مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3324|ئىنكاس: 2

ﮔﯘﺩﯦﻠﻮﻙ رەسمىي ﺭﺍﻛﯧﺘﺎ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴىغا قوشۇلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

333

تېما

415

يازما

748

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 98195
يازما سانى:
415
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1811
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
809 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-9-25
ئاخىرقى:
2016-3-30
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-10 10:06 PM  

    2345_image_file_copy_3.jpg
   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 10-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتتىگەن سوخو تەنتەبىيە تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، NBA خىيۇستون راكېتا كوماندىسى ئورگان تورى بۇ پەسىل CBA بىرلەشمىسى شىنجاڭ كوماندىسىدا توپ ئوينىغان ئامىرىكىلىق توپچى گۇدېلوك بىلەن رەسمىي توختام تۈزگەنلىگىنى ئىلان قىلغان.  گۇدېلوك  خىيۇستون راكېتا كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغاندىن كىيىن 0 نۇمۇرلۇق تەنھەركەت كىيىمىنى كەيگەن.
  گۇدېلوك ئالدىنقى ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى  سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرتكەندىن كىيىن، ئاتلانتا شەھرىگە قايتىپ، ئىككىنچى ئوغلىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى كۈتۈۋالغان.  خەلىقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئېنىقلاش تەستىقىنى ساقلىغان، شۇڭا خىيۇستون راكېتا كوماندىسى بۈگۈن ﮔﯘﺩﯦﻠﻮكنىڭ ﺭﺍﻛﯧﺘﺎ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴىغا قۇشۇلغانلىقىنى رەسمىي ئىلان قىلغان.
  گۇدېلوك NBA غا قايتىپ كەلگەنلىگىدىن ناھايىتى خوشال بولغانلىقىنى، كوماندىغا ياخشى كۈچ قۇشۇشنى ئۈمۈت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
  بۇ پەسىلدە، گۇدېلوك CBA دىكى شىنجاڭ كوماندىسىدا توپ ئوينىغان. شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن 35 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان، گۇدېلوك ئوتتۇرچە 22.1 نومۇر، 3.8 گاردىن قايىتقان توپ ئېلىپ، 3.2 ياردەمچى پاس بەرگەن. ئۈنۋىرسال ئىپادىسى كۆزلىگەن نىشانغا يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، دائىملىق مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىدا  قۇياش كوماندىسىنىڭ توپ كونترول قىلغۇچى بېكى كوتتوننى گۇدېلوكنىڭ ئورنىغا ئالماشتۈرۋەتكەن.
گۇدېلوك ھازىر 27 ياشتا، چارىستون ئىنىستىتۇتىدىن كەلگەن، بوي ئېگىزلىكى 1.91 مېتىر، مەيداندا توپ كونترول قىلغۇچى بېك ۋە نومۇر ئالغۇچى بېك ئىككى ئورۇندا ئوينىيالايدۇ. ئالىي مەكتەپتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر پەسىلدە گۇدېلوك ھەر مەيداندا ئوتتۇرچە 19.4 نومۇر ئالغان. 2011-يىللىق ماھىر تاللاش يىغىنىدا، گۇدېلوك 2-ئايلانمىدا 16-بولۇپ ئوڭۇشلۇق ھالدا لوس ئانژېلىس كۆل ئادىمى كوماندىسى تەرىپىدىن NBA گە قوشۇلغان.
گۇدېلوك 2012 مۇسابىقە پەسىلىدىكى ئالدىنقى 24 مەيدان مۇسابىقىدە ئوتتۇرچە 4.6 نومۇر، 0.7 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 0.5 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن. كۆل ئادىمىنىڭ زاپاس توپ كونترول قىلغۇچى بېكى بلەيىك يارىلانغاندىن كېيىن، گۇدېلوك ئىشلىتىلگەن، ئىلگىرى ئۇدا بەش مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىققان ۋاقتى 20.6 مىنۇتقا يەتكەن، ئوتتۇرچە 11.8 نومۇر، 1.6 گاردىن قايىتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن. كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 41 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان، ئىككىنچى پەسىلدە پەقەت بىرلا مەيدان مۇسابىقە ئويناپ سېتىۋېتىلگەن.
گۇدېلوك يەنە ئىلگىرى 2013-مۇسابىقە پەسىلى NBA تەرەققىيات بىرلەشمىسىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالانغان. ئاشۇ پەسىلدە گۇدېلوك ئوتتۇرچە 36.7 نومۇر ئالغان.

  ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛  http://waskitbol.com/forum.php

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

13

تېما

324

يازما

337

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 116024
يازما سانى:
324
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
810
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
89 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-3-23
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-11 11:19:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاداش خېلى ياخشى ئوينايتتى ، شىنجاڭ كوماندىسى نېمە دەپ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەندۇ

ياشاش ئۈچۈن تىرشىش كېرەك ،
غەلبە ئۈچۈن ۋاز كېچىش !!!!!!!

0

تېما

99

يازما

99

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 113673
يازما سانى:
99
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
378
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
96 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-27
ئاخىرقى:
2016-3-28
ۋاقتى: 2016-3-13 15:53:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئات ئايلىنىپ ئۇقۇرنى تاپۇر دىگەن مۇشۇ   .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 10:00 AM, Processed in 0.126945 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش