بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىكى «ئۆسمە»-ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپخورلۇق توغرىسىدا
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
« ئاللاھ ھەقىقەتەن(كىشلەرنىڭ ئارسىدا) ئادىل بولۇشقا،(جىمى خەلققە)ياخشىلىق قىلىشقا،خىش-ئەقرىبالارغا سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ(سۆز-ھەرىكەتلەر)دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ،نەسھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ،ئاللاھ سىلەرگە پەند-نەسىھەت قىلىدۇ» («نەھل»سۈرىسى {16-سۈرە}،90-ئايەت).
مۇسۇلمانلار ئىسراپخورلۇق ۋە ھەشەمەتچىلىككە ئائىت بۈيۈك نەسىھەتلەرنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى شۇنداقلا دوستلىرىنى ئاللا تەرەپكە مايىل قىلسۇن دېگەن مەقسەتتە يۇقىردىكى ئايەتنى باشقا ئالدىم. ئاللاھ تائاللا بىز بەندىلەرنىڭ باشقا بەندىلەردىن شۇنداقلا باشقا ئۈممەتلەردىن ئالاھىدە پەرقىمىز بارلىقىنى تەكىتلەپ ، ئۆزىنىڭ كالامىدا مۇنداق دەيدۇ:
«(ئى مۇھەممەت ئۈممىتى!) ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر » («ئال ئىمران»سۈرىسى {3-سۈرە}11-ئايەت).مۇشۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە،ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپخورلۇق قىلماسلىق توغرىسدا ئاللاھ تائالا «ئەئراف»سۈرىسى (7-سۈرە)نىڭ 31-ئايىتدە: «يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ»دەپ بىز بەندىلەرگە ئالاھىدە قانۇن چۈشۈرگەن . لېكىن بىزدىن بىرمۇنچىلىرىمىز ئاللاھ تائالانىڭ قانۇن ئىلاھىيەسىگە سەل قاراپ، شۈكرانە نېمەت ئورنىغا كۇپرانە نېمەت قىلماقتىمىز. پۇللىرىمىزنى ئاللاھ تائاللا كۆرسەتكەن توغرا يولغا خەجلىمەي، ناشايان ئىشلارغا يەنى رېستورانلاردىكى ناتوغرا ئولتۇرۇشلارغا ، مېھماندارچىلىق باھانىسىدىكى «خوشامەتچىلىك»،«پارا»خورلۇققا ئىشلەتمەكتىمىز. پۇل-ماللىرىمىزنى قانداق باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «تۇغقانغا، مىسكىنگە، ئىبن سەبىلگە(خەير-ساخاۋەتتىن)ھەققىنى بەرگىن، (پۇل-مېلىڭنى ناتوغرا يوللارغا) ئىسراپ قىلمىغىن. ئىسراپ قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتاننىڭ قېرىنداشلىرىدۇر، شەيتان پەرۋەردىگارىغا تولىمۇ كۇفرانى نېمەت قىلغان ئىدى»(«بەنى ئىسرائىل»سۈرىسى{17-سۈرىسى}26-27-ئايەت).
ھازىر جەمئىيتىمىزدە، بولۇپمۇ يۇرتىمىزدا قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى يەنىلا ئىسراپچىلىق. مەسىلەن: بىرىنچى، دېھقانلىرىمىزنىڭ قان – تەر بەدىلىگە كەلگەن بۇغداي - گۈرۈچلەردىن ئېتىلگەن تائاملار، دېھقانلىرىمىز ھەپتە – ئايلاپ ئېلىپ يېيەلمەيدىغان سېمىز گۆشلەر شەھەر كوچىلىرىدكى ئەخلەت ساندۇقلىرىغا سۇلياۋ خالتا ۋە گېزىتلەرگە ئوراپ تاشلانغانلىقىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كۆرىمىز . ئۇنىڭدىن باشقا رېستۇران، ھەتتاكى ئاددى ئاشپۇزۇللاردا تۇڭ-تۇڭلاپ تۆكۈلىۋاتقان نېمەتلەرگە قاراپ ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدۇ. ئاللاھ تائاللا «فۇرقان» سۈرىسىنىڭ(25-سۈرە)67-ئايىتىدە: «ئۇلار(يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجەت قىلغاندا ئىسراپچىقىلمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. بىز مۇشۇ ئايەتكە ئۇيغۇنلاشقان ئۇيغۇنلاشمىغانلىقىمىز، ئاللاھ كۆرسەتكەن يولدىن چىقىپ كەتكەن – كەتمىگەنلىكىمىز ھەققە ياخشى تەپەككۇر قىلىشىمىز لازىم.
ئىككىنچى، پۇل ئىسراپچىلىقى. پۇلنى مىڭ مۇشۇققەتتە تاپىمىز-يۇ، بىرمۇنچىلىرىمىز ئۇنى گۇناھ يوللىرىغا خىراجەت قىلۋاتىمىز. مەسىلەن، بىر مۇنچە ياش دىنى قېرىنداشلىرىمىز قېرى-چۆرە، ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىلىرىنى سۇيۇق ئاش ئېتىشكە بۇيرۇۋېتىپ، ئۆزى ئاغىنە-بۇرادەرلىرى بىلەن كاۋاپ قاتارلىق ئېسىل تائاملارنى يەپ يۈرىۋاتىدۇ؛ نەتىجىدە، بىچارە سەغىرە بالىلار، ئاجىزئايال، قېرى ئاتا –ئانىلار بولسا تېخىمۇ زەئىپلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى ئاتا – ئانىسىنىڭ مىڭ بىر جاپادا باققانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولسا ئىدى، ئەسقاتماس «دوست» لىرىغا ئېلىپ بەرگەن كاۋاپنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ ، ئائىلە – تاۋاباتلىرى بىلەن بىرگە يېگەن بولاتتى. «بەنى ئسرائىل» سۈرىسى {17-سۈرە}نىڭ 29-ئايىتىدە، ئاللاھ تائاللا مۇنداق دەيدۇ «قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن(يەنى بېخىللىق قىلمىغىن)، قولۇڭنى تولىمۇ ئېچىپمۇ كەتمىگىن(يەنى ئىسراپ قىلمىغىن)،(ئۇنداق قىلساڭ پۇلسىز قىلىپ) مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن». بۇ ئايەت مەزمۇنىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سېخىلىقىمىزنى ، ئاتا-ئانا، خۇلۇم – قوشنا، ئاجىز مىسكىنلەرگە، ئاللاھ بۇيرۇغان ھەق يوللارغا كۆرسىتىشمىز لازىم. گۇناھ -مەئىشەت ئىشلارغا (يەنى قىمار ئويناش، جەزە قويۇش، پارا بېرىش-ئېلىش، ھاراق تاماكا، زەھەر قاتارلىق گۇناھى كەبىرلەرگە) ئالقىنىمىزنى چىڭ يۇمۇۋېلىشىمىز لازىم.
ئۈچىنچى، ۋاقىت ئىسراپچىقىلىقى. بۇ نۇقتىدا، بىر مۇنچە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەتىگەندىن-كەچكىچە كوچا ساقلاپ تۇرۇشى ياكى بىليارت تايىقىغا يۆلىنىپ تاختا ئۈستىدە شەيتانچاقنى غىلدىرلىتىپ ئوينىشى، ھاراق ئىچىپ ، زەھەر چېكىپ مەستلىك ھالەتتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى ئادەمنى ئېچىندۈرىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ يىقىن بۇرادىرى، بىراق ئۇنى ئۆلۈكتىن ئايرىپ تۈرىدىغىنى تىنىق(نەپەس)دۇر». دەپ ، بۇ دۇنيادا ئاخىرەت ئۈچۈن زاد راھىل توپلاشقا چاقىرىق قىلغان . دېمىسىمۇ ئۆمۈر ۋاقتىنىڭ ھاسىلى، ۋاقتىنىڭ كەتكىنى ئۆمۈرنىڭ كەتكىنى ، شۇڭا بىز ئۆمۈرنىڭ ۋاقىتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى بىر مىنۇتمۇ ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىم.
ھۆرمەتلىك دىنىي قېرىنداشلار! بىز ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئىيتقان ئىكەنمىز، ئاللاھ ۋە رەسۇلنىڭ مۇبارەك نەسىھەتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىپادىلىشمىز زۆرۈر. ئاخىرىدا ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرقانچە ھەدىسىنى ئەسلەپ ئۆتمەكچى مەن : ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىش كۆرگەن ئادەم كەمبەغەللىشىپ قالمايدۇ»(ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: « ئىسراپ قىلماستىن ۋە چوڭچىلىق قىلماستىن يەڭلار، ئىچىڭلار، كىيىڭلار ۋە سەدىقە بېرىڭلار»(ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
(
ئاپتور: قەشقەر شەھەرلىك شامالباغ يېزا توغراقلىق مازار مەسچىتىدىن).
مەنبە: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى 2002.4-سانىدىن ئېلىندى .
بۇ تېمىنى ياقتۇرۇپ
http://kuyax.cn/bbs/read.php?tid=10&fpage=2 بۇ ئۇلىنىشتىن كۈچۈرۈپ قويدۇم.