مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2159|ئىنكاس: 3

نۇرۇز قوشىقى(ئارمانى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

67

تېما

225

يازما

292

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 78355
يازما سانى:
225
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4302
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
168 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-4
ئاخىرقى:
2016-4-6
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-14 11:46 AM  

نۇرۇز قوشىقى



ئالىم ياسىن ئارمانى


ئاخشام ئىدى سوغاق زىمىستان،
بۈگۈن مانا ئىللىقتۇر دۇنيا.
ھەر قەلىبتە چەكسىز ھاياجان،
ئەكىس ئېتەر شادلىق چىرايدا.


ئېرىقلاردا ئاقماقتا ئەگىز،
بوۋاق كەبىي كۈلۈپ ۋىلىقلاپ.
تەملىرىدىن شۇنچىلىك لەزىز،
تەشنا لەۋلەر ئەممەكتە شوراپ.


سۇۋادانلار چىقارغان پوتلا،
كۆز قىسىدۇ شاخلاردا چېچەك.
گۈل چېچەككە پۇركەنگەن دۇنيا،
جەننەت كەبىي ئېچىشار ئېتەك.


مانا يۇرتتا ئاجايىپ بىر ھال،
گۈزەللىكتىن كۈلەر ھەممە جان.
ھاياجانغا تولغان شوخ شامال،
كېپىنەكتەك ئۇچماقتا ھەريان.


قىزىماقتا ئۇسۇل، توي،مەشرەپ،
ئىش-ئەمگەكتە قاينىغان چېلىش.
مول-ھوسۇلنىڭ ئىشقىدا ھەدەپ،
دېھقان چېكەر ئېتىزغا نەقىش.


كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن چېغى،
بىلسەم نۇرۇز كەلگەن ئوخشايدۇ.
چوڭ قازاندا ئوپچىنىڭ ئېشى،
ئىناقلىقتىن ناخشا توۋلايدۇ.


قوياش كەبىي ياشنار تەبىئەت،
سوغ زىمىستان قاچار دالدىغا.
تارقىلىدۇ يېشىل مۇھەببەت،
مېھرى گويا ئوخشاپ ئانىغا.


كەلدى نۇرۇز بۇ يىل ئۆزگىچە،
نۇرۇز دېمەك باھاركەن ئەسلى.
يول ئالايلى باھار پەسلىگە،
چەكسىز گۈزەل ۋەتەن ئەتىسى.

(ئاپتۇر:پەيزاۋات ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىللىرى ئىدارىسىدە)

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

1

تېما

140

يازما

142

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 94496
يازما سانى:
140
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
352
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
130 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-4-7
ئاخىرقى:
2016-3-29
ۋاقتى: 2016-3-14 14:17:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشاقنى بالدۇر ئەۋەتىۋىتىپسىزغۇ
بەك ياخشى يېزىپسىز  ،شۇنداق يىنىك ،شۇنداق راھەت ،شۇنداق مەزمۇنلۇق

10

تېما

520

يازما

530

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 117460
يازما سانى:
520
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3779
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
287 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-4-13
ئاخىرقى:
2016-4-13
ۋاقتى: 2016-3-15 10:47:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ،مەن ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئوقۇپ بېرىمەن ،بەلكىم يادلاشنى تەلەپمۇ قىلارمەن ،

67

تېما

225

يازما

292

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 78355
يازما سانى:
225
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4302
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
168 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-4
ئاخىرقى:
2016-4-6
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-16 15:53:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،تورداشلار ياقتۇرغانلا بولسا؟...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-14 01:59 AM, Processed in 0.106449 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش