بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شەرارى28 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-13 10:15 PM
d0 n2 F. X- @% \4 B6 V
5 w' {. a4 N9 c8 K( l7 `: Bيۇمشاقلىق ۋە مۇھەببەت
: d: A4 `& K5 q5 G( {- w
5 V+ C. i9 L+ u2 d
ئاپتورى : تۇرسۇنجان سۇلايمان شەرارى
1 u( f) ], b" ]
: H/ ?2 u3 Q% n/ C
تەڭرى قاتتىق تاغ ياكى جاۋھىراتتىن ئەمەس بەلكى يۇمشاق تۇپراقتىن يارىتىلغان ئىنسانغا « قاتتىقلىقنىڭ » ھەمراھ بولىشى ئۆز ئىنسانلىقىغا خىيانەت بولغىنىغا ئوخشاش ، يۇمشاق يۈرەكتە ئېچىلغان سۆيگۈ گۈلىگە « قاتتىقلىق » قىلىش مۇھەببەت بابىدا ھەم كۇپۇرلۇقتۇر . « سېنى ياخشى كۆرىمەن » دېگەن - دېمەكتە ۋۇجۇدقا سۆيگۈ لەززىتى ، يۈكلەشتە يەلكىگە ھىجران جەبرىنى سالغۇچى بۇ مۇقەددەس ۋە بىغۇبار ئىبارىمۇ « قاتتىق » چىشىڭدىن ئەمەس « يۇمشاق » تىلىڭدىن تۆكىلىدۇ ئەمەسمۇ ؟!
ئەي گۈلۈم ، سەن بۇلبۇلۇڭنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياشلارنى كۆرۈپ ئۇنى ئاجىز سانىما ! چۈنكى مۇھەببەتنىڭ مەپتۇنكار ھەم ئەپسۇنكار سىرلىق سەھنىسىدە ناتىقنىڭمۇ گاچىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى ساڭا ئايانغۇ ، گاچا بۇلبۇل سۆيگۈ ئىزھارىدا كۆز يېشىغا مۇراجىئەت قىلماي نە چارىسى بولسۇن دەيسەن ؟! كۆز ياش --- دەل ئىزھارغا ئاجىز كەلگەن سۆزلەرنىڭ قالدۇق ئىپادىسىدۇر ، ئىشق سەجدىگاھىدىكى پاكىزە ئىبادەتتۇر . ھەزرىتى ئادەممۇ گۇناھىغا بولغان تەۋبىسى ۋە ياراتقۇچىغا بولغان ئىشقىنى ئىپادىلەشتە تىلىدىكى سۆزىگە ئەمەس كۆزىدىكى 300 يىللىق يېشىغا ئىلتىماس قىلغان ئەمەسمىدى ؟! شۇڭا ياشمۇ « يۇمشاق » بولغان كۆزدىن تۆكىلىدۇ .
قارا ، سەرۋەرى ئالەم مۇھەممەدمۇ كۆڭۈل مېۋىسى ئائىشەنىڭ بوينىغا « قاتتىق » ئالتۇن زەنجىرنى ئەمەس ، قولىغا « يۇمشاق » ئەتىرگۈلنى بېرىش ئارقىلىق سۆيگىسىنى ئىزھار قىلدى . مەيلى ھېس قىلىپ يېتەيلى ياكى كېچىكىپ ھېس قىلايلى شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدىكى مۇھەببەت يۇمشاقلىققا ھامىلدار ئىكەن ، مۇھەببەتمۇ ھەم يۇمشاقلىق ئارقىلىق ئىززىتىنى تېپىپ قوغدىلىدىكەن ، قاتتىقلىق بولسا مۇھەببەتنى گۇمران قىلغۇچى ئوت پىلتىسى ھېسابلىنىدىكەن .
مۇھەببەت ئازاپلىق بولىدۇ دېگەن گەپلەرگە ھىچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ، گۈلۈم . ئۇ ئەزەلدىن يۇمشاقلىق ۋە ئىللىقلىققا ھامىلدار تۇرسا قانداقمۇ ئازاپ سۆزى بىلەن ئېنىقلىما بەرگىلى بولسۇن ، ئۇنى بىزنىڭ جەرياننى كۆرەلمەي نەتىجىنىلا كۆرەلەيدىغان بىر جۈپ خىرە كۆزىمىزگە ئازاپلىق كۆرسىتىۋاتقىنى دەل ئۇنىڭغا تۇتقان « قاتتىق » مۇئامىلىلىرىمىز ئەمەسمۇ كۆڭۈل سەركەم ! ئەجىبا كۇڭفۇزىنىڭ « يا ئوقى قاتتىق تامنى تېشىۋىتەلەيدۇ ئەمما يۇمشاق سۇغا ھىچ زەخمە يەتكۈزەلمەيدۇ » دېگەن سۆزى بۇنىڭغا دەلىل بولالمىدىمۇ ؟!
مەن مۇھەببەت دەرسخانىسىدا ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئايىقىمنى يەرگە قاتتىق ئۇرۇپ ماڭغىنىمدا ياراتقۇچى ماڭا يۇمشاق بولۇشۇمنى ئەسكەرتىپ « سەن ئايىغىڭنى يەرگە ھەرقانچە قاتتىق ئۇرساڭمۇ يەرنى تېشىۋېتەلمەيسەن » دېدى ۋە يېنىمغا بىر ئەللامىنى ئەۋەتتى . ئۇنىڭغا قاراپ يېقىنلاشقانسىرى قەلبىمنى ئاجايىپ بىر كۈچلۈك نۇر باغاشلىدى . قارىسام ئۇ سەئىدىكەن . مەن ئالدىراپ سالام بەرگەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن سورىدىم « مۇھەببەت دېگەن نىمە ؟ » ئۇ « چۈشىنىش دەرياسىدا لەززەتلىك ئۈزۈش » دەپ جاۋاپ بەردى . مەن ئاڭقىرالماي يەنە سورىدىم « ھۆرمەتلىك شەيخ سەئىدى ، ئەمىسە كىشىلەر مۇھەببەتنى ئازاپ دېڭىزى دىيىشىدىكەنغۇ ؟ » ، ئۇ مازاق قىلغان ئاھاڭدا بىر ھازا كۈلىۋاتقاندىن كىيىن « بالام ، بۇ ئەقىدىسىز ۋە تەبىئىتى قاتتىق كىشىلەرنىڭ سالا - چۇقانى خالاس . شۇ نەرسە ئېسىڭدە بولسۇنكى يۇمشاق نەرسە ئېگىلىدۇ ، قاتتىق نەرسە سۇنىدۇ ، بارلىق زەخمە قاتتىقلىقتىن كېلىدۇ !!!
سىلاپ ئەركىلەتسەڭ شىرىن تىل بىلەن ،
يېتىلەيسەن پىلنى بىر تال قىل بىلەن .
يېسەڭمۇ ئازار ، بولغىن خۇشخۇي تىنچ ،
يېپەك يۇمشاق بولغاچ كېسەلمەس قېلىچ . »
ئۇ بارا - بارا كۆز ئالدىمدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى . قەلبىمگە بولسا « لىۋىڭنى يۇمشاق ياراتقان ياراتقۇچى سۆيۈشلىرىڭنىڭمۇ يۇمشاق بولىشىنى ئىستەيدۇ » دېگەن ھېكمەتنى يېزىپ قويدى . مەن ھوزۇر ئىچىدە ئولتۇردۇم ۋە دوستۇم لاۋزىنى ئەسلىدىم . لاۋزى ئۇستازى چاڭ زۇڭ ئېغىر ئاغرىپ قالغان ۋاقىتلىرىدا يوقلاپ بارغان ئىدى ، ئۇستازى لاۋزىغا قاراپ ئاغزىنى ئېچىپ « تىلىم بارمىكەن ؟ » دەپ سورىدى ، لاۋزى جاۋابەن « بار ئىكەن » دېدى ، چاڭ زۇڭ يەنە قايتۇرۇپ « چىشىم بارمىكەن ؟ » دەپ سورىغان ئىدى لاۋزى قاراپ بېقىپ « يوق ئىكەن » دەپ جاۋاب بەردى . ئۇستازى مەقسىتىنى تۇلۇق يەتكۈزەلىگىنىدىن مەمنۇن بولۇپ « ئەمدى چۈشەندىڭمۇ ؟ » دەپ سورىغىنىدا لاۋزى « چۈشەندىم » دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى .
, v* C: b( ?# U$ }; ~2 _5 U, z) m
تىل يۇمشاق بولغانلىقتىن قالار كەتمەس ،
چىش قاتتىق بولغاچقا ھەم ئۆمرى يەتمەس .
& N3 t z; P$ t: V# h3 i0 K
مۇھەببەت يۈكنى يەڭگىللىتەلمىگىنى بىلەن ، يۈكتىن كەلگە بېسىمنى تۈگىتەلەيدۇ ، چۈنكى مۇھەببەتتىن كېلىدىغان ھەرقانداق ئىنكاس گۈزەل بولىدۇ . يۈكتىن كەلگەن بېسىمنى دەل مۇھەببەتنىڭ « يۇمشاق » كۈچى تۈگەتكەن .
, Q# L: z! d& J7 e3 b
2016-يىل 3 -ئاينىڭ 13 -كۈنى (كورلا)
& c b5 g# l8 ^+ w% ?4 o7 R( ?