مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4930|ئىنكاس: 3

تىۋىشسىز سۆيگۈ 7 ( پوۋېست)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قىزىل ياقۇت

14

تېما

415

يازما

429

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 135673
يازما سانى:
415
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1012
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
96 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-1-20
ئاخىرقى:
2016-4-2
  l0 J4 u  j; U& O  p/ V
: ?& J1 R9 A, w5 k( M3 V' s
9 @# k  I9 A" O

- N3 l) M0 o5 ~4 f( n; q
: M+ a9 o; v0 e. G
7- قىسىم :! m, N4 m8 r* {
# D% `  ^9 T8 Z6 V
شۇندىن كېيىن مېنى باقىدىغان بىر ئادەم كۆپەيدى ، ئۇ بەزىدە قوپاللىق قىلسىمۇ ئەمما باشقىلاردەك چېچىمدىن سۆرىمەيتتى ، ئۇرماييتى ، تىللىمايتتى ، دەسلەپتە ھەممىسى ئوخشاش ئۇمۇ بىر ھايۋان ، باشقىلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ دەپ ئويلىدىم ،ئەمما كېيىنچە ئۇ ماڭا بۇ يەرگە كېلىپ كېتىپ تۇرىدىغان لۈكچەكلەرگە ، ئادەم قېلىپىدىن چىققانلارغا قارىغاندا يېقىملىق تۇيۇلىدىغان بولدى ، ئەمما ئۇ ئىنتايىن ئاز گەپ قىلاتتى ، بىر كۈنى بىز تاماق يەپ بولۇپ تۇراتتۇق يەنە تۆت – بەشەيلەن كېلىپ تاماق يەپ كەتتى ، ئۇ مېنى ئۆيگە ئەكىرىپ قۇيۇپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدى، ئۇنىڭ نىيتىنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى سېزىپ ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە لازىم بولا دەپ ئالدىنقى كۈنى تىقىپ قويغان ئەينەك پارچىسىنى ئېلىپ بوينۇمغا تەڭلىدىم، ۋە :+ a: I& E/ {3 a- F
* @- X: k9 T$ V3 [8 e% j( P" c
- ناۋادا ماڭا يېقىنلاشساڭ ، ساڭا ئۆلۈپ بېرىمەن ، يېقىن كەلمە دېدىم .
0 I) A* {' i( u/ }
. w# X/ ?/ a1 \! Q-ياق ، ياق خاتا چۈشەنمەڭ ، مەن سىزگە ياردەم قىلماقچى ، مەنمۇ بۇ يەرگە مەجبۇرى ئېلىپ كېلىنگەن . مەنمۇ ئامالسىز ، مېنىڭ ھاياتىم زەھەر بىلەن باغلانغان دېدى .
$ g# n8 K! t$ t6 ]- P  d! B/ v4 Y: n. f* i/ I9 g
قولۇمدىكى ئەينەك پارچىسىنى چۈشۈردۈم ، ئەمما ئېرپان مېنى ئالدىغان يەردە بۇ ئەلۋەتتە ئالدايدۇ دەپ ئويلاپ قولۇمدىن چۈشۈرمەي چىڭ تۇتىۋالدىم .+ W3 P4 Z7 c; m0 o
" ^2 g; `' ?2 e' [' `: _5 u
-ئەمسە نېمىشقا قېچىپ كەتمەيسىز ؟& o! J1 X+ j( [; ?! D

; l7 i; |7 M  E4 n" B-مېنىمۇ قېچىپ كەتكىسى يوق دەمسىز ،مەن بۇلار بىلەن بىللە يۈرگىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى ، مەن زەھەرسىز ياشىيالمايمەن ، سىزنى تۇنجى قېتىم ئېرپان بىلەن كۆرۈپ بۇنچە ياش ھەم سەبى قىز بۇ زەھەر چىكىدىغانلار بىلەن نىمىشقا بىللە يۈرگەندۇ دەپ ئويلىدىم ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئۆتەتتۇق ، ئۇ ھەممە ئىشىڭلارنى ماڭا ئېيتقان .
( Q& R& a6 [7 \, b6 [/ z, i& A6 r9 L
-ئۇنداقتا ئۇچۇ ، ئۇمۇ مەجبۇرىي زەھەر چەككەنمۇ ؟ ئۇ راستلا مېنى سېتىۋەتتىما ؟ ئۇنىڭدا راسلا ئەيدىز بارمۇ؟ بۇلارنىڭ جاۋابىنى بىلسەم ئېرپاننى چۈشىنەلەيتتىم ." E8 _7 d7 E9 P" }6 R

# }7 o, [$ I/ J2 W; y, G9 ~-ئۇ سىزگە زەھەرگە قانداق بولۇپ باغلىنىپ قالغىنىنى ئېيتقانلىقىنى ماڭا دىگەن ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى راست ، ئەمما ئۇ راسلا سىزنى زەھەرگە تىگىشىپ قوشنا شەھەرگە قېچىپ كەتتى ، ئەمما ئۇنىڭدا ئەيدىز بارمۇ –يوق بۇنى ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن .+ @2 Z3 W# m# v* {! ~: W9 i& ?

! i  E$ Z' p) Jدىمەك ئۇنىڭ مېنى سېتىۋەتكىنى راسىت ئىدى ، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم نەپرەتكە ئايلاندى . ئۇنى ھامان بىر كۈنى تېپىپ قىساس ئېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.
6 L% Z8 b, M! A& {5 i& [1 s
% n! u3 T5 m0 [; }4 Y- ?. ^, o( {-ئەمما مېنىڭ سىزنى بۇ ھايۋانلارنىڭ ئارىسىغا تاشلاپ قويۇشقا ۋىجدانىم يول قويمىدى، بەلكى سەندە ۋىجدان نېمىش قىلىدۇ دىيىشىڭىز مۇمكىن . ئەمما مەنمۇ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغىنىمدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىمەن ، مەن ئائىلەمنى مۇشۇ زەھەر تۈپەيلى ۋەيران قىلغان ، سىزچىلىك بىر سىڭلىم بىر يىل ئىلگىرى ، مۇشۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن ،راستىنى ئېيتسام سىزنىڭمۇ ئۇلارنىڭ قولىدا خازان بولۇپ كېتىشىڭىـزنى خالىمىدىم . شۇڭا مەن ھازىر سىزگە ياردەم قىلىمەن ، سىزنى قاچۇرۋىتىمەن ، سىز ئۇدۇل ساقچىخانىغا بېرىڭ ، مەن سىزگە بۇلارنىڭ ھەممە ئورنىنى يېزىپ بېرەي ، سىز بۇلارنى ساقچىغا كۆرسىتىپ بۇ ئەتكەسچىلەرنى يوقۇتۇڭ ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ، مېنىڭ ۋە سىڭلىمنىڭ قىساسىنى ئېلىڭ  . مەن ھازىر ئامىنە ھەدەمنى باغلاپ قويۇپ ئاچقۇچنى ئېلىپ چىقاي ، سىز تەييار بولۇپ تۇرۇڭ .دەپ سىرتقا ماڭدى
4 U' U8 i( m. t
) y  k; ]" R" k! m-بىز بىللە كېتەيلى ، ناۋادا ئۇلار كەپ قالسا مېنىڭ يوقلۇقۇمنى بىلسە سىزنى بوش قۇيىۋەتمەيدۇ .' z* b& i6 [5 y" g+ ]/ [

- M5 p9 c- [# d; j- e5 {-بۇ ئەتراپتا ئۇلارنىڭ ئادىمى كۆپ ، ناۋادا ئۇلار بىزنى بايقاپ قالسا ھەر ئىككىلىمىزنى بوش قۇيىۋەتمەيدۇ ، مەن سىزنى قاچۇرۋىتىپ ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرىمەن ، ئۇنىڭغىچە ساقچىلارمۇ كېلىدۇ .. @0 H' O( G# r$ C! q5 h- U. Z* k

* _& N' o# T, @1 @/ m4 X- ياق ئۇلار مېنى قاچۇرۋەتكىنىڭىزنى بىلسە سىزنى چوقۇم ئۆلتۈرۋىتىدۇ ، بىللە قاچايلى ، ماقۇل دەڭ .
- مەن نەدە ئۆلسەم ئوخشاش ،مەن ئەيدىز ، بۇلارنىڭ قولىدا ئۆلمەي ساقچىغا بارساممۇ ، زەھەر تاشلاپ چىقساممۇ ھامان ئۆلۈپ كېتىمەن ، شۇڭا سىز چوقۇم ئۇدۇل ساقچىخانىغا بېرىڭ ، بولمىسا خۇمارىڭىز تۇتۇپ كەتسە يەنە مۇشۇ يەرگە كېلىشكە مەجبۇر بولىسىز.ئۇ ئەمدى كۆزۈمگە ھەقىقى ئەركەكتەك كۆرۈنمەكتە ئىدى ، تەڭرىم نېمىشقىمۇ ماڭا باشتىراق مۇشۇنداق مېنى قوغداش ئۈچۈن جېنىنى ئايىمايدىغان يىگىتنى ئۇچراشتۇرمىغانسەن . ئۇ ئەيدىز بولسىمۇ ھەممە ئادەمگە جان تاتلىققۇ ، ئېرپان زەھەر ئۈچۈن مەندىن كەچكەنىدى ، ئەمما بۇ يىگىت مەن ئۈچۈن ، مەندەك تۇنۇمايدىغان بىرى ئۈچۈن جېنىىنى قۇربان قىلماقچى بولىۋاتىدۇ . شۇ چاغدا قەلبىمدىكى ئېرپاننىڭ سىيماسى تۈتۈندەك ئاستا – ئاستا غايىپ بولدى.
$ l1 V* j: C" Y7 Y; X
6 Z# X% t8 ~- V$ U4 P  p- h-سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى سورىسام بولامدۇ ؟4 {/ s; }% o, }6 L: H; D  A

: R6 S5 m# u! M  Z-مېنىڭ ئىسمىم ئەخمەت .+ e9 t. g- u# P2 ~- h
, k8 b4 ~" |9 ~. H& x3 s; g
-ئەخمەت ئاكا . رەھمەت سىزگە ، مەن سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن .
" k. D$ k6 f) K7 u3 H; K! @! n( V1 |6 i. [; O3 t
ئۇ كۈلۈمسىرەپ قويۇپ چقىپ كەتتى ، مەن ھېلىقى كۈنى ئۇلارنىڭ كۆرمىگەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تىقىۋالغان ئازغىنە پۇلنى ، ۋە ئەخمەت يېزىپ بەرگەن ئەتكەسچىلەرنىڭ ئادىرسى يېزىلغان قەغەزنى يانچۇقۇمغا سېلىپ ئۇنىڭ ئاچقۇچنى ئېلىپ چىقىشىنى ساقلىدىم ، بەش مىنۇتلاردىن كېيىن ئۇ ئاشقۇچنى ئېىلىپ چىقتى ۋە دەرۋازىنى ئېچىپ مېنى باشلاپ ئۇدۇل يول بىلەن ماڭدى ۋە ماڭا :3 ]: L% i( \/ x' t" Z  s, }6 W
- h) m2 u5 C2 l4 g, U
- ناۋادا ئالدىمىزنى بىرەسى توسۇپ قالسا مەن سىزنى قاچۇرۋىتىمەن ، ھەرگىز كەينىڭىزگە قارىماي ئۇدۇل قېچىۋىرىڭ ، بۇ ئەتراپتا ئۇلارنىڭ ئادەملىرى كۆپ ،ئۇدۇل ماڭسىڭىز چوڭ يولغا چىقىسىز ھەر قانداق ماشىنا بولسا توسۇپ چىقىۋېلىڭ ، ناۋادا تۇتۇلۇپ قالسىڭىز ھەر ئىككىلىمىز ھايات قالمايمىز دېدى.
مەن نېمە دىيىشىمنى بىلمەيتتىم ، ئۇ مېىنى باشلاپ مېڭىۋەردى ، راست دىگەندەك بىر يەرگە كەلگەندە ئالدىمىزنى ئۈچ ئادەم توستى ۋە :8 G" Z& u) a+ J% v1 X1 Y
1 e/ S' _! u5 n! b% W0 [. \( n/ I
-ئۇنى نەگە ئاپىرىسەن ؟دەپ سورىدى.ئەخمەت ئۇلارغا :
( d' x: s) K- U4 |% ]  e( `0 [- x+ a& f4 a
- ئاكىلار ، ئۇ شۇنچە بىچارە ، ئۇنىڭ ئۆزۈڭلاردەك ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا قانداق كۆڭلۈڭلار ئۇنايدۇ ، ئۇمۇ بىزنىڭ سىڭلىمىزغا ئوخشاشقۇ ، ئۇنى قويىۋىتىڭلار ، مېنى ئاكامغا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار ، ئۇ مېنى نېمە قىلىۋەتسە مەيلى .
( {$ y! T% x- c4 t, w7 U# D5 @
/ I4 |/ u+ N3 Z% S-سەن ساراڭ بولدۇڭمۇ ، ئۇنىڭ قېچىپ كەتكىنىنى بىلسە ئاكام ھەممىمىزنىڭ جېنىنى ئالىدۇ ." I$ M0 f3 n- ]* {' a8 F
1 X$ V$ I' O5 e  M! j# ]: J1 R
-ئۇنداقتا سىلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىپ قويىدىغان بولدۇم .دېدى ئەخمەت يېنىدىن بىر پىچاقنى چىقىرىپ ، مەن قورققىنىمدىن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتاتتىم .& c, }! c8 N7 \" C+ S! S

" P& P3 I( }8 j1 B-ياخشىغۇ ، سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە پىچاق كۆتۈرۋاتامسەن ، ماقۇل ئەمسە بىزدىن يامانلىما .
2 q1 ]& G' A' b! k& M6 K2 D, z% P  i& B6 M1 X: Z" ~* m+ b: b
ئۇلار قول سېلىپ بولغۇچە ئەخمەت پىچاقنى بىرىنىڭ قورسىقىغىلا تىقتى ، ۋە ماڭا ‹قېچىڭ ›دەپ ۋارقىرىدى ، قالغان ئىككىسىنىڭ ئەخمەتكە يېپىشقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بار كۈچۈم بىلەن يۈگۈردۈم . ئارقامغىمۇ قارىماستىن ئۇ دەپ بەرگەن چوڭ يولغا چىقتىم ، ۋە كېلىۋاتقان بىر ماشىنىنىڭ ئالدىنى توسۇپ مەجبۇرى چىقىۋېلىپ ھەممىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ مېنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ قويۇشنى ئۆتۈندۇم . ئۇ كىشى مېنىڭ خاتىرجەم بولىشىمنى ، مېنى چوقۇم ئاپىرىپ قويىدىغىنىنى ئېيتتى. توساتتىن خىيالىمغا مېنى ھاياتى بەدىلىگە قۇتقۇزغان شۇ كىشى يادىمغا كېلىۋالدى .كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ يۈز – كۆز ، قوللىرى قان ھالەتتە مېنىڭ قېچىشىمنى توسۇش ئۈچۈن ماڭغانلار بىلەن ئېلىشىشى ، ۋە ئاخىرىدا ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئۇنىڭ نەچچە يېرىگە پىچاق تىقىۋەتكەنلىكى ، ئۇنىڭ بولسا مېنى قاچۇرۋىتەلىگىنىدىن خۇشال بولۇپ كۈلۈمسىرىگەن قىياپىتى كەلدى . مەن ماشىنىدىن چۈشۈپ ساقچىخانىغا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كىرىپ ھەممىنى ساقچىغا ئېيتتىم ۋە ئەخمەت يېزىپ بەرگەن ئادىرىسنى ئۇلارغا بەردىم ، توساتتىن بېشىم قايغىنىنى بىلىمەن باشقىنىنى بىلمەيمەن ..
كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا دوختۇرخانىدا ئىدىم . يېنىمدا ئىككى ساقچى تۇراتتى .ئۇلار ماڭا :5 M% R5 S3 V& Q. s5 o
# u) M2 g( p5 }2 u
سىزنىڭ ياردىمىڭىز بىلەن ، شەھرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ زەھەر ئەتكەسچىلىرى قولغا چۈشتى ، سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت .2 C; u" T: {3 y) x; [8 X3 V
, @; M3 P6 E1 J6 m3 O: |
-ياق بۇ مېنىڭ تۆھپەم ئەمەس ، بۇ ئەخمەتنىڭ تۆھپىسى ،ئۇ ھازىر قانداقراق ، ئۇ مېنى قاچۇرۋىتىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئېلىشىپ قالغان .0 V; L$ h7 \0 y! F  F; H3 Z

/ y5 v9 r" c* ~5 {  b$ N- R+ @1 |8 F-ھە سىز دىگەن ئەخمەت ئۇمۇ زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ شايكىسىنىڭ بىرى ، ئەمما بىز يېتىپ بارغاندا ئۇ تۆت يېرىگە پىچاق يەپ ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنىكەن.ئۇنىڭ جەسىدى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولدى.ھازىر سىزدىمۇ زەھەر چەككەنلىك ئالامىتى بايقالدى ، سىزنىڭ بىز بىلەن يېقىندىن ماسلاشقىنىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ ، ھەم مەجبۇرلانغانلىقىڭىز ، خالاپ قىلمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن بىزنىڭ ئەڭ ياخشى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا ئەڭ ئاز ۋاقىت ئىچىدە زەھەر تاشلىشىڭىزغا ياردەم بېرىپ سىزنى يۇرۇق ، ساپ دۇنياغا قايتا ئېرىشتۈرىمىز، خالامسىز ؟0 `: _2 A' Q4 j& ]- H/ ]5 k; h8 ]

7 n. s' u$ y3 k* K  j0 Z( w- y- خالايمەن ، كىممۇ بۇ نىجىس زەھەرگە باغلىنىپ ياشاشنى خالايدۇ دەيسىز .: I' m4 Y; K$ T% L  M

" v2 U) s8 T# G! G9 r, D) }شۇندىن ئېتىبارەن مەن زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا زەھەر تاشلاشقا باشلىدىم ، ئۇ يەردە ئەركىنلىكىمدىن مەھرۇم بولغان بولساممۇ ،نۇرغۇن قېتىم قىينالغان بولساممۇ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن زەھەر تاشلاپ قايتىپ چىقتىم . زەھەر تاشلاش جەريانىدا چىققاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ئېرپاننى تېپىپ ئۇنىڭدىن ھېساپ ئېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەنىدىم . شۇڭا چىققان تۇنجى كۈنى بۇرۇن ئەخمەت ئېيتىپ بەرگەن شەھەرگە ئېرپاننى ئىزدەپ باردىم ،ئىزدە – ئىزدە ئاخىرى ئۇنىڭمۇ بۇ شەھەردىكى داڭلىق ئەتكەسچىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ كەتكىنىدىن خەۋەر تاپتىم .
; F: s2 _- b2 N$ k7 Z: K( Y" J! W6 F) S  j+ v% a
ئۇنى ئىزدەپ باردىم ، مىڭ تەستە ئۇنى تاپتىم ، ئۇ مېنى كۆرۈپ راست خۇش بولدىمۇ ياكى يالغانمۇ بىلمىدىم ئىشقىلىپ شۇنچىلىك خۇش بولدى ، لېكىن مەن ئۇنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنى ئۆلسەممۇ ئۇنتۇپ قالمايتىم ، ئۇ مېنى قىزغىن كۈتىۋالدى ، مەن دەماللىققا ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سورىيالمايتتىم ،شۇڭا ئۇنىڭغا بويسۇندۇم ، ئۇ بىر كۈنى مېنى بىر يەرگە بىللە بېرىشقا چاقىردى ، مەن مۇشۇ پۇرسەتتە ھەممىنى ئۇنىڭدىن سورىۋېلىشنى ئويلاپ ماقۇل بولدۇم .

/ c6 V' O6 r6 [4 G' g3 G % E, k) c/ A( W* W0 [% l4 ^" w
.. H7 x) M0 }  o
; \9 ]2 v/ B% j7 S! M7 x" @1 i/ p
ۋە ئۇ دىگەن يەرگىمۇ باردىم ، بۇ شەھەر سىرتىدىكى بىر ساياھەت ئورنى ئىدى، بىز مېڭىپ – مېڭىپ بىر ئېگىزلىككە چىقىپ قالدۇق ، مەن شۇ چاغدا توختاپ ئۇنىڭدىن مېنى نېمىشقا تاشلاپ كەتكىنىنى ، ،نېمىشقا ئۇ ھايۋانلارغا زەھەرگە تىگىشىۋەتكىنىنى ، نېمىشقا بۇرۇن دادامنى تېپىپ بېردىغىنىغا ماقۇل بولغىنىنى ،نېمىشقا مېنى ئالدىغىنىنى سورىدىم ، ئۇ :
/ A0 C5 a7 ]5 ^1 p6 h) |3 d1 h
! ~9 x, _" ?0 ]0 H1 J-كەچۈرۈڭ ئايگۈل ،ئەسلى بۇ گەپلەرنى سىزگە ئېيتماسلىقىم كېرەك ئىدى ، مېنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى ، بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىرجايغا باردۇق ، ئۇ جايدا نۇرغۇن قىزلار بىلەن تونۇشتۇق ، بارا – بارا ئۇلار بىلەن يېقىنلىشىپ كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدۇق ، نەچچە كۈندىن كېيىن بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئەيدىز بولۇپ قالغىنىمنى بىلدىم . شۇڭا سىزگە ماس كەلمەيدىغىنىمنى ھېس قىلىپ ئۇ يەردىن كەتتىم ، مېنى كەچۈرۈڭ بولامدۇ ؟ ئۇ مېنى قۇچاقلىدى ، ئەممائەيدىز بولۇپ قېلىپ مەندىن يىراقلاشتىمۇ دەيلى نېمىشقا مېنى ئۇ ھايۋانلارغا تاشلاپ بېرىپ كېتىدۇ دىگەننى ئويلاپ ئاچچىقىم كەلدى .6 i0 v; L4 B  ^7 o3 `3 N

5 W! U% X) a: A6 C- شۇڭا مېنى زەھەرگە تىگىشىپ ئۇ ئەبلەخلەرگە سېتىۋەتتىڭىزما ؟ شۇنداق دىيىش بىلەن تەڭ ئۇنى كەينىگە قاتتىق ئىتتىردىم ، ئۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغىچە كەينىدىكى چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى ، مەن قورققىنىمدىن نېمە قىلارىمنى بىلمەي بىر ھازا جايىمدا قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قاپتىمەن ، بىر چاغدا ئېسىمگە كېلىپ پەسكە قارىدىم ، ئۇ ئون نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھاڭ بولۇپ ئېرپاننىڭ بېشىدىن توختىماي قان چىقىۋاتاتتى، ئەتراپىمغا قارىدىم ، ھېچكىم يوق ئىدى ،شۇ قاچقانچە مۇشۇ شەھەرگە كېلىۋالدم .خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇنىڭ ئۆلگەن چاغدىكى ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ ۋەھىمە ئىچىدىلا ياشىدىم ،كېيىنچە بارا – بارا ئۇ ئىشلارمۇ ئۇنتۇلدى ، كىچىكىمدىن ئاپام ئېنگىلىز تىلى ۋە خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگەتكەچكە مەلۇم بىر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدىم ، ھەم بىر تەرەپتىن ئۆگەندىم ، بىر كۈنى داداڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ، ئۇ ساپ دىل ئاقكۆڭۈل ئادەم بولغاچقا ماڭا ياردەم قىلماقچى بولدى ، ھەم قۇشۇمچە ساڭا تەكرار ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم .بىر كۈنى مەكتىپىمىزگە مەلۇم مەكتەپتىكى قۇربان ئىسىملىك بىر مۇئەللىمنىڭ ئېھتىياتسىزلىقىتىن يارلىنىپ قان كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكى ئۇنىڭ قان تىپىنىڭ ئادەتتىكى قان تىپى بولمىغانلىقتىن دوختۇرلارنىڭ قىيلىنىۋاتقانلىق جەمىيەتتىن قان تەقدىم قىلغۇچى ئىزدەيدىغانلىق مۇراجەتنامىسى يېتىپ كەلدى ، ھەممەيلەن قان تەكشۈرتۈپ بېقىشتى ئەمما ھېچقايسىسىنىڭ قېنى ماس كەلمىگەنىدى ،ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى تاغامىنڭ يەنى ئۆز دادامنىڭ ئىسمىغا ئوخشىغاچ بەلكىم مېنىڭ ئوخشاش چىقىپ قالسا ياردەم قىلارمەن دىگەن نيەتتە قېنىمنى تەكشۈرتتۈم ، نەتىجىى دەرۋەقە ئوخشاش ئىدى ، دوختۇر بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئاز كۆرىلىدىغىنىنى ئاساسەن دادا بالىلاردىلا كۆرىلىدىغىنىنى ئېيتقاندا ھەيران بولۇپ بىمار بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىدىم ، كۆرۈشۈپ ھەيران قالدىم ، ئالدىمدا ياتقان ئۇ قۇربان ئىسىملىك ئېنگىلىز تىلى مۇئەللىمى مېنىڭ دادام ئىدى ، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ،دوختۇرغا ئۇنىڭ دادام ئىكەنلىكىنى ئۇنى نەچچە يىل بۇرۇن يۇقىتىپ قويغىنىمنى ، قانچىلىك پۇل كېتىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنى داۋالاپ ساقايتىشنى ئېيتتىم ، ئۇ جەرياندا مەندە يىتەرلىك پۇل بولمىغاچ ھەممىنى داداڭدىن قەرز ئالدىم ،ئەمما رەھىمسىز تەقدىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنى مەندىن ئايرىدى ، مەن شۇنچىلىك ئازاپلاندىم ، داداڭ مېنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرۈپ بېرىپ تۇرغان قەرزنىڭ ھەممىنى كۆتۈرۋەتتى، مەن ئامالسىز بۇ شەھەردىن يۇرتۇمغا كەتمەكچى بولغاندا داداڭ ئىزدەپ كېلىپ ساڭا داۋاملىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ بېرىشىمنى ، ھەر قانداق قىيىنچىلىقىم بولسا ياردەم قىلىدىغىنىمنى ئېيتتى ، ئەمما ئۇ ماڭا شۇنچە كۆپ ياردەم قىلغان تۇرسا يەنە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىڭ دىيەلمەيتتىم ، مەكتەپتىنمۇ ئورنۇمغا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنىپ بولغىنىنى ئېيتىشىپ مېنى قايتۇرۋىتىشتى ، ئاخىرى بۈگۈن بۇ ئىشلارغا ئۇچرىدىم ، قالغان ئىشلار ساڭا ئايان .
4 s% u. o  {$ ~! K8 |. x' z# i
0 e4 j/ C6 I. T* G9 L
ئاپتور : ئالىمجان ئاخنىياز
* m- G2 j$ C6 C- p! |1 ^* d- r( ~7 p0 Q: \, f3 I$ r+ n
داۋامى تېزلا يوللىنىدۇ ..
0 O2 ?1 s, Y% c& M* ]) P1 Q# s& m2 {# J" R

ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ،
دەل ئۇنىڭ ئەگرى - توقايلىقىدا.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

381

يازما

381

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79355
يازما سانى:
381
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3841
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
216 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-26
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-3-12 12:29:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم كۇچىڭىزگە ئاپىرىن ! بەك ياخشى چىقىۋاتىدۇ . داۋامىنى تىزرەك يوللاسىز !

قىزىل ياقۇت

14

تېما

415

يازما

429

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 135673
يازما سانى:
415
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1012
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
96 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-1-20
ئاخىرقى:
2016-4-2
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-12 23:04:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1756988946 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-12 12:29 PM" D; y8 v( n( @$ ]
قەلەم كۇچىڭىزگە ئاپىرىن ! بەك ياخشى چىقىۋاتىدۇ . داۋامى ...

4 ^" Q/ m- y" s: B/ ]" Lياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ، داۋامىنى ئەتە يوللايمەن ..

ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ،
دەل ئۇنىڭ ئەگرى - توقايلىقىدا.

0

تېما

381

يازما

381

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79355
يازما سانى:
381
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3841
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
216 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-26
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-3-14 20:08:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەئەل يوللىغان ۋاقتى  2016-3-12 11:04 PM- \/ Y% @# f( _7 v7 F, \$ k
ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ، داۋامىنى ئەتە يوللايمەن ..
" ~$ E4 _1 G3 R/ ?
بۇگۇن يازماپسىزدە ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 11:06 AM, Processed in 0.115238 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش