بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-11 06:03 PM ( f5 t. y' C- l8 D
: w: q1 }; F# l1 _( A7 A0 f& f# p
ئاپتونوم رايونىمىز مۇشۇ ئايدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايىتىدە ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان بۇلۇپ، بۇ شىنجاڭنىڭ تۇرپان ، قۇمۇل ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەر تەسىس قىلغاندىن كېيىنكى ،يەنە بىر ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىشى ھىساپلىنىدۇ .
خوتەن ئۇچۇر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە 5 - مارت ، خوتەن ۋىلايىتى ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ ، بۇ خىزمەتنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى .
خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يەن گو سەن سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىش خىزمىتى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ ،ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر بۇنىڭغا يۈكەسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.
تۈنۈگۈن يەنى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئېزىز مۇسا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى : خوتەن ۋىلايىتى نۆۋەتتە ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ . بۇنىڭدا بىز تۇرپان، قۇمۇلنىڭ مۇۋەپىقيەتلىك تەجىربىللىرىنى ئۆرنەك قىلىپ خۇتەن ۋىلايتىدىكى 2مىليۇن نۇپۇسنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تېز تەرەققى قىلىش ، خوتەن مەمۇرىي رايون ئايرىمىسىنى تەسىس قىلىش تەڭشەش ، سەرخىللاشتۇرۇش ، رايونلار تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش , يەرلىك مەمۇرىي مۇناسىۋىتنى ر اۋانلاشتۇرۇپ ، ئىقتىساد ، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى، خوتەننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ناھايىتى زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە .
ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن ، ئەڭ يادرولۇق ، ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىش شۇكى ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بۇلىدۇ . ئاپتۇنۇم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسى ، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گۇ خۇاشياڭ مۇنداق دېدى : ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىش خىزمىتى مەركەز شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى ۋە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تولۇق گەۋدىلاندۈرلىشى. ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىش، جەمئىيەت باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى،رايون مەركىزىي شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق . شۇنداقلا يىپەك يۇلى ئىختىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، شىنجاڭنىڭ رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ جىددى ئېھتىياجىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش , قوغداش ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى .
ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەر دىن تۇرپان، قۇمۇل شەھرى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە قېپقالغان رايۇنلار ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسسس قىلىنىدۇ . بۇ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، باشلامچى رايۇنلارنى ئۈلگە قىلىپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يىتەكلەشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە .
" j' t* R, g9 g1 J% A3 _
مەنبەسى؛ ئۇيغۇر خەۋەر تورى
, \2 K- j, {3 D3 ^9 F+ J" o
6 T- z$ B5 x4 ]: y3 x7 J# }