۋە پۇشايمانلىرى ئۇنى قاتتىق ئازاپلاۋاتقانئىدى . .

, ?3 i% @3 \1 v5 w, Z
-ياسىن چولاقنىڭ قىمارخانسىدا بولغان ئىشلارنى ئاڭلىدىڭمۇ دەپ سورىدى مۇختار ئارقىدىن خىيالغا چۆكۈپ كەتكەن ھەسەندىن .
/ O" v6 R- c* _5 Z; o( |* Q
-نېمە ئىش بوپتۇ ؟
5 R0 v; A! b5 d( Z5 s
-نېمە ئىش بولاتتى، جازاسىنى تارتىپتۇ ، ئەسلىدە چايخانىدا تورۇسىغا ئورنىتىپ قويغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى  مەخپىي كامېرا باركەن ،قىمار ئوينىغانلارنىڭ قولىدىكى قارتىنى يەنە بىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ كومپيۇتېردا كۆرۈپ تۇردىكەن ، ئوبۇلدەك قارانچۇقلار كومپيۇتېرنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ  قارتىنىڭ ئۇچۇرىنى  ئۆزلىرى بىرلىشىۋالغان  ئادەمنىڭ تېلېفونىغا ئەۋەتىدىكەن  ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇتماي قالمايدىكەن .يېقىدىن بۇيان ياسىن چولاق ئادەملىرنى ئىشقا سېلىپ  يېڭىدىن ئوينايدىغان  تاشچىلار كەلدى ،  ئوينايدىغانلارغا ئۆسۈمىسىز قەرز بېرىمەن  دەپ نۇرغۇن دېھقان ياشلارنى قىزىقتۇرۇپتۇ  ، كىرگەنلەر دەسلەپتە ئۇتىدىكەن ،  كىيىن ئۇتتۇردىكەن ، شۇنداق  قىلىپ خېلى جىق دېھقاننىڭ يەرلىرىنىڭ كىنىشكىسىنى ئېلىۋالغاننىڭ گېپى بار .

6 Z+ _4 m4 _+ B4 _. P  m) I
-ئاندىنچۇ دەپ جىددىيلەشتى ھەسەن ، چۈنكى مۇختارنىڭ دەپ بەرگەنلىرى ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى بىلەن ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى ، ھەسەن ئۆزىنىڭ ئۇتتۇرۇش جەرياننى تېخى ھەسەنگە دەپ بەرمىگەندى .

. }1 ?8 Z' Z+ C7 w5 U
- بىر كۈنى  بىرەيلەن ھېلىقى تاشچىلارنىڭ بىرىنىڭ قارتنى  ھەدەپ تېلېفونىغا قاراپ چۈشىۋاتقانلىقنى  بايقاپ قاپتۇ ۋە بىر ئىشتىن گۇمانلىنىپ  ئۇنىڭ تېلېفوننى تارتىۋېلىپ قارىسا ئوبۇل پاناقنىڭ  تېلېفون نومۇرىدىن كەلگەن ئۆزىنىڭ  قولىدىكى قارتنىڭ ئۇچۇرىكەن ،ئۇ  شۇ يەردىلا ئوبۇل پاناقنى  ئىزدەپ ئىچكىرىكى  ئۆيگە كىرسە ئوبۇل پالاق -پۇلۇق كومپيۇتېرنى ئېتىپ  يۈرگۈدەك ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوبۇلىنىڭ  كانىيىدىن ئېلىپ قىستاپسوراپتىكەن ئەھۋالنى دېگىلى ئۇنىماپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن جېدەل چىقىپ ساقچىلار كەپتۇ ، ئۇنىڭغىچە قىمارۋازلار ئوبۇلنى ئۇرۇپ بېشىنى يېرىۋېتىپتۇ ، ساقچىلار ئۇلارنى ئاپىرىپ قىستاپ سوراپ ئەھۋالنى ئېنىقلاپتۇ .  ھازىر يېرىنىئۇتتۇرۋەتكەن دېھقانلار بىرلىشىپ ياسىندىن يېرىمىزنى ئالىمىز  دەپ يۈرگۈدەك ، ياسىن بىلەن ئوبول سولاقتىكەن ،ھازىر  شۇ ئىشلارنى ئېنىقلاۋاتقان ئوخشايدۇ.
1 e$ R+ w& `% H  M0 P3 x
-راستما ؟ -دەپ ئۈمىدلەندى  ھەسەنمۇ ، مېنىڭمۇ ئىشىم شۇنداق بولغان ، مەنمۇ  شۇنداقراق بىر ئىش بارمىكىن دەپ ئويلىغان ، بىراق يەرنى قايتۇرۋالغىلى بولارمۇ ، يەرنى قايتۇرۋالىمىز  دەپ ساقچىخانغا بارساق  مەن قىمار ئوينىغان دەپ ئۆزىمىزنى تۇتۇپ بەرگەن  بىلەن  باراۋەر ئەمەسمۇ ؟
6 C" W! G5 w. c& ]7 @! u
-ۋاي سىنىڭ ئىشىڭمۇ شۇنداقمىدى ؟-دەپ ھەيران بولدى مۇختار ، - بالدۇرراق دېمەپسەن ، بولدى غەم قىلما ، ئىككىسى  ئىككى ئىش ،ياسىننىڭ قىلمىشىنىڭ  تەسىرى بەك چوڭ ،قىمار ئوينىغانلارنى  قىمار ئوينىغان بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ ، بىراق ھۆكۈمەت دېھقانلارنى  ئويلايدۇ ، چىن دىلىڭدىن توۋا قىلىپ خاتالىقىڭنى تۇنۇساڭلا يېنىك بىر تەرەپ قىلىدۇ ، بىراق مېنىڭچە  ئەھۋال راستلاشۇنداق بولسا چىلانلىق بېغىڭنى  قايتۇرۋالالايسەن، مەن بۇ گەپنى ئاڭلىغىلى  تېخى ئىككى كۈنبولدى ، سەن  ۋاقتىدا  ساقىچخانىغا بار .

$ P; [4 r& y( C% ~5 t
بۇ خەۋەر ھەسەننى  باشقىدىن جانلاندۇرۋەتتى ۋە ئەتىسىلاساقچىخانىغا بارماقچى بولدى  .

+ w2 d% a' |7 E$ V- q

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

381

يازما

381

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79355
يازما سانى:
381
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3841
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
216 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-26
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-3-10 19:29:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىچۇ ؟ ياخشى چىقىۋاتىدۇ !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 09:54 PM, Processed in 0.122075 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش