"كۆيدۈم"دەيدۇ قوشنامنىڭ قىزى
…
ئەخەتجان مۇسا چەرچەنى
…
…
"كۆيدۈم" دەيدۇ قوشنامنىڭ قىزى ،
ئۈچ يىل بوپتۇ ماڭا كۆيگىلى .
مەن بىخەۋەر يۈرسەم لاغايلاپ ،
ئۆيگە ئىزدەپ كىرىپتۇ ئۆزى .
…
…
يىگىت تۇرۇپ خىجالەت بولدۇم ،
بېشىم سېلىپ ئۈنسىز ئولتۇردۇم .
لايىق تاپتىم ئۇنى ئاۋايلاپ ،
"ماس كەلمەيمەن" دىيىشنى ئويلۇدۇم .
…
…
ئېغىز ئاچتىم شۇنچىلىك تەستە ،
ھودۇقتۇممەن ھەر بىر نەپەستە .
"كەچۈر" دىدىم بېشىمنى قاشلاپ ،
"سەن ئىگىزدە مەن بەكمۇ پەستە" .
…
…
قىز چۈشەنگەچ مىنىڭ كۆڭلۈمنى ،
ئېلىپ قاچتى مەندىن يۈزىنى .
شۇ ھامانلا كۆزىنى ياشلاپ ،
ئېيتىپ بەردى يۈرەك سۆزىنى .
…
…
كۆيەلمەيمەن باينىڭ قىزىغا ،
زايا كەتمە مەندەك يوقسۇلغا .
سەن ھەممىنى قايتىدىن باشلاپ ،
ياتلىق بولغىن باينىڭ ئوغلىغا .
…
…
يۈگرەپ چىقىپ كەتتى ئۆيۈمدىن ،
رەنجىگەچكە ئۇ قىزچاق مەندىن .
تۇرۇپ قالدىم يۈزۈم كاچاتلاپ ،
ئاڭا كەلگەن زەربە-ئەلەمدىن .
…
…
2016-يىلى 21-فېۋرال چەرچەن