مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 973|ئىنكاس: 10

مـــۈرىڭىزدە يىڭناغۇچ بــــارمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەرىكەت=بەرىكەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1898
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10057
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 1748 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 07:26:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



   تېپتىنىچ،گۈزەل بىر كىچىك شەھەردە،بىر-بىرگە ناھايتى مېھرىبان،بىر جۈپ ئاشۇق- مەشۇق بار ئىكەن.ئۇلار ھەر كۈنى بىللە قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۆرۈپ،ئاخشىمى دېڭىز بويىغا بېرىپ پېتىۋاتقان قۇياشنى كۆرىدكەن، ھەممە ئادەم ئۇلارغا تولىمۇ ھەۋەس نەزىرى بىلەن قارايدىكەن،لېكىن مەلۇم بىر كۈنى،بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسسىدە قىز بەخىتكە قارىشى ئېغىر يارلىنىپ،كېسەل كارىۋتىدا ئۈن-تىنسىز يېتىپ قاپتۇ. نەچچە كېچە كۈندۈز ئۆتۈپمۇ ئېسىگە كېلەلمەپتۇ...كۈندۈزى،يىگىت كارىۋات ئالدىدا ئولتۇرۇپ،ئۈن-تىنسىز ياتقان قىزغا قاراپ توختىماستىن ئۇنى چاقىرىپتۇ. ئاخشىمى ئۇ چېركاۋغا بېرىپ تەڭرىگە دۇئا قىلىپتۇ،ئۇنىڭ كۆز ياشلېرىمۇ قۇرۇپتۇ..........

بىر ئاي ئۆتۈپتۇ، قىز يەنىلە شۇنداق ھوشسىز ياتقان،يىگىت بولسا سۇلغۇنلىشىپ بولالماي قېلىپتۇ،لېكىن شۇندىمۇ ئۇ يەنىلا چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بېرىپتۇ،ئاخىرى بىر كۈنى ،تەڭرى بۇ مەجنۇن يىگىتتىن تەسىرلىنىپتۇ،ھەم شۇنداق قارار چىقىرىپتۇ،بۇ مەجنۇن يىگىتكە بىر تاللاش بېرىپتۇ. تەڭرى يىگىتتىن سوراپتۇ:

_ سەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىشنى خالامسەن؟

يىگىت قىلچە ئىككىلەنمەي جاۋاپ بېرىپتۇ:

_ خالايمەن،

تەڭرى:

_ ئەمىسە ياخشى،مەن سېنىڭ مەشۇقۇڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قوياي،لېكىن سەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ يىل يىڭناغۇچ بولۇپ ياشىشىڭ كېرەك،سەن بۇنى خالامسەن؟

يىگىت يەنىلە قەتئىلىك بىلەن جاۋاپ بېرىپتۇ:

_ خالايمەن.

 

تاڭ ئېتىپتۇ،يىگىت ئاللىبۇرۇن چىرايلىق بىر يىڭناغۇچقا ئايلىنىپتۇ. ئۇ تەڭرى بىلەن خوشلىشىپ،ئاستا-ئاستا دوختۇرخانىغا ئۇچۇپ كېلىپتۇ.

 قىز راستىنلا ئېسىگە كېلىپتۇ،ھەم يېنىدىكى دوختۇر بىلەن قانداقتۇر بىر گەپلەرنى دېيىشپتۇ،لېكىن يىڭناغۇچ يىگىت ھېچنىمنى ئاڭلىيالماپتۇ.....

بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ قىزنىڭ سالامەتلىكى تولۇق ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپتۇ،بىراق قىزنىڭ كۆڭلى ئازراقمۇ خۇشال ئەمەس ئىكەن ،ئۇ ھەر تەرەپتىن يىگىتنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپتۇ،لېكىن ھېچكىممۇ يىگىتنىڭ زادى قەيەرگە كەتكەنلىكنى بىلمەيدىكەن،قىز كۈن بويى توختىماي ئىزدەپتۇ.....ئاللىبۇرۇن يىڭناغۇچقا ئايلىنىپ بولغان يىگىت بولسا ،قىزنىڭ ئەتىراپىنى توختىماي چۆرگىلەپ ئۇچۇپتۇ،لېكىن ئۇ ھازىر بۇرۇنقىغا ئوخشاش قىزنى توۋلىيالمايدۇ،ئۇنى قۇچاقلىيالمايدۇ......

ئۇ پەقەت ئۈن-تىنسىز ھالدا، قىزنىڭ ئۇنى كۆرمەي ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا بەرداشلىق بېرىپتۇ.

ياز كېتىپ،كۈزنىڭ سوغۇق شامىلى غازانلانى ئۇچۇرۇپتۇ،يىڭناغۇچ يىگىت چوقۇم بۇ يەردىن كېتىشى كېرەك،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قىزنىڭ مۈرىسىگە قونۇپتۇ،

ئۇ ئۆزىنىڭ قاناتلېرى ئارقىلىق قىزنىڭ يۈزلېرىنى سىلىماقچى،پېشانىسىگە سۆيۈپ قويماقچى بولۇپتۇ،لېكىن ئۇنىڭ شۇ كىچىككىنىە بەدىننى قىز ھەر قانچە قىلىپمۇ بايقىيالماپتۇ.....

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يەنە باھار كېىپتۇ، يىڭناغۇچ يىگىت تاقەتسىزلىك بىلەن ئۇچۇپ كېلىپ يەنە ئۆزىنىڭ مەشۇقىنى ئىزدەپتۇ ،لېكىن ئەمدى  قىزنىڭ تونۇش سايىسى يېنىدا ،قامەتلىك بىر يىگىتنىڭ سىماسىنى كۆرۈپتۇ،شۇ دەقىقىدە يىڭناغۇچ يىگىت خۇدىنى يوقۇتۇپ، ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتلىكى تاس قېلىپتۇ.....

ئۇ كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن شۇنداق ئاڭلاپتۇ: ماشىنا ۋەقەسىدىن كېيىن،قىز ناھايتى ئېغىر يارلانغان،ھېلىقى دوختۇر يىگىتنىڭ تولىمۇ ئاقكۈڭۈل،مېھرىبان ئىكەنلىكنى،ئۇلارنىڭ مۇھەببىتنىڭ ئەلۋەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكنى،قىزنىڭمۇ ئىلگىركگە قارىغاندا ھازىر تېخىمۇ بەخىتلىك،خۇشال ئىكەنلىكنى..............

يىڭناغۇچ يىگىت تولىمۇ ئازاپلىنىپتۇ، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ دائىم ھېلىقى دوختۇر يىگىت بىلەن ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى مەشۇقىنىڭ دائىم بىللە دېڭىز بويىغا بېرىپ قۇياشنى چىقىشنى ،ئاخشىمى بولسا بىللە پېتىۋاتقان قۇياشنى تاماشا قىلدىغانلقىنى ئۇچىرتىپ تۇرۇپتۇ،ئۆزى بولسا،گاھىدا قىزنىڭ مۈرىسگە قونۇپ قويۇشتىن باشقا ھېچنەرسە قىلالماپتۇ......

بۇ يىل يازنىڭ ۋاقتى بەكلا ئۇزۇن،يىڭناغۇچ يىگىت ھەر كۈنى روھسىز،چۈشكىن ھالدا تۆۋەن ئۇچۇپتۇ،ئۇنىڭدا ھازىر ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى مەشۇقىغا يېقىنلىشىشتەك ماغدۇرمۇ قالماپتۇ...قىز ھەم ھېلىقى يىگىت ئوتتۇرسىدىكى پىچىرلىشىشلار،خۇشاللىق كۈلكىلېرى.....يىڭناغۇچ يىگىت شۇ تاپتا بوغۇلۇپ قالايلا دەپ قاپتۇ.....

 

ئۈچىنچى يىلى يازدا ،يىڭناغۇچ يىگىت ئەمدى قىزنى بۇرۇنقىدەك دائىم ئىزدەپ بارماپتۇ،چۈنكى قىزنىڭ مۈرىسى ئەمدى باشقا بىرى تەرىپىدىن ئىگەللىنىپ بولغان،

بىر دانە كىچىككىنە يىڭناغۇچقا قىز قىلچە دىققەت قىلمايدۇ، بۇرۇنقى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەشكە ھازىر تېخىمۇ ۋاقتى يوق......

تەڭرى بېكىتىپ بەرگەن ئۈچ يىل ۋاقىتمۇ توشايلا دەپ قاپتۇ، ئەڭ ئاخىرىقى كۈنى كەچتە قىز بىلەن ھېلىقى دوختۇر يىگىت توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ....

يىڭناغۇچ ئاستا-ئاستا چېركاۋغا ئۇچۇپ كىرىپ تەڭرىنىڭ مۇرىسى ئۈستىگە قونۇپتۇ،

ھەم تۈۋەندە تۇرغان بىر جۈپلەرنىڭ سۆزلېرىنى ئاڭلاپتۇ: "مەن خالايمەن".....

ئۇ ھېلىقى دوختۇر يىگىتنىڭ توي ئۈزۈكىنى ئۆزىنىڭ مەشۇقىنىڭ قولىغا تاقاپ قويغانلىقىنى كۆرۈپتۇ............................. يىڭناغۇچ ئۈن-تىنسىز ياش تۆكۈپتۇ........

تەڭرى ئەپسوسلانغان ھالدا ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:

_ سەن پۇشايمان قىلۋاتامسەن؟

يىڭناغۇچ كۆز يېشىنى سۈرتىۋېتىپ:

_ ياق،

تەڭرى كۈلۈمسىرگەن ھالدا:

_ ئۇنداقتا،ئەتە سەن بۇرۇنقى ئادەم ھالىتىڭگە قايتىسەن،

يىڭناغۇچ بېشىنى چايقاپتۇ،

_ مەن يەنىلا بىر ئۆمۇر مۇشۇنداق يىڭناغۇچ پېتىچە تۇرىۋېرەي........

 

بەزى تەقدىر-قىسمەتلەر بەلكىم ئايرىلىش قىلىپ پۇتۇلگەندۇ،يەنە بەزىلېردىن كۈتكىنىمىزدەك ياخشى نەتىجە چىقمايدىغاندۇ،بىر ئادەمنى سۆيگەنلىك چوقۇم ئۇنىڭغا ئېرىشەلەيدىىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ،لېكىن بىر ئادەمگە ئېرىشەلىگەن بولساق چوقۇم ئۇنى ياخشى قەدىرلەپ سۆيۈشىمىز كېرەك،

 سىزنىڭ مۈرىڭىزدىمۇ يىڭناغۇچ بارمۇ؟

تىل قابىليتىمنىڭ چەكلىك بولىشى سەۋەبىدىن بەزى سۆز-جۈملىلەرنى توغرا تەرجىمە قىلالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن،كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلمەن،

 

2010-يىل6-ئاينىڭ1-كۈنى

بېيجىڭ 



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
چالىقۇش + 69 ئىسىل

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 69   باھا خاتىرىسى

ئۆزگىنى قوي، ئۆزۈڭنى بىل.

شۇكرى ئاللا،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10072
تۆھپە نۇمۇرى: 397
توردا: 2774 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 07:42:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەر ئىكەن،بەكلا تەسىرلەندىم.
راس،بىر ئادەمنى سويگەنلىك ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ئىرىشكەنلىكتىن دىرەك بەرمەيدىكەن........ [s:14]
مەنمۇ ئۇنىڭ مۇرسىدىكى يىڭناغۇچ.ئۇنىڭ بەختىنى كۆرسەملا بولدى.........................

سەن مىېنىڭ ھەققىمدە نىمە ئويلىساڭ ،ئۇلۇغ ئاللا ساڭا ئۇنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى بەرسۇن!

باشقىلار كۆكتە ئ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 3523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3642
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 07:45:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەرجىمە قىلنىپتۇ  ..............................
ياخشى ئەسەركەن ........
مۇزىكىسىمۇ ياخشىكەن...... [s:2]

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 156
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11998
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 07:46:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۇزۇلمىسۇن  

رەخىىىىىمەت تىمىڭىزغا ؟

مەن مىسرانىمنى مەڭگۇ قۇللايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 678
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8999
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 07:46:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما موزىكا ھەجەپ يىقىملىقكىنا .....يىڭناغۇچقا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ...3 يىل بىرى بىلەن يۇرمەي تۇرسا بولمامدا ئا قىزمۇ ...تەلەپ قويپۇغىچە ماقۇل دىمەي..

ساغلام تەندە،ساپ ئەقىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 156
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11998
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 07:50:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  چالىقۇش كە 2010-06-01 07:42 PMئەۋەتىلدى  :
تۇرمۇشىمىزدا دائىم بىز ئويلمىغان ئىشلار يۈز بىرىپ تۇرىدۇ

تولىمۇ تەسىرلىك ئىكەن ،، تەرجىمگە كۆپ رەھمەت
ھاي باشلىق بىزنىڭ ئەسەر باھالايدىغان نومور چىكىنى يۇقىرلىتىپ قويساڭلار بولاتتى
مەن مۇنۇ ئەسەرنى بىر باھالاي دىسەم نومورۇم تۇگەپتۇ

مەن مىسرانىمنى مەڭگۇ قۇللايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 156
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11998
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 07:50:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  katran كە 2010-06-01 07:45 PMئەۋەتىلدى  :
ياخشى تەرجىمە قىلنىپتۇ  ..............................
ياخشى ئەسەركەن ........
مۇزىكىسىمۇ ياخشىكەن...... [s:2]
ھاي باشلىق بىزنىڭ ئەسەر باھالايدىغان نومور چىكىنى يۇقىرلىتىپ قويساڭلار بولاتتى
مەن مۇنۇ ئەسەرنى بىر باھالاي دىسەم نومورۇم تۇگەپتۇ

مەن مىسرانىمنى مەڭگۇ قۇللايمەن

Reason and emotion

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1828
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9506
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 08:17:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:مۈرىڭىزدە يىڭناغۇچ بارمۇ؟

بەك تەسىرللىككە،يىغلىۋەتتىم،يىڭناغۇچ بالا ،بەزىدە  ئەتراپىمدا كېپىنەكلەرنى كۆرۈپ قالساممۇ ئىشقىلىپ قاراپ نېمىلەرنىدۇ ئويلاپ كېتەتتىم بىچارىلەرنىڭ جېنىنىڭ ئاجىزلىقى تېخى تىتىلىپ كېتىشكە ئارانلا تۇرغان ،بۇرۇن كىچىك ۋاقتىمدا ئاپامدىن ئاپا  ئادەملەر ئۆلگەندىن كېيىن باشقا بىر خىل جانلىقلارغا ئايلىنىپ  تۆرېلىشىمۇ مۇمكىنمۇ مەسىلەن  مۈشۈك ،توشقان، ئات ،  دېگەندەك دەپ سورىغىنىمدا ئاپام ياق بالام ئادەم دېگەن پەقەت بىرلا قېتىم تۆرۈلىدۇ بىرلا قېتىم دەپ شۇنداق دېگەنتى ئىسلام دىنمىزدىمۇ شۇنداققۇ...
بۇغۇ ھېكايە ئەمدى ،ھېكايىدىكى ئۇ يىڭناغۇچ ئادەم ھالىتىگە قايتسىمۇ ھېچقانداق ئەھمىيى يۇقلىقىنى ھېس قىلىپ شۇنداق قارارغا كەلگەن ئوخشايدۇ ياخشى كۆرگەن ئادىمى ئۈچۈن يىڭناغۇچقا ئايلىنىپتۇ يەنە ئۇنىڭ بەختىنى دەپ ئۆزىدىنمۇ كېچىپتۇ نېمىدىگەن ئالىيجاناپلىق-ھە، بىچارە

‹قىزىل راۋاقتىكى  چۈش ›لىن دەييۈ ئوبرازى تۇيغۇمغا سۇقۇنۇپ كىرىپ كېلىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1189
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8793
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2011-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 08:18:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:مۈرىڭىزدە يىڭناغۇچ بارمۇ؟

بەك ياخشى بوپتۇ!!!!!!! [s:2]  [s:2]  [s:2]  [s:15]  [s:15]  [s:15]  [s:15]  [s:15]  [s:15]

شۇكرى ئاللا،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10072
تۆھپە نۇمۇرى: 397
توردا: 2774 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-1 09:37:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:Re:مۈرىڭىزدە يىڭناغۇچ بارمۇ؟

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت dildax كە 2010-06-01 08:18 PMئەۋەتىلدى Re:مۈرىڭىزدە يىڭناغۇچ بارمۇ؟ :
بەك ياخشى بوپتۇ!!!!!!! [s:2]   [s:2]   [s:2]   [s:15]   [s:15]   [s:15]   [s:15]   [s:15]   [s:15]

نىمە ياخشى بوپتۇ؟؟؟...............

سەن مىېنىڭ ھەققىمدە نىمە ئويلىساڭ ،ئۇلۇغ ئاللا ساڭا ئۇنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى بەرسۇن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش