ئىنگىلاند-ئارگىنتىنا
بۇ مۇنبەردە مىېنىڭچە پۇتبولنىڭ قانداق تەنھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز،ئۇ ھەقىقى بىر ئەركەكنىڭ چىدامچانلىقى ۋە روھىنى سىنايدىغان جەڭگاھ،ھەرقانداق بىر پۇتبول مەستانىسى بۇ جەڭگە سىياسەتنىڭ قول تىقىشىنى خىلىمايدۇ مېنىڭچە،ئەمما ئىنگىلاند بىلەن ئارگىنتىنا ئوتتۇرىسىدى ئۆچمەنلىكنىڭ باشلىنىشىنى مارۋىنىز ئارىلى ئۇرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.1986-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە مارادونانىڭ نەچچە ئىنگىلاند مۇداپىئەچىلىرىنى ئالداپ ئۆتۈپ ئۇرغان دۇنياۋى توپى ۋە <<تەڭرىنىڭ قولى>>پۈتكۈل ئارگىنتىنا توپ مەستانىلىرىنى خۇشاللىقتىن ئاسمانغا ئەچىققان بولسا ئىنگىلاد پۇتبولچىلىقىغا شۇنداقلا مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس بىر داغ قالدۇرۇپ قويدى.
1998-يىلقى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى8/1 شاللاش مۇسابىقىسى ئىنگىلاندنىڭ ئۆچىنى ئالىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ئىدى،بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىمۇ دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى قامۇسىغا كىرگەن ئىككى توپ ،يەنى ئوۋېننىڭ ئوقتەك سۈرئەت بىلەن ئارگىنتىنا بېكىنى ئالداپ ئۆتۈپ ئۇرغان شۇنداقلا ئوۋىننىڭ نامىنى پۈتكۈل دۇنياغا تاراتقان توپى بىلەن ئارگىنتىنانىڭ ئۆزگىچە يېڭىلىق روھىغا ئىگە ماسلىشىپ ئۇرغان ئىختىيارى توپى بارلىققا كەلدى،ئەمما ئەمدىلا تونۇلىۋاتقان ياش بېھخامنىڭ قان قىززىقى بىلەن ئارتۇقتىن ئارتۇق ئاتقان بىر پەشۋاھى ئىنگىلاندنىڭ ئار نۇمۇسىنى يۇيۇشىغا ئامالسىز قالدۇردى،ئەزەلدىن نۇقتا توپتا تەلىيى يوق ئىنگىلاند يەنە بىر قېتىم كونا رەقىبى ئارگىنتىنا ئالدىدا يەر چىشلىدى.
2002-يىلى كورىيە-ياپۇنىيە بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بۇ ئىككى رەقىپ يەنە ئۇچرىشىپ قالدى. بۇ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى بولسىمۇ نىگىرىيە ۋە شىۋىتسىيەنىڭ كۈچىگە سەل قارىغىلى بولمايتتى.شۇڭا بۇ مۇسابىقە بۇ ئىككى زەردارنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەتتى.گەرچە بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئالدىنقى قېتىمقىلاردەك قىزىمىغان بولسىمۇ ئەمما بېھخامنىڭ ئۇرغان ئاشۇ نۇقتا توپى ئىنگىلاند مەستانىرىنىنىڭ قەلبىگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللى بولدى.ھېسابتا ئارگىنتىناغا بىر كاچات قايتۇرۇپ بەردى.
ۋىنگىرىيە-گىرمانىيە
<<ۋىنگىرىيە ؟؟مەن ئاڭلاپ باقمىغان.>>نۇرغۇنلىغان بالا مەستانىلەر ۋىنگىرىيەنىڭ قەيەرلىكىنى،ۋىنگىرىيە پۇتبولىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى،ئۇلارنىڭ ئۇدا نەچچە يىل خەلقارالىق مۇسابىلىلەردە يېڭىلمەسلىك رېكورتىنى بىلمەيدۇ ھەقاچان.چۈنكى ئۇلاردا بىر نەرسە كەم______دۇنيا لوڭقىسى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ۋىنگىرىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ تازا گۈللەنگەن ۋاقىتلىرى ئىدى،1954-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كىشىلەرچىمپىيون بولىدۇ دەپ ئالدىن پەرەز قىلىشقان كوماندا ۋىنگىرىيە،ئاندىن قالسا بىرازىلىيە ۋە گىرمانىيەلەر ئىدى. ئەمما تەلەي ئۇلارغا كۈلۈپ باقمىدى.گەرچە ۋىنگىرىيە كوماندىسى ھېچ قىينالمايلا ھەل قىلغۇچقا كىرگەن بولسىمۇ ئەمما سابىق غەربى گىرمانىيە ئۇلارنىڭ بۇ شېرىن چۈشىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
ئەمما 4يىلدىن كېيىنكى شىۋىتسىيە دۇنيا لوڭىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە شىۋىتسىيەلىكلەر ئۆچىنى ئېلىۋالدى._____يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە سابىق غەربى گىرمانىيە بىلەن ساھىبخان شىۋىتسىيە ئۇچراشتى.ۋىنگىرىيەلىك باش رېپىرنىڭ ساھىبخانغا ھەددىدىن زىيادە گۇپپاڭچىلىق قىلىشى بىلەن سابىق گىرمانىيە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆيىگە قايتتى.شىۋىتسىيەمۇ شانلىق بىر تارىخ ياراتتى.ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ۋىنگىرىيە شۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن قايتىدىن باش كۆتۈرەلمىدى.
ئىتالىيە__بىرازىلىيە
دېربى جەڭ دەپ ئاڭلىغانما ؟مىلان دېربىيسى ؟ئسپانىيە دۆلەت دېربىيسى؟ياق ياق،دېربى مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى دەل دۇنيا دېربىيسى.بۇ ئىككى دېربىچىلار دەل دۇنيا لوڭقىسىنىڭ زومىگەرلىرى بولغان ئىتالىيە بىلەن بىرازىلىيە.
بۇ ئىككى كوماندا مەيلى چىمپىيونلۇق بولسۇن ياكى ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش سانى جەھەتتە بولسۇن باشقا دۆلەتلەردىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ.1970-يىلقى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە پېلى يېتەكلىگەن بىرازىلىيە كوماندىسى ئۇلارنىڭ 3-قېتىملىق لوڭقىسىنى ئالىدۇ ۋە دۇنيا لوڭقىسىنى مەڭگۈ بىرازىلىيەدە ساقلاپ قېلىش شەرىپىگە ئېرىشىدۇ.بىرازىللارنىڭ شۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رەقىبى دەل ئىتالىيە ئىدى.
ئىتالىيەنىڭ يەنە بىر قېتىملىق قولغا كېلىشكە بىر قەدەملا قالغان لوڭقىنى خەخكە تارتقۇزۇپ قويۇشى 1994-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە يۈز بېرىدۇ.بۇقېتىملىق رەقىبى يەنىلا باشقا بىرى ئەمەس بىرازىلىيە ئىدى.1986-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مارادوناغا مەنسۇپ مۇسابىقە بولسا بۇ قېتىملىقى روبېرتو-باگگىيوغا تەئەللۇق مۇسابىقە بولدى.ئەمما باگگىيونىڭ بۇ تىرىشچانلىقى ئەڭ ئاخىرىقى مىنۇتلارغىچە بەرداشلىق بېرەلمىدى.ئۇنىڭ قاڭقىتىپ چىقىرىۋەتكەن شۇ نۇقتا توپى ۋە تېپىپ بولغاندىن كېيىنكى مىسكىن ھالىتى بىرازىللارنى خۇشاللىق تەنتەنىسىگە چۆمدۈرگەن بولسا ئىتالىيە مەستانىلىرىنىڭ كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياشلارنى ئاققۇزدى،بۇ ياشلار دۇنيا لوڭقىسى ئۈچۈن تۆكۈلدىمۇ ياكى باگگىيونىڭ ئاشۇ كۆز ئالدىدىن كەتمەيدىغان تۇرقىغا ئىچى سىيرىلىپ تۆكۈلدىمۇ بۇنىسى قاراڭغۇ.
ھېسابلاپ كەلسە ئىتالىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيەنى يېڭىغىنى پەقەت بىر قېتىم___1938-يىلى يېرىم ھەل قىلغۇچتا 2-1نەتىجە بىلەن يېڭىغان.
گىرمانىيە-گوللاندىيە
گىرمانلار ۋىنگىرىيەلىكلەرنى پەسكويغا چۈشۈرگەندىن كېيىن گوللاندىيەلىكلەر گىرمانلارنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ قالدى.1974-يىلقى دۇنيا لوڭقىسىدا گوللاندىيە دۇنيادىكى قوللىغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ ھېسابلىناتتى.ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئەمىلى كۈچىدىن گۇمانلانمايتتى.ئەمما پۇتبول دېگەن بۇ رەھىمسىز جەڭدە يالغۇز ئەمىلى كۈچ بولسىلا بولمايدۇ.ئازراق تەلەي كېرەك .ئەمما بۇ تەلەي ئاخىرى گىرمانلارغا مەنسۇپ بولدى.ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گوللاندىيە ئاۋال توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ ئەمما گىرمانلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇلارنى بۇ شاھلىق لوڭقىسىدىن مەھرۇم قويدى.شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن<<تاجىسىز شاھ>>دېگەن نام بۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلمەكتە.
شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى كوماندا ئۇچراشسا كىشىلەرنىڭ دېھقىتىنى ئالاھىدە تارتىدىغان بولدى.1990-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا بۇ ئىككى رەقىپ يەنە بىر ئۇچرىشىپ قالدى.مۇسابىقە جەريانىدا لىجىكارد بىلەن ۋولىر ئوتتۇرىسىدا ئازراق توقۇنۇش يۈز بەردى.گەرچە ھەر ئىككىلىسى قىزىل كارتا يېگەن بولسىمۇ لىجىكارد بىلەن ۋولىرنىڭ كوماندىدىكى رولىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇدە ئەلۋەتتە.شۇنداق قىلىپ گوللاندىيە يەنە بىر قېتىم 2-1نەتىجە بىلەن گىرمانلارغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
گىرمانىيە___ئىنگىلاند
پۇتبول تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك بۇ ئىككىسى بىربىرىگە چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ رەقىبلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بولۇپمۇ1966-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇزارتىلغان ۋاقىتتا كىرگەن،(گەرچە كىرگەن كىرمىگەنلىكى ھازىرغىچە نامەلۇم بولسىمۇ رېپىر كىردى دەپ پۈشتەك چالغان)<<ۋېمبورى توپى >>ئىنگىلاندلىقلارنى تارىخىدىكى بىردىن بىر دۇنيا لوڭقىسىنى ئىگە قىلدى.
ئەمما 4يىلدىن كېيىنكى مىكسىكىدا ئۆتكۈزگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە گىرمانىيە ئىنگىلاندنى مەغلۇپ قىلىپ 4 كۈچلۈككە كىرىدۇ.بۇ گىرمانلارغا نىسبەتەن ئازراق بولسىمۇ تەسەللى ھېسابلىنىدۇ.
گىرمانىيە-فىرانسىيە
1982-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قىزىغان بىر مەيدان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئۆزگىچە ئۇسلۇب ياراتقان بۇ ئىككى كوماندىغا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر چولپانلار يىغىلغان بولۇپ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ چولپانلىرى ئەڭ ياخشى سەۋىيىسىنى مۇشۇ مۇسابىقىدە جارى قىلدۇرغان.ھەتتا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭمۇ مۇسابىقە نەتىجىسىنى كۆرگىسى كەلمىگەن،چۈنكى ئىككى يولۋاس تۇتىشىپ قالسا چوقۇم بىرى يارىلىنىدىغان گەپ.ئەمما بۇ شاللاش مۇسابىقىسىدە.ئاخىرىدا نەتىجە گىرمانلارنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياغلىشىدۇ....
مەنبە : ئۇزغان پۇتبول تورى