مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1573|ئىنكاس: 16

يامغۇردا ھېس قىلغان مۇھەببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىتقاد بارچە بار

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6587
يازما سانى: 1896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11056
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 2651 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-24 07:39:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

http://i3.6.cn/cvbnm/5f/59/13/3cf9981f88f34e76d2b4d06653c78730.jpg




تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرسىمۇ،  قەلبىمدىكى پۇشايمانلىق ئەسلىمىلەرنى تارتىپ چىقىرىدىغان سىم ـ سىم يامغۇر دېرىزەمنى كۈچەپ چەكمەكتە.
مەن كومپىيوتىرغا مىختەك قادالغىنىمچە دېرىزەم سىرتىغا قارىماسلىققا تىرىشماقتىمەن، مېنىڭ ئىرادىسىلىكىمدىن ئەيتاۋۇر ئىخىيارىمغا بوي سۇنمىغان ھالدا دېرىزەم سىرتىغا قاراپ سالدىم... ئەنە رىشاتنىڭ سىماسى...ئۇ ئولتۇرغان سوغۇق رىشاتكا مۇڭسىراپ تۇرۇپتۇ...
شۇنداق بۈگۈن يەنە ئۇ يوق، ئىختىيارسىز ئەسلەپ قالدىم مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان يامغۇرلۇق كىچىلەردە رىشاتنىڭ دېرىزەمگە ئۇدۇل قارايدىغان ئاشۇ سۇغۇق رىشاتكىدا ئولتۇرۇپ ماڭا ئوچۇر يوللىغانلىرىنى، ماڭا ئاتاپ ئۇقۇغان ناخشىلىرىنى ئەسلىدىم...
ئىلگىرى رىشات دائىم مېنى ساقلاپ ئولتۇرىدىغان، رىشاتكىغا كېلىپ مەنمۇ ئولتۇردۇم، قاتتىق بىر سوقۇق ئېقىمنىڭ قان ـ قانلىرىمغا تارالدى..
ـ رىشات ـ ئىختىيارىمسىزلا بۇ ئىسىم ئۆز ـ ئۈزۈمگە قاتتىق ئۆچلىكىم كەلدى... ئەقىلىسىزلىقىمغا پۇشايمان قىلىدىم.
مانا مۇشۇنداق يامغۇرلۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇ دېرىزەم ئالدىدا ئۇنى بىر كاچات سالغان ئىدىم
ـ سەندە غورۇر يوقمۇ؟ ئىزىتىڭنى بىلىپ كەتسەڭچۇ؟ ئوغۇل بالىدەك ياشىساڭ بولمامدۇ؟ قىزلارغا يېلىنىپ ياشىغىچە ئوغۇل بالا بۇلۇپ قالغىنىڭغا لەنەت...
چاڭڭىدە قىلىپ تەككەن بىر كاچاتتىن ئارقامغا نەچچە قەدەم داجىپ كەتتىم.
ـ ئوغۇل بالا دىگەن مۇشۇنداق بۇلامدا رەنا
كۆزلىرىم ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلگەن، ئۈزۈممۇ ئويلاپ بۇلالمىغان بىر خىل ھېسيات ئىچىدە غەرىق ئىدىم.
ـ رەنا ئەمدى سېنى ئىزلىمەيمەن. مەن ئوغۇل بالىدەك ياشاي...
ئۇ كەتتى... ئۇ راسلا ئاشۇ ئىشتىن كېيىن مېنى ئىزلەپ قايتا كەلمىدى، تالاي يامغۇرلۇق كۈنلەر، ئايسىز ئاسمانلار، يۇلتۇزلۇق كىچىلەر ئۈتۈپ كەتتى... بىراق رىشات يەنىلا يوق... ئىلگىرى { دېرىزەڭ پەردىسى قايرىلسىچۇ } دەپ ناخشا ئېيتىدىغان رىشاتنىڭ ئاۋازىنى سېغىنىپ قالدىم. دېرىزەم پەردىسىنى قايرىپ ئۇنىڭ يۇلىغا قارايدىغان بولدۇم.
شۇنداق مەن ئىلگىرى رىشاتتىن بىزار ئىدىم، ئۇ ئەڭ نوچىسى بولسىمۇ مېنىڭ ئالدىمدا ھېچنىمىگە تەڭ بۇلالمايتى. نەزىرىمنى ئۈستۈن تۇتقانلىقىممۇ ئەيتاۋۇر ئۇ ئېيىتقان ناخشىنىمۇ ياراتمايتىم. مانا ھازىر ئۇنى ساقلاۋاتىمەن.. بىراق ئۇ يوق. ئۇنىڭ مەن ياراتمايدىغان ناخشىسىمۇ يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتتى...
راس گەپنى قىلغاندا ھازىر ئۇنى سېغىنىدىغان بۇلۇپ قالدىم. ئىلگىرى ئۇنىڭغا شۇنداق قوپاللىق قىلاتتىم، قەدەمدە بىر دەككىسىنى بېرەتتىم، يۈزىنى يەرگە ئۇراتتىم، مانا ھازىر پۇشايمان ئىچىدە ئۇنىڭ كېلىشىنى ساقلاۋاتىمەن... بۈگۈن يەنە ساۋاغداشلار يىغلىشى بولدى... ئىلگىرى ساۋاغداشلار يىغىلىشىدىن پەقەتلا ئايرىلىپ قالمايدىغان رىشاتنى ھازىر ساۋاغداشلار يىغىلىشىدا كۆرگىلىمۇ بولمايتى... بۈگۈن بىر خىل ئىشەنىچ ھەم ئازراق سېغىنىش ھېسياتى بىلەن ساۋاغداشلار يىغىلىشغا باردىم، گەرچە ئاغزىمدا رىشاتنى كۆرگۈم يوق دەۋاتقان بولساممۇ يەنىلا قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن ئۇنى كۆرۈشنى بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتاتتىم...
ـ نىمىگە جىمىپ كەتتىڭىز رەنا ... رىشات بىلەن بىللە كەلمەپسىلەر،.. رىشات نەدە قالدى... يولدا ئۇرۇشۇپ قالمىغانسىلەن؟ـ ۋەلىنىڭ ئارقا ـ ئارقىدىن ئۇلاپ سورىغان سۇئالىدىن بىردە كۈلگۈم كەلسە بىردە سەل ئاچچىقى كەلدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ تىگىدە گەپ بار ئىدى، ئۇچۇقراقىنى ئېيىتقاندا ۋەلى رىشات بىلەن ئىككىمىزنىڭ بىر جۈپلەردىن بۇلۇپ قېلىشىمىزنى ئارزۇ قىلىدىغانلارنىڭ ئالدى ئىدى... مەن رىشاتتىن بىزار بولغاچقا ئۇنىڭ سۈزىمۇ مېنى زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك ئاڭلىناتتى.
ـ نىم دەيدىغانسەن؟ ئۇنى بۈگۈن كۆرمىدىم، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېلىشىم كېرەكمىدى...
ـ كەلسىڭىز نىم بۇلاتتى... ھەممىمىز خوش بۇلاتتۇق شۇ ـ بۇ گەپ بىلەن تەڭ كىچىككىنە زالنى يېقىمسىز كۈلكە ئاۋازى قاپلىدى.
مانا ھەممىنىڭ ئاغزىدا رىشاتنىڭ گېپى، شۇنداق ئۇ ئىسىل يىگىت ئىدىغۇ؟ نىمىشقىمۇ ئۇنى ياراتمىغان بولغىيتىم...
مانا بۈگۈنمۇ بۇرۇنقىدەكلا يامغۇرلۇق كۈن ئىدى، بوۋامنىڭ ئۈيىدىن قايتاشىمدا كىرا ماشىنىسىغا ئولتۇرغان ئىدىم، كېتىۋېتىپ بىر ئايالنى يۈدىۋالغان بىر يىگىت بىلەن ئىككى قولىدا كىچىڭ بالىنى كۈتۈرۋالغان نەچچەيلەنگە كۈزۈم چۈشتى، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بەك كۈزۈمگە چېلىققىنى رىشات ئىدى... ئۇلارنىڭ ماشىنا تۇسالماي ئاۋارە بۇلىۋاتقانلىقى كۆرۈپ:
ـ ئۇستام، رەنجىمەي ئاۋۇرلارنىڭ يېنىدا توختاتسىڭىز...
مېنىڭ ماشىنىدىن چۈشكىنىمنى كۈرۈپ رىشات بەكلا ھەيران قالدى...
ـ رەنا
ـ تىز ماشىنا چىقىرايلى...
.....
ـ قاياقتىن ئۈندۈڭ ئاسماندىن چۈشتىڭمۇ نىمە؟
ـ ياق.
ئۇ كۆزلىرىگە تىكىلگىنىچە قاراپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا ئۇ ماڭا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدۇق... ئۇ تۇيۇقسىز نىمىنىدۇر ئىسىگە ئالغاندەك چاپىنى سالدى، ئۇ چاپىنىنى دالدا قىلغاچ :
ـ تېز ئاۋۇ ياققا بارايلى، سىزگە سوغۇق ئۈتۈپ قالمىسۇن.
ـ بولدى، ھېچقىسى يوق.
ـ چاپاننى كىيىۋېلىڭ... سىز بەك ئاجىز
ـ بولدى...
نۇرغۇن تەكەللۇپلاردىن كېيىن چاپاننى يەنىلا مەن كىيىۋالدىم، ئىلگىرى مۇشۇنداق ئىشلار بولغاندا ئۇنىڭغا قوپاللىق قىلىپ تىللاپ سىلكىيتىم، بىراق بۈگۈن سىلكىمىدىم، ئەمما ئازراق تارتىنىش بار ئىدى.
ـ چاپان ئىسسىقمىكەن.
بېشىمنى لىڭشىتىپ قويدۇم، شۇنداق بۇ چاپان ھەقىقەتەنمۇ ئىسسىق ئىدى، ئادەمگە باشقىچە ئىللىقلىق ئاتا قىلاتتى. ئىىلگىركى مۇز تۇتقان يۈرىكىم ئىرىگەندەك بۇلۇپ، بىر خىل ئىللىق تۇيغۇدا يۈرۈكۈم يىنىڭ سوقتى... بۇرۇنقى بىزارلىقمۇ يۇقالدى..
ـ نەگە ماڭدىڭىز رىشات؟
ـ ۋېلىسپىتنى ئاۋۇ ياققا قويغان ئەكىلىۋالاي..
ئۇ ۋېلىسپىتىنى ئەكەلگەندىن كېيىن، تامغا يۈلەپ يېنىمغا كەلدى.
ـ سىرىت شۇنداق سوغۇق تۇرسا، ماشىنىدىن چۈشكىنىڭىز نىمىسى سوغۇق ئۈتۈپ قالمىغاندۇ؟ ـ ئۇ شۇنداق دىگەچ مۇزدەك قوللىرى بىلەن بېشىمنى تۇتتى.
ـ ياق، سۇغۇق ئۈتۈپ قالمىدى.
ـ سىز قانداق بىلىسىز؟
بۇ گەپ بىلەن تەڭ ھەر ئىككىلىمىزلا كۈلىۋەتتۇق.
ـ بۇياققا ئۈتۈڭ كاللىڭىزغا يامغۇ چۈشىۋاتىدۇ. مەنمۇ تارتىنمايلا ئۇ ئولتۇرغان ۋېلىسپىنىڭ ئارقىسىغا ئولتۇردۇم.
ـ ھە، بۇ يەرگە يامغۇر چۈشمەپتۇ، ھە راس سىز يامغۇردا نەگە ماڭغان ۋېلىسپىت بىلەن چىقىپسىزغۇ؟
ئۇ سۇس كۈلۈمسىرەپ بېشىنى سىيلىدى:
ـ ئايلىپ كىرەي دەپ چىققان شۇ.
ئەمدىلا راۋۇرۇس ئولتۇرۇشۇم ئىدى، رىشات ۋېلىسپىتنى ھەيدىدى:
ـ كەتتۇق.
داجىپ كەتتكەن قوللىرىم ئۇنىڭ بېلىدىن چىڭ قاماللىدى... ـ نەگە ماڭدىڭىز رىشات؟
ـ سىزنى ئۈيىڭىزگە ئاپىرىپ قۇياي دەيمەن.
...
يامغۇر شارقىراپ قۇيماقتا... ھەر ئىككىلىمىزنىڭ چىرايىدا ئوخشاشلا كۈلكە، ئىلگىرى مۇشۇنداق تالاي يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئۇنىڭ ۋېلىسپىتىنىڭ ئارقىسىغا مىنگىشىۋالغان بولساممۇ بۇنچىلىك بىخەتەر ھەم خوشال يۈرگىنىمنى بىلمەيتىم، ئىلگىرى ئۇ ئۈيۈمگە ئەكىلىپ قويسا خوشمۇ دەپ قويماستىن كىرىپ كىتەتتىم، بىراق بۈگۈن ئۇنداق قىلمىدىم، تاكى ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە ئۇنىڭغا قاراپ  تۇردۇم.
...
مانا شۇنىڭدىن كېيىن تالاي يامغۇرلۇق كۈنلەر ئۆتتى. گۈزەل قىشمۇ ئاخىرلىشىپ باھار پەسلى قايتىدىن كەلدى، بىراق رىشات شۇ كەتكىنىچە قايتىدىن كەلمىدى، ئىلگىرى ئۇ مېنى ساقلىغان كۈنلەر ئەمدى چۈشتەك مەن ئۇنىڭ يۇلىغا قاراپ ئولتۇرماقتىمەن،،، ئۇنى تىللىغانلىرىمنى يۈرىكىگە تەككىدەك ئاچچىق گەپلەرنى قىلغىنىمنى ئويلاپ پۇشايمان قىلمايتىمەن ...

مەنبە : ئۈزۈم

بۇ يازمىنى ئىلگىرى ئەلكۈيى مۇنبىرىگە يوللىغان ئىدىم، بۈگۈن ئاقسۇدا يەنە يامغۇر ياغدى... يەنە بۇ تېمىنى ئەسلەپ قالدىم،،، سىلەر بىلەن بىللە ئورتاقلىشاي دەپ ئارزاق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ بۇ مۇنبەرگە يوللىدىم. ياقتۇرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...
ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-24 08:56:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-24 09:59:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز بىلەن خەتنىڭ رەڭگى تازا ماس كەپتۇ،يېشىل تىما.يېشىل ئارمان،
كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ئاپپاق قىز،بەخىت سىزگە كۈلۈپ قۇچاق ئاچىدۇ،ئىشنەمسىز.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12720
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31718
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4654 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-24 10:56:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامغۇرلۇق كۈندىك گۈزەل ئەسلىمىلەر شۇنداق يېقىشلىق چىقىپتۇ ئاپئاق.... تېمىڭزنى ياقتۇردۇم....
سىزمۇ ئاقسۇدىنما؟ مەنمۇ ئاقسۇدىن، بۈگۈنكى يامغۇرلۇق ھاۋا كەيپىمنى ئۇچۇردى مېنىڭ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

سېنىڭ بەختىڭ، ئو

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10233
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8228
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2010-9-13
ئاخىرقى: 2011-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-24 11:58:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ سىزنىڭ ساۋاقدىشىڭىزكەنغۇ؟ دېمەك سىلەر ئۇنچە تارتىنىشىپ يۈرىدىغان كىشلەردىن ئەمەسكەنسىلەر، ئۇنداق ئازابلىنىپ يۈرگىچە نېمىشقا ئۇنىڭغا كۆڭلىڭىزدىكىنى ئاشكارىلىمايسىز

گېپىدە تۇرۇش ئېسىل خىسلەت، بۇنى ئۇنۇتماڭ

ياسىنجان(سىرلىق)

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 7034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90762
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 6271 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-25 12:53:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرڭىز  بەك  ياخشى  چىقىپيۇ........... يەنە  يوللاپ  تۇراسز  دوستۇم.

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.

دوستلار ئارىسىد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4240
يازما سانى: 1490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9292
تۆھپە نۇمۇرى: 600
توردا: 5847 سائەت
تىزىم: 2010-7-18
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-25 12:58:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارنىڭ يامغۇردا كۆنلۈك كۆتىرىپ، قولتۇقلىشىپ كىتىپ بارغانلىقىقا قاراپ، مېھرىڭىزنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپسىز- دە!

باشقىلارنىڭ دىلىنى يۇرۇتۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزەڭنىڭ دىلىنى نۇرلاندۇر.

ئىتقاد بارچە بار

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6587
يازما سانى: 1896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11056
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 2651 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-25 06:12:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخىتنىڭ ماڭا قۇچاق ئاچىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ھەم ھەممىڭلارغا بەخىت تىلەيمەن...
شۇنداق مەن ئاقسۇدىن... بۈگۈن مېنىڭ كۆڭلۈم سەل يېرىم...
...
تېمامنى ياقتۇرغىنىڭلارغا تەشەككۈر ئالدىراپ قالغاچقا خەت خاتالىقى بەك كۆپ بوپ كىتىپتۇ... مېنى زاڭلىق قىلمىغىنىڭلارغا تەشەككۈر...

ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...

جىنىم ئاپام ئاما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11279
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8147
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 575 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2011-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-27 01:35:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداق ئازاپلىنپ يۈرىۋەمەي ئۇنىڭغا كوڭلىڭىزنى چۈشەندۈرۈڭ،ياخىشى كورۈش گۇناھ ئەمەس.
بەخىت ھامان سىزگە قۇچاق ئاچىدۇ ،غەيرەتلىك بولۇڭ. [s:108]  [s:108]  [s:108]

سنى ياخشى كورۈپ قالغنىمغا پۈشايمان قىلىمەن ،لىكىن ساڭا چىن كوڭلۈمدىن بەخىت تىلەيمەن جىنىم.ئامان بول!!!
ھېسلىرى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-27 03:17:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش