مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1669|ئىنكاس: 7

ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

31

يازما

43

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 101631
يازما سانى:
31
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
590
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
138 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-1-1
ئاخىرقى:
2016-3-29
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-11 10:21 AM  

ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم
(پىشقەدەم ئ‍ۇستازىمغا بېغىشلايمەن)
رەھمەتجان مۆمىن( ساتېرىك)

ئ‍ۇ يىراق سەھرادا يۈرگەن مۇئەللىم،
ئ‍ۇ ئ‍ەجدات روھىنى كۆرگەن مۇئەللىم،
ئ‍ۇ ئ‍ەلنىڭ ئ‍ىشقىدا كۆيگەن مۇئەللىم، .
مېھنەتتىن جاۋاھېر تەرگەن مۇئەللىم،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ۇ سەپتە پىداكار، مەشئەل تۇتقۇچى،
ئ‍ۇ جەڭدە يېڭىلمەس، مەڭگۈ ئ‍ۇتقۇچى،
ئ‍ۇ ھېكمەت نۇرىدا  دىل يورۇتقۇچى،
مۇھەببەت،مېھىردە ھەق تۇنۇتقۇچى،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ۇ كەسپىي ئ‍ەخلاققا قىلاتتى ئ‍ىخلاس،
بىر روھ بار ئ‍اتىدىن قالغان بىر مىراس،
بىر خىسلەت يېتىلژەن ئ‍ۆزىگىلا خاس، ،
ئ‍ۇ شەرەپ ئ‍ېگىسى،ئۆز نامىغا ماس،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ۇ تېخى ئ‍ەللىككە كىرمەستىن تولۇق،
چاچقا  ئ‍اق،يۈزىگە تارتىلدى قورۇق،
ئ‍ۇئ‍ەجدات روھىدىن ئ‍الغان قان- ئ‍وزۇق،
چاچىتى ئ‍ۇ  ئ‍ەۋلاتنىڭ روھىغا ئ‍ۇرۇق،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

بىر ئۆمۈر كەسپكە قىلىدى ئ‍ۇ ھەۋەس،
تەربىيە سېپىدە تۇردى ئ‍ۇ تىك،دەس،
ئېرادە كۈچ-قۇۋۋەت دىلىدا پەۋەس،
ئ‍ۈزۈلمەس،ئەۋلات دەپ ھەر تىنىق-نەپەس،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئەتىدىن كەچكىچە بالا ئوقۇتۇپ،
ئۆتكەنتى ھېساپ ۋە ھەرپ تونۇتۇپ،
ئۆگەتسە بىر باشتىن كەتكەن ئۇنۇتۇپ،
يازدۇرۇپ چىقاتتى قولىدىن تۇتۇپ،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئۆتتىغۇ  كۈنلىرى دەقىقە ساناپ،
بارىدۇ  مەكتەپكە تېنەپ –ئالدىراپ،
قايتقاندا كەچقۇرۇن ئۆيگە ھالسىراپ،
بۆشۈكتە بالىسى ياتاتتى يىغلاپ،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

كۈندۈز ھەم كەچتىمۇ ئ‍اڭا  «خىتاپ »بار،
ئۆيدىمۇ ،يولدىمۇ قولدا كىتاپ بار،
كاللىدا مىڭ تۈرلۈك سوئال –جاۋاپ بار،
ئۇتۇق ئاز،خىزمەتتە نۇرغۇن «خىلاپ»بار،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

شۇندىمۇ ئ‍ۇنىڭدا چەكسىز بىر ئىشەنچ،
ئ‍ەۋلاتنىڭ كەلگۈسى غېمىنى يېگەچ،
بولسىمۇ دىل يېرىم كۈندە نەچچە غەش،
ئ‍ۇ يىغقان ئ‍ەجرىدىن خامىنىغا چەش،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ىزدەيتتى كەتسىمۇ  پادا باققىلى،
ئ‍ىزدەيتتى كەتسىمۇ يانتاق چاپقىلى،
ئ‍ىزدەيتتى كەتسىمۇ دۇكان ئاچقىلى،
ئ‍ىزدەيتتى كەتسىمۇ بالا باققىلى،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ۇ دەيدۇ:" بالىلار ماڭا  ئامانەت"،
ئ‍ۇ مەسئۇل،ئۇ تەييار تۇرار  داۋامەت،
ئىشتسىمۇ ھار ئ‍الماس تېخى ئاھانەت،
ئ‍ۇ شۇنداق ياشىدى،شۇيۇسۇن ئەبەت،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ۇنىڭسىز كىملەرنىڭ دىلى يورۇغان؟
بارمۇ ھەم ئوقۇماي دۇنيا تونۇغان؟
ئۇ كىمدۇر،ئۆزىنى كاتتا چاغلىغان؟
ئۆزىنى بىلەر ئۇ،بولسا ئوقۇغان،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ۇ نىيەت ئ‍ىقبالدىن يېنىپ باقمىدى،
ئ‍ۇ راھەت بېغىدا يېتىپ باقمىدى،
ئ‍ۇ مۈشكۈل خەتەردىن قېچىپ باقمىدى،
ئ‍ۇ شەربەت سۈيىدىن ئ‍ىچىپ باقمىدى،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ۇ تاپتى چارچاشتىن ساقايماس كېسەل،
ئەپ كەتتى بىۋاقىت ئ‍ۇنى شۇم ئ‍ەجەل،
ئ‍ەۋلات دەپ تۆلىدى ھاياتى بەدەل،
ئ‍ىزتىراپ خىيالغا چۈمدۈم بىر مەھەل،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

ئ‍ۇ مۇنبەر ئ‍ۈستىدە جان ئ‍ۈزۈپ كەتتى،
شۇ ئ‍وماق بالىلار ئ‍اھ ئ‍ۇرۇپ كەتتى،
ئ‍ۇ روھتىن ئ‍ابىدە قاتۇرۇپ كەتتى،
مۇقەددەس بىر سۆيگۈ قالدۇرۇپ كەتتى،
ئ‍ۇ ئ‍ەۋلات ئ‍ۈچۈن جان بەرگەن مۇئەللىم.

مەنبە: ئ‍ۆز يازمام






ساتېرىك
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

381

يازما

381

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79355
يازما سانى:
381
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3841
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
216 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-26
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-3-11 13:43:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن ! ئەلەكمۇللاھ ..

0

تېما

381

يازما

381

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79355
يازما سانى:
381
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3841
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
216 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-26
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-3-11 13:43:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىلغان شىئىر بۇپتىكەن ئىملا خاتالىقىنى تۇزۇتۇپ كەتكەن بولسىڭىز تىخىمۇ جانلىق چىقاتىكەن بارىكاللاھ ..

قىزىل ياقۇت

14

تېما

415

يازما

429

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 135673
يازما سانى:
415
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1012
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
94 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-1-20
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2016-3-11 14:12:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر روھ بار ئەجداتتىن قالغان بىر مىراس ،
دىگەن مىسرالارنى قايتا تەھرىرلىۋەتسىڭىز بولامدۇ قانداق ؟

ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ،
دەل ئۇنىڭ ئەگرى - توقايلىقىدا.

قىزىل ياقۇت

14

تېما

415

يازما

429

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 135673
يازما سانى:
415
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1012
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
94 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-1-20
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2016-3-11 14:13:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەئەل يوللىغان ۋاقتى  2016-3-11 02:12 PM
بىر روھ بار ئەجداتتىن قالغان بىر مىراس ،
دىگەن مىسرالا ...

شۇ جاپاكەش ئۇستاز لىرىمىزنى قانچە مەدىيھەلىسەك ئەرزىيدۇ ئەلۋەتتە ، ئاپىرىن ، قەلىمىڭىز ھارمىسۇن ..

ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ،
دەل ئۇنىڭ ئەگرى - توقايلىقىدا.

109

تېما

314

يازما

423

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 97620
يازما سانى:
314
نادىر تېما :
1
مۇنبەر پۇلى :
6388
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
222 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-9-5
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-11 21:35:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئۇستازلار مىھنىتىگە بېغىشلانغان نەزمىڭىزگە تەشەككۈر ،.

ئىجاد - ئىزلىنىشلىرىڭىزگە بەركەت يار بولغاي .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  :  2536190268  .   يانفۇن  : 15699088894

14

تېما

209

يازما

223

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 100052
يازما سانى:
209
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
791
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
342 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-11-25
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-11 21:54:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر يۇلتۇز مۇنبەردە ساقىپتۇ يەنە،
يۇرتۇمدە مۇئەللىمە شۇنداق ساقىغان.
بۇندىمۇ شىھىتلىك بولۇپتۇ يەنە.،

0

تېما

73

يازما

73

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 139835
يازما سانى:
73
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
118
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
22 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-3-8
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-13 13:47:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبنۇرى يوللىغان ۋاقتى  2016-3-11 09:54 PM
بىر يۇلتۇز مۇنبەردە ساقىپتۇ يەنە،
يۇرتۇمدە مۇئەللىمە  ...

شېھىتلىكنىڭ دەرىجىسى چۈشۈپ كەتتىمۇ نىمە ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 10:07 AM, Processed in 0.110356 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش